سۈنزىنىڭ ئۇرۇش سەنئىتى(4-شەكىل)

يوللىغۇچى : elqem يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-22 12:48:09

سۈنزىنىڭ ئۇرۇش سەنئىتى4-شەكىل(ئىپادە) سۈنزى ئېيتىدۇرلەركى،بۇرۇنقى چاغلاردا جەڭ قلىش يولىنى بىلىدىغانلار ئاۋۋال دۈشمەنگە يېڭىلمەسلىك تەلىپىنى ئورۇنداپ، ئاندىن دۈشمەننى يېڭىش پەيتىنى كۈتۈپ تۇر...

    سۈنزىنىڭ  ئۇرۇش سەنئىتى

    4-شەكىل(ئىپادە)

     

       سۈنزى ئېيتىدۇرلەركى،بۇرۇنقى چاغلاردا جەڭ قلىش يولىنى بىلىدىغانلار ئاۋۋال دۈشمەنگە يېڭىلمەسلىك تەلىپىنى ئورۇنداپ، ئاندىن دۈشمەننى يېڭىش پەيتىنى كۈتۈپ تۇرغان.دۈشمەنگە يېڭىلماسلىكتىكى تەشەببۇسكارلىق ئۆز قولۇڭدا بولىدۇ، دۈشمەننى يېڭىش-يېڭەلمەسلىكىنىڭ ئۇنىڭدا پايدىلىنىشقا بولىدىغان كاۋاكلارنىڭ بار-يوقلىقىغا باغلىق.دېمەك، جەڭ قىلىش يولىنى بىلىدىغانلار دۈشمەنگە يېڭىلمەسلىك شارائىتىنى يارىتالايدۇكى، دۈشمەننى چوقۇم يېڭىلىدىغان قىلالمايدۇ. شۇڭا، غەلبىگە كۆز يەتكۈزۈشكە بولىدۇكى، زورۇقۇشقا بولمايدۇ.

       دۈشمەنگە يېڭىلمەسلىك ئۈچۈن مۇداپىئە كۆرۇش يولىنى تۇتۇش لازىم؛ دۈشمەننى يېڭىش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىش يولىنى تۇتۇش لازىم، مۇداپىيە يولىنى تۇتۇشقا دۈشمەننىڭ ئەسكىرىي كۈچىنىڭ ئارتۇقلىقى سەۋەب بولىدۇ؛ ھۇجۇم قىلىش يولىنى تۇتشقا دۈشمەننىڭ ئەسكىرىي كۈچىنىڭ يېتىشمەسلىكى سەۋەب بولىدۇ.مۇداپىئە كۆرۇش يولىنى ئوبدان بىلدىغانلار ئۆز ئەسكىرى كۈچىنى خۇددى تەھتىساراغا يۇشۇرغاندەك يوشۇرۇن تۇتىدۇ؛ ھۇجۇم قىلىش يولىنى ئوبدان بىلىدىغانلار ئسكىرىي كۈچىنى خۇددى ئەرشئالادىن چۈشكەندەك چەبدەس ئىشقا سالىدۇ. شۇڭا ئۇلار ھەم ئۆزىنى ئوبدان قوغدىيالايدۇ،ھەم تولۇق غەلبە قازىنالايدۇ.

       غەلبەگە كۆز يەتكۈزگەنلەرنىڭ بىلىمى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىنى بېسىپ چۇشمىسە، ئۇلارنى ئەڭ دانا دىيىشكە بولمايدۇ؛ شىددەتلىك جەڭ قىلىپ غەلبە قازانغانلار خەلقى-ئالەم تەرپىدىن ماختالغان تەقدىردىمۇ ئەڭ دانا ھېسابلانمايدۇ. بۇ خۇددى قىلنى كۆتۇرگەن كىشىنى باتۇر،كۈن بىلەن ئاينى كۆرگەن ئادەمنى كۆزى ئۆتكۈر،گۈلدۇرماما ئاۋاىنى ئاڭلىغان ئادەمنى قۇلىقى ئۆتكۇر دىيىشكە بولمىغاندەك بىر ئىش. بۇرۇنقى زاماندا جەڭ قىلىشنى ئوبدان بىلىدۇ دىيىلگەنلەر ھامان ئاسان يېڭىشكە بولدىغان دۈشمەننى يەڭگەنلەردۇر. شۇڭا، ئاشۇ جەڭ قىلىش يولىنى بىلگەنلەرنىڭ قازانغان غەلبىسى قالتىس، پاراسىتى داڭلىق، كۆرسەتكەن خىزمىتى باتۇرلارغا خاس بولغان ئەمەس. شۇڭا، ئۇلارنىڭ غەلبە قازىنىشىدا خاتالىق يۇز بەرمىگەن؛ ئۇلاردا خاتالىق يۈز بەمىگەنلىكىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش تەدبىرلىرى جەزمەن غەبە قىلىش ئاساسىغا قويۇلغان، ئۇلار ئۆزلىرى يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇپ، دۈشمەننى يېڭىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىگەن. دېمەك، غەلبە قىلغۇچى قوشۇن ئاۋۋال غەلبە قازىنىش ئىشەنچىگە ئەگە بولۇپ، ئاندىن دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىىدۇ؛ مەغلۇپ بولغۇچى قوشۇن ئاۋۋال دۈشمەن بىلەن تەۋەككۈلگە ئۇرۇش قىلىپ، ئۇرۇش داۋامىدا تەسادىپىي غەلبە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش يولىنى ئوبدان بىلىدىغان كىشى سىياسى ئىشلارنى تۈزەپ، قانۇنچىلىقنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، شۇڭا، ئۇ يېڭىش-يېڭىلشنى بەلگىلەش ھوقوقىنى ئىگىلىيەلەيدۇ.

       بەش ئاساسىي پرىنسىپ بار: بىرنچىسى ئۇزۇنلۇق،ئىككىنچىسى كۆلەم، ئۈچىنچىسى سان، تۆتىنچىسى سالماق، بەشىنچىسى غالىبىيەت. يەر ئۇزۇنلۇقنى ھاسىل قىلىدۇ،ئۇزۇنلۇق كۆلەمنى ھاسىل قىلىدۇ، كۆلەم ساننى ھاسىل قىلىدۇ،سان سالماقنى ھاسىل قىلىدۇ(يەنى ئۆز بىلەن دۈشمەن تۇرغان يەرنىڭ ئوخشىماسلىقى ئىككى تەرەپتىكى يەر مەيدانىنىڭ چوڭ-كىچىكلىك جەھەتتىن پەرقلىق ئۆلچىمىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ ئۆز بىلەن دۈشمەن يەر مەيدانىنىڭ چوڭ-كىچىلىك ئۆلچىمىنىڭ پەرقى ئىككى تەرەپتىكى بايلىق مەنبەسىنىڭ ئاز-كۆپلۈك جەھەتتىن پەرقلىق مىقدارىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ ئۆز بىلەن دۈشمەن بايلىق مەنبەسىنىڭ ئاز-كۆپلۇك مىقتارىنىڭ پەرقى ئىككى تەرەپتىكى ئەسكىرىي كۈچىنىڭ ئاز-كۆپلۈك جەھەتتىن پەرقلىق سانىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ ئۆز بىلەن دۈشمەننىڭ ئەسكىرىي كۈچىنىڭ ئاز-كۆپلۈك سانىنىڭ پەرقى ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي قۇدرىتىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىق سالمىقىنىڭ پەرقى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇرۇشتا يېڭىش ياكى يېڭىلىشنى بەلگىلەيدۇ ).  غەلبە قىلغۇچى قوشۇننىڭ مەغلۇپ بولغۇچى قۇشۇنغا قارىغاندا خۇددى مىسقال ئېغىرلىقنى چارەك تارازىدا تارتقاندەك مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدۇ؛ مەغلۇپ بولغۇچى قوشۇن غەلبە قىلغۇچى قوشۇنغا قارىغاندا، خۇددى چارەك ئېغىرلقنى مىسقال تارزادا تارتقاندەك مۇتلەق ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ھەربىي قۇدرىتى كۈچلۈك غالىبنىڭ قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ جەڭ قىلىشى بەئەينى يېگى يوق چوڭچۈر ھاڭغا يىغىلىپ قالغان سۇنى يار ئالدۇرۇپ تاشقىنغا  ئايلاندۇرغاندك شىددەتلىك بولىدۇ، ھەربىي قودرەتنىڭ ئىپادىسى (شەكىل) ئەنە شۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.