تەۋارىخى مۇسىقىيۇن:مۇزىكا ئىلمىنىڭ تۆتىنچى پىرى مەۋلانە ئەلى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-17 02:29:07

تەۋارىخى مۇسىقىيۇنموللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىمۇزىكا ئىلمىنىڭ تۆتىنچى پىرى مەۋلانە ئەلىۇ پەننىڭ تۆتىنچى پىرى مەۋلانەئەلى ھەزرەتلىرىدۇ*. ئۇ خۇراسان*نىڭ شابۇك دېگەن يېرىدىن ئ...



    تەۋارىخى مۇسىقىيۇن

     

    موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى

    مۇزىكا ئىلمىنىڭ تۆتىنچى پىرى مەۋلانە ئەلى

     

     

    ۇ پەننىڭ تۆتىنچى پىرى مەۋلانە ئەلى ھەزرەتلىرىدۇ*. ئۇ خۇراسان*نىڭ شابۇك دېگەن يېرىدىن ئىدى. ئۇ بۇ پەندە  ئۆز ئەسىرىنىڭ تەڭداشسىزى ئىدى، ئۇ بۇ پەن ھەققىدە <ئەسلۇلۋەسىل> [ۋەسىللەرنىڭ نېگىزى] ئاتلىق بىر كىتاپ يازغان، كېيىن <مۇرتاز> [نەپسىدىن كەچكۈچى] يەنە بىر كىتاپ يازغان ئىدى. نەغمىچىلەر ئىچىدە مەشھۇر بولۇپ كېلىۋاتقان چۆل ئىراق مۇقامىنى شۇ كىشى ھەج سەپىرىدە ئىراق چۆلىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئىجات قىلىپ، شۇ نام بىلەن ئاتىغان. دۇتارنىمۇ شۇ كىشى كەشپ قىلغان. ئۇ شېئىر يېزىش ۋە مۇزىكا  ئۆگىتىشتىمۇ  ئۆز زامانىنىڭ تەڭداشسىزى  ئىدى. ئۇ باشقا ئىلىملەر بويىچىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر مەنىلىك ياخشى كىتاپلارنى يازغان. ئاخىرقى ئۆمرىدە  ئەپيۇننى كۆپ  ئىستىمال قىلغان سەۋەپتىن  ئەقلىنى يوقۇتۇپ ۋاپات بولغان.


    ______________________
    مەۋلانە ئەلى-خۇراسان پادىشاسى ھۈسەيىن بايقارا زامانىدا (مىلادى 1470-1505- يىللىرى) ئۆتكەن ئىران شائىرى بولۇپ، ھۈسەيىن بايقارانىڭ دىۋانخانىسىدا خەتتاتلىق ۋە مۇغەننىچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. شۇنىڭدەك ئۇ يەنە بىرمۇنچە لېرىك غەزەللەرنىمۇ يازغان. ئۇنىڭ < ئەسلۇلۋەسىل> ۋە <مۇرتاز> ناملىق  ئەسەرلىرى كەڭ تارقالغان.


    خۇراسان-قەدىمكى زاماندا ھازىرقى ئىراننىڭ شەرقى، ئافغانستاننىڭ غەربى، ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ ئومۇمى نامى ئىدى. ''خۇراسان'' دېگەن سۆز پارىسچە ''خۇر'' (قۇياش) دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ''قۇياش دۆلىتى'' ياكى ''شەرق دۆلىتى'' دېگەن مەنىدە. ''خۇراسان'' دېگەن بۇ نام ئىران ساسانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە (مىلادى 224-651-يىللىرى) پەيدا بولدى. تۆمۈرلەڭ زامانىدا خۇراسان غەربى چاغاتاي خانلىقىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان. مىلادى 1451-يىلى تۆمۈرلەڭ ئەۋلادى ئابدۇللا بىننى ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، تۆمۈرلەڭ ئەۋلادى ئەبۇ سەيىد بىننى مۇھەممەت بىننى ئەمىرانشاھ بىننى تۆمۈر ئۆز ئالدىغا مۇستەققىللىق ئېلان قىلىپ خۇراسان دۆلىتىنى قۇردى، بۇ دۆلەت مىلادى 1510-يىلى ئىران سافاۋىلار سۇلالىسى (مىلادى 1502-1722-يىللىرى) تەرىپىدىن يوق قىلىندى. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.