سۆيگۈ ئاچىللىرىدا 4

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-10 18:27:50

سۆيگۈ ئاچاللىرىدا4ئەتىسى خىزمەتتىمۇ كەيپىياتىمباشقىچە كۆتۈرۈلۈپ قالغانىدى، ھەتتا ئادەتتە بىر ئىشلارغا سەپ سالمايدىغان ئالماسمۇمەندىكىبۇ كىچىككىنە ئۆزگىرىشنى سېزىۋاپتۇ:- بىرەر خوشاللىق بارمۇن...



     

    سۆيگۈ ئاچاللىرىدا
    4

     

    ئەتىسى خىزمەتتىمۇ كەيپىياتىم باشقىچە كۆتۈرۈلۈپ قالغانىدى، ھەتتا ئادەتتە بىر ئىشلارغا سەپ سالمايدىغان ئالماسمۇ مەندىكى  بۇ كىچىككىنە ئۆزگىرىشنى سېزىۋاپتۇ:

    - بىرەر خوشاللىق بارمۇ نېمە؟

    - ھى ھى.. سىزچە قانداقراق بىر ئىش بىرقىزنى خوشال قىلىۋېتەر؟

    - ئوغۇل دوستىڭىز؟- ئالماس بۇ گەپنى ئۆزى دەپ بولۇپ يەنە بېشىنى چايقاپ قويدى ئىشەنچ قىلالمىغاندەك.

    - ۋوي، خېلى ئەقىللىق بولۇپ قاپسىزمۇ نېمە؟! ھە راست ئۇستام سىز دېگەن داڭلىق ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ماگىستىرى تۇرسىڭىز ھە؟! مەن خاتا گەپ قىلىپتىمەن.  كەچۈرۋەتگەيلا ھەزرىتىم!-دېدىم ئۇنىڭ بىلەن چېقىشىپ.

    - ھېچقىسى يوق.- ئالماس ئىپادىسىز بېشىنى چايقاپ قويدى.- ھە راست ماۋۇ شەنبە بۆلۈمدىكىلەر سىرتقا چىقىپ ئويناپ كېلەيلى دېگەن، سىزمۇ بارارسىز ھە؟!

    - شەنبىما؟ ئاپلا مېنىڭ ئىشىم بار ئىدى ئۇ كۈنى.

    - ھە، شۇنداقمۇ يا...- ئالماس سەل ئۈمىدسىزلەنگەندەك يەنە سورىدى،- بىرەر ئۇچرىشىشىڭىز بارمىتى؟

    - ۋاي ياقەي... ئۆيدىكىلەر بىلەن شۇ بىر تۇغقاننىڭ تويىغا بارماقچى ئىدۇق،- دېدىم سەل دۇدۇقلاپ، يېڭى خىزمەتداشلىرىمنىڭ مېنى كوللېكتىپچانلىق روھى يوقكەن دەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يالغاندىن بىرنى توقۇدۇم.

    - ئۇنداق بولسا بوپتۇ، كېلەر قېتىم بىللە باراسىز، باشقا خىزمەتداشلار بىلەنمۇ چىقىشىپ قالىدىغان ياخشى پۇرسەتتى بۇ.

    -ھىم. خوپ باشلىق!-دېدىم  ئاۋازىمنى سوزۇپ.

    جۈمە كۈنى كەچ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئەتىكى ئۇچرىشىشنى كۈتىۋاتىمەن، ھازىرقى ھالىتىم خۇددى ئىككىمىز يېڭى مۇھەببەتلىشىپ باغچىغا بارماقچى  بولۇپ، ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتىۋاتقان ۋاقتىمغىلا ئوخشاپ قالغانىدى، بەك، بەكلا بۇرۇنقى ۋاقىتلارنى ئەسلىتىۋاتاتتى، كۆزۈمگىمۇ ھېچ ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس. سائەت توققۇزدىن ئاشقاندا ئۇنىڭدىن تېلىفون كەلدى،

    - ئەتە سائەت نەچچىدە كېلىسىز ؟-دېدىم مەن تۈزۈك سالاممۇ قىلماي.

    - شۇ... شۇ ئىشنى دەپ تېلىفون قىلغان، ئەتە شۆھرەتنىڭ ئورنىغا ئىدارىدە دىجورنى تۇرىدىغان بولۇپ قالدىم، قارىغاندا بارالمايدىغان ئوخشايمىز...

    يۈرۈگۈم يەنە خۇددى ئېگىز بۇلۇتتىن چوڭقۇر ھاڭغا تاشلىۋەتكەندەك بولدى.

    - نېمىشقا؟ نېمىشقا شۇنچە تۇيۇقسىز ئەمدى، بىرەر خەۋەرمۇ قىلمايلا دەيمىنا؟!- دېدىم ئامال بار ئۆزەمنى تۇتىۋېلىشقا تىرىشىپ.

    - شۆھرەتنىڭ ئايالى يەڭگىپتۇ، تۇيۇقسىزلا بولۇپ كەتتىغۇ تاڭ، تۇرۇپ بەرسەڭ ئاداش دەپ تېلىفون قىپتۇ، مەن نېمە دەيمەن دەڭە، ھەدىڭىزنىڭ تويىدىمۇ مېنىڭ ئورنىمدا ئىككى كۈن تۇرۇپ بەردى ئەمەسمۇ؟ ياق دېسەم سەت بولار.

    -ھىم... راستلا ئامال يوقكەن ئەمىسە .

    - خاپا بولىدڭىزما؟ فۇئات يەنە شۇ ئېھتىياتچانلىقى بىلەن سورىدى.

    - ياقەي...بۇنداق ئىشقىمۇ خاپا بولسام بولماس!

    - ھىم. رەنجىمىسىڭىزلا بولدى، سىزنى رەنجىتىشتىن قورقىمەن! سىزنى باشقا كۈنى ئاپىرىپ تازا ئوينىتىپ كېلەي  ھە لەيلى؟!- دېدى ئۇ كۆڭلى سەل تىنىپ.

    - ھىم... بىرگەپ بولار.

    تېلىفوننى قويىۋېتىپ، ھالسىزلانغىنىمچە ئولتۇرۇپلا قالدىم، خۇددى بارچە ئارزۇ - ئارمانلىرىم كۆپۈككە ئايلانغان ئادەمدەك. ‹بۇنداق بولىشىنى بىلگەن بولسام ئىدارىدىكىلەر بىلەن ئوينىغىلى چىقاركەنمەن، ھازىر دەپ باقايمۇ يا؟› دەپ ئويلىدىمدە تېلىفون خاتىرەمدىن ئالماسنىڭ تېلىفون نومۇرىنى ئىزدىدىم.

    - ياخشىمۇ ئالماس! سەت بولدى بۇ كەچتە ئاۋارە قىلىپ. مەن لەيلى!-دېدىم تېلىفوندا ئالماسقا.

    - ھە؟!! ھە ياخشىمۇسىز. ئالماسنىڭ ئاۋازىدىن ھەيران قالغانلىقى چىقىپلا تۇراتتى،-ھېچقىسى يوق، بالدۇرغۇ تېخى، خىزمەتتە بىرەر مەسىلە چىقتىمۇ لەيلى؟!

    - يائاللا! خىزمەتنىڭلا گېپى! ئەتە بۆلۈمدىكىلەر ئوينىغىلى چىقماقچىتىڭلارغۇ؟! ئەمدى بارىمەن دېسەم ئۈلگىرەمدىم- يا؟!

    - ھا ھا...  ئۈلگۈرىسىز، ئۈلگەرمەيدىغان نېمىسى بار دەيسىز تاغقا چىقىشنىڭ!- دېدى ئۇ كۈلۈپ كېتىپ.

    - ئەمىسە قانچىدە، نەدە يىغىلىمىز؟

    - ئەتىگەن سائەت 7دە ئىدارىنىڭ ئالدىدا يىغىلىمىز.

    - ئىدارىنىڭ ماشىنىسى بىلەنما؟! پاتامدۇق... –يا؟! ئۆزۈم تۇيۇقسىزلا چىقىمەن دەۋاتقاچقا سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدىم.

    - ۋاي پاتىسىز، پاتىسىز.

    - دەيمىنا پاتمىغۇدەك بولسا، ئاپتۇبوسقا ئولتۇرۇپ باراي بولمىسا!-ئۇنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ كېتىدىغىنىنى بىلىپ قەستەن شۇنداق دېدىم.

    - ھە؟ ۋاي پاتماي كوچا ئاپتوبۇسىدا بارىدىغان ئىش بولسىمۇ مەن ئولتۇراي ئاپتۇبۇستا، ئاچا. ئورنۇمنى سىلىگە بېرىپ. كوچا ئاپتوبۇسىدا ئولتۇرىدىغاندەك گەپ قىلىپ كەتكىنىنى قانداق قىلاي!

    - ۋىيىي سىز قانداق بىلىسىز، كوچا ئاپتوبۇسىدا ئولتۇرىدىغان- ئولتۇرمايدىغىنىمنى! تازا ئولتۇرىمەن جۇمۇ. يا مېنىڭ سىزدەك ماشىنام بولمىسا باشلىق!-دېدىم مەنمۇ تەنە قىلىپ.

    قارىسام يا ئىدارىنىڭ ماشىنىسىغا چىقمايسىز يا ئاپتوبۇس بېكەتتە كۆرۈنمەيسىز، ئىشتىن چۈشۈپ ئالغاچ كېتەي دەپ قارىسام!

    - ھا ھا ھا... بالدۇر دېمەي، تازىمۇ بىر. ئەمما ئۆزەم پىيادە مېڭىشقا ئامراق ، تولىراق ئۆيگە مېڭىپ كېتىمەن. ئىدارىدە مۈكچەيگىنىممۇ يېتەر دەڭە!

    - ھىم... ياش بولغاندىن كېيىن مېڭىش كېرەك! ياخشى، ئەمدى ئەتە كېچىكىپ قالماڭ مېڭىپ كېلىمەن دەپ.

    - ۋاي ياقەي ئۇنداق بولامدىغان.  رەھمەت سىزگە جۇمۇ ئالماس.

    - ۋاي رەھمەتلىرىنى جىنتەكنىڭ. خوش...

    ئەتىسى يائاللا كېچىكىپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، بارسام ھەممىسى كېلىپ بوپتىكەن خېلى بۇرۇنلا، بۇنداق ماشىنا ئادەملەرنىڭ ۋاقىتاقا رىئايە قىلىشچانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ جۇمۇ.

    -  ۋاييەي... مەن بىرلا قىزمۇ نېمە؟!- دېدىم بوينۇمنى سوزۇپ ئەترپىمدىكىلەرگە قارىغاچ ئالماسقا.

    - شۇ خاتىمە ھەدەمنىڭ جىددىي ئىشى چىقىپ قاپتۇ، ئالىمنى قىز دوستۇڭنى ئالغاچ كەل دەپ قويغان، قىز دوستىمۇ بىر دوستىنى ئېلىۋالماقچى بوپتىكەن،ئۈچىڭلار بار ئەنسىرىمەڭ!- دېدى ئالماس سائىتىگە قارىغاچ.

    - قېنى ئۇلار؟

    - ماگزىندا دېگەن،  كەلمەيدىغۇ؟ ھەممىسى ئوغۇل بالا بولسا قېچىپ كېتەمتىڭىز نېمە؟!

    - ئۇنداقمۇ بولۇپ كەتمەس ئەمدى سىنىپتىلا خېلى كۆنۈپ قالغان مەن.

    ھەي... نېمىسىنى دەيسىلەر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا بىر سىنىپتا ئارانلا بەش قىز بولساقمۇ بىزنىڭ سىنىپنىڭ بالىلىرى بىزنى ياراتمايتتى تېخى، ئۆزىچە. بىزنى ھاۋانىڭ ئورنىدا كۆرۈپ  قاراپمۇ سالمايتتى توۋا دېمىسە!

     (ئاخىرى كېيىنكى ساندا)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.