زۇزۇن قادىرى خاتىرىلەر 3

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-03 18:18:50

خاتىرىلەرزۇنۇن قادىرىئوغۇللاردىن غوپۇر دېگەن قاڭشالىق، مۇلايىم بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى. تولا چاغلاردا ئۇ يانچۇقىغا ناۋات سېلىپ كېلەتتى، يازدا بولسا مېۋە ئېلىپ كېلەتتى. بىر كۈنى ئۇنىڭ يانچۇق...

     

     


    خاتىرىلەر
    زۇنۇن قادىرى

     

    ئوغۇللاردىن غوپۇر دېگەن قاڭشالىق، مۇلايىم بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى. تولا چاغلاردا ئۇ يانچۇقىغا ناۋات سېلىپ كېلەتتى، يازدا بولسا مېۋە ئېلىپ كېلەتتى. بىر كۈنى ئۇنىڭ يانچۇقى تېشىلىپ كېتىپ، شاپتۇللار ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ پېشىگە چۈشۇپ تومپىيىپ قاپتۇ. ئۇ شاپتۇللارنى ئاۋايلاپ ئېلىپ مېنىڭ ئالدىمغا تىزىشقا باشلىدى. ئەتراپتىكى بالىلار بۇنى كۆرۈپ بۆلۈشىۋېلىشقا تۇردى ۋە ئۇنىڭ يانچۇقلىرىغا قوللىرىنى تىقىشتى. ئېزىلگەن شاپتۇللارنىڭ سۇلىرى غۇپۇرنىڭ كىيىملىرىنى شالتاق قىلىۋەتكەن ئىدى. غۇپۇر بولسا تېرىكمەي كۈلۈمسىرەپ:

     -بولدى، بولدى، پېشىمنى قويۇۋېتىڭلار، تۈگىدى ئەمدى، ئەتە جىقراق ئالغاچ كېلەي،- دەپ قوياتتى. ئۇ ئەسلىدە بۇ نەرسىلەرنى ماڭا ئالغاچ كېلەتتى، چۈنكى مەن ئۇنىڭ دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۋېلىشىغا ياردەم قىلاتتىم. ئۇ مېنى يەنە جۈمە كۈنلىرى بېغىغا باشلاپ بېرىپ، مېۋىگە تويغۇزاتتى ياكى مېۋىنى مەكتەپكە ئېلىپ بارسا بۇلاڭغا كېتىدىغانلىغىدىن قورقۇپ ھەركۈنى كەچقۇرۇن ئۆيۈمگە ئەپكىلىپ بېرەتتى.

      شۇنداق بولغاچقا، دۇرۇسراقىنى ئېيتقاندا، بىز دوست بولۇپ قالغاچقا، غوپۇرغا ۋە مېھرى ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالغان مېھرىنىساغا  دەرستە كۆپرەك ياردەم قىلاتتىم. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ يۈرگەن قالغان ئۈچ ئوغۇل ئۈچ قىز ماڭا ئۆچلۈك قىلىپ غۇدۇرىشاتتى، ئىچى قىتىغىرلىق قىلىپ مېنىڭ ئۈستۈمدىن ھەتتا تۈرلۈك يامان گەپلەرنىمۇ تاپاتتى ۋە موللامغا چاقاتتى. بەزىدە بولسا ئۇ قىتىغىرلار بىلەن كوچىدا ھارغىچە مۇشلىشاتتۇق. بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆيدە ئاتىمىزدىن، مەكتەپتە پوقاق موللىمىزدىن بەدىنىمىز كۆكىرىپ، قان چىققۇچە تاياق يەيتتۇق. لېكىن جىدەل-ماجىرا بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيتتى، تېخى ئەدەپ كېتىپ، ئىككى تەرەپ بولۇپ ئۇرۇشۇپ قالاتتۇق. بىر كۈنى مەن ھېلىقى قىتىغىرنىڭ بىرسىنى ئۇرۇپ قاپىغىنى يېرىپ قويدۇم. مانا شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ پالاققا بۇيرۇلدۇم.

      موللام سەللىسىنى قوزۇققا ئېلىپ، پىرىجىسىنى سالدى، بالىلارغا قاراپ ئۆشكە ساقاللىرىنى تىترەتكەن ھالدا:

      -ھاي مەۋلان، زۇنۇننى مەيەرگە ئېلىپ كەل، - دەپ ۋارقىرىدى.

      مەۋلان مېنى بىلىگىمدىن تۇتۇپ سۆرەپ، موللامنىڭ سۇپىسى ئالدىدا تۇرغۇزۇپ قويدى.

    • پالاقنى قايسىڭ تۇتىسەن، - دەپ سورىدى موللام.

     ھېلىقى قىتىغىر بىلەن ئۇنىڭ ئاغىنىسى جاۋاپ بەردى:

    • مەن، مەن....
    • باس! – دەپ ئەمىر قىلدى موللام.

    قىتىغىر بالا بىلەن ئاغىنىسى يېنىمغا يۈگۈرۈپ كېلىشتى. ئۇلار مېنى ئوڭدا ياتقۇزۇپ، كۆن ئۈتۈكلۈك ئىككى پۇتۇمنى كالتەكنىڭ تاسمىسىدىن ئۈتكۈزدى. ئاندىن كالتەكنى بىر تەرەپكە بۇراپ، تاسمىنى تازا چىڭ ئورىدى. پۇتلىرىم بۇغۇلۇپ زىڭىلداپ كەتتى . موللام ئالقانلىرىغا تۈكۈرۈپ، چوماقنىڭ سىلىقلىنىپ كەتكەن سېپىنى ئىككى قولى بىلەن سىقىمداپ توتۇپ، ھاۋا تاپان بولۇپ تۇرغان پۇتۇمنىڭ تاپىنىغا كۈچەپ تۇرۇپ بىرنى ئۇردى. مەن:

    • ۋايجان!- دەپ ۋارقىراپ يىغلىۋەتتىم.
    • توۋا ، توۋا قىلدىم دە، - دېدى مەۋلان. مەن مەۋلاننىڭ دېگىنىنى دەپ پۇتۇمنى تۆۋەن تارتتىم. كالتەك تۇتقان بالىلار بولسا تېخىمۇ ئىگىز كۆتۈرۈپ، دۈمبەمنى يەردىن ئاجرىتىپ بوينۇمنى قاتلىۋەتتى. موللام غەزەپ بىلەن يەنە ئۈچنى ئۇرىۋىدى، ئۆتۈگۈمنىڭ پاشنىسى سۆكۈلۈپ چۈشتى. تاپىنىم ئوتتا كۆيگەندەك بولۇپ، ئاغرىغى بېشىمغىچە چىقتى. ئاغرىققا چىدالمىدىم، پۇتلىرىم ئىششىپ كەتتى، ھەتتا كەچقۇرۇن مەكتەپتىن قايتىش ۋاقتىدا ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئۆرە تۇرۇپ بىللە بىللە ئاۋازلىق ئوقۇيدىغان«ۋەششەمسى»نى ئوقۇشقا تۇرالماي قالدىم. ھەممە بالىلار كەتكەندىن كىيىن دوستۇم غوپۇر مېنى ھاپاش قىلىپ ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويدى. مەن دادامغا ھال ئېيتىپ، پوقاق موللامنىڭ مەكتىۋىگە بارمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. دادام ماڭا نەسىھەت قىلىپ:
    • موللىسى ئۇرغان يەردىن ئاخىرەتتە قىزىل گۈل ئۈنۈپ چىقىدۇ، ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇستازلىرىنى خاپا قىلغان ئادەم قىيامەتتە گۆرىدىن توڭغۇز سۈرىتىدە قوپۇپ دوزاقتا كۆيىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ھەم موللانى ھەرگىز خاپا قىلما، ئەگەر گەپكە قۇلاق سالماي يەنە ئەسكىلىك قىلساڭ مەندىنمۇ، موللاڭدىنمۇ ياخشىلىق كۆرمەيسەن، «جەننەتتىن چىققان كۆك تاياق يۈگۈرتىدۇ يالىڭاياق» دېگەندەك بولىسەن، - دېدى.

      ئۈچ كۈندىن كىيىن پۇتۇم يەر دەسسىگىدەك بولىۋىدى. دادام مېنى يەنە ئالدىغا سېلىپ مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى.

    • تەقسىر، ئوغلىمىز جاناپلىرىنى خاپا قىپتۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن پىقىرلىرى ناماقۇل، - دەپ قولىنى كۆكسىگە قۇيۇپ ئېڭىشتى دادام، - بۇندىن كىيىن يەنە شۇنداق قىلسا گەپ ئاڭلىمىغان قۇلىقىنى سوزايلى، بولمىسا مەكتەپكە كېلەلمەي قالىدىكەن... دادام موللامنىڭ پۇتۇمنى كاردىن چىقىرىپ قويماسلىقىغا ئەنە شۇنداق دالالەت بېرىپ قايتىپ كەتتى.

      مەن شۇنىڭدىن كىيىن زەي، چاڭ- توزانلىق بۇ كونا مەكتەپنى، سەپرا مىجەز پوقاق موللامنى، بولۇپمۇ ھېلىقى پۇتۇمنى سۇندۇرۇپ قويغىلى تاس قالغان ئۇزۇن ساپلىق چوماقنى يامان كۆرۈپ قالدىم. ئورنى كەلگەندە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مەن بۇ نەس چوماقتىن كېيىن ئۆچۈمنى ئالدىم،

      ئۆچ ئېلىشىم مۇنداق بولدى: ئاي راسا تولغان – بارات ئېيىنىڭ 14- كېچىسى ياشلار مەھەللە – مەھەللىدە بىر يەرگە يىغىلىپ تۈنەك كېچىسى ئۈتكۈزۈپ ساز چېلىپ، ناخشا ئېيتىشىدۇ ۋە سىرتقا چىقىپ تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئوينايدۇ، گۈلخان يېقىپ ئوت ئاتلايدۇ. كوچا ئۇيۇنلىرىنى باشلاش ئالدىدا ئۇزۇن خادىغا كىيدۈرۈلگەن ياغلىق قاپاققا ئوت يېقىپ، ئۇنى لاۋۇلدىتىپ، ئېگىز كۆتىرىپ ماڭىدۇ. ئۇلار بۇ ناھايىتى چوڭ مەشئەلنىڭ يورۇقىدا «ۋەششەمسى»نى ۋارقىراپ ئوقۇپ، كوچا ئايلىنىدۇ. بۇنى « ۋەششەمسى قىچقىرىش » دەپ ئاتايدۇ. مەن مانا شۇ تۈنەك كۈنى – ئاپپاق ئايدىڭ كېچىدە ساۋاقدىشىم ئابدۈك (ئابلاخان) بىلەن ئۇچراشتىم. ئۇ بەستلىك، قاۋۇل ۋە قارام بالا ئىدى. ئابدۈك ماڭا: « پوقاق موللامنىڭ چومىغىنى بۈگۈن يوقىتىمىز» دەپ قوشۇلدى، چۈنكى ئومۇ ئالتە قېتىم بۇ چوماقنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرگەن ئىدى. بۈگۈن ئۇنىڭ يەڭلىرى تۈرۈلگەن قولىدا بىر لاخشىگىر تۇراتتى. بىز ئىككىمىز يۈگۈرگەندەك مېڭىپ پوقاق موللام مەكتىۋى ئالدىغا كەلدۇق.

    • سەن ئۇياق- بۇياققا ماڭغاچ ئەتراپقا قاراپ تۇر، بىرەر كىشى كۆرۈنسە ھايت دە،- دېدى ئابدۈك ۋە مەكتەپ پەنجىرىسىنى قومۇرۇشقا باشلىدى. مەن بولسام سېپىل ياقىسىنى بويلاپ، ئۇيان- بۇيان يۈرۈپ كۈزەتچىلىك قىلدىم. ھەش- پەش دېگۈچە ئابدۈك پەنجىرىنى قومۇرۇۋەتتى ۋە چوماقنى ئېلىپ چىقىپ:
    • ھەي زۇنۇن، مەيەرگە كەل، - دەپ مېنى قىچقاردى.

    مەن يۈگۈرۈپ كەلگەن ئىدىم، ئۇ يەنە مەكتەپ ئىچىگە چۈشۈپ پالاقنى ئېلىپ چىقتى. بىز پەنجىرىنى ئورنىغا سېلىپ قويۇپ مەلىگە يۈگۈرۈپ كەتتۇق. ئابدۈك:

    • سەن ئاۋۇ ئوت ئاتلاۋاتقان بالىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئوت ئاتلاپ تۇر، مەن بۇنى تەييارلاپ كېلەي، - دېدى-دە، ئارقىسىغا يېنىپ ئۆز ئۆيى تەرىپىگە يۈگۈرۈپ كەتتى.

      مەن مەھەللىمىزدىكى بالىلارغا قوشۇلۇپ: « بارات كەلدى تۇيدۇڭلارمۇ، بىزگە قۇيماق قۇيدۇڭلارمۇ » دەپ ۋارقىراپ ئوت ئاتلاش بىلەن ئاۋارە بولدۇم. بىرنەچچە شوخ بالىلار خەقنىڭ ئۆگزىسىدىن قوراي ئوغرىلاپ كېلىپ تىنماي ئوت قالايتتى.

      ئابدۈك قايتىپ كەلدى. ئۇ پالاق ياغىچىنى چوماق سېپىگە تېڭىپ ئۇزارتىپ، چوماقنىڭ بېشىغا ئەسكى پاختا ئوراپ، ئۇنى ياغقا چىلاپ ئېلىپ كەپتۇ. بىز چوماقنىڭ ياغقا چىلانغان بېشىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ ئېگىز كۆتەرگەن ھالدا مەھەللىمىزدىكى ئۇششاق بالىلار بىلەن ئېگىز-پەس « ۋەششەمسى » قىچقىرىپ ماڭدۇق. لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان چوماقتىن بەزى-بەزىدە ئابدۈكنىڭ يۈزىگە قىزىق يەغ تامچىسى چاچراپ كۆيدۈرەتتى، ئۇ:

    • بۇ پاسكىنا چوماق كۈيۈپ تۈگەۋېتىپمۇ مېنى قىينىماقچى، ۋارقىراڭلار بالىلار، چىڭ-چىڭ ۋارقىراڭلار، - دەپ ئالغا قاراپ ماڭاتتى. بىز تاكى چوماقنىڭ بىشى كۆيۈپ ئۈزۈلۈپ چۈشكىچە كوچا ئايلاندۇق. شۇنداق قىلىپ بىز چوماقنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى كۆككى سورۇپ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالدۇق...

       قىش كۈنلىرى مەكتەپكە قالايدىغان كۆمۈرنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئېلىپ كېلەتتى. بىز ھەر كۈنى ئەتىگەندە جىلتا ئاسقان، قولتۇغىمىزدا بىر بارچە كۆمۈر قىستۇرۇلغان ھالدا مەكتەپكە كېلەتتۇق ۋە ئىشىكنىڭ سول تەرىپىدىكى بولۇڭغا كۆمۈرنى تاشلاپ، يۇقىرى تەرەپتىكى پاخال ئۈستىگە بېرىپ ئولتۇراتتۇق. قولىمىزنىڭ قارىسىنى چاپان ياكى كۆينەك پېشىگە سۈركىۋىتىپ، كىتاپلىرىمىزنى كېسەككە مىندۈرۈپ قويغان تاختاينىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ئاچاتتۇق-تە، باشلىرىمىزنى لىڭشىتىپ ئۈنلۈك ئوقۇشقا كىرىشەتتۇق. بۇ مەكتەپ بىرلا ئېغىز ئۆي ئىدى. بۇ يەردە قىرىق-ئەللىك بالا ئوقۇيتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئوقۇيدىغان دەرسلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايتتى. موللام نۆۋەت بىلەن چاقىرغاندا، بىر ياكى ئىككى بالا ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، كىتاپلىرىنى ئېچىپ دەرس ئالاتتى. بۇ بىر ئېغىز ئۆينىڭ بىر چېتىدە ئوتۇن، كۆمۈر، يەنە بىر چېتىدە ئوتۇن، كۆمۈر، يەنە بىر چېتىدە ئەسكى جوزا، بەندىڭ، سۈپۈرگە، گۈرجەك، تاختا بېشىدا كىتاپلار، موللامنىڭ ئەتراپىدا جازا قوراللىرى- سۇنۇچ ۋە باغلاقلىق تاياقلار تۇراتتى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.