خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى(5-باپ ئۆگەي دادا)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 09:45:21

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى(بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)نۇرمۇھەممەت توخت

    خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى
    (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)
    نۇرمۇھەممەت توختى

     

    5-باپ ئۆگەي دادا

     

       بىز ئالدىدىكى بابتا «خۇنەن چاڭشالىق يۈ يىڭخەن دارىننىڭ ئائىلىسى تۈگەشتى» دەپ يازغىنىمىزدا تولۇق خاتالىشىپتۇق، ياق، يۈ لاۋسى ئائىلىسى تۈگەشكىنى يوق، بۇ ئائىلىنىڭ ھاياتلىق يىلتىزى بولغان بىر ئوغۇل ۋە بىر قىز تېخى ھايات، چاڭشادا تۇغۇلغان، ئۈچ-تۆت يېشىدا ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ، ئۇزاق يوللارنى بېسىپ خوتەنگە كەلگەن يۈ شۇنچىڭ بەگزادە سەككىز-توققۇز ياشلارغا كىرىپ قالدى. خوتەنگە كەلگەندىن كېيىن تۇغۇلغان قىزىمۇ ئۈچ-تۆت ياشلارغا كىرىپ قالدى. ئۇلار ھايات تۇرسا يۈ ئائىلىسىنى تۈگەشتى دېگىلى بولارمۇ؟ يۈ ئائىلىسىنىڭ پەرزەنتلىرى تېخى ھايات، ئەمما ئۇلار يېتىم بولۇپ قالدى، ئانىسىدىن ئايرىلغان قوزىدەك، ئانىسىدىن ئايرىلغان باچكىدەك يېتىم قالدى. ئېچىنىشلىق مەرەپ، ئېچىنىشلىق ۋىسىلداپ قالدى. تېخى ئون ياشلارغا يەتمىگەن نارەسىدە ئۆز بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ھېس قىلالارمۇ؟ يۈ شۇنچىڭ بەگزادە تېخى كىچىك ئىدى، ئۇ يۈ لاۋسى ۋاپات بولغاندا يىغلىيالمىغاندەك، لى مېيزى ئاغىچا ۋاپات بولغاندىمۇ يىغلىيالمىدى، بالا گاڭگىراپ قالغاندەك ھالەتتە ئىدى، نېمە ئىشلار يۈز بەرگەنلىكىنى غۇۋا ھېس قىلاتتى. لېكىن، تېگىشلىك ئىنكاس قايتۇرالمايتتى، ئىنكاس قايتۇرۇشقا كىچىك ئىدى، لى مېيزى ئاغىچىنى گۇەنسەيگە سالغاندا، گۇەنسەينىڭ ئاغزى ئېتىلگەندە، مىخلانغاندا، بالا قارا قاتتەك كۆزلىرىنى تىكىپ مىت قىلماي قاراپ تۇردى. «سىتاڭ»غا ئاچىقىپ گۇەنسەينى كۆمگەندىمۇ ئاشۇنداق قاراپ تۇردى، يىغلىيالمىدى، لېكىن ئۇنىڭ چېھرىگە مىسكىنلىك كۆلەڭگە تاشلىغانىدى، چېھرىدىن مىسكىنلىك، بىچارىلىك، غېرىبلىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئۇ ئاتا-ئانىسىدىن ئەبەدىيلىككە ئايرىلىپ قالغانلىقىنى غۇۋا ھېس قىلاتتى. لېكىن، ئاشۇ ئايرىلىپ قېلىشنىڭ نېمىلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتى، ئۆزىنى ئەمدى قانداق قىسمەتلەرنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلالمايتتى...
    بىز پەرەز قىلىمىز، بىز تەسەۋۋۇر قىلالايمىز، يېتىم قالغان يۈ شۇنچىڭ بەگزادىنىڭ چېھرىدە مىسكىنلىك مەڭگۈلۈككە قېتىپ قالىدۇ، قەلبىگە مەڭگۈلۈك دەرد ئورناپ قالىدۇ. بىۋاقىت ئەجەل شارابى ئىچكەن ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ئۇزاق يىللار ئۆتكەندىن كېيىن دەمدەردەك بوقۇلداپ يىغلايدۇ، ئاشۇ ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئۆز بېشىغا كەلتۈرگەن جاپا-كۈلپەتلىرىگە ھەر قېتىم يولۇققاندا دېڭىزدىكى كىتتەك سوزۇپ-سوزۇپ ئاھ ئۇرىدۇ، نادامەت چېكىدۇ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن ھەرتامچە ياش تىمساھنىڭ كۆز يېشىدەك سوغۇق ۋە شور دەريانىڭ سۇلىرىدەك تۇزلۇق بولىدۇ...
    يۈ شۇنچىڭ بەگزادە ئىنسان بالىسى دۇچار بولىدىغان ئېغىر كۈنلەرگە گىرىپتار بولىدۇ، خورلۇق تارتىدۇ، بۇ قارا يېتىمنىڭ ئاتىسىدىنمۇ-ئانىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان شور پېشانىنىڭ مۇقەررەر كۆرگۈلۈكى، بالا ئۈچۈن، ئۆز ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالالمايدىغان نارەسىدە ئۈچۈن يېتىم قېلىشتىنمۇ ئارتۇق ئېغىر كۈن بولامدۇ؟ ئۆگەينىڭ قولىغا قېلىشتىنمۇ ئارتۇق قارا كۈن بولامدۇ؟
    يۈ شۇنچىڭ بەگزادە ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسى يېتىم قالدى، ئۆزلىرى بىلەن ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئۆگەي دادىسى شاڭ سىنىڭ قولىغا قاراپ قالدى، شاڭ سى دېگەن بۇ قىمارۋازدا ئىنساپنىڭ يەنە ئازراق يۇقۇندىسى باردەك كۆرۈنەتتى، ئۇ بالىلارنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارمىدى، قوغلاپ چىقارمىغانىكەن، ئۇنىڭدا ئىنساپ بار دېيىشكە بولاتتى. ئۆگەي دادىمۇ دادا دېيىلىدۇ، بالىلار ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالدى، قايسىبىر ئاق كۆڭۈل كىشىلەر بالىلارنى بېقىۋېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئۆگەي دادا رەت قىلدى، ئۇ گويا مەرھۇم ئايالى لى مېيزى ئاغىچىنىڭ يۈزىنى قىلىپ، يۈ يىڭخەن لاۋسىنىڭ بالىلىرىنى بېقىپ قاتارغا قوشماقچىدەك قىلاتتى، ئەمما بالىلار ئەمدى ئۇنىڭ ئۆيىدە كىچىك قۇل-كىچىك دېدەككە ئايلانغانىدى، شياۋ يۈ يانپاشلاپ ياتقان ئۆگەي دادىسى ئالدىدىكى ئەپيۈن غاڭزىسىغا ئوت ياقاتتى، كىچىككىنە سىڭلىسى بولسا ئۇنىڭ پۇتلىرىنى تۇتاتتى، بولقىدەك مۇشتۇملىرى بىلەن دولىسىغا ئۇراتتى، ئۆگەي دادىسىنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشمۇ، كىچىك  تەرىتىنى تۆكۈشمۇ بالىلارنىڭ زىممىسىدە ئىدى، ئۆگەي دادا بالىلارنى ئاشۇ ئىشلارنى قىلىشقا ئەمر قىلاتتى، قىلغان ئازراق ئىشى ياقماي قالسا تېخى ئۇرۇپ-تېپەتتى، سەت گەپلەر بىلەن تىللايتتى، ئەڭ يامىنى لاتا خېيىنى سېلىپ، خەينىڭ شىرىپ تىكىلگەن قاتتىق چەمى بىلەن ئۇرۇش ئىدى، بالىلارنىڭ چەم تەگكەن يەرلىرى ئوسمىدەك كۆكىرىپ، ھەرە چېقىۋالغاندەك ئىششىپ چىقاتتى. يېتىملارنىڭ كۈنلىرى ئاشۇنداق ئۆتەتتى، ئاشۇنداق ئۆتسىمۇ ئۇرۇلۇپ-قېقىلىپ يۈرۈپ قاتارغا قېتىلىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن، بۇ كۈنلەرمۇ ئانچە ئۇزاققا بارمىدى، شاڭ سىنىڭ چېكىدىغان ئەپيۈنلىرى ئاياغلىشىپ قالغانىدى. بىر كۈنى ئۇ يۈ شۇنچىڭنىڭ سىڭلىسىنى يېتىلەپ چىقىپ كېتىپ، كەچتە بىر كىچىك خالتا ئەپيۈن بىلەن يەنە بىر كىچىك خالتا يامبۇنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كەلدى. سىڭىل قايتىپ كەلمىدى. مەڭگۈلۈككە قايتىپ كەلمىدى. ئوغۇل ئۈچۈن سىڭىلدىنمۇ بەكرەك ئۆز كۆرۈنىدىغان يەنە بىر قېرىنداش بارمۇ؟ يۈ شۇنچىڭ سەل چوڭ بولغاندا، ئاشۇ كۈنى سىڭلىسىنىڭ سېتىۋېتىلىگەنلىكنى چۈشىنىپ، يۈرەكلىرى پارە-پارە بولىدۇ. يەنىمۇ كېيىنرەك ئۆزى چوڭ بولغان، بەگ بولغان، ئاق-قارىنى پەرق ئەتكەن، مېھىر-مۇھەببەت يۈرەكلىرىنى ئەزگەن چاغدا سىڭلىسىنى ئىزدەشكە كىرىشىدۇ، ھەر تەرەپنى دېرەكلەيدۇ، ئەمما ئاشۇ كۈنى بىر خالتا ئەپيۈن بىلەن بىر خالتا يامبۇغا سېتىۋېتىلگەن سىڭىل مەڭگۈ تېپىلمايدۇ، يۈ شۇنچىڭ قەلبىدە بۇ ئۆمۈرلۈك دەرد بولۇپ قالىدۇ، ھەرقېتىم سىڭلىسىنى يادىغا ئالغان چاغلاردا يۈرەكلىرى قان-زەرداپ بولۇپ ئاقىدۇ.
    ئەمما، يۈ شۇنچىڭنىڭ سىڭلىسىنى سېتىپ ئېرىشكەن بىر خالتا يامبۇ ئۆگەي دادىغا قايتا ئامەت ئېلىپ كەلدى. قىمارۋاز دېگەننى بىلەمسىز؟ ئۇ ئۇتتۇرۇۋەتكىنىگە ھەرگىز تەن بەرمەيدۇ، ھەرقاچان ۋە ھەرجايدا ئۇتتۇرۇۋەتكەنلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش كويىدا بولىدۇ. تۆت تەڭگە دەسمايىگە ئىگە بولسا، قاچاندۇر بىر چاغدا ئۆزىنى ئۇتۇۋالغان رەقىبىنى ئىزدەپ، يەنە قىمار ئوينايمىز دەپ تۇرۇۋالىدۇ، ياكى ئۇتتۇرۇۋەتكەنلىرىنى قايتۇرۇۋالغۇچە ۋە ياكى ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلىپ قاقسەنەم، گاڭسا-جىسا بولغۇچە شۇنداق قىلىدۇ، مانا بۇ قىمارۋازلاردا ئومۇملاشقان نامەردلىك، ئۆگەي دادا شاڭ سىمۇ مۇشۇنداق قىمارۋازلاردىن ئىدى. ئۇ يۈ شۇنچىڭنىڭ سىڭلىسىنى سېتىپ ئازراق دەسمايىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، دەرھال يېڭىلا خوتەن ئامباللىقىدىن ئايرىلىپ چىققان قارىقاش ئامباللىقىنىڭ كالا بازىرى دېگەن يېرىدە پەيدا بولدى. ئاشۇ يەردە جەمشىتنىڭ يەنە بىر شاگىرتى، ئۆتكەن قېتىم شاڭ سىنى گاڭسا-جىسا قىلىپ يۈ يىڭخەن لاۋسىدىن قالغان مال-دۇنيانى پاك-پاكىز ئۇتۇۋالغان يۇسۇن (ھۈسەيىن) ئاخۇن جودا دېگەن قىمارۋاز ياشايتتى، ئۇ قېچىپ كېتىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن بولسا كېرەك، ئۇلار قايتىدىن تۇتۇشۇشتى، ئالتە ئوشۇق تاۋكادا شاراقلاپ دومىلىدى، ئەمدى بۇ قېتىم ئامەت شاڭ سى تەرەپكە دومىلاۋاتاتتى. ئۇتتۇرۇۋەتكۈچى ئۇتۇۋالغۇچىنى ئۆيدىن چىقارمىدى، تەرىتى قىستاپ كەتسە ئۆي ئىچىدىلا تەرەت قىلىشقا مەجبۇر قىلدى، قىمار ئۈچ كېچە-كۈندۈز داۋام قىلدى. ئاخىر يۇسۇن جودا گاڭسا-جىسا بولدى. ھەتتا خوتۇنى جىنەستىخاننىمۇ ئۇتتۇرۇۋەتتى، ئەڭ ئاخىرىدا يۇسۇن جودا ئىككى قۇلىقى بىلەن بارماقلىرىنى دوغا تىكمەكچى بولدى، لېكىن شاڭ سى بۇنى رەت قىلدى، پىچاق كۆتۈرۈشكە بېرىپ يېتىشتى، ئەمما بۇ چوڭ ئېلىشىشقا گۇۋاھ بولغان باشقا قىمارۋازلار ئۇلارنى ئاجرىتىۋالدى، ئۇتۇۋالغان نەرسىلەرنى يۆتكەپ ماڭىدىغان چاغدا شاڭ سى مەردلىك قىلىپ يۇسۇن جوداغا تۇرمۇش ئۆتكۈزگۈدەك نەرسە-كېرەك قالدۇردى. بۇ قىمارۋازلاردىكى قائىدە ئىدى. تېخى يەنە خوتۇنى ئورنىغا ئاشۇ خوتۇننىڭ تۇغماس سىڭلىسى ھەۋزىخاننى ئالماشتۇرۇشقا ماقۇل بولدى.
    شۇنداق قىلىپ شاڭ سى يەنە بىر قېتىم باي بولدى، تېخى قايتا خوتۇنلۇقمۇ بولۇپ قالدى. ئەمدى شاڭ سىنىڭ ئۆيىدە قىمارۋاز شاڭ سى، كۈن بويى يۇم-يۇم يىغلاپ ئولتۇرىدىغان ھەۋزىخان، كۆز ۋە چېھرىدە مەڭگۈلۈك مىسكىنلىك قېتىپ قالغان يۈ شۇنچىڭ بىللە ياشاشقا باشلىدى، بۇ تەقدىرنىڭ چاقچاقلىرىغا ئوخشاش بىر ئىش ئىدى، نە قان-قېرىنداشلىقى، نە مېھىر-مۇھەببىتى، نە ئارزۇ-ئارمىنى بىردەك بولمىغان ئۈچ جاننىڭ بىر ئائىلە بولۇپ ياشىشى زادىلا ئەقىلگە سىغمايتتى، ئەمما تەقدىر-قىسمەتكە باش ئەگمەسلىككە ئامال يوق ئىدى. قىماردا ئۇتۇۋالغان خوتۇن بىلەن بىچارە ئۆگەي بالىنىڭ بۇ ئۆيدىن ئايرىلىپ كېتىشكە ئامالى يوق ئىدى. شاڭ سىنىڭ ئۇلارنى تاشلىۋېتىشكە قۇربى يېتەتتى، لېكىن تاشلىۋەتكۈسى يوق ئىدى. لازىمى بار تاشنىڭ ئېغىرى يوق ئەمەسمۇ؟ ئۆگەي بالا كۈنلەرنىڭ بىرىدە سېتىپ خەجلەشكە ئەرزىپ قالسا ئەجەب ئەمەس، ئۇتۇۋالغان خوتۇن دېگەن قارشىلىق قىلغىنى بىلەن بەرىبىر بىر كۈنى باش ئېگىدۇ. باش ئەگمەسلىككە ئامالى يوق. ئۇنى كۆپ ئىشلارغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئېشەكتەك يۈك ئارتساڭمۇ، ئاتتەك مىنسەڭمۇ، دېدەكتەك ئىشلەتسەڭمۇ بولۇۋېرىدۇ، ئاچچىقىڭ كەلگەندە ئۇرۇپ-چەيلەپ باشقىلاردىن ئالالمىغان دەردىڭنى ئۇنىڭدىن ئالىسەن تېخى، ئۇ يەنە بىر قېتىملىق قىماردا دو تىكىشكە ياراپ قېلىشىمۇ مۇمكىن... شاڭ سى مانا شۇنداق ئويلايتتى. شاڭ سىنىڭ ئويلىغىنى جىق ئىدى، ئۇ ئويلا-ئويلا ئاخىر قاچماقچى بولدى. ھېلىقى قېتىم گاڭسا-جىسا بولغان يۇسۇن جودا ۋە باشقا قىمارۋازلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك ئىدى. ئۇلار ئەتە-ئۆگۈن تۆت تەڭگە دەسمايە تاپسا، يەنە تاۋكا تۈزىمىز دەپ كېلىۋېلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەگەر شۇنداق بولسا بۇ قېتىم ئامەت كىم تەرەپتە بولىدۇ؟ كىم جەمشىتكە-كىم لەيلىۋەشكە ئايلىنىدۇ؟ بۇنى ھېچكىم بىلمەيتتى، ئەڭ ياخشى چارە ئۇتۇۋالغانلىرىڭنى ئېلىپ، ۋاقتىدا يىراقلارغا قېچىپ كېتىش كېرەك ئىدى. ھېچكىم تاپالمايدىغان يەرلەرگە كېتىۋېلىش كېرەك ئىدى.
    شاڭ سى قېچىشنى ئويلىغان كۈنلەردە، ئالدىن ئىككى ئىشنى بېجىردى، بىرى، ئۇ ئۇتۇۋالغان ماددىي نەرسىلەرنى سېتىپ پۇل قىلدى ياكى ئالتۇن بىلەن ئەپيۈنگە تېگىشتى، شۇنداق قىلغاندىلا يەڭگىل بولغىلى، كېتىمەن دېگەنلا يەرگە كەتكىلى بولاتتى. «پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا» دېيىشىدۇ ئەمەسمۇ، ئالتۇن بىلەن ئەپيۈن بولسىلا، ئۇنى ھەرقانداق جايدا خىراجەت قىلغىلى، باشقا نەرسىلەرگە ئالماشتۇرغىلى بولاتتى. شاڭ سىنىڭ قىلغان ئىككىنچى ئىشى خېلىلا چۈشىنىكسىز ئىش ئىدى. بۇ ئىش كىچىك يۈ شۇنچىڭ ئۈچۈن قىلىنغاندەكلا تۇيۇلاتتى. دېمىسىمۇ ئون ياشلارغا تاقاپ قالغان يۈ شۇنچىڭ شۇ كۈنلەردە پات-پات سىڭلىسىنىڭ سورىقىنى قىلىدىغان بولۇۋالغانىدى. كۈن بويى قاپىقىنى تۈرۈپ خۇيلىنىپ ئولتۇرۇۋالاتتى. نېمە بولدى؟ دەپ سورىسا، «سىڭلىمنى تېپىپ بەر» دەپ ھۆركىرەيتتى، شاڭ سىنىڭ قىماردا ئۇتۇۋالغان خوتۇنى ھەۋزىخانغىمۇ تولاراق سىڭلىسىنىڭ پارىڭىنى قىلىپ بېرەتتى، مۇشۇنى نەزەردە تۇتتىمۇ ياكى تاسادىپىي بىرئىشتا قولغا چۈشتىمۇ، شاڭ سى ئۆيگە ئۈچ-تۆت ياشلاردىكى بىر كىچىك قىزچاقنى ئېلىپ كەلدى. بۇ كىچىك قىز يۈ شۇنچىڭنىڭ سىڭلىسى ئەمەس ئىدى، ئەمما ياش قۇرامى سىڭلىسىچىلىك بار ئىدى، ئۇز، ئوماق قىز ئىدى، شاڭ سى ئۇنى قىماردا ئۇتۇۋالدىمۇ ياكى سېتىۋالدىمۇ ۋە ياكى بىرەر يەردىن ئوغرىلاپ كەلدىمۇ بۇلارنى ھېچكىم بىلمەيتتى، ئەمما ئۇ قىزچاقنى ئۆيگە ئەكەلگەن كۈنى «مانا ساڭا سىڭىل، سىڭلىڭنى ئېلىپ كەلدىم» دېدى. «ئۆز سىڭلىمنى تېپىپ بەر» دەپ گۆلەيدى يۈ شۇنچىڭ ئۆگەي دادىسىغا. شاڭ سى ئۇنىڭ گۆلىيىشىگە پەرۋا قىلمىدى، بۇ چاغدا قىماردا ئۇتۇۋالغان ھەۋزىخان كىچىك، نامەلۇم، شور پېشانە قىزنى باغرىغا بېسىپ بولغانىدى، ھەۋزىخان قىزچاقنى ئالداپ-پەپىلەپ يۈرۈپ ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئالتۇنخان ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئاشۇ قىزچاقنىڭ رىزقىمۇ مۇشۇ ئائىلىگە قېتىلىپ قالغانىدى. ھەۋزىخان ئانا يۈ شۇنچىڭ بىلەن ئالتۇنخاننى بىللە بېقىپ قاتارغا قوشتى، خېلى يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ھەۋزىخان ئانا يەنە بىر خۇنەنلىك لى جاڭگۈيدە دېگەنگە ياتلىق بولغاندا، ئالتۇنخانغا لى گۇيلەن دەپ يەنە بىر ئىسىم قويۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىنكى ئىشلار. ئەمما، شاڭ سى ئاشۇ قىزچاقنى تېپىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى كېچىدە، ئۇ يۈ شۇنچىڭ بىلەن ئالتۇنخاننى چوڭ خۇرجۇننىڭ ئىككى بېشىغا سېلىپ بىر ئاتقا ئارتتى-دە، ئىنس-جىنغا تۇيدۇرماي خوتەن شەھىرىدىن چىقىپ كەتتى، قىماردا ئۇتۇۋالغان خوتۇنى ھەۋزىخان بىلەن ئۆزى بولسا ئايرىم-ئايرىم ئاتلارغا مىنگەن، تېگىدە بولسا ئېغىر خۇرجۇنلار بار ئىدى. ئۇلار شەرققە كېتىۋاتاتتى. ھەۋزىخان ئۆزلىرىنىڭ شەرققە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى تاڭ يورۇغاندا «بەشتوغراق» بىلەن چىرا ئارىسىدىكى توغراقلىق يولدا كېتىۋاتقاندا ھېس قىلدى، خۇرجۇندىن بېشىنى چىقىرىپ قوزىدەك تۈگۈلۈپ ئولتۇرغان يۈ شۇنچىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ كۈنچىقىش تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، چۈنكى ئاشۇ تەرەپنىڭ ئۇپۇقىدىن ھەر ۋاقىت يېڭى، ھەر ۋاقىت نۇر چېچىپ تۇرىدىغان، نۇرىنى يېتىمدىنمۇ، ھېكىمدىنمۇ ئايىمايدىغان پاكىز قۇياش چىقىۋاتاتتى. قىماردا ئۇتۇلغان خوتۇن بىلەن يېتىم بالىلارنىڭ قاياققا مېڭىشى ئۆز ئىختىيارىدا ئەمەس ئىدى. قۇياش چىقىدىغان تەرەپكە ماڭسىمۇ، قۇياش پاتىدىغان تەرەپكە ماڭسىمۇ، كۈنگەي، تەسكەي تەرەپلەرگە ماڭسىمۇ ئۇلار ئوخشاشلا ئەنسىزلىنەتتى، غەمگە پاتاتتى. ئۆزلىرىنى نېمە قىسمەت، نېمە كۈلپەتلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ئويلاپ ھەۋزىخان ئانا ئات ئۈستىدە مىشىلداپ يىغلاپ كېلەتتى، يۈ شۇنچىڭ بىلەن ئالتۇنخان بولسا قەپەسكە سولانغان ئىككى چۈجىدەك خۇرجۇندىن باشلىرىنى چىقىرىشىپ ئەتراپقا ئىپادىسىز قارايتتى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ۋە چېھرىدە مەڭگۈلۈك مىسكىنلىك قېتىپ قالغانىدى. يېڭى كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياش ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە نۇر بېرەلەيدىغاندەك، مەڭگۈلۈك قاراڭغۇلۇققا تولغان قەلبىنى يورۇتالايدىغاندەك، قېلىن مۇز باسقان قەلبىنى ئىللىتەلەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى، يېتىمنىڭ قەلبى ئاشۇنداق بولىدۇ، ئۇ يەردە ئەبەدىي نۇرسىزلىق، قاراڭغۇلۇق، سوغۇقلۇق ھۆكۈم سۈرىدۇ، كۆيۈپ ئۆچكەن ئوتنىڭ كۈلىدەك خۇنۈكلۈك ھۆكۈم سۈرىدۇ. ھەۋزىخان ئانا بالىلارنىڭ شۇ تۇرقىغا قاراپ ئۇلارنى نېمىگىدۇر تەققاسلىماقچى بولدى، ھە، يادىغا كەلدى، ئايىمخان ھاجى ئېيتقان ناخشىدا شۇنداق دېيىلەتتى.
    «ئاتالىقلار، ئانالىقلار قىزىل گۈلگە ئوخشايدۇ، ئاتاسىزلار، ئاناسىزلار كۆيۈپ ئۆچكەن كۈلگە ئوخشايدۇ».
    بىچارە يۈ شۇنچىڭ بىلەن ئالتۇنخان ئەنە شۇنداق ھالەتتە ئىدى. يېتىملىكتىن ھالقىپ قۇل-دېدەككە ئايلىنىپ قالغانىدى، قۇل دېگەننى پۇلغا سېتىۋالىدۇ، قۇل دېگەننى جەڭلەردە ئەسىر ئالىدۇ، ئەمما بۇ بالىلار پۇل بەرمەيمۇ، ئەسىر ئالمايمۇ ئېرىشكەن قۇل-دېدەك ئىدى، خوتەن شەھىرىدىن چىقىپ كېتىدىغان چاغدا شاڭ سى ھەتتا نەگە ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا تىنىپمۇ قويمىدى... ئۆزى خالىغانچە ئېلىپ كېتىۋەردى. ئۇلارنىڭ قۇل-دېدەكتىن نېمە پەرقى؟
    شاڭ سى ئۇلارنى ئېلىپ شەرققە قاراپ ھەپتە-ئون كۈنچە جىددىي يول يۈردى ۋە توختاپ قالدى. بىرەرسى داۋاملىق يۈرۈشتىن توسۇپ قالدىمۇ ياكى توختاپ قېلىشقا مەسلىھەت بەردىمۇ، بۇلارنىڭ ئۇچۇرى بىزگە يېتىپ كەلمىدى. بىزگىچە يېتىپ كەلگىنى شۇكى، ئۇ ئەينى چاغدا كېرىيە ئامباللىقىغا قارايدىغان، بۈگۈنكى نىيە ناھىيىسىگە تەۋە «سوغراق» دېگەن ئالتۇن كان رايونىدا توختاپ قالغانىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.