چالا تەگكەن ئوق، ئابدۇللا تالىپ،

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-12 19:55:51

ئابدۇللا تالىپنىڭ چال تەەكەن ئوق ناملىق رومانىنىڭ تولۇق نۇسخىسى ئالتىنچى باپۋاقىت ئۆتكەنسىرى شەمشىدىننىڭ روهىي هالىتى بۆلەكچىلا ئۆزگىرىپ كېچىسى جۆيلۈگەك، كۈندۈزى سۆزلىگەك بولۇپ قالدى، ئۇ، ...




    ئابدۇللا تالىپنىڭ چال تەەكەن ئوق ناملىق رومانىنىڭ تولۇق نۇسخىسى

    ئالتىنچى باپ

    ۋاقىت ئۆتكەنسىرى شەمشىدىننىڭ روهىي هالىتى بۆلەكچىلا ئۆزگىرىپ كېچىسى جۆيلۈگەك، كۈندۈزى سۆزلىگەك بولۇپ قالدى، ئۇ، ئازاپتا بۇكچۇلگەن ئىدى.

    ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك، ئەهۋالنىڭ تېگىتەكتىنى بىلمىگەن بەزى ئادەملەر   ئۇنى شەمشىدىن سەۋدايى دەپ زاڭلىق قىلىدىغان بولدى. راست، دىمىسىمۇ ئۇ هازىر دەرتئەلەم دەستىدىن سەۋدايى بولۇپ قالاي دىگەن ئىدى، بولۇپمۇ كېيىنكى كۈنلەردىن بۇيان كېچىسى ئوغرى يولدا قويار، قاراقچى چۆلدە دەپ جۆيلۈپ، نالەپەريات قىلاتتى.

    بۈگۈن كېچىدىمۇ ئاشۇنداق پەرىشان چۈش كۆرۈپ، قارا بېسىپ ئويغاندىدە، كىرپىك قاقماي تاڭ ئاتقۇزدى :

    ئەنە دەهشەتلىك لاداخ يولى ... ، ئىككى تەرىپى ئاسمانپەلەك ئىگىز تاغ، ئوتتۇرىسى هاڭجىلغا، قوقۇنچلۇق قاراڭغۇ، قاياقتىندۇر بىر تۈركۈم قاراقچىلار خەنجەرلىرىنى يالاڭلىتىپ، قۇيۇندەك كېلىۋاتىدۇ. ماللار بۇلاندى، دەهشەت، خۇدايىم جېنىمىزغا پاناھ بەر ! پاناھ بەر!

     شەمشىدىن مۇشۇنداق جۆيلۈپ ئۇخلىيالمايتتى. ئەتىسى يۈزكۆزلىرى ئىششىپ، كالپۇكلىرى قوقاق يارىسى بىلەن قاپلىنىپ كېتەتتى دە، بىهوش بولۇپ ئىڭراپ ياتاتتى.

    ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ روهىي ئازابىنى بالىلىرىنىڭ دىلى بەرھەم يىمىسۇن دەپ، يەنىلا يوشۇرۇن ساقلايتتى، شۇڭا چولپان كۆپ چاغلاردا دادىسىدىن خاتىرجەم بولۇپ، خېلى ئۈمىدۋار ئىدى. ئۇ پەقەت ئىرپاننىڭ ئوتىدىلا ئۆرتىنەتتى. ئۇ ھەر كىچىسى باشقىچه شېرىن چۈشلىرى بىلەن راھەتلىنەتتى. تەكىيگە بېشىنى قوياقويمايلا ئىرپاندىن كەلگەن قوشاقنى ئېسىگە ئالاتتى دە، ئۇنىڭ ۋۇجۇدى گۈلخان بولۇپ ياناتتى.

    مېنى ھەم ئائىلىمىزنى چوقۇم ئىرپان قۇتقۇزىدۇ، دەيتتى ئۇ، ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىگە ئىشەنچ باغلاپ، مۇشۇنداق چىن رىشتە بىلەن چوغدەك قىزىرىپ كەتكەن ئۇنىڭ يۈرەك تومۇرلىرىدا، سېهىرلىك سۆيگۈدىن مادار ئالغان ئىسسىق قان جۇش ئۇرۇپ، كۈچلۈك ئىسيات قىلاتتى. گاھىدا ئۇنىڭ خىيال قۇشى مۇھەببەت ۋادىلىرىدا ئۇچقاندەك، ئىرپان بىلەن راھەتلىنىپ سەيلىدە يۈرگەندەك شېرىن هېسلار قۇچىقىدا ئۈزەتتى. گاھىدا ئىشىق هارارىتىدىن ۋۇجۇدى قىزىپ كېتەتتىدە، بىردە ئوڭغا، بىردە سولغا ئەۋرىشىمدەك تولغىناتتى. ئۇيقۇسى كەلمىگەنسېرى تالتال چاچلىرىنى بىر بۇزۇپ، بىر ئۆرۈپ ئويناپ ياتاتتى.

    ئاتۇش تاغلىرىدىن ئۇرغۇغان شوخ شاماللار بەشكېرەم باغلىرىنى ئارىلاپ ئۆتۈپ، گۈزەل قەشقەرنىڭ مىسكىن بىر بالىخانىسى دەرىزىسىدىن كىرىپ چولپاندىن ئىبارەت بۇ غەمگۈزار قىزنىڭ كەڭ پىشانىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان ماڭلاي چېچىنى خۇددى مايسىنى تەۋرەتكەندەك يەلپۈپ تارايتتى. روجەكتىن قىيپاش چۈشكەن تولۇن ئاينىڭ ئالتۇن شولىسى ئۇنىڭ سۇمبۇل چاچلىق سىياقىغا تېخىمۇ گۈزەللىك ھەسسىنى قوشۇپ، ئۇنى بەئەينى بۈيۈك راۋاق ئۈستىدە سوزۇلۇپ ياتقان هۆرپەرى سىماسىغا ساھىپ قىلاتتى.

    چولپان ھەر ئەتىگىنى ھەممىدىن بالدۇر ئويغىناتتىدە، تەشتەكتىكى گۈللىرى بىلەن مەلىكە بولاتتى.

    خىيال كېچىدە ئېچىلار، گۈل سەھەردە دەيتتى ئۇ. دىمىسىمۇ هازىر ئۇنىڭغا خىيال بىلەن گۈل ئەمەك ئىدى.

    قىش كېتىپ، ئىللىق باھار كېلىشى بىلەن شەمشىدىن ئاغرىقچانلىقىغا قارىماي، ساماۋەرنى قايتىدىن ئىشقا سېلىش كويىغا چۈشتى. قانچىلىك ئۇخلىساڭ، شۇنچىلىك ئاچ قالىسەن دەپ ئۆز ئۆزىنى قامچىلايتتى ئۇ.

    چولپان بولسا ئىرپانغا مەنزۇر كەلگىدەك دوپپا كويىدا گۈل نۇسخىلىرىنى تاللاش بىلەن بەنت ئىدى. ئاچاڭ دوپپىسىنى تىكىۋەرسۇن قىزىم، دىدى شەمشىدىن جەمىلەگە، ئىككىمىز بولساقمۇ مىدىرلىغاچ تۇرايلى.

    باھار كىرگەندىن كېيىن راست دېگەندەك شەمشىدىن خېلىلا ئۈمىدلىك بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ئارىلاپ: ئۈمىد ياشنىتىدۇ، غەم قاخشىتىدۇ دەپ جەمىلەنىڭ كۆڭلىنى ياساپ، ساماۋەر ئىشىغا ئۇنى ھەمكارلاشتۇرماقچى بولاتتى.

    شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىر ئاخشىمى شەمشىدىن خىيال بىلەن ئولتۇرغان بىر پەيتىدە، تالادىن قېرى كىشىنىڭ قاتتىق يۆتەللىرىگە قوشۇلۇپ ئاياغ ئاۋازى ئاڭلاندى ۋە ئىشىكمۇ ئۇرۇلدى. بۇ چاغدا بالىخانىدىن چۈشكەن چولپان تۆۋەنكى ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرغان چوڭ ياشلىق بىر ئەر، بىر ئايال كىشىگە ئۇچراشتى، ئايالنىڭ قولتۇقىدا بىر يوغان داستىخان بار ئىدى.

    شەمشىدىن كېلىپ ئىشىكنى ئاچتىدە مېهمانلارنى ئۆيىگە تەكلىپ ئەتتى. چولپان قورۇنۇپ، بالىخانىغا چىقىپ كەتتى.  بۇ كەلگەن مېهمانلار خۇددى ئاختامنىڭ چالمىسى يامان، ئادەمنىڭ لالمىسى دېگەندەك،  نەسىرىدىن كارۋان بېشىنىڭ چولپان ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ رەپتارىنى كۆرگەن هامان ئاتابالىنىڭ تەڭلا ئەرۋايى ئۇچتى. چولپاننىڭ پاك ۋە غۇبارسىز قەلبىنى بىر دەمدە يەنە ئېغىر غەشلىك باستى.

    ئۇ، بىر ئازدىن كېيىن ئەسهوشىنى يىغىۋېلىپ :

    توختا،  دۈشمەننى كۈندۈزى ئويلا، كىچىسى پايلا دېگەن ئاتابوۋىلىرىمىزنىڭ سۆزى بىكار بولمىسا كېرەك، دىدى ئىچىدە.

    ئۇ، يېنىك قەدەم ئېلىپ، پەلەمپەيدىن ئاستا پەسكە چۈشتى ۋە بايىقى مېهمانلار كىرىپ كەتكەن ئۆينىڭ ئىشىكىگە قۇلىقىنى ياقتى :

    تەقسىر، بۈگۈن هوزۇرلىرىغا، دەيتتى سەللالىق ساقال سانىڭ قۇيرۇقىدەك كەڭ پومپايغان ساقىلىنى قول بارماقلىرى بىلەن تاراپ ۋە قاپاقتىن سۇ قۇيۇلغاندەك ناساز كۈلۈپ، ئەلچىلىك ئۈچۈن كېلىۋاتىمىز، مانا، بۇ، نەسىرىدىن كارۋان بېشىنىڭ داستىخنى. ئۆزلىرىگە مەلۇم بولغىنىدەك، كارۋان بېشىنىڭ قەدىناس خوتۇنى قازا تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مالدۇنياسى قارىغۇچىسىمۇ بولمىغاچ چېچلىپ يېتىپتۇ. شۇڭا  بىزنىڭ خالىس مەهلىھەتىمىز بويىچه، چولپان قىز ئاشۇ مالدۇنياغا ئىگە بولسا، مادامىكى بۇغداينىڭ  باھانىسىدا قارمۇق سۇ ئىچكەندەك، جاناپلىرىمۇ غۇربەتتىن بىر يولى خالاس تېپىپ، ئالتۇن قەرزىلىرىمۇ بويۇنلىرىدىن ساقىت بولۇپ كېتىدۇ، ئەمەسمۇ؟ ئەلچى دەللالنىڭ بۇ چايان سۆزلىرىنى ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپ، خۇپىيانە ئاڭلاۋاتقان چولپاننىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى تىكەنلىشىپ، ئۆزىنى باسالماي قالدى.

    شەمشىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك غەزەپكە كەلدىدە، ئاچچىق تەنە بىلەن :

    لېكىن بوزەكنى بوزەك قىلمىسا، قىيامەتتە سورىقى بار دېگەن تەمسىل راست ئىكەندە، تەقسىر.  ياغاچ قازاندا بىر قېتىم ئاش پىشىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىۋالدىم. مەن ئەمدى كەچكىچىلا سالاغا كەتكەن قېرىندىشىم بولۇۋەرمەيمەن، دىدى.

    ساقاللىق ئەلچى يەنە گەپ يورغىلىتىپ :

    تەقسىر،

    ئۆپكىلىرىنى بېسىۋالسىلا پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلاشقا بولماس،

    ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە دىگەن گەپ باردە، دىدى.

    بولدى بەس، بۇرۇن ئالدانغانلىرىمىزمۇ يېتەرلىك، ئىچىدىن ئۇرۇپ، ئۆپكىسىنى قاقماقچى بولغان قاپقانغا ئەمدى دەسسىمەيمەن. بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى بىزگىمۇ ھەقىقەت چىرىقى يېنىپ قالار. شەمشىدىن سۆهبەتنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى بولۇۋىدى، لېكىن جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا بولغىنىدەك، كارۋان بېشىنىڭ بۇ لالىمىلىرى خۇجايىنىدىن كەلتۈرۈۋالىدىغان نەپتىن مەهرۇم بولماسلىق ئۈچۈن، رودۇپايلىق قىلىپ، بېزىرىپ تۇرۇۋالدى :

    تەقسىر، ھەقىقەتلىرىنىڭ دەستىسى ئالتۇنغا بېكىتىكلىك، ئۆزلىرىنى تۇرۇۋاتقان ئۆي بىلەن ھەقىقەت ئوردىسىنىڭ ئارىلىقى بەك يىراق، مېنىڭچه، تەتۈرلۈك قىلماي، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلسىلە ئوبدان بولاتتىمىكىن؟

    ھەممىنى چۈشەندىم، چۈشىنىۋاتىمەن. ئەلەم ئۇستىخاندىن ئۆتۈپ، جان ھەلقۇمغا كېلىپ قالغان هازىرقى پەيتىمدە تېخىمۇ چۈشىنىۋاتىمەن. ماڭا ئەمدى هاقارەتلىك كۈنۈمدىن، سائادەتلىك ئۆلۈم ئەلا، مەن ھەرگىزمۇ مەسۈمە قىزىمنى ئوتقا ئىتتىرىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۇۋاللىق دەردىنى تارتالمايمەن.

    ئىشنىڭ چىڭىغا چىقىپ كېتىۋاتقانلىغىنى پەملىگەن سەللالىق ساقال پاسكارىغا چۈشۈپ، كۈچۈكلەنگىلى تۇردى :

    بىز بىربىرىمىز بىلەن ئېقى كېلىشمەيدىغانلاردىن ئەمەس، تەقسىر، بىز بۇ ئىشلارنى كېيىنچه يەنە سۆزلىشەيلى، خەير، ئامان بولسىلا،تەقسىر.

    ئەلچىلەر داستىخاننى قالدۇرۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇۋىدى، شەمشىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ :

    داستىخان قايسى تەرزىدە كەلگەن بولسا، يەنە شۇ بويىچه قايتىپ كەتسۇن، دېدى. قايناق سۇ ئىچ، كۆڭلۈڭ تىنچ . كۆڭلۈم بۇنىڭدىن كېيىن خاتىرجەملىكنى خالايدۇ.

    شەمشىدىننىڭ دەككىسىدىن ئەلچىلەرنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتىدە، كېيىن يەنە قانچه قىلسىمۇ بولماي، كەلتۈرمىشنى قولتۇقلاپ سالپايغانلىرىچه ماڭدى.


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.