خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 22

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-27 15:42:22

خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 22دېتىرمىنىزىمنى ھەرگىزمۇ تەقدىرچىلىك بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، تەقدىرچىلىكنىڭ دەيدىغىنى، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى بىز تامامەن تىزگىنلىيەلمەيمىز، دېگەندىن ئىبارە...



     خۇدا ۋە  يېڭى فىزىكا 22

    دېتىرمىنىزىمنى ھەرگىزمۇ تەقدىرچىلىك بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، تەقدىرچىلىكنىڭ دەيدىغىنى، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى بىز تامامەن تىزگىنلىيەلمەيمىز، دېگەندىن ئىبارەت. تەقدىرچىلىك تەرەپدارلىرى «ئەمەلىيەتتە بارلىق ئىشلار تەقدىر تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. يۈز بېرىدىغان ئىش جەزمەن يۈز بېرىدۇ» دەيدۇ.

    ھازىرقى مەسىلە، بىزگە كېرىكى زادى قانداق ئەركىنلىك ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ تەس ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت. ئېھتىمال، ئەركىنلىك باشقا بىر خىل ئىشتىن دېرەك بېرىشىمۇمكىن. ئېھتىمال ئۇ ماك كاي ئېيتقان مۆلچەرلىگىلى بولماسلىقنىڭ ئۆزىمۇ؟ سىز قىلماقچى بولغان ئىش سىز تىزگىنلىيەلمەيدىغان ئامىل تەرىپىدىن بەلەىلىنىدىغان بولسا، ئەمما سىز ئكزىڭىزنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى پىرىنسىپ جەھەتتە بولسىمۇ مەڭگۈ بىلەلمىسىڭىز، ئەجەبا، مانا بۇ، سىزنىڭ ئەركىن ئىرادىگە بولغان تەلىپىڭىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىكمۇ؟

    باشقا بىر خىل ئەركىنلىك قارىشى، بەزى (ھەممىسى ئەمەس) ئىشلارنىڭ سەۋەبى بولىدۇ، ئەمما بىز تەبىئىي ئالەمدىن بۇ سەۋەبنى تاپالمايمىز، دەپ قارايدۇ. كونكېرت ئېيتقاندا، بۇ خىل قاراشتىكىلەر، بىزنىڭ روھىمىز ماددىي دۇنيانىڭ سىرتىدا تۇرىدۇ، لېكىن ئۇ مەلۇم خىل شەكىلدە ماددىي دۇنياغا كىرىپ، يۈز بېرىدىغان ئىشلارغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. شۇنىڭ  بىلەن، ماددى دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىلا بەلگىلىنىپ بولغان بولمايدۇ، چۈنكى روھ ماددىي دۇنيانىڭ بىر قىسمى ئەمەس، دەپ قارايدۇ. بىراق كىشىلەر يەنىلا روھنى بۇ قارارنى چىقارغۇزغان سەۋەب نېمە؟ دەپ سورىسا بولىدۇ. ئەگەر بۇ سەۋەب ماددى دىۇنيادىن كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا، بىز يەنىلا دېتېرمىنىزمغا قايتىپ بارغان بولىمىز، ماددا ئەمەس روھنى ئوتتۇرىغا قويۇش داۋراڭ سالغانلىق بولىدۇ. ما بەزى سەۋەبلەر غەيرىي ماددىي خۇسۇسىيەتلىك بولسا، شۇ سەۋەبتىن بىز تېخىمۇ ئەركىنرەك بولالايمىزمۇ؟ ئەگەر بىز غەيرىي ماددى سەۋەبلەرنى تىزگىنلىيەلمىسەك، ئۇنداقتا، ماددىي سەۋەبلەرنى تىزگىنلىيەلمىگەنگە ئوخشاش، قانداقتۇر ھەقىقىي ئەركىنلىكتىن سۆز ئېچىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر بىز بىزگە ئۆز قارارىمىزنى چىقارغۇزغان سەۋەبلەرنى تىزگىنلىيەلىسەك، ئۇنداقتا، بىزنىڭ قانداق تىزگىنلىشىمىزنى بەلگىلەنگەن نەرسە نېمە؟ تېخىمۇ كۆپ سىرتقى تەسىرمۇ ياكى بىز ئۆزىمىزمۇ؟ بىز، بۇ سەۋەب-نەتىجە زەنجىرىنىڭ بىرىنچى ھالقىسى ئۆزلۈگىدىن ھەرىكەتلىنىدۇ، سىرتقى سەۋەبنىڭ لازىمى يوق دېيەلەيمىزمۇ؟ بۇ خىل ئۆزلۈگىدىن ھەرىكەتلىنىدىغان سەۋەب ئۇقۇمى، يەنى سەۋەبى يوق سەۋەبنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولىدۇ؟

    (قىسقارتىلدى)

    بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇن فىزىكا ئالىملىرى ئېۋېرتنىڭ كۋانت نەزەرىيىسىنى چۈشەندۈرىدىغان ئاتالمىش كۆپ ئالەم نەزەرىيىسىنى قۇبۇل قىلىشقا مايىل بولماقتا. ئېۋېرتنىڭ قارشى ئەركىن ئىرادىگە نىسبەتەن ئۆزگىچە مەنىگە ئىگە. ئېۋېرت، ئېھتىمالدىكى باشقا بارلىق ئالەملەرمۇ پاراللېل ھالدا ئورتاق مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ خىل قاتمۇقات ئالەم ئىنسانلارنىڭ تاللىشى ئۈچۈن يېيىلىپ تۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ. سىز بىرخىل تاللاشقا ــ چاي ئىچەيمۇ ياكى كەھۋەە ئىچەيمۇ دېگەن تاللاشقا دۇچ كەلدىڭىز دەپ قىياس قىلايلى. ئېۋېرتنىڭ قارىشىچە، سىز تاللىغان ھامان، ئالەم ئىككى ئاچالغا بۆلۈنۈپ، بىر ئاچالدىكى سىز چاي ئىچىدىكەنسىز، يەنە بىر ئاچالدىكى سىز قەھۋا ئىچىدىكەنسىز. بۇنداق بولغاندا، سىز ھەر ئىككىلىسىگە ئىگە بولىدىكەنسىز!

    كۆپ ئالەملىك نەزەرىيىسى يۇقىرىدا مۇھاكىمە قىلىنغان تاللاش ئەركىنلىكىنىڭ ئاخىرقى چەك ئۆلچىمىنى قانائەتلەندۈرەلەيدۇ دېيىشكە بولىدۇ. ئالەم ئاچالغا بۆلۈنگەن چاغدا، ھەربىر خىل ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان شەرتلەر بارلىق تەرەپلەردە تامامەن ئوخشاش بولىدۇ، چۈنكى بۇ شەرتلەر ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بىر ئالەمدە بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئادەم ئوخشا شبولمىغان ئىككى خىل تاللاش قارارىنى چىقىرىدۇ. لېكىن، گەرچە بۇ نەزەرىيەتاللاش ئەركىنلىكىنىڭ ئۆلچىمىنى قانائەتلەندۈرەلىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن زىيادە چوڭ بەدەل تۆلىنىدۇ. ئەگەر سىز بارلىق مۇمكىن بولىدىغان تاللاشلارنى ئېلىپ بارمىسىڭىز بولمايدىغان بولسا، ئۇنداقتا، يەنە قايسى ئەركىنلىكتىن ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ بۇ ئەركىنلىك چېكىدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى تەرىپىدىن يوققا چىقىدۇ. سىزنىڭ تاللىماقچى بولغىنىڭىز چاي ياكى قەھۋە، ھەر ئىككىلىسىنى ئەمەس، ئىككىسىدىن بىرىنى تاللاشتىن ئىبارەت.

    ئەمما، كۆپ ئالەملىك نەزەرىيىسىنى قۇۋۋەت؛ەيدىغان؛ار، «سىزنىڭ بۇ يەردىكى سىز دېگەننىڭ مەنىسى نېمە؟» چاينى تاللىغان «سىز» بىلەن ھېلىقى قەھۋەنى تاللىغان «سىز» بىر ئادەم ئەمەس، ئۇلار ئوخشاش بولمىغان ئالەمدە تۇرىدۇ دېيىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇالرنى پەرقلەندۈرمەكچى بولساق، ئۇ ھالدا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىز پەرۋاسىزلىق بىلەن «سىز» دەپ ئاتىغان بۇ ئىككى ئادەم سېزىم تەجرىبىسى جەھەتتە ئوخشاش بىر ئادەم بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ئەگەر سىز تاللاش پۇرسىتىگە ئېرىشسىڭىز، ئەمەلىيەتتە سىز ھەم چاينى، ھەم قەھۋەنى تاللىمايسىز. مەيلى بىز مۇھاكىمە قىلىۋاتقان ھېلىقى «سىز» بولۇڭ، ئىشقىلىپ ھېلىقى سىز تاللاش قارارىنى چىقىرىسىز. ئۇنداقتا، سىزنىى چاينى تاللاپ، قەھۋەنى تاللىمىدى دېگەنلىك، «سىز»گە بىر ئېنىقلىما بەرگەنلىكتىن ئىبارەت، خالاس. «مەن چاينى تاللىدىم» دېگىنىڭىز، «مەن چاي ئىچىدىغان ئادەم» دېەىنىڭىزدىن ئىبارەت، خالاس. شۇنىڭ ئۈچۈن، گەرچە تاللاشقا دۇچ كەلگىنى يالغۇز بىر سىز بولسىڭىزمۇ، ئەمما نەتىجە بىر ئادەمگە ئەمەس، ئىككى ئادەمگە چېتىلىدۇ. ئېۋېرتنىڭ نەزەرىيىسى بويىچە قارىغاندا، «مەن» ئۈزلۈكسىز ھالدا سانسىزلىغان ئۆزئارا ئوخشىشىپ كېتىدىغان نۇسخىلارغا بۆلۈنىدۇ (بۇنىڭ روھ تەڭداشسىز دېگەن ئەنئەنىۋى ئۇقۇمغا نىسبەتەن نېمە مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلىش ناھايىتى قىزىقارلىق بولىدۇ).

    (قىسقارتىلدى)

    خۇدا ئەركىن ئىرادىسىنى ئىشقا سېلىپ قارار چىقىرالامدۇ؟

    ئەگەر ئادەمنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بار بولسا، خۇدانىڭمۇ جەزمەن بار بولامدۇ؟ ئەگگر بار بولسا، ئۇنداقتا، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئەرككىنلىككە چېتىلىدىغان ھەر خىل مەسىلىلەرمۇ خۇدانى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، چەكسىز، ھەممىگە قادىر خۇداغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىز چۈشىنىپ بولالمايدىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەر مەۋجۇت. ئەگەر خۇدانىڭ بىر ئالەم پىلانى بار بولسا، بەلكى بۇ پىلان ئۇنىڭ ئىرادىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىنىدىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن خۇدا بىر يولىلا دېتېرمىنىزىمچە بىر ئالەمنى يارىتىپ، ئۆز پىلانىدىكى نىشانلارنى ساقلانغىلى بولمايدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرمايدۇ؟ ياكى ئۇ ئالەمنى يارىتىش بىلەن ب ىرلا ۋاقىتتا ئكزىنىڭ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرغان بولسا، بۇتېخىمۇ ئاسان بولمايتتىمۇ؟ ئەگەر ئالەم بەلگىلەنمىگەن بولسا، ئۇنداقتا، خۇدامۇ نەتىجىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىيەلمەياۇ ياكى مۆلچەرلىيەلمەيدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئىقتىدارى چەكلىك دېگەنلىك ئەمەسمۇ؟

    ئېھتىمال بەزىلەر تالىشىپ، ئەگەر خۇدا خالايدىغانلا بولسا، ئۇ ئەركىن ھالدا ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدرىدىن ۋاز كېچەلەيدۇ. ئۇ بىزگە ئەركىن ئىرادە ئاتا قىلىپ، بىزنى ئۆزىنىڭ پىلانىغا قارىمۇقارشى يول تۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، ئەگەر بىز مۇشۇنداق قىلىشنى خالىساقلا. ئۇ يەنە ئاتومغا كۋانت ئامىلىنى ئاتا قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالەمنى يارىتىش جەريانىنى بىر ئالەم مىقياسىدىكى تاسادىپىي ئۇيۇنغا ئايلاندۇرالايدۇ، دېيىشى مۇمكىن. لېكىن، بىر ھەقىقىي ھەممىگە قادىر بولغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان-كېچەلمەيدىغانلىقى ئەكسىچە بىر لوگىكىلىق قىيىن مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.

    ھەممىگە قادىر بولۇش مەنىسىدىكى ئەركىنلىك ئىنسانلار ئىگە بولغان ھېلىقىدەك ئەركىنلىككە پەقەت ئوخشىمايدي. سىز ئەركىن ھالدا چاي ياكى قەھۋەنى تاللايسىز، لېكىن پەقەت چاي بىلەن قەھۋە مەۋجۇت بولغان ئەھۋالدىلا، سىز ئاندىن بۇ خىل ئەركىنلىككى ئىگە بولىسىز. سىزدە سىز قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىش ئەركىنلىكى بولمايدۇ، مەسىلەن: قۇرۇق قول ھالدا ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۈزۈپ ئۆتۈش ياكى ئاي شارىنى قانغا ئايلاندۇرۇش ئەركىنلىكى. ئىنسانلارنىڭ ئىقتىدارى چەكلىك بولۇپ، پەقەت ئاز بىر قىسىم ئارزۇسىنىڭلا ئەمەلگە ئېىشى مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. ۋاھالەنكى، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئىقتىدارىنىڭ چەكلىمىسى يوق بولۇپ، ئۇ ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشنى ئەركىن ھالدا قىلالايدۇ.

    ھەممىگە قادىر دېگەن بۇ ئۇقۇم ئىلاھىيەتشۇناسلارنىمۇ ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان بەزى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خۇدا ئەركىن ھالدا يامان ئىشلارنى توسالامدۇ؟ ئەگەر خۇدا ھەممىگە قادىر بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ توسالايدۇ دېگەن گەپ. لېكىن ئەگەر ئۇ توسالايدىغانبولسا، ئۇنداقتا ئۇ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلمايدۇ. داۋىد خۇمې ئىلاھىيەتشۇناسلىققا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھالاكەتلىك بىر قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئەگەر دۇنيادىكى يامان ئىشلار خۇدانىڭ ئىرادىسىدىن بولىدىغانبولسا، ئۇنداقتا، خۇدا شەپقەتلىك ئەمەس؛ ئەگەر دۇنيادىكى يامان ئىشلار خۇدانىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ھەممىگە قادىر ئەمەس. ىۇدانىڭ ھەم ھەممىگە قادىر، ھەم شەپقەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

    داۋىد خۇمېنىڭ قارىشىغا قارىتا، بەزىلەر رەددىيە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: يامان ئىشلارنى تامامەن ئىنسانلارنىڭ ئۆزى قىلىدۇ، چۈنكى خۇدا بىزگە ئەركىنلىك بەرگەن بولغاچقا، بىر ئەركىن ھالدا يامان ئىشلارنى قىلىپ، خۇدانىڭ پىلانىنى بۇزىمىز. لېكىن بۇ يەردە يەنە مۇنداق بىر مەسىلە بار: ئەگەر خۇدا بىزنىڭ يامان ئىشلارنى قىلىشىمىزنى ئەركىن، توسالغۇسىز ھالدا ئالدىنئالا توسىيالايدىغان بولۇپ، ناۋادا ئۇ مۇنداق قىلمىغان بولسا، ئۇمۇ بىر ئۈلۈش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بىر ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ ئەركە بالىسىنىڭ خالىغانچە ئەسكىلىك قىلىشىغا، قولۇم-قوشنىلار بىلەن ئۇرۇش-جېدەل قىلىشىغا يول قويسا، بىز ئادەتتە ئۇ ئاتا-ئانىمۇ بىر ئۈلۈش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ قارايمىز. بىز بۇنىڭغا ئاساسەن مۇنداق بىر خۇلاسە چىقارساق بولامدۇ-بولمامدۇ: يامان ئىشلار خۇدانىڭ پىلانىنىڭ تەركىبى قىسمىمۇ ياكى خۇدا بىزنىڭ ئۇنىڭ ئىرادىسىگە قارشى يول تۇتۇشىمىزنى ئەركىن ھالدا ئالدىنئالا توسالمامدۇ؟

    ئەگەر بىر خىرىستىئان دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى بويىچە پىكىر يۈرگۈزۈپ، خۇدانىڭ ۋاقىت-بوشلۇقتىن ھالقىپ ئۆتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنسەك، ئۇنداقتا، بىز يەنە بىر مۇنچە يېڭى مەسىلىگە دۇچ كېلىمىز، چۈنكى تاللاش ئەركىنلىكى دېگەن بۇ ئۇقۇم ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر ۋاقىت خاراكتېرلىك ئۇقۇمدىن ئىبارەت. ئەگەر تاللاش كونكېرت، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلماي، ۋاقىت چەكلىمىسى بولمىسا، ئۇ ھالدا، تاللاشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى ىبولسۇن؟ ناۋادا خۇدا كەلگۈسىنى ئالدىن بىلەليدىغان بولسا، ئۇنداقتا، خۇدانىڭ ئالەم ئۈچۈن پىلان تۈزۈشى ھەمدە بىزنىڭ ئۇنىڭ پىلانىغا قاتنىشىشىمىزنىڭ يەنە نېمە ئەھمىيىتى بار بولسۇن؟ بىر ھەممىگە قادىر خۇدا ھەر قانداق جايدا ھازىرنىڭ ئۆزىدە نېمە ئىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيدۇ. لېكىن بىزگە مەلۇمكى، ئومۇمىيلىققا ئىگە بىر «ھازىر» مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا، ئەەەر خۇدانىڭ بىلىمى بوشلۇق ئىچىدە داۋاملىشىدىغان بولسا، جەزمەن ۋاقىت ئىچىدىمۇ داۋاملىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز مۇندق خۇلاسە چىقارساق بولىدۇ: خىرىستىئان دىندىكى مەڭگۈلۈككە ئىگە خۇدانىڭ تاللاش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇشى ئەھمىيەتسىزدۇر. ئەمما، بىزنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسىدا يوق ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشىغا ئىشىنىشىمىز مۇمكىنمۇ؟ بىز مەجبۇرىي ھالدا بىر زىت خۇلاسە چىقىرىمىز، يەنى تاللاش ئەركىنلىكى ئەمەلىيەتتە بىز ئۇچرايدىغان بىر خىل چەكلىمىدىن ئىبارەت، بۇ دېگەنلىك، بىز كەلگۈسىنى بىلىشتە ئىقتىدارسىزدۇرمىز. ناۋادا خۇدا ھازىرقى قەپەستىن قۇتۇلسا، ئەركىن ئىرادىگە ئېھتىياجلىق بولمايدۇ.

    بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش مۇمكىن ئەمەس. يېڭى فىزىكا ئەركىن ئىرادە بىلەن دېتېرمىنىزمدىن ئىبارەت ئۇزاقتىن بۇيان ھەل بولماي كەلگەن بۇ بىر جۈپ سىرنى يېشىشنى بىر يېڭى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئەتتى، ئەمما سىرنى يېشىپ بەرمىدى. كۋانت نەزەرىيىسى گەرچە دېتېرمىنىزمنىڭ ئاساسىنى تەۋرەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەركىن ئىرادىگە چېتىلىدىغان چاغدا ئۇ ئۆزى ئۈچۈنمۇ بىر مۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلە كۆپ قاتلاملىق چىنلىقنىڭ مۇمكىنچىلىكىدىن ئىبارەت. قىلچە شۈبھىسىزكى، كەلگۈسىدە بىزنىڭ ۋاقىت توغرىسىدىكى چۈشەنچىمىزنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزغا دائىر تۈپ مەسىلىلەرنىڭ يېڭى يىپ ئۇچى بارلىققا كېلىدۇ.

    (داۋامى بار)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خۇدا فىزىكا