ئىگەرلىك ئات-كېچىكتۈرۈلگەن توي

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-07 09:10:41

ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)ئابدۇللاھ تالىپئۈچىنچى بابكېچىكتۈرۈلگەن توي1ئىيۇلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى...ئاقتاش مەھەللىسىدىكى كامال قەرەن ئائىلىسىنىڭ كىچىك ھويلىسىدا گويا توي تەنتەنىسى بولغاندەك ك...



    ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)
    ئابدۇللاھ تالىپ

     

    ئۈچىنچى باب

    كېچىكتۈرۈلگەن توي

     



     

    1

     

    ئىيۇلنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى...



    ئاقتاش مەھەللىسىدىكى كامال قەرەن ئائىلىسىنىڭ كىچىك ھويلىسىدا گويا توي تەنتەنىسى بولغاندەك كېلىپ-كېتىپ تۇرغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. لېكىن، ئۇ - توي تەنتەنىسى ئەمەس، بەلكى ئابدۇنىياز پالۋاننىڭ يۇلتۇزدىن غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ تەنتەنىسى ئىدى. ئاتخۇمار يىگىتلەر ئېغىلدىكى تۈۋرۈككە باغلاپ قويۇلغان يۇلتۇز ئارغىمىقىنى كۆرۈپ، ئېغىزلىرى تالماي ماختاشسا، چوڭ ياشلىقلار ھويلىنىڭ بىر چېتىگە قىرلاپ قويۇلغان خىل تېرىلەرنى ماختىشاتتى. ئابدۇنىيازنىڭ قەدىناس دوستلىرىدىن ھىدايى قاتارلىقلار خۇددى يىگىت قولدىشىدەك ئۇنىڭدىن بىردەممۇ نېرى بولۇشمايتتى.

     



    كامال قەرەن بىر تەرەپتىن ئۆز ئوغلىدىن پەخىرلەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىچىدە: «ئەمدى كېچىكتۈرسەك بولماس، ئۇنىڭ بېشىنى باشلاپ قويىدىغان چاغ بولدى...» دەپ ئويلايتتى. ئاتا كۆڭلىگە يارىشا بۈگۈنكىدەك پەيت «كۆز قوغداش» ۋە «كۆڭۈل ئوۋلاش»نىڭ ئوبدان پۇرسىتى ئىدى.

     


    دېمىسىمۇ ئابدۇنىيازنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بۇ سەيناغا قەدەم تەشرىپ قىلغان باھار چولپانلىرىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. بويىغا يېتىپ قالغان بۇ قىزلار چوڭ ياشلىق چوكانلارنىڭ «لايىق» توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى ئەتە-ئاخشاملىرى تولا ئاڭلاپ يۈزلىرى قېتىققاچقا، ئۇلارمۇ «كۆز قوغداش»، «كۆڭۈل ئوۋلاش»نىڭ مەنىسىنى ئوبدان چۈشىنەتتى. شۇ ۋەجىدىن، بۈگۈن بۇ قىزلارنىڭ چىمەندوپپىسى ئۈستىدىن ئايلاندۇرۇپ بېشىغا ئارتىشىۋالغان شايى ياغلىقى ئاستىدىن پات-پاتلا نەزەر ئوقياسىنى ئابدۇنىيازغا توغرىلاپ تۇرۇشى - ئۇلارنىڭ قەلبىدە جۇش ئۇرۇۋاتقان مۇھەببەت ئىسيانىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. قىز پەرىزاتلارنىڭ بۇ ئوتتەك ھەۋىسىنى سېزىپ تۇرغان كارداڭ خوتۇنلار ئابدۇنىيازنىڭ ئۆگەي ئانىسى ھەمراخاننىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ:

    - كۆرۈۋاتامدىلا ئاۋۇ قىزلارنىڭ كۆزىدىن ئوت-ئۇچقۇن يېنىۋاتقانلىقىنى؟ ئۇلار ھە دېسە ئابدۇنىيازدىن كۆزىنى ئۈزەلمەيۋاتىدۇ. «تۆمۈرنى قىزىقىدا سوققان ياخشى»، «يىگىت قىرانىغا يەتكەندە جەرەن ئوۋلىغاندىن قىز ئوۋلىغان ياخشى»، - دېيىشىپ قاقاقلاپ كۈلۈشەتتى. ھەمراخان ئۇلارغا دەرھال جاۋاب بېرىپ:

    - مېنى دېسەڭلارغۇ پۈتۈن ئوي- خىيالىم مۇشۇ ئىشتا؛ لېكىن پالۋان ئوغلىمىزنىڭ مىجەزى كاجراق، ئاسانلىقچە گەپ يېمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە نىكاھ دېگەن غايىب نەرسە، ئالدىراپ لەۋزە قىلماق تەس ئىكەن. تورپاق كەينىگە تېيىشىۋالسا ھەممىمىزگە نېمە ئامال. قېنى بۇ ئىشقا ھەممىمىز كۈچەپ باقايلى...،- دېدى.

    شۇنىڭدىن كېيىن ئاقتاشتا ئابدۇنىياز پالۋانغا ئاستىرتىن «لايىق تاللاش» ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. بۇ سىرنى ھىدايى ئابدۇنىيازغا ئاڭلاتتى. ئابدۇنىياز جاۋابەن:

    - «سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەم يەپتۇ» دېگىنە،- دېدى.

    دەرۋەقە ئاتىقى چىققان ۋە قولىدىن ئىش كېلىدىغان، قاملاشقان بۇنداق يىگىتنى ھەركىمنىڭ تالىشىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. بۇنداق لايىقنى ياتلارغا قارىغاندا، يېقىنلار قولدىن چىقىرىپ قويۇشقا تېخىمۇ ئۇنىمايتتى. يىگىتنىڭ ئامەت قۇشى ئۆرلىگەنسېرى تاللاش كەينىگە سۈرۈلۈپ، كۈنلەر-ھەپتىلەر ئۆتۈپ باراتتى. يىگىت بولسا قۇلاق يوپۇرۇۋېلىپ بۇ ئىشلارنى ئاڭلىماسلىققا سالاتتى. ئۇنىڭ ئوي-خىيالى ۋە ئىش-ئەمىلى يۇلتۇز ئارغىمىقىغا قاراش بىلەن ئەمەك ئىدى. ئەمما بىتاقەت بولغان ئاتا - كامال قەرەن ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كېڭىشىپ ئابدۇنىيازنىڭ بىر نەۋرە سىڭلىسى - پاتىمەنى كېلىن نامزاتى قىلىپ يەڭ ئىچىدە تاللىۋالدى.، ئۇنىڭدىن بۆلەك ھەرقانداق لايىق ئۇنىڭ خىيالىدا يوق ئىدى.

     



    زىلۋا بوي، قوشۇما قاش، بۇغداي ئۆڭلۈك، ئىككى مەڭزى ئاناردەك قىزىل، خۇشخۇي مىجەزلىك پاتىمە گۈزەللىك ۋە زېرەكلىكتە ھەرقانداق پەرىزاتلاردىن قېلىشمايتتى. ئۇ - كىچىكىدە ئاقتاش مەدرىسىدە ئوقۇپ تولۇق ساۋاتلىق بولغان، رەسىدە يېشىغا تولغاندىن كېيىن مەكتەپتىن توختاپ ئائىلە ئىشلىرىغا قاراشقان. ئۇ، كامال قەرەننى چوڭ ئاتا دەپ ئادەتلەنگىنى ئۈچۈن بۇ ئۆيدىكىلەرنىڭمۇ ھېچقايسىسىدىن يېتىرقىمايتتى. شۇڭا بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر ئابدۇنىياز ئاكىسىدىنمۇ تارتىنماي، ئۇدۇلىسىغا مۇئامىلە قىلىشىپ يۈرۈۋېرەتتى. كېيىنرەك ئۇنىڭدا بالاغەت تۇيغۇسى يېتىلىپ، ئىككى كۆكسى روشەن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ روھىي ھالىتىدە بىردىنلا ئۆزگىرىش پەيدا بولدى-دە، ئۆزىنى تەبىئىي ھالدا ئۇيىلىش رامكىسىدا تۇتۇشقا باشلىدى. لېكىن، ئۇ قەلبىدە ئۇيىلىش تۇيغۇسى بىلەن ئىنتىلىش ھېسسىياتى بىردەك ئورۇن ئالغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇھەببەت تەقدىرىنىڭ پالۋان ئاكىسىغا باغلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بېشارەت بەرگۈچىلەر تىلىدىنمۇ سېزىپ قېلىۋاتاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قىز ئاداشلىرى ئىچىدە ئابدۇنىيازغا ئىنتىلىش خاھىشى ئىپادىلەنگەن مەدھىيە سۆزلەر قىلىنىپ قالسا، ئۇ دەرھال رەشىك قىلاتتى. بۇ ئالامەتلەر ئۇنىڭ قەلبىدە مۇھەببەتنىڭ تۇنجى ئوت-ئۇچقۇنى يېنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ھەدەپ توي تەييارلىقى بىلەن بولۇۋاتقانلىقىمۇ پاتىمەگە بەش قولدەك ئايان ئىدى.

     



    بىراق ئابدۇنىيازنىڭ خيالىغا شۇ تاپتا پەقەت ئېگەرلىك ئاق بوز ئاتقا ھېرىسمەنلىكتىن باشقا ھېچكىم، ھېچ نەرسە كىرمەيتتى. ئۇ ئاتنىڭ يېنىدىن بىر قەدەم ۋە بىر دەقىقە نېرى بولمايتتى. ئۇنىڭ قەلبىدە قىزلارنىڭ ئىشقى ئەمەس، ئاشۇ ئېگەرلىك ئاتنىڭ ئىشقى ياناتتى. ئۇ، مانا بۈگۈنمۇ ئاق بوز ئاتنىڭ بېشىغا بوغۇز توۋرىسىنى كىيدۈرۈپ قويۇپ، نېرى تەرەپتىكى ياغاچ كۇرسىدا ئاتقا قاراپ ئولتۇرغان پېتى چۈش بولۇپ كەتكەنلىكىنى سەزمەيلا قالدى.

    - ئاپام سىزگە ئاتاپ گۆشنان پىشۇرۇپتىكەن، شۇنى...

    پاتىمە سۆزى بىلەن بىللە گۆشنان سېلىنغان ئاياقنى يىگىتكە ئۇزاتتى. چاي تولدۇرۇلغان چۆگۈن بىلەن ھېجىر تاۋاقنى كۇرسا ئۈستىگە قويدى-دە، ئۆزى ئاق بوز ئاتنىڭ يېنىغا بېرىپ ئاتنىڭ يايلىسىنى يۇمشاق بارماقلىرى بىلەن سىيلاشقا باشلىدى. ئات مايىللىقىنى بىلدۈرۈپ بوغۇزىنى كۆكشەپ جىم تۇراتتى. ئابدۇنىياز پاتىمەگە قارىتىپ:

    - ئاتتىن يىراقراق تۇرۇڭ، ھېلى بىكار سىزنى تونۇماي ېپىپ قويمىسۇن...،- دېدى.

    - ياق، ئىشەنمەيمەن، ئۆي ئىگىسىنى تونۇمايدىغان ئات بولمايدۇ.

    پاتىمە بۇ جاۋابنىڭ قانداقچە ئېغىزىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزىمۇ سەزمەي قالدى. ئۇ ئابدۇنىياز بىكارلاپ قويغان ھىجىر، چۆگۈنلەرنى يىغىشتۇرۇغان پېتى ئۆيىگە قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى. ئۇ ئۆيىگە كىرگەندىمۇ توختىماي ۋىلىقلاپ كۈلەتتى. ئۇ كۆڭلىدە «تازا بىر كەلتۈرۈۋالدىم» دەپ مەمنۇن بولغانىدى. بىراق، ئۇنىڭ ئاران تەستە ئېرىشكەن كىچىككىنە ۋىسال كۈلكىسىنى ئۇزۇن ئۆتمەي جۇدالىق بورىنى ئۇچۇرۇپ كەتتى.

     

    2

     

    ئابدۇنىياز ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا سەيدۇل بايۋەچچە ئارقىلىق ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تۇرپاندىن ئەۋەتكەن بىر تەكلىپ قەغىزىنى تاپشۇرۇۋېلىپ يولغا چىقىش خىيالىغا چۈشكەنىدى. ئۇنىڭچە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ لەۋزىگە خىيانەت قىلىش جىنايەت ھېسابلىناتتى. ئۇ ئۆزىگە ھەمراھ ئىزدەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ چوڭ دادىسى مامۇت ھاجى ئۆيىگە قىچقارتتى ۋە بىر تەكلىپ سۆزىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

    - ئوغلۇم، قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا، مۇرتۇقلۇقلار ئىسيان كۆتۈرۈپتۇ. ئۇلار بىزدىن ياردەمگە پىدائىي ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىۋېتىپتۇ. ئۆزۈم باراي دېسەم ياشىنىپ قالدىم؛  ماۋۇ ئوغلۇم غوجا ئابدۇل، ئۆزۈڭ كۆرۈپ تۇرۇپسەن، تۇرقى ئەنە شۇ، كارغا يارىماس روھىي كېسەل؛ سەنمۇ مېنىڭ ئوغلۇم، بۇ مەجبۇرىيەتكە سېنىڭدەك تەن دۇرۇس، گاڭگۇڭ يىگىت يارايدۇ، قانداق دەيسەن؟

    - بارىكاللا، چوڭ ئاتا، ـ دېدى ئابدۇنىياز شۇئان قوشۇلۇپ، ـ پىدائىيلار تىزىمىغا مېنى پۈتۈپ قوي. مەن ئەتىگەنلىككە بىر ئاغىنەمنى ھەمراھ قىلىپ يولغا چىقىمەن.

    ئابدۇنىياز كامال بۈگۈن كەچ كىرگۈچە ئىنسى ـ جىنغا تۇيدۇرماي تەييارلىق خىزمىتىنى ئىشلىدى، ئۇ، ھەمراھلىققا ئاغىنىسى ھىدايىنى تاللىۋالدى. مامۇت ھاجى ھىدايىغا بىر ئات ھەدىيە قىلدى.

    شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھازىرلىقىنى پۈتتۈرۈپ، ۋاقىت تۈن نىسپىدىن ئاشقان مەھەلدە ئاقتاش يولى بىلەن تۇرپانغا ئاتلىق مەخپىي يۈرۈپ كەتتى.

    ئابدۇنىيازنىڭ بۇ دورەم يا ئاتىسى كامال بىلەن، يا بولغۇسى خوتۇنى پاتىمە بىلەن خوشلاشماي يولغا چىقىشى بىر خىل رەھىمسىزلىك ئىدى، لېكىن، چوڭ دادىسى مامۇت ھاجىنىڭ كۆرسەتمىسى ھەمدە پىدائىيلىق مەجبۇرىيىتىنىڭ مەخپىيەتلىكى نەزەردە تۇتۇلغاندا، ئۇنىڭ بۇ نۇقسانىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىشقا بولاتتى.

     



    ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن بۇ قوچقار پالۋان ئۆزىنىڭ ھەمراھى بىلەن بىللە ئەتىسى چۈشكەن يېقىن شائىرنىڭ ھۇزۇرىغا يېتىپ كەلدى.

    شائىر بالىخانىلىق ھۇجرىسىدا يېگانە خىيال سۈرۈپ، ھۇجرا تېمىغا يېڭىلا خۇش خەت بىلەن يېزىپ چاپلاپ قويغان ئىككى خىل مەزمۇندىكى نەزمىسىنى مۇلاھىزە قىلىۋاتاتتى.

    بۇ نەزمىلەرنىڭ بىرىنچىسى مۇنداق ئىدى:

     


    ماڭا كەلگەن دەرد ـ ئەلەم كەلسە ئىدى تاغ باشىغا،
    يانجىلىپ كەتكەن بولاتتى ساي ئېقىننىڭ تاشىغا.



     

    ئىككىنچى نەزمىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:

     


    ئابدۇخالىق نەرە تارت، ئەنە قالقان، ئەنە ئات،
    ئۇيقۇلۇق ئۆتكەن ھاياتىڭ ئەرگە نومۇس ھەم ئۇيات...

     



    ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئۈچ بالىسى ئارقا ـ ئارقىدىن ئۆلۈپ بالىسىز قالغاننىڭ ئۈستىگە ۋاپادار ئايالى ئايىمخان يېقىندىلا قازا تاپقانىدى. ئۇ ئاچقان بىر سىنىپلىق يېڭى مەكتەپنى جاھالەت تەرەپدارلىرى بۇيرۇق بىلەن يېپىۋەتتى. ئۇ تېكىست يېزىپ تەرەپ ـ تەرەپكە تارقالغان ‹‹ئاچىل ناخشىسى›› چەكلەش توغرىسىدا تۇرپان ئامبىلى ئېلان چىقارغانىدى. دېمەككى، شائىر ئاشۇنداق روھىي بېسىمنى يەكۈنلەپ يۇقىرىقى بىرىنچى خىل نەزمىنى يېزىپ ئۆزىگە تەسەللى بەرمەكتە ئىدى.

     


    لېكىن، ئۇزۇنغا قالماي شەرقتە خانلىق ۋە ۋاڭلىق تۈزۈمنىڭ زۇلۇمىغا قارشى قوزغالغان دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ يالقۇنتاغ يامزىلىغا يېتى كەلگەن خۇش خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ھاياجىنىنى باسالماي قالغان شائىر يۇقىرىقى ئىككىنچى نەزمىدە يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىگەنىدى.

    - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئابدۇخالىق ئاكا، مەكتۇپىڭىزگە بىنائەن دوستۇمنى ئېلىپ ھۇزۇرىڭىزغا يېتىپ كەلدىم.

    ئابدۇنىيازنىڭ شائىرنىڭ ھۇجرىسىغا ئۇشتۇمتۇت كىرىپ جاراڭلىق، مەردانە ئاۋازدا سالام بېرىشى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى چۆچۈتۈۋەتتى. ئارقىدىنلا مېھماننى ئېسىگە ئالدى-دە، خۇشاللىقىدا كەيپى ئېچىلىپ:

    - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بالا گېنېرال، خۇش  كەلدىڭىز...،- شائىر جاۋاب سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن مېھمانلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى ۋە ئۇلار بىلەن ئوچۇق-يورۇق سۆزلىشىشكە باشلىدى،- ھېلىقى ئېگەرلىك ئاق بوز ئاتنى مىنىپ كەلگەنسىز؟

    - ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قانداقمۇ چىدايمەن دەيسىز؟...

    - ھېلىمۇ خېتىمنى ئالغان ھامان يولغا چىقىپ، ۋاقتىدا يېتىپ كەلگىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت.

    - ئۇنى بىر دەيسىز، ھەتتا بۈگۈن-ئەتە توي قىلىدىغان قىزىمغىمۇ قارىماي يېنىڭىزغا كېلىۋاتىمەن. ئۇ ماي تارتىپ مېنى تاشلىۋەتسە قانداق قىلارمەنكى تېخى...

    ئىككىيلەننىڭ يۇمۇرلۇق دىئالوگى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، شائىر تولا كۈلۈپ تېلىقىپ قالغىلى تاس-تاماس قالدى. ئۇنىڭ كۈلكىسى توختىغاندىن كېيىن، پاراڭنىڭ داۋامنى قىسقارتىپ مېھمانلىرىغا:

    - بەس، ئۇزۇن يولدا ھېرىپ چارچىدىڭلار، ئاۋۋال تاماق يەۋېلىڭلار، ئاندىن قانغۇدەك دەم ئېلىڭلار، ئاتلارمۇ دېمىنى ئېلىپ، ئوبدان بوغۇزلانسۇن. خۇدا خالىسا بىز ئەتىگەنلىككە يولغا چىقىپ ئاستانىگە بارىمىز. كۆڭۈل پاراڭلىرىمىزنىڭ ئايىغى دەل ئاشۇ يەردە داۋاملىشىدۇ،- دېدى.

     



    3

     



    ئەتىسى ئۇلار تاڭ سەھەرلىكتە ئاستانىگە قاراپ يولغا چىقتى.

    باش كۈزنىڭ خۇش پۇراق مەنزىرىسى دىللارغا ھۇزۇر بېغىشلايتتى، يالقۇنتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىنى بويلاپ قاتار كەتكەن رەڭدار بوستانلىقلار چەكسىز سوزۇلغانىدى. قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بېرى بولغان ئېدىقۇت، ئاستانە، بېزەكلىك يادىكارلىقلىرى مۇشۇ ئېسىل زېمىن قۇچىقىدا ياتاتتى.

     


    ئۇلار باش كۈز مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ مېڭىپ ئاستانە مەركىزىدىكى مۇھىتىلار كۈرەسى ئالدىغا يېتىپ كەلگىنىنى سەزمەي قېلىشتى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ باشلامچىلىقىدا توقسۇنلۇق چەۋەندازلار كۈرە ئىچىگە كىرىپ چوڭ ھويلىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئېگىز تامنى بويلاپ قاتار كەتكەن ياغاچ ئوقۇرلارغا ئاتلىرىنى باغلاپ جايلاشتۇرۇپ قويدى، ئاندىن ئۇلار ئۈستىۋاشلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ تاختايلىق پەلەمپەي ئارقىلىق بالىخانىلىق مېھمانخانىغا چىقىشتى.

     



    ياسىداق مېھمانخانا ئىچىدە مەخسۇت مۇھىتى ۋە مەھمۇت مۇھىتى ئاكا-ئۇكىلار قانداقتۇر بىر جىددىيلىك ئىچىدە تەنھا پىكىرلىشىۋاتقانىدى. بۇ ئىككى ئاكا - ئۇكا ھۆسن-چىراي ۋە بەدەن بەستى جەھەتتە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشىشىپ تۇراتتى. ھەر ئىككىسى زور گەۋدىلىك، ئوتتۇرا ئەت، يوغان كۆز كەلگەن سالاپەتلىك كىشىلەر ئىدى.

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۇزۇندىن بۇيان مۇھىتلار بىلەن سىرداش دوستلاردىن بولغاچقا، يېتىرقىماستىنلا مېھمانخانا ئىچىگە كىرىۋەردى، ئاكا-ئۇكا ساھىبخانىلار شائىرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

    شائىر ئاشۇ كۈنلەردە ئاستانە ۋەزىيىتىدە سادىر بولۇۋاتقان كەسكىن ھالەتنى چۈشىنەتتى. شۇڭا ئۇ كېلىش مۇددىئاسىنى ئىخچام سۆز بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى:

    - ماۋۇ ئىككى كىشىنى مەن تەكلىپ قىلىپ توقسۇندىن تۈنۈگۈن قىچقارتىپ كەلدىم. بۇلار ياراملىق يىگىتلەر، شۇڭا بۈگۈن بۇ يەرگە باشلاپ كېلىۋاتىمەن.

     


    - ناھايىتى ئوبدان بوپتۇ، قارشى ئالىمىز،- دېدى مەھمۇت مۇھىتى. دېمىسىمۇ بۇ يىگىتلەرنى بىر مۇھىم ئىش كۈتۈپ تۇراتتى، تۈنۈگۈندىن باشلاپ ھاۋانىڭ مىجەزى بوش، بىردەم ئېچىلىدۇ، بىردەم تۇتۇلىدۇ،- بۇ ئىككى پىدائىي يىگىت سىرتتا بىردەم ئارام ئالغاچ ئارغىماقلىرىغا قاراپ تۇرسۇنلا، بىز بىر ئازدىن كېيىن كۆرۈشەيلى.

    ئابدۇنىياز بىلەن ھىدايى ئاشۇ بېشارەتكە ئاساسەن سىرتقا چىقىپ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇردى. بىراق، كۈرە ئەتراپىدا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ يۈرگەن دېھقان ياشلىرىنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق جىددىيلىك ئالامەتلىرى سېزىلمەيتتى. بىردەمدىن كېيىن بالىخانىدىكى سۆھبەت ئاخىرلىشىپ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر پىدائىي يىگىتلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ دېدى:

    - قاراڭلار، يىگىتلەر، ھازىر ئىش جىددىي، زالىملار قىلىچلىرىنى بىلەپ تۇرۇۋېتىپتۇ. مەخسۇت مۇھىتى قۇمۇل ئىسيانچىلىرىنىڭ كاتتىۋېشى ئىسھاق تاغام  بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ماڭىدىغان بولدى. ئىككىڭلار مەھمۇت مۇھىتىنىڭ يېنىدا قېلىپ ئارقا سەپ تەمىنات ئىشلىرىنى بېجىرىسىلەر، مەن ھازىر جىددىي ۋەزىپە بىلەن تۇرپان شەھەر ئىچىگە قاراپ ماڭىدىغان بولدۇم. لېكىن، بۇ مەخپىيەتلىك، ئېغىزىڭلاردىن چىقىپ كەتمىسۇن...

     



    شۇنداق قىلىپ ئۇلار خوشلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇنىياز كامال بىلەن ھىدايى مەھمۇت مۇھىتىنىڭ يېنىدا قېلىپ قورال ئىسكىلاتلىرىنى ساقلاش، پىدائىيلارنى تىزىملاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالدى.

     


    كەچ كۈزدە پۈتۈن تۇرپان ئويمانلىقىنى زىلزىلىگە سالغان قانلىق تراگېدىيە مۇرتۇق يېنىدا يۈز بەردى. ئىككى يۈزدىن ئارتۇق توقسۇن خەلق پىدائىيلىرى پىچان خەلقىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن مورتۇققا كەلگەندە، ئاق ئورۇسلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ھەممىسى دېگۈدەك قازا تاپقانىدى. مەھمۇت مۇھىتى بۇ ئېچىنىشلىق خەۋەرنى ئاڭلاپ ئابدۇنىياز كامال بىلەن ھىدايىنى مۇرتۇققا ئەۋەتتى ھەمدە قازا تاپقانلارنى دەپنە قىلىش، مەجرۇھلارنى قۇتۇلدۇرۇش توقسۇنغا يەتكۈزۈش قاتارلىق مۈشكۈل ئىشلارنى ئۇلارغا يۈكلىدى. بۇ ئىش پۈتۈن بىر قىش ئىشلەندى.

    ياندۇرقى يىلى باش باھاردا مەخسۇت مۇھىتى «مۇرتۇق قىرغىنچىلىقى»دىن ئامان قالغان ۋە يېڭىدىن سەپكە قوشۇلغان پىدائىيلارغا قوماندانلىق قىلىپ لۈكچۈنگە قاراپ يۈرۈش قىلدى. پىدائىيلىرىنىڭ ئالدىدىكىلىرى يېقىلسا، كەينىدىكىلىرى ئالغان ئىلگىرىلەپ باتۇرلۇق كۆرسىتەتتى. ئۇلار لۈكچۈن ئەتراپىدا ئىسھاق تاغىنىڭ ياردەمگە كەلگەن پىدائىيلىرى بىلەن ئۇچراشتى ۋە شېڭ شىسەي قىسىملىرىنى لۈڭچۈندىن سىقىپ چىقاردى. بىراق، ئۇزۇن ئۆتمەي، شېڭ شىسەي ياللىۋالغان باپىنگورت قوماندانلىقىدىكى ئاق ئورۇس قىسىملىرى بېسىپ كېلىپ، بىرلەشمە پىدائىيلار قوشۇنىنى لۈكچۈن سېپىلى ئىچىگە قاپسىۋالدى. شىددەتلىك جەڭدىن كېيىن  مەخسۇت مۇھىتى قازا تاپتى. ئىسھاق تاغا بىر قىسىم پىدائىيلىرى بىلەن بىللە مۇھاسىرە قامىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ تاغ ئىچى بىلەن جىمسار تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.

     


    ئابدۇنىياز كامال بىلەن ھىدايى يەنىلا مەجرۇھلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئىشى بىلەن مەلىكە بولۇۋاتاتتى. مەجرۇھلار توشۇلغان ئەڭ ئاخىرقى توقسۇن ھارۋىلىرى ئاقتاش ئۆستىڭى كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈۋاتقان چاغدا تۇرپان ئويمانلىقى قان دېڭىزى ئىچىدە قالغانىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق مۇنەۋۋەر كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا جاللاتلارنىڭ قىلىچ سايىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.، دەل مۇشۇ چاغدا شېڭ شىسەي جىمسارغا يۈرۈپ كەتكەن خوجىنىيازغا سۈلھى سىرتماق سېلىش ھىيلىسىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يۈرۈپ كەتتى. تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ قالدى ئىشلىرى ئاق ئورۇس گېنېرالى باپىنگورتنىڭ قولىغا قالدى. ئۇ، ئالدى بىلەن شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى قولغا ئالدى ۋە ئۆزى بىۋاسىتە سوراق قىلدى:

    - مۇرتۇق، لۈكچۈن ئۇرۇشلىرىغا پىدائىيلارنى ئەۋەتتىڭ؟- دېدى شائىر جاۋابەن.

    - نېمە ئۈچۈن؟

    -ۋىجدانىي ۋە ئىنسانىي بۇرچۇم ئۈچۈن.

    -شەھەر ئىچىدە ئۆزۈڭ باش بولۇپ قۇرۇلغان مەخپىي تەشكىلاتىڭنىڭ ئىسمى نېمە؟

    -«ھەقىقەت، ئىجتىھاد ۋە مەرىپەت».

    -مەقسىتىڭ نېمە؟

    -ئىنساندەك ياشاش.

    جاللات بافىڭگورت دەسلىپىدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى بىر ھەيۋە بىلەن ئالدىمدا ئۆمىلىتىمەن، دەپ خام خىيال قىلغانىدى. ئەكسىچە، ئۇ لېۋىنى چىشلىگىنىچە جىمىقىپ قالدى. بىراق، جاللات ھەقىقەتكە قەرزدار ئەمەس، پەقەت قانغا بويالغان قولىدىكى قىلىچقىلا چوقۇنىدۇ. دېمەك، جاللاتلارنىڭ ھەقىقەت چۈشەنچىسى ئەنە شۇنچىلىك.

     


    شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىق مەرىپەت چولپانلىرى قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن پۈتۈن تۇرپان ئويمانلىقى ئاسمىنىنى مۇسىبەت تۇمانلىرى قاپلىغانىدى. يۈرەكلىرىدە ئىنتىقام ئوتى لاۋۇلدىغان مىڭلىغان ئەزىمەتلەر توقسۇنغا توپلىنىپ پۇرسەت كۈتەتتى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.