ئۈچىنچى باب: خۇدا ئالەمنى ياراتقانمۇ
مەن خۇدانىڭ بۇ ئالەمنى قانداق ياراتقانلىقىنى بىلىپ باقسام دەيمەن.
ــــ ئېينىشتېين
ماڭا بۇنداق قىياسنىڭ لازىمى يوق
ــــ پىئېر لاپلاس (فرانسىيىلىك ئاسترونوم، ماتېماتىكا ئالىمى)
ئىنجىلدا خۇدا «تۇنجى كۈنى» ئالەمنى ياراتتى دېيىلگەن، ئەمما ئەينى چاغدىكى كونكرېت ئىشنىڭ قانداق بولغانلىقى ئېنىق ئېيتىلمىغان. ھازىر ئەمەلىيەتتە خۇدانىڭ ئالەمنى ياراتقانلىقى توغرىسىدا ئىككى خىل قاراش بار، لېكىن ئىككى خىل قاراشنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە تۇرغۇن يۇلتۇز، پلانېتا، يەرشارى ھەمدە ئادەمنىڭ تېنىنى ياساشتا ئىشلىتىلگەن ماددىلارنىڭ ئالەم يارىتىلىشتىن ئىلگىرى مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئېنىق ئېيتىلمىغان. دۇنيادىكى دىنلارنىڭ ئەقىدىلىرى ئارىسىدا خۇدانىڭ ئالەمدىكى ماددىلارنى يوقلۇقتىن ياراتقانلىقىغا ئىشىنىش كېرەك دېگەن تارىخى ئۇزۇن بىر ماددا بار، دېمىسىمۇ، خۇدا ھەممىگە قادىر دەپ قارالغان ئىكەن، بۇ نۇقتىغا ئىشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، خۇدا ماددىلارنى ياراتمىغان دەپ قىياس قىلىنسا، بۇ، خۇدانىڭ ئالەمدىكى نەرسىلەرنى يارىتىشتا خام ماتىرىيالنىڭ خۇسۇسىيىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
20-ئەسىردىن بۇرۇن، ئالىملار ۋە ئىلاھىيەتشۇناسلار ماددىلارنى تەبىئىي ئۇسۇل بىلەن ئىجاد قىلغىلى ياكى يوقاتقىلى) بولمايدۇ دەپ قارايتتى. ئەلۋەتتە، ماددىلارنىڭ شەكلىدە ئۆزگۈرۈش بولىدۇ، مەسىلەن، خىمىيىلىك رېئاكسىيە جەريانىدا ماددىلارنىڭ شەكلىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرسىمۇ، لېكىن ماددىلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ھەمىشە تۇراقلىق بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئالىملار ماددىلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىدىن ئىبارەت بۇ قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، ئالەمنىڭ يېشى چىكسىز دېگەن قاراشقا ئىشىنىشكە مايىل بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ماددىلارنىڭ پەيدا بولۇش مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرالايدۇ.
ماددىلارنى تەبىئىي ئۇسۇلدا ئىجاد قىلغىلى بولمايدۇ دەيدىغان قاراش 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا كومېدىيە خاراكتېرلىك ھالدا يىمىرىلىپ كەتتى. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا تۇنجى قېتىم تەجرىبىخانىدا ماددا ئىجاد قىلىنغانىدى. بۇ بىر بايقاش ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ راسا گۈللىنىش دەۋرىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئەۇ ياخشى مىسالى ئىدى.
بۇ بايقاشقا ئېينىشتېين 1905-يىلى ئاساس سېلىپ بەرگەن. ئۇنىڭ