قارا كىتاب 12

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-18 17:31:03

قارا كىتاب 12ئورخان پامۇكئۇنداقتا بۇ ئايال بۇ يەرنىڭ تېلىفون نومۇرىنى نەدىن بىلگەن؟ غالىبنىڭ دادىسى بۇ مەسىلىگە قىزىقتى. خېلىن ئۇنىڭدىن سوراپ كۆرگەنمىدۇ؟-ياق،-دېدى خېلىن ھامما،- بۇنداق قىلىش...



      

    قارا        كىتاب 12

     

    ئورخان پامۇك

     

    ئۇنداقتا بۇ ئايال بۇ يەرنىڭ تېلىفون نومۇرىنى نەدىن بىلگەن؟ غالىبنىڭ دادىسى بۇ مەسىلىگە قىزىقتى. خېلىن ئۇنىڭدىن سوراپ كۆرگەنمىدۇ؟

    -ياق،-دېدى خېلىن ھامما،- بۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ ئويلايمەن. ھېلال خۇددى بىر توپ چېلىشچى چولپانلارنىڭ سەتچىلىكىنى ئاچقاندەك،  بىزنىڭ جەمەتنى سۆكۈپ ماقالە يېزىپ، گېزىتتە ئېلان قىلغاندىن باشلاپ ئۇنىڭ قىلغان ھەرقانداق بىر ئىشىغا ھەيران قالمايدىغان بولۇپ قالغان مەن. شۇڭا مەن ئويلايمەن، ئۇ بىرەر سەھىپىسىدە بىزنىڭ سەتچىلىكىمىزنى يېزىپ، ئوقۇرمەنلىرىنى قىزىقتۇرۇش مەقسىتىدە تېلىفون نومۇرلىرىمىزنى ئېلان قىلىۋەتكەن بولۇشى تامامەن مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھەر قېتىم ئاتا-ئانامنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئويلىغىنىمدا: ھازىر ھېلالنىڭ مېنى بىردىنبىر ھەيران قالدۇرالايدىغان خەۋىرى ـــ ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىپ ئوقۇشى ئۈچۈن بىزنىڭ ئۆينىڭ تېلىفون نومۇرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىۋېتىشى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بىزگە شۇنچىلىك ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلىش ئىكەنلىكىنى ئاستا-ئاستا تونۇپ يەتتىم.

    -ئۇنىڭ ئۆزى كوممىنىست بولغانلىقى ئۈچۈن بىزدىن نەپرەتلىنىدۇ،- دېدى يۆتىلىنى ئاران پەسلىتىپ، بىرتال تاماكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇۋالغان مېررى تاغا،- كوممۇنىستلار ئۆزلىرىنىڭ غەلبە قىلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى، شۇڭا ئۇلار تۈركىيىدە بىر مۇھاپىزەتچى پىيادە ئەسكەرلەر شەكلىدىكى رادىكال ئىنقىلاپ قوزغىماقچى، شۇڭا ھېلال ئۆزىنىڭ سەھىپىسىنى قورال قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ نىشانىغا يەتمەكچى بولۇشىۋاتىدۇ.

    -ياق،- خېلىن ھامما ھاياجانلاندى،- بۇنداق دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولىمىز.

    -رۇيا ماڭا شۇنداق ئېيتقان، مەنمۇ شۇنىڭدىن كېيىن بىلگەن،- مېررى تاغا شۇنداق دەپ بولۇپ يۆتەلمەي تۇرۇپ مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى،- ھېلالنىڭ فىرانسۇزچىنى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىشىمۇ، دەل ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىن زىيادە ئۈمىدلىنىپ كەتكەنلىكىدىن بولدى، ئۇ ئۆزىنى راستلا كەلگۈسىدە تۈركىيىدىكى پىيادە ئەسكەرلەر شەكلىدىكى رادىكال ئىنقىلابىي تەشكىلاتىنىڭ دېپلوماتىيە رەھبىرى ياكى بولمىسا تۈركىيىنىڭ فىرانسىيىدىكى باش ئەلچىسى بولىمەن دەپ قالدى. بېشىدا، مەن ئۆزۈمچە ئەزەلدىن چەت ئەل تىلى ئۆگۈنۈشنى خالىمايدىغان، كىچىكىدىنلا جەمئىيەت داشقانلىرى بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈپ، ئالتۇندەك ياشلىقىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇۋەتكەن بۇ ئوغلۇمدىن، ئاخىرى چەت ئەل تىلىنى بولسىمۇ ئۆگىنىدىغانغا باھانە چىقىپتۇ، دەپ خۇش بولغانىدىم. ئەمما، كېيىنچە ئۇنىڭ بارغانسېرى خۇدىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، رۇيانىمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەنىدىم.

    -نەدە بۇنداق ئىش بولسۇن، مېررى.- سۇزان ھامما دېدى،- رۇيا بىلەن ھېلال ئىزچىل كۆرۈشۈپ تۇردىغۇ، بىر-بىرسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشىدىغۇ، خۇددى بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئاكا-سىڭىللاردەك.

    -راست شۇنداق ئىش بولغان، شۇڭا ئۆزۈمنىڭ بىر قەدەم كېچىكىپ قالغانلىقىدىن ئۆكۈنىمەن،- دېدى مېررى تاغا،- ھېلال ئۆزىنىڭ تۈركىيە خەلقى بىلەن ھەربىي قوشۇنىنى ئازدۇرالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ سىڭلىسىنى ئازدۇرۇپ ئۇنى ھۆكۈمەتسىزلەردىن قىلىپ قويدى، مۇبادا كۈيئوغلۇم غالىب رۇيانى شۇلارنىڭ ئالۋاستى چاڭگىلىدىن تارتىپ چىقمىغان بولسا، رۇيانىڭ ھازىر قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ھېچكىم تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمىغان بولاتتى. ھازىرقىدەك بىخارامان ئۇخلاپ ياتقان كىشى رۇيا بولمىغان بولاتتى، ئەلۋەتتە.

    غالىب تىرنىقىغا قاراپ تۇردى. كۆڭلىدىن كۆپچىلىك رۇيانى راستلا ئاغرىپ يېتىپ قالدى دەپ ئويلاۋاتىدۇ، دېگەنلەرنى ئۆتكۈزدى شۇنداقلا مېررى تاغىنىڭ ھەر ئىككى-ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇشۇنداق شىكايەتلەردە قەستەن ئۆزىنى كۆرسىتىۋالىدىغاندەك ھېس قىلىپ قالدى.

    -رۇيا ئەسلىدە تۈرمىگىمۇ چۈشۈشى مۇمكىن ئىدى، نېمىلا دېمىگەن بىلەن ئۇ ھېلالدەك ئېھتىياتچان ئەمەستە،- دېدى مېررى تاغا ئەتراپىدىكىلەرنىڭ «ئاللاھ ساقلىسۇن!» دېگەنلىرىنى ئاڭلىمىغاندەك ھاياجانلىنىپ. ئۇ ھېلالنىڭ جىنايەت پاكىتلىرىنى كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇردى،- شۇنداق بولغاندا رۇيانىڭ ھېلالغا ئەگىشىپ ئاللىقانداق پارتىيە تەشكىلاتلارغا قاتنىشىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى، بىچارە رۇيانىڭ يەرلىك لۈكچەكلەر، زەھەر ئەتكەسچىلىرى، قىمارۋازلار، قارا جەمئىيەتنىڭ ئادەملىرى، كوكايىن چېكىدىغان ئاق ئورۇسلار ھەمدە ھېلال زىيارەت قىلىشنى باھانە قىلىپ ئاستىرتتىن قېتىلغان شۇ چۈشكۈنلەشكەن تاشلاندۇقلار بىلەن ئارىلىشىپ قېلىشىنىمۇ يوق دېگىلى بولمايتتى. شۇنداق بولغان بولسىدى، بىز قىزىمىزنىڭ خۇددى بۇ يەرگە پاسكىنا ئىپلاسلىقلارنى تېرىغىلى كەلگەن ئەنگىلىيىلىكلەر، چېلىشچى چولپانلارغا ئائىت خەۋەرلەرگە ئالاھىدە قىزىقىدىغان شۇ ھەمجىنىسلار، سەرراپلاردىكى كىشىلەرنىڭ كۆزىچىلا بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان ئامېرىكىلىق خوتۇنلار، ساختا سەنئەتكارلار، ياۋروپادا كىنو ئىشلەش ئۇياقتا تۇرسۇن ھەتتا پاھىشلىق قىلىشقىمۇ يارىمايدىغان يەرلىك چولپانلار، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ياكى ھۆكۈمەت پۇلىغا خىيانەت قىلىپ ھەربىيلىكتىن چېكىندۈرۈلگەن ھەربىي ئەمەلدارلار، زەھەر چېكىپ ئاۋازلىرى بۇزۇلغان ئەر ناخشىچىلار، كۈلقىز بولۇشنى خام خىيال قىلىپ ياشايدىغان شۇ كەمبەغەل ئائىلىنىڭ قىزلىرىدەك جەمئىيەتنىڭ داشقاللىرى بىلەن بىللە كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بايقىغان بولاتتۇق... رۇيانى ئويغانغاندىن كېيىن ماۋۇ دورىدىن ئازراق يېگۈزىۋەت.

    ئۇ غەلىتىلا بىر دورىنىڭ ئىسمىنى دەپ بولۇپ سۆزنى تۈگەتتى.

    -نېمە؟

    غالىب سورىدى.

    -زۇكامغا بەك ئىتتىك پايدىق قىلىدىغان دورا، يۆتەل دورىسى بىلەن بىللە ئىچكۈزسەڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ئالتە سائەتتە بىر قېتىم، ھازىر سائەت نەچچە بولدى؟ ئۇنىڭ ئويغىنىدىغان ۋاقتىمۇ بولغاندۇ؟

    سۇزان ھاممىنىڭ رۇيا تېخى تۇرمىدى، دېگىنىنى ئاڭلاپ، غالىب كۆڭلىدىن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى رۇيانى راستلا ئاغرىپ قېلىپ ئۇخلاۋاتىدۇ، دەپ ئويلاۋاتىدۇ دېگەنلەرنى يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزدى.

    -ئۇنداق ئەمەستۇ!- دېدى ئەسىما خانىم بىچارە داستىخاننى يىغۇستۇرغاچ. گەرچە موماي قاتتىق خاپا بولسىمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بوۋاينى دوراپ داستىخانغا ئاغزىلىرىنى، قوللىرىنى ئېيتىشاتتى.- ياق، مەن ھېلالنىڭ بۇ ئۆيدە بۇنداق چەتكە قېقىلىشىنى خالىمايمەن، ئۇ دېگەن ھازىر بىر داڭلىق شەخىس!

    مېررى تاغنىڭ گېپىگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ 55 ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان بۇ ئوغلى ئۆزىنى قالتىس ئادەم دەپ ھېسابلىغاچقا، 75 ياشتىن ئاشقان دادىسىنى يوقلاپمۇ كەلمەسمىش ھەتتا ئۆزىنىڭ تۇرۇشلۇق ئادرىسىنى ئېيتىپ بېرىشنى، دادىسى ياكى ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ، داۋاملىق ئۆزىگە چاپان يېپىپ تۇرىدىغان خېلىن ھاممىسىنىڭمۇ ئۆزىنى ئىزدەپ بېرىشىنى خالىماسمىش. ئۇ ئۆيىنىڭ تېلىفون نومۇرىنى دەپ بەرمىگەننى ئاز دەپ، تېلىفونىنىڭ سىمىنىمۇ تارتىۋېتەرمىش. غالىب مېررى تاغىسىنىڭ ئازابلانغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى ئادەت خاراكتېرىدىن بىر نەچچە تامچە يېشىنى زورلاپ چىقىرىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ قالدى. ئەمما دەل ئەكسىچە، مېررى تاغا غالىب ئەڭ قورقىدىغان يەنە بىر ئىشنى قىلىپ سالدى: مېررى تاغا غالىب بىلەن ھېلالنىڭ 22 يىللىق ياش پەرقىنى قىلچە ئېتىۋارغا ئالماستىن، ئۆزىنىڭ غالىبقا ئوخشاش ئەقىللىق، پىشقان، سالاپەتلىك بىر ئوغلىنىڭ بولۇشىنى ئىزچىل ئۈمىد قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىرقېتىم تەكىتلەپ ئۆتتى.

    22 يىلنىڭ ئالدىدا (يەنى ھېلال غالىبنىڭ ھازىرقى يېشىدىكى ۋاقتى)، ئۇ چاغدىكى غالىب بويىنىڭ ئېگىزلىكىدىن تولىمۇ بىئەپ ھېس قىلاتتى. بولۇپمۇ ئۇزۇن ئىككى بىلىكىنى ھەرىكەتلەندۈرگەندە ئۆزىنى تېخىمۇ كالامپاي ھېس قىلاتتى، ئۇ مېررى تاغىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى تۇنجى ئاڭلىغىنىدا، راستلا شۇنداق بولۇپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىپ ئۆزىنى ھەركۈنى سۇزان ھامما، مېررى تاغا ۋە رۇيا بىلەن بىللە كەچلىك تاماقتا ئولتۇرۇۋاتقاندەك تەسەۋۋۇر قىلغانىدى. بۇنداق قىلغاندا ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ مەززىسىز، رەڭسىز كەچلىك تاماق ئۈستىلىدە بىللە غىزالىنىشتىن قۇتۇلۇپ قالغان بولاتتى ـــــ غالىب ئاتا-ئانىسى بىلەن ھەر قېتىملىق تاماققا ئولتۇرغىنىدا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆينىڭ تۆت تېمىدىكى قەغەزنىڭ مەلۇم بىر بۇلۇڭىدىكى چېكىتكە قاراپ ئولتۇرۇشاتتى (ئاپىسى: چۈشتە ئېشىپ قالغان سوغۇق سەي بار، يەمسەن؟ غالىب: ياق، يېگۈم يوق. ئانىسى: سىزچۇ؟ دادىسى: نېمە؟). بۇنىڭدىن باشقا، غالىب يەنە بېشىنى قايدۇرۇپ، كۆزلىرىنى قاراڭغۇلاشتۇرىۋېتىدىغان ئىشنى ئويلاپ قالدى: ھەر پەيشەنبە كۈنى ئۇ ئۈستۈنكى قەۋەتكە رۇيا بىلەن ئوينىغىلى چىققىنىدا («مەخپىي تونېل»، «قارغۇ» ئويۇنلىرى)، ئۇنىڭ كاللىسىدا شۇنداق بىر ئويلار ياللىدە يېنىپ قالاتتى. ئەگەر گۈزەل سۇزان ھامما ـــ غالىب قېنىق كۆك رەڭدىكى ئۇخلاش كىيىمى كىيگەن سۇزان ھاممىسىنى بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە ئوغۇرلۇقچە كۆرۈپ قالغانىدى ــــ دەل ئۇنىڭ ئاپىسى بولغان بولسا (نەقەدەر ياخشى)؛ مېررى تاغا ــــ ئۇنىڭ ئافرىقىدىكى خەستەرلىك سەزگۈرەشتىسى ۋە قانۇنچىلىقتىكى ھېكايىلىرى غالىبنى ئىستىكىنى قوزغايتتى ـــــ دەل ئۇنىڭ دادىسى بولۇپ قالغان بولسا (نەقەدەر ياخشى بولاتتى)؛ ئۇنىڭ بىلەن تەڭتۇش رۇيا بولسا، دەل ئۇنىڭ قوشماق سىڭلىسى بولغان بولسا (ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، غالىب قورقۇنچلۇق خۇلاسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى-دە، ئارىسالدا بولۇپ خىياللىرىنى توختاتتى.)

    كەچلىك تاماق يىغۇشتۇرۇلۇپ بولغاندا، غالىب ئەنگىلىيە رادىئو-تېلىۋېزىيە ئىستانىسىنىڭ بىر ئادىمىنىڭ ھېلالنى ئىزدەپ تاپالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك كۆپچىلىكنىڭ، ھېلالنىڭ ھېچكىم بىلمەيدىغان شۇ تۇرۇشلۇق ئورنىنى ۋە تېلىفون نومۇرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتەك غۇلغۇلىسىنى قوزغىۋەتمىدى ھەمدە كۆپچىلىكنى ھېلالنىڭ پۈتۈن ئىستامبولدا زادى قانچە تۇرۇشلۇق ئورنىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ تەپسىلىي ئادرىسلىرىنى پەرەز قىلىپ ھەرخىل گەپ-سۆزلەرنى قىلىشىقىمۇ قىزىقتۇرالمىدى. ئارىلىقتا بىرى سىرتتا قار يېغىۋاتقانلىقىنى دېدى. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك تاماق ئۈستىلىدىن ئاستا تۇرۇشۇپ، ئۆزلىرىگە راھەت بولغان ئورۇنلارغا بېرىپ ئولتۇرۇشتى، دېرىزە پەردىلىرىنى قايرىپ، قاراڭغۇ، سوغۇق دېرىزىدىن ئاجىز قار ئۇچقۇنلىرى ئۇچۇۋاتقان بۇ چەت كوچىغا قاراشتى. تىمتاس، پاكىز يېڭى قار (ھېلال بۇرۇن «قەدىمقى روزا ئاي ئاخشىمى» دېگەن ماقالىسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەنزىرىنى يازغانىدى، ئەمما ئۇ بۇ ئارقىلىق كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن كونىلىقنى ئەسلەشنى ئەمەس، بەلكى مەسخىرە قىلىشنى مەقسەت قىلغانىدى!). غالىب ۋاسېفقا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا ماڭدى.

    ۋاسېف چوڭ كارىۋاتتا، غالىب ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇردى. ۋاسېف ئىككى قولى بىلەن مۆرىسىنى تۇتتى، كەينىدىن بېشىدىكى بىرتال ئاق چاچنى يۇلۇۋالغاچ غالىبتىن سورىدى:

    -رۇياچۇ؟

    غالىب مۇشتۇمىنى تۈگۈپ مەيدىسىگە ئۇرغاچ، يۆتىلىپ قويدى ۋە:

    -ئۇ ئاغرىپ قالدى، يۆتىلىپ قالدى،- دېدى ۋە كەينىدىن ئىككى قولىنى ياستۇق قىلىپ، بېشىنى يانتۇ قىلىپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى،- ئۆيدە ئارام ئېلىۋاتىدۇ.

    ۋاسېف كارىۋات ئاستىدىن چوڭ بىر دانە قەغەز يەشىكنى تارتىپ چىقاردى: ئۇنىڭ ئۆتكەنكى ئەللىك يىلدا يىغقان ژورناللىرى، گېزىتتىن قىيىۋالغان خەۋەرلىرىنىڭ جەۋھەرلىرى بولىشى مۇمكىن. غالىب ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى، خۇددى بۇرۇنقىدەك رۇيا ۋاسېفنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ئولتۇرۇۋاتقاندەك، مەلۇم بىر نەرسىلەرنى كۆرسەتكىنىچە خوشال كۈلۈشىۋاتقاندەك. ئۇلار قەغەز يەشىكنىڭ ئىچىدىن قولىغا چىققان رەسىمنى: يىگىرمە يىل بۇرۇن يۈزىنىڭ ھەممە يېرىگە ساقال ماغزىپى سۈركەپ، مەلۇم بىر ساقال مازغىپىنىڭ ئېلانىغا چىققان، كېيىن مۇسابىقىدە بىر بۇلۇڭ توپنى كاللىسى بىلەن توسۇپ، مېڭىسىگە قان ئۇيۇپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن مەلۇم داڭلىق پۇتبۇل چولپىنىنىڭ مەككارلارچە ھېجىيىپ تۇرغان سۈرىتى؛ بىر قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىشتە پۈتۈن بەدىنى قانغا چىلىنىپ ياتقان ئىراقنىڭ مەلۇم بىر رەھبىرى؛ مەشھۇر سېستسىلىيە خەلق مەيدانىدىكى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىنىڭ نەق مەيدان تەقلىدىي («بىر داڭلىق پولكوۋنېك پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئايالى تەرىپىدىن ئالدىنىپ يۇمشاقباش بولۇپ يۈرگىنىگە 20 يىل بولغانلىقىنى بايقاپ قالغان، پولكوۋنېك غەزەپ ئاچچىقىغا چىدىماي، ئايالى بىلەن ھېلىقى مۇخبىرنىڭ كەينىگە نەچچە كۈن ئەگىشىپ يۈرۈپ، ئاخىرى ماشىنىدىكى ئىككى ئادەمنى تاپانچىدا ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.» رۇيانىڭ ئاۋازى خۇددى رادىئو دراممىسى ئوقۇۋاتقاندەك چىقاتتى)؛ ماندېلا زۇڭلى قويۇۋەتكەن ئۆزىگە ئاتالغان تۆگىنىڭ سۈرىتى، سۈرەتتە، مۇخبىر بىلەن تۆگە ھېلالنىڭ كەينىدە ئىدى، ھېلالنىڭ كۆزلىرى ئاللىياقلارغا تىكىلگەنىدى. غالىب قايتماقچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇشغا، ۋاسېفنىڭ قەغەز يەشىكىدىكى ھېلالنىڭ ئىككى پارچە ماقالىسى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى: «ئالاۋىددىننىڭ دۇكىنى» بىلەن «جاللات ۋە يىغلاۋاتقان چىراي»، بۇلار غالىبنىڭ ئۇخلىيالماسلىقى مۇقەررەر بولغان كېچىلەردىكى ياخشى ھەمراھى ئىدى! ئۇ ۋاسېفقا ئانچە كۈچىمەيلا شەرەت قىلىپ ئۇقتۇرۇپ، ماقالىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئارقىدىن، غالىب ئەسىما خانىم سۇنغان قەھۋەنى رەت قىلغاندا، كۆپچىلىكمۇ ئۇنى بەك چۈشەندى: شۈبھىسىزكى، «ئايالىم ئۆيدە ئاغرىق يېتىپ قالغان» دېگەن ئىپادە ئۇنىڭ يۈزىدە تولىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانىدى. ئۇ يوغان ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازا ئالدىدا كۆپچىلىك بىلەن خوشلاشتى. ھەتتا مېررى تاغىمۇ «ئەلۋەتتە ئۇ ئۆيىگە قايتىشى كېرەك» دېدى. خېلىن ھامما يەردىن كوچىدىن تېپىۋالغان مۈشۈكى «كۆمۈرچاق»نى قولىغا ئالدى، ئۆينىڭ ئىچىدىن تېخىمۇ كۆپ تاپىلاشلار ئاڭلاندى: «ئۇنىڭغا ئېيت. چاققانراق ساقايسۇن، سەنمۇ ياخشى قارىغىن، رۇياغا بىزدىن سالام دېگىن، بىزنىڭ سالىمىمىزنى ئېيتىشنى ئۇنۇتما!»

    ئۆيگە قايتىش يولىدا، غالىب دۇكىنىنىڭ ئالدىدىكى تاختاينى چۈشۈرۈۋاتقان كۆزەينەكلىك كىيىم تىككۈچىنى ئۇچراتتى. مۇزلار ساڭگىلاپ تۇرغان كوچا چىراغلىرىنىڭ ئاستىدا ئۇلار سالاملاشتى-دە، بىللە مېڭىشتى.

    -مەن بەك كەچ قالدىم،- دېدى تىككۈچى، بەلكىم ئۇنىڭ قارلىق كېچىدىكى بۇ زېرىكىشلىك جىمجىتلىقنى بۇزغۇسى كەلگەندۇ،- ئايالىم ئۆيدە يالغۇز ئىدى، مېنىڭ كېلىشىمنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ.

    -سوغۇق.

    غالىب جاۋابەن شۇنداقلا دېدى. ئۇلار ئاياقلىرى ئاستىدىن چىققان قارنىڭ غاچى-غۇچ ئاۋازىنى ئاڭلىغاچ، غالىبنىڭ ئۆيىنىڭ دوقمۇشىغىچە بىللە مېڭىشتى. غۇۋا چىراغ نۇرى يورۇپ تۇرغان ھۇجرا ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن بىردە قار ئۇچقۇنداپ ئۆتسە، بىردە قاراڭغۇ بولۇپ تۇراتتى.

    مېھمانخانىنىڭ چىرىغى غالىب كەتكەن ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش گۇڭگا يورۇپ تۇراتتى، كارىدورنىڭ چىرىقىمۇ بۇرۇنقىدەكلا يېنىپ تۇراتتى. غالىب چاي چۆگۈنىنى ئوچاقنىڭ ئۈستىگە قويدى، پەلتويى بىلەن چاپىنىنى ئېسىپ قويۇپ، ھۇجرا ئۆيگە كىردى، غۇۋا چىراغ نۇرىدا ھۆل پايپىقىنى ئالماشتۇردى. ئۇ تاماق ئۈستىلىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، رۇيانىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇپ قويغان ئاخىرقى خېتىغا يەنە بىر قېتىم كۆز يۈگۈرتتى، خەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۇنىڭ كالىسىدا قېلىپ قالغان مەزمۇندىنمۇ قىسقا ئىدى: ئون توققۇزلا خەت!

     (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

    كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئورخان گۈليارە _