ئىگەرلىك ئات-مۇقەددىمە

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-04 09:03:42

ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)ئابدۇللاھ تالىپمۇقەددىمەبىپايان قۇم بارخانلىرى تەكتىدە كۆمۈلۈپ قېلىپ، نەچچە ئەۋلاد قوۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ يادىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان بىر چىن رېئاللىق ئۇزۇندىن بۇ...



    ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)
    ئابدۇللاھ تالىپ

     

    مۇقەددىمە



     

    بىپايان قۇم بارخانلىرى تەكتىدە كۆمۈلۈپ قېلىپ، نەچچە ئەۋلاد قوۋم-قېرىنداشلىرىنىڭ يادىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان بىر چىن رېئاللىق ئۇزۇندىن بۇيان ئوي-خىياللىرىمنى غىدىقلاپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ ئىشتىياق ئوتى قەلبىمدە تىنىمسىز يالقۇنجايتتى. ئۇنىڭ بەدىئىي تەسۋىرى ماڭا بىر يارقىن مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى بېغىشلىغانىدى. بۇ بەدىئىي ئەسەر ئەنە شۇنداق ھېسسىيات تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلدى...

     


    تارىخ رېئاللىقى بىر سۈزۈك ئەينەك؛ ئۇ — گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى پەرقلەندۈرۈپ بېرىدىغان جاھاننامە. ئۇ — ھەقىقەت بىلەن سەپسەتىنى ئۆلچەپ بېرىدىغان تارازا. ئۇ — ھايات كومېدىيىسى بىلەن تراگېدىيىنىڭ جانلىق شەجەرىسى. ئۇ يەنە كېلىپ مۇھەببەت بىلەن نەپرەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغۇچى — سودىيە.

     


    قولىڭىزدىكى بۇ تارىخىي پوۋېستتا بىر ئاتلىق سەرۋازنىڭ 30- يىللارنىڭ باشلىرىدىكى كومېدىيىلىك رېئال سەرگۈزەشتلىرى ھەمدە ئۇنىڭ مەرھۇم شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق) بىلەن بولغان رومانتىك مۇناسىۋەتلىرى تەسۋىرلىنىدۇ. ئەسەر قەھرىمانى قوچقار پالۋاننىڭ ئۆسمۈرلۈك ھاياتى، مۇھەببەت سەرگۈزەشتلىرى ھەمدە ئۇنىڭ جەڭگىۋارلىق بىلەن تولغان تراگېدىيىلىك ھايات ئىزلىرى ئوقۇرمەنلەرگە بەئەينى خەلق داستانلىرىنىڭ جەزبىدار تەسۋىرىنى ئەسلىتىدۇ.

     


    ئەسەر قەھرىمانى قوچقار پالۋان 30- يىللارنىڭ باشلىرىدىكى قۇمۇل-تۇرپان دېھقانلىرىنىڭ شامەخسۇتقا قارشى قوزغىلىڭىنىڭ ئاكتىپ قاتناشچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ مۇشۇ تارىخىي بىئوگرافىيىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە، يېقىن سەپدىشىم  مەرھۇم ئابدۇقادىر ھاجى ياقۇپنىڭ ئەسلىمىسى ھەمدە ئاپتورنىڭ توقسۇنلۇق دوستى — يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر بىلەن بولغان كۆپ قېتىملىق سۆھبەت خاتىرىسى قاتارلىقلار پوۋېستتىكى مەشھۇر پېرسوناژلار تەسۋىرىنىڭ چىنلىقىغا ھۆججەتلىك دېتال ۋە رېئال ئاساس بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن مېنى غەپلەتتىن ئويغىتىپ، قەلبىمگە چىراغ ياغقان ھەقىقىي ئىلھامچى يەنىلا دۇنيا تارىخ پەنلىرىنىڭ ئاتىسى ھېرودۇت نىڭ تۆۋەندىكى مەشھۇر سۆزى بولدى: «ھايات مەنزىلى بەك قىسقا؛ پەسىل مەۋسۇمى تېز ئۆتۈپ، ئۇنتۇلىدۇ. پەقەت يازما تارىخىلا ھاياتقا مەڭگۈلۈك تاج كىيدۈرەلمەيدۇ.»

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.