قارا كىتاب
ئورخان پامۇك
خۇددى ئۆزىنى روماندىكى ۋەقەلىككە چۆكۈپ كەتكەن ھەقىقىي شەخىستەك بولۇپ قالغىنىنى بايقىغان بارلىق كىشىلەرگە ئوخشاش، ئالاۋۋىدىننىڭ مۇشۇ دەمدىكى مەۋجۇدلۇقىمۇ رېئاللىقتىن ھالىقىغاندەك قىلاتتى، راست-يالغىنىنى بىلگىلى بولمايتتى، ئۇنىڭ لوگىكىسى ئاددىي ئېنىق، باشقىچە يوشۇرۇن مەنالارمۇ يوق. ئۇ گېزىتخانىنىڭ ئۆزىنىڭ دۇكىنىغا بۇنچىلىك قىزىققانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۆتكەنكى 30 يىلدىن بۇيان، بىر كۈندە ئۇ كوچا بۇلۇڭىدىكى مۇشۇ ھەرە ئۇگىسىدەك دۇكىنىدا14 سائەت ئالدىراش يۈرەتتى. ھەر يەكشەنبە چۈشتىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى رادىئودىن پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئاڭلاۋاتقىنىدا، ئۇ ئۆيىدە ئازراق ئۇخلىۋالاتتى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئالاۋۋىدىن ئەمەس، ئەمما بۇنى ئۇنىڭ خېرىدارلىرىدىن بىرىمۇ بىلمەيتتى، گېزىتكە كەلسەك، ئۇ «ئەركىنلىك گېزىتى»نىلا ياقتۇراتتى. ئۇ دۇكىنىدا سىياسىيغا ئائىت بىرمۇ توپلامنىڭ يوقلىقىنى، نېمىلا دېمىگەن بىلەن ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇنىڭ دۇكىنىڭ ئۇدۇلىدىلا ئىكەنلىكىنى تولا دەيتتى. يەنە كېلىپ ئۇ سىياسىغا ئازراقمۇ قىزىمايتتى. ئۇ ئەزەلدىن قولىنى ئاغزىغا تەككۈزۈپ تۇرۇپ ژورنال سانىمايتتى، ئۇنىڭ دۇكىنىمۇ چۆچەكلەردىكىدەك ئۇنداق سىرلىق ئەمەس ئىدى. ئۇ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەخمەقلەرچە قىلغان ئىش –ھەرىكەتلىرىگە چىداپ تۇرالمايتتى. خۇددى بەزىبىر قېرىلارغا ئوخشاش، دۇكاننىڭ دېرىزىسىگە تىزىپ قويغان ئۇيۇنچۇق سائەتنى راست سائەت دەپ ئويلاپ قېلىپ، ھەسىرەپ-ھۆمىدىگىنىچە كىرىپلا ھەممىنى سېتىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېسىل مالنى ئەرزان ئېلىۋالدىم دەپ ماختىنىدىغىنىغا ئوخشاش. يەنە ئاشۇ لاتارىيە بېلىتى ئوينايدىغانلار، ئۇلار ئۆزلىرى ئاچكۆزلۈك قىلىپ كەتنى-كەينىدىن ئويناپ ئۇتتۇرۋەتكەندىن كېيىن، بويۇنلىرىنى قىزارتىپ ئالاۋىدىن قەستەن شۇنداق قىلغاندەك. ئىشقىلىپ، مۇشۇ دۇكاندىن ئالغان نېلون پايپىقى ئىلىنىپ كەتكەن ئايالمۇ، مۇشۇ دۇكاندىن ئالغان شاكىلاتنى يەپ بولالماي تۇرۇپلا ئۇەۇلۇپ كەتكەن ئانا-بالا، مۇشۇ دۇكاندىن ئالغان گېزىتتىن سىياسىيغا ئائىت خەۋەرنى كۆرۈپ ناھايىتى ئاچچىقلانغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇدۇل ئالاۋۋىدىننىڭ يېنىڭغا كېلەتتى، گەرچە بۇ نەرسىلەرنى ئۇ ئىشلەپ چىقارمىغان بولسىمۇ. مۇبادا قەھۋە قۇتىدىدىن قەھۋە چىقىماي ئاياق مېيى چىقسا، ئۇ ئالاۋىدىننىڭ ئىشى ئەمەس ئىدى. ئەگەر بىرلا ناخشىنى ئاڭلاشقا ئاران يېتىدىغان دۆلەت ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان باتارىيە بىر ناخشىنى ئاڭلاشقا يەتمىسىمۇ ئۇ ئالاۋىدىننىڭ ئىشى ئەمەس ئىدى. ئەگەر مەڭەۈ شىمالنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان كومپاس باشتىن-ئاخىرى ساقچى ئىدارىسى بار تەرەپنى كۆرسىتىپ تۇرسا بۇمۇ ئالاۋىدىننىڭ سەۋەنلىكى ئەمەس ئىدى. ئەگەردە بىرەر سىرچى سېتىۋالغان تاماكا قېپىدىن مەلۇم بىر ئايالنىڭ ھەمرا ئىزدەش ئېلانى چىقىپ قالسىغۇ بۇ ئەسلا ئالاۋىدىننىڭ خاتالىقى بولمايتتى، گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ، ھېلىقى سىرچى سىر قوللىرى بىلەن ئالاۋىددىننى قۇچاقلىغىنىچە بۇ ئايالنىڭ ئىسمى ۋە تۇرۇشلۇق جايلىرىنى سوراپ كېتەتتى ھەمدە تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ ئالاۋىددىننى ئۆزىنىڭ يىگىت قولدىشى بولۇشقا تەكلىپ قىلاتتى.