ھازىرقى بالىلار كارامەت (27)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-27 23:28:43

بالىلار بايرىمىدىكى كۆڭۈللۈك كېچەساۋاقدىشىم زەينەب:16-مارتتىكى خېتىڭدىن كېيىن يوللىغان ئاتكىرتكاڭدا: «خەتنى كېچىكتۈرۈپ يازغانلىقىم ئۈچۈن خاپا بولۇپ خەت يازمىدىڭمۇ؟» دەپسەن. ياق، خاپا بول...

     



    بالىلار بايرىمىدىكى كۆڭۈللۈك كېچە
     
     
    ساۋاقدىشىم زەينەب:
     
    16-مارتتىكى خېتىڭدىن كېيىن يوللىغان ئاتكىرتكاڭدا: «خەتنى كېچىكتۈرۈپ يازغانلىقىم ئۈچۈن خاپا بولۇپ خەت يازمىدىڭمۇ؟» دەپسەن. ياق، خاپا بولمىدىم. نېمىشقا خاپا بولاي؟ بىز «23-ئاپرېل» كۆڭۈللۈك كېچىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتاتتۇق، بۈگۈن، ئەتە يازىمەن دەپ كېچىكىپ كەتتى. ئاخىر كۆڭۈللۈك كېچىنى تۈنۈگۈن ئۆتكۈزدۇق. ئەمدى ئارام ئېلىپ، بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن.
     
    تۈنۈگۈنكى كۆڭۈللۈك كېچە بەك ياخشى بولدى. نېمە ئۈچۈن ياخشى بولغانلىقىنى بىلەمسەن؟ قاملاشتۇرالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن... ئەڭ چوڭ قاملاشتۇرالماسلىق مەندىن بولدى.
     
    كۆڭۈللۈك كېچە تەييارلىقىغا كۆپىنچە ئۈچىنچى سىنىپ مۇئەللىمى مەسئۇل ئىدى. مۇزىكا مۇئەللىمىمىز بولسا ناخشا-ئۇسسۇللارنى تەييارلايتتى. بىزنىڭ سىنىپ تەربىيىچىمىز كۆڭۈللۈك كېچە ئۈچۈن بىر سەھنە ئەسىرى يازدى.
     
    مەن بىلىدىغان چوڭلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆز ئىشلىرىنى ياقتۇرمايدۇ، باشقا ئىش قىلىشنى خالايدۇ. مەسىلەن، دادام ئەگەر ساۋاتى بولسا، چوڭ شائىر بولاتتىكەن، ھازىرمۇ ۋاقىت تاپسىلا شېئىر يازىدۇ. تېخنىك بولغان تاغاممۇ دوختۇرلۇققا قىزىقىدۇ.
     
    بىزنىڭ سىنىپ تەربىيىچىمىزنىڭمۇ يازغۇچى بولغۇسى بار ئىكەن. بىزگە دەرسلەردە بىر نەچچە قېتىم: «يازغۇچى بولاتتىم، لېكىن، پۇرسەت يار بەرمىدى» دېگەن.
     
    مېنىڭ بىلىشىمچە، ھەممە كىشىنىڭ كۆزى ئۆز مەشغۇلىيىتىدىن باشقا بىر ئىشتا.
     
    مۇدىرىمىز گېزىت-ژۇرناللاردا بېسىلغان سەھنە ئەسەرلىرىدىن بىرىنى تاللاشنى ئېيتتى. لېكىن، سىنىپ تەربىيىچىمىز بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ياقتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزى يازدى. ئۇ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بىر سەھنە ئەسىرى ئىدى. قىسقىچە مەزمۇنىنى ئېيتىپ بېرەي: ناھايىتى يامان بىر بالا بولۇپ، ئاتا-ئانىسىغا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمايدۇ. ئوقۇشتىن، ئىشتىن قېچىپ، ئاخىر لۈكچەك بولۇپ كېتىدۇ. ئوغرىلىق قىلىدۇ. ئاپىسى بۇ دەردلەرگە چىدىماي ئۆلۈپ كېتىدۇ. بالا ھەمىشە دادىسىدىن پۇل سورايدۇ، بەرمىسە ئۇرىدۇ. ئاخىر بىر جىنايەت بىلەن تۈرمىگە چۈشىدۇ. جازا مۇددىتىنى پۈتتۈرۈپ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئەقلىنى تېپىپ، دادىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «جېنىم دادا، مەن سېنىڭ تەربىيىلىرىڭنى ئاڭلىماي مۇشۇ ئەھۋالغا قالدىم. ئەمدى ئەقلىمنى تاپتىم. مېنى كەچۈر» دەپ يالۋۇرىدۇ، ياشانغان دادىسىمۇ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ: «ئاتا ئوغلىنى ھەر ۋاقىت كەچۈرىدۇ، مەن كەچۈردۈم، خۇدامۇ كەچۈرگەي، ئوغلۇم...» دەيدۇ. لېكىن، زىيادە ھاياجانلىنىپ كېتىپ، يىقىلىپ شۇئان ئۆلۈپ كېتىدۇ.
     
    سەھنە ئەسىرى ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئىدى. سىنىپتا ئوقۇلغاندا ھەممىمىز كۆز يېشى قىلىشتۇق.
     
    مەن مۇئەللىمگە:
    - كۈلكىلىك بىر ئويۇن بولسا ياخشى ئەمەسمىدى، مۇئەللىم،- دېدىم.
    - ھەممە ئىشنى قاملاشتۇرۇۋېتىسەن-ھە، ئەخمەت... قىزىقچىلىق قىلاي دەۋاتامسەن؟- دېدى مۇئەللىم.
     
    لېكىن، مەن باشقا بىر نەرسە دېمەكچى، يەنى يۈزىمىزگە ساقال-بۇرۇتلارنى چاپلاپ، چوڭ ئادەملەرنىڭ روللىرىغا چىققىنىمىزدىن، سەھنىگە ئۆز يېشىمىزغا لايىق روللاردا چىقساق، مەكتەپ تۇرمۇشىمىزدىن بەزى كۆرۈنۈشلەرنى ئېلىپ چىقساق، تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ، دېمەكچى ئىدىم. لېكىن، بۇنى مەن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇقتۇرالمىدىم.
     
    ئىلگىرىكى كۆڭۈللۈك كېچىلەردە، يالغان ساقال چاپلىۋالغان بالىلار سەھنىدە سېرك قىزىقچىلىرىدەك تۇرىدىغانلىقىنى كۆرگەنىدىم. ئۇلار قانچە ئېچىنىشلىق گەپلەرنى قىلسا، شۇنچە قىزىق بولاتتى ۋە تاماشىبىنلار شۇنچە كۈلەتتى. بۇنداق بولغاندىن كۆرە، تۈزلا بىر كومېدىيە ئويناپ چىقساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، دېمەكچى ئىدىم، لېكىن، مۇئەللىمنىڭ ئەيىبلىشى بىلەن گەپ قىلالماي قالدىم.
     
    مەن مەزمۇننى يىغىنچاقلاپ ئېيتقان بۇ ئويۇندا بەش رول بار. سىنىپ تەربىيىچىمىز تەكلىپىمگە خاپا بولمىغان بولسا كېرەك، ماڭا:
    - يامان بالىنىڭ رولىنى سەن ئال، ياخشى ئېلىپ چىقىسەن. بۇ دەل ساڭا باب كېلىدىغان بىر رول...- دېدى.
     
    دېمىر مېنىڭ دادام، مىنە بولسا ئاپام بولاتتى.
     
    سەھنە ئەسىرىنى يادلىدۇق، سەھنىدە رەپىتىس قىلدۇق. ئاخىرقى رەپىتىس كۈنى قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتتى. خەۋىرىڭ بار، يامغۇر توختىماي يېغىۋەرسە، ئۆگزىدىن تامچە ئۆتۈپ كېتەتتى. ئۇ كۈنى گويا يامغۇر سەھنىگە بىۋاسىتە يېغىۋاتقاندەك ئۆتۈپ كەتتى. سەھنىنىڭ ئۇيەر-بۇيېرىگە داس، جاۋۇر، چېلەكلەرنى قويۇۋەتتۇق.
     
    بۇ قېتىمقى ئويۇنلار ئىچىدە جۇڭگوچە ئۇسسۇلمۇ بار ئىدى. مېنى بۇ نومۇرغىمۇ قاتناشتۇردى. مۇزىكا مۇئەللىمىمىز باشقا بىر مەكتەپنىڭ كۆڭۈللۈك كېچىسىدە جۇڭگوچە ئۇسسۇل ئوينىغان بالىلارنى كۆرۈپ بەك ياقتۇرۇپتىكەن.
    - زەيبەك ئويۇنى ئويناپ چىقساق بولمامدۇ؟- دېدىم مەن.
    مۇزىكا مۇئەللىمىمىز ھەر قېتىمقى كۆڭۈللۈك كېچىلەردە زەيبەك ئويۇنى ئوينالغانلىقىنى، تەكرارلاۋەرسە ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
    - مۇئەللىم،- دېدىم مەن،- جۇڭگودىكى بىرەر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ كۆڭۈللۈك كېچىسىدە جۇڭگولۇق بالىلار بىزنىڭ زەيبەك ئويۇنىمىزنىمۇ ئويناپ چىقامدىغاندۇ؟
    - بىلەرمەنلىك قىلما!- دېدى مۇئەللىم.
    لېكىن، زەيبەك ئويۇنى ئوينىغان جۇڭگولۇق بالىلار كۆز ئالدىمغا كەلسە كۈلۈپ كېتىمەن. ئۇلارمۇ بىزنىڭ جۇڭگوچە ئۇسسۇل ئوينىغانلىقىمىزنى كۆرسە كۈلۈشۈپ كېتەر، دەپ ئويلىدىم.
     
    سەھنە تورۇسىدىن چىپىلداپ چۈشۈۋاتقان يامغۇرنىڭ ئاستىدا ۋە داس، جاۋۇرلار ئارىسىدا جۇڭگوچە ئۇسسۇلنىڭ ئاخىرقى رەپىتىسىنى قىلدۇق. بىز ئۇسسۇلغا سەكرىگىنىمىزدە، سەھنىنىڭ پوللىرى غىچىرلاپ كېتەتتى.
     
    مۇزىكا مۇئەللىمى ماڭا:
    - زەيبەك ئوينىغاندەك سەكرىمە. جۇڭگوچە ئۇسسۇل سىلىق، لەرزان ئوينىلىدۇ،- دېدى.
    سالماق، سىلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا تىرىشتىم، لېكىن مەن زەيبەك ئويۇنى ئويناپ كۆنۈپ قالغانلىقىم ئۈچۈن، ئايىقىم يەنىلا شۇنىڭغا كېتەتتى.
    - ئەخمەت، سەكرەۋەرمە... جۇڭگوچە ئۇسسۇل ئۇنداق بولمايدۇ.
    مەن جۇڭگوچە ئۇسسۇلنى ئوينىماق تۈگۈل، كۆرۈپ باقمىسام، ئامالىم قانچە؟
     
    مۇزىكا مۇئەللىمى پىئانىنو چېلىپ بېرىۋاتاتتى. مەن يەنىلا ئۆزۈم بىلگەنچە سەكرەۋېرىپتىمەن. مۇئەللىم پىئانىنونى تاشلاپ، غەزەپلەنگەن ھالدا ماڭا قاراپ كېلىۋېتىپ، ئايىقى چېلەكلەردىن بىرىگە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتى. چېلەكتىكى سۇمۇ سەھنىگە يامراپ كەتتى. مانا شۇ قالايمىقانچىلىقلاردىن كېيىن، كەچكە يېقىن ئاخىرقى رەپىتىس مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياقلاشقان بولدى. 
     
    كۆڭۈللۈك كېچە ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇق، سەھنىدە بىر-بىرىمىزنى ئىتتىرىشىپ، پەردە يوچۇقىدىن زالغا قارىشاتتۇق، زالغا ئادەم لىق تولۇپتۇ...
     
    ھەر سىنىپتىن ئەللىك بالا سەھنىگە تىزىلدۇق. پەردە ئېچىلىش بىلەن تەڭ «مۇستەقىللىق مارشى»نى ئېيتتۇق، ئاندىن سەھنە ئارقىسىغا ئۆتتۇق. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى سىنىپتىن بىر گورۇپپا سەھنىدە قېلىپ، «بۈگۈن 23-ئاپرېل» خورىنى ئېيتتى. بىز زالدىن كەلگەن ئالقىش سادالىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق.
     
    يەنە بىر خوردىن مۇزىكا مۇئەللىمى رازى بولماي، بالىلارغا:
    - بۇ قانداق خور؟ مەن مۇشۇنداق ئۆگەتكەنمىدىم؟ قوش كىشىلىك خور يىگىرمە ئاۋازلىق بولۇپ كەتتىغۇ؟- دەپ كايىدى.
     
    نۆۋەت بىزنىڭ جۇڭگوچە ئۇسسۇلىمىزغا كەلدى. رەڭلىك پارقىراق رەختلەردىن تىكىلگەن يوپكىلار ئۈستىگە كوپتا كىيگەن قىزلار قوللىرىدا پەتنۇسلارنى تۇتقان، ئوغۇللارنىڭ قاش-كۆزلىرى قارا بوياق بىلەن گرىملىنىپ، جۇڭگولۇقلارغا ئوخشىتىلغانىدۇق. يەنە قارا بوياق بىلەن ياسالغان ئۇزۇن بۇرۇتلىرىمىز بار ئىدى.
     
    پەردە ئېچىلدى. مۇزىكا مۇئەللىمى پىئانىنونى چېلىشقا باشلىدى. بىز سەھنىگە چىقتۇق. قىزلار پەتنۇسلىرىنى تۇتۇشۇپ، بىزنىڭ ئارىمىزدىن ئېگىلىپ ئۆتۈشكە باشلىدى. دەل شۇ چاغدا چاتاق چىقتى. مەن يەنە خۇدۇمنى بىلمەي بەكرەك سەكرەپ كەتتىممىكىن-تاڭ، ئېگىلگەن قىزلاردىن بىرىنىڭ ئېتىكى سەھنە پولىدىكى تاختايلارنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ قاپتۇ. قىز ئېتىكىنى تارتىپ چىقىرالماي، تۇرغان يېرىدە مىدىرلىيالماي تۇرۇپلا قالدى. بىز پىرقىراۋاتىمىز، ئۇ قىز تېخىچىلا تۇرىدۇ. مەن، ئېتەكنى قىسىۋالغان تاختاي يوچۇقى ئېچىلىپ كەتسۇن دەپ، قىزنىڭ يېنىغا كەلگەندە تېخىمۇ ئېگىز سەكرىدىم. قىز ئېتىكىنى تارتىۋېلىشقا ھەپىلەشكەندە، يوپكا بېلىدىن سىيرىلىپ يەرگە چۈشمەسمۇ! بىچارە قىز سەھنىدە يېرىم يالىڭاچ تۇرۇپلا قالدى. زالدىن قاقاقلىغان كۈلكە ساداسى كۆتۈرۈلدى. مۇزىكا مۇئەللىمى سەھنە كەينىدىن:
    - پەردە... پەردە... پەردىنى چۈشۈرۈڭلار!- دەپ ۋارقىرىغىلى تۇردى.
     
    قىيقاس-سۈرەنلەر ئىچىدە پەردە يېپىلدى.
     
    كېيىن باشقا ئويۇنلار ئوينالدى، ناخشىلار ئېيتىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا بىزنىڭ سەھنە ئەسىرىمىز ئوينالدى.
     
    گرىملىرىمىزنى سىنىپ تەربىيىچىمىز قىلدى. مىنەنى كۆرسەڭ، ئاپىسىنىڭ كونا كۆڭلەكلىرى ئىچىدە نەق بىر پاكىنەك موماي بولغانىدى. مېنىڭ ئاغزىم بىلەن بۇرنۇم ئارىسىغا يېلىم سۈركىگەن مۇئەللىم خۇددى جۇسەيگە ئوخشاش بۇرۇپ چاپلىغانىدى، بۇرۇت ئېغىر بولغاچقا، توختىماي چۈشۈپ كېتەتتى. مۇئەللىم ئۈستۈنكى كالپۇكۇم ئۈستىگە يېلىمنى تېخىمۇ كۆپرەك سۈركەپ، بۇرۇتنى يەنە چاپلىدى.
     
    دېمىرنىڭ مەڭزىگىمۇ يېلىم سۈركەپ پاختا چاپلاندى. دېمىر مېنىڭ دادام بولغاچقا، ئۇنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرى ئاقارغانىدى. گرىملەر پۈتكەندىن كېيىن، مۇئەللىم:
    - تېخىمۇ قېرى كۆرۈنۈش ئۈچۈن، دېمىرگە كۆزەينەك تاقاش كېرەك...- دېدى.
     
    بىراق، بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆزەينەك ئويلىشىلمىغانىدى، ئەمدىلىكتە كۆزەينەك نەدىن تېپىلسۇن؟ مۇدىر كۆزەينىكىنى بېرىپ تۇرۇپ:
    - پەخەس بول، يەرگە چۈشۈپ چېقىلىپ كەتمىسۇن، كۆزەينەكسىز ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيمەن،- دېدى.
     
    دېمىر كۆزەينەكنى تاقاپ، سېپى ئۆزىدىن قېرى پەتەك بولغانىدى:
    - مەن بۇ كۆزەينەك بىلەن ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدىم،- دېدى ئۇ.
     
    ھەقىقەتەن كۆرەلمەيتتى، پەردە ئېچىلغاندا، سەھنىنى تاپالماي تامغا ئۈسۈۋالدى. بىز ئۇنى كەينىدىن ئىتتىرىپ سەھنىگە چىقاردۇق.
     
    ئويۇننىڭ بىرىنچى پەردىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ئالقىشلاردىن مەلۇم بولدى.
     
    ئىككىنچى پەردىنى ئورۇنلاۋاتاتتۇق. مەن «ئاپام»غا، يەنى مىنەگە ئازاب سېلىۋاتاتتىم، «دادام»، يەنى دېمىر بولسا مېنى ئەيىبلەۋاتاتتى. لېكىن، ئۇ كۆزەينەكتە مېنى كۆرمەيتتى. ماڭا گەپ قىلىۋاتىمەن دەپ، تاماشىبىنلارغا كەينىنى قىلىپ تام تەرەپكە قاراپ:
    - ئەي رەھىمسىز! بىز سېنى مۇشۇنداق قىلسۇن دەپ چوڭ قىلدۇقمۇ؟- دەپ مۇشتلىرىنى تۈگۈپ ۋارقىرايتتى. مەن «ئاپام»نى، يەنى مىنەنى ئۇرۇۋاتقاندا، دېمىر مىنەنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشقا ھەپىلىشەتتى. لېكىن، ئۇ سەھنىدە بىزنى تاپالماي، «قارىغۇ چاشقان ئويۇنى» ئويناۋاتقاندەك، قوللىرىنى ئۇياق-بۇياققا ئۇزىتىپ، ئىشىك تەرەپكە قاراپ:
    - ئۇرما! ئۇرما... ئانىغا قول ياندۇرغان ۋاپاسىز، ئۇرما!- دەپ ۋارقىرىدى.
     
    بىز ئوڭ تەرەپتە تۇرساق، دېمىر سولغا قاراپ ۋارقىرايتتى. ئاۋازىمنى ئاڭلاپ بىز تەرەپكە قارىسۇن دەپ، ئەتەي:
    - ھا، ھا، ھا...- دەپ سوغۇق كۈلۈپ،- ئۇرىمەن، بۇ مېنىڭ ھەدەم ئەمەس، ئۇرىمەن!- دېدىم.
     
    دېمىر ئاۋاز چىققان تەرەپكە بۇرالدىيۇ، بىر ئازدىن كېيىن يەنە «قاسساپقا پۇل بېرىپ، ناۋايغا قارىغاندەك»، تاماشىبىنلارغا قارىۋېلىپ:
    - ئۇرما! ئانىغا كۆتۈرگەن قول قۇرۇپ كېتىدۇ...- دېدى.
    - ھا، ھا، ھا!
     
    قارىسام، دېمىر بىز تەرەپكە قارايدىغاندەك ئەمەس. مەن مىنەنى، يەنى «ئاپام»نى سۆرەشتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم.
    - ئەي ۋاپاسىز...
    - دادا، بىز بۇ يەردە، بىز تەرەپكە قارا...
     
    دېمىر ئەقىللىق بالا بولغاچقا، دەرھال ئەھۋالنى چۈشەندى:
    - مەن ساڭا قارىمايمەن. مەن سېنىڭ داداڭ، سەن ماڭا قارا، ۋاپاسىز!- دېدى ئۇ.
     
    ئەمدى سەھنە ئەسىرىدە بولمىغان سۆزلەرنى قىلدۇق:
    - كىمگە گەپ قىلىۋاتىسەن، دادا، مەن بۇ يەردە...
    - ساڭا گەپ قىلمىدىم، ساڭا قىلىدىغان سۆزۈم يوق...
    - تامغا گەپ قىلىۋاتامسەن، دادا؟
    - تاش گەپ ئاڭلايدۇكى، سەن گەپ ئاڭلىمايسەن، ۋاپاسىز!...
    سېنى تۇغقىچە، تاش تۇغسامچۇ...- دەپ ئىنجىقلىغىنىچە يەرگە يىقىلىپ ئۆلدى مىنە.
     
    مىنە ئۆلگەندە، دېمىر ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ يىغلىشى كېرەك ئىدى. دېمىر پولغا يېتىۋېلىپ:
    - قېنى سەن، نەدە سەن؟- دەپ مىنەنى ئىزدەشكە باشلىدى.
    مىنە دېمىر تەرەپكە قاراپ:
    - مانا مەن، ئۆلدۈم...- دېدى.
    مەن دېمىرنى تۇتۇپ:
    - سەنمۇ بار!- دەپ مىنەنىڭ ئۈستىگە ئىتتىردىم.
     
    ئىككىنچى پەردە يېپىلدى.
     
    سەھنە كەينىدە، مۇئەللىم دېمىردىن خاپا بولغىلى تۇرغانىدى، دېمىر:
    - قانداق قىلىمەن، مۇئەللىم، بۇ كۆزەينەكتە ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدىم،- دېدى.
     
    كېيىنكى پەردىنى كۆزەينەكسىز ئويناشقا توغرا كېلەتتى، لېكىن بايا كۆزەينەكلىك بولغان بوۋاي ئەمدى كۆزەينەكسىز بولۇشى مۇۋاپىق كۆرۈلمىدى. شۇ چاغدا مۇدىر:
    - كۆزەينەكنىڭ ئۈستىدىن قارا،- دېدى.
     
    دېمىر كۆزەينەكنىڭ ئۈستىدىن قارىغانلىقى ئۈچۈن، ئۈچىنچى پەردىدە چوڭ ئىش كۆرۈلمىدى. لېكىن، ئالدىنقى پەردىلەردە خاپا ئولتۇرۇشقان تاماشىبىنلار ئەمدى نېمىلا قىلساق، نېمىلا دېسەك قاقاقلاپ كۈلۈشىدىغان، يىغلايدىغان يەرگىمۇ تېلىقىپ كۈلۈشىدىغان بولدى.
     
    ئۈچىنچى پەردىدە، مەن تۈرمىدىن چىقىپ ئۆيگە كېلىپ، قىلمىشلىرىمغا پۇشايمان قىلاتتىم، دادامدىن كەچۈرۈم سورايتتىم. تاماشىبىنلار ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ كۈلۈشۈپ كەتتى.
     
    ئېڭىشىپ دادامنىڭ قولىنى سۆيگەنىدىم، يالغان بۇرۇتۇمنىڭ بىر تەرىپى چۈشۈپ كەتتى. دەرھال ئېلىپ تۈكۈرۈكلەپ چاپلاپ باقساممۇ تۇرمىدى. ئۆلمىدىم، ئۇنىڭ بېرىسى بولدۇم. ئامالسىز سەھنە ئەسىرىدە بولمىغان كۆرۈنۈشنى قوشتۇم:
    - پۇتلىرىڭغا سۆيەي، جېنىم دادا...- دەپ ئۆزۈمنى يەرگە ئاتقان بولۇپ، بىر نېمىلەرنى قىلىپ بۇرۇتۇمنى چاپلىۋالسام، «پېشكەللىك كەلسە قوشلاپ كەپتۇ» دېگەندەك، يەنە بىر تەرىپى چۈشۈپ كەتتى. ئالدىراشچىلىقتا بىلەلمەي قېلىپ، بۇنىمۇ بايا چاپلىۋالغان بۇرۇتنىڭ ئۈستىگە چاپلىغىلى تۇرۇپتىمەن. دېمىر: «سول تەرەپكە چاپلا» دەپ پىچىرلىدى. لېكىن، زادى چاپلىيالمىدىم. ئاخىر سول بۇرۇتۇمنى كالپۇكۇمنىڭ ئۈستىدە قولۇم بىلەن تۇتۇۋېلىپ، توختىماي بۇرۇت تولغاۋاتقاندەك قىلىپ كۆرسەتتىم.
     
    دادام:
    -سېنى كەچۈردۈم، ئوغلۇم...- دەۋاتىدۇيۇ، مەن توختىماي دادامغا بۇرۇت تولغاۋاتىمەن. تۆۋەندە كۈلە-كۈل...
     
    بۇرۇتنى تولغاۋەرگىلى بولمايدۇ-دە...
    - كەچۈرمىگەن بولساڭ، دادا، بۇ بۇرۇتلارنى يۇلۇپ تاشلايتتىم...- دەپ بۇرۇتۇمنى يۇلۇپ تاشلىۋەتتىم.
    - نېمە قىلىۋاتىسەن، ئوغلۇم؟- دېدى دېمىر.
    - سەن ئۈچۈن ھەرقانچە قىلسام ئاز، جېنىم دادا...- دېدىم. ئويۇننىڭ ئاخىرىدا دادام يىغلاپ، ماڭا ئېسىلىپ:
    - مەن كەچۈردۈم، خۇدامۇ كەچۈرگەي...- دەپ بوينۇمغا ئېسىلدى. قۇچاقلىشىپ ئايرىلغىنىمىزدىن كېيىن قارىسام، دادامنىڭ يۈزىدىكى ساقاللىرىنىڭ بىرىمۇ يوق. ئەسلىدە ھېلىقى قۇچاقلاشقىنىمىزدا، مېنىڭ كالپۇكۇمدىكى يېلىم ئۇنىڭ پاختىدىن قىلىنغان ساقىلىنى يۇلۇۋاپتىكەن. ئەمدى مەن دادا بولۇپ قالدىم.
     
    دادام يەرگە يىقىلىپ ئۆلۈشى كېرەك ئىدى، لېكىن قانداقتۇر ئۆلمىدى.
    - ئۆلمەمسەن ئەمدى، دېمىر!- دەپ پىچىرلىدىم.
    - ساقال سەندە تۇرسا، ئەمدى قايسىمىز ئۆلىمىز؟- دەپ پىچىرلىدى ئۇ.
    - سەن دادا بولغاندىكىن، سەن ئۆلىسەن... بول، يىقىل!...- نېمە ئۈچۈندۇر دېمىر ئۆزىنى يەرگە ئاتمىدى.
    - تېز بولساڭچۇ!
    - ئۆزۈمنى يەرگە ئاتاي دېسەم، مۇدىرنىڭ كۆزەينىكى چېقىلىپ كەتسە قانداق قىلىمەن...- دېدى ئۇ يېنىمغا كېلىپ.
    - ئاداش، تولا گەپ قىلماي ئۆلگىنە، ئويۇن تۈگىسۇن، رەسۋا بولدۇق...
    دېمىر ئامالسىز:
    - مەن سېنى كەچۈردۈم، خۇدامۇ كەچۈرگەي...- دېگەندىن كېيىن كۆزەينەكنى قولىغا ئېلىپ، ئاۋايلاپ ئۈستەلگە قويدى ۋە:
    - ئەمدى مەن ئۆلدۈم!- دەپ ئۆزىنى يەرگە ئاتتى.
    مەنمۇ «دادام»نىڭ ئۈستىگە ئۆزۈمنى ئاتتىم. پەردە يېپىلدى. بىز سەھنىنىڭ ئالدىغا يىقىلغانىكەنمىز، ئۆزىمىز پەردىنىڭ سىرتىدا، پۇتىمىز پەردىنىڭ ئىچىدە قالدى.
     
    ئالقىش بىلەن كۈلكە سادالىرى ئارىلىشىپ، زالنىڭ ئىچى ئۆپۈر-تۆپۈر بولۇپ كەتتى.
     
    مەن دېمىرگە پىچىرلاپ:
    - بۇنداق يېتىۋەرسەك بولماس، تۇرۇپ كېتەيلى،- دېدىم.
    - ئۆلۈك ئورنىدىن تۇرغان نەدە بار؟ مەن ئۆلدۈم، تۇرساڭ سەن تۇر،- دېدى ئۇ.
     
    بىرى پۇتىمىزدىن سۆرەپ پەردىنىڭ ئىچىگە ئەپكىرىۋالدى، قارىساق، سىنىپ تەربىيىچىمىز ئىكەن.
    - تۈگەشتۇق، ئەخمەت!- دەپ پىچىرلىدى دېمىر.
     
    قورقۇمسىراپ سەھنە كەينىگە ئۆتتۇق. ئۇ يەردىكى مۇئەللىملەر بىلەن مۇدىر كۈلۈپ تېلىقىپ قاپتۇ.
     
    «23-ئاپرېل» كۆڭۈللۈك كېچىسىنى مانا شۇنداق ئۆتكۈزدۇق. بۇ كېچىدىن كېيىن ھەممەيلەن دېمىرنىڭ ئارتىسلىق قابىلىيىتى بارلىقىنى ئېيتىشىپ يۈرىدۇ. چۈنكى، ئۇ سىنىپ تەربىيىچىمىز يازغان درامىنى ناھايىتى ياخشى بىر كومېدىيە قىلىپ ئورۇنلىغانىدى. 
     
    ھازىر ئىستانبۇلدا ئىنتايىن گۈزەل باھار كۈنلىرى باشلاندى. تەتىلدە ئىستانبۇلدا كۆرۈشۈش ئارزۇسى بىلەن ساڭا سالامەتلىك تىلەيمەن.
     
     
    ئەخمەت تارباي
    1964-يىلى 24-ئاپرېل، ئىستانبۇل
     
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.