تارىخ قانداق يېزىلىشى كېرەك؟(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-21 04:37:17

تارىخ قانداق يېزىلىشى كېرەك؟ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنتارىخ ئالدى بىلەن ئىنسانىيەت ھاياتلىق كۈرەشلىرى تارىخ بۇلۇشى بىلەن بىللە، يەنە ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت يارىتىش تارىخدىن ئىبارەت. ئ...

    تارىخ قانداق يېزىلىشى كېرەك؟
    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

     




    تارىخ ئالدى بىلەن ئىنسانىيەت ھاياتلىق  كۈرەشلىرى تارىخ بۇلۇشى بىلەن بىللە، يەنە ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت يارىتىش تارىخدىن ئىبارەت. ئىنسانىيەت ئۆز تارىخىنى تاكى يېزىق بىلەن ئىپادىلىگۈچە بولغان ئۇزاق زامانلار داۋامىدا تاش، يېزىق ۋە مىتالدىن، كاش ۋە ئۇستىخاندىن ياسالغان ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، جۈملىدىن ئەڭ ئىپتىدائىي ئىتقاد ۋە سەنئەت يادىكارلىقلىرىغا « يېزىپ » قالدۇرغان.



    مەلۇمكى، ئىنسان ئۇچۇر قالدۇرغۇچى زاتتۇر. ئەگەر بىز، يېزىقنى ئۇچۇر دەپ قارىغىنىمىزدا، ئۇچۇرنىڭ ئىنسانىيەت بىلەن بىللە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر قەدىمى ئەگەر ئۇ ساقلىنىپ قالغان بولسا، ئۇچۇر قىمىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئىنسان تۇرمۇشىنىڭ بىۋاستە، بىرىنچى قۇل، ئەمەلىي ۋە كونكىرىت چۆكمىلىرى ھەرقانداق تارىىچىنىڭ، بۇلۇپمۇ ئوردا تارىخچىلىرىنىڭ ھەرىپ بىلەن يازغان تارىخىدىن چىنراق ئۇچۇر قىمىتىگە ئىگە. بۇ ھەقتە بىز مۇنداق قارايمىز :

    بىرىنچىدىن، تارىخنى ھەممىدىن ئىلگىرى ئۇنى ياراتقان خەلىقنىڭ تارىخ ئىزى، تارىخ چۆكمىلىرى، تارىخ ئۇچۇرىنى ئاساس قىلىپ  مۇھاكىمە قىلىش كېرەك . ئۇ، باشقا ۋاستىلىك، يازما مەلۇماتلارنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەيدىغان مىزان.


    ئىككىنچىدىن، تارىخنىڭ ئۇچۇرى ئۇنى يارارتقان خەلىقنىڭ تۇرمۇش – كەچۈرمىشلىرىدەك ئىزچىللىققا، سېستىمىلىققا، مەنتىقىلىققا  ۋە ئەنئەنىۋىيلىككە ئىگە . ياسالما « پاكىت » لار ياتلىقى ،ياسالمىلىقى، تەنھا ۋە تاسادىپىيلىقى بىلەن سىڭمەيدۇ.


    ئۇچىنچىدىن، ئۇچۇر تارىخ ھېسابلىنىدىكەن، ھەممە خەلىقنىڭ تارىخى ئوخشاشلا تۇلىمۇ قەدىمدۇر. يازما تارىخى مەنبەلەر يىتەرلىك توپلىنىشى، يېزىقتىن ئىلگىركى يېزىق ئورنىدا ئىشلىتىلگەن تامغا – بەلگىلەر روشەنلەشتۈرۈلىشى، پۈتۈن ئۇچۇر تارىخى ئېتىبارغا ئېلىنىشى لازىم.

     
    ___________________________________________________________________
    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭ «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.