بىر ئېيىق ئائىلىسىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى(ئېزىز ساۋۇت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 09:22:21

بىر ئېيىق ئائىلىسىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى(راست ئىشلار خاتىرىسى)ئېزىز ساۋۇت بايلىق ئاتا كەنتى تەڭرىتېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تاغ قاپتاللىرىنىڭ ئېغىزىغا جايلاشقان يېرىم دېھقانچىلىق ، يېرىم چار...

    بىر ئېيىق ئائىلىسىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرى
    (راست ئىشلار خاتىرىسى)
    ئېزىز ساۋۇت


       بايلىق ئاتا كەنتى تەڭرىتېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تاغ قاپتاللىرىنىڭ ئېغىزىغا جايلاشقان يېرىم دېھقانچىلىق ، يېرىم چارۋىچىلىق قىلىدىغان بىر جاي ئىدى . كەنتنىڭ شىمالىدا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تەڭرىتېغىنىڭ مۇزلۇق چوققىلىرىدىن سىرغىپ چۈشكەن ئۇلۇغ بىر ئېقىن «بۇرۇلتاي» نامى بىلەن كەنتنىڭ بېقىنىنى يانداپ ئېقىپ ئۆتەتتى . بۇ سۇدىن پايدىلىنىدىغان ئورۇنلار كۆپ بولغاچقا سۇ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن سۇ تالىشىپ ، ماجىرالىشىپ قالىدىغان ئىشلار پات-پاتلا يۈز بېرىپ تۇراتتى . شۇڭا كەنت مەسئۇللىرى بۇرۇلتاي باش ئېقىنىنىڭ ئۈستىدىكى مۇزلۇقلارنى تەكشۈرۈپ ، سۇ مەنبەسىنى ئىزدەش ، سۇ كۆپەيتىش چارىلىرىنى قىلىشنى كېڭەشتى . باش ئېقىننىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ ، مۇزلۇقلارنى ئارىلىماق خەتىرى كۆپ مۈشكۈل ئىش ئىدى . ئارغامچا ، ئىلمەك ، ئوزۇق-تۈلۈك ، قېلىن قىشلىق كىيىم (تاغ ئۈستىدىكى سوغۇق كىلىمات ئۈچۈن) ئات-ئۇلاغ بولۇشى كېرەك . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەردە يىرتقۇچ ھايۋانلار بولغاچقا ، مىلتىق ، ئوق-دورا ئېلىۋالمىسا بولمايتتى . كېڭەشتە ھەممە نەرسە تەييارلىنىپ بېرىلىدىغان بولدى . مېنىڭ مەسئۇللۇقىمدا بىر پاگان ، بىر تاغ يولچىسى ، كەنت ھەيئەتلىرىدىن بولۇپ ئالتە كىشىلىك گۇرۇپپا تەشكىللەندى . بۇ 1962-يىلى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئىش ئىدى . تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن يولغا چىقتۇق . چېچەكلىك يايلىقى بىلەن بۇرۇلتاي ئېقىنىنىڭ قاپتاللىرى بىلەن مېڭىپ ، ئاتلىق يوللارنى تۈگەتتۇق . ئاتلارنى شۇ يەردە چارۋا باقىدىغان ئاقنىياز ئاكىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ ، پىيادە مۇزلۇق تاغقا ياماشتۇق . بۇرۇلتاي ئېقىنىنىڭ ئۈستى ئوت-گىياھ ئۈنمەيدىغان ئاسمان-پەلەك كۈلرەڭ تاقىر تاشلىق تاغ تىزمىسى بولۇپ ، مىڭ تەستە ئۈستىگە يامىشىپ چىقتۇق .
    — پەخەس بولايلى!— دېدى ئارىمىزدىكى پاگان،— بۇ يەرلەردە ئېيىق بار . ئۇ ناھايىتى قۇۋ ، ھەرىكىتى چاققان ھايۋان ، مۈكۈپ تۇرۇپ ئارقىدىن قول سالىدۇ . پاگان شىراقلىق ، ئاغزىدىن ئوق سېلىنىدىغان سۇمبىلىق قەدىمكى فەرەڭچە قارا مىلتىققا ئوق سالدى . يەنە بىرەيلەنمۇ زامانىۋى قوش ئېغىز سىنترال مىلتىققا ئوق قاچىلاپ تەييار بولدى . ھەممىمىز ۋەھىمە ئىچىدە تۆت تەرەپكە قارىغىنىمىزچە ، ئالدىمىزدىكى مۇز تاغلىرىغا قاراپ ماڭدۇق . بىر تاغ دوقمۇشىدىن ئايلىنىپ ئۇ قاتقا ئۆتۈپ تۇرۇشىمىزغا ئىڭرىغاندەك بىر ئاۋاز ئاڭلاندى . قارىساق ، ھېچ تەرەپكە ئۆتكىلى بولمايدىغان بۇلۇڭدا قوڭۇر ، كۆك رەڭلىك ئىككى ھايۋان بالىسى تۇراتتى.
    — ئېيىق بالىلىرى!— پاگان مىلتىقنى تەييارلاپ،— توختاڭلار! يېقىن ئەتراپتا ئانا ئېيىق باردەك قىلىدۇ،— دېگىنىچە قەدىمىمىزنى توختاتتى . يۈرىكىمىز دۈپۈلدەپ سوقماقتا ، ئېيىق بالىلىرى بىزنى كۆرۈپ قورققىنىدىن چىرقىراپ ، پەرياد كۆتەردى . دەقىقە ئۆتمەي بالىلىرىدىن 15 مېتىرچە نېرى ، ھەتتا تاغ تېكىلىرىمۇ قىيىندا ئۆتەلەيدىغان تىك قىيادا غايەت زور بىر مەخلۇق قاتتىق ھۆركىرگىنىچە ، ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۆرە بولدى-دە ، بىز تەرەپكە ئېتىلدى . بۇ دەل ئانا ئېيىق بولۇپ ، ئەلپازى بەك قورقۇنچلۇق ئىدى .
    — ئانا ئېيىقكەن،— دېدى پاگانمۇ ئۇنى قارىغا ئېلىپ تۇرۇپ . سىنترالمۇ توغرىلاندى .
    — توۋا! پىستان-دورىلار تاغ ئۈستىدىكى سوغۇق ھاۋادا نەملىشىپ قالدىمۇ ، ھەر ئىككىلا مىلتىق پىستان چېقىپ ئېتىلمىدى . ئېيىقنىڭ ئېيىقنىڭ ئۆتىدىغان يېرى سۈرمەل ، غىلتاڭ ، ئاياغ توختاتقىلىمۇ بولمايدىغان تىك تاغ قىياسى بولغاچقا تېيىلىپ كەتتى-دە ، ئېغىر ، كېلەڭسىز گەۋدىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ ، بەش يۈز مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ئادەم چۈشۈشكە مۇمكىن بولمايدىغان چوڭقۇرلۇققا چۈشۈپ كەتتى.. . ئېيىقنىڭ ئېچىنىشلىق ھۆركىرىگەن ھالدا تاغ گىرۋەكلىرىگە قاڭقىپ ، سوقۇلغانچە دومىلاپ چۈشۈپ كەتكىنىنى ئېچىنىش ۋە شۈركىنىش ئىچىدە كۆرۈپ تۇردۇق . ئېيىق كۇكۇم-مەلەق بولۇپ جان بەردى . بۇ كۆرۈنۈش ھازىرقىدەكلا كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ.
    — قاراڭلار!— دېدى پاگان . ئانا ئېيىق چۈشۈپ كەتكەن يەرنىڭ نېرىسىنى كۆرسىتىپ . قارىساق ، كانىيى بوغۇلۇپ ، قارنى يېرىپ تاشلانغان ، يېتىلگەن بىر ئارقار قوچقىرى تۇرۇپتۇ . ئەسلىدە ئېيىق بالىلىرىنى ئوۋغا ئۆگىتىش ، ئىسسىق گۆشكە تويۇندۇرۇش ئۈچۈن ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ ھېلىقى ئارقارغا يولۇققان ، ئارقار ئېيىقنى ئۆتەلمەيدۇ دەپ نېرىقى قىستاڭغا ئۆتۈۋالغان . ئېيىق تاشلارغا چاپلىشىپ يۈرۈپ ئۆتۈپ ئارقارنى بېسىۋالغاندا بىز كېلىپ قاپتىمىز.
    — ئېيىقچاقلارنى ئېلىپ كېتەيلى ، تاشلىۋەتسەك تېنەپ ئۆلۈپ كېتىدۇ ياكى بۆرە يەيدۇ،— دېدى پاگان.
    پاگاننىڭ سۆزى ئورۇنلۇق ئىدى . كۈچۈكلەرنىڭ قېشىغا باردۇق . كۈچۈك بولسىمۇ يىرتقۇچلىقىنى قىلىشقا باشلىدى . مايماق پاچاقلىرىنى ئۇزىتىپ تاتىلاپ ، چىشلەشكە ئۇرۇناتتى . ئۇنىڭ تۇرقى ۋە ھەرىكىتى تولىمۇ ئوماق ، كۈلكىلك ئىدى . بىر ئامال قىلىپ كۈچۈكلەرنى تۇتۇپ باغلىدۇق . ئىككىيلەن بىر مىلتىق بىلەن ئېيىقچاقلارنى ساقلاپ قالدى . قالغىنىمىز ئالدىمىزدىكى تاغدىن بىر ئاماللار بىلەن ئېشىپ ، تەڭرىتېغىنىڭ ئۈستى مۇزلۇق دائىرىسىگە چىقتۇق . پاھ! پايانسىز كەتكەن ئېگىز-پەس مۇز چوققىلىرى ، مۇز دالاسى كۆز چاقنىتىپ ئالدىمىزدا نامايان بولدى . نېرىدا بىرەر يۈز مو كەلگۈدەك چوڭلۇقتا سۇلىرى سۈپسۈزۈك بىر كۆل بار ئىكەن . تاغ چوققىلىرىدىكى قار-مۇزلار ياز پەسلىدە ئېرىپ كۆلگە يىغىلىدىكەن-دە ، ئاندىن تاشنىڭ يېرىق يوللىرىنى تېپىپ ، نەچچە ئون كىلومېتىرلىق قېلىن تاغ قاتلىمىدىن سىرغىپ ئۆتۈپ سىرتقا — تەڭرىتاغ قاپتاللىرىغا بۇلاق شارقىراتما ياكى تەپچىپ تۇرغان كۆز شەكلىدە ئېقىن بولۇپ ئىنسانلارغا نەپ بېرىدىكەن.
    — كۆلمۇ ، سۇ مەنبەسىمۇ تېپىلدى،— دېدى كەنت ھەيئىتى ساتتارئاخۇن سۆزمەنلىك بىلەن،— ئەمما ئاددىي قورال ، ئازغىنە قول ئەمگەك كۈچى بىلەن شۇنچىلا زور ، قېلىن تاغلارنى تېشىپ ، بۇ سۇلارنى قانداقمۇ مەھەللىمىزگە ئاپارغىلى بولسۇن . يا بىز چۆچەكلەردىكى «پەرھاد-شېرىن» بولمىساق! بۇ گەپكە ھەممىمىز مىيىقىمىزدا كۈلۈشتۇق .
    — ھازىر مەملىكەت بويىچە «داجەيدىن ئۆگىنىش» داغدۇغىسى باشلاندى . بۇ دېگەن بىر سىياسىي ۋەزىپە بولمامدۇ؟ قايتايلى! سۇنى تاپتۇق دەپ بارساق ۋەزىپىمىزنى ئورۇنلىغان بولىمىز . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېيىقچاقلارمۇ بىر غەلىبە!— دېدى يەنە بىرەيلەن . ئۇلار شۇ چاغدا كۆڭلىدىكى گەپلەرنى قىلىشقانىدى . كەنت ، يېزا باشلىقلىرى ئاڭلىسا ، «خاتا سۆز-ھەرىكەت» دەپ سىياسىي قالپاق  كىيدۈرۈش خەتىرى بار ئىدى . لېكىن بەختىمىزگە يارىشا ئارىمىزدىن ببرەر «چېقىمچى»مۇ چىقمىدى . بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كەتتى . راستىنى ئېيتقاندا ، بۇ بىر دورامچىلىق ، سىياسىي قىزىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان . قۇرۇق قول ، ئاددىي كەتمەن ، جوتۇلار بىلەن تاغنى تالقان قىلىشقا ئۈندەيدىغان ئەخمىقانە بىر ئىش ئىدى . توغرىسى بۇ بىزگە كۆڭۈللۈك ۋە خەتەرلىك بىر ساياھەت بولدى.
    

    ئېيىق بالىلىرىنى مىڭ بىر جاپادا كەنتكە ئېلىپ كەلدۇق . كۆرۈشكە كەلگەنلەر بەك كۆپ ئىدى . كەنتتە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش شارائىتى بولمىغاچقا ، ئاقبۇلاق چارۋىچىلىق فېرمىسىغا ئاپىرىپ بەردۇق . فېرمىنىڭ ئىشخانا ئورگانلىرى ئاشۇ كەنتتە ئىدى . فېرمىدىكىلەر ئېيىقچاقلارنى مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ گۆش-ئوزۇقلۇقلار بىلەن ئوبدان باقتى . لېكىن تېخى ئانىسىنىڭ سۈتىدىن ئايرىلمىغان ئېيىقچاقلار ياۋايىلىقىنى قىلىپ گۆش-ئوزۇقلارنى يېگىلى ئۇنىماي خاپا سالدى . ئۇلار ئانىسىنى ، ئۇنىڭ سۈتىنى سېغىنىپ يىغلىغاندەك ئېچىنىشلىق چىرقىراپ ، نالە قىلاتتى . كۈندە ئات-ئېشەكلىك ، پىيادە ئېيىقچاقلارنى كۆرگىلى كۆپلىگەن ئادەملەر كېلىپ تۇراتتى . ئېيىقچاقلار كۈلۈشۈپ ، نان پارچىلىرىنى تاشلاپ ياكى قەپەسلەرگە تاياق تىقىپ ھۇزۇرلىنىۋاتقان ئادەملەرگە نەپرەتلىنىپ ھۆركىرەپ-چىرقىراپ خىرىس قىلاتتى . ئادەملەرنى توسۇپمۇ تەزدۈرگىلى بولمىدى . كىچىكرەكى يېتىمچىلىك ۋە تۇتقۇنلۇقنى ھار ئالدىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاپ ، ھېچنېمە يېگىلى ئۇنىماي يېتىپ قالدى-دە ، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۆلدى . فېرما ، يېزا مەسئۇللىرى چوڭىدىن ئەنسىرەپ ۋىلايەت ، ئورگانلارغا مەلۇم قىلغانىكەن ، ئۇلار ۋىلايەت مەركىزىدىكى خەلق باغچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ، ھايۋاناتلار بۆلۈمچىسىگە بېرىۋېتىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ . باغچىدىن ماشىنا ۋە خادىملار كېلىپ ئېلىپ كېتىشتى.
    ئېيىقچاق ئاقسۇ خەلق باغچىسىدا بىر يىلدەك بېقىلدى . قائىدىلىك ، ياخشى ئاسرالغانلىقى ئۈچۈن جېنى ئامان قالدى . ئاقسۇ شەھىرىگە بارغان چېغىمدا ئاتايىن باغچىغا ئۇنى كۆرگىلى كىردىم . خېلىلا زورىيىپ قاپتۇ . ئۇنىڭغا قارىغان چېغىمدا كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ ئوڭايسىزلىق ۋە خىجالەت ئىچىدە قالدىم . ئېيىقچاق تۆمۈر قەپەس ئىچىدە تىنماي ئۆزىنى ئۇياق-بۇياققا تاشلاش بىلەن ئاۋارە بولاتتى . بۇ ئۇنىڭ ئەركىنلىككە چىقىش ، تۇغۇلغان تېغىغا قايتىپ كېتىش ئارزۇسىدىن بولۇۋاتقان ئورۇنۇشلىرى ئىدى . «تۇتقۇنلۇقتىن ئۆلۈم ياخشى . ئىنىسى بەختلىك ئىكەن ، تۇتقۇنلۇقنى كۆرگىچە» دېدىمۇ ، ئۇ بۇ دۇنيانىڭ ياشاش لەززىتىنى كۆرمەيلا ، ئانىسىنىڭ ئارقىسىدىن ئۇ دۇنياغا كەتتى . ئاكىسى ھايات قالغان بولسىمۇ ، تۆكۈر قەپەس ئىچىدە ، ئۆلۈمدىن ئېغىر بولغان تۇتقۇنلۇققا مەھكۇم بولدى . بۇنىڭدا گويا ئۆزۈمنى بىر جىنايەتچىدەك ھېس قىلىمەن . توۋا! ھەر قېتىم ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە گويا ئۇ مېنى تونۇپ قالغاندەك ھەرىكىتىنى توختىتىپ ، نەپرەتلەنگەندەك كۆزلىرىنى ماڭا تىككەنچە قاراپ كېتەتتى . سېرىق چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ ، ھۆركىرەپ چىشلىمەكچى بولغاندەك قىلىقلارنى قىلاتتى . ئۇنىڭ بۇنداق قىلىقلىرىدىن: «ھەي ، قارا يۈرەك ئوغرى ، سەنلەر مېنى ئانامدىن ، ئىنىمدىن ، تۇغۇلغان تېغىمدىن ، ئەركىنلىكىمدىن ئايرىپ مۇشۇ تۆمۈر قەپەس ئىچىدە تۇتقۇن بولۇشقا سەۋەب بولۇشتۇڭ! مېنى مازاقلاۋاتامسەن؟ كۆزۈمدىن يوقال» دېگەندەك مەنىلەرنى سەزگەندەك بولدۇم (بەلكىم بۇ مېنىڭ خىيالى سەزگۈمدۇ؟) . ئازاب ئىچىدە قەپەستىن نېرى بولدۇم . بىر يىلدىن كېيىن ئاقسۇ خەلق باغچىسىنىڭ بېقىش شارائىتى ، ئىقتىسادىي كۈچى تازا ياخشى بولالماي ، ئالاقىلىشىپ يۈرۈپ ئىقتىسادىي سەۋىيىسى ، شارائىتى بىرقەدەر ياخشى بولغان قەشقەر خەلق باغچىسىغا يۆتكەپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇم.
    

    1969-يىل ئاخىرىدا داۋالىنىش ئۈچۈن قەشقەر مىللىي شىپاخانىغا باردىم . ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئون يىلدىن كېيىن قەشقەرگە قايتا كېلىشىم ئىدى . تۆت يىل ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمنى ئۆتكۈزگەن بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ تونۇش كوچا ، بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى زور سېغىنىش بىلەن ئارىلىدىم . مەلۇم يەرلىرى يېڭىلانغىنى بىلەن ، ئاسەسەن قەشقەر يەنە قەدىمىيلىكى ، ئىسسىق مېھرى بىلەن ، مىللىي ھۆسن-لاتاپىتى بىلەن كىشىنىڭ زوق-ھاياجىنىنى قوزغاپ ئۆزىگە مەھلىيا قىلىپ تۇراتتى . قەشقەر خەلق باغچىسىمۇ ئۆز پېتى تۇرۇپتۇ . باغچىنىڭ غەرب-جەنۇبىگىرەك پۈتۈنلەي مىللىي ئۇسلۇبتا سېلىنغان يازلىق كىنو-تىياتىر زالى ئالدىغا كەلدىم . سەل كونىراپ قالغان بولسىمۇ يەنىلا ئاۋۋالقىدەك تۇرۇپتۇ . 1958-يىلى يازدا ، سوۋېت قازاق يازغۇچىسى «بوتاكۆز» رومانىنىڭ ئاپتورى سەبىت مۇقانۇفنى دەل مۇشۇ زالدا كۈتۈۋالغان ، سۆزىنى ئاڭلىغانىدۇق . قەددى-قامەتلىك ، يۇمىلاق ، چېچەك يۈزلۈك ، قىسسىق كۆز ، ئاق چۆچۈنچە يىپەك رەختتىن كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن سەبىت مۇقانوف ئولتۇرغانلارغا دوستلۇق سۆزى قىلغانىدى . ئەپسۇس! تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغان بۇ زال ئەمدى ھايۋاناتلار باغچىسى قىلىنىپتۇ . كىرسەم ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان تۆمۈر سىم قەپەسلەردە توز ، قىرغاۋۇل ، ياۋا توخۇلار ، مايمۇن ، بۈركۈت ، تازقارا ، بۆرە.. . ئاخىرىدا ئېيىق سولانغانىكەن . ئېيىقنىڭ ئالدىغا كەلدىم . ئۈچ يېرىم مېتىر ئېگىز ، تەرەپ كەڭلىكى ئۈچ مېتىردىن كېلىدىغان توم ، قاۋۇل تۆمۈرلەردىن شادىلانغان تۆمۈر قەپەستە غايەت زور ، بويى ئۈچ مېتىر كەلگۈدەك ، بىلەك ، يوتىلىرى زور ، قېلىن كۆك ، قوڭۇر تۈك باسقان ، كاداڭ ئۆكۈز چوڭلۇقىدىكى بىر ئېيىق ھە دەپ بېشىنى ئىككى تەرەپكە ئىرغاڭشىتىپ ، بىر قولىنى باش ھەرىكىتىگە تەڭكەش قىلىپ كۆتۈرۈپ ، چۈشۈرۈپ ھەرىكەت قىلاتتى . ئاشۇ ھەرىكىتىدە ئون سانتىمېتىرچە ئۇزۇن ئۆسكەن تىرناقلىرى «شاراق-شۇرۇق» ئاۋاز چىقىراتتى . «ئەركىنلىككە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى!» دەرھال كۆڭلۈمگە شۇ ئوي كەلدى . تەقدىرگە تەن بېرىشكە يۈزلىنىۋاتقان بۇ ئېيىق قەپەس ئىچىدە ئۇيۇشۇپ قالغان بەدەن ، پۇت-قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ، ھېچ بولمىسا مېڭىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن شۇنداق قىلغان بولۇشىمۇ مۇمكىن . ئېيىق مېنى كۆرۈپ ھەرىكىتىنى توختاتتى-دە ، تونۇغاندەك قاراپ بىردىنلا غەزەپلىنىش ئىپادىسىدە بولدى . كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ كەتتى . چۈشەندۈرۈش تاختىدىكى «بۇ ئېيىق 1962-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ بوزدۆڭ تاغلىق رايونىدا — غەربىي تەڭرىتاغ بويلىرىدىن تۇتۇلغان» دېيىلگەن قۇرلارنى ئوقۇغىنىمدا كۆڭلۈم تېخىمۇ ئازاب ، غەشلىكلەر بىلەن تولدى . ئېيىق بوشقىنا ئىڭراپ: «سەن.. . سەن.. . مېنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىپ ، تۆمۈر قەپەسكە مەھكۇم بولۇشۇمغا سەۋەبكار بولدۇڭ!» دېگەندەك بولدى . ئازاب ئىچىدە باغچىدىن ئايرىلدىم.

    1991-يىلى قەشقەرگە خىزمەت بىلەن بارغىنىمدا باغچىغا كىردىم . ھايۋاناتلار باغچىسى شەرق تەرەپتىكى يېڭى ئورۇنغا يۆتكەلگەنىكەن . كىرىپ ئايلاندىم . بىر چىشى شىر ، يېنىدا قاپقارا جۇغى كىچىكرەك بىر ئىت ئېيىقى ھەرىكەت بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتاتتى . ئىت ئېيىقىنىڭ يېنىدا ھېلىقى ئېيىق تۈكلىرى چۈشكەن ، ۋىجىكلەپ قېرىغان ھالدا ھېچنەرسىگە قارىماستىن تۈگۈلۈپ ياتاتتى . ئەمدى ئۇ تەقدىرگە تەن بەرگەن . تۇتقۇنلۇققا تولۇق كۆنگەن ، ئەركىنلىكتىنمۇ ئۈمىد ئۈزگەن ھالدا ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتاتتى . يەنە خىجالەت ۋە ئېچىنىش ئىچىدە ئۇنىڭغا تىكىلدىم . ئۇ ياتقانچە كۆز قۇيرۇقىدا قاراپ قويدى-دە ، ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى . ھەسرەت يانغان كۆڭلۈمگە ئاراملىق بېرىش ئۈچۈن تاماشانى چالا قىلىپلا قايتتىم . شۇنىڭدىن كېيىن قەشقەرگە بېرىش نېسىپ بولمىدى . ئېھتىمال ئۇ ئېيىق بۇ كەمگىچە ئۆلۈپمۇ كەتكەندۇ...

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-8-15 20:51:17]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.