سۆيگۈ ئاچاللىرىدا 1

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-07 13:25:39

سۆيگۈ ئاچاللىرىداگۈليارە تۇرسۇنسىرتنىڭ ئىسسىقلىقىغا باقماي، ئىشخانىنىڭ ئىچى خېلىلا سالقىن ئىدى، بۈگۈن ئىشقاچۈشكىنىمنىڭ ئىككىنچى كۈنى، تۈنۈگۈن كېلىپلا زۇكامداپ قالدىم، ئىتتىكلا ئۈستۈمگە ئەت...

     

     

    سۆيگۈ ئاچاللىرىدا
    گۈليارە تۇرسۇن

     

    سىرتنىڭ ئىسسىقلىقىغا باقماي، ئىشخانىنىڭ ئىچى خېلىلا سالقىن ئىدى، بۈگۈن ئىشقاچۈشكىنىمنىڭ ئىككىنچى كۈنى، تۈنۈگۈن كېلىپلا زۇكامداپ قالدىم، ئىتتىكلا ئۈستۈمگە ئەتىگەنئالدىن كۆرەر ئاپامنىڭ نەسىھىتى بويىچە ئېلىۋالغان يېپىنچامنى ئارتىۋالدىم، ئەمماماۋۇ ئەتراپىمدىكى ماشىنا ئادەملەردەك خىزمەت قىلىۋاتقان خىزمەتداشلىرىم بىلەنئالدىمدىكى سۈررەڭ كومپىيوتېرىم ۋە دۆۋە دۆۋە ماتىرىياللاردىن چىققان مۇدھىش سوغۇقچىلىقتېنىمنى يەنىلا شۈركەندۈرەتتى. تېشىغا قاراپ قويدۇم ، نېمىدىگەن ئوچۇق ھاۋا-ھە؟!

    جىمجىتچىلىق! بۇمۇ بولغىنى،دېمىسىمۇ بەزى چاغدا كىشىلەر بەك گەپ قىلىشقا ئامراق بولۇپ كېتىدۇ.

    بىكار ئولتۇرغىچە بىكارغائىشلەي، ئۈستۈلۈمنى رەتلىدىم. ئەتىگەن ئۆيدىن ئەكەلگەن كىچىككىنە بىر تەشتەك گۈلۈم،ئاڭلىشىمچە بۇ گۈل كومپىيوتېرنىڭ رادىئاكسىيىسىنى تارتامىش، تاتقىنىچە تاتە دەپ بىر يېنىمغا قويۇپقويدۇم تازا ئىشىنىپ كېتەلمىسەممۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ يېنىغا فۇئات ئىككىمىزنىڭرەسىمىنى تىكلەپ قويدۇم.

    رەسىمگە قاراپ بىرھازائولتۇرۇپ كەتتىم، بۇ رەسىمگە ئۆتكەن يىلى يەنى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چۈشكەن ئىدۇق، ئوقنىڭ پىستىنىبىلەن ياسالغان رامكىدا فۇئاتنى قولتۇقلىغان مەن شۇنچىلىك بەخىتلىك ئىدىم. ئەمما بۇبەخىتنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتمەي يەنە قانچىلىك داۋاملىشالايدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇدەيسىز؟!

    - ئوغۇل دوستىڭىزما؟-ئىشخانىدا مەندىن قالسىلا بىردىنبىر ئايال خىزمەتدىشىم خاتىمە ھەدەم يېنىمغا كېلىپسورىدى.

    - ھىم.

    - بولىدىغان بالىدەكقىلىدۇ، ئىلمىيغىنە،- دېدى خاتىمە ھەدەم رەسىمنى قولىغا ئېلىپ تازا قاراپ كېتىپ،-ئەمما سىزگە دېسەم لەيلى، بىر قىز كەپتۇ لايىھىلەش بۆلۈمىگە، دەپ ئىدارىدىكى يىگىتلەرئولتۇرالماي قاپتۇدەك جۇمۇ!

    -  ۋاي ھەدە، چاقچاققىلماڭە. مەن يا بىر چولپان بولمىسام،-دېدىم توككىدە چىققان گەپتىن خىجىل بولۇپ،-بايا كۈتۈپخانىدىن شۇنچە ماتېرىيالنى كۆتۈرەلمەي ئاران كىرسەم، بىرسىمۇ ياردەم قىلايدېمەيدىغۇ؟!- دېدىم يەنە غودۇڭشىپ.

    - ۋاي ئىززا تارتىپتۇئەمىسە بۇ يۈزى قېلىن تارتىنچاقلار. زادى قېلىن قىلىپ ئۆگىتەلمىدىمغۇ تاڭ!

    يېقىن دوستۇم مىنەش (ئىسمىمۇنىرە، ئەمما ئۇ ئىسىمنى كىچىكىمدە بىرنەچچە قېتىملا ئاڭلىغىنىم يادىمدا، ھازىرھەممىمىز مۇنىرە دېگەننى ئۇنتۇپ كەتتۇق) مېنى بەك جاھىل دەيدۇ. ئۆزەمچىمۇ شۇ،جاھىل دېگۈدەك مىجەزلىك بولمىساممۇ ئىشقىلىپ مۇشۇنىڭغا يېقىنراق بىر مىجەزلىك بىرقىزمەن. نېمە دېگەندە مەن بىر ئىشلاردا مەيدانىمنى ئاسان ئۆزگەرتمەيمەن. بۇنىڭدىنئۈچ ئاي بۇرۇنمۇ فۇئات مەندىن يۈز ئۆرىگىلى تاس تاماس قېلىپ، يېرىم يولدا يېنىمغاقايتىپ كەلگەندىمۇ، مەن ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئۇنى قۇبۇل قىلغان، كۆزۈمگە ئۇنىڭدىنباشقىسى پەقەتلا كۆرۈنمىگەن. پەقەت شۇ كۆڭلۈمنىڭ بىريەرلىرىدە قاراڭغۇ كۆلەڭگىلاقالغان، خالاس.

    - ھە راست نېمە ئىش قىلىدۇبۇ بالا؟-خاتىمە ھەدەم يەنە شۇ گەپتە ئىدى.

    - ساقچى، سانجىدا.

    - ھىم، ياخشىكەن، ئەممائىككىڭلار ئىككى يەردە قاپسىلەردە؟!

    - شۇ، ئامال يوق،ئىككىلىمىزلا ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان كەسىپنى قىلىمىز دەپ

    بۇ خاتىمە ھەدەم چوڭئىشخانىدا بىر توپ ئەر يولداشلار بىلەن ئىشلەپ، مەندەك بىرسىگە تازا تەشنا بولۇپتۇرۇپتىكەنمۇ دەيمەن، بىر چۈشتىن كېيىن ماڭا نۇرغۇن نۇرغۇن نەرسىلەرنى، ئۆزىئىدارىغا كەلگەن 12يىلدىن بېرى يۈز بەرگەن ھەممە ئىشلارنى دېگۈدەك دەپ ئۈلگۈردى،يائاللا، 12يىلدا يۈزبەرگەن ئىشلارنى خۇلاسىلاپ دېمەكمۇ ئاسان ئىشئەمەستە!!

    • قانداقراق؟ خىزمەتكەكۆنگەندەكمۇ؟

    كەچتە فۇئات تېلىفونلاشقىنىمىزدا سورىدى مەندىن كۆيۈمچانلىقبىلەن.

    - يامان ئەمەس، تېخىچە بىرەرۋەزىپە بەرمىدىغۇ.-دېدىم كارىۋاتنىڭ بېشىدىكى ياستۇققا يۆلىنىپ يېرىم ئۆرە بولۇپ.

    - ئىشخانىدىكىلەرچۇ؟ياخشىمىكەن؟

    - ياخشىدۇ ئەمدى، ھازىرچە شۇبىر خاتىمە دېگەن ھەدەش بىلەن بۆلۈم باشلىقىمىزدىن باشقىسى بىلەن پاراڭلاشقۇدەكبولمىدىم،-دېدىم تېلىفون سىملىرىنى قولۇمدا ئوينىغاچ.

    -  بەزىدە بەك ياۋايىلىققىلماڭ دەيمەن، بىرەر ئىككى ئېغىز يالغان-راست ئەھۋاللىشىپ قويسىڭىزلا باشقىلىرىبىلەنمۇ چىقىشىپ كېتىسىز لەيلى!

    - مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياقىبىرەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ باقماپتىمەن، كۆنەلمەيدىغاندەكلا،-دېدىم ئېرەنچەكلىكبىلەن، دېمىسىمۇ مەكتەپتىكى نەچچە يىللىق ھاياتىم، يەنە مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىنكىبۇ بىر يىلدا فۇئات بىلەنلا يۈرۈپ، ھەممە ئىشتا شۇنى ئالدىغا چىقىرىپ، ھەتتا مۇنداقئويلىسام پىركازچىكلارغىمۇ تۈزۈك گەپ قىلىپ باقماپتىمەن، توۋا ! - خىزمەت قىلغىلىلابارغاندىن كېيىن ئۇ ئىدارىغا، يا ئىجتىمائىي ئالاقەمنى كېڭەيتكىلى بارمىسام.

    - كۆڭلۈمدىكىنى دېسەمغۇ،سىلەرنىڭ ئۇ لايىھىلەش ئىدارەڭلەردە ھەممىسى دېگۈدەك ئەر خەق، مەنمۇ ئەنسىرەيمەنجۇمۇ مۇنداق دېگىنىم بىلەن خېنىم سىلىدىن!

    يالت قىلىپ ئۈچ ئاي بۇرۇنقىھېلىقى پاجىئەنى ئەسلەتتى فۇئاتنىڭ بۇ گېپى

    - نېمە بولدى؟

    - ھېچنىمە، سىلەرنىڭئىدارىدىكى گۈللەردىن مەنغۇ خاتىرجەم.

    - سىز... فۇئاتنىڭ ئاۋازىپەسلىدى،- سىز يەنە خاپا ھە؟ لەيلى شۇ ئىش ئۈچۈن مەندىن.

    - ياقەي.-دېدىم ئۈنۈمنىكۆتۈرۈپ،-بولدىلا بۇ گەپلەرنى دېيىشمەيلى!

    - مەيلى...

    ئۇ ئۇھسىندى. ۋۇجۇدۇمدا تېگى يوق بىر قاپقاراڭغۇ ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك بۇ تۇيغۇ، يەنە پەيدابولدى، تۇيۇقسىزلا ئۆزەمنى مۇشۇنداق ئازابلىق كەيپىياتنىڭ ئىچىدە تۇنجۇقۇپ قېلىپمەڭگۈ چىقالمايدىغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم.

    بەلكىم مەن مۇھەببەتنىبەكلا ئاددىي ئويلىۋالغان بولسام كېرەك، بۇ ئىپتىدائىي كاللامدا قانداققىلسامدۇ‹يۈزسىزلىك قىلىش، ئۆزگىرىش›› دېگەندەك ئۇقۇملارنى چۈشىنەلمىدىم. فۇئات ئىككىمىز شۇنداق ياخشى ئۆتكەن بىرجۈپلەر، مەكتەپتە ھەممە ھەۋەسقىلاتتى.  مۇئەللىملىرىمىزمۇ ‹نېمانچىۋالا ماس كەلگەن بىرجۈپلەر بۇ› دەپ قوياتتىچاقچاق قىلغاننىڭ ئورنىدا. كىيىم - كېچەك، يۈرۈش - تۇرۇشىمىزغىچە سىڭىشىپكەتكەندەكلا ئىدۇق. شۇنداق تۇرۇقلۇق فۇئاتنىڭ قەلبىدە، كۆزلىرىدە يەنە بىر قىزپەيدا بولۇپ قالدى بۇندىن يېرىم يىل بۇرۇن. شۇ قىزنى دەپ ئايرىلىپ كەتكىلىمۇ تاسقالدۇق. بەزى ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ تېپىش شۇنچە مۈشكۈل. ئارىلىقىمىزنىڭيىراقلىقىدىكى مەسىلىمىدۇ؟ مېنىڭ ئۇنىڭ يېنىدا بولالماسلىقىممۇ يا؟ بۇنداق مۇھەببەتبەكلا ئاجىزمۇ قانداق ھە؟! كىچچىككىنە زەربىگىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان. بىزنىڭشۇنچە يىللىق ئەقىدىمىز زادى نېمىگە ھېساب؟! قايمۇقۇش، خاتىرجەمسىزلىك پات پاتلاقەلبىمنى چۇلغىۋالىدۇ، ئۆزۈمچە فۇئاتنى مەندەك چۈشىنىدىغان ئادەم يوق دەپئويلاپتىمەن. ئەمەلىيەت بۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ قويدى. شۇنداق بولسىمۇ،مەن ئىككىمىز ئارىسىدىكى ھازىرقىدەك مۇناسىۋەتتە مەن قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنىتۇتىۋېلىشقا، چىقىش يولى ئىزدەشكە ئۇرۇنىۋاتىمەنۇ، ئەمما ھېچنىمېنىتۇتالمايۋاتىمەن، چۈنكى مەن مۇھەببىتىمىزنى قۇتۇلدۇرماقچى. قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈنمۇشۇنداق سوغۇق بولۇپ كېتىۋاتىمەن، ئۇنىڭ بىلەن ھازىرنىڭ ئۆزىدە توي قىل دېسىمۇمەندىكى بۇ ھېسىياتنىڭ غايىپ بولىشى ناتايىن!

    شۇڭا، كۆزۈمنى يۇمۇپ بۇلارنىڭھەممىنى ۋاقىتنىڭ يۇيۇپ كېتىشىگە قويۇپ بەردىم، گەرچە مۇشۇنداق بىر داغنىڭ مۇھەببەتئەقىدىلىرىمىز تارىخىدا قېلىپ قېلىشىنى ئەسلا ئۈمىد قىلمىساممۇ. ئۇنى بەك ياخشىكۆرگەنلىكىمدىنمۇ ۋە ياكى نەچچە يىللىق ئەقىدەمنىڭ مۇشۇنداقلا ۋەيران بولىشىغاچىدىمىغىنىمدىنمۇ ئىشقىلىپ، قانداقلا قىلماي بۇ مۇھەببەتتىن ۋاز كېچەلمەيمەن. فۇئاتسىز ھاياتىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن، شۇڭلاشقىمۇ بۇ ھېسىيات پاتقىقىغامۇشۇنداق پېتىپ كېتېۋېرىۋاتقاندىمەن.

    (ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.