بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)11

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-28 11:23:08

بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ) باشلىقنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن بايراقلار، لەۋھەلەر تىكلەپ قويۇلغان. بۇلار ھەرخىل رەڭدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە نىلۇپەر سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئاق بايراقلار، ئۈچ خىل رەڭلىك باير...




    بيۇگ ژارگال (ۋىكتور گيوگۇ)


    باشلىقنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن بايراقلار، لەۋھەلەر تىكلەپ قويۇلغان. بۇلار ھەرخىل رەڭدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە نىلۇپەر سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئاق بايراقلار، ئۈچ خىل رەڭلىك بايراقلار ۋە ئىسپانىيە بايراقلىرى ئالاھىدە كۆزگە تاشلىناتتى، قالغانلىرىنىڭ رەڭگى ۋە تۈزۈلۈشى غەلىتە ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە چوڭ قارا بايراقمۇ بار ئىدى.

    مېنىڭ دىققىتىمنى يەنە بىر نەرسە ئۆزىگە تارتتى، ئۇ بولسىمۇ باشلىقنىڭ باش تەرىپىدە، غارنىڭ تۆرىدە قاداپ قويۇلغان مۇلات ئوژېنىڭ سۆرىتى ئىدى. ئوژې ئۆتكەن يىل قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، لېيتنانت ژان باتىستا شاۋان ۋە باشقا يىگىرمە نېگىر – مۇلاتلار بىلەن بىللە كاپتا چاقپەلەككە باغلاپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. كاپتىكى بىر قاسساپنىڭ ئوغلى بولغان ئوژېنىڭ بۇ سۈرىتى ئۆزى تەلەپ قىلغان شەكىلدە سىزىلغان بولۇپ، رەسىمدە ئۇ كۆكسىگە ليۇدۋىك كرېستى ئوردېنى ۋە ياۋروپادىكى شاھزادە لىمبۇرگىسكىدىن سېتىۋالغان لىق ئوردېنى تاقالغان پودپولكوۋنىك قىياپىتىدە تەسۋىرلەنگەن ئىدى.

    مېنىڭ ئالدىمدا تۇرغان قارا تەنلىك باشلىق ئوتتۇرا بويلۇق كىشى بولۇپ، سۈرلۈك چىرايىدىن ھىيلىگەرلىك ۋە رەھىمسىزلىك چىقىپ تۇراتتى.

    ئۇ ماڭا يېقىنراق كېلىشنى بۇيرۇدى – دە، بىر نەچچە مىنۇت ئىندىمەي، چىرايىمغا راسا سەپسالدى، ئاندىن كېيىن خۇددى يىلپىزدەك ئىرجىيىپ، مېنى مەسخىرە قىلىپ شۇنداق دىدى:

    مەن بىئاسۇ بولىمەن!

    مەن بۇ ئىسىمنى ئاڭلاشنى كۈتكۈن بولساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇ ئىسىمنىڭ دەھشەتلىك كۈلكە ئارىلاش ئېيتىلغانلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا تىترەك ئولاشقاندەك بولغان بولسىمۇ، لېكىن چىرايىمدىكى خاتىرجەملىك ۋە مەغرۇرلۇق ئۆزگەرمىگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭغا ھېچقانداق جاۋاپ قايتۇرمىدىم.

    ئاڭلاۋتامسەن؟ - دىدى ئۇ ماڭا چالا فرانسۇز تىلىدا، - سەن تېخى قوزۇققا ئولتۇرغۇزۇلمىدىڭ، دىمەك نۇسرەت تاپقان دۆلەتنىڭ باش قوماندانى، ھەربىي قىسىملارنىڭ گېنېرال – مايۇرى كاتولىك دىنىنىڭ ئۇلۇغ ھامىسى كەمىنە ژان بىئاسۇنىڭ ئالدىدا بويۇن ئېگىش پۇرسىتىڭ بارغۇ!

    (قوزغىلاڭچىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى قارشى تەرەپ ئالدىدا ئۆزلىرىنى گويا فرانسىيە شاھى، ئىنقىلاب داھىيىسى، ئىسپانىيە پادىشاھى قىياپىتىدە كۆرسىتىشكە ئىنتىلەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ تاكتىكىسى ئەمەلىيەتتە سىناپمۇ كۆرۈلگەن ئىدى)

    مەن قولۇمنى كۆكسۈمگە گىرەلەشتۈرۈپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرىۋەردىم. ئۇ يەنە مەسخىرە قىلىپ كۈتۈشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئادىتى شۇنداق بولسا كېرەك.

    ئاھا، بايقىشىمچە، باتۇر ئادەم بولساڭ كېرەك؟ ئۇنداق بولسا، قېنى ئېيتقىنا، سەن كىرىئولمۇ؟ - دەپ سورىدى ئۇ.

    ياق، فرانسۇزمەن، - دەپ جاۋاپ بەردىم.

    ئۇ مېنىڭ تەمكىنلىكىمنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرىدى – دە، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    ناھايىتى ياخشى، كىيىملىرىڭگە قارىغاندا ئوفىتسىر بولساڭ كېرەڭ، نەچچە ياشقا كىردىڭ؟

    يىگىرمىگە.

    يىگىرمە ياشقا قاچان توشتۇڭ؟

    بۇ سۇئال نۇرغۇن قايغۇلۇق خاتىرىلەرنى ئېسىمگە سالدى. مەن ھىجران ئازابىنى ئويلاپ بىرنەچچە مىنۇت شۈك تۇرۇپ قالدىم. ئۇ ئارقا – ئارقىدىن سوراۋەردى. مەن ئاخىر جاۋاپ بېرىپ شۇنداق دىدىم:

    سېنىڭ يولدىشىڭ لېوگرى دارغا ئېسىلغان كۈنى دەل يىگىرمە ياشقا توشقان ئىدىم.

    بىئاسۇنىڭ رەڭگى غەزەپتىن تاتىرىپ كەتتى، ئەمما ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ھىجايدى – دە، شۇنداق دىدى:

    لېوگرىنىڭ دارغا ئېسىلغىنىغا بۈگۈن توپتوغرا يىگىرمە ئۈچ كۈن بولدى. سەن، فرانسۇز، بۈگۈن كېچە لېوگرىدىن كېيىن يىگىرمە ئۈچ كۈنلا ئۆمۈر كۆرگىنىڭنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرىسەن. لېوگرىنىڭ يولداشلىرى ئازاتلىق ئۈچۈن قانداق كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، گېنېرال مايۇر ژان بىئاسۇنىڭ باش شىتابىدا نىمىلەرنى كۆرگەنلىكىڭنى، بۇ باش قومانداننىڭ ئۆز «پۇقرالىرى» ئۈستىدىن قانداق ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرەلىشىڭ ئۈچۈن ساڭا بىر كۈنلۈك ئۆمۈر بېرىمەن.

    ژان بىئاسۇ ۋە ئۇنىڭ يولدىشى ژان فرانسۇئالار ئۆزىگە بەرگەن «فرانسىيىنىڭ گېنېرال – ئادمىرالى» دىگەن ھەربىي ئۈنۋانلار پەقەت قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن نېگىر – مۇلاتلار ئوردىسى ئىچىدىلا ئېتىراپ قىلىناتتى.

    بىئاسۇ يۇقىرىدىكى سۆزلەردىن كېيىن، مېنى غارنىڭ بىر بۇلۇڭىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇشنى بويرۇدى، ئىككى ساقچى مېنى ئارىغا ئېلىپ تۇردى. ئاندىن ئۇ ئاديۇتانت فورمىسىدا كىيىنگەن بىرنەچچە نېگىرغا قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ بويرۇق بەردى:

    يىغىلىش دۇمبىقى چېلىڭلار، پۈتۈن ئارمىيە بىزنىڭ باش شىتابىمىز ئالدىغا توپلانسۇن، ئۇلارنى كۆرەكتىن ئۆتكۈزىمىز، سىز، ئىمام ھەزرەتلىرى، - دەپ باخشىغا بۇرۇلدى ئۇ، - روھانى كىيىملىرىڭىزنى كىيىڭ – دە، بىزگە ۋە ئەسكەرلىرىمىزگە ئەمرى – مەرۇپ قىلىپ بېرىڭ!

    باخشى ئورنىدىن تۇرۇپ، بىئاسۇغا ئېگىلىپ تازىم قىلدى ۋە ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىرنىمە دەپ پىچىرلىدى، ئەمما باشلىق ئۇنىڭ سۆزىنى رەت قىلىپ، ئۈنلۈك قىلىپ شۇنداق دىدى:

    مېھرايىم يوق دىگىنىڭىز نىمىسى، ئىمام ھەزرەتلىرى! سىز تاغلار ئارىسىدا تۇرۇۋاتىسىز – غۇ، بۇ يەردە مېھراپ نېمە قىلسۇن؟ شۇنىڭ غېمىنىمۇ يەمدۇ! ئاللاتائالا قاچاندىن باشلاپ ئۆز بەندىلىرىدىن ئالتۇن – جاۋاھىرلار بىلەن زىننەتلەنگەن ھەشەمەتلىك ئىبادەتخانىلاردىلا ئىبادەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ قالدى؟ نۇھ پەيغەمبەر، مۇسا پەيغەمبەرلەرمۇ قاقاس تاغ – دەشتلەردە يۈرۈپ ئىبادەت قىلىشقا. شۇلارنىڭ ئۈلگىسى بويىچە ئىش قىلايلى، ھۆرمەتلىك ئاتا! ئاللاتائالاغا پەقەت چىن كۆڭۈلدىن ئىبادەت قىلىنسىلا كۇپايە، سىز مېھراپ يوق، دەپ نالىۋاتىسىز، بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئاۋۋال پۇقرالىرىمىز ديۇبيۇ ئىسوننىڭ ئويىدىن ئولجا ئالغان ئەنە ئاۋۇ چوڭ قەن ساندۇقىدىن مېھراپ ئورنىدا پايدىلانسىڭىز بولمامدۇ؟

    بىئاسۇنىڭ دىگىنى دەرھال ئىجرا قىلىندى. غار ئىچى كۆز يۇمۇپ ئاچقىچە ئىبادەت ئۈچۈن تەييارلاندى. نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى بىلەن مۇقەددەس ئابىھايات قەدىھى كەلتۇرۇلدى. بۇلار مارى بىلەن ئىككىمىز قوشۇلغان ۋە بىزنىڭ نىكاھىمىز پەرۋەردىگار تەرىپىدىن مەقبۇل ئېتىلگەن ئاشۇ ئاكيۇل چېركاۋىسىدىن ئوغرىلاپ كېلىنگەن نەرسىلەر ئىدى. ئەپسۇسكى، بىزنىڭ پۈتۈن بەختسىزلىكىمىزمۇ ئەنە شۇ يەردىن باشلانغان ئىدى. ئوغرىلاپ كېلىنگەن قەنت ساندۇقى مېھراپ  قىلىندى، ساندۇق ئۈستىگە ئىبادەت يوپۇقى ئورنىغا ئاق چايشاپ يېپىلدى. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ مېھراپنىڭ يان تەرىپىدىن «ديۇبيۇئىسونغا تېگىشلىك.KO نانتا شەھىرى» دىگەن ئادرېس كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

    روھانىلىق ئىدىشلىرى مېھراپ ئۈستىگە قويۇلغاندا، باخشى كرېست يوقلۇقىنى بايقاپ قالدى – دە، دەرھال يېنىدىكى خەنجىرىنى ئالدى، خەنجەرنىڭ سېپى كرېست شەكلىدە ئىدى، خەنجەرنى ئالدىدىكى نۇھ كېمىسى، ئابىھايات قەدىھى ۋە ئىشىلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا سانچىپ قويۇپ، ئاندىن بېشىدىكى باخشىلىق قالپىقىنى ۋە ئۈستىدىكى پەرىجىسىنى يەشمەستىنلا، ئاكيۇلدىكى روھانىدىن ئولجا ئالغان ئىبادەت رىداسىنى ئالدىراپ ئۇچىسىغا يېپىنىپ كۈمۈش تۈگمىلىرىنى ئەتتى – دە، مېھراپتىن بىر نەچچە قەدەم نېرىدا ئولتۇرغان بىئاسۇغا بۇرۇلۇپ قاراپ ئېگىلىپ تازىم قىلدى. باخشىنىڭ بۇ ھەركىتى، مەن تەييار بولدۇم، دىگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. شۇ چاغدا بىئاسۇنىڭ ئىشارىتى بىلەن كەشمىر پەردىلىرى كۆتىرىلدى. بىز غار ئىشىكى ئالدىدا زىچ سەپ بولۇپ تىزىلىپ تۇرغان قارا تەنلىك قوشۇننى كۆردۇق.

    بىئاسۇ بېشىدىكى دۈگلەك شىلەپىسىنى ئېلىپ مېھراپ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇردى – دە، «تىزلىنىپ ئولتۇرۇلسۇن!» دەپ ۋارقىرىدى.

    «تىزلىنىپ ئولتۇرۇلسۇن!» دەپ تەكرارلاشتى ھەر بىر قىسىمنىڭ كوماندىرلىرى. دۇمباقلارنىڭ گۈمبۈرلىگەن ئاۋازى ياڭرىدى، پۈتۈن قوشۇن تىزلىنىپ ئولتۇردى. يالغۇز مەنلا كۆز ئالدىمدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئۆز ئۆزىنى تەھقىرلەش ھادىسىسىگە ھەيران بولغان ھالدا جايىمدىن قىمىرلىماي قاراپ تۇردۇم، بىراق، مېنى يالاپ تۇرغان ئىككى ياساۋۇل مۈرەمدىن بېسىپ تىزلىنىشقا مەجبۇر قىلدى، مەنمۇ ئىبادەتنى بىجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشقىلارغا ئوخشاش تىزلىنىپ ئولتۇردۇم. باخشى تەنتەنىلىك ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ ۋەز ئېيتىشقا باشلىدى. بىئاسۇنىڭ ئىككى ئاق تەنلىك مەھرىمى ئۇنىڭ دىنىي ۋەز – نەسىھەتلىرىگە ياردەمچى ئاۋاز بىلەن جور بولۇشتى.

    قوزغىلاڭچىلار توپى ئاۋۋالقىدەكلا پىشانىلىرىنى يەرگە تەككۈزۈپ، چوڭ ئېھتىرام بىلەن ئەمرى – مەرۇپ ئاڭلىماقتا ئىدى، باش قوماندانمۇ بىرىنچى بولۇپ ئۈلگە كۆرسەتتى.

    باخشى سەجدە قىلىش ئالدىدا ئابىھايات سۈيى قاچىلانغان قەدەھنى ئىككى قوللاپ ئېگىز كۆتۈردى – دە، ئەسكەرلەر تەرەپكە قاراپ كرىئول تىلىدا شۇنداق دىدى: سىلەر ئەمدى بىلىسىلەر، جاناپلار، مەن ئۇنى سىلەرگە كۆرسىتىمەن. ئۇنى ئاق تەنلىكلەر ئۆلتۈرۋەتتى؛ ھەممە ئاق تەنلىكلەرنى ئۆلتۈرۈڭلار، ماڭا چۈشىنىشلىكتەك بىلىنگەن ۋە قەيەردىدۇر ئاڭلىغان بۇ كەلىمە جاراڭلىشى بىلەنلا پۈتۈن توپ چۇقۇرلىشىپ كەتتى. نېگىرلار خېلى ۋاقىتلارغىچە قوراللىرىنى سىلكىشىپ، پىشانىلىرىنى يەرگە ئۇرۇشتى. بۇ دەھشەتلىك ئالا – چۇقان ماڭا ئەجەل بولۇپ يېپىشماسلىقى ئۈچۈن بىئاسۇنىڭ ئۆزى ئارىلىشىشقا توغرا كەلدى. كرېستنى خەنجەرگە ئالماشتۇرغان بۇ كىشىلەرنىڭ قەھرى – غەزىپى، ماتانىتى ۋە رەھىمسىزلىكى نەقەدەر زور تەۋرەشنى قوزغايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرلىنىشى نەقەدەر كۈچلۈك ۋە جىددى بولىدىغانلىقىنى مەن ئەمدى چۈشەندىم.

    29

    ئىبادەت تامام بولغاندا، باخشى بىئاسۇغا بۇرۇلۇپ قاراپ ئېگىلىپ تازىم قىلدى، بىئاسۇ ئورنىدىن قوپتى – دە، ماڭا قاراپ فرانسۇز تىلىدا شۇنداق دىدى:

    -بىزنى خۇداسىز دەپ ئەيىپلىشىدۇ، بۇ پۈتۈنلەي تۆھمەت! مانا سەن بىزنىڭ تەقۋادار كاتولىكلار ئىكەنلىكىمىزنى كۆردۈڭ.

    بۇ سۆزلەرنى ئۇ مېنى مەسخىرە قىلىپ ئېيتتىمۇ ياكى جىددىي ئېيتتىمۇ، بۇنى بىلمىدىم. كېيىن بىئاسۇ لىپمۇ – لىپ قارا ماش پۇرچاق تولدۇرۇلغان قەدەھنى ئەكىلىشنى بۇيرۇدى، ئاندىن بۇ قەدەھكە بىر سىقىم ئاق پۇرچاقنى سالدى – دە، ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسىگە تولۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن بېشىدىن ئېگىز كۆتۈردى ۋە شۇنداق دېدى:

    -قېرىنداشلار، سىلەر گويا قارا پۇرچاق، سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار بولغان ئاق تەنلىكلەر بولسا ئاق پۇرچاق.

    بۇ سۆزدىن كېيىن ئۇ قولىدىكى قەدەھنى سىلكىۋىدى، ئاق پۇرچاقلار بىردەمدىلا قارا پۇرچاقلارغا ئارىلىشىپ يوقاپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىلھامبەخش ۋە تەنتەنىلىك ئاۋاز بىلەن دىدى:

    -كۆردۈڭلارمۇ، سىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئاق تەنلىكلەر ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ!

    ئۆز رەھبىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىگە جاۋابەن بارلىق قوشۇن تەنتەنىلىك ھالدا ۋارقىراشتى، چۇقان سادالىرى پۈتۈن تاغ – دالىنى ياڭرىتىۋەتتى. بىئاسۇ چالا بىلگەن فرانسۇز تىلىغا كىرىئول ۋە ئىسپان تەلەپپۇزىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    -بىزنىڭ يۇۋاش، مۇلايىم چاغلىرىمىز ئۆتۈپ كەتتى. بىز ئۇزاق ۋاقىت خۇددى قويغا ئوخشاش مۇلايىم بولۇپ بەردۇق. ئاق تەنلىكلەر بولسا، بىزنىڭ بېشىمىزنى خۇددى قوي يۇڭىنى قىرقىغاندەك قىرقىشتى! مانا ئەمدى بىز ئاق تەنلىكلەر تارتىۋالغان ئۆز ۋەتىنىمىزنىڭ يولۋاس، ئارسلانلىرىدەك قەيسەر ۋە رەھىمسىز بولۇشىمىز كېرەك! ئۆز ھوقۇقىمىزنى پەقەت قوراللىق كۈرەش ئارقىلىقلا قولغا كەلتۈرەلەيمىز، كىم كۈچلۈك ۋە رەھىمسىز بولسا، ئۇ ھەممىگە ئېرىشەلەيدۇ! دىنىي كالىنداردا «مۇقەددەس بۆرە» خاتىرىسى ئۈچۈن ئىككى قېتىم، ياغلىق قۇيماق يىيىش ئۈچۈن بولسا، پەقەت بىرلا قېتىم بايرام بەلگىلەنگەن. شۇنداقمۇ، ئىمام ھەزرەتلىرى؟

    باخشى ئۇنىڭ سۆزىنى تەستىقلاپ تازىم قىلدى.

    بىئاسۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

    -ئادىمىزات دۈشمىنى بولغان ئاق تەنلىكلەر – مۇستەملىكىچىلەر، زىمىندارلار، سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي جىن – شەيتانلار، ئۇلار ۋەتىنىمىزگە كېلىپ، ئار – نومۇسسىزلىق بىلەن ھەممىنى ئۇياتسىزلارچە ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى. ئۇلار مۈرىسىگە قورال ئېسىپ، ئېسىل كىيىم كىيىپ، شەپكىلىرىگە يۇلتۇز تاقاپ، سۆلەت بىلەن يۈرۈشتى. بۇنى ئاز دەپ، رەڭگىمىز قارا، تېنىمىز يالىڭاچ بولغانلىقى ئۈچۈن، بىزنى كەمسىتىشتى! ئۇلار كۆرەڭلەپ، بىزنى گويا مامۇق يەلپۈگۈچ بىلەن پاشا – چىۋىنلارنى قوغلىغاندەك، ئاسانلا قوغلىۋېتەلەيمىز، دەپ ئويلاشقان ئىدى.....

    بىئاسۇ بۇ ئوخشىتىشنى ئېيتىۋېتىپ، ئۇنى تىنماي يەلپۈۋاتقان بىر ئاق تەنلىك مەھرەمنىڭ قولىدىن يەلپۈگۈچنى ئېلىپ، بېشى ئۈستىدىن زەردە بىلەن يەلپۈپ كۆرسەتتى.

    -لېكىن، - دىدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مېنىڭ قېرىنداشلىرىم، - باتۇر جەڭچىلىرىم ئۇلارغا بەئەينى ئۈگىسىدىن قوزغالغان چۈمۈلىلەر مۇردىغا ئولاشقاندەك يېپىشقان چاغدا، سۆلەت بىلەن گىدەيگەن ئۇ ئاق تەنلىكلەر بىزنىڭ يالىڭاچ قوللىرىمىزدا مىجىقلاندى. ئۇلار بۇ يالىڭاچ قوللارنىڭ قۇدرىتىنى سەل چاغلىغان ئىدى! ئاق تەنلىكلەر شۇنى چۈشەنمىگەنكى، ياخشى ياغاچ پوستى بولسمىسىمۇ يېرىلمايدۇ، چىڭ كېلىدۇ. بۇ زالىملار ئەمدى تىترەشمەكتە، راسا ساراسىمىگە چۈشمەكتە!

    باشلىقنىڭ بۇ سۆزلىرىگە پۈتۈن قوشۇن «ئۇلار ساراسىمىگە چۈشمەكتە!» دەپ تەنتەنىلىك ۋارقىراپ جاۋاپ قايتۇردى.

    -قارا تەنلىكلەر، كىرىئوللار ۋە كونگولۇق نېگىرلار!- دەپ خىتاپ قىلدى بىئاسۇ، - ئازاتلىق يولىدا ئىنتىقام ئېلىڭلار، ئۇلاتلار، بوشاشماڭلار! ئاق تەنلىك ئادىمىي شەيتانلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەڭلار! سىلەرنىڭ داداڭلار ئاق تەنلىك بولسا، ئاناڭلار بىزنىڭ نەسلىمىزدىن، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر مېنىڭ قېرىنداش جىگەرلىرىم. ئاق تەنلىكلەر سىلەرنى ھېچقانچان ئۆز ئوغلىدەك كۆرمىدى، بەلكى سىلەرنى خۇددى نېگىرلارغا ئوخشاشلا بىر قۇل، ئۆزلىرىنى خوجايىن دەپ ھېسابلىدى. سىلەر كۈندە كۆيگەن توشۇڭلارنى ئاران يېپىپ يۈرۈسىلەرۇ، سىلەرنىڭ زالىم ئاتاڭلارچۇ؟ ئۇلار چىرايلىق كىيىملەرنى، سوپۇن شىلەپىلەرنى كىيىشىپ، گىدىيىپ يۈرۈشىدۇ. دەم ئېلىش كۈنلىرىدە پېتى چۈشمىگەن كىيىملەرنى، بايرام كۈنلىرى يۇڭ رەختتىن ۋە مەخمەلدىن تىكىلگەن ئېسىل كاستۇملارنى كىيىپ، قېتىشىۋالىدۇ. قۇرۇپ كەتسۇن ئۇ بىكار تەلەپلەر! ئەپسۇسكى، خۇدانىڭ مۇقەددەس ھۆكمى ئۆز دادىسىنى ئۆلتۈرۈشكە يول قويمايدۇ. شۇڭا سىلەر ئۆز داداڭلار بولغان ئاق تەنلىكنى دۈشمەن سۈپىتىدە كۆرۈپ قالساڭلار، بىر – بىرىڭلارغا: «مېنىڭ دادامنى سەن ئۆلتۈر، سېنىڭكىنى مەن» دېيىشىڭلارغا نىمە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، قېرىنداشلار؟! پادىشاھ پۇقرالىرى، ئۆچ ئېلىڭلار! ھەممە كىشى ئەركىنلىك ئۈچۈن جەڭ قىلسۇن! بۇ چاقىرىق پۈتۈن ئارال بويىچە كەڭ قوللاشقا ئىگە بولدى. بۇ چاقىرىق بىرىنچى بولۇپ، چوڭ يەردە جاراڭلاپ، تاباگو ۋە كۇبانى غەپلەتتىن ئويغاتقان ئىدى. يېشىل تاغ ئوبلاستىدىن قاچقان بىر يۈز يىگىرمە بەش نېگىرنىڭ داھىيىسى بۇكمان بىزنىڭ بايرىقىمىزنى بىرىنچى بولۇپ ئېگىز كۆتۈردى. ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسى سان – دومىنگو نېگىرلىرىنىڭ قېرىنداشلارچە ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى قەدىمى بولدى. بىز ئۇنىڭ شانلىق ئۈلگىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، بىر قولىمىزدا مەشئەلنى، بىر قولىمىزدا پالتىنى چىڭ تۇتايلى! ئاق تەنلىكلەرگە رەھىم – شەپقەت يوق! زىمىندارلارغا رەھىم – شەپقەت يوق! ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى كۇكۇم – تالقان قىلىۋېتىڭلار، يەر – زېمىنلىرىنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرۋېتىڭلار! ئۇلارنىڭ يەر – زېمىنلىرىدا بىرەر مايسا كۆكلەپ چىقىدىغان بىرمۇ يىلتىز قالمىسۇن! ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىڭلار، ئاق تەنلىكلەرنى يەر يۇتسۇن! قېرىنداشلار، دوستلار، مەرتلەرچە ئالغا! بىز يوقىتىش جېڭى ئېلىپ بارايلى. يا غەلىبە، يا ھالاكەت! ئەگەر بىز غەلىبە قىلساق، ھاياتنىڭ ھەممە ھۇزۇر – ھالاۋىتى ۋە شاتلىقى بىزنىڭ بولىدۇ. ئەگەر ئۆلسەك، توپ – توغرا خۇدانىڭ دەرگاھىغا بېرىپ، جەننەتكە كىرىمىز، ئۇ يەردە بىزنى مۇقەددەس ھور غۇلمانلار كۈتۈۋالىدۇ، ھەر بىر باتۇر جەڭچى ئۇ يەرگە بارغاندا ئىككى قەدەھ ھەۋزى – كەۋسەرگە، نۇرغۇن دۇنياغا ئىگە بولىدۇ!

    ئەسكەرچىسىگە قىلىنغان بۇ تەرغىبات، ئېھتىمال، سىلەرگە كۈلكىلىك ئاڭلىنار، جاناپلار، لېكىن بۇ نۇتۇق قوزغىلاڭچىلارغا چوڭقۇر تەسىر قىلدى. بىئاسۇنىڭ سۆزىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى كەسكىنلىك، چىرايىدىكى جىددىيلىك، تەلەپپۇزىدىكى ئىلھامبەخش ئىبارە ۋە سۆزلەۋېتىپ بەزىدە كۈلۈپ قويۇشلىرى، ھەقىقەتەنمۇ، ئۇنىڭدا ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ئاجايىپ بىر قۇدرەت بارلىقىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ پاكىتلارنى راسا ئورۇنلۇق قويۇشى، جۇشقۇن ۋە يېقىملىق نۇتۇق سەنئىتى قوزغىلاڭچىلارنىڭ زوقىنى قوزغىدى. ئۇلارنىڭ پۈتۈن دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. بىئاسۇنىڭ چىرايلىق نۇتقى ئاڭلىغۇچىلارنى زادىلا زېرىكتۈرمىدى.

    بىئاسۇنىڭ تەرغىباتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ جەڭچىلىرى قانچىلىك ھاياجانلىنىپ، روھلىنىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە سىلەرگە كۆپ سۆزلىمەكچى ئەمەسمەن. ۋارقىراشلار، نالە قىلىشلار ۋە شاۋقۇن – سۈرەنلەر ئومۇمىي خور ناخشا بىلەن ئالمىشىپ كەتتى. بىرى كۆكرىكىگە مۇشتلىسا، بىرى قىلىچنى شىلتىيتتى... كۆپلىگەن قوزغىلاڭچىلار ئولتۇرغان پېتى ياكى يانپاشلىغان پېتى ھاياجان ئىچىدە داڭ قېتىپ قېلىشتى. بەزى نېگىر ئاياللىرى بېلىق قوۋۇرغىسىدىن ياسالغان تاغاقلىرىنى ئېلىپ قول ۋە كۆكرىكىنى تىلاتتى. گىتار، دۇمباق، بالافۇ قاتارلىق مۇزىكىلارنىڭ ساداسى گۈمبۈرلىگەن مىلتىق ئاۋازى بىلەن قوشۇلۇپ، گويا ئالۋاستىلار مەشرىپىدەك ئاجايىپ ئالا – توپىلاڭ ھاسىل قىلدى.

    بىئاسۇ توختاشنى ئىشارەت قىلىپ قولىنى كۆتۈرگەندە، پۈتۈن توپ خۇددى سېھىرلەنگەندەك بىردىنلا جىم بولۇپ، ھەربىر نېگىر دەرھال ئۆز ئورۇنلىرىغا كېلىپ تۇرۇشتى.

    بىئاسۇنىڭ ئۆز ئارمىيىسى ئىچىدە ئورناتقان بۇ تەرتىپى، كىشىلەرنى ئۆزىگە شۇنچە تېز بويسۇندۇرالىشى ھەتتا مېنىمۇ قايىل قىلدى دىسەم ئورۇنلۇق بولىدۇ. قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسىنىڭ بارلىق ئەسكەرلىرى ئۆز باشلىقىنىڭ بىرلا ئىشارىتى بىلەن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىدىغاندەك ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتى گويا مۇزىكانت پىئانىنوغا قولىنى تەككۈزە – تەككۈزمەيلا ئاۋاز چىققانغا ئوخشاپ كېتەتتى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.