«ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»تەتقىقات تېمىلىرى(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-11 03:42:26

«ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»تەتقىقات تېمىلىرىئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۇيغۇر خەلقى كۆپ مىللەتلىك ۋەتىنىمىزنىڭ قەدىمقى مەدەنىيەتلىك مىللەتلىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ م...

    «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»تەتقىقات تېمىلىرى
    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن


       ئۇيغۇر خەلقى كۆپ مىللەتلىك ۋەتىنىمىزنىڭ قەدىمقى مەدەنىيەتلىك مىللەتلىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك مەدەنىيەت تارىخىنى، جۈملىدىن غايەت مول ئەدەبىيات تارىخىنى نېگىلىزىملىق ئاساستا ئىنكار قىلىش، بۇرمىلاش ۋە كەمسىتىش لىن بىياۋ، جىياڭ چىڭ گۇرۇھى فېئودال فاشىسىتلىق مەدەنىيەت ھاكىم مۇتلەقلىق جىنايىتىنىڭ بىر تەركىۋىي قىسمى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنى ماركىسىزىملىق تارىخىي ماتېرىيالىزىملىق كۆز قاراش ۋە ئۇسۇلدا ھەر تەرەپلىمە تەتقىق قىلىش ۋە قېزىش، جۇڭگو ھەر مىللەت خەلقلىرى ئەدەبىيات - سەنئەت، پەلسەپە ۋە ئىدېئولوگىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىش ۋە قېزىشتىكى مۇھىم بىر ئىلمىي ساھە.
       بۇ ساھەدىكى خىزمەت ئايرىمىلىقتىن ئومۇمىيلىققا قاراپ، باشقىچە ئېيتقاندا ئايرىم خاس تېمىلاردىن بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى ھەققىدىكى بىر ياكى بىر قانچە كىتابقا قاراپ ئېلىپ بېرىلغىنى بىر قەدەر ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشقا، ئىلمىي پائالىيەتنى بىر قەدەر كەڭ قانات يايديريشقا، ھەر قايسى تېمىلار بويىچە چوڭقۇلاپ ئىچكىرىلەشكە پايدىلىق. ئەلۋەتتە، بۇ بىردىن - بىر ئۇسۇلمۇ ئەمەس.
       " "ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى" تەتقىقات تېمىلىرى" بىر قۇرۇق جازا، شۇنداقتىمۇ ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ مىڭلىغان يىللار ئىچىدىكى جاپالىق بەدىئىي تەپەككۇرى ۋە ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئاساسىدىكى بىر قۇرۇق جازا، بۇنداق قۇرۇق جازىنىڭ يوقلۇقى بىلەن بارلىقى بىر - بىرىگە سېلىشتۇرۇلسىلا ئۇنىڭ ئەھمىيىتى، پايدىسى ۋە زۆرۈرىيىتى ناھايىتى ئېنىق ئايان بولىدۇ، بۇ ئىزلىنىش تەرەپلىرىنى بەلگىلەشكە ۋە ئىشلىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشقا، ماتېرىياللارنى كۆپرەك تېپىش ۋە تەتقىقاتنى بىر قەدەر كەڭ يولغا قويۇشقا مەلۇم پايدا يەتكۈزىدۇ، ھېچ بولمىغاندا بۇ تېمىلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ تارىخىي تېماتىك سىستېمىسى ھەققىدىكى كۆز قاراشنى تىكلەش ۋە روشەنلەشتۈرۈشكە پايدىلىق.
                            جامائەتچىلىككە سەمىمىي ئېھتىرام بىلەن:  ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن
     
       ئورخۇن - رون يېزىقى
       بۇددا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، كوشان (قوشخان) خاقانى كادپىس ئۆتكۈزگەن بۇددا يېغىنىغا بېغىشلانغان ۋىداياسىلا (ۋىداياسىلا) نىڭ بۇددا زەپەرنامىسى "بۇددھا ستورادھاساتكا" قەسىدىسى، بۇددا دىراممىسى "ماتتەريا سامىتكا".
       بۇددا ھېكايىلىرىنىڭ ئورتاقلىقى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكى مەسىلىسى، دىن ۋە سەنئەت ئورتاقلىقى ۋە ئالاھىدىلىكى. بۇددا قائىدىلىرىنىڭ مەھەللىۋېلىشىشى ۋە مىللىيلاشتۇرۇلۇشى. خوتەندە "مەبۇت يۆتكەش"؛ بۇددا چۆچەكلىرى.
       خوتەنلىك مەلىكە سېمىرا (سەمىرا) نىڭ يۇرت سېغىنىش لىرىكىسى.
       زارا ئوستىرا دىنى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى؛ پال كىتابى؛ تېببىي كىتابتىكى ۋە يورۇقلۇق، قاراڭغۇلۇق ھەم يەك (جىن) لار ھەققىدىكى بەدىئىي تەسەۋۋۇرلار.
       ھىندىستان داستانى "ماخاپخاراتا" ۋە "رامايانا" دىن "ماخاپخاراتا" نىڭ، ئىسوس چۆچەكلىرىنىڭ تۇرپاندا تېپىلغان تەرجىمە نۇسخىسى؛ جىنلار ۋە بالايى - ئاپەتكە قارشى ئەزىمەت ئىلىكبېگ ھەققىدىكى "چىستانى ئىلىكبېگ" داستانى.
       ئۇيغۇرلاردا بۇددا تاشچىلىق - نەققاشچىلىق سەنىتى؛ ئۇيغۇرلاردا ئەڭ ئىپتىدائىي غار ھاياتى سۆرەتلىرى؛ بۇددا دىنىنىڭ ھەيكەلتاراشلىق ۋە شېئىرىيەت بىلەن بېزەكلەندۈرۈلۈشى ۋە ئوبرازلاشتۇرۇلۇشى؛ داندان ئۆيلۈك؛ كوچا مىڭ ئۆي، قۇمتۇر، بېزەكلىك ۋە دۇڭخۇئاڭ ئويما نەققاشلىرى ۋە تام سۆرەتلىرى؛ يىپەك يولى ۋە كارۋان يولى تەسۋىرى سۆرىتى؛ كۇچار ئوركىستىرى ۋە ناخشا - ئۇسۇل تەسۋىرى؛ ۋايسا ئىراسەنگا ۋە ئۇنىڭ دادىسى ۋىسا بوچىنانىڭ پېتىنقى - كۆپۈنكى (سېترولۇق) ئۇسۇلىدىكى سۆرەتچىلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى؛ قانقىل ساتۇ، قانقىل شېئىرى، سەلىزجۇندا ۋە بومى قاتارلىقلارنىڭ رەسساملىق ئۇتۇقلىرى.
       "خۇ" نەزمىلىرى ۋە ئۇيغۇر كۈيشۇناسلىقى؛ چالغۇ ۋە ئاھاڭ. ناخشا ۋە مۇزىكا. مۇزىكا ۋە قوشاق. خوتەندە تېپىلغان ئىسترىت سۇجۇپ ۋە ئۇنىڭ "12 تېمپېرامىنتولوگىيىلىك كۈيشۇناسلىق قانۇنى" ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى. ماندا ئاقارى، بۇددا راھىپلىرى ئۇيغۇر - شىنجاڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنىتى ھەققىدە.
       ئورخۇن - رونچە ئۇيغۇر يېزىقى نەمۇنىلىرى. خوتەندە ۋە ئورخۇندا تېپىلغان ياغلۇقار قالۇ ۋە ياغلىقارلارنىڭ رونچە يېزىقلىرى. تاشپۈتۈك ۋە تەزكىرىلەر "كۆل تېكىن" ئابىدىسى، "بىلگە قاغان" ئابىدىسى، "تۇنيۇقۇق ئابىدىسى". ئۇلارنىڭ تارىخىي، ئىجتىمائىي، بەدىئىي ئامىللىرى ۋە قىممىتى.
       كونا ئۇيغۇر مانى يېزىقى نەمۇنىلىرى. "چۇق ئارت تېكىن تەزكىرىسى" دىكى رىۋايەتلەر. "شۇئەنزاڭنىڭ تەزكىرىسى" ۋە ئۇنىڭ "ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدە غەربكە ساياھەتنامە" كىتابىدىكى مەدەنىي ھاياتقا ئائىت خاتىرىلەر. "تۆبە دۇئاسى"، "ئالتۇن يارۇق"، "ئەتىلدان ۋە ناداننامە" (ئىككى تېكىن ھېكايىسى) ۋە باشقىلار.

    ئۈچىنچى قىسىم
    ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى
       ئومۇمىي ئوبزور. ئىسلامىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغىچە بولغان دەۋردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتى "خوتەندە گۈل سەيلىسى" شېئىرى. "ئۇيغۇر نەغمىسى" شېئىرى ۋە قوغۇرسۇ ئالتۇننىڭ "تۇرا ناخشىسى" شېئىرى.
       ياغلىقار باشچىلىقىدىكى ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆچۈشى. سېرىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئېغىز ئەدەبىياتى مەسىلىلىرى. دىراممىچىلىق ۋە ئارسلانخاننىڭ مۇزىكىلىق زىياپىتى خاتىرىسى 9 چاۋۇپلار.

    ئىسلامىيەتتىن موڭغۇل ئىستىلاسىغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى (10-، 12- ئەسىرلەر)
       ئومۇمى ئوبزور. ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلام ۋە باغداد خەلىپىلىكلىرىنىڭ سىر دەريانىڭ جەنۇبىي قىسمىغا تەسىرىنى كىرگۈزۈشى. قارلۇق ۋە ئوغۇزلارنىڭ سىر دائەريا بويىدىكى باغداد ئىسلام خەلىپىلىكىگە قارشى لىنىيىسى. ياغما - قارلۇق قاتارلىق ئۇيغۇر قەبىلىرىنىڭ قاراخانىلار ھاكىمىيىتى، ئوڭا ياغلىقار قاتارلىق ئورخۇن قەبىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى. ئەخمەت سامانىنىڭ سامان سۇلالىسىنى قۇرۇشى. ئىدىقۇت، قاراخان ۋە گەنجۇ سېرىق ئۇيغۇر ھاكىمىيەتلىرى، غەزنەۋىلەر. مانۇ چىغرانىڭ تۈركىي شېئىرلىرى. "شاھنامە" نىڭ مەيدانغا كېلىشى. سامانىيلار ۋە قاراخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە سىر دەريا بويىدىكى سامانىيلار سېپىلى. سىر دەريا شىمالىنىڭ ئىسلاملىشىشى. "گور ئوغلى" داستانى. قاراخانىلار ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى. ئۇيغۇرچە قۇرئان نۇسخىسى.
       ئوتتۇرا ئەسىر ئادىتنوتىلى ئەبۇنەسىر فارابى (950-870). ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇر - قارلۇق مەدەنىيىتىنىڭ تۇنجى نامايەندىسى. ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا روھى ئاتمۇسفىراسىدىكى بىر قانچە ئالامەتلەر. فارابىنىڭ مەدەنىيەت، تىل ۋە سەنئەت ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى. فارابى ئوبرازلىق تەپەككۇر ۋە مەنتىقىلىق تەپەككۇر ھەققىدە. فارابىنىڭ ئەدەبىياتنىڭ تونۇش رولى ۋە زوقلىنىش رولى، تەربىيىۋى رولى ھەققىدىكى ئىستىتىك كۆز قاراشلىرى. فارابى چىنلىق ۋە گۈزەللىك توغرىسىدا، فارابىنىڭ ئىستىتىك بىلىش نەزەرىيىسى. فارابى رېتىم - تېمپا، گارمۇنىيە، قاپىيە ۋەزىن ھەم شېئىرىي ئۇسلۇبلار توغرىسىدا، فارابىنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان پەلسەپىۋى شېئىرلىرى، فارابىنىڭ مۇزىكىشۇناسلىق ساھەسىدىكى غايەت زور تۆھپىلىرى. فارابى ئىستىتىك كۆز قاراشلىرىنىڭ ئىلغار تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى.
       ئوئۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ "قۇتادغۇبىلىك" داستانى. داستاننىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە شائىرنىڭ ھاياتى. شائىرنىڭ داستاندا ئىلگىرى سۈرگەن ئاساسىي ئىدىيىلىرى. داستاننىڭ تۈزۈلمىسى ۋە ئاساسىي مەزمۇن. شائىرنىڭ ئىجتىمائىي - پەلسەپىۋى ۋە ئىستىتىك كۆز قاراشلىرى. فارابى تەلىماتلىرىنىڭ شائىرغا تەسىرى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەشەببۇسىدىكى ئىلمىي پائالىيەتلەر ۋە "ساجىيە" جاماسىنىڭ (ئالىي مەكتىۋىنىڭ) قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرى.
       مەھمۇت قەشقىرى ۋە "دىۋان لۇغەتىت تۈرك". لۇغەتنىڭ ئەدەبىي ۋە ئىستىتىك قىممىتى. دىۋاندا يازما ۋە ئېغىز ئەدەبىياتى، تەمسىل، ۋەزىن مەسىلىلىرى. دىۋاننىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنى يۇرۇتۇشتىكى ئەھمىيىتى.
       ئەخمەت يۈكنەكى ۋە "ھىببەتۇل ھەقايىق" داستانى. داستاننىڭ مەيدانغا كېلىش مۇھىتى، قاراخانىلار ھاكىمىيىتىنىڭ چۈشكۈنلىشىش ئالامەتلىرىنىڭ داستاندىكى ئىپادىسى. داستاننىڭ مەزمۇنى ۋە ئەخلاقىي، پەلسەپىۋى ۋە بەدىئىي قىممىتى.
       مۇھەممەت خارەزىمى ۋە "مۇھەببەتنامە". رابغۇزى ۋە "قىسسەتۇل ئەنبىيا". بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ تىل تەلەپپۇز مەسىلىلىرى ۋە بەدىئىي مەزمۇنى.
       قوشۇمچە: ئەخمەت يەسەۋىي "دىۋان ھېكمەت" شېئىرىيىتىنىڭ تىل مەسىلىسى ۋە پەلسەپىۋى مەزمۇنلىرى. ئەخمەت يەسەۋىدىكى خەلقپەرۋەرلىكنىڭ روھانىيەتچىلىك بىلەن بىرلىشىپ كېتىش خاھىشى مەسىلىسى. ئەخمەت يەسەۋى شېئىرىيەت يولىنىڭ كېيىنكى تارىخىي تەسىرى ۋە ئەدەبىياتتا ئىدىئولوگىيىلىك كۈرەشنىڭ ئەۋج ئېلىشى. ئەينى زامان مەنىۋى ھاياتىغا بېغىشلانغان نەسرى ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى.
       "تەركىرەئى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان غازى"، "تەزكىرى ئەبۇ نەسىر سامانى"، ئۇبۇل فوتۇق ھۈسەيىن ئەل ئاماينىڭ يوقالغان ئەسىرى:"قەشقەر تارىخى". خوتەنلىك موللا نىيازنىڭ كېيىنكى زاماندا يازغان "تەزكىرى يەتتە ئىمام" داستانىدىكى شۇ دەۋرگە ئائىت بەدىئىي تەسۋىر.
       قوشۇمچە: ئوبۇلقاسىم فىردەۋسنىڭ "شاھنامە". شەيخ سائىدىنىڭ "گۈلىستان" داستانىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە. ئومەر ھاييام رۇبائىلىرىنىڭ ئىدىيىۋى ۋە بەدىئىي تەسىرى. ئەرەب ساياھەتچىلىرى قاراخانىلار دەۋرى مەدەنىيىتى توغرىسىدا. قاراخانىلار دەۋىرىدىكى كۇچار، قارا شەھەر، تۇرپان، بەشبالىق، ئالمىلىق، ئىۋىرغۇل (قۇمۇل) ۋە قالقالۇ، ماچىن (خوتەن) مەدەنىيىتى.
       نايمان - كۈچلۈك ۋە كران - گورخان دەۋرىدىكى ئۇيغۇر سەنىتى. رىۋايەتلەر. خىرىستىيان مەدەنىيىتى تەسىرى. يەتتە سۇ، سىر دەريا ۋە فەرغانىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى.

    موڭغۇل - (قۇبلاي) دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى
       ئومۇمىي ئوبزور. موڭغۇللار ۋە ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى ۋە سەنئەت - مەدەنىيىتى.
       قوشۇمچە: زەمەقسەرى (1143- يىلى ۋاپات قىلغان) نىڭ "مۇقەددىمەتۇل ئەدەپ" لۇغىتى. مۇھەممەد ئىمىن قەيسى قانقىلىنىڭ "تۈركى لۇغەت" كىتابى ۋە ئەدەبىي تىل مەسىلىلىرى.

    موڭغۇل - چاغاتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى
       ئومۇمىي ئوبزور. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى شېئىرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋرى. سەددى قەشقىرى ۋە ئۇيغۇر - تۈركىي شېئىرىيەت مەسىلىسى.
       چاغاتاي دەۋرى. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىسى مەۋلانە ئەبەيدۇللا لۇتفى. (1465-1360)
       "دىۋان لۇتفى"، "گۈل ۋە نەۋرۇز" داستانى. لۇتفىنىڭ تەرجىمىچىلىغى "زەپەرنامە"، "ھاشىيەتى مەتالىئول ئەنۋار" (نۇر مەنبەلىرىنىڭ شەرھى). لۇتفىنىڭ پەلسەپىۋى ۋە ئىستىتىك قاراشلىرى. لۇتفى شېئىرىيىتىنىڭ بەدىئىي خۇسۇسىيەتلىرى.
       يۈسۈپ سەككاكى ۋە ئۇنىڭ شېئىرىيىتى. (14- ئەسىرنىڭ ئاخىرى)
       ئاتايى شېئىرىيىتى. (15- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى)
       ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك - ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ يۈكسەك ئۈلگىسى - ئەلىشىر ناۋائىي. ناۋائىي دەۋرى ۋە ھايات - پائالىيىتى. ناۋائىي ئەسەرلىرىنىڭ تىلى ۋە ئۇنىڭ مىللىي فونىتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى. ناۋائىي مەسىلىسى. ناۋائىينىڭ ئىلمىي ۋە دىداكتىك ئەسەرلىرى. ناۋائىينىڭ پەلسەپىۋى، ئىجتىمائىي، پىداگوگىكىلىق ۋە ئىستىتىك كۆز قاراشلىرى. ناۋائىي شېئىرى تىلىنىڭ بەدىئىي خۇسۇسىيەتلىرى. ناۋائىي لۇغىتى. ناۋائىينىڭ "خەمسە" داستانلىرىنىڭ سىدىق خۋاشاھ يەركەندى تەرىپىدىن نەسىرلەشتۈرۈلۈشى - "نەسىرى خەمسە ناۋائىي". ناۋائىيشۇناسلىق مەسىلىلىرى.
       خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مەسىلىلىرى. "چىن تۆمۈر باتۇر"، "ئوكتۆلمىشنىڭ سەرگۈزەشتىلىتى". "نەسىرىددىن ئەپەندى لەتىپىلىرى". "يۈسۈپ ئەخمەت ۋە بوزوغلان".
       قوشۇمچە. سەلجۇقلار شېئىرىيىتى. خىسراۋ دېھلىۋى ۋە ئۇنىڭ "چار دەرۋىش" ئەسىرى. "چار دەرۋىش" نىڭ يەتكەنتلىك مۇللا سىدىق تەرىپىدىن قىلىنغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى. نىزامى گەنجىۋى شېئىرىيىتىنىڭ تەسىرى. جامى ئەسەرلىرىنىڭ تەسىرى. بابۇر ۋە "بابۇرنامە". بابۇر شېئىرىيىتىنىڭ تىلى ۋە سەنىتى.

    17- ئەسىر (سەئىدىيە) ئۇيغۇر ئەدەبىياتى
       ئومۇمىي ئوبزور. موڭغۇل دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى.
       سەئىدى، رەشىدى، مەۋلانا خۇلقى، ئايازى غەزەللىرى. شائىرە نەفىسى، نەفىسى (ئاماننىساخان) ھەققىدىكى خاتىرىلەر. "دىۋان نەفىسى"، "سورۇلقۇلۇب" (قەلبلەر سۆھبىتى)، "ئەخلاقى جەمىلە".
       قىدىرى ۋە "دىۋان قىدىرى". 12 مۇقامنىڭ رەتلىنىشى.
       سەئىدىيە دەۋرىدىكى تۇرپان - قۇمۇل ئۇيغۇر ئەدەبىياتى.
       موللا يۈسۈپ ئىبىن قادىر ھاجىنىڭ "غېرىپ - سەنەم" داستانى. داستاننىڭ مەزمۇنى ۋە كەڭ تارقىلىشى. داستانننىڭ كېيىنكى زاماندا ئوپېرالاشتۇرۇلۇشى.
       نەسىرى ئەدەبىيات. مىرزا ھەيدەر كورگاننىڭ "تارىخىي رەشىدى" كىتابى. مەخمۇت جۇراسنىڭ "تارىخىي رەشىدى" كىتابى. مۇھەممەد ئەلى مۇھەممەت يەركەندىنىڭ "ھەپتە مۇھەممەدان" ناملىق كىتابى. (ئابابەكرى مىرزا، سۇلتان سەئىدخان، ئابدۇرەشىتخان، خوجا مۇھەممەت شىرىپ، ئابلىمىت سۇلتان قاتارلىقلار ھەققىدىكى 366 بەتلىك لىرىك ئەسىرى). "تەزكىرى ئۇۋەيىس".

    18- ئەسىر (خوجىلار دەۋرى) ئۇيغۇر ئەدەبىياتى
       ئومۇمىي ئوبزور. ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە دىنى ھەم دۇنياۋى (گۇماتىزىملىق) ئەدەبىيات ئارىسىدىكى كۈرەش. خەلق ئەدەبىياتى ۋە ئوردا ئەدەبىياتى. سوپىزم ۋە دەھىرلىك ئېقىمى. ئەخمەت يەسەۋى تەلىملىرىنىڭ تەسىرى. يەسەۋىيچىلىك ۋە نەخشىۋەندىچىلىك ئېقىمى. سوپى ئاللايار ۋە خوجا نەزەر ھۇۋايدا ھەققىدە. ئاق تاغ - قاراتاغ كۈرىشى. ئەدەبىي تىل مەسىلىسى.
       مۇھەممەت ئىمىن خوجام قۇلى خىرقىتى (1724- يىلى ۋاپات بولغان) ۋە ئۇنىڭ "مۇھەببەتنامە - مېھنەتكام" (1670- يىل) داستانى.
       رېھىم بابا مەشرەپ ۋە ئۇنىڭ ھاياتى ھەم ئەسەرلىرى. مەشرەپنىڭ ياشىغان ۋە تەربىيە كۆرگەن جايلىرى. "مۇبدەئى نۇر" ۋە "دىۋان مەشرەپ". مەشرەپ غەزەللىرىدە ئىپادىلەنگەن ئىدىئولوگىيىلىك مەسىلىلەر. مەشرەپ شېئىرىيىتىنڭ ئۇسلۇبى، تىلى ۋە ئاھاڭدارلىقى.
       مۇھەممەد سىدىق زەلىلى (فىقىرى). "گۈللىيات دىۋان زەلىلى" (ھىجىرىيىئىنىڭ 1147-، 1155- يىللىرى)، مىلادىنىڭ 1734-، 1942- يىللىرى يېزىلغان "سەپەرنامە" (1718- يىلى) داستانى. "ئىمام سادىق جەپپەرى" داستانى. زەلىلى شېئىرىيىتىنىڭ تېماتىكىسى ۋە بەدىئىي ماھارىتى.
       "دىۋان نۆبىتى". نۆبىتىنىڭ ئابدىراخمان خەلپەت تەرىپىدىن 1797- يىلى كۆچۈرۈلگەن لىرىكلىرىنىڭ بەدىئىي خۇسۇسىيىتى. نۆبىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە گۈزەللىكىنى مەدھىيىلەش تېمىسىدىكى غەزەللىرى.
       "دىۋان مەجلىسى" (1979-)
       ئومەر باقى (18- ئەسىر) ۋە ئۇنىڭ "پەرھات - شېرىن"، "لەيلى - مەجنۇن" داستانى.
       مۇھەممەت سىدىق بەرشىدى (18- ئەسىر) ۋە "سىدىقنامە".
       نامەلۇم ئاپتورلار ۋە ئەسەرلەر.
       - گۇمنام ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى.
       - سەييادى ۋە "تاھىر - زۆھرە" داستانى.
       - سابىر سەيقەلى ۋە "قىسسە سەيقەلى"، "بەھرەم ۋە گۈلەندەم".
       - ئەندەلىب ۋە "لەيلى - مەجنۇن" داستانى.
       - سامائى ۋە "دىۋان سامائى"
       - رىزائى ۋە ئۇنىڭ "خۇرشىد ۋە مەلىكە دىللام" داستانى.
    نەسىرى ۋە تەرجىمە ئەدەبىياتلار
       مەشھۇر ئەدەبىي تەرجىمىشۇناس خامۇش موللا يەركەندى ۋە ئۇنىڭ "شاھنامە تۈركىي"، "كەلىلە دىمانە تۈركىي" تەرجىمە ۋە نەسىرلەشتۈرگەن ئەسىرى. خامۇش موللىنىڭ نەسىرلەشتۈرۈش ۋە تەرجىمە قىلىش ماھارىتى.
       - مۇھەممەد سادىق قەشقىرى ۋە "تەزكىرى خوجىكان (ئەزىزان)"، "زۇبەيدە تۇل ماسائىل"، "ئەسھابۇل كەپ" قاتارلىق نەسرى ئەسەرلىرى.

    19- ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى (1)
       موللا شاكىر ۋە ئۇنىڭ "زەپەرنامە" داستانى. (1890-1802- يىللار) ئۈچتۇرپاندا ياشىغان.
       19- ئەسىر مەشھۇر ئۇيغۇر شائىر ئابدۇرېھىم نىزارى. ئومۈر بايانى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى. "خەمسە نىزارى"، "دارىلھاد"، نىزارى ئەسەرلىرىنىڭ ئىدىئولوگىيىلىك ۋە ھېكايەتلىك مەزمۇنى. نىزارىنىڭ تىلى ۋە نىزارى شېئىرىيىتىنىڭ بەدىئىي خۇسۇسىيەتلىرى.
       "دىۋان زوھۇرى" ۋە تەلقىن.
       زىيائى "مەھزۇنۇل ۋائىزى" (قايغۇلۇق نۇتۇقلار) ئەسىرى. نورۇز ئاخۇن كاتىپ زوھىرىدىن ھېكىم بەگ دەۋرىدە يازغان 2400 مىسرالىق شېئىرىي ئەسەر.
       تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى ۋە "كىتاب غېرىبى". (1841- يىلى) يازغان. "كەسىپلەر مۇسابىقىسى".
       ئىمىن خوجايار ئىبن مۇھەممەد شەھيارى "ئىشتىياقنامە" ئەسىرى. (بۇ شائىرمۇ غېرىپ تەخەللۇسىنى ئىشلەتكەن).
       موللا ئەلەم شەھيارى ۋە لىرىك داستان "گۈل ۋە بۇلبۇل".
       ئەمىر ھۈسۈيۈن سۇبۇرى (قەشقەرلىك). سۇبۇرى ناۋائىي ئەسەرلىرىنىڭ ۋارىسى ۋە ناۋائىيشۇناس سۈپىتىدە، ناۋائىينىڭ "مەنتىقى تەھىر" (قۇشلار تىلى) ئەسىرىنى شەرھىلەپ يازغان. "ماقالەت شەرھى مەنتەقى تەھىر"، "داستان ئىسكەندەر تەرمۇۋائىز".
       بىر قاتار شائىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى.
       - موللا رېھىم (18- ئەسىر) "مۇھەببەتنامە" ئەسىرى. 1807- يىلى مۇللا يۇنۇس يەركەندى كۆچۈرگەن.
       - موللا سىدىق يەركەندى "نەسرى مۇھەممەد ھۈسۈيۈن بەگ" (18-، 19- ئەسىر)
       - ئەرشى ۋە "دىۋان ئەرشى" (18-، 19- ئەسىر)
       - ئابدۇكېرىم زىيائى شېئىر - داستانلىرى.
       - "دىۋان سادائى" (18-، 19- ئەسىر)
       - "دىۋان قەلەندەر"
       - مۇترىبان قەشقىرى ئىجادىيىتى
       - "دىۋان ناقس". مۇھەببەت ۋە مەرىپەت تېمىسى.
       - سابىر ئاخۇن قوليازمىسى، "گۈلزاربىنىش".
    نەسرى ۋە تەرجىمە ئەدەبىياتلار
       - مۇللا مۇھەممەد تۆمۈر قارىقاش "تەركىرشۇل رىشات" (1818- يىل)
       - نىمىتۇللا بىن ئىسمىتۇللا (مۆجىرى) "تارىخ مۇسقىيۇن".
       - قاسىمى "تەزكىرى ئارسلان"
       - قازى قۇززات ئەخمەت تۆمۈر ئاقسۇيى (موللا مەۋلانە نۇچىخرى ھىكىم) تەرجىمە قىلغان "ئىسكەندەرنامە".
       - موللا نىياز "تەزكىرى ئىمام زەبىھۇللا" داستانى.
       - موللا ئابدۇل غاپپار: "زەپەرنامە شاھ باھادىرخان"
       - يەركەنتلىك مۇللا سىدىق ۋە ئۇنىڭ خىسراۋ دېھلىۋى داستانى "چار دەرۋىش" نى تەجىمە قىلىش.

    19- ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى (2)
       19- ئەسىر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مەسىلىلىرى.
       نوزۇگۈم - خەلق شائىرەسى. نۇزۇك قوشاقلىرى.
       - "گۈلەمخان"، ئىلى ئۇيغۇرلىرى قوشاقلىرى. يەتتە سۇ ئۇيغۇر قوشاقلىرى.
       - خەلق شائىرى سادىر پالۋان ۋە ئۇنىڭ قوشاقلىرى.
       - سىيىت نوچى قوشاق - داستانى
       - باشقا تارىخىي قوشاقلار.
       - ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى. داستانكەشلىك، مەدداھلىق، ھېكايەتچىلىك، سەيلى قوشاقلىرى.
       موللا بىلال بىننى مۇللا يۈسۈپ (1899-1823). "غەزەلىيات"، "كىتاب غازات دەرمۈلكى چىن"، "نوزۇگۈم"، "چاڭمۇزا يۈسۈپخان". مۇللا بىلالنىڭ ئىجتىمائىي كۆز قاراشلىرىدىكى زىددىيەتلەر. موللا بىلال شېئىرىيىتىنىڭ بەدىئىي خۇسۇسىيەتلىرى.
       سىيىت مۇھەممەد ھېيت مۇھەممەد قاشى (1909-1858). "شەرھى شىكەستە".
       پۇرقەت توغرىسىدا (1909-1858- يىللار). ئۇنىڭ 57 يىللىق ھاياتىنىڭ 32 يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا، 5 يىلى چەتتە، يېتىلگەن 14 يىلى (1909-1896) خوتەن - يەركەنتتە ئۆتكەن. پۇرقەتنىڭ بۇ دەۋردىكى شېئىرلىرى.
       ئايال شائىرلار. مۇترىبە، مۇزەييەنە، سىكىنە، ئاجىزى.
       بىر قاتار شائىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى.
       - مۇھەممەت ئومەرى "دىۋان ئومەرى" (1850)
       - ئابدۇخالق شەھيارى ۋە ئۇنىڭ شېئىرىي دىۋانى.
       - ئەخمەتشا قارىقاش ۋە ئۇنىڭ ساتىرىك شېئىرىيىتى: "ئات". "مېۋىلەر مۇنازىرىسى".
       - مەخمۇت ھىكىم بەگ (مەخمۇدى)، ھوشۇر قازى، سىيىت ئارتۇشى، نىياز شېئىرلىرى.
       - فازىلى.
      دىنى - مىستىك ئەدەبىيات ئۈلگىلىرى.
       - "دىۋان سامائى"
       - "دىۋان سايرامى"
       - "دىۋان بىنشان" (1842- يىلقى پەيغەمبەر تەجىمىھالى داستانى)
       - "ھەجنامە". چىرىيىدە توختىسۇن خوتەنى يازغان ساياھەت داستانى.
       نەسرى ئەدەبىيات
       - موللا مۇسا سايرامى. "تارىخىي ئەمىنىيە"، "تارىخىي ھەمىدىيە".
       - "مىڭ بىر كېچە" نىڭ سىراجىدىن مەخمۇد تەرجىمە نۇسخىسى.
       قۇتلۇق شەۋقى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئىمىر ھەسەن قازى. ئۇلارنىڭ شېئىرى ئۇتۇقلىرى. ئىمىر ھەسەن قازىنىڭ "شاۋاز قارى ۋە قىزىلچى خېنىم" ھېكايىسى.
       تەجەللى ۋە "بەرقى تەجەللى" توپلىمى. تەجاللىنىڭ غەزەللىرى ۋە "قارا قەسىدىسى".
       ئابدۇقادىر دامۇللا ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى. كونا دېموكراتىك مەتبۇئاتچىلىق ۋە "ئاڭ مەجمۇئەسى"، ھەپتىلىك "نەسىھەت ئامما" گېزىتچىسى. ئابدۇقادىر دامۇللامغا زامانداش ئەدىپلەر.
       كونا دېموكراتىك ئەدەبىيات نامايەندىلىرى. ئابدۇخالق ئۇيغۇر، ئەخمەت زىيائى ۋە 20-، 30- يىللار ئارىسىدىكى ئەدەبىيات..

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.