ھازىرقى بالىلار كارامەت (12)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-12 00:13:52

تۇغۇلغان كۈنئەخمەت:14- ۋە 22- دېكابىردا ئەۋەتكەن خەتلىرىڭنى تاپشۇرۇۋالدىم. ساڭا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت. ئاغرىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن خەتلىرىڭگە ۋاقتىدا جاۋاب يازالمىدىم. كېسىلىم ئانچە ئېغىر ئەمەس، بىر ئا...



     

     
    تۇغۇلغان كۈن
     
     
    ئەخمەت:
     
    14- ۋە 22- دېكابىردا ئەۋەتكەن خەتلىرىڭنى تاپشۇرۇۋالدىم. ساڭا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت. ئاغرىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن خەتلىرىڭگە ۋاقتىدا جاۋاب يازالمىدىم. كېسىلىم ئانچە ئېغىر ئەمەس، بىر ئاز سوغۇق تېگىپ قاپتۇ. ئاغرىق بولساممۇ، ساڭا خەت يېزىۋەتتىم، بىراق خېتىمنى ئاپام ياكى ھەدەم ئارقىلىق پوچتىغا سالدۇرۇشنى خالىمىدىم. مەتىنمۇ ماڭا ئوخشاش ئاغرىپ قالمىغان بولسا، خېتىڭنى ئۇنىڭدىن پوچتىغا سالدۇراتتىم، بىراق ئۇمۇ ئاغرىق ئىكەن. تۈنۈگۈن خېلى ياخشى بولۇپ قالدىم، بۈگۈن مەكتەپكە باردىم. مەكتەپتىن قايتىپ ساڭا خەت يازماقچى بولۇپ تۇرسام، ئاپام:
    - زەينەب، خەت كەلدى،- دېدى. ئۇ كونۋېرتتىكى ئادرېسنى ئوقۇغان بولسا كېرەك،- ئەخمەتتىن كەپتۇ. ئۇ ۋاپادار ساۋاقدىشىڭ بولسا كېرەك، ساڭا خەت يېزىشنى زادى توختاتمىدى،- دەپ قوشۇپ قويدى.
     
    خېتىڭنى ئوقۇپ بولۇپ مەتىننىڭ يېنىغا باردىم. تېرمومېتىرنى قويسام، قىزىتمىسى 38.2 گرادۇسقا چىقىپتۇ.
     
    قاراپ تۇرۇپ ئۆزىمىزگە كېسەل تېپىۋالغىنىمىزنى قارىمامدىغان... سىنىپىمىزدىكى ئاتامان ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارغانىدۇق، كېسەلنى شۇ يەردە يۇقتۇرۇۋاپتۇق. ئۇ يەرگە بارغان ساۋاقداشلىرىمىزدىن يەنە ئۈچى كېسەل بولۇپ قاپتۇ.
     
    ئاپام مەكتىپىمىزنىڭ مەكتەپ-ئائىلە ھەمكارلىقى يىغىنىدا ئاتاماننىڭ ئاپىسى بىلەن تونۇشۇپ قاپتىكەن، ئۇ خانىم بىزنى ئوغلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن چايغا تەكلىپ قىلىپتۇ ۋە بىزنىڭ ئۆينىڭ ئادرېسىنى ئېلىپ: "ماشىنا ئەۋەتىپ سىلەرنى ئېلىپ كېتىمىز" دەپتۇ. ئاپام: "بالىلار بېرىپ كېلەر" دېسىمۇ، "سىزنىمۇ، ئەپەندىمنىمۇ كۈتىمىز" دەپ تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالغاچقا، ئاپام ماقۇل دېيىشكە مەجبۇر بوپتۇ.
     
    دادام بۇنى ئاڭلاپ: "كىچىك بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈن چېيىدا بىزگە نېمە بار؟" دېسىمۇ، ئاپام بېرىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئاتاماننىڭ ئاپىسى: "سىزمۇ كەلمىسىڭىز رەنجىيمەن" دەپتىمىش.
     
    تۇغۇلغان كۈنىگە سوۋغات قىلىش ئۈچۈن مەن بىر كىتاب ئالدىم، مەتىن قېرىنداش ئالدى.
     
    ئاتاماننىڭ دادىسى چۈشتىن كېيىن بىزنىڭ ئۆيگە ماشىنا ئېلىپ كەلدى. دادام بىلەن ئۇ كىشى ماشىنىدا تونۇشتى. بۇ ماشىنا ئۇلارنىڭ خۇسۇسىي ماشىنىسى ئىكەن.
     
    مېنى باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىۋاتىدۇ، دەپ، بەلكىم يازغانلىرىمنى ياقتۇرماسسەن. لېكىن، مەن كۆرگىنىمنى يازىمەن.
     
    ئاتامانلارنىڭ دۆلەتمەن ئائىلە ئىكەنلىكىنى بىر قاراشتىلا بىلگىلى بولاتتى. ئاپامنىڭ دادامنىڭ قۇلىقىغا: "ۋىيەي، نېمىدىگەن تېتىقسىزلىق... بۇ ئۆي بىساتلىرىنىڭ بىر-بىرىگە ماس كەلمىگەنلىكىگە قاراڭ!" دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم. 
     
    ئاتاماننىڭ دادىسى ھەر بىر سۆزىنى "كەمىنىلىرى"، "ئالىيلىرى" دەپ باشلايتتى.
     
    ئۆي ناھايىتى چوڭ بولغىنى بىلەن، بەكلا قالايمىقان ئىدى. بىر ياقتىن مېھمانلار كېلىشىۋاتاتتى. بىز ئون بەشچە بالا ئىدۇق. چوڭلار ئوتتۇزدىن ئاشاتتى. باشقا بالىلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئاتا-ئانىلىرى بىلەن كەلگەنىدى. مەتىن ئاپامدىن:
    - ئاتاماننىڭ دادىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمىكەن؟- دەپ سورىدى.
     
    مەن كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بىرەر نامۇۋاپىق سۆز قىلىپ قويسا، ئاپام ئۇنى ھېچكىمگە تۇيدۇرماي چىمدىۋالاتتى. ئاپام بۈگۈنمۇ ئۆتكۈزىۋەتمەي ئۇنى چىمدىۋالدى، مەتىن شۇندىلا ئۆزىنىڭ نامۇۋاپىق گەپ قىلىپ قويغانلىقىنى بىلىپ جىم بولدى.
    -قىستىلىپ قالدىڭلارمىكىن، مېھمانلار،- دېدى ساھىبخانا خانىم،- ئۆي كىچىك، كۆڭلۈڭلارغا ئالمىغايسىلەر. دوست-يارەنلەر كۆپ، چاقىرمىساق تېخى بولمايدۇ، رەنجىپ قالىدۇ. بىزنىڭ كىشىگە ئېيتتىم، كېلەر يىلى ئوغۇلنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى چوڭ بىر زالدا ئۆتكۈزىمەن. بىزنىڭ كىشىنى ماقۇل قىلدىم. سادىغاڭ كېتەي، بىزنىڭ كىشى زادى سۆزۈمدىن چىقمايدۇ.
     
    خانىم ئېرىنى "بىزنىڭ كىشى"، ئاتاماننى "ئوغۇل" دەپ ئاتايتتى. ئۇ ئاپامدىن:
    - بىزنىڭ كىشى نېمە دېسەم ماقۇل دەيدۇ، سىزنىڭ قانداق؟- دەپ سورىدى.
     
    شۇ زامات ئاپامنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كەتتى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ خاپا بولغانلىقىنى سەزدىم.
    - سىزنىڭ دېگىنىڭىز كىم؟- دەپ سورىدى ئاپام.
    ئاتاماننىڭ ئاپىسى كۈلۈمسىرەپ:
    - سىزنىڭ، قەدىرلىكىم، سىزنىڭ ئەپەندىمچۇ، يەنى سىزنىڭكىمۇ يۇمشاقباشمۇ، دېمەكچىمەن.
    ئاپام ئۆزى ياقتۇرمىغان بۇ پاراڭنى باشقا ياققا بۇراش ئۈچۈن:
    - ئۆيۈڭلار ئىسسىق ئىكەن-ھە!- دېدى.
    - ئوغۇلنىڭ تۇغۇلغان كۈنى كەپ رادىياتورنى ياخشىراق ئىسسىتقۇزدۇق-دە... بىزنىڭ كىشىنىڭ قولى بەك ئوچۇق، ئوغۇلنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىڭ شەرىپىگە رادىياتور تازا قىزىپ كەتسۇن، دېدى. ھېچ ھاجىتى بولمىسىمۇ، ئىشخانىسىغا كاتىپ دەپ ئىككى-ئۈچ قىز ئىشلىتىدۇ. ئەر كىشى دېگەن شۇ ئەمەسمۇ، قېرىندىشىم...
     
    قاپاقلىرى تۈرۈلگەن ئاپام مەتىن بىلەن ئىككىمىزگە:
    - تۇرۇڭلار، داداڭلارنىڭ يېنىغا چىقىڭلار!- دېدى.
     
    ئەر مېھمانلارنى چوڭ سارايغا باشلاشقانىدى. ئۈستەلدە نازۇ-نېمەتلەر ۋە ئىچىملىكلەر مول ئىدى. ئاتاماننىڭ دادىسى بىلەن ئۆرە تۇرۇپ سۆزلىشىۋاتقان دادام بىزنىڭ كىرىشىمىزنى ئانچە ياقتۇرمىدى.
    - ئاپاڭلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرماي، نېمىشقا بۇ يەرگە چىقتىڭلار؟- دېدى ئۇ.
    - ئاپام داداڭلارنىڭ يېنىغا بېرىڭلار دېگەنىدى،- دېدى مەتىن.
     
    ئاتاماننىڭ دادىسى بىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، دادامدىن:
    - بۇلار ئالىيلىرىنىڭكىمۇ؟- دەپ سورىدى.
    - شۇنداق...
    - ئاللا ئۆمرىنى بەرسۇن! ھە... نېمە دەۋاتاتتىم... كەمىنىلىرى بېخىللىق بىلەن خوشۇم يوق. ئامال قانچە، خوتۇن كىشى دېگەن ناھايىتى پىششىق بولىدىكەن... مۇشۇ بىزنىڭ خوتۇننى ئالساق، ئەرزان بولسۇن دەپ، خىزمەتچىلەرگە ئايرىم ناچار ئاپلېسىن ئالىدۇ. بولمايدۇ، سۆيۈملۈكۈم، سەن نېمە يېسەڭ، خىزمەتچىلەرمۇ شۇنى يېيىشى كېرەك، دەپ، كەمىنىلىرى بۇنى بىزنىڭ خوتۇنغا زادى ئاڭلىتالمىدىم. بۇنداق قىلىش ئىنسانىيەتچىلىككە زىت، دېسەممۇ قۇلاق سالمىدى. سەن ئاپلېسىندىن ئون خۇرۇش ئىقتىساد قىلىمەن دېگەنبىلەن، خىزمەتچىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالسا، 200 لىرالىق تەخسىنى، قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى، دەپ، يەرگە تاشلاپ سۇندۇرۇۋېتىدۇ-دە! بىزنىڭ خوتۇن بۇنى چۈشەنمەيدۇ...
     
    دادام بىزگە:
    - مېڭىڭلار، ئاپاڭلارنىڭ يېنىغا چىقىڭلار!- دەپ ھەيدىدى.
     
    باشقا بالىلارمۇ بىزگە ئوخشاش زېرىكىپ كەتكەنىدى. بىر ئايال بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭىدىن ئاغرىنىپ:
    - كىچىك بالا بىلەن بىر يەرگە بارغىلى بولمايدۇ...- دېدى يېنىدىكى ئايالغا.
     
    دادام ئاپامغا:
    - ئەمدى قايتساق بوپتىكەن...- دېۋىدى، ئاپام:
    - سەت بولىدۇ، بىردەم چىشىڭىزنى چىشلەپ تۇتۇڭ،- دېدى.
     
    شۇ ئەسنادا ئاتاماننىڭ دادىسى قولىدا گېزىت، دادامنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
    - كەمىنىلىرى نامرات بالىلارغىمۇ ياردەم قولۇمنى سوزدۇم،- دېدى،- ھەر ھېيىت-بايرامنىڭ ئالدى-كەينىدە نامرات بالىلارغا ئىئانە تارقىتىپ تۇرىمەن... قاراڭ، مانا گېزىتلەرگىمۇ يېزىپتۇ...
     
    ساھىبخانا بالىلارنى بىر ئۆيگە يىغدى، بىر ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە ئاتامانغا ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلار دۆۋىلىنىپ كەتكەنىدى. ئۆي ناھايىتى ئىسسىپ كەتكەچكە، دېرىزىنى ئېچىۋەتكەنىدى. مەتىن ئىككىمىز ئوچۇق دېرىزە ئالدىدا تۇرغانىدۇق، ئىسسىقتا تەرلەپ كەتكەچكە، ئۇ يەردە تۇرۇپ سوغۇق تەگكۈزۈۋاپتۇق. دادام قايتىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىغانىدى، ئاتاماننىڭ دادىسى:
    - تېخى تاماق تارتىلمىدى، ئىككى قەدەھمۇ ئىچىلمىدى...- دېدى.
     
    دادام ئىشى بارلىقىنى دەپ ئۆزرە قويدى.
     
    كوچىغا چىققىنىمىزدا ئاپام ئىچى پۇشۇپ كەتكەن دادامغا:
    - كەچۈرىسىز،- دېدى،- بۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەپتىمەن. خانىم ناھايىتى زورلاپ كەتكەچكە رەت قىلالمىغانىدىم...
     
    ئەتىسى قىزىتمام 39 گرادۇسقا چىقتى...
     
    ئالدىنقى كۈنى خېتىڭدە مەندىن ھېكمەت توغرۇلۇق خەۋەر بېرىشىمنى سوراپتىكەنسەن. ھېكمەت بىر ھەپتىدىن بېرى مەكتەپكە كەلمىدى. بىچارىنىڭ نېمە بولغىنىنى بىلمەيمەن. ساۋاقداشلاردىن ئۆيىنى بىلىدىغانلارمۇ يوق. ئۇنىڭ ئەھۋالى مېنى ناھايىتى بىئارام قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خەۋەرنى ئاخىرىغا قالدۇردۇم.
     
    جاۋابىڭنى ماڭا ئوخشاش كېچىكتۈرمەسلىكىڭنى ئۈمىد قىلىمەن.
     
     
    زەينەب يالقىر
    1963-يىلى 25-دېكابىر، ئەنقەرە
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.