3-ئىمپىرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاك بولۇشى(3- بۆلۈم ئۇرۇش يولىغا مېڭىش)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-10 14:01:48

ئۈچىنچى ئىمپىرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى 3-ئىمپىرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاك بولۇشى (3- بۆلۈم ئۇرۇش يولىغا مېڭىش) داۋامى2 ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى فرانسىيگە قارىتا ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپكەندەك قىلدى، گى...


    ئۈچىنچى ئىمپىرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى

    3-ئىمپىرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاك بولۇشى

    (3- بۆلۈم ئۇرۇش يولىغا مېڭىش)
    داۋامى2

     

       ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى فرانسىيگە قارىتا ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپكەندەك قىلدى، گىتلېرغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن، ئۆزى قوشۇلغان گېرمانىيە ياسايدىغان ھەربىي پاراخوتلارنىڭ تۈرى ۋە سانىنى ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشىغا ئېيتىپ بېرىشتىن باش تارتىپ، گېرمانىيە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ئەنگلىيىنىڭ 60 پىرسەنتىگە، پەۋقۇلئاددە ئەھۋال يۈز بەرگەندە 100 پىرسەنتىگە توغرا كېللىدىغان قىسمى چەكلىنىدۇ دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەنىدى. گەرچە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ رەقىمى لوندوننى ئاداش ئۈچۈن 21 دانە ئوكيان پاراخوتى ۋە 64 دانە قوغلىغۇچى پاراخوت دېيىلگەن يالغان رەقەم بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيە_ گېرمانىيە شەرتنامىسى گېرمانىيىنىڭ بەش دانە ئۇرۇش پاراخوتى ياسىشىغا رۇخسەت قىلغانىدى،

        بۇ ھەربىي پاراخوتلار ئۇرۇش پارتلىغاندا تېخى تولۇق ياسىلىپ بۇلۇنمىغان ياكى تاماملانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە يېتەرلىك مىقداردىكى ھەربىي پاراخوت ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرى پۈتكەن بولۇپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلىپىدىكى  بىرنەچچە يىلدا ئەنگلىيىنى زور چىقىملارغا ئۇچراتتى.

    مۇسسۇلىنى« ئېربىئىن » نىڭ ۋاپاسىزلىقىغا تولۇق دىققەت قىلدى. ئەنگلىيە گىتلېرغا مادارا قىلغانىكەن، بۇنىڭدىن ئۇمۇ پايدىلاندى. ئەنگلىيىنىڭ ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى بىلەن كارى بولماسلىقتىن ئىبارەت شەخسىيەتچى پوزىتسىيىسى ئۇنى شۇنىڭغا ئىشەندۈرۈپ قويدىكى، لوندون خەلقئارالىق ئىتتىپاقنىڭ پۈتۈمىگە قىلىنغان مەنسىتمەسلىك بىلەن ئۇنچىلا ھېسابلىشىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن.1935-يىل 3-ئۆكتەبىردە، ئۇ ئاشكارا تۈردە  خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ پۈتۈملىرىگە قارىماي ئۆز ئارمىيىسىنى قەدىمكى تاغلىق پادىشاھلىق دۆلەت ھەبەشىستانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتتى. خەلقئارالىق ئىتتىپاق ئەنگلىيىنىڭ باشلامچىلىقى ۋە فرانسىيىنىڭ خالار-خالىماس قىلغان مەدىتى ئارقىسىدا _ فرانسىيە يىراقنى نەزەردە تۇتقاندا گېرمانىيىنى تېخىمۇ زور خەۋپ دەپ تېزلىكتە ئاۋاز بەردى.لېكىن بۇ قىسمەنلا جازالاش بولۇپ، يۈرەكسىزلىك بىلەن يولغا قويۇلدى، شۇڭا  مۇسسۇلىنىنىڭ ئېفىئوپىيىنى بويسۇندۇرۇۋېلىشىنى توسۇپ قالالمىدى، ئەكسىچە فاشىستلار ئىتالىيىنىڭ ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە بىلەن بولغان دوسلۇقىنى ۋەيران قىلىپ، ناتسىستلار  گېرمانىيىگە تاقابىل تۇرىدىغان سترېسا فرونتىنىڭ ئۆمرىنى تۈگەتتى.

    بۇ بىر قاتار ۋەقەلەردىن ئەڭ چوڭ پايدا ئالغۇچى ئادولف گىتلېر بولماي يەنە كىم بولاتتى4-ئۆكتەبىردە، ئىتالىيە تاجاۋۇزنى باشلىغاننىڭ ئەتىسى، مەن كۈن بويى ۋىليام كوچىسىدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بەزى ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتىم. شۇ كۈنى كەچتە قالدۇرغان بىر خاتىرەمدە گېرمانىيىنىڭ بۇ ئەھۋالىنى نەقەدەر تېز ھەم مۇۋاپىق مۆلچەلىگەنلىكى يەكۈنلەنگەن:

    ۋىليام كوچىسى خوشال بولۇپ كەتتى. مۇسسۇلىنى ئىشنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلماي، ئافرىقىدىن قولىنى بوشىتالماي ئۆزىنىڭ ياۋروپادىكى ئورنىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېلىشى مۇمكىن، بۇنداقتا گىتلېر ھازىرغىچە بۇ ئىتالىيە داھىيسىنىڭ ھامىيلىقىدىكى ئاۋسترىيىنى قولغا چۈشۈرۈۋالىدۇ. ئۇ غەلبە قازىنىپ، فرانسىيە ۋە ئەنگلىيىگە ئاشكارا قارشىلىق قىلىشىمۇ مۇمكىن،  ئۇنداقتا گىتلېر بىلەن بىرلىشىپ غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەرگە قارشى تۇرىدىغان پەيت پىشىپ يېتىشىدۇ. ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ قايسى بىرى ئوتتۇرىغا چىقمىسۇن، گىتلېر ئوخشاشلا پايدا ئالىۋېرىدۇ.

    پاكىتلار بۇنى ناھايىتى تېزلىكتە ئىسپاتلىدى.

     

    رېينلاندقا قىلىنغان تۇيۇقسىز ھۇجۇم

    گىتلېرنىڭ 1935-يىل 21-مايدا دۆلەت پارلامېنتىدا قىلغان«تىنچلىق» توغرىسىدىكى نۇتقىنىڭ  پۈتۈن دۇنيانى، بولۇپمۇ ئەنگلىيىنى ناھايىتى چوڭقۇر تەسىراتقا ئېرىشتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆتكەنىدۇق. بۇ نۇتۇقتا ئۇ روسىيە بىلەن  فرانسىيە ئۆزئارا ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەنلىكى تۈپەيلىدىن لوكارنو ئەھدىنامىسىنى «قانۇنىي جەھەتتە خەۋپلىك ئامىل» غا ئىگە قىلىپ قويدى دېگەنىدى. بۇ كېلىشىم 2-مارتتا پارىژدا ۋە 14-مارتتا موسكۋادا ئىمزالانغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندىمۇ فرانسىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن تەستىقلانمىدى. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فرانسىيە ھۆكۈمىتىگە يوللىغان بىر رەسمىي نوتىسىدا پارىژنى بۇ «ئامىل» غا دىققەت قىلىشقا ئۈندىدى.

    21-نويابردا، فرانسىيە باش ئەلچىسى فرانسوئىس_پونسېت گىتلېر بىلەن بىر سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەنىدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە، گىتلېر فرانسىيە_سوۋېت  ئىتتىپاقى كېلىشىمىگە « ئاغزى بېسىلماي ھۇجۇم » قىلغان.  فرانسوئىس_پونسېت پارىژغا گىتلېرنىڭ بۇ شەرتنامىنى  غەيرىي ھەربىيلەشتۈرۈلگەن رېينلاندنى ئىشغال قىلىشقا پايدىلىنىغان  باھانە قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا ئۆزىنىڭ چوڭقۇر ئىشىنىدىغانلىقىنى دوكلات قىلغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «گىتلېرنىڭ ھازىرقى بىردىنبىر ئىككىلىنىۋاتقىنى _ ھەرىكەت قوللىنىشتىكى مۇۋاپىق پەيتنى ئويلىنىشتا. »

    فرانسوئىس_پونسېت ئېھتىمال بېرلىندىكى ھەممىدىن خەۋەردار ئەلچى بولۇشى مۇمكىن، گەرچە ئۇنىڭ شۇ يىلى ئەتىيازدىلا يەنى گىتلېر دۆلەت پارلامېنتىدا ئۆزىنىڭ لوكارنو ئەھدىنامىسىنى ۋە ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىنىڭ تېررىتورىيە ھەققىدىكى ماددىلىرىغا ھۈرمەت قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىشتىن 19 كۈن بۇرۇن _2-مايدا، گېنېرال فون بلومبېرگ ئۈچ ئارمىيىگە تۇنجى بۇيرۇقنى چىقىرىپ، ئۇلاردىن غەيرىي ھەربىيلەشتۈرۈلگەن رېينلاندنى قايتىدىن ئىشغال قىلىش پىلانىنى تۈزۈشكە تەييالىىق كۆرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىدىن خەۋەرسىز بولۇشى شەكسىز بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزلىرى قارىسىغا ئېيتىلىۋەرمەيتتى. بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ شەرتلىك بەلگىسىSchulung (مەشق) بولۇپ، ئۇنىڭ « چاقماق تېزلىكىدىكى بىرلا زەربە » بىلەن ئورۇنلىنىشى تەلەپ قىلىناتتى. ئۇنىڭ پىلان خىزمىتى بەكمۇ مەخپىي بولۇپ، «ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئوفىتسېرلارنىڭلا خەۋىرى بار ئىدى». مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئۈچۈن، بۇ بۇيرۇق ھەقىقەتەنمۇ بلومبېرگنىڭ ئۆز قولىدا يېزىلغانىدى.

    16-ئىيۇندا، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە كېڭىشى خىزمەت ھەيئىتىنىڭ 10- قېتىملىق يىغىنىدا رېينلاندقا يۈرۈش قىلىش پىلانى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلەپ مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا، ئىچكى مۇداپىئە باشقارمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا ئەمدىلا تەيىنلەنگەن پولكوۋنىك ئالفرېد ئىئودېل بۇ پىلاننىڭ تەپسىلاتلىرىنى دپكلات قىلدى ھەمدە مەخپىييەتلىكنى ئىنتايىن قاتتىق ساقلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ئەگەر مۇتلەق زۆرۈرىيىتى بولمىسا، ھېچقانداق مۇناسىۋەتلىك نەرسىنى يېزىۋالماڭلار دەپ ئاگاھلاندۇردى؛ يەنە، «بۇ ماتېرىياللار قىلچە مۇستەسناسىز ھالدا بىخەتەرلىك ساندۇقىدا ساقلىنىشى شەرت» دېدى.

    1935_1936-يىللىرى ئارىلىقىدىكى پۈتكۈل قىش بويى، گىتلېر ئۆز پۇرسىتىنى كۈتۈپ ياتتى. ئۇ شۇنىڭغا دىققەت قىلماي قالمىغانكى، فرانسىيەۋەئەنگلىيە ئىتالىيىنىڭ ھەبەشىستاندىكى تاجاۋۇزچىلىقىنى ئالدىراش توسىماقچى بولۇۋاتاتتى، لېكىن مۇسسۇلىنى جازادىن قېچىپ قۇتۇلغاندەك قىلاتتى. خەلقئارالىق ئىتتىپاق ئۇنى ئەدەبلەش كېرەك دەپ ھەدەپ تەشۋىق قىلغىنى بىلەن، قەتئىي نىيەتكە كەلگەن بىر تاجاۋۇزچىنى توسۇشقا  ھەقىقەتەنمۇ چامىسى يەتمەيتتى. پارىژدا  فرانسىيە پارلامېنتى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىمىنى تەستىقلاشقا ئانچە ئالدىرىمايدىغاندەك قىلاتتى، ئوڭدىن ئەربابلارنىڭ ئارىسىدا بۇ كېلىشىمگە قارشى كەيپىيات كۈندىن-كۈنگە كۈچەيمەكتە ئىدى. گىتلېر شۈبھىسىز شۇنداق ھېسابلىغانكى، فرانسىيە ئاۋام پالاتاسى ياكى كېڭەش پالاتاسىنىڭ موسكۋا بىلەن تۈزۈلگەن ئىتتىپاقنى  تەستىقلاشتىن باش تارتىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ئىدى. ئۇنداق بولىدىغان بولسا، ئۇ (مەشق) ئۈچۈن باشقا بىرەر باھانە ئىزدەشكە مەجبۇر بولاتتى. لېكىن، بۇ كېلىشىم ئاقىۋەت 11-فېۋرالدا ئاۋام پالاتاسىغا قويۇلدى، بەلكى 27-كۈنى 164 ئاۋازغا قارشى 353 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى. ئىككى كۈندىن  كېيىن، 1-مارتتا، گىتلېر قارارىنى چىقاردى، بۇ قارار گېنىراللارنى ئازدۇر-كۆپتۇر ئالاقزادە قىلىۋەتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى فرانسىيە رېينلاندنى بېسىۋېلىشقا توپلىغان ئاز مىقداردىكى گېرمانىيە قىسىملىرىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىۋېتىدۇ دەپ ھېسابلاشقانىدى. لېكىن ئەتىسى_1936-يىل 2-مارتتا، بلومبېرگ ئۆز خوجايىنىنىڭ بۇيرىقىغا بىنائەن رېينلاندنى بېسىۋېلىش ھەققىدە رەسمىي بۇيرۇق چىقاردى. ئۇ قوراللىق قىسىملارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلىرىغا بۇ ھەرىكەتنىڭ  «ئۇشتۇمتۇت ھەرىكەت » بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى . بلومبېرگ بۇنىڭ ئۈچۈن  «قان تۆكۈلمەيدىغان ھەرىكەت » بولىدىغانلىقىنى مۆلچەر قىلدى. ئەگەر نەتىجە بۇنداق بولمىسا يەنى  فرانسىيە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدىغان بولسا، باش قوماندان ھەربىي جەھەتتىكى ھەر قانداق قارشى تەدبىرنى بەلگىلەش ھوقۇقى نى ساقلاپ قالىدىغان بولدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ تەدبىرلەرنىڭ نېمىلىكىنى مەن ئالتە كۈندىن كېيىن بىلدىم، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە گېنىراللار نيۇرنبېرگدا  گۇۋاھلىق بەرگىنىدە ئۇنى ئىسپاتلايتتى، يەنى  بلومبېرگنىڭ كۆڭلىگە رېيىن دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىن دەرھال چېكىنىپ چىقىش ئاللىقاچان پۈكۈپ قويۇلغانىكەن!

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.