تىرە پۈتۈك(ئەڭ بەك مەغلۇبىيەت چىللىغۇچى ئون ئامىلدىن قانداق ساقلىنىمىز

يوللىغۇچى : halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-28 01:44:13

تىرە پۈتۈك5ئەڭ بەك مەغلۇبىيەت چىللىغۇچى ئون ئامىلدىن قانداق ساقلىنىمىز؟كۆپ ھاللاردا بىزنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنىمىز ئۆزىمىز. ئۇتۇق يولىمىزنى باشقىلار ئەمەس، دەل ئۆزىمىزنىڭ، ئەخمەقلىقى ۋە ناد...



     

    تىرە پۈتۈك
    5
    ئەڭ بەك مەغلۇبىيەت چىللىغۇچى ئون ئامىلدىن قانداق ساقلىنىمىز؟
     
     
     
     كۆپ ھاللاردا بىزنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنىمىز ئۆزىمىز. ئۇتۇق يولىمىزنى باشقىلار ئەمەس، دەل ئۆزىمىزنىڭ، ئەخمەقلىقى ۋە نادانلىقى، توساپ قويىدۇ.
    -لۇيىس بىنىستوك
     
     
      بىرىنچى جىلىتتىكى مۇددىئايىمىز، ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىدى. بۇ مۇقامغا يېتىش، ئەزەلدىن ئاسان بولماي كەلدى، چۈنكى ئەپسۇسلىنارلىقى، زور كۆپچىلىك كىشىلەر،  ئۆزىنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنىڭ بالاغىتىگە مۇيەسسەر بولالمايدۇ. بەزىلەر ئۆزىنى يوقىرى چاغلاپ قويىدۇ. بەزىلەر ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، تېرىسىگە پاتماي قالسا، بەزىلەر غەم ئەندىشىدە، ۋەسۋەسىدىن نېرى بولالمايدۇ. يەنە تېخى شۇنداقلارمۇ بولىدىكى، بەزىلەر ھەتتا، ئۆزىدە مۇشۇنداق ئىقتىدارنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايدۇ.
     
    بەزى كىشىلەر دائىم، سەھنىلەردە ئويۇن قويۇش، ناخشا ئېيتىش، رەسىم سىزىش، ئەسەر يېزىش دېگەندەك دەبدەبىللىك ۋە نامى ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. تەبىئىيلا بىر يولدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش، ئۇتۇق دېگەنلىك دەپ ئويلايدۇ. لېكىن ئۇلار ھىچقاچان ئۆزىدە ئۆزى ياقتۇرۋاتقان خىزمەتكە قارىتا، تالانتنىڭ ياكى مۇشۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارنىڭ كەم ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار ھەم يەنە  ئۆز مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئېھتىمال باشقا بىر ساھەدە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنىمۇ خالاپ كەتمەيدۇ.
     
     ئەنگلىيىلىك شائىر يوھان جېس مۇنداق يازغانىدى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مەغلۇبىيەت ئۇتۇقنىڭ ئانىسى. چۈنكى بىز بايقىغان ھەربىر خاتالىق بىزنى پۈتۈن ئەس − يادىمىز بىلەن ھەقىقەتنى ئىزدەشكە ئاتلاندۇرىدۇ. شۇنداقلا ھەربىر قېتىمقى يېڭى كەچۈرمۈشتە، يەنە ئۇنداق مۇنداق خاتالىقلارمۇ بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، خاتالىقلاردىن ساقلىنىشىمىزغا ياردەم بىرىدۇ.
    ئەپسۇسكى، گەرچە گەپ مۇشۇنداق جاراڭلىق ئېيتىلغان بولسىمۇ، جېس بىزگە ھىچقاچان مەغلۇبىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىققا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتمىغان. شۇڭلاشقا، ھەممىلا ئادەم مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئېلىپ كېتەلمەيدۇ. سەۋەنلىك سادىر بولغاندا ئۇنى دەرھاللا ھېس قىلىپ، شۇنىڭلىق بىلەن بۇ تۆشۈككە پۇتىنى قايتا سالماس بولالمايدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ پرىنسىپنى ھەقىقىي يوسۇندا، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىزنىڭ چوقۇم باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇراجىئەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
     
     لويىس بىنىستوكنىڭ، «ئۇتۇقلۇق تۇرمۇشقا تۇتاشقان يول» ناملىق كىتابى كۆپچىلىكنىڭ يۈكسەك ئالقىشلىرىغا ئېرىشتى. بىنستوك چىكاگودىكى مەشھۇر سالمۇن خانىقاسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىززەت − ئىكراملىرىغا سازاۋەر بولغان. بۇ زات كۆپچىلىككە، تۇرمۇشتا كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر قىسىم پۇتلىكاشاڭلارنى، بىلىپ − بىلمەي ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز قۇرۇپ قويىدىغان توسالغۇلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن بۇ توسالغۇلار، بىز تۇرمۇشتا بىر ئەمەس بىر نەچچە قېتىم ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغان سەۋەنلىكلەر بولۇپ، ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئېلىپ كېلىدىغان ئاۋارىچىلىكى  ۋە زىيىنى ناھايىتى زور. بۇ دەرسنى ئوقۇغاندىن كېيىن، سىز يەنە ئۆزىڭىز ئۈچۈن يېڭى بىر خەزىنە ھاسىل قىلىسىزكى، شۇنىڭلىق بىلەن ئۇلىڭىز چىڭىپ بەھۇزۇر ھالدا، ئىككىنچى جىلىدقا قەدەم تەشىرىپ قىلىسىز.
     
     مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبىنى، يوسۇن قائىدىلەردىن، مەغلۇبىيەت ۋە ئۇتۇقنىڭ ئېنىقلىمىلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ. پسخىك ساپادىنمۇ تاپقىلى بولىدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ، ساپىقى كۆپ مەسىلە بولۇپ، ئادەمنىڭ كۆزىنى تورلاشتۇرىدۇ. ئەمما مەغلۇبلۇق كۆپ ھاللاردا ئاسانلا ئىلغا بولىدۇ. بىز ئەۋلىيا ئەمەس، پسخىك ئانالىزچىمۇ ئەمەس، دېمەك، دۇنيا قول بىلەن تۇتقىلى، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان تەرىزدە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولغانىكەن، بىزمۇ چوقۇم شۇنداق نەزەر بىلەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا، مەغلۇبىيەتكە سەۋەپچى بولىدىغان ئون تۈپ ئامىل يوشۇرۇنغا بولىدۇ. ئۇنى ئىلغا قىلىپ، ئۇنىڭدىن غالىب كەلگەندىلا سىز ئاندىن شانۇ - شەۋكىتىڭىزغا تۇتاشقان يولىڭىزدىكى جاھىل توسالغۇنى سۈپۈرۈپ تاشلىيالايسىز. بەلكىم بۇ يولدا بەزىلەر سىزگە يار − يۆلەك بولۇشى مۇمكىن. بىراق، پەقەت ئۆزىڭىزگە تايانغاندىلا، ئاندىن ئۇتۇقنىڭ ئاخىرقى مەنزىلگە يىتىپ بارالايسىز.
     
     بىرىنچى توسالغۇ كونا خاماننى سورۇپ، باشقىلاردىن ئاغرىنىپلا يۈرۈش. بۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆزىنى نېمە دەپ ئويلاپ قالىدىغانلىقىدىن ئەنسىرەش ئوخشىمايدۇ. ھەم باشقىلارنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقى ۋە نېمىلەرگە ئىگە بولغانلىغىنىڭ ۋەسۋەسىلىكىدە يۈرۈشىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئاغرىنىش، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا يۈكلەيدۇ. مەن بىر دوختۇرنى تونۇيتۇم. ئۇ ئافرىقىدا 25 يىل دوختۇرلۇق بىلەن شوغۇللانغانىدى. ئۇ باخشىلىق بىلەن دوختۇرلۇق توغرىسىدا سۆزلەپ قالسا، شۇنداق دەيتتى: بىرەر ئادەم كېسەل بولۇپ قالسا، باخشى ئۇنىڭدىن: كىم مېنى كېسەل بولسۇن دېدى، − دەپ سورايدۇ. دوختۇر بولسا، نېمىشقا كېسەل بولىدىكەنمەن، − دەپ سورايدۇ. دەل مانا مۇشۇ كەبى ئىپتىدائىي تەپەككۇر ئادەملەرنى دائىم ئۆز ۋەسۋەسى ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبىنى باشقا جايدىن ئىزدەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. دائىم كىمنىڭ ئۆزىنى مۇشۇنداق ھالدا كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنىڭ ئىزتىراپىدا ئۆتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. تاساددىپى ھالدا، ئۆزىدىن گۇمانلىنىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئىپتىدائىي تەپەككۇر ئۇنىمۇ ئادەملەشتۈرمەي قالمايدۇ. چوقۇم كىمدۇر بىرى ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگەندىلا، ئاندىن بولىدۇ. كىشىلەر دائىم مەغلۇپىيەت ياكى ئۇتۇقنى تەلەيگە باغلايدۇ. گويا دۇنيادا كەم بولسا بولمايدىغان پەرىشتىلەر، بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىزنىڭ ئىككى تەرىپىدە قاراپ تۇرىدىغاندەكلا تەسىراتنى بېرىدۇ. ئىپتىدائىي تەپەككۇر ئۆزى توغرىسىدا ئويلىنىپ، ئۆز − ئۆزىدىن ئۇنداق بولسا، مېنىڭدە نېمە مەسئۇلىيەت بولسۇن، دەپ خىتاب قىلىدۇ. ئەكسىچە كاللىسى سەگەك، مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى كىشىلەر ئۆز − ئۆزىدىن، مەن نېمە ئۈچۈن مۇنداق بولۇپ قالدىم، نېمىشقا مۇنداق ئويلىماي، ئۇنداق ئويلايمەن، نېمىشقا ئۇنداق قىلماي، مۇنداق قىلىمەن دەپ سورايدۇ.
    ئەمما ھازىرمۇ ئۆزىنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ خاتا ئىكەنلىكىنى دەرھال ئېتىراپ قىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز. كۆپچىلىك كىشىلەر، مەغلۇپىيەتكە يولۇققاندا، چوقۇمكى ئاشۇ خىل ئىپتىدائىي ۋە بالىلارچە تەپەككۇر ئەندىزە بويىچە ئىنكاس قايتۇرىدۇ. بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خاتالىق سادىر قىلغان ھامان، تانايى تاتىلغاچقا ئۇ تەبىئىيلا، ئاكا ھەدىلىرىدىن ئاغرىنىپ، مۇشۇ ماڭا ئۆگەتكەن دەيدۇ. ھەتتا يەنە ئەرز قىلىپ، بۇ قىلغان مەن قىلمىدىم دەپ تۇرۇۋالىدۇ. ناۋادا، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگۈنىشى ياخشى بولمىسا، چوقۇمكى، ئوقۇتقۇچىدىن ئاغرىنىپ، ئۇ داۋاملىق مېنىڭدىن كىر ئىزدەيدۇ. مېنىڭ بىلەن قېيىشىدۇ دەپ چۈشەندۈرىدۇ. شوپۇر ماشىنا ھادىسىسىدىن ئۆكۈنگەندە، بىر ئاماللار قىلىپ، گەپنى ھادىسە يەنە بىر شوپۇرنىڭ خاتالىقى دېگەنرەك يەرگە سۆرەيدۇ، ئەر ئايالىغا، سەن نېمىشقا، دائىم مەن بىلەنلا قالىسەن دەپ زارلايدۇ. ئىشچى خادىملارمۇ دائىم شىركەتنىڭ ئادەم ئىشلىتىشتا كۆزى يوق دەپ ئاغرىنىدۇ. بىز ئىنسانلارنىڭ كاللىسىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مۈشكۈلات گاڭگىراشتۇر. قۇلاققا ئەڭ يېقىن سۆز، زادى كىمنىڭ بىزنى مۇشۇنداق شور پېشانە قىلىۋەتكەنلىكىدۇر.
     
    تەخمىنەن، يېرىمدىن كۆپرەك مەغلۇبىيەتنىڭ ھەممىسى، قاقشاشتىن پەيدا بولىدۇ. ئەمماقاقشاش، بىزنى مەغلۇب قىلىش بىلەن ۋەيران قىلىدۇ. بىز شۇنىڭلىق بىلەن مەغلۇپىيەتتىن ساۋاق ئالالمايمىز. ھەم مەغلۇبىيەتنىڭ قانداق قىلىپ بىزگە تەقدىر بولۇپ كىتىدىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز. ئۇنىڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ ساماغا چۈشىمىز − دە، چۆگىلەپ كېتىۋىرىمىز. ھالبۇكى بىزنىڭ قورساقلىرىمىزنى كۆتۈرۈۋاتقان دۈشمەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىز ياسىۋالغان مانا مۇشۇنداق قەغەز قونچاقلار بولۇپ، ئۇلاردىن غەزەپ − نەپرەت بىلەن يامانلاپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. پەقەت بۇ بىر ۋاقىت ئىسراپ قىلىش بولىدۇ خالاس. ئەمما، بىزنىڭ ھەقىقىي رەقىبىمىز ئۆزىمىز. ناۋادا بىزدە جاسارەت، پاراسەت ۋە پەم بولىدىغان بولسا، بۇ ئۇرۇشتا، بىز چوقۇم ئۇتتۇرۇپ قويمايمىز.
     
    ئىككىنچى توسالغۇ. دەل بىرىنچىسىنىڭ قارشىسى يەنى ئۆز − ئۆزىدىن ئاغرىنىش، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز مۆرىتى كەلگىدەكلا بولسا، مەن نېمە دېگەن دۆت − ھە! مەن نىمانداق ئاسان ئالدىنىمەن، مەن نېمىشقا تىلىمنى يىغالمايدىغاندىمەن، مەن نېمىدىگەن ئەخمەق دەپ ئۆزىمىزدىن − ئۆزىمىز ئاغرىنىپ باقىمىز.
     
    دۇرۇس، بىز ھەرگىز چىن مەنىدىن ئۆزىمىزنى دۆت چاغلىمايمىز. بىراق بۇ قارىماققا مەغلۇبىيەت سەتچىلىكىنى ئەڭ بەك تېز، ئەڭ ئاسان سۈپۈرۈپ تاشلاشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى بولۇپ، شۇنىڭلىق بىلەن مەغلۇپىيەتنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى، بەلكىم ناھايىتى چوڭقۇر يوشۇرنۇۋىلىپ، بىزنىڭ تېخىمۇ ئەستايىدىل قېزىشىمىز ۋە ئويلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ كۆپ ھاللاردا، بىز تېگىشنى خالىمايدىغان يېغىردۇر. شۇڭلاشقا، مەغلۇبىيەتنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان چوڭقۇر قاتلامدىكى مەسىلىلەر بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىز  گويا مەغلۇبىيەت بىزنىڭ كۈندىلىك تاماقىمىزغا ئايلانغاندەك، ئۆزىمىزنىڭ يارامسىزلىغىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن ئۇنى بوپتىلا دەپ ئۆتكۈزۋەتمەكچىدەك. تەنتەكلىك بىلەن ئۆز − ئۆزىمىزدىن ئاغرىنىمىز. بىراق بىلىش كېرەككى، بۇ ئىنتايىن زەرەرلىك ۋە ناھايىتى خەتەرلىك قىلىق بولۇپ، ئۇ قەلبىمىزگە ئۆز − ئۆزىدىن ئاغرىنىپ يامانلاشنىڭ ئۇرۇقىنى چاچىدۇ. بۇ شۇم قاباھەتنىڭ ئاسارىتى دەل بىزنىڭ ئەسلىدىنلا باشقىلارغا يەتمەيدىغانلىغىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇنىڭغا ئەلەك موللا دىيىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنداق سىزىم شۇنىڭدىن كېيىن، خۇددى ئېتىزلىقلارغا تىكىلگەن بۆبۈشلەرگە ئوخشاش، ئەسلېدىنلا رەتلىك چىرايلىق بولغان، گۈلىستاننىڭ ھەممە يېرىدە پەيدا بولۇپ، بىزنىڭ ئاشۇ سەگەك كاللىمىزنى ئىسكەنجىگە ئېلىشقا باشلايدۇ. ئىبىراھىم لىنكولىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە، نۇرغۇن ئىشلاردا رەت − رەت مات بولغان ئادەم بولۇپ شۇنداقتىمۇ،  ئۇ بىر ئۇلۇغ ئۇتۇق ئىگىسى. ئۇ شۇنداق دەيتتى. مېنىڭ ئەڭ بەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم، سىزنىڭ مەغلۇپ بولۇپ باققان ياكى بولۇپ باقمىغانلىغىڭىز ئەمەس، بەلكى مەغلۇپىيىتىڭىزنى ئىچىڭىزگە ئېلىپ كەتكەن ياكى كەتمىگەنلىگىڭىزدۇر. مەغلۇپىيەتكە قارىتا پەرۋاسىزلىق قىلىش ئادەمنى بىزەڭ قىلىۋاتىدۇ.  ناۋادا ھەر قېتىم مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، بۇ ساۋاقلارنى يەكۈنلىمەي، ئۇنى بىر چەتكە تاشلاپ قويىدىغان بولساق، ئۇنداقتا مەيلى قەيەردە بولماڭ، سىز چوقۇم مەغلۇب بولىسىز.
    ئاخبارات خادىملىرى ئۈچ يىل تۈرمىدە يېتىپ قويۇپ بىرىلگەن گېنېرال دېئىندىن، تۈرمە مەزگىلىدە ئۇنىڭغا نېمىنىڭ يۆلەنچۈك بولغانلىقىنى سورىغاندا، گېنىرال: مەن ھېچقاچان ئۇۋال بولغانلىق ھېس قىلمىدىم. ئۆزۈمدىنمۇ ئاغرىنمىدىم. بۇ ماڭا تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى تېتىتتى دەپ جاۋاب بېرىدۇ. كەمسىنىشنىڭ كىشىلەرگە بولغان زەربىسى ھەر قانداق تاياق توقماقتىنمۇ ئېغىر بولىدۇ. يەنە كېلىپ مەن شۇنى دېمەكچىكى، ئۆز − ئۆزىدىن ئاغرىنىش، تەڭدىشى يوق بالايىئاپەتتۇر. چۈنكى ئۆز − ئۆزىدىن ئاغرىنىش كەمسىنىشنىڭ ئانىسى. شۇنىسى جەزمكى، بەلكىم ئۆز − ئۆزىمىزدىن ئاغرېنىۋىرىپ، ئاخىرى ئۆزىمىزنى پەس كۆرۈش پاتقىقىغا پېتىپ كېتىشىمىز مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىز − ئۆزىمىزدىن ۋاز كىتىپ، ئاخىرىدا ئۆز − ئۆزىمىزنى ۋەيران قىلىش گىردابىغا بېرىپ يىتىشىڭىز مۇمكىن.
     
    ئۆتكۈنچى خاراكتىرلىك ئۆز − ئۆزىدىن ئاغرىنىش، گۇناھكارلىق سىزىمىنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدۇ. مەغلۇب بولغاندا، ئۆز − ئۆزدىن ئاغرىنىش ئادەتكە ئايلانغان ھامان چوقۇمكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنى ئەمەس، باشقىلار مەغلۇپ بولسىمۇ، ئۆزىدىن ئاغرىنىدىغان خۇينى يېتىلدۈرۋالىدۇ. مەن نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ ئېرىنىڭ سەۋەنلىكى تۇرسىمۇ ھەممىسى مېنىڭ سەۋەنلىكىم، دەپ يىغلىغانلىقىنى تولا كۆردۈم. نۇرغۇن ئانىلار بالىلارنىڭ مەغلۇپىيىتى بىلەن ئائىلىدە كەيپىياتىدا جىددىيچىلىك شەكىللەنگەنلىكى ئېنىق تۇرسىمۇ، مەن نەنى خاتا قىلغان بولغىيتىم دەپ يىغلاپ كېتىدۇ.
     
    شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆز − ئۆزىدىن ئاغرىنىش ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ قاناتلىرىنى مەھكەم بوغىدۇ. مانا مۇشۇ بوغۇلغان قاناتنىڭ ئارقىدىنلا، خاراكتېر ئۆلىدۇ. ئاخىردا بىز قاتتىق ۋەسۋەسە ۋە تېڭىرقاش ئىلكىگە قالىمىز. گويا كېچىدە كۈچلۈك نۇر ئىچىدە قالغان، جەرەننىڭ ئىككى كۆزى قامىشىپ، ئۆز جاسارىتى ۋە ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىپ، ئۆز جايىدا مىدىرلىماي تۇرۇپ قالغانغا ئوخشاش ئىش بولىدۇ.
     
    جۇڭگولۇقلار دائىم ئون مىڭ چاقىرىملىق سەددىچىن سېپىلىنى، ئېدىرلىق ۋە قۇملۇقلاردىن ئۆتكەن بىر تارىخىي ئابىدە قاتارىدا ئېغىزى − ئېغىزىغا تەگمەي ماختىشىپ كېتىدۇ. لېكىن مەن ئۇنى جۇڭگولۇقلارنىڭ گۇمراھ خەلق ئىكەنلىكىنىڭ پاكىتى. بۇ دۆلەتنىڭ قالاقلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ قارايمەن. بۇ سېپىل ئەمەلىيەتتە، بىر توسالغۇ، بۇ سېپىلنىڭ ماھىيىتىدىن، جۇڭگولۇقلارنىڭ بېكىنمىكىچىلىكى چىقىت تۇرىدۇ. ئۆز − ئۆزىدىن ئاغرىنىش، دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ھەربىر ئادەمنىڭ ياشامىدىكى سەددىچىدىن سېپىلدۇر. ئۇنىڭدىكى ھەربىر تال خىشقا، ئۆزى − ئۆزىگە زەربە بېرىش، ئۆزى − ئۆزىنى ۋاز كىچىش، ئۆزى − ئۆزىنى پەس كۆرۈشنىڭ تامغىسى مەھكەم ئويۇلغان. ھەربىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى سەددىچىن سېپىلى مانا مۇشۇنداق خىش كېسەكلەر بىلەن ئۆرە بولغان. ھامىنى بىر كۈنى بىز ئۇنىڭ ئۆز ئائىلىمىز، دوستلىرىمىز، جەمئىيەت بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سېلىپ بىزنى، قانداق قىلىپ، بېكىنمىچىلىكنىڭ پاتقىغىغا پاتتۇرۋېتىدىغانلىقىنى بايقاپ قالىمىز.
     
     ئۈچىنچىنى توسالغۇ نىشانسىزلىق. ۋىللىئام (6691~9981 ئامېرىكىلىق پېسخىلوگ) دوختور مۇنداق يازىدۇ:
      ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشى كېرەك. ھەقىقەتەن سۇنىڭ ئېقىشىغا، تۈكنىڭ يېتىشىغا ياشاشتەك ئاسان ئىش يوق. بەزى كىشىلەرنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى گويا، جەمەتى ئۈچۈن شان − شەرەپ قۇچۇش ئۈچۈن، بەزى كىشىلەرنىڭ خىزمەت قىلىشى پەقەت مائاش ئۈچۈندۈر. ئۇلاردا ئەمەلىيەتتە نىشان - غايە دەپ بىر نېمە يوق.  كىمىكى ئۆزىنىڭ ئەزىمەت ئىكەنلىكنى بىلگەن ھامان، ئۇ دەرھال، تۇتۇرۇقسىزلىقىنى يىغىشتۇرۇپ سەپكە قايتىشى لازىم. ئۆزىنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغان ئادەملىگىنى بىلىدىغان ئادەم، ھامان ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن ياخشى پايدىلىنالايدۇ. ئىلگىرلەش يولىدا، مەيلى قانداق توسالغۇغا ئۇچراشتىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭدىن جانلىق ئايلىنىپ ئۆتۈپ، نىشانغا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ. ئۇلار ئۆز يۈرىكىنىڭ ئۈچۈن تىپىرلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
     
      ۋئىلپام سالوئايا (1891~8091 ئامېرىكىلىق  درامماتور، يازغۇچى) بىز ئۈچۈن سۇيۇق ۋىلىسنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. ۋىللىس «ھايات دراممىسىنىڭ باش پېرسۇناژى بولۇپ، بىر ئۇچۇم نىشانى يوق تۇترۇقسىز ئادەملەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ۋىللىس ئوق  ئېتىش ئويىنى مەستانىسى بولۇپ، پۈتۈن دراممىدا ئۇ ماشىنا بىلەنلا ھەپىلىشىدۇ. ئاخىرقى كۆرۈنۈشتە ۋىللىس ئاخىر ئۇتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رەڭلىك چىراغلار يېنىپ، قوڭغۇراقلار جاراڭلايدۇ. ماشىنىدىن يەنە ئامېرىكا دۆلەت بايرىقى كۆتۈرۈلىدۇ. ۋىللىس قەددىنى تىك تۇتۇپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ. ساقىدىن ئالتە دانە تەڭگە پۇلنى قايتۇرۋېلىپ، مەغرۇرلانغان ھالدا، مەن ئۇنى چوقۇم يېڭەلەيمەن. ئۆزۈمنىڭ يېڭەلەيدىغانلىقىمنى بىلەتتىم، دەيدۇ.
    نىشانسىزلىق، ئاجايىپ زور پاجىئەدۇر. شۇنداقلا مۇنداق تېيىز نىشان، تېخىمۇ ئېچىنارلىقتۇر.
     
    مەلۇم مەنىدىن ئېيقاندا، نىشانسىز ئادەم يوق دېيەرلىك. ھەتتا سۇيۇق ۋىللىسنىڭمۇ ماشىنىنى يىڭىشتىن ئىبارەت. نىشانى بار، ۋىللىس  ھېكايىسى تەبىئىيلا ئادەمگە بىر قېرى ئىتنىڭ جاھاندىكى تۆت پۇتلۇق ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدىن تىز يۈگۈرەيدىغانلىقى ھەققىدە قانداق پو ئاتقانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. قېرى ئىت سۆزلەۋېتىپ، دەرھاللا توشقاننى قوغلايدۇ. لېكىن توشقانغا يېتىشەلمەيدۇ. يەنە بىر ئىت ئۇنى مەسخىرە قىلىدۇ. قېرى ئىت ئەكسىچە مۈرىسىنى چىقىرىپ، ئۇنتۇپ قالما، توشقان ھايات − ماماتلىق ئۈچۈن شۇنداق يۈگۈرۈپ كەتتى. مەن بولسام، ئۇنى ئوينىشىپ قوغلىشىپ قويدۇم، دەيدۇ. 
     
    دەرھەقىقەت بەزىلەر، چاقچاقنى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ نىشانى قىلىدۇ. قىلىدىغان ئىش يوق، كۈن − كۈنلەپ، يۇمۇر ئېيتىشىپ يۈرۈشىدۇ. دائىم باشقىلارنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداقلارنىڭ ھەقىقىي قۇربان قىلىۋەتكىنى، ئۇنىڭ ئۆزى بولىدۇ. ئۇلار ئادەمنى، تىنىم تاپقۇزمايدىغان ئۇششاق − چۈششەك ئىشلارغا ئۆز تالانتىنى ئىسراپ قىلىدۇ. زېھنى كۈچىنى قول ئۇزاتسىلا ئالغىلى بولىدىغان، تۇز قاتارىدا، تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ لوق گۆشكە خالىغانچە سېپىدۇ. ئاخىرى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ئاللىقاچان مەنىسىنى يوقاتقانلىقىنى بايقايدۇ. بەزىلەر بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە نىشانغا كۆز تىكىدۇ. ئۆزىنىڭ ئەقىل − پاراسىتىنى، خۇددى ئېلېكترونلۇق قارغا ئېتىش ئويۇنلىرىدىكى، قانچىلىك ئوق ئېتىۋالسا بولىدىغان تەقلىد مىلتىقلارغا ئوخشاش كۆرۈپ، زايە قىلىۋېتىدۇ. ئۇلار يەنە بەزىدە، ئۆزلىرى ئېرىشكەن بىر قىسىم نامى ئۇلۇغ، سۇپۇرسى قۇرۇق مۇكاپاتلارنى مۇبالىغە قىلىۋېلىپ، ئېغىزى قۇلىقىغا يېتىدۇ − دە، ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قېلىشدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ زادى ئەمەلىيەتتە، نېمىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئۇققىلى بولمايدۇ.
     
    يەنە شۇنداقمۇ كىشىلەر باركى، خۇددى دىككىنىسنىڭ  ھېكايىسى، « كاپىتان كىنوفېر»دىكى پرسوناژ مىكبوغا ئوخشاش، بىر ئائىلىگە خوجايىن بولۇپ، ئاكىتىپ ۋە ئۈمىدۋار بولغانلا كۈنى تىزىنى بېسىپ يولۇقۇپ قالماستىن، دائىم پالاكەت ئىچىدىلا يۈرۈيدىغانغا ئوخشاش كىشىلەر ھەر كۈنى بىرەر مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىپ، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشنى ئۈمىد قىلىشىدۇ. ئەمما ئۆزى بىرەر ئىشنى قول سېلىپ قىلمايدۇ. پۇرسەتلەرنى يېنىشلاپ − يېنىشلاپ قولدىن كەتكۈزۈۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ نىشانى يا بەك تۆۋەن بولىدۇ، يا بەك يۇقىرى بولىدۇ. ئومۇمەن، ھەقىقىي ھالدا ئۆزىگە مۇناسىپ كەلگىدەك بىرەر نىشان تىكلىيەلمەيدۇ. پۇرسىتى بولغان تەقدىردىمۇ، ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالىدۇ − دە، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشنى قىلىشقا قولى بارمايدۇ.  كۈن − كۈنلەپ ئۈزۈم پىش، ئاغزىمغا چۈش دەپ ئولتۇرىدۇ. قانداقتۇر بىر يەرلەردىن مۇكاپات كەپقالىدىغاندەك يۈرۈيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بارغانسېرى دۆتلىشىپ، تەنلىرىمۇ كالاڭپايلىشىدۇ. شۇنداق بىر كۈنلەردە پۈرسەت كەلگەن تەقدىردىمۇ، ھازىرلىقى پۈتمەي يەنىلا قۇرۇق قالىدۇ.
     
    دئېتروىت «ۋاقىت گېزىتى»دىكى، رىچاد ئېۋىس مۇنداق دەيدۇ:  زادى نېمىنى كۈتىدىغانلىقىمىزنى كىمنىڭ دەپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. لېكىن يەنىلا شۇنچىۋالا كۆپ ئادەم ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈتۈشلەر ئىچىدە ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزۋتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ياشلىق دەۋرى ئۆتۈپ كېتىدۇ. پۇرسەت ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھايات بىكار بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئىزچىل ھالدا كۈتكۈنىمىز، يەنىلا ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ. بىز زادى قاچان ئاندىن ھەقىقىي تۇرمۇشنى باشلايمىز. ھاياتنىڭ ساقلاپ تۇرمايدىغانلىقىنى قاچان تونۇپ يىتىمىز. كۈنلەر بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى ئۆتۈۋېرىدۇ. دەۋر ئالمىشىپ تۇرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى ئۆتمۈشتىكى قانداقتۇر بىر ياخشى كۈنلەر ئەمەس، كەلگۈسىدىكى قانداقتۇر بىر كوممۇنامۇ ئەمەس بەلكى رېئاللىقنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇلار مەيلى ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرسۈن ياكى ھاياجانلاندۇرسۇن، كىشىنى ئالدىراشلىققا سالسۇن ياكى ئازابقا سالسۇن، مۇشۇ رېئاللىقنىڭ ئۆزى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆتىۋاتقان تۇرمۇشتۇر.  شۇنداق تۇرۇپ، بىز يەنە نېمىنى ساقلايمىز.
    لېكىن ئېھتىيات قىلىش كېرەككى، تۆتىنچى توسالغۇ ئۆزى خاتا نىشان بېكىتىشتۇر. جۇڭگولۇقلاردا مۇنداق بىر ھېكايە بار، بىر كىشى ئولتۇرسا قوپسا، ئالتۇنغا ئېرىشىشنى، ئۇنىڭ كۆپلۈكىدە ئىشلىتىپ تۈگۈتىپ بولالمىغىدەك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ناھايىتى ئاۋات بازار بولۇۋاتقان كوچىنى ئايلىنىپ كىتىپ بېرىپ، كۆزى ئالتۇن دۇكىنىغا چۈشۈپتۇ. ئۇ دۇكانغا كىرىپتۇ − دە، بىر تۇتام ئالتۇننى ئېلىپ قېچىپتۇ. چېرىكلەر ئۇنى بىردەمدىلا تۇتۇۋاپتۇ. ئۇنىڭ قىلىقلىرىغا ئىشەنگۈسى كەلمەي، سەن كۈپكۈندۈزدە بۇلاڭچىلىق قىلىدىغانغا ئەجەپ يۈرىكىڭ چوڭ ئىكىنا؟ ئەتراپتا شۇنچىۋالا ئادەم بارلىغىنى كۆرمىدۈڭمۇ؟ دەپ سوراپتۇ.
     ھېچنېمە كۆرمىدىم، − دەپتۇ بۇلاڭچى − پەقەت ئالتۇننىلا كۆردۈم.
     
    ناۋادا ئالتۇن − كۆمۈش، شان − شەرەپ، ھوقۇق، نوپۇز، كاللىمىزغا يىلتىز تارتىپلا قالسا، ئۇنداقتا بىزمۇ ئاشۇ ئوغرىدەك ئۆزىمىزنى تۇتالماي قالىمىز. شۇنىڭ بىلەن قايناق بازار بولسۇن، ياكى ئائىلىدە بولسۇن، باشقىلار نېمىنى ئويلايدۇ ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز يوق بولۇپ قالىدۇ. ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجلىرىمۇ كۆزىمىزگە كۆرۈنمەيدۇ. ئاقىۋەتتە ئاشۇ بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان، ئاتالمىش «مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى زاتلار» ئۇتۇق تونىغا ئورالغان مەغلۇپىيەت كۇھىقاپلىرىدا يۈرەكلىرىنىڭ مۇجۇلۇۋاتقانلىغىنى ھېس قىلىشىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ نەزىرىنى بىر نىشانغا مەركەزلەشتۈردىكى، ئۇنىڭ ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىدۇ. ھالبۇكى، شۇنداق كۆرەش قىلىپ، بىر كۈنگە كەلگەندە بۇ نىشاننىڭ ئۆز روھى تەققەزالىقنىڭ تەجەللىسى ئەمەسلىكى، بەلكى روھىيىتىنى ۋەيران قىلغۇچى زەھەرلىك دورا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
     
    بۇ ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى زور پاجىئە. يىللاپ − يىللاپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئەكسىچە ئاشۇ تىرىشچانلىق بىلەن  نەتىجىنىڭ بەخت ئېلىپ كەلمەيدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلىش، نېمىشقا پاجىئە بولمىسۇن. بۇ خىل ئەھۋال كۆپ ئەھۋاللاردا كىشىلەرنىڭ كەسىپ ھەققىدىكى تەسىراتلىرىدا بولىدۇ. ئالايلۇق، دوختۇر، ئادۋوكات، دىرېكتور، دىگەندەك كەسىپلەر، بىر چاغلاردا كىشىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان، مۇۋەپپەقىيەت ۋە بەختتىن دېرەك بېرىدىغان كەسىپ ئىدى. لېكىن، ھازىر مۇشۇنداق سالاھىيەتكە مۇيەسسەر بولغان كىشىلەر، ھارغىنلىق، زېرىكىشلىك ۋە مەنىسىزلىك تۇيغۇسىدا قېلىۋاتىدۇ. ئەمما، ئادەم 50 ~ 60 ياشقا كىرگەندە، ئىشلارنى قايتىدىن باشلاشقا ۋاقىت يار بەرمەيدۇ. ئەمدى يەنە بىر خىل ئۇسۇلدا، ئۇلارنىڭ ئۆز قاناتىنى تاپمىقى تەس. ئەلۋەتتە جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، باشقىلارنىڭ قارچۇغىسىدا قېتىپ قالغان ساختا ئۇتۇقتىن سۇغۇرلۇپ، ئاسايىشلىق تۇرمۇشنى ئىزدەشكە قەدەم قويغانلارمۇ، ئاندا − ساندا كۆرۈلۈپ قالىدۇ. لېكىن زور كۆپچىلىك ئادەملەرنىڭ، بۇ خىل بەخىتسىز ئۇتۇق ئىچىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرمىغى تەس. مەيلى رازى بولۇڭ ياكى بولماڭ، بۇرۇنقى يولنى ماڭماي بولمايدۇ. تولىستوينى، سېيىرلىكتىن ۋاز كېچىپ، يېزىغا قايتىپ كەلگەن ھىسابلىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى يەنىلا مۇتلەق بەخت ۋە ئاسايىشىقا مۇيەسسەر بولدى دېيەلمەيمىز. چۈنكى، سۇنىڭ بېشى لاي. كۆپ يىللىق خاتالىق پەقەت، يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى كۈچەيتىۋەتكەن. ئەمدى ئۇنىڭدىن، چىقىش يولى ئىزدىمىسەكمۇ بولىدۇ.
     
     مەيلى كەسىپنى تاللايلى ياكى ئائىلىنى تاللايلى، زور كۆپچىلىكىمىز، كۈچ − قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ياشلىقىمىزدا قارار چىقىرىمىز. بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ قارار چىقارغۇچى باشقىلارنىڭ نەسىھەتلىرىگە ئۇنداق ئاسانلا قۇلاق سالىدىغانلاردىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىتىنى چوقۇم ئۆزى تېپىشى لازىم. بىراق، ئۇ بەخىتنىڭ  زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋاقىتتا، ئاللىقاچان كېچىككەن بولىدۇ. باشقىچە يول تۇتۇشقا ئىمكانىيىتى قالمايدۇ. شۇڭلاشقا بالدۇرراق بەل باغلىماقچى بولىدىكەنمىز، چوقۇم توغرا تاللىشىمىز ئۆزىمىزگە ناھايىتى سەمىمىي، راستچىل، قەتئىي بولۇشىمىز لازىم. لېكىن ئارىمىزدىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر كۆپ ھاللاردا، ئائىلىدىكىلەر ياكى مۇھىتنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن، بىرەر قارار چىقىرىپ بېرىشىگە ئەلەكمۇللا دەيدۇ. ئاندىن بۇنىڭدىن ئەپسۇسلىندۇ. مانا بۇ يامان سۈپەتلىك ئايلانمىدۇر.
    فىلىپ بروكىس، مەشھۇر ئادۋوكات بولۇپ، شۇنداق بىر ھېكايىنى ئېيتىدۇ.
     
    شۇنداق بىر يىگىت بولۇپ، ئۇ  خورەك تارتىپ ئۆز ئۇيقۇسىنى ئۇخلىغاچ، بىر خىلدىكى زېرىكىشلىك خىزمەت − «قانۇن خادىمى» بولۇشنىڭ ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىدىكەن ئەمەلىيەتتە ئۇ ھىچ ئىش قىلمايدىكەن، بۇ كەسىپنىڭمۇ ئۇنىڭغا ھىچبىر ئەھمىيىتى يوقكەن. بىرەر ئىش قىلايمۇ دېمەيدىكەن. قانۇن خىزمىتىدىن ئىبارەت بۇ تاماق قاچىسى، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان، ئىززەت − ئىكرامغا مۇيەسسەر خىزمەت بولغاچقا، ئۇنى ياستۇق قىلىپ يېتىش، ئۇنىڭ ئىچىنى پۇشارمايدىكەن. يەنە كېلىپ، بۇ خىزمەت ئۇلارنىڭ جەمەتىنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپىي بولغاچقا، ئاشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان كىشىلەر، ئۇنى بۇ جايغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئەخلاقىي ۋە كەسىپىي جەھەتتە ئازىراق تەربىيىگە ئىگە قىلماقچى بولۇپتۇ. ئەپسۇس، ئۇنىڭدىن ھەقىقىي يوسۇندا، سەن نېمە ئىش قىلىشنى ئويلايسەن، نېمە ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن ياكى ئۆز ئالاھىدىلىكىڭ نېمە ئىش جارى بولىدىغاندەك؟ دەپ سورىسا، ئۇنىڭ جاۋابى بەلكىم، ئۆزىنىڭ ياغاچچى بولۇشقا ئەڭ مۇناسىپ ئىكەنلىكى، بىر نەچچە دانە ئورۇندۇق ياسايدىغانلىقى ياكى تۆمۈرچىنىڭ دۇكىنىدا بولقا سوقۇشقا مۇناسىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا بولۇشى مۇمكىن.
     
    جۇڭگولۇقلاردا مۇنداق بىر ھېكايە بار. بىر كۈنى جۈڭزى دەريا بويىغا بېرىپ بېلىق تۇتۇپتۇ. چۇ دۆلىتىنىڭ  شاھزادىسى ئىككى ۋەزىرنى ئەۋەتىپ، ئۇنى چۇ دۆلىتىنىڭ ۋەزىرى بولۇشقا تەكلىپ قىلىپتۇ. جۈڭزى ئۇلارغا ئىرەڭ قىلماي، ئۆزىنىڭ بېلىقىنى تۇتۇۋېرىپتۇ. ۋەزىرلەر يېلىنىپ، يالۋۇرغاندىن كېيىن، جۈڭزى زۇۋانغا كېلىپ؛ ئاڭلىشىمچە، چۇ دۆلىتىدە، بىر ئىلاھى تاشپاقا بار ئىكەنمىش. پادىشاھ ئۇنىڭ قېپىنى يۇلۇۋېلىپ، ئۇنى ئەۋلىيا − ئەنبىيالارنىڭ شەنىگە بېغىشلاپتۇ. ئۇنداقتا سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، بۇ ئىلاھى تاشپاقا ئۆلگۈلىۋېتىپمۇ باشقىلارنىڭ تەزىملىرىنى قوبۇل قىلىشى كېرەكمۇ ياكى قۇيرۇقىنى سۆرەپ پاتقا كۆلدە ئۆزىگە ئاراملىق ئىزدىگىنى ياخشىمۇ؟− دەپ سوراپتۇ.
    − ئەلۋەتتە،پاتقاق كۆلىدە ئۆزىگە ئامانلىق ئىزدىگىنى ياخشى. ئىككى ۋەزىر ھېچبىر ئويلانمايلا مۇشۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ.
    − ئۇنداقتا سىلەر كەتمەي نېمىشقا تۇرسىلەر، − دەپتۇ جۈڭزى. مەنمۇ قۇيرۇقۇمنى سۆرەپ، پاتقاققا پېتىراپ، ئۆزۈمگە ئامانلىق ئىزدەيمەن ئەمەسمۇ.
     
    بەشىنىچى توسالغۇ، پالاق - پۇلۇقلا بىر ئىش قىلىۋىلىشنى ئويلاش
    تەنتەربىيە سەھىپىسىنىڭ يازغۇچىسى ئاك ۋاۇردىنىڭ مۇنداق بىر ئىشنى خەۋەر قىلىپ يازغانلىقى يادىمدا. تېننىس يەكمۇ يەك ئوينىلىدىغان مەملىكەتلىك ئاياللار توپ مۇسابىقىسىدە، 16 ياشلىق موھلىن كۈننولىي  ۋئېنبۇردۇن مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى تونىس خارتنى ئەمدىلا يەڭگەنىدى. تونىس خارت مۇتەخەسسىسلەر بۇ چىمپىيوننى ئەڭ ياخشى سەۋىيەسىنى نامايەندە قىلدى، دەپ باھالىغان بولىسىمۇ، لېكىن ئۇ شۇنداقتىمۇ كالفورنىيلىك بۇ ئون نەچچە ياشلىق قىزنىڭ رەقىبى بولالمىدى. موھلىن ئىككىلا مەيدان مۇسابىقىدە يېڭىپ، كۈچىمەيلا غەلىبىگە ئېرىشتى. سابىق ۋېنبوردۇن تېننىس توپ مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى مەريەم خادۋىك خائار ئاشخانىغا كىرىپ، موھلىننى تەبرىكلىدى. لېكىن، موھلىن مەريەم ناۋادا، سىز 30 مىنۇت ئىچىدە تەييارلىنالىسىڭىز، مەن سىز بىلەن يەنە بىر قېتىم مۇسابىقىلىشىپ بېقىشنى خالايمەن، دېدى.  نەتىجىدە ئۇلار ئالاھەزەل بىر سائەتتەك ئوينىدى. ئىككىنچى كۈنى موھلىن مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇقنى يەنە بىر قېتىم قولغا كەلتۈردى. ۋاۇرد باھالاپ، كالفورنىيىدىن كەلگەن بۇ كىچىك قىزچاقنىڭ ھېكايىسى ئادەمنى تولىمۇ بەك ھاياجانلاندۇرىدۇ. ئۇ غەلىبىنىڭ شانلىق مىنۇتلىرىدا، ئۇنىڭ بىكاردىن − بىكار تەھدىدە قىلىشقا تەۋەككۈل قىلىپ، يەنە بىر قېتىم مۇسابىقىلەشسەممۇ مەيلى دېيەلىدى.
     
     ئادەتتە، توك،  ئېلېكتر قارشىلىقى ئەڭ كىچىك بولغان توك سىمىغا قاراپ ئاقىدۇ. لېكىن، چىراغ بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاشۇ ئېلىكتىر قارشىلىقىغا تايىنىپ نۇر چاچىدۇ. ئارىمىزدىن نۇرغۇن كىشىلەر، ئەڭ ئاسان، ئەڭ تېز يولنى تاللاپ، پالاق − پۇلۇقلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلايدۇ. ئەمما بۇنداقلارنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرىنى تەپسىلىي ئويلاپ كەلسەك، ئەكسىچە ھېچقانداق يەردە، مۇۋەپپىقىيەيەتنىڭ چىرىغى بولمايدۇ. كۈرەش قىلىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆز ئالدىمىزدا ناھايىتى نۇرغۇن توسالغۇلار بولىدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردە ئەزۋەيلەپ ئولتۇرۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئىجدىھات قىلىش، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، ئەزەلدىن ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان بىر خىل راھەتلىنىش ئەمەس، بەلكى قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان رىقابەتتۇر. لېكىن، ئۇتۇق قازىنىش، كىشلەرنى بەخت − شادلىقىغا مۇشەررەپ قىلىدۇ. ئەمما، ئىجدىھات قىلىش ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بولمىسا، بويسۇندۇرۇش بولمايدۇ، جاپالىق بويسۇندۇرۇش بولمىسا، ھەقىقىي خۇشاللىق بولمايدۇ.
     ئېلىكتىر قارشىلىغى ئەڭ كىچىك بولغان ئاشۇ ئېلىكتىر سىمىنىڭ چىراغقا بەرگەن نۇرى، دائىم چوغ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئىشنى پالاق پۇلۇقلا قىلماقچى بولۇش، دائىم بىزگە خاتا نىشاننى تاللاتقۇزىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەغدىردىمۇ، ئۇ قائىللىق ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. مەن بىر ژۇرنالنىڭ تەھرىرى بىلەن تونىشىمەن. ئۇ ئىشنى ناھايىتى ئوبدان قىلاتتى. لېكىن دائىم مەن ئەسلىي ئوقۇتقۇچى بولۇشۇم كېرەك ئىدى. بۇ خىل ئوي 15 يىل مابەينىدە، ئىزچىل ھالدا، ئۇنىڭ كاللىسىدا پىرقىراپلا كەلدى. لېكىن، ناۋادا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن ماگىستىرلىقنى ئېلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن بىرەر باشلانغۇچ مەكتەپتە، تۆۋەن خىزمەت ئورنى ۋە تۆۋەن مائاش ئېلىپ ئىشلەپ، ئۇزۇن مۇددەت تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي بولمايتتى. لېكىن ئۇنىڭدا ھەقىقەتەنمۇ يېزىش ۋە تەھرىرلەش تالانتى بار ئىدى. ئۇ ژۇرنال تەھرىرتىدا تۇرسا، خۇددى بېلىق سۇدا تۇرغاندەك بولۇپ، ئەلۋەتتە شارائىت يارىتىپ، ئىستىقبالىنى تاپاتتى. شۇڭلاشقا ئۇ، ئاقىلانىلىك بىلەن تەھرىرلىكنى تاللاپ، كىشىلەرنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلدى. لېكىن ئۇ دائىم، بۇنىڭغا شۈكۈر قىلمايتتى. ئۇتۇقنىڭ شادىيانىسى ئىچىدە يۈرەلمەيتتى. گەرچە ئۇ ئۆز تاللىشىدىن ئۆكۈنمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا بىر مەغلۇپ بولغۇچى ئىدى.
    مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يەنە كۆمدۈم، پىشتىم  ئۇسۇلى بار. بۇنىڭ بىرى كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ئەمەل قىلىدىغان، سەمىمىي ۋە دۇرۇس ئەخلاق نىزاملىرىغا ئەمەل قىلماسلىق. ئارىمىزدا، مال − دۇنياسى ئۆيگە پاتمايدىغان، نۇرغۇن باي تىجارەتچىلىرىمىز بار. ناۋادا ئۇلار تېخىمۇ ئەبەدىلىك مۇۋەپپەقىيەت يولىنى تاللاپ، يۈكسەك پەزىلەت بىلەن جۇلالىنىپ تۇرىدىغان خاراكتېرنى ساقلاپ كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار بۈگۈنكىدەك باي بولۇپلا قالماي، يەنە ياخشى باھاغا ئىگە بولالايتتى. تەڭداشسىز سائادەتنىڭ پەيزىنى سۈرەلەيتتى. ئەمما ئۇلار بۇرنىنىڭ ئۇچىدىكى پايدىغا ئامراق بولۇپ، ناھايىتى چۇپەي ھېساباتقا ئادەتلەنگەن. چۈنكى، مۇشۇنداق بولغاندا، نەپ تېخىمۇ تېز ۋە تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.بەزى ئاسانلىق ئەخلاقنى دەپسەندە قىلىشنى بەدەل قىلىپ، ئۇتۇقنىڭ گۈزەللىكىنى بۇلغايدۇ. بۇنى مۇۋەپپەقىيەت دېگىلى بولمايدۇ. زور كۆپچىلىك كىشىلەر، يەنىلا دۇرۇسلۇق، ئېسىللىق ۋە مەمنۇنلۇقنى بەختىيارلىقىغا چەمبەرچاس باغلىۋەتكەن. شۇملۇق، قۇۋلۇق، ھەتتا ۋاستە تاللىماي، ھاياسىزلىق بىلەن ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەت زور كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىگە زىيان سېلىش ھېسابىغا قۇرۇلىدۇ. ئاشۇ بەخىتسىز كىشىلەر، شۇنداق ساددا ۋە يەكتىلكى خۇددى بانامۇ(0181~1891، ئامېرىكىلىق ئارتىس 1781 - يىلى ئۆزىنىڭ سېرىك ئۆمىكىنى قۇرغان.) ئېيتقاندەك، ھەربىر مىنۇتتا، بوۋاقلار تۇغۇلۇپ تۇرىدۇ. جانابى ھەقنىڭ بالىلارغا يۈكسەك دۇرۇسلۇقنى پەزىلەت قىلىپ ئاتا قىلىۋاتقانلىقىغا ھەشقاللا. دەل ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن، بىز سائادەتلىك ئۇتۇقنىڭ تېخى پۈتۈنلەي، بوغۇپ تاشلانمىغانلىقىنى كۆرۈۋالايمىز.
     
    داۋۇت ئوبۇلقاسىم تەرجىمىسى.
    مەنبەسى:كۆكنۇر تورى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تىرە پۈتۈك _