ھازىرقى بالىلار كارامەت (18)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-19 00:35:37

ۋەتەنپەرۋەر بولۇڭلارساۋاقدىشىم ئەخمەت:تەتىلدە بىزنىڭ ئىستانبۇلغا بېرىش-بارماسلىقىمىزنى سوراپسەن. دادام يىللىق دەم ئېلىش رۇخسىتى ئالالمايدىكەن. چۈنكى، بۇ يەردە يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقىلى تېخى بى...

     


    ۋەتەنپەرۋەر بولۇڭلار
     
     
    ساۋاقدىشىم ئەخمەت:
     
    تەتىلدە بىزنىڭ ئىستانبۇلغا بېرىش-بارماسلىقىمىزنى سوراپسەن. دادام يىللىق دەم ئېلىش رۇخسىتى ئالالمايدىكەن. چۈنكى، بۇ يەردە يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقىلى تېخى بىر يىل توشمىدى. ئاپام بىلەن بىزنى يازدا بىر ئاي تۇرۇپ كېلىشكە ئىستانبۇلغا ئەۋەتمەكچى بولدى. لېكىن، چوقۇم ئەۋەتىدۇ دېيەلمەيمەن، چۈنكى دادام بارمىسا، ئاپامنىڭ بارغۇسى يوق. دادام بۇ يەردە ئۆزى يالغۇز قالسا قىينىلىپ قالىدىكەن. ئەگەر بارساق ھامماملارنىڭكىدە تۇرىمىز. ئۇ چاغدا ئەلۋەتتە سېنى يوقلاپ بارىمەن.
     
    مەن ئۆتكەندە تولىمۇ قاملاشمىغان بىر ئىش قىلىپ قويدۇم، بۇنى ساڭا دېمىسەم زادى كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ. بۇ ئىشنى پەقەت مەتىنلا بىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىشنى ئىككىمىز قىلغان، ئەمدى سەن بىرىنچى بولۇپ ئاڭلايسەن.
     
    ئۆتكەن يەكشەنبە بوۋاملارنىڭكىگە بارغانىدۇق. ئۇلار بىزدىن خېلى يىراق بىر يەردە ئولتۇرىدۇ. بوۋام ياشىنىپ قالغاچقا، ئېگىز پەلەمپەيلەردىن چىقالمايدۇ. شۇڭا، ئۆزلىرىگە لايىق بىرىنچى قەۋەتتىن ئۆي ئىزدەپ تاپالمىغاچقا، بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە ئولتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئون سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپەي بىلەن چىقىدىكەن. مەن باشقۇچلارنى سانىمىدىم، لېكىن بوۋام ھەمىشە: «ئون سەككىز باسقۇچتىن نەچچە يەردە دەم ئېلىپ ئاران چىقتىم» دەيدۇ... نېمە ئۈچۈن پەلەمپەي باسقۇچلىرىنىڭ گېپىنى قىلغىنىمنى كېيىن چۈشىنىپ قالىسەن. ھېلىمۇ ياخشى، بوۋام تېخىمۇ ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئولتۇرماپتۇ، بولمىسا، گېزىتلەر بەلكىم ئۇ يەكشەنبە كۈنى بوۋاملارنىڭ بىناسىدا چوڭ بىر ھادىسە بولغانلىقىنى يېزىشار بولغىيدى.
     
    ھەدەم ئۇ كۈنى دوستلىرى كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن بىز بىلەن بىللە بارمىغانىدى. ئاپام، دادام، مەتىن تۆتىمىز ئاپتوبۇس بىلەن باردۇق. مومام بىزگە ناھايىتى ياخشى تاماقلارنى تەييارلاپتۇ. تاماقتىن كېيىن بوۋام بىلەن دادام ھەر قېتىمقىدەك سافادا بىر-بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچىشىۋاتاتتى. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا قىلىشقان پارىڭىغا قىزىقىپ يېنىدا ئولتۇردۇم. مېھمانخانىدا ئۈچىمىزدىن باشقا ئادەم يوق ئىدى. مەن گويا گېزىت ئوقۇۋاتقاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ سۆزىگە قۇلاق سالغاچ، ئۇلارغا كۆز قىرىمدا قاراپ قوياتتىم.
     
    بوۋام سىياسەتكە ناھايىتى قىزىقىدۇ. قاچانلىكى دادام بىلەن يالغۇز قالسا، سىياسەتتىن سۆز ئاچىدۇ. بولۇپمۇ چۈشلۈك تاماقلاردىن كېيىن شۇنداق. بوۋام چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن قەھۋەسىنى ئىچىۋېتىپ، ئىستاكاننى تۇتقان پېتى تۇرۇپلا ئۇيقۇغا كېتىدۇ. لېكىن، ئۇخلاشتىن ئاۋۋال دادامدىن سىياسەتتىن بىرەر نەرسىنى سوراپ قويىدۇ-دە، دادام جاۋاب بەرگۈچە خورەكنى باشلايدۇ. دادام بوۋامنىڭ ئۇخلىغىنىنى كۆرۈپ توختاپ قالىدۇ، لېكىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەيدۇ. چۈنكى، بېشى مەيدىسىگە چۈشكەن، يېنىغا قىيسايغان، ياكى كەينىگە غادايغان بوۋام يا بىر، يا ئىككى مىنۇتتىن كېيىن ئۆز خورىكىدىن ئويغىنىپ كېتىدۇ ۋە كۆزىنى ئېچىپلا: «ھە... ئاندىن؟» دەيدۇ.
     
    دادام يېنىدا بولمىسا، ھۆرمەتسىزلىك قىلدى دەپ، ناھايىتى خاپا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بوۋام ئۇيقۇغا كەتكەندە، دادام ئورنىدىن مىدىرلىمايدۇ.
     
    بوۋام ئۆزى بىر نەرسە دەۋېتىپ ئوخلاپ قالغان بولسا، ئويغانغاندا، دادامدىن: «قەيەرگە كەلگەنىدۇق؟» دەپ سورايدۇ. دادام سۆزنىڭ نەگە كەلگەنلىكىنى بىلىشكە مەجبۇر. ئۇ بەزىدە ئادىشىپ قالسا، بوۋام يەنە: «ياق، ئۇ يەرگە كەلمىگەن... نېمە دەۋاتاتتىم، نەگە كەلگەنىدۇق؟» دەپ سورايدۇ.
     
    شۇڭا، ئۇلار بەزىدە تالىشىپمۇ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنكى بۇ سۆھبىتى ماڭا بەكمۇ قىزىق تۇيۇلىدۇ. لېكىن، دادامنىڭ بۇ سۆھبەت بىلەن خۇشى يوق، ئامال قانچە، چىداپ ئولتۇرىدۇ.
     
    دادامنىڭ بوۋامغا ناھايىتى چوڭ ھۆرمىتى بولغاچقا، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ. ئۇ بوۋامنىڭ قول ئاستىدا زاپاس ئوفىتسېر بوپتىكەن. ھەيران قالارلىقى شۇكى، بوۋام پېنسىيىگە چىققان بىر پېشقەدەم بولسىمۇ، باشقىلار ئۇنىڭغا گويا ھازىرمۇ پولكوۋنىكتەك مۇئامىلە قىلىدۇ.
     
    بۇ يەكشەنبە كۈنىمۇ چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، بوۋام بىلەن دادام مېھمانخانىدا قەھۋە ئىچىشىپ ئولتۇراتتى، بوۋام:
    - نېمە يېڭى خەۋەر بار؟ دۆلەت ئەھۋالىغا قانداق قارايسەن؟- دېدى.
     
    دادام بىر نېمىلەرنى دەۋاتقىنىدا، بوۋام ھەر قېتىمقىدەك خورەك تارتىپ ئۇخلىغىلى تۇردى. بىر پەستىن كېيىن بېشى مەيدىسىگە چۈشۈپ كەتكەندە، چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى-دە، خۇددى ئۇخلاپ قالغىنىنى چاندۇرغۇسى كەلمىگەندەك:
    - خوپ، بۇ ئەھۋالدا سېنىڭچە گېرمانىيىلىكلەر قانداق قىلار؟- دەپ سورىدى.
     
    ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدە گېرمانىيىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغانىدى. دادام گويا گېرمانىيىلىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلىنى سۆزلىشىۋاتقاندەك، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
    - گېرمانلار ناھايىتى كۈچەيدى، چۈنكى گېرمانلار...
     
    بوۋام يەنە ئۇيقۇغا كەتكەنىدى، دادام توختاپ قالدى. ئۇ قولىدىكى گېزىتنى كەلگەن يېرىدىن ئوقۇشقا باشلىغانىدى، بوۋام ئۆز خورىكىدىن چۆچۈپ كېتىپ:
    - بۇنىڭغا نىسبەتەن ئامېرىكىلىقلار قانداق قىلار؟- دەپ سورىدى.
     
    مەن گېزىتنى دالدا قىلىۋېلىپ، كۈلۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزۈمنى تەستە تۇتۇۋالدىم. دادام ناھايىتى جىددى سۆزلەيتتى:
    - ئامېرىكىلىقلار دۇنياغا ھاكىم. ئامېرىكا ئارمىيىسى...
     
    پاراڭ مانا مۇشۇنداق داۋاملىشىپ كېتىۋېرەتتى. بوۋام بەزىدە ئويغىنىپ، ھېچكىمنىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان بىر دۆلەتنىڭ ئىسمىنى ئېيتقاندا، داداممۇ ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالاتتى.
    - بۇ ئىشقا پاپا نېمە دەيدۇ؟ سەن پاپىغا قارا، ئۇ نېمە دەۋاتىدۇ؟
    - ھە... پاپا... يەنى پاپا ھاكىمىيىتى، ئۇ ناھايىتى كونا ھاكىمىيەت. كېيىن ئۇ...
     
    ھەر ھالدا بوۋامنىڭ ئۇيقۇسى ئېچىلغان بولسا كېرەك، سۆزىنى ئۆزگەرتىپ، تۈركىيىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشىنى سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇ تۈركىيىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئېكىسپورتى بىلەن تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى. ئۇ خېلى ئۇزۇن سۆزلەپ بىر يەرگە كەلگەندە ئاچچىقلاپ:
    - قۇلۇلە ئېكىسپورتى بىلەن تەرەققىي قىلالمايدۇ، قۇلۇلە...- دېدى.
     
    ئۇ بىر-ئىككى قېتىم «قۇلۇلە» دەپ تەكرارلىدى، ئاندىن ئاۋازى ئاستىلاپ يەنە ئۇيقۇغا كەتتى ۋە دادام گېزىتنى قولىغا ئېلىشىغا يەنە ئويغىنىپ:
    - قەيەرگە كەلگەنىدۇق؟- دەپ سورىدى.
    - قۇلۇلىگە كەلگەنىدۇق.
    - نەنىڭ قۇلۇلىسى؟
    - بىزنىڭ قۇلۇلىلىرىمىز... چەت ئەلگە ساتىدىغان...
    - ھە، شۇنداق... قۇلۇلە... قۇلۇلىچىلىك بىلەن تەرەققىي قىلغىلى بولمايدۇ. بىز ئەسلىدە تاماكا، پاختا، ئورمان ياڭىقىغا ئوخشاش نەرسىلەر... ۋە ئاشلىق... چۈنكى بىز ئاشلىق، تاماكا، ئورمان ياڭىقى ئىشلەپ چىقىرىمىز...
    بوۋامنىڭ يەنە بېشى چۈشۈپ كەتتى ۋە ئويغىنا-ئويغانماي:
    - نەگە كەلگەنىدۇق؟- دەپ سورىدى.
    - ئورمان ياڭىقى ئىشلەپ چىقىرىش ھەققىدە سۆزلىشىۋاتاتتۇق...
     
    شۇ چاغدا دەرۋازىنىڭ قوڭغۇرىقى چېلىندى. يۈگۈرۈپ چىقىپ دەرۋازىنى ئاچتىم، چىرايلىق كىيىنگەن مويسىپىت بىر كىشى دەرۋازا ئالدىدا تۇراتتى. بوۋامنى سورىۋىدى، مەن دەرھال بارلىقىنى ئېيتتىم ۋە بوۋامغا خەۋەر قىلدىم. دەرۋازا ئالدىغا كەلگەن بوۋام:
    - مەرھەمەت، ئەپەندى، ئۆيگە كىرىڭ... سىزنى بۇياققا قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى!- دەپ مېھماننى قارشى ئالدى.
     
    مېھمان قولىدىكى قىزىل لېنتا بىلەن چىرايلىق تېڭىلغان يوغان بىر قۇتىنى ماڭا بەردى. ئۇلار مېھمانخانىغا كىرىشتى. مەن قۇتىنى مومامغا بەردىم. شۇ چاغقىچە كۆرۈنمىگەن مەتىن بىردىن پەيدا بولۇپ قالدى. قۇتىنى ئاچتۇق، كاشتان كونسېرۋاسى ئىكەن... خۇش بولۇپ كەتتىم.
     
    كەلگەن كىشىنى دەرۋازىدا كۆرۈپ تونۇغاندەك قىلغانىدىم، لېكىن كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئاڭقىرالمىدىم. مېھمانخانىغا كىرىپ بىر چەتتە ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدىم. بۇ كىشىنى قەيەردە كۆرگەندىمەن، دەپ ئويلاپ، ئاخىر ئاۋازىدىن تونۇۋالدىم. ھازىر ئېيتسام، ئۇنى سەنمۇ تونۇيسەن. كىملىكىنى بىلەمسەن؟ ئۆتكەن يىلى جۇمھۇرىيەت بايرىمىدىن ئىلگىرى مەكتەپكە بىر ئاخبارات خادىمى كېلىپ بىزگە جۇمھۇرىيەت توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەنىدى، ئېسىڭدە بارمۇ؟ بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئىككىنچى سىنىپىدا ئۇ كىشىنىڭ نەۋرىسى بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كەپتىكەن. ئۇ ناھايىتى مەشھۇر ئاخباراتچى ئىكەن. بىزنىڭ مۇدىر ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، قىزغىن قارشى ئالدى. شۇ كۈنى قىلغان سۆزلىرى تېخىچە ئېسىمدە. ئۇ: «بالىلىرىم، ۋەتەنپەرۋەر بولۇڭلار، ۋەتىنىڭلارنى ئىنتايىن سۆيۈڭلار، ۋەتىنىڭلارنى ياخشى چۈشىنىڭلار، چوڭ بولغاندا ئاناتولىيىنى يېزىمۇيېزا ئارىلاپ چىقىڭلار، نامرات جايلاردا ئىشلەڭلار. بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۈمىدى سىلەردە.» دېگەنىدى. بۇ سۆزلەر ھازىرغىچە قۇلىقىمنىڭ تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ. ئۇ يەنە: «نامرات ئاناتولىيىگە مەدەنىيەت چىرىقىنى سىلەر ياقىسىلەر» دېگەنىدى. ئۇ سۆزلىگەندە شۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ كەتتىمكى...
     
    بۈگۈن كەلگەن مېھماننىڭ شۇ كىشى ئىكەنلىكى ئېسىمگە كەلگەندە، ئۆزۈمنى تۇتالماي:
    - مەن سىزنى تونۇيمەن، ئۆتكەن يىلى سىز ئىستانبۇلدا مەكتىپىمىزگە كەلگەنىدىڭىز...- دېدىم.
    - شۇنداق... نەۋرەم ئوقۇيدىغان مەكتەپ.
     
    ئاغزىدىن بال تامدۇرۇپ سۆزلەيدىغان بۇ كىشىنىڭ سۆزىنى يەنە ئاڭلاش ئۈچۈن بىر چەتكە ئۆتتۈم. ئاندىن نېمە بولغانلىقىنى بىلەمسەن، ئەخمەت؟ ماڭا نىسبەتەن بىر قورقۇنچلۇق چۈش... بۇ كىشىنىڭ بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ ھەربىيدە زاپاس ئوفىتسېرلار ئوقۇتقۇچىسى بوپتىكەن. ئۇ شەھەر بالىسى بولغاچقا، يېزا ھاياتىغا كۆنەلمەپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆيلەنگەن بولۇپ، خوتۇنى ئامېرىكىلىق ئىكەن. ياش خوتۇنىنى ئاناتولىيە يېزىلىرىغا ئېلىپ بېرىشنى لايىق تاپماپتۇ. شۇڭا، بۇ كىشى مۇھىم ئورۇنلاردىكى تونۇشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئوغلىنى ئىستانبۇلدىكى بىر مەكتەپكە يۆتكەپتۇ. بىراق، ئۆيى بىلەن مەكتەپنىڭ ئارىلىقى ماشىنا بىلەن بىر سائەتلىك يول بولغاچقا، ھەر كۈنى ئۆيدىن مەكتەپكە بېرىش-كېلىش ئوغلىغا بەك تەس كېلىدىكەن. ئۇنىڭ ئۆيىگە يېقىن بىر نەچچە مەكتەپ بار ئىكەن. بۇ كىشى ئوغلىنى بۇ يېقىن مەكتەپلەرنىڭ بىرەرىگە يۆتكەش ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەپتىكەن. شۇڭا، بوۋام بىلەن كۆرۈشكىلى كەپتۇ. ئۇ ئەنقەرەدە بۇ ئىشنى قىلالايدىغان بىرىنىڭ بوۋامنىڭ يېقىن بۇرادىرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپتۇ. بوۋام ئۇ بۇرادىرىگە دەپ قويسا، بۇ ئىش ئاسان ھەل بولىدىكەن.
     
    بۇ كىشى بۇلارنى دېگەندە قېنىم قىزىدى، ئەخلاقسىزلىق بولامدۇ، نېمە بولسا بولسۇن، چىدىيالماي:
    - بىراق، ئەپەندى، نامرات ئاناتولىيىگە مەدەنىيەت چىرىقىنى كىم ياقىدۇ؟- دېدىم.
    يا ئاڭلىمىدى، يا ئاڭلىماسقا سالدى بولغاي:
    - نېمە دېدىڭىز، قىزىم؟- دېدى.
    دادام ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ:
    - يۈگۈر، قەھۋە ئەپكىر!- دەپ مېنى يېنىدىن كەتكۈزۈۋەتتى.
     
    قەھۋەنى ئەكىرىپ بېرىپ چىقىپ كەتتىم.
     
    قارىسام، مۇنچىدا كىر يۇيۇلۇۋېتىپتۇ. ھېچكىمگە كۆرسەتمەي، ئىككى توقاچ سوپۇننى قىزىق سۇ قۇيۇلغان ساپال كۈپكە تاشلىۋەتتىم. سوپۇنلار بىر پەستىلا سۇدا ئېرىپ بولدى. ئاندىن ھېچكىمگە تۇيدۇرماي كۈپنى ئىشىك ئالدىغا ئاچىقىپ، پەلەمپەي باسقۇچلىرىغا سوپۇن سۈيىنى بولۇشىغا تۆكتۈم، تۆككەندىمۇ، ئۆزۈم تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشمەي دەپ، تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ تۆكتۈم. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام، مەتىن يۇقىرىدا ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ.
    - پەلەمپەينى سۈرتۈۋاتامسەن؟- دېدى ئۇ.
    - قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر ئازدىن كېيىن بىلىسەن. لېكىن، ھەرگىز بىرىگە دېگۈچى بولما!- دېدىم.
     
    باشقا بىرى كەلسە، ئۇنى خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئوچۇق ئىشىكنىڭ ئالدىدا كۈتۈپ تۇراتتۇق.
     
    مېھمان چىقىپ كېلىۋاتاتتى. بىز ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتۇق. بوۋام بىلەن دادام مېھماننى ئۇزىتىپ ئىشىككىچە كېلىپ قول ئېلىشىپ خوشلاشتى.
    - خۇداغا ئامانەت، ئەپەندى...
    - خەي-خوش...
    - خىزمىتىڭىز بولسا كۈتىمەن، ئەپەندى.
     
    مېھمان «ئەپەندى»نى تولۇق ئېيتالماي، سۆزىنىڭ يېرىمى ئاغزىدا قالدى. ئۇ خوشلىشىش ئۈچۈن بىر قولىنى ھاۋاغا كۆتۈرۈۋېدى، دەل شۇ چاغدا تېيىلىپ كېتىپ، ئۇسسۇل ئوينىغاندەك، قوللىرىنى ھەررەڭ-سەررەڭ پۇلاڭلىتىپ يىقىلىپ چۈشتى. بوۋام بىلەن دادام ئۇنىڭ يىقىلىپ چۈشكىنىنى كۆرمەي ئۆيگە كىرىپ كەتكەنىدى. بوۋام دادامدىن:
    - ئوغلۇم، ئۇياق پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كېتىۋېتىپ ئۇسسۇل ئوينىغاندەك قىلىپ كەتتىغۇ، نېمە بولدى؟- دەپ سورىدى.
    - ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغان بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن خۇشاللىقتا ئۇسسۇل ئويناپ كەتكەن بولسا كېرەك،- دېدىم مەن شۇئان.
     
    ھېلىقى كىشىنىڭ كېيىنكى ئەھۋالىنى كۆرۈش ئۈچۈن مەتىن ئىككىمىز بالكونغا چىقىپ قارىدۇق، بىنانىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ يەرگە سۇنايلىنىپ يېتىپتۇ. خۇسۇسىي ماشىنىسى دەرۋازىدا كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. شوپۇرى ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشتى-دە، بۇ چوڭ يازغۇچىنى ياتقان يېرىدىن تۇرغۇزۇپ، قولتۇقلاپ ماشىنىغا سالدى. بۇ چاغدا مەتىن كۈلۈپ يەردە دومىلاپ كەتتى. مەتىنگە ئىشىنىمەن، ئۇ ھېچكىمگە ئېيتمايدۇ. لېكىن، بولغۇلۇق بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئىچىمگە بىر قورقۇنچ كىرىۋالدى. بۇ ئادەمنىڭ بېشى يېرىلغان بولسا... نېمىلا بولسۇن ئاسان قۇتۇلدۇق.
     
    كېيىن مېھمانخانىغا كىرسەم، بوۋام يەنە ئۇخلاۋېتىپتۇ. دادام بولسا گېزىت ئوقۇپ ئولتۇرۇپتۇ. بوۋام ئويغىنىپ:
    - قەيەرگە كەلگەنىدۇق؟- دەپ سورىدى.
    - ھېچ يەرگە كەلمىدۇق،- دېدى دادام،- سىز ھېچنېمە دېمىگەنىدىڭىزغۇ؟
    - شۇنداق، مەن گەپ قىلمىغانىدىم. خوپ، سېنىڭچە بۇ ئاتوم ئۇرۇشى بولارمۇ؟
     
    دادام بىر نېمىلەرنى دېگەندىن كېيىن بايىقى كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىدى.
    - قوي ئۇنى،- دېدى بوۋام،- ھەر دەۋردە تۆت پۇتلاپ...
    مەنمۇ دەرھال سۆز ئارىلاپ:
    - بوۋا، ئۇنىڭ ئوغلى ھەققىدە بۇرادىرىڭىزگە ئېيتامسىز؟- دەپ سورىدىم.
    - كىشىنىڭ يۈزى چىدىمايدۇ، قىزىم، ۋەدە بەردىم، ئېيتىمەن-دە...
     
    بوۋام ئورۇندۇقتا ئازادە تاشلىنىپ ئولتۇرۇپ، قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى. داداممۇ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ مېھمانخانىدىن چىقتى...
     
    ئۆتكەن قېتىم خەتنى ئۇزۇن يازغىنىڭنى ئېيتقانىدىڭ، قارا، مەن سېنىڭكىدىنمۇ ئۇزۇن يېزىۋەتتىم. 
     
    ساڭا ۋە پۈتۈن ساۋاقداشلىرىمغا سالام، ھەممىڭلارغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.
     
     
    زەينەب يالقىر
    1964-يىلى 14-يانۋار، ئەنقەرە
     
     
    ئىزاھات:
     
    مەن ئېيتقان مەشھۇر ئاخباراتچى ئۆتكەن يىلى مەكتىپىمىزدە سۆزلىگەندە شۇنداق ھاياجانلانغان ئىدىمكى، ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلىۋەتكەنىدىم، لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق نۇتۇقلارنى مەيلى كىم سۆزلىسۇن، ئىككىنچى يىغلىمايمەن.
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.