كۈنىگە بىر ئەقىل (يازنامە) 6-ئاي

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-22 20:58:32

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي)يازنامە6-ئايئېتىقادھەقىقىي ئېتىقاد روزا-رامزان، ئىبادە

    كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي)
    يازنامە
    6-ئاي

     


    ئېتىقاد
    ھەقىقىي ئېتىقاد روزا-رامزان، ئىبادەتخانا-چېركاۋلارنىڭ تەرتىپىنى ئەستە ساقلاش ۋە ئاللىقانداق ئىبادەت كىتابلىرىنى ئوقۇش ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەر بىر قۇتلۇق كۈنى پاك، ھالال ياشاش، ھەقەمسايىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش. مانا بۇ ھەقىقىي ئېتىقادتۇر.
    ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئاقىللىرى كىشىلەرگە شۇنداق تەلىم بېرىدۇ: ئېتىقادىڭىزدىكى جىمى زۆرۈرىيەتسىز نەرسىلەر−جىسمانىي، ماددىي ۋە شەكىلگە ئىگە نەرسىلەرنىڭ تازىلىنىپ كېتىشىدىن قورقماڭ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەنىۋى نېگىزىڭىزنى قانچىكى تازىلاپ-رەتلەپ تۇرسىڭىز، سىز سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ قانۇنىيىتىنى شۇنچە ياخشى چۈشىنەلەيسىز.
    ھاياتتىكى بۇرچىڭىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن سىز ياخشى ئىش-ئەمەللەرنى قىلسىڭىز، ياخشى ئادەم بولسىڭىزلا كۇپايە، باشقا نەرسىنىڭ كېرىكى يوق.
    دىن مەۋجۇت بولمىسا، جەمئىيەت مېھرىبانلىق ۋە ئاقىلانىلىك بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. دىن بولمىسا، باشقىلارغا زورلۇق قىلىسىز، ئەمما ئۆزىڭىزگە ئىشەندۈرەلمەيسىز.

    6-ئاينىڭ 1-كۈنى

     

    روھ

    ھەممە كىشى روھىغا تايىنىپ ياشىسىمۇ، بۇنى ھەممىلا كىشى بىلمەيدۇ. ئەگەر، بىر ئادەم بۇنى چۈشىنىپ يېتەلمىسە، كۆڭلىدە ھەممە نەرسىدىن قورقىدۇ. سىز ھامان ھاياتىڭىزنىڭ ئۆز روھىڭىزدا ئىكەنلىكىگە ئىشەنسىڭىز، ھەممە نەرسىدىن قورقۇپ يۈرمەيدىغان بولىسىز. چۈنكى، ھەر قانداق نەرسە سىزنىڭ روھىيىتىڭىزنى زەخىملەندۈرەلمەيدۇ.
    ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ زور مەسىلىلەردە، سىز ھەمىشە يەككە-يېگانىدۇرسىز. ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىممۇ سىزنىڭ ھەقىقىي تارىخىڭىز ۋە ئۆمۈرلۈك كەچمىشلىرىڭىزنى چۈشەنمەيدۇ. ھەقىقىي ھاياتىڭىزنىڭ ئاساسى سىزنىڭ پوزىتىسىيىڭىز، يەنى سىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلاردىكى پوزىتىسىيىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ روھى تۇرمۇشىڭىزغا بولغان پوزىتسىيىڭىز ھەمدە سىزنىڭ ئاشۇ ئىچكى ئاۋازىڭىزغا ئەگىشىش ئىقتىدارىڭىزدۇر.
    سىز نەگىلا بارماڭ، ئىدىيىڭىز سىز بىلەن بىللە بولىدۇ، يەنە تېخى بىللە بولىدىغان سىزنىڭ ئىچكى روھىڭىزمۇ بار، ئۇ سىزنىڭ ھاياتىڭىز، ئەركىنلىكىڭىز ۋە قۇدرىتىڭىزنىڭ نېگىزىدۇر.
    شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تۇيۇش ئۈچۈن سىز نەزىرىڭىزنى شەكىللىك شەيئىلەردىن شەكىلسىز شەيئىلەرگە، ماددىدىن روھقا ئاغدۇرۇڭ. ھەقىقىي نۇرنى كۆرەي دېسىڭىز، سىز ئۆزىڭىز ئاۋۋال شۇ نۇر بولۇشىڭىز كېرەك.

    6-ئاينىڭ 2-كۈنى

     

    بارلىق جانلىقلارنىڭ روھى بىر

    ئۆزىڭىز سۆيگەن ئادەملىرىڭىز ۋە ھەقەمسايىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، بەختىڭىزنىڭ ئاساسىدۇر. بۇنداق بەختنى سىز بايقىيالايسىز، چۈنكى، سىز باشقىلار ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقىنىڭىزدا، ھەممىمىزنىڭ روھى بىلەن باغلانغان بولىسىز.
    جانلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك جىمى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاڭ. سىز بۇ خىل مۇناسىۋەتنى كۈچىڭىزنىڭ بارىچە كۈچەيتىڭ.
    ئادەم ھامان ئوخشاش روھنىڭ ئۆزىدە، ئۆزگىلەردە، ئىلاھتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغىنىنى چۈشىنەلمەيدۇ. سىز بۇنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئۆز ھاياتىڭىزنى قانداقمۇ چۈشىنەلەيسىز؟
    −ھىندى دىنىنىڭ تارقاتقۇچىسى كرىشنا 

    6-ئاينىڭ 3-كۈنى

     

    خۇدا

    سىز ئېغىر كۈنگە قېلىپ، خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنى يوقىتىپ قويسىڭىز، ياكى خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىغا شەك كەلتۈرگۈڭىز كەلسە، ئەڭ ياخشىسى خۇدا خۇسۇسىدىكى خىياللىرىڭىزنى يىغىشتۇرۇپ قويۇڭ. سىز خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن تۇرمۇش قانۇنىيىتىنى ئويلاڭ، ھەر بىر ئادەمنى سۆيۈش ئارقىلىق ئاشۇ قانۇنىيەتكە قانداق ئىتائەت قىلىشنى ئويلاڭ. شۇنداق قىلغاندىلا سىز خۇدانى تاپالايسىز.
    ئادەم ئۆزى نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋانى كۆرەلمەيدۇ، بىردىن ھاۋا يېتىشمىسە، ئاندىن نېمىنىڭ كەملىكىنى، ئۇ كەم بولسا ھايات كەچۈرەلمەيدىغىنىنى بىلىدۇ. خۇداغا بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويغان ئادەممۇ شۇنداق، ئۇ، ئازابقا دۇچار بولسا سەۋەبىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
    مەن خۇدانى چۈشىنىپ يېتەلمەيمەن، ئەمما تونۇيالايمەن. مەن ئۇنى قانداق ئىزدەپ تېپىشنى بىلىمەن، بىلىش مېنىڭ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ روشەن بىلىمىمدۇر.
    گەپ-سۆز بىلەن خۇدانىڭ ماھىيىتىنى ئىپادىلەپ بولغىلى بولمايدۇ.
    خۇدانى ئاددىي سۆز-ئاتالغۇلار بىلەن تەرىپلەشكە قادىر ئەمەسمىز.
    −ئەنجېلىئۇس سىلېسىۋۇس

    6-ئاينىڭ 4-كۈنى

     

    روھنىڭ بىردەكلىكى

    خۇدا ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىدە. سىزنىڭ روھىڭىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئويغانسا، ئۇ خۇدا بىلەن باشقا كىشىلەرنىڭ بېرىكىشىگە موھتاج بولىدۇ.
    ئادەم ئەلدىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما، روھ تەنھا قالسا بولمايدۇ. ئۇ، باشقىلار بىلەن بېرىكىشى، كۈللىيات مەنبەسى بىلەن بىرىكىشى زۆرۈردۇر.
    سىز قانچىكى ئۆز تېنىڭىز ئۈچۈن ياشىغانچە، سىزنىڭ باشقىلار بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىشىڭىز، بىرىكىشىڭىز شۇنچە ئاز بولىدۇ.
    ھاياتنى پەقەت ماددىي تۇرمۇش ياكى مەنىۋى تۇرمۇشلا دەپ قارىۋالغان ئادەم خاتىرجەم ياشىيالمايدۇ. باشقىلار بىلەن ياشاش جەريانىدا، ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنى تەڭلا ياشىيالىغان ئادەم، خاتىرجەملىككە نائىل بولالايدۇ.
    باشقىلارنىڭ سىزنى سۆيۈش-سۆيمەسلىكىڭىز بىلەن بەك ھېسابلىشىپ كەتمەڭ. باشقىلارنى سۆيگەندىلا ئاندىن باشقىلارنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

    6-ئاينىڭ 5-كۈنى

     


    مېھرىبانلىق

    باشقىلارنى سۆيگەندە بىز سۆيگۈنىڭ بەكلا گۈزەللىكىنى ھېس قىلىمىز. بىز ھېچنەرسىدىن قورقمايمىز، سۆيگۈدىن باشقا ھېچقانداق نەرسىنىڭ ھاجىتىمۇ قالمايدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، سۆيگۈ خۇدادۇر. باشقىلارنى سۆيگىنىمىزدە، بىز خۇدا بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلانغان بولىمىز، دۇنيادىكى جىمى جانلىقلار بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلانغان بولىمىز. خۇدا ۋە پۈتكۈل ئادەملەر بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلانغان ئىكەنمىز، بىزگە ئۇنىڭدىن ئارتۇق يەنە نېمە كېرەك، بىز نېمىدىن قورقىمىز؟
    دەرەخ مېۋىلىسە، چېچىكى تۆكۈلىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، روھىڭىز سىزنىڭ قەلبىڭىزدە ئۆسۈپ مېۋىلىسە، سىزنىڭ ئاجىزلىقلىرىڭىزمۇ يوقىلىدۇ.
    ھەر بىر ئادەم: روھى نامراتلار، پەپىلەپ يامان ئۆگىتىپ قويۇلغانلار، ئازغۇنلار، دىمىقى ئۈستۈنلەر، ھەتتا تېنى مەجرۇھلارغا سۆيگۈ بېرىڭ. ئۇلار بىلەن تەگەشمەڭ، ئۇلارغا چېچىلماڭ، ئۇلارنى ئەيىبلىمەڭ. ئەگەر، مۇمكىن بولغاندا ئۇلارغا بار كۈچىڭىز بىلەن ياردەم قىلىشنى ئويلاڭ، چۈنكى، مەنىۋى توكۇرلۇق جىسمانىي توكۇرلۇقتىنمۇ ياماندۇر.
    شەخسىي مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈنلا باشقىلارنى سۆيمەڭ، سۆيگۈنىڭ سىزگە بەخش ئېتىدىغان لەززىتى ئۈچۈن سۆيۈڭ.

    6-ئاينىڭ 6-كۈنى

     

    خاتالىق

    سىز ھاياتتا خاتالىق سادىر قىلمايمەن دېيەلمىسىڭىزمۇ، بەزىبىر خاتالىقلاردىن قۇتۇلالايسىز ۋە خاتالىق ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنى ئازايتالايسىز. ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىزلىقى، خاتا ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىڭىزدىن ئۆزىڭىزنى قۇتۇلدۇرسىڭىز، ھەقىقىي ياشىيالايسىز، بۇ ھەر بىرىمىزگە پايدىلىقتۇر.
    ئادەم ئۆز ئىچىدىن ئىككىلا ئاۋازنى ئاڭلىيالايدۇ. بىرى، ئۆزۈڭ ئۈچۈنلا ياشا، دېگەن سادا؛ يەنە بىرى، باشقىلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىل، دېگەن سادا. بىر سادا، يامانغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇر؛ يەنە بىر سادا، يامان بىلەن تەڭ بولما، ئۇنى كەچۈر، دەيدۇ. ئالدىنقىسى، باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغۇزىدۇ، كېيىنكىسى ئۆزىڭىزنىڭ ئىچىدىكى روھقا قۇلاق سالغۇزىدۇ. كېيىنكىسىنى ئاڭلىسىڭىز، ئۆز قەلبىڭىزدىن ئۇرغۇپ چىققان ساداغا قۇلاق سالسىڭىز، سىز توغرا يولنى تاللىغان بولىسىز.
    بەزىبىر ئەسەبىي ياھاجانلار سىزنى كونترول قىلىۋالغىنىدا، شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇنداق ھاياجان سىزنىڭ روھىڭىزنىڭ بىر قىسىمى ئەمەس، سىز بۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنى ئازاد قىلىڭ. بۇنداق قىزىپ كېتىشلەر ھە دېسە سىزنىڭ ئۆز قەلبىڭىز بىلەن بولغان مەنىۋى ئۆتۈشمىڭىز ئۈچۈن توسالغۇ بولىدۇ. سىز ئۇنىڭدىن بىراقلا قۇتۇلۇپ كەتسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكى روھىڭىز بىلەن قايتا مۇناسىۋەت ئورنۇتالايسىز.

    6-ئاينىڭ 7-كۈنى

     

    ئېزىقىش

    بىز ھايۋانلاردىن ئۆزىنىڭ تېنىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ھايۋانلار بەدىنى تەلەپ قىلغان نەرسىگە ئېرىشسىلا، تىنچلىنىپ قالىدۇ. بىراق، ئادەملەرنىڭ مەڭگۈ نەپسى تويمايدۇ.
    يۇنانلىق ئاقىل پىفاگور گۆش يېمەيدىكەن. بىراۋ، يۇنانلىق يازغۇچى پلۇتارختىن: نېمە ئۈچۈن پىفاگور گۆش يېسە بولمايدۇ، دەپ سورىغانىكەن. پلۇتارخ ئۇنىڭغا جاۋابەن دەپتۇ: ئۇ بۇ ئىشتىن غەلىتىلىك ھېس قىلمىغان، ئەكسىچە باشقا بىر ئىشتىن غەلىتىلىك ھېس قىلغان−كۆپلىگەن ئادەملەر ئۇرۇق، قوغۇن-تاۋۇز، مېۋە-چېۋە، كۆكتات-ئوتياشلارنى ئوزۇقلۇق قىلىپ يېيىشىدۇ، بۇ يەتمىگەندەك يەنە تېخى ھايۋانلارنىمۇ ئارام خۇدا قويماي تۇتۇش، ئۆلتۈرۈش ۋە يېيىشكە پېتىنىشىدۇ.
    ئەگەر، سىز گۈلگۈن شارابلار، ۋودكا، تاماكا ۋە مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى توختاتمىسىڭىز، ئۆز ھاياتىڭىزنى زەھەرلەيسىز، ئۇنداقتا، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدا ئاكتىپ ۋە ساغلام ئامىللارنىڭ بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولمايدۇ.
    ئادەم نەپسىگە قانچە ئاز بېرىلسە، شۇنچە خۇشال، قۇۋناق ياشىيالايدۇ. بۇ ھەقىقەت گەرچە بەكمۇ كونا بولسىمۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەممىسىلا ئۇنى قوبۇل قىلىپ كېتەلىگەن ياكى چۈشىنەلىگەن ئەمەس.

    6-ئاينىڭ 8-كۈنى


    ھاۋايى-ھەۋەس ۋە شەھۋانىي ھېسسىيات

    ئادەمزات بىلەن ھايۋناتقا جىنسىي تۇيغۇ ئاتا قىلىنغان، بۇ نەسىل قالدۇرۇش ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلۇغ ئىش. جىنسىي تۇيغۇ كەيپى-ساپا ئۈچۈن دېيىلسە، بۇ خاتادۇر.
    خۇددى ھاياتتىكى باشقا ئىشلارغا مۇئامىلە قىلغىنىڭىزغا ئوخشاشلا، نىكاھقىمۇ زىيادە كۆپ ۋەزىپە يۈكلەپ قويماڭ. نىكاھ، ئاساسلىق بىرلا ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ−ئەر-خوتۇنلار ئورتاق ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش، پەرزەنتلىك بولۇش ۋە پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەش.
    تويدىن بۇرۇن سىز بۇنى تەكرار-تەكرار ئويلىنىپ بىر قارارغا كېلىڭ، يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىڭ. سىز ئۆزىڭىز باشقا بىرسى بىلەن جىنسىي بىرلىشىش ئالدىدا تۇرغان بولىسىز، بۇ سىزنىڭ ھاياتلىقىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ مېۋىسى تولىمۇ چوڭقۇر، سىز ئويلىغاندىنمۇ چوڭقۇرراقتۇر. توي قىلىش، سىزنىڭ پۈتكۈل ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ چوڭ تاللىشىڭىز بولۇشى مۇمكىن.
    جىنسىي مەسىلىدە، يۈزى ئېچىلمىغان مەسۇم، پاك قىز-يىگىتلەر قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئۇلار نېمىنى قوللانما قىلىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى: ئۇلار تويدىن ئاۋۋال ئىپپىتىنى، پاكلىقىنى پاختا ئارىسىدا چوغ ساقلىغاندەك ساقلىغان بولسا، تويدىن كېيىنمۇ پاكلىقىنى ئەنە شۇنداق ساقلىشى كېرەك.

    6-ئاينىڭ 9-كۈنى

     

    ئىشلەش ۋە بىكارچىلىق

    ئەڭ يۈكسەك ئەمگەك، دېھقاننىڭ ئەمگىكى، ئۇ ئېتىز-ئېرىقتا ئىشلەيدۇ.
    ئەڭ ھالال يېمەكلىك نېمە؟ ئۆز قولىڭىز بىلەن تاپقان يېمەكلىك.
    −مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
    بىكارچىلىقتا لاغايلاپ ئۆتكۈزگەن ھاياتقا قارىغاندا، جاپالىق ئەمگەك قىلىپ ئۆتكۈزگەن ھاياتنىڭ ئەڭ چوڭ پايدىسى شۇكى، ئەمگەك قىلغۇچى ئەستايىدىل، كونكرېت ۋە ئاكتىپ ئويلىنىدۇ؛ بىكار تەلەت بولسا، تەپەككۇرى يۈزەكى بولۇپ، گەپ-سۆزىمۇ جايىدا بولمايدۇ.
    بەزىلەر، كىر-قات يۇيۇش، تاماق ئېتىش، بالىغا قاراش تامامەن ئاياللار قىلىدىغان ئىش، دەپ قارايدۇ، ھەتتا ئەرنىڭ بۇنداق ئىشلارنى قىلىشى نومۇسلۇق ئىش دەپ بىلىدۇ، ئۇنداق ئادەمنى ئەر قاتارىدىمۇ سانىمايدۇ. بىراق، ھەقىقىي نومۇس قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى، ئاجىز، ئىككى قات ئايالى جان تىكىپ جاپالىق ئىشلەۋاتسا، ئەر بولغۇچىنىڭ  بىكار ئولتۇرۇشى ياكى ئارام ئېلىشىدۇر.

    6-ئاينىڭ 10-كۈنى

     

    ئاچكۆزلۈك ۋە بايلىق

    بايلارنىڭ كۈنلىرى ئارامخۇدا ئۆتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ھەمىشە ئۆز بايلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپلا دەككە-دۈككە يۈرىدۇ. ئۇ قانچە بېيىغانچە تەشۋىش-غەملىرى شۇنچە كۆپىيىدۇ. باي باي بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىدۇ، ئۇلار باي بىلەنلا دوست تارتىشىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ بايلىقىنىڭ گۇناھى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا نامراتلارنىڭ ھەقىقىي دوستى بولالمايدۇ.
    سەدىقە بېرىدىغان خەير-ساخاۋەتلىك بايلار ساختا ساخاۋەتچىلەردۇر، چۈنكى، ئۇلار سەدىقە قىلغان پۇللار ئەسلىدە ئۇلاردىن نامرات كىشىلەرنىڭ قولىدىن بۇلاپ ئېلىۋېلىنغان.
    مەن نەگىلا قارىسام، بايلارنىڭ توزاقلىرىنى كۆرىمەن، ئۇلار نامرات، يوقسۇللارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش باناسىدا، ئۆزلىرىگە ياخشى بولىدىغان ۋە پايدىسى تېگىدىغان ئىشلارنى قولغا كەلتۈرۈۋالىدۇ.
    −سىر توماس مور
    ئىنساپ بولسا باي بولماس، باي بولسا ئىنساپ (بولماس)−چىن ماقالى.
    ھەممە ئادەم ھەقىقەت ۋە خۇدانىڭ ئالىمىنى ئىزدىسە، نامراتلىقمۇ يوقىلىپ كېتىدۇ.

    6-ئاينىڭ 11-كۈنى

     

    ئاچچىقلىنىش ۋە ئۆچمەنلىك

    ئەگەر، بىر ئادەم كۆپچىلىكنى دەپ باشقا بىر ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلسا، زىيانكەشلىك قىلىنغۇچى يامانلىقىڭىزغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۆز ئارا زىيانكەشلىك قىلىشىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۆز قىلمىشىنى مۇشۇ ئىشقا چېتىلىدىغانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق، دەپ بىلىشىدۇ. بۇ دەل مانا مۇشۇ ھازىرقى دۇنيادا رۇي بېرىۋاتقان ئىشلاردۇر.
    بىز نىيەت بىلەن نىيەتنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكلا ئۆز ئارا ئۆچمەنلىك يوقايدۇ. ئەگەر، كۆڭلىمىزدە باشقىلارنى ئۆز ئورنىمىزغا قويۇپ باقساق، مەنمەنلىكىمىز ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيمىز.
    باشقىلارنىڭ غەزىپىدىن غالىب كېلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى: «بۇ كىشىگە ئېچىنىمەن» دەيلى. ئاچچىقلانغىنىمزغا ئېچىنايلى، يامغۇر ئوتنى ئۆچۈرگەندەك غەزەپ يالقۇنىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايلى.
    بەزىلەر ھە دېسە تىرىكىدۇ. ئۇلار دائىم باشقىلارغا كەلسە-كەلمەس ۋارقىراپ-جارقىرايدۇ، باشقىلارنىڭ گېپىنى قاپ بەلدىن ئۈزۈپ قويىدۇ، باشقىلارغا تەنبىھ بېرىدۇ. بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئىچىدە توڭگۇز قاترايدۇ. بىز ئۇلارنىڭ تولىمۇ بىچارە، بەختسىز ئىكەنلىكىنى ئويلىشىمىز كېرەك، چۈنكى، ئۇلار ياخشى روھىي ھالەت ۋە بەختنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلەيدىغانلاردىن ئەمەس. ئۇلارغا ئاچچىقلىنىش ئەرزىمەيدۇ، ئۇلارغا بىز ئېچنىشىمىز كېرەك.

    6-ئاينىڭ 12-كۈنى

     

    تەكەببۇرلۇق

    ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانى ئۆز روھىڭىزنى مۇكەممەشتۈرۈش. بىراق، تەكەببۇر كىشى ئۆزىنى ئاللىقاچان يېتەرلىك چاغلىۋالىدۇ. يېتەرلىك بولسا، مۇكەممەللىكنىڭ نېمە ھاجىتى؟ بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، تەكەببۇرلۇق ئادەتتىن تاشقىرى قاباھەتلىك ئاجىزلىقتۇر، چۈنكى، ئۇ بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز−ئۆز-ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توسالغۇ بولىدۇ.
    ئۆزىنىلا سۆيگۈچى تەكەببۇرلۇقتا تۈگەيدىغىنى مۇقەررەر. تەكەببۇرلۇق ئۆزىنىلا سۆيۈش دېمەكتۇر.
    بارلىق جانلىقلارنىڭ باراۋەرلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغاندا، ھەقىقىي سۆيگۈ مەۋجۇت بولمايدۇ.
    بىز ھە دېسە باشقىلارنىلا تەنقىدلەيمىز. بىز بىراۋلارنى ياخشى، بىراۋلارنى ئەسكى دەيمىز، بىراۋلارنى دۆت، بىراۋلارنى چېچەن، ۋەھاكازلار دەيمىز. بىز ئۇنداق قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئادەم دەريادەك ئېقىپ تۇرغۇچى، بەلكىم ئۇ كېچەيۇ-كۈندۈز ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرۇشى مۇمكىن. دۆتلەر چېچەنلىشىپ قېلىشى، ئەسكىلەر ياخشى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. سىز بىر ئادەمنىڭ ئۆتمۈشىگە قاراپلا ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىسىز، بىراق ئۇنىڭ ئەمدىلىكتە ئۆتمۈش بىلەن ئالاقىسى قالمىغاندۇر.

    6-ئاينىڭ 13-كۈنى

     

    كەمتەرلىك ۋە كىچىك پېئىللىق

    خۇدا ياكى ئۆزىڭىزدىن−ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلالايسىز. ئەگەر، خۇداغا خىزمەت قىلسىڭىز، قاباھەت ۋە ئېزىقىشلار بىلەن كۆرۈش قىلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر، ئۆزىڭىزگە خىزمەت قىلسىڭىز، ئۇنداق قىلىشىڭىزنىڭ ئورنىمۇ يوق، ئۇنداقتا جىمى جانلىقلار بىلەن بىر قېلىپتىلا ياشاپ ئۆتىسىز.
    ئادەمگە خىزمەت قىلىشنىڭ پايدىسىدىن كۆرە، خۇداغا خىزمەت قىلىشنىڭ پايدىسى: ئادەمگە خىزمەت قىلغان چېغىمىزدا، سىز باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھەقىقەتەن بەك ياخشىدەك قىياپەتكە كىرىۋالىسىز. بۇ، سىزنىڭ خۇداغا خىزمەت قىلغىنىڭىزغا ئوخشىمايدۇ. خۇدا ھەر بىرىمىز بىلەن بەش قولدەك تونۇشتۇر. سىز ئۇنىڭ ئالدىدا ياخشى قىياپەتكە كىرۋالالمايسىز، خۇدا سىزنىڭ راستتىنلا ياخشى بولۇپ كەتكەن-كەتمىگىنىڭىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
    ئەقىللىق ئادەم، ئۆزى قىلماقنى ئىستىگەن ياخشى ئىش-ئەمەللەرنى قىلىپ بولالماي ئىچى سىقىلىدۇ، باشقىلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى ئاڭلىغىنىدا بولسا، ئىچى سىقىلمايدۇ.
    خۇدا ھەر بىرىمىزنىڭ روھىدا ئولتۇراقلاشقان، بۇنى چۈشەنگەن ئادەم تەمكىن ۋە كىچىك پېئىل بولىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزلىرى ھەققىدە نېمە دەپ قېلىشىدىن خۇدۈكسىرەپ يۈرمەيدۇ.

    6-ئاينىڭ 14-كۈنى


    سوتلاش ۋە جازالاش

    باشقىلارنى قانچە قېتىم ئەپۇ قىلالىدىم، دەپ ئۆز-ئۆزىڭىزدىن سوراپ كۆرۈڭ، مانا بۇ ھاراق تاشلىغان ھاراقكەشتەك سوراڭ: ئەگەر سىزگە ھاراق سۇنۇلسا، نەچچە قېتىم رەت قىلاتتىڭىز؟ مەن ھاراق تاشلاشقا قەتئىي ئىرادە قىلسام، يېرىم يولدا يەنە ھاراقنى تېپىۋالمايمەن، مەيلى باشقىلار ماڭا قانچە قېتىملاپ زورلىسىمۇ. باشقىلارنى كەچۈرۈشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا قىلچە تەۋرەنمەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ.
    ساۋاق بولسۇن ئۈچۈن جازالاش، بالىلارنى ئۆزگەرتەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە تەتۈر ئۈنۈم بېرىدۇ، چۈنكى ئۇ بالىلارنى رەھىمسىز قىلىپ قويىدۇ.
    دۇنيادىكى ياخشى ئادەم مۇبادا شەپقەتسىزلىك، ئۇرۇش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ بەختىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان باشقا جىنايى قىلمىشلارنى توسىمەن دېسە، شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئۇرۇش، قورال كۈچى ۋە ئىنتىقام-قىساسلارغا ئەمەس، زوراۋانلىق بولمىغان تىنچ ئۇسۇلغا تايىنىش كېرەك.
    خۇدا خورلىغۇچىلارنى ئەپۇ قىلغانلارغا، بولۇپمۇ، خورلىغۇچىلارنى جازالىغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلگەنلەرگە ئالاھىدە ئامراق كېلىدۇ.

    6-ئاينىڭ 15-كۈنى

     

    زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش

    خۇداغا ئىشەنمەيدىغان ئادەملا، بەزىبىر كىشىلەرنىڭ زورلۇق بىلەن بەزى ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرەلەيدىغانلىقىغا پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن ئىشىنىدۇ. قورال كۈچى بىلەن باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكۈچى ياخشى-ياماننى ئايرىپ ئولتۇرمايدۇ.
    ھەرقانداق شەرت، ھەرقانداق مۇھىت ئاستىدا قەتلىئام قىلىشقا باھانە-سەۋەب كۆرسەتسە، بولۇپمۇ قىرغىنچىلىق قىلسا بولمايدۇ. قەتلىئام سۈيىقەستى قىلىش، نۇرغۇن دىنلاردا قەيت قىلىنغان خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مەككارلارچە قارشى قىلىنغان ھەرىكەتتۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆلۈم جازاسىدىن ئىبارەت كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىققا يول قويۇشماقتا.
    ئەگەر، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنى قۇتقۇزماي، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانلارنى قۇتقۇزسا، كىشىلەر پۈتكۈل دۇنيانى ياخشىلاش نىشانىغا قاراپ چوڭ بىر قەدەم تاشلىغان بولىدۇ.
    خام خىيال سۈرگۈچى دائىم كەلگۈسىنى چۈشەيدۇ، كەلگۈسىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈشكە ئۇنىمايدۇ. ئۇ، قالغان ئۆمرىنى كەلگۈسىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ، بۇ ئۆزگىرىشلەر مىڭ يىللار داۋامىدا تەبىئىي يوسۇندا كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا شۇنداق قىلىدۇ.

    6-ئاينىڭ 16-كۈنى

     

    تىرىشچانلىق

    «...شۇندىن بېرى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر تارقالماقتا ۋە نۇرغۇن ئادەم ئۇ يەرگە تىرىشىپ كىرمەكتە»، «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دىلىڭلاردىدۇر» («لۇقا ئىنجىلى»، 16-پارە، 16-سۈرە ۋە 17-پارە، 21-سۈرە). «يېڭى ئەھد» (زەبۇر)نىڭ بۇ ئىككى بۆلەك سۈرىسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئەگەر، ئۆز روھىمىز خۇدا بىلەن قوشۇلسۇن، بېھىش بەرپا قىلايلى دېسەك، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز زۆرۈردۇر. بىز ئىجتىھات بىلەن كۈرەشسەكلا بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
    بەزىلەر، ھەقىقىي تەقۋادار (ئالايلۇق، خرىستىئان مۇخلىسى) بولۇش ئۈچۈن قەھرىمانە ئىش-ئىزلارنى قالدۇرۇش كېرەك، دەپ قارىشىدۇ. بۇ قاراش خاتا. سىز ئادەتتىن تاشقىرى، ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، تىرىشچانلىقىڭىزنى ھارماي-تالماي قەتئىي داۋاملاشتۇرالىسىڭىزلا كۇپايە.
    كىشىلەر ھەقىقەتكە تايىنىپ ئەمەس، ھەقىقەتنى بايقاپ خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ. گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتمۇ شۇنداق. مۇھىمى، سىزنىڭ بارغانسېرى ئۇ تىرىشچانلىققا يېقىنلىشىشىڭىز.
     قەدەملەر ئاستا ۋە ئۇششاق ئېلىنسىمۇ، توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. ناۋادا، سىز ھەقىقەتنى سېزىش، ھاياتنىڭ مەنىسىنى تۇيۇشنى ئويلىسىڭىز، مانا بۇ ئەڭ ياخشى چارە-تەدبىردۇر.

    6-ئاينىڭ 17-كۈنى

     

    ئېتىقاد

    دۇئا-تىلاۋەت ئۆزىڭىزنىڭ كىم، ياشاشتىكى مەقسەت-نىشانىڭىز نېمە ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزگە سېلىپ تۇرىدۇ. ئۆزىڭىز تەنھا، يالغۇز، كۆڭلىڭىز قىلچە بىر يەردە بولمىغاندا، سىز بۇ مەسىلىلەرنى ئوچۇق كۆرۈپ يېتەلەيسىز.
    دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتقىنىڭىزدا، ئۆزىڭىز ئۈچۈنلا قىلىسىز. دۇئا-تىلاۋەتلىرىڭىز خۇدانى خۇشال قىلىش ئۈچۈن، دەپ خاتا ئويلاپ قالماڭ. خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئىتائەت قىلسىڭىزلا خۇدا خۇش بولىدۇ.
    بۇ دۇنيانىڭ قاباھىتى مۇنۇ بىر ئەمەلىيەتتىن بىخلىنىدۇ: كىشىلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا، ئومۇمىي تۇرمۇش مىزانلىرىغا ئىشەنمەيدۇ.
    ھەقىقىي مۇخلىس چېركاۋ-ئىبادەتخانا سالدۇرىدۇ، دېيىشىدۇ كىشىلەر. بىزنىڭ ئارىمىزدا مۇشۇنداق ھەقىقىي مۇخلىسلارمۇ بارمىدۇ؟ ئەگەر، بار دېيىلسە، ئۇلار قەيەردە؟
    بىزنىڭ ئېتىقاد خۇسۇسىدىكى يالغان-ياۋىداق گەپلىرىمىز ۋە خاتا چۈشەنچىلىرىمىز ئىچىدە ئەڭ ۋەھشىي بولغىنى، بالىلارغا ئېتىقادنى قانداق ئۆگىتىش ھەققىدىكى قاراشلىرىمىزدۇر. بىر بالا بىزدىن: «دۇنيا دېگەن نېمە» دەپ سورىسا، بىزنىڭ بېرىدىغان جاۋابىمىز ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغانلىرى بولماستىن، باشقىلارنىڭ ئويلىغىنى بولۇپ چىقىدۇ، ئۇلار ئەسىرلەردىن بۇرۇن بۇ دۇنيادا ياشاپ ئۆتكەنلەردۇر. بالىلارغا بېرىدىغانلىرىمىز، بىز ئېھتىياجلىق مەنىۋى ئوزۇق بولماستىن، بەلكى مەنىۋى زەھەردۇر.

    6-ئاينىڭ 18-كۈنى

     

    ساختا ئىلىم
    بەزى ئىشلارنى بىلمەسلىك نومۇسلۇقمۇ، زىيانلىقمۇ ئەمەس. بىلمىسىمۇ بىلگەندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىش، مانا بۇ سىز نومۇس قىلىشقا ۋە خىجىل بولۇشقا تېگىشلىك ئىس.
    مۇھىمى، بىلىمنىڭ سۈپىتى، ھەرگىزمۇ مىقدارى ئەمەس. سىزنىڭ بىلىمىڭىز شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، ئاشۇ ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى بىلمەسلىكىڭىزمۇ مۇمكىن.
    ئالىم-ئۆلىمالىرىمىزغا سوئال قويالايدىغان ئادەملەر نەچچە مىڭ تۈرلۈك مۇرەككەپ، چوڭقۇر جاۋابلارغا ئېرىشەلىسىمۇ، مۇنداق ئەڭ مۇھىم ئىككى سوئالغا جاۋاب تاپالمايدۇ: «مەن كىم؟» ھەمدە «پۈتكۈل ئۆمرۈمنى قانداق ياشىمىقىم كېرەك؟»
    ئەسلىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالىنى جاكارلىغاندەك، يالغان-ياۋىداقلارنى ئاشكارا ئېچىپ تاشلاشمۇ كىشىلەرگە پايدىلىقتۇر.
    ھېچقانداق كىتاب ئوقۇماسلىق، تۈمەنلەپ توم-توم كىتابلارنى قارغۇلارچە ئوقۇغاندىن ۋە كىتابقا ئۆلۈك ئىشەنگەندىن پايدىلىق. بىر كىتابنى ئاز ئوقۇش بىلەنمۇ زېرەك ئادەمگە ئايلىنالىشىڭىز مۇمكىن، ئەگەر، كىتابتا يېزىلغاننىڭ ھەممىسىگىلا تولۇق ئىشىنىپ كەتسىڭىز، ھاماقەتكە ئايلىنىپ قالىسىز.

    6-ئاينىڭ 19-كۈنى


    تىرىشچانلىق

    دۇنيانى چۈشىنىش، دۇنيانى نىشان قىلىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈچ سەرپ قىلغۇچى مەڭگۈ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمايدۇ. ئۇ، داۋراڭغا تولغان بىر جەمئىيەتكە ئېھتىياج بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئىچكى ئەجرى ئاللىقاچان ئۆزىگە يېتەرلىك. ئەمما، مۇنۇ بىرلا ئىش−ئۆزىنىڭ ئىچكىدىكى رەزىللىكتىن قۇرۇلۇپ، باشقىلار ۋە خۇدا بىلەن تىنچ بىللە تۇرۇش ئىشىنى قىلالماسلىقى مۇمكىن.
    ئۆزلۈكسىز تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلاش، سىزنى شۇنداق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدۇ. سىز ئىزچىل ياخشى ئىش-ئەمەلنى ئادەت قىلىڭ.
    ھەقىقەت ئىزدەڭ، ئۆمۈر بويى توختاپ قالماڭ. خۇدا سىزگە مەدەت بېرىدۇ، سىزگە ھەمراھ بولىدۇ.
    تۇرمۇش قانۇنىيىتى ھەمىشە ئېنىق-روشەن بولىۋەرمەيدۇ، دانىشمەن بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئوخشاش. بىراق، بىز تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكلا ئۇنى چۈشۈنۈپ يېتەلەيمىز.
    −كۇڭزى
    6-ئاينىڭ 20-كۈنى


    ئۆزىنى قۇربان قىلىش

    سىزنىڭ جىسمىڭىز قەلبىڭىزدىكى خۇدانىڭ تەركىبىدە بولۇپ تۇرىدۇ.
    ئۆزىڭىزنىڭلا ئەمەس، ئامال بار باشقىلارنىڭمۇ ئالاھىدىلىكىنى كۆرۈڭ. باشقىلارغا گۇناھ قويماي، ئۆزىڭىزنى ئەيىبلەڭ.
    ئۆزىڭىزنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشىڭىز زۆرۈردۇر، قەلبىڭىزدىكى خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ، شۇندىلا خۇشاللىق تاپالايسىز.
    ئەگەر، سىز ئۆزىڭىزنىڭ روھى ئۈچۈن ياشاش كېرەكلىكىنى بىلىپ تۇرۇقلۇقمۇ ئۆز مەنپەئەتىڭىزنى قوغلىشىپ يۈرسىڭىز، ئۆيىنىڭ سىرتىغا چىقىپ ئىشكىنى تاقاپ قويۇپ كىرەلمەي قالغان، بەلكى ئاچقۇچىنى يۈتتۈرۈۋەتكەن ئادەمگە ئوخشاپ قالىسىز.

    6-ئاينىڭ 21-كۈنى


    كىچىك پېئىللىق ۋە كەمتەرلىك

    جامائەت بىلەن دوستانە، ئىناق-ئىجىل ئۆتسىڭىز، سىز شۇ ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ ئاق كۆڭۈل ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. بۇنداق ئىتتىپاقلىققا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان ئاساسىي توساق بىزنىڭ تەكەببۇرلىقىمىزدۇر. پەقەت كىچىك پېئىللىقلا سىزنى دوستانە، ئادەمگەرچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغۇزىدۇ.
    سىز ئۆزىڭىزدىن قانچىكى رازى بولغانچە باشقىلاردىن شۇنچە رازى بولمايسىز. ئەكسىچە، ئۆزىڭىزدىن قانچىكى رازى بولمىسىڭىز، باشقىلار بىلەن خۇشاللىقتا شۇنچە بىرگە بولالايسىز، سىزنىڭ ھاياتىڭىزمۇ شۇنچە گۈزەللىشىدۇ.
    ئۆزىنىلا سۆيىدىغان ئادەمنىڭ يېقىن دوست-يارەنلىرى بولمايدۇ.
    −گېئورگى.C.لېچتېنبېرگ
    ئەگەر، سىز دوستانە ۋە ئىناق، كىچىك پېئىل-كەمتەر، ئىززەت-ئىكراملىق بولسىڭىز، خۇدا ئۆزى سىزنىڭ يېنىڭىزغا كېلىدۇ، خۇددى سۇ ساي-جىلغىلارغا ئۆزى ئېقىپ كىرگەندەك تەبىئىي ھالدا.
    −چىن ھىكمەتلىك سۆزلىرىدىن
    6-ئاينىڭ 22-كۈنى

     

    ھەقىقەت

    ئەگەر، بىراۋ سىزگە قىلىۋاتقان ھەر بىر ئىشىڭىزدىن ھەقىقەت ئىزدەپ ئاۋارە بولماڭ، دېسە ھەرگىز ئىشەنمەڭ، چۈنكى، ئۇلار سىزگە دۈشمەن. ئۇلارنىڭ سىزنى شۇنداق قىلغۇزماق بولۇشى، ھەقىقەت بويىچە ياشىمىغانلىقىدىن، ئۇلار باشقىلارنىمۇ شۇنداق بولسىكەن، دەپ ئويلىشىدۇ.
    ھەقىقەت بويىچە ياشىمىغان ئادەم نۇرغۇن چۈشەندۈرۈش-ئىزاھاتلارنى تېپىپ، ئۆزىنىڭ ناچار ئەمەس، ياخشى ياشاۋاتقىنىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىدۇ.
    ئەتراپىڭىزدىكى تۇرمۇش قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، سىز ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىش ئۈچۈن شۇنچە پاراسەت ئىشلىتىشكە موھتاج بولىسىز.
    ھەقىقەت سىزنىڭ نۇرلۇق چىرىقىڭىز بولالايدۇ، يول باشلىغۇچى چىرىقىڭىزغا ئايلىنالايدۇ. ھەقىقەت سىزنى قانات ئاستىغا ئالالايدۇ. سىز ھەقىقەتتىنلا مەدەت تىلىشىڭىز كېرەك.
    − بۇددا ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن
    ھەقىقەت ئاددىي-ساددا بولىدۇ. يالغان-ياۋىداق سۆز ئېيتىلغاندا، ۋاتىلداش توختىمايدۇ.

    6-ئاينىڭ 23-كۈنى

     

    گەپ-سۆز

    سىز باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىز كۈتكەندەك مۇئامىلىسىگە ئېرىشىمەن دېسىڭىز، ئۆزىڭىزنى تىزگىنلەڭ.
    ئۆزىڭىزنى ماختاپ-ئۇچۇرماڭ ھەم ئۆزىڭىزنى كۆز-كۆز قىلىپ يۈرمەڭ. باشقىلار بىلەن ھەرگىز بەس-مۇنازىرە قىلىشماڭ.
    گەپ-سۆزدە سىلىق-سىپايە بولۇش قانچىلىك مۇھىم-ھە! ئاچچىقىڭىز كەلتۈرۈپ قويۇلغاندا، سىز ھەرقانچە راست گەپ قىلسىڭىزمۇ ھېچكىمنى قايىل قىلالمايسىز، سىز شۇندىلا گەپ-سۆزدە مۇلايىم بولۇشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يېتىسىز. مۇلايىملىق بىلەن ئىللىق گەپ قىلسىڭىز ھەر بىر ئادەم ئۇنى قوبۇل قىلالايدۇ، ھەتتا ھاماقەتمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
    مۇبادا سىز دوستىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ قالغان بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى دوستىڭىزنىڭ قارىشىنى دەرھال قوللاڭ، بۇ ئارقىلىق يامان گەپلەرنى توختىتىڭ. ئەگەر، سىزنىڭ ئۇنداق غەيۋەتخور دوستىڭىز بولمىسا، ئۆزىڭىزنى ياخشى ھېسابلاۋېرىڭ.
    ئادەمنى بىزار قىلىدىغان بىر پەس پاراڭدىن كېيىن، سىز بولۇنغان گەپ-سۆزلەرنى ئويلاپ باقسىڭىز، ھەيرانلىق ئىچىدە شۇنى بايقايسىزكى، ئۇنىڭدا ئارتۇقچە، پۈچەك گەپلەر نېمە دېگەن تولا-ھە.

    6-ئاينىڭ 24-كۈنى


    ئىدىيە

    ئالاھىدە زاتلارلا ئەقىل-پاراسەتلىك كېلىدۇ، دەپ قارىماسلىق كېرەك. ئەقىل-پاراسەت ھەممە ئادەمگە ئورتاق سۈپەت، ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ئىگە بولالايدۇ. ئەقىل-پاراسەت بىر خىل بىلىم، ئۇ سىزگە ئۆمرىڭىزنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، سىز ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىڭ.
    ئەقىل-پاراسەت مۇنداق ئىككى يول بىلەن كېلىدۇ: بىرى، تەنھالىقتىن ئېرىشكەن مەنىۋى پىشىپ يېتىلىش ئارقىلىق؛ يەنە بىرى، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشىش ۋە ئىزدىنىش ئارقىلىق.
    سىزدە تۇرمۇشنىڭ ئەڭ يۈكسەكلىكىدە تۇرغان ئاڭ بار بولسا، سىز دېمەك تەنھادۇرسىز. ئەقىل-پاراسەتسىز كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا، تەنھالىق بەسى مۈشكۈل ئىش. ئەقىل-پاراسەتسىز كىشى ئۆزىنىڭ دىققىتىنى ھەر خىل يوللار بىلەن چاچىدۇ، ئۆزىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدىكى بىر قەدەر تۆۋەن قاتلامغا يېقىنلىشىدۇ. ھەقىقىي ئەقىل-پاراسەت ئىگىسى ئۆزىنى مۇشۇ ئىچكى تەنھالىق چوققىسىغا قالدۇرۇپ، تىلەكلىرىدە خۇدا بىلەن سىردىشىدۇ.
    مۇۋەپپەقىيەتكە باي دۇئا-تىلەكلەر سىزنىڭ ئاڭلىق ئېڭىڭىزدىكى ئەسلەر ئىچىدە ھاياتنىڭ مەنىسىگە بولغان ئەڭ يۇقىرى چۈشىنىش پەيدا قىلىدۇ، ئۇ سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى ئاشۇ ئەڭ گۈزەل لەھزىلەردە سىز سېزىپ يەتكەن ئاشۇ مەنالاردۇر.

    6-ئاينىڭ 25-كۈنى


    دۇنيادا گۇناھ يوق

    كىشىلەرنىڭ ياشاشتىكى مەقسىتى، ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىز بۇنىڭغا ئىشەنسەك، ئۆزىمىز رەزىل-ئىپلاس دەۋاتقان نەرسىلەر بىزنىڭ بۇ يولنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە توسالغۇ بولالمايدۇ.
    «خۇدا ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنى ئازابقا دۇچار قىلىدۇ». قەدىمدىن كەلگەن بۇ ھېكمەتلىك سۆزنىڭ كۈچلۈك ئاساسى بار. چۈنكى، ئازاب چېكىش، سىزنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ.
    ھايۋانلار، ئۇششاق بالىلار ياكى چوڭلار ئازاب چەكسە، ئىچىمىز سىيرىلىدۇ. ئەقىللىق ئادەم ئۆزىنىڭ ئازابىنى يەڭگىللەتمەيدۇ ياكى يوق قىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئازاب ئەڭ مۇھىم، ئۆتكۈنچى بىر باسقۇچ، ئۇنىڭدىن كېيىن خۇشاللىق ۋە ئازابتىن قۇتۇلۇش بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. جاپا-مۇشەققەتلىك ئىشلىگەن ئادەمنىڭ دەم ئالىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. كېسىلىڭىز شىپا تاپسا، تېنىڭىز تېخىمۇ ساغلاملىشىدۇ. ئېچىرقاپ كەتكىنىڭىزدە ئاش-تاماق بەك تېتىپ كېتىدۇ. ھەر خىل ئازبلاردىن كېيىن، ئارقىدىنلا خۇشاللىق كېلىدۇ.
    بەختسىزلىك ۋە ئاۋارىچىقلارنى باشتىن كەچۈرسىڭىز، خۇداغا يېقىنلىشىسىز. سىز مۇشۇنداق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇڭ، چۈنكى، ئۇ سىزنى كۆپ پايدىغا ئېرىشتۈرىدۇ.

    6-ئاينىڭ 26-كۈنى

     

    ھازىردا ياشاش

    ھەممىمىزگە مەلۇمكى، بىزنىڭ ئىرادىمىز ئىختىيارىي بولىدۇ، بىز ئەركىندۇرمىز، ئۆزىمىز خالىغانچە ھەرىكەت قىلالايمىز. بىراق، بىز شۇنىڭغا قوشۇلۇشىمىز كېرەككى، ناۋادا، بۇ قاراش توغرا بولسا، بىزنىڭ ئىدراكىي قانۇنىيەتلەر، سەۋەب-نەتىجىلىك باغلىنىش ھەققىدىكى چۈشىنىشىمىز خاتا بولغان بولىدۇ. بۇ قانۇنىيەت توغرا بولسا، بىزنىڭ ئىرادىمىز ئەركىن بولماي قالىدۇ، بىز بۇرۇن ئۆز ۋۇجۇدىمىزدا يۈر بەرگەن ئىشلار بىلەن چەكلىنىمىز.
    روھىي دۇنيادا ماكان-زامان مەۋجۇت بولمايدۇ. بىزنىڭ ئىدىيىمىز ۋە ھېسسىياتىمىزلا ھەقىقىي مۇھىمدۇر.
    ئۆزىمىزنىڭ ئەسكى ئادەتلىرى بىلەن ئېلىشىش ئەتە ئەمەس، بۈگۈن ئىچىدە ئىشقا ئاشىدۇ.
    −كۇڭزى
    ھاياتنىڭ ئەركىن ھەم مۇقەددەس قۇدرىتى ھازىر ئىچىدىلا زاھىر بولىدۇ. شۇڭا، ھازىر قوللانغان ھەرىكەتلىرىمىز مۇقەددەس خۇسۇسىيىتىمىزدۇر. سىز ھازىرنى چىڭ تۇتسىڭىزلا، ئەقىللىق، ياخشى ئادەملەردىن بولالايسىز.

    6-ئاينىڭ 27-كۈنى

     

    ئۆلۈم

    سىز ھاياتىڭىزنى ئىمكان قەدەر شۇنداق ئۆتكۈزۈڭ: ئۆلۈمدىن قورقماڭ.
    مەن خۇدانىڭ ھەر بىر قۇتلۇق كۈنىدە ئۇخلاشقا ياتقىنىمدا، ئۆلۈمگە يۈزلىنىمەن، ئەتىسى سەھەردە تېخىمۇ گۈزەل، ئاسايىشلىق بىر كۈنگە ئۇلىشىمەن، ناۋادا، مەن بۇنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلىۋالسام، ئۆلۈمدىن يەنە نېمە قورقۇش؟
    سوقرات، ئۆلۈم ھالىتى بىزنىڭ تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنقى كەچۈرمىشىمىزگە ئوخشايدۇ، دەيدۇ. ھەممىگە ئايانكى، ئۇندا بىر ئازمۇ قورقۇش-ھولۇقۇش ۋە ناخۇشلۇق مەۋجۇت ئەمەس. يەنە بىر جەھەتتىن، ئۆلۈم نۇرغۇن ئادەملىرىمىز ئويلىغاندەك بولىدىغان بولسا، ئۇ بىزنى تېخىمۇ گۈزەل ھايات يولىغا ئېلىپ بارىدۇ، ئۇ ئەسكى ئىش ئەمەس، بەلكى ياخشى ئىش بولغان بولىدۇ.
    ھايات روھ دېمەكتۇر، ئۇ سىزنىڭ جىسمىڭىزدا ئەمەس. سىز ئەگەر بۇ قائىدىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن بولسىڭىز، ئۆلۈم ئۇقۇمى ئەسلا مەۋجۇت بولمىغان، سىزنىڭ پەقەت روھىڭىزلا جىسمىڭىزنىڭ تىزگىنىدىن قۇتۇلۇپ ئازاد بولغان بولاتتى.

    6-ئاينىڭ 28-كۈنى

     

    ئۆلگەندىن كېيىن

    ھايات، قورچاقنىڭ كېپىنەككە ئايلىنىش جەريانىنى ئېسىمگە سالىدۇ. قورچاق ئۇچالمايدۇ. ئۇلار دەسلىپىدە تۇغۇلىدۇ، ئاندىن غوزەك شەكىللىنىدۇ. بىز كەلگۈسى ھاياتىمىزدا ھەممىمىز كېپىنەككە ئايلىنىمىز.
    بىردىن-بىر ھەقىقىي ياخشى رېئاللىق، تېنىمىزنىڭ چىرىپ تۈگەپ كەتمەيدىغانلىقى، دېيىشىدۇ بەزىلەر. بىراق، مېنىڭ تېنىم دۇنيادا مېنى ئەڭ يىرگەندۈرىدۇ.
    بوۋاق تۇغۇلۇپلا قىرقىراپ يىغلايدۇ؛ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ئادەممۇ قايغۇرۇپ مانا شۇنداق يىغلايدۇ. بىراق، بىز رازىمەنلىك بىلەن جان بېرىشىمىز كېرەك، چۈنكى بۇ ئايرىلىش بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم پەيتىمىزدۇر. بوۋاقنىڭ تۇغۇلمىشىدا، ھايات باشقا بىر دۇنيادىن بۇ دۇنياغا يېتىپ كېلىش؛ جان ھەلقۇمىغا كېلىپ قالغان ئادەمگە نىسبەتەن بولسا ئۆلۈم بۇ دۇنيادىن باشقا يەنە بىر دۇنياغا كېتىپ قېلىشتۇر.
    بىز ئۆلگەندىن كېيىنكى ھاياتىمىزنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى زادىلا چۈشىنىپ يېتەلمەمدۇق؟ بىز بۇ دۇنياغا تۇغۇلۇشتىن ئاۋۋال ھېچقانداق ئەسكى ئىش يۈز بەرمىگەن، بىز ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ھېچقانداق ئەسكى ئىش يۈز بەرمەيدۇ.

    6-ئاينىڭ 29-كۈنى

     

    بەخت

    دۇنيادا ئىككى تۈرلۈك ئادەم بولىدۇ. بىرىنچى تۈردىكى ئادەملەر ماڭا غەيۇر ھايۋانلارنى ئەسلىتىدۇ، ئۇنى ئىگىسى سۆرەشتۈرۈپ يۈرۈپ قوتانغا سولايدۇ، ئۇ يەردە ئۇنى ماكانلاشتۇرىدۇ ۋە ئوزۇق-تۈلۈك بېرىدۇ. بۇ ھايۋانلارنىڭ قارشىلىقى ئۇلارغا ئۆز ئىگىسىنىڭ ياخشىلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، ئەمما، ئۇلار بەرىبىر ئوخشاش بىر يەرگە ئېلىپ كىرىلىدۇ. ئىككىنچى تۈردىكى ئادەملەر ماڭا، ئىگىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان رايىش ھايۋانلارنى ئەسلىتىدۇ، ئۇلار ئۆزلۈكىدىن قوتانغا كىرىپ بېرىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئىگىسىنىڭ ئۇلارغا ياخشى بولسۇن دەپ كۆيۈنىۋاتقىنىغا ئىشىنىدۇ.
    يىراقتىن كۆزەتكەندە، تۇرمۇشىمىزنىڭ مۇرەككەپلىشىشىگە سۆيگۈ قوشۇلغان، شۇنداقلا ئاق كۆڭۈللۈكمۇ قوشۇلغان.
    ئەستە تۇتۇش كېرەككى، دۇنيا ئۆزلۈكىدىن سەۋەبسىزلا پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس، خۇدا بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن ياراتقان؛ بۇ دۇنيادا، بىز ئۆز ھاياتىمىزنى نابۇت قىلىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماسلىقىمىز كېرەك. پەقەت شۇندىلا، كىشىلەرنىڭ ئېرىشىدىغان پايدا-مەنپەئەتى بىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدىكىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ، شۇندىلا كىشىلەر بارچە پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشەلىشى مۇمكىن.

    6-ئاينىڭ 30-كۈنى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.