خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 15

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-11 18:24:23

سەككىزىنچى باب: كۋانت ئامىلى«ناۋادا بىر ئادەم كۋانت نەزەرىيىسىدىن گاڭگىراشھېس قىلمىسا، ئۇنداقتا، ئۇ ئادەم كۋانت نەزەرىيىسىنى چۈشەنمىگەن بولىدۇ» ــــ نېلىس بور (دانىيىلىك فىزىكا ئالىمى)...



     

    سەككىزىنچى باب: كۋانت ئامىلى

    «ناۋادا بىر ئادەم كۋانت نەزەرىيىسىدىن گاڭگىراشھېس قىلمىسا، ئۇنداقتا، ئۇ ئادەم كۋانت نەزەرىيىسىنى چۈشەنمىگەن بولىدۇ»

                  ــــ نېلىس بور (دانىيىلىك فىزىكا ئالىمى)

    ئالدىنقى ئىككى بابتا يېشىپ چۈشەندۈرۈلگەن نۇقتىئىنەزەر، روھ ئادەتتىكى مەنىدىكى بىر شەيئى ئەمەس، مەلۇم ئورۇنغا، مۇئەييەن تەنگە ئىگە چىن نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر ھەقىقىي مەۋجۇدىيەت بولۇپ، تەبىئەتنىڭ تۈزۈلۈش دەرىجىسىدىكى بىر ئابستراكت «يۇقىرى قاتلام» ئۇقۇمىدىن ئىبارەت، دەپ قارايدۇ، روھ بىلەن تەننىڭ مۇناسىۋىتى پەلسەپىدىكى قەدىمىي سىر بولۇپ، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى كومپيۇتېردىكى قاتتىق دېتال بىلەن يۇمشاق دېتالنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ. لېكىن، روھ بىلەن تەننىڭ باغلىنىشى ئادەتتىكى كومپيۇتېردىكى يۇمشاق دېتال بىلەن قاتتىق دېتالنىڭ باغلىنىشىدىن زىچ بولىدۇ.

    قاتتىق دېتال بىلەن يۇمشاق دېتالنى، چوڭ مېڭە بىلەن روھنى ياكى ماددا بىلەن ئۇچۇرنى بىرلەشتۈرۈش خىيالى ئىلىم-پەن ئۈچۈن يېڭى ئەمەس، 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا، ئاساسىي فىزىكىدا بىر مەيدان ئىنقىلاب قوزغىلىپ، ئىلىم-پەن ساھەسىنى زىلزىلگە كەلتۈردى ھەمدە كىشىلەرنى تۇنجى قېتىم دىققىتىنى كۆزەتكۈچى بىلەن تاشقى دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىگە مەركەزلەشتۈرۈشكە مەجبۇر قىلدىي. ئۇ ئىنقىلابىي نەزەرىيە كۋانت نەزەرىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ، كېيىن ئۇ يېڭى فىزىكىنىڭ تۈۋرۈكى دەپ ئاتالدى، ئۇ ھازىرغا قەدەر كىشىنى ھەممىدىن بەك قايىل قىلىدىغان دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىن ئېتىپ، ئاڭنىڭ ماددىي چىنلىقىنىڭ ماھىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

    كۋانت نەزەرىيىسى ھازىر نەچچە ئون ياشقا كىردى، غەلىتە يېرى شۇكى، ئۇنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قاراشلىرى ـــ مۇشۇنچىۋالا ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن ئادەتتىكى ئاۋام ئارىسىغا سىڭىپ كىردى.

    (قىسقارتىلدى)

    گەرچە ھېچقانچە كەسپىي فىزىكا ئالىملىرى كۋانت نەزەرىيىسىنىڭ قانداق ئاجايىپ پەلسەپىۋى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى كۆڭۈل قويۇپ مۇلاھىزە قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن كۋانت نەزەرىيىسىنىڭ ھەقىقەتەن ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان خاراكتېرى ئۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاشكارىلىنىشقا باشلىغانىدى. كۋانت نەزەرىيىسى كىشىلەرنىڭ ئاتومنى ھەمدە ئاتومنىڭ تەركىبىنى تەسۋىرلىمەكچى بولغانلىقىدىن كېلىپ چىققان، شۇڭا ئۇ ئاساسلىقى مىكرو دۇنياغا چېتىلىدۇ.

    فىزىكا ئالىملىرى خېلى بۇرۇنلا، بەزى جەريانلار، مەسىلەن: رادىئو-ئاكتىپلىققا ئوخشاش جەريانلارنىڭ تاسادىپىي ئىكەنلىكى، مكلچەرلەشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلگەنىدى. گەرچە كۆپ ساندىكى رادىئوئاكتىپ ئاتوملار سىتاتىسىتىكا قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلسىمۇ، لېكىن مەلۇم كونكرېت ئاتوم يادروسىنىڭ قايسى ۋاقىتتا يىمىرىلىدىغانلىقىنى ئېنىق مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. بۇ خىل تۈپ ئېنىقسىزلىق بارلىق ئاتوملار ۋە ئىككىلەمچى ئاتوم ھادىسىسىگە چېتىلىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە بۇ ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈشتە قوللىنىدىغان نۇقتىئىنەزەرلىرىنى زور دەرىجىدە تۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئاتومنىڭ ئېنىقسىزلىقى 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا بايقىلىشتىن بۇرۇن، كىشىلەر بارلىق ماددىي ئوبېكتنىڭ ھەممىسى مېخانىكا قانۇنىغا ئەمەل قىلىدۇ. مېخانىكا قانۇنى پلانېتىلارنى ئىزچىل تۈردە ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلاندۇرىدۇ، ئوقنى نىشانغا قاراپ ئۇچتۇرىدۇ، دەپ قارايتتى. ئۇ چاغلاردا ئاتوم كىچىكلىتىلگەن قۇياش سىستېمىسى، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى دېتاللار توغرا ماڭىدىغان سائەتنىڭكىگە ئوخشاش ئايلىنىدۇ، دەپ قارىلاتتى. كېيىن بۇ قاراشنىڭ خىيالىي ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

    ئېنىقسىزلىق كۋانت نەزەرىيىسىدىكى تۈپ ئامىلدۇر. ئېنىقسىزلىق بىۋاستە ھالدا مۆلچەرلىگىلى  بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھەربىر ئىشنىڭ سەۋەبى بولامدۇ؟ بۇ سۇئالغا قارىتا، ھېچكىممۇ «يوق» دەپ جاۋاب بەرمەيدۇ. ئۈچىنچى بابتا سەۋەب-نەتىجە زەنجىرىنىڭ خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، خۇدانىڭ بارلىق شەيئىلەرنىڭ دەسلەپكى سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا قانداق قوللىنىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەنىدۇق. كۋانت ئامىلى ئېنىق ھالدا سەۋەب-نەتىجە زەنجىرىنى ئۈچۈپ تاشلىدى، كۋانت نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، سەۋەب يوق ئەھۋالدىمۇ نەتىجە بار بولۇشى مۇمكىن.

    (قىسقارتىلدى)

    كۆپ ساندىكى ئالىملار دانىيىلىك فىزىكا ئالىمى نېلس بورنىڭ باشلامچىلىقىدا، ئاتومنىڭ ئېنىقسىزلىقى ھەقىقەتەن تەبىئەتنىڭ ئۆزىگە خاس: مېخانىكىلىق ھەرىكەت پرىنسىپى ئادەتتىكى جىسىملارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ، مەسىلەن: كىچىك شار دېگەندەك؛ ئەمما ئاتومغا كەلگەندە، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق كېلىدىغىنى رۇلېتكا پرىنسىپىسىن ئىبارەت، دەپ قاراشتى. بىر داڭلىق زات ئالبېرت ئېينىشتېيىن بولسا بۇنىڭغا نىسبەتەن باشقىچە قاراشتا بولدى. ئۇ: «خۇدا شىشىخال تاشلىمايدۇ». نۇرغۇن ئادەتتىكى سىستېمىلار، مەسىلەن: پاي چېكى بازىرى ۋە ھاۋارايى ئەھۋالىنىمۇ مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. لېكىن ئۇلارنى مۆلچەرلىگىلى بولماسلىقىدىكى سەۋەب، بىزنىڭ بىلىمىمىزنىڭ تولۇق ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت. ئەگەر بىز بارلىق ئالاقىدار كۈچلەرنى تولۇق چۈشەنسەك، بارلىق سەۋەب ۋە نەتىجىنى مۆلچەرلىيەلىشىمىز (ھېچبولمىغاندا پرىنسىپ جەھەتتە) مۇمكىن، دېدى.

    بور-ئېينىشتېيىن تالاش-تارتىشى يالغۇزلا تەپسىلات جەھەتتىكى تالاش-تارتىش ئەمەس ئىدى. ئۇ كۋانت نەزەرىيىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىلىم-پەندىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك نەزەرىيىنىڭ پۈتكۈل ئۇقۇم قۇرۇلمىسىغا چېتىلاتتى. ئۇنىڭ يادروسى مۇنداق بىر مەسىلىدىن ئىبارەت: ئاتوم بىر نەرسىمۇ ياكى پەقەت كەڭ دائىرىدىكى كۆزىتىش نەتىجىسىنى چۈشەندۈرۈشتە قوللىنىلىدىغان بىرخىل ئابستراكت تەسەۋۋۇردىكى مۇلاھىزىدىن ئىبارەتمۇ؟ ناۋادا ئاتوم راستتىنلا بىر خىل مۇستەقىل ئەمەلىي گەۋدىدىن ئىبارەت بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ ھېچبولمىغاندا ئورنى بولۇشى ھەمدە ئېنىق ھەرىكىتى بولۇشى لازىم. لېكىن كۋانت نەزەرىيىسى مۇنداق قارىمايدۇ. كۋانت نەزەرىيىسى، ئاتوم پەقەت ئىككىسىدىن بىرىگە ئىگە بولالايدۇ، لېكىن ھەر ئىككىسىگە ئىگە بولالمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

    مانا بۇ داڭلىق ھېيزىنبېرگ (گېرمانىيىلىك فىزىكا ئالىمى) ئېنىقسىزلىق پرىنسىپىدىن ئىبارەت. ھېيزىنبېرگ كۋانت نەزەرىيىسىنىڭ بەرپا قىلغۇچىلىرىدىن بىرى. ئېنىقسىزلىق پرىنسىپىنىڭ مەنىسى شۇكى، سىزنىڭ بىر ئاتوم ياكى بىر ئېلېكترون، ياكى باشقا بىر نەرسىنىڭ قايسى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىسىز. سىزنىڭ ئورنى ۋە ھەرىكىتى ئېنىق ئاتومنى بىلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنىڭ ئكزى ئەھمىيەتسىزدۇر. سى زئاتوم قەيەردە دەپ سورىسىڭىز بولىدۇ ھەمدە بىر ئەھمىيەتلىك جاۋابقا ئېرىشىسىز. ياكى سىز ئاتوم قانداق ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ دەپ سورىسىڭىز بولىدۇ ھەمدە بىر ئەھمىيەتلىك جاۋابقا ئېرىشىسىز. ئەمما، «ئاتوم قەيەردە، ئۇ قانچىلىك تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ؟» دېگەن بۇ خىل سۇئالنىڭ جاۋابى يوق. ئورۇن بىلەن ھەرىكەت (قاتتق ئېيتقاندا ھەرىكەت مىقدارى) مىكرو زەررىچىلەرنىڭ رېئاللىقىنى تەشكىل قىلىدىغان، ئۆزئارا سىغىشمايدىغان ئىككى تەرەپتىن ئىبارەت. لېكىن، ناۋادا ئاتوم ئورۇنغا ئىگە بولمىسا ياكى ئەھمىيەتكە ئىگە ھەرىكىتى يوق  بولسا، بىزنىڭ ئۇنى «نەرسە» دەيدىغانغا يەنە قانداق ئاساسىمىز بار؟

    بور مۇنداق قارايدۇ، ئاتومنىڭ مۈجمەل دۇنياسى كۆزىتىلگەن چاغدىلا كونكېرت چىنلىققا ئايلىنىدۇ. كۆزەتمىگەن چاغدا، ئاتوم بىر ئەرۋاھقا ئوخشايدۇ. پەقەت سىز ئۇنى كۆرگەندىلا، ئۇ ئاندىن ماددىغا ئايلىنىدۇ. سىز نېمىنى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بەلگىلىۋېلىشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭ ئورنىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، سىز مەلۇم بىر ئورۇندىكى بىر دانە ئاتومنى كۆرەلەيسىز. ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، سىز مەلۇم بىر تېزلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئاتومنى كۆرەلەيسىز. ئەمما سىزنىڭ بۇ ئىككىسىنى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. كۆزىتىش پەيدا قىلغان چىنلىق كۆزەتكۈچى ھەمدە كۆزەتكۈچى قوللانغان ئۆلچەش ئۇسۇلىدىن ئايرىلالمايدۇ.

    ئەگەر سىز بورنىڭ دېگەنلىرىنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولمايدۇ، زىددىيەت بىلەن تولغان، قۇبۇل قىلغىلى بولمايدۇ دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا، ئېينىشتېيىنمۇ سىز بىلەن بىر قاراشتا. مەيلى بىز كۆزىتەيلى ياكى كۆزەتمەيلى، ئالەم ھەقىقەتەن ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋېرىدىغۇ؟ بارلىق شەيئىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئۆز سەۋەبى بولىدۇ، ئۇلار كۆزىتىلگەندىن كېيىن ئاندىن پەيدا بولۇپ قالمايدۇ، ئەجەبا مۇشۇنداق ئەمەسمۇ؟ دۇرۇس، بىزنىڭ كۆزىتىشىمىز ئاتومنىڭ چىنلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن، لېكىن قانداقسىگە بىزنىڭ كۆزىتىشىمىز ئاتومنىڭ چىنلىقىنى پەيدا قىلدى دېيەلەيمىز؟ ھەقىقەتەن، ئاتوم ھەمدە ئاتومنى تەشكىل قىلغۇچى تەركىبلەرنىڭ ھەرىكەت شەكلى ھەم مۇجمەل، ھەم ئېنىق ئەمەس بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇ پەقەت بىزنىڭ بۇ نازۇك تەرەپلەرنى تەكشۈرۈشىمىزنىڭ قاملاشمىغانلىقىدىندۇر.

    (قىسقارتىلدى)

    كۋانت نەزەرىيىسى چۈشىنىش ھەممىدىن قىيىن ھەم ھەممىدىن بەك تېخنىكا خاراكتېرىگە ئىگە پەنلەرنىڭ بىرى. بىزنىڭ بۇ يەردىكى قىسقىچە باھايىمىز پەقەت ئۇنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنىڭ بىر بۇرجىكىنىلا ئېچىپ، كىتابخانلارنى ئۇنىڭ ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان ئۇقۇملىرىنى چۈشىنىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بىراق، بۇ يەردىكى تېز سىزما شەكلىدىكى تەسۋىرلەشلەر كىشىلەرنىڭ ئالەم توغرىسىدىكى ساۋات خاراكتېرلىك قارىشى، يەنە ئوبېكتنى بىزنىڭ تەكشۈرىشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز، «ئاۋۇ يەردىكى» ھەقىقىي مەۋجۇت نەرسە دەيدىغان بۇ خىل قارىشىنىڭ كۋانت نەزەرىيىسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ھەقىقىي تۈردە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

    كۋانت نەزەرىيىسىنىڭ ئادەمنى گاڭگىرىتىدىغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرىنى بىر خىل ئۆزگىچە «دولقۇن-زەررىچە»دىن ئىبارەت قوش خۇسۇسىيەتتىن پايدىلىنىپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇ روھ-تەننىڭ ئىككى ياقلىمىلىقىنى كىشىنىڭ ئېسىگە سالىدۇ. «دولقۇن-زەررىچە»دىن ئىبارەت قوش خۇسۇسىيەتكە ئاساسلانغاندا، ئېلېكترون ياكى فوتۇنغا ئوخشاش مۇشۇنداق مىكرو ئەمەلىي گەۋدە بەزىدە زەررىچىگە ئوخشاش ھەرىكەت قىلسا، بەزىدە دولقۇنغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ دولقۇن ياكى زەررىچە ئىكەنلىكى، تاللىۋېلىنغان تەجرىبىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. زەررىچە بىلەن دولقۇن تامامەن ئوخشاش بولمىغان نەرسىلەردۇر، زەررىچە بولسا كىچىك بىر پارچە قۇيۇلدۇرۇلغان ماددىدىن ئىبارەت، دولقۇن  بولسا قانۇنىيەتلىك شەكلى يوق ھەرىكەت بولۇپ، تارقىلالايدۇ ھەم يوقىلىدۇ. بىرنەرسە قانداقسىگە ھەم زەررىچە، ھەم دولقۇن ھېسابلىنىدۇ؟

    بۇ يەردە يەنە تولۇقلاشچانلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلدۇق. روھ قانداقسىگە ھەم ئىدىيە، ھەم نېرۋا غىدىقلىنىشىدىن ئىبارەت بولالايدۇ؟ بىر رومان قانداقسىگە ھەم بى رھېكايە، ھەم بىر دۆۋە سۆز-جۈملىلەردىن ئىبارەت  بولىدۇ؟ دولقۇن-زەررىچىدىن ئىبارەت قوش خۇسۇسىيەت يۇمشاق دېتال-قاتتىق دېتالنىڭ ئىككى ياقلىمىلىقىغا ئوخشاش. زەررىچە تەرىپى ئاتومنىڭ قاتتىق دېتال تەرىپىدىن ئىبارەت ـــ بۇ ئۇششاق شارچىلار تىرىلدىغان ھالدا سوقۇلۇپ تۇرىدۇ. دولقۇن تەرىپى بولسا يۇمشاق دېتالغا، ياكى روھقا، ياكى ئۇچۇرغا باراۋەر، چۈنكى كۋانت دولقۇنى كىشىلەر بىلىدىغان ھەرقانداق تۈردىكى دولقۇنغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ھەرقانداق ئەمەلىي گەۋدە ياكى ماددا تەشكىل قىلغان دولقۇن ئەمەس، بەلكى بىلىم ياكى ئۇچۇرنىڭ دولقۇنىدىن ئىبارەت. ئۇ ئاتومنىڭ ئۆزىدىن تەشكىل تاپقان دولقۇن ئەمەس، بەلكى بىزگە بىزنىڭ ئاتومغا نىسبەتەن نېمىلەرنى چۈشىنەلەيدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ بېرىدىغان بىرخىل دولقۇندىن ئىبارەت. ھېچكىممۇ ئاتوم دولقۇنغا ئوخشاش تارقىلىپ كېتىدۇ دېمەيدۇ، لېكىن، تارقىلالايدىغىنى كۆزەتكۈچىنىڭ ئاتومغا نىسبەتەن چۈشەنچىسىدىن ئىبارەت. بىز جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ دولقۇنىنى بىلىمىز، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ دولقۇنى ماددىي دولقۇن ئەمەس، بەلكى ئېھتىماللىققا ئىگە دولقۇندىن ئىبارەت. جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ دولقۇنى ئەڭ كۈچلۈك بولغان جايدا، ئېغىر جىنايەت سادىر بولۇش ئېھتىمالى ئەڭ چوڭ بولىدۇ.

    (داۋامى بار)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خۇدا فىزىكا _