ھازىرقى بالىلار كارامەت (07)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-08 01:33:58

سەندىن زادى كۈتمىگەنىدىمئەخمەت:مېنى خەت-خەۋەرسىز قويمىغىنىڭغا رەھمەت. ئۆتكەنكى خېتىڭنى ئوقۇغىنىمدا، كۈلكىلىك ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بېشىڭدىن ئۆتكەنمىدۇ، دەپ ئويلىدىم. ياكى ماڭا ئۇ ۋەقەلەرن...

     




     

    سەندىن زادى كۈتمىگەنىدىم
     
     
    ئەخمەت:
     
    مېنى خەت-خەۋەرسىز قويمىغىنىڭغا رەھمەت. ئۆتكەنكى خېتىڭنى ئوقۇغىنىمدا، كۈلكىلىك ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بېشىڭدىن ئۆتكەنمىدۇ، دەپ ئويلىدىم. ياكى ماڭا ئۇ ۋەقەلەرنى كۈلكىلىك قىلىپ يېزىۋاتامسەن؟ خەتلىرىڭنى شۇ قەدەر ياقتۇرىمەنكى، مەنمۇ ساڭا ئوخشاش يېزىشنى ئۆگىنىۋاتىمەن.
     
    ئۆتكەن كۈنى بىزنىڭ سىنىپتىمۇ ھەممەيلەننى قاقاقلاپ كۈلدۈرۈۋەتكەن بىر ۋەقە بولدى. لېكىن، دەرستە ئەمەس، تەنەپپۇستا كۈلدۇق. بىزنى كۈلدۈرگەن بۇ ۋەقە تۈپەيلىدىن ئوقۇتقۇچىمىز ئىنتايىن خاپا بولدى.
     
    ماڭا ئوخشاش يېزىشنى دوراپ، قىزىقارلىق بولسۇن دەپ توقۇپ چىقىپتۇ، دەپ قالما. مەن ساڭا ۋەقەنى ئۆز ئەينى بويىچە ئۇقتۇرۇشقا تىرىشىمەن.
     
    ئالدى بىلەن ۋەقەنىڭ قەھرىمانىنى تونۇشتۇرۇۋېتەي: ئوسمان ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىمىز بار. ئۇ ناھايىتى تىرىشچان، بولۇپمۇ ھېسابقا ناھايىتى ئۇستا، ناھايىتى تەرتىپلىك. ئۇنىڭ قەلەم قاپچۇقىدا ھەرخىل رەڭدىكى قېرىنداشلار بار، ھەممىسىنىڭ ئۇچى ئىنچىكە ئۇچلانغان. بۇ قېرىنداشلارنىڭ ئۇچلىرى قانداقچە سۇنۇپ كەتمەيدىغانلىقىغا ھەيرانمەن. مېنىڭ قېرىنداشلىرىم ھە دېسىلا يەرگە چۈشۈپ ئۇچلىرى سۇنۇپ كېتىدۇ. قاچانلىكى بىر نەرسە يازماقچى بولسام، سومكامدىن ئۇچى سۇنمىغان قېرىنداش تاپالمايمەن. لېكىن، ھەدەمگە قارىغاندا مەن تېخى ياخشى ئىكەنمەن. ئاپامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ھەدەم مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا سومكىسىدا زادى قېرىنداش تۇرمايدىكەن. سومكامدا ئۇچى سۇنۇق بولسىمۇ، ھەر ھالدا قېرىنداش بار.
     
    ئوسماننىڭ يازمىچە تاپشۇرۇقلىرى رەڭگارەڭ سىزىقلار بىلەن رەسىمدەك بېزەلگەن، خەتلىرىنى ئۈنچە-مارجاندەك تىزىپ يازىدۇ. مۇئەللىمىمىز ھەر كۈنى دېگۈدەك بىرەر دەرىسنى يازمىچە سىناق قىلىدۇ، بۇنى ئاز دەپ، ھەر ئىككى كۈندە بىر دېگۈدەك يازمىچە تاپشۇرۇق بېرىدۇ.
     
    سىلەرنىڭ مۇئەللىمىڭلارمۇ شۇنداق قىلامدۇ؟
     
    بىر كۈنى ئوسمان:
    - بالىلار، مۇئەللىم يازمىچە تاپشۇرۇقلىرىمىزنى زادى تەكشۈرمەمدىكىن دەپ ئويلايمەن،- دېدى.
     
    ئالدى بىلەن مەن قارشى چىقتىم:
    - تەكشۈرمەيدىغان بولسا، نېمىدەپ يازمىچە تاپشۇرۇق بەرسۇن؟
     
    ئوسمان ماڭا قارشى چىقتى:
    - تەكشۈرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن.
    - تەكشۈرمەيدىغانلىقىنى نەدىن بىلدىڭ؟- سورىدى بىر ساۋاقداش.
    - چۈنكى،- دېدى ئوسمان،- ھېساب ئېنىق، مۇئەللىمىمىز ھەر كۈنى يازمىچە سىناق قىلامدۇ؟
    - قىلىدۇ...- دېدۇق ھەممىمىز.
    - تەخمىنەن ھەر ئىككى كۈندە بىر ئۆيگە تاپشۇرۇق بېرىۋاتامدۇ؟
    - بېرىۋاتىدۇ!- دېدۇق بىز.
    - ئەمدى ھېسابلاپ كۆرەيلى،- دېدى ئوسمان،- بۇ سىنىپتا 52 ئوقۇغۇچى بار، شۇنداقمۇ؟
    - شۇنداق.
    - دېمەك، مۇئەللىمىمىز ھەر كۈنى 52 يازمىچە سىناق قەغىزىنى ئوقۇيدۇ. يازمىچە ئۆي تاپشۇرۇقلىرىنىمۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 25 تىن ھېسابلىساق، دېمەك، كۈندە 77 تاپشۇرۇق... بۇ تاپشۇرۇقلارنى مۇئەللىمىمىز ئۆيگە بارغاندا سائەت قانچىدە تەكشۈرۈشكە باشلايدۇ؟
    - بۇنىڭ ساڭا نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
    - ھېسابلاپ باقايلى، بىر يازمىچە تاپشۇرۇقنى قانچە مىنۇتتا تەكشۈرۈپ بولغىلى بولىدۇ؟
     
    ئوسماننىڭ ھېسابلىشى بويىچە، مۇئەللىمىمىز ھەر كۈنى 11 سائەت ۋاقتىنى بىزنىڭ يازمىچە تاپشۇرۇقلىرىمىزنى تەكشۈرۈشكە سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن، كېچىچە ئۇخلىماي تەكشۈرسىمۇ تەكشۈرۈپ بولالمايدىكەن.
     
    بۇ ھېسابتىن كېيىن بالىلار جىم بولۇشتى. مەن پىكرىمدە چىڭ تۇرۇپ:
    - ياق، تەكشۈرىدۇ...- دېدىم.
    - خوپ، تەكشۈرىدۇ دەيلى،- دېدى ئوسمان،- مېنىڭچە، تاپشۇرۇقلار ئىچىدىن خالىغان بىر-ئىككىسىنىلا تەكشۈرىدۇ.
     
    بۇ مۇنازىرىمىزدىن بىر-ئىككى كۈن كېيىن بىر قىز ساۋاقدىشىم بىرىنچى سائەت دەرستە ماڭا:
    - ئوسماننىڭ دېگىنى توغرا ئوخشايدۇ،- دېدى.
     
    ئاندىن ئۇ مۇنۇلارنى دەپ بەردى: ئۇنىڭ ئۆيى مۇئەللىمىمىزنىڭ ئۆيىگە يېقىن ئىكەن. بۈگۈن ئەتىگەن مەكتەپكە كېلىۋاتقاندا، ئالدىدا قەغەزلەر شامالدا ئۇچۇپ يۈرۈپتۇ. ئايىغىغا پۇتلاشقان قەغەزنى ئېلىپ قاراپ باقسا، ئۆزىنىڭ ئالدىنقى كۈنكى يازمىچە تاپشۇرۇقى ئىكەن. قەغەزلەرنىڭ قەيەردىن ئۇچۇپ كەلگىنىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرسە، مۇئەللىمنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئەخلەت ساندۇقىدىن ئۇچۇپ چىقىۋېتىپتۇ. "مانا!" دەپ پۇرلىشىپ كەتكەن تاپشۇرۇق قەغىزىنى كۆرسەتتى ئۇ.
    - تاپشۇرۇقلىرىمىزنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى خاتىرە قىلىپ ساقلاپ قويمايدۇ-دە ...- دېدىم مەن.
     
    ئوسمان ئوڭ تەرىپىمدىكى پارتىدا ئولتۇراتتى. تارىخ دەسى ئۆتۈلۈۋاتقاندا، ئۇ ماڭا:
    - مۇئەللىمىمىزنىڭ يازمىچە تاپشۇرۇقلىرىمىزنى تەكشۈرىدىغان- تەكشۈرمەيدىغانلىقىنى ئاڭلىماقچىمەن،- دېدى.
    - قانداق ئاڭلايسەن؟
    - كېيىن ئېيتىمەن.
     
    مۇئەللىمىمىز سورىغان سوئاللارنىڭ بىرى مۇنداق ئىدى:
    "دەپتەردار، نىشانچى، بەگلەر بېگى، ئەجەمئوغلى دېگەنلەر كىملەر؟ سۇلتان ئىبراھىم دەۋرىنى سۆزلەپ بېرىڭ."
     
    تەنەپپۇستا دەپ بەرگىنىگە قارىغاندا، ئوسمان تاپشۇرۇق سوئاللارغا باشتىكى بىر قانچە قۇرغا توغرا جاۋاپ يازغاندىن كېيىن، پادىشاھ سۇلتان ئىبراھىمغا مەكتۇپ يېزىپتۇ. ئۇ مەكتۇپنى: "ھۆرمەتلىك تەلۋە ئىبراھىم تاغا!" دەپ باشلاپتۇ. ئۇزۇن مەكتۇپنىڭ ئاخىرىدا ھېلىقى سوئاللارغا مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ:
     
    "بەگلەر بېگى بوغاز ئىچىدىكى بىر پورت."
     
    "دەپتەردار- دەپتىرى تار① كەلگەن ئادەم دېگەنلىكتۇر."
     
    "نىشانچى بىزنىڭ سىنىپتىكى چەتىننىڭ لەقىمى. بىز ئۇنى قارىغۇ مەرگەن، دەپ مەسخىرە قىلىمىز، چۈنكى توپ ئوينىغاندا ۋوروتورغا توپ كىرگۈزىمەن دەپ، مەكتەپنىڭ پۈتۈن دېرىزە ئەينەكلىرىنى چېقىپ بولدى."
     
    "ئەجەمئوغلى② بولسا بىزنىڭ سىنىپتىكى رىزا. چۈنكى، ئۇ كۆز باغلاش ئويۇنىنى ئۆگىنەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھەر ئويۇندا تاياق يەيدۇ."
     
    ئوسمان مەكتەپ باغچىسىدا بۇلارنى دەپ بەرگەندە، ھەممىمىز قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق. لېكىن، مەن ئۇنىڭ راست شۇنداق قىلغانلىقىغا ئىشەنمەيتتىم، چاقچاق قىلىپ پوچىلىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاتتىم. ئەتىسى ئوسمان قورقۇشقا چۈشتى. ئۇ، مۇئەللىم يازغانلىرىمنى ئوقۇغان بولسا قانداق قىلارمەن، دەپ قورقاتتى. دەسلەپكى ئۈچ كۈن شۇنداق قورقۇپ يۈردى. مۇئەللىمدىن ھېچقانداق ئىنكاس چىقمىغاندىن كېيىن، ئاندىن كۆڭلى تىندى. ئۆزىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، شۇ كۈندىن كېيىن ھەر قېتىمقى يازمىچە تاپشۇرۇقتىكى سوئاللارغا شۇنداق بىمەنە جاۋابلارنى يازىدىكەن. مۇئەللىم قەغىزىگە دەسلەپ كۆز يۈگۈرتكەندە، بىمەنە سۆزلەرنى بىلمەي قالسۇن دەپ، پەقەت باشتىكى بىر نەچچە قۇرغىلا توغرا جاۋابلارنى يازىدىكەن.
     
    راستىنى ئېيتسام، ئوسماننىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىشەنمەيتتىم، لېكىن تۈنۈگۈن ساختىلىقى ئاشكارا بولغاندا، پو ئاتمىغانلىقىنى ھەممىمىز چۈشەندۇق.
     
    تۈنۈگۈن بىرىنچى سائەتلىك دەرستە، مۇئەللىم بىر ئاز كېچىكىپ سىنىپقا خاپا چىراي كىردى. ئادەتتە ئۇ بىرىنچى سائەت دەرسكە ئوچۇق چىراي كىرەتتى. بۇ قېتىم غەزەپلىك ئاۋازدا: "سالام بالىلار!" دېگەندىن كېيىن:
    - ئوسمان ئورنۇڭدىن تۇر!- دېدى.
     
    ئوسمان ئورنىدىن تۇردى.
    - مەيەگە كەل!
     
    ئوسمان مۇنبەرنىڭ ئالدىغا باردى.
    - بالىلار،- دېدى مۇئەللىم،- ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا سىلەرگە تەبىئەت بىلىملىرى دەرسىدىن يازمىچە تاپشۇرۇق بەرگەنىدىم. ھازىر ساۋاقدىشىڭلار ئوسمان ماڭا تاپشۇرغان يازمىچە تاپشۇرۇقىنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرىدۇ.
     
    ئوسماننىڭ يۈزى پەرەڭدەك قىزىرىپ كەتتى. مۇئەللىم ئوسمانغا قەغەزنى بېرىپ:
    - ئوقۇ، ھەممىسىنى ئوقۇ! سوئاللارنىمۇ ئوقۇ!- دېدى.
     
    ئوسمان ئوقۇشقا باشلىدى:
    - بىرىنچى سوئال: شامال دېگەن نېمە؟ قانداق پەيدا بولىدۇ؟
     
    جاۋاب: ھاۋا ئىسسىغاندا ھەجىمى كېڭىيىدۇ، يېنىكلەيدۇ، يېنىكلىگەندە يۇقىرىغا كۆتۈرۈلىدۇ.
     
    ئوسمان توختىغاندا، مۇئەللىم:
    - داۋاملاشتۇر، داۋاملاشتۇر!- دېدى.
     
    ئوسمان داۋاملاشتۇردى:
    - يېنىكلىگەندە يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ... شامال... شامال...- ئۇ بىر نەچچە قېتىم شامال دەپ كېكەچلىگەندە، مۇئەللىم ۋارقىرىدى:
    - ھە، شامالغا نېمە بوپتۇ؟
     
    ئوسمان ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردى:
    - شامال گالاتا سارايغا ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى. گالاتا سارايلىقلار دەسلەپكى مەيداندا شامالغا قارشى ئوينىغان بولسىمۇ، غەلبە قىلدى. ئىنتايىن جىددىي ۋە كۆڭۈللۈك ئېلىپ بېرىلغان كۆرەشتە مۇداپىئەنى كۈچەيتمىگەن ئەنقەرە كۈچى كوماندىسى ئىككىگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن مۇسابىقە مەيدانىنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى.
     
    ئىككىنچى سوئال: قارا بوران دېگەن نېمە؟
     
    جاۋاب: سىكۇنتىغا 20 مېتىر تېزلىك بىلەن چىققان بوران قارا بوران، دېيىلىدۇ.
    گالاتا سارايلىقلار بۈگۈن مىتھەت پاشا تەنھەرىكەت سارىيىدا قارا بوراي چىقىرىۋەتتى. ئەپسۇسكى، رېپىرىنى مۇسابىقىنى ياخشى باشقۇردى دېيەلمەيمىز. مەتىننىڭ شامىلى بىلەن شۈكۈرنىڭ يىقىلىشىنى 12 قەدەمدە تۇرۇپ ۋوروتورغا توپ تېپىشكە ھېسابلىشى تاماشىبىنلارنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە سەۋەب بولدى.
     
    ئوسمان ئوقۇۋاتقاندا، بىز كۈلۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تەستە تۇتۇۋالغانىدۇق. شۇنداقتىمۇ ئارىمىزدا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي خىرىلدىغانلار بولدى. ئوسماننىڭ ئاۋازىمۇ تىتىرەشكە باشلىدى. ئۇ ئىزا تارتقىنىدىن يىغلىۋېتىشكە ئاز قالغانىدى.
    - ئوسمان، نېمىشقا مۇشۇنداق قىلدىڭ؟- دېدى مۇئەللىم.
     
    كۆزلىرىگە ياش ئالغان ئوسمان تام تەرەپكە قارىۋالغىنىدا، مۇئەللىم يەنە:
    - سەن ياخشى ئوقۇغۇچۇم ئىدىڭ، بۇنداق قىلىشىڭنى زادى كۈتمىگەنىدىم... ئورنۇڭدا ئولتۇر!- دېدى.
     
    نېمىشقا يالغان سۆزلەي، ئوسماننىڭ لەت بولغىنىغا ئىچىمدە خۇشال بولغانىدىم. تەنەپپۇستا ئۇنىڭغا:
    - قانداق ئىكەن! مۇئەللىمنىڭ قەغەزلەرنى تەكشۈرمىگىنى قېنى؟- دېدىم.
     
    ئۇ كۈنى ئاخشامدا ئاپامنىڭ بىر دوستى بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى. مېنىڭ بۇ مېھماننى بىرىنچى قېتىم كۆرۈشۈم ئىدى. ئۇياق مېنىڭ قايسى مەكتەپتە، قانچىنچى سىنىپتا ئوقۇيدىغانلىقىنى سورىدى، مەن ئېيتىپ بەردىم.
    - سىلەرنىڭ مۇئەللىمىڭلار مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم بولىدۇ،- دېدى ئۇ. ئاندىن ئاپامغا سۆزلەپ بېرىشكە باشلىدى،- تۈنۈگۈن ئاخشام ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغانىدىم، غەلىتە بىر ئىش بولدى. قارىسام، ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە بىر توپ قەغەز تۇرۇپتۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازمىچە ئۆي تاپشۇرۇقلىرى ئىكەن. "بۇنچىۋالا تاپشۇرۇقلارنى قانداق ۋاقىت چىقىرىپ تەكشۈرۈپ بولىسىز؟" دېسەم، ئۇ: "ناھايىتى ياخشى ئوقۇغۇچىلىرىم بار. بىزنىڭ تاپشۇرۇقنى ئوقۇپ باقامسىز؟" دېدى-دە، قەغەزلەرنىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللاپ ماڭا بەردى. ھەقىقەتەن ياخشى ئورۇندالغان بىر تاپشۇرۇق ئىكەن. رەتلىك، ئوقۇشقا ئەپلىك، ماۋزۇلار رەڭلىك قەلەم بىلەن يېزىلغان، تاپشۇرۇقنىڭ تېمىسى "شامال" ئىكەن. بىراق، ئوقۇپ ھاڭ-تاڭ قالدىم. بالا شامال دەپ گالاتا ساراي كوماندىسى بىلەن ئەنقەرە كۈچى كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى يېزىپتۇ. تاپشۇرۇقنى ئوقۇۋېتىپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم. دوستۇم: "نېمە بولدى، نېمىگە كۈلىسىز؟" دەپ سورىدى. مەن ئوقۇپ باقسۇن دەپ ، قەغەزنى ئۇنىڭغا بەردىم. ئۇ ئوقۇپ بولۇپ، ئىنتايىن غەزەپلەنگەن ھالدا: "بۇ ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلىرىمدىن بىرى ئىدى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنى زادى كۈتمىگەنىدىم" دېدى...
     
    دېمەك، يەنىلا ئوسمان ھەقلىق ئىكەن. راستىنى ئېيتقاندا، مەنمۇ مۇئەللىمىمىزدىن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى زادى كۈتمىگەنىدىم، ناھايىتى بىئارام بولدۇم.
     
    ئەھۋالنى ساڭا ئۆز ئەينى بويىچە يازدىم.
     
    خەير-خوش! قەدىرلىك ساۋاقدىشىم، ئەخمەت، مېنى خەت-خەۋەرسىز قويما، ماقۇلمۇ؟ ساۋاقداشلاردىنمۇ خەۋەر يېزىشىڭنى كۈتىمەن.
     
     
     
    ______________________
    ① تۈرك تىلىدا "تار"نى "دار" دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ.
    ② خام، تەجرىبىسىز مەنىسىدە. 
     
     
    ساۋاقدىشىڭ: زەينەپ يالقىر
    1963- يىلى26- دېكابىر، ئەنقەرە
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.