كۈنىگە بىر ئەقىل (باھارنامە) 2-ئاي

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-22 20:07:38

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} كۈنىگە بىر ئەقىل (لېۋ تولىستوي)(باھارنامە) 2-ئايئېتىقادخۇدانىڭ قانۇنى، خۇدا بىزنى قى

    كۈنىگە بىر ئەقىل (لېۋ تولىستوي) 
    (باھارنامە)
    2-ئاي


    ئېتىقاد

    خۇدانىڭ قانۇنى، خۇدا بىزنى قىلىشقا بۇيرۇغان ئىشنى قىلىپ، قىلماسلىققا بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلماسلىق.
    ھەقىقىي دىن تەبىئەتتىن ھالقىغان ھادىسىلارغا ئىشەنمەيدۇ، قائىدە-مۇراسىملارغا بەك ئەمەل قىلىپمۇ كەتمەيدۇ. ھەقىقىي دىن بىر ئادەمنىڭ باشقىلارغا ۋە چەكسىز دۇنياغا مۇئامىلە قىلىش پوزىتسىيىسى، ئۇ ئەقلىي كۈچ ۋە زامانىمىزنىڭ بىلىملىرىنى ئاساس قىلىدۇ.
    ئوخشاش بولمىغان ئېتىقاد ۋە دىنلارنىڭ توختاۋسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، ئوخشاش بولمىغان ئەھكام ۋە قائىدە-يوسۇنلىرى بار، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزگەرمەس ۋە مەڭگۈلۈكتۇر. مانا شۇ مەڭگۈلۈك ئەھكاملارنىڭ ئۆزى ھەقىقىي دىندۇر.
    بەزىلەر، سىز يالغان سۆزلەش بىلەنلا كۈن ئۆتكۈزىسىز، دېيىشىدۇ. ئۇلار ھەقىقەت ئىچىدە ياشايدۇ−بۇ، بىر ئادەم ئېغىزدىن چىقىرالايدىغان ئەڭ شەپقەتسىز سۆزلەردۇر. بىراق، كىشىلەر ھەمىشە مۇشۇ بەزى سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ، دىندىن ئېغىز ئېچىشىدۇ.
    دىننى تۇرمۇشتىكى ئىككىنچى ئورۇنغا قويىدىغان ئادەمنىڭ ئەسلىدىنلا دىنى مەۋجۇت بولمايدۇ.

    2-ئاينىڭ 1-كۈنى

     

    روھ

    ھاياتتا ئىككى يول بار: بىرى، تەن ئۈچۈن ياشاش؛ يەنە بىرى، روھ ئۈچۈن ياشاش. ئەگەر، تەن ئۈچۈن ياشىسا، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، تەن شادلىقى تولىمۇ ئاجىز-زەئىپ كېلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ، ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئەكسىچە، مۇبادا، روھ-مەنىۋىيەت ئۈچۈن ياشىسا، تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئېشىپ بارىدۇ، ئۆلۈممۇ ئۇنىڭ ئالدىدا قورقۇنچلۇق نەرسە بولماي قالىدۇ.
    بىز كىم؟ بىز «يوقلۇق». ھەقىقەتەن بىز «يوقلۇق»تۇرمىز. ھالبۇكى، بۇ «يوقلۇق» ئۆزىنى ھەمدە بۇ دۇنيادىكى ئورنىنى چۈشىنەلەيدۇ.
    سىز ئۆزىڭىزنى جىسمانىي مەۋجۇدىيەت دەپ قارىغىنىڭىزدا، سىز ئۆزىڭىزنى گاڭگىرىتىدىغان چۈشىنىكسىز سىرغا ئايلىنىپ قالىسىز. سىز، ئىچكى «ئۆز-ئۆزىڭىز»نىڭ جىسمانىي روھىيىتىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغىنىنى بىردىنلا چۈشىنىپ يەتكىنىڭىزدە، بۇ سىر شۇ زامات يوقۇلۇپ، دۇنيا ئاسانلا چۈشەنگىلى بولىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
    بىز جىسمىمىزنىڭ قۇدرىتى بىلەن تەبىئەتنىڭ قۇدرىتىنى سېلىشتۇرساق−بىز «يوقلۇق». ناۋادا، ئۆزىمىزنىڭ روھىنى كۆرۈپ يېتەلىسەك (ئۇ ئىلاھ روھىنىڭ بىر قىسىمى)، بىزنىڭ باشقا جانلىقلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىمىزنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.

    2-ئاينىڭ 2-كۈنى

     

    بارلىق جانلىقلارنىڭ روھى بىر
    كۆپ ساندىكى كىشىلەر، ئۆزىنىلا مۇھىم، باشقىلارنى مۇھىم ئەمەس، دەپ قارايدۇ. بىراق ياخشى، سەمىمىيەتچىل دانالارمۇ بار، ئۇلار باشقا كىشىلەر ۋە ھايۋاناتلارنىڭ ھاياتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىدەكلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھەم چىن كۆڭلىدىن كۆيۈنۈش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئالدىدا ھايات-ماماتمۇ ئادەتتىكىلا بىر ئىش.
    بۇرۇن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئادەم گۆشىنى يېگەن ھەم ئادەم گۆشى يېيىشنى قىلچە خاتا، دەپ قارىمىغان شۇنداق دەۋرلەرمۇ بولغان. ئەمدىلىكتە، بارغانچە كۆپلىگەن ئادەملەر باشقىلارنىڭ ۋە ھايۋاناتلارنىڭ گۆشىنى يېيىش قەبىھ قىلمىش دەپ چۈشىنىدىغان بولدى. كەلگۈسىدە ھامان بىر كۈنى، كىشىلەر مال-چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى سويۇش ۋە كالا، قوي، چوشقا گۆشىنى يېيىش، ئادەم ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاشلا قەبىھ ئىش دەپ قارايدىغان بولىدۇ.
    ئادەم، ھايۋانات، بارچە جانلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىر خىل جانلىق ئازاب چەكسە، باشقا جانلىقمۇ ئازاب چېكىدۇ. شۇنىڭدەك، بىر خىل جانلىق خۇشال بولسا، ئۇ خۇشاللىق تارقىلىپ بېرىپ باشقا جانلىقنىمۇ خۇشال قىلىدۇ.
    پەقەت سىزلا ھەر بىر ئادەمدىن ئۆزىڭىزنى كۆرۈپ يېتەلىسىڭىز، سىز ئاندىن بۇ ھاياتنى چۈشىنەلەيسىز.
    2-ئاينىڭ 3-كۈنى


    خۇدا

    خۇدانى ساڭرامدىن ئىزلىمەڭ. ئۇ سىزنىڭ دىلىڭىز، سىزنىڭ قەلبىڭىز، سىزنىڭ ئىچىڭىزدە. ئۆزىڭىزنى خۇداغا تاپشۇرۇڭ، شۇندىلا خۇشاللىق ۋە بەخت-سائادەتلەر سىزگە مەڭگۈ يار بولىدۇ.
    مۇستەقىل ئىدىيىسى بار ئادەم، ئۆزىنىڭ روھى بىلەن كائىناتنىڭ روھى−خۇدانىڭ بولۇمىنى سېزەلەيدۇ. بىراق، ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئامال ئىزدەپ، بۇ چۈشەنچىلەرگە تەبىر بېرىشكە ياكى ئىزاھلاشقا ئورۇنسا،  كەمتەرلىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ-دە، ئۇلارنىڭ سىرتقى يۈزىنى ئوراپ تۇرغان چۈمپەردىلەرگە تېگەلمەيدۇ. بارچە مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى بۈيۈك، ئەڭ يۈكسەك روھنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئۇنى ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتايدۇ، ھەر خىل تونلارنى كىيگۈزىدۇ. مانا شۇ ناملار ۋە تونلارنىڭ ئاستىدا پەقەت خۇدالا مەۋجۇت.
    −رۇسسو (فرانسىيە)
    خۇدا بىزنىڭ ھاياتىمىز ۋە دۇنيادىكى باشقا بارلىق ھاياتنى يېتەكلەيدۇ.
    خۇدا جىمى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ياخشى بولسا، دەيدۇ. مۇبادا، سىزمۇ باشقا ھەممە ئادەملەرنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئىستىسىڭىز، سىزنىڭ دىلىڭىزدا خۇدا بولغان بولىدۇ.
    سىز خۇدانىڭ نامىنى ئاتاپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلسىڭىز بولمايدۇ. خۇدا مەۋجۇت بولمىسا، دۇنيادا ھېچنەرسە مەۋجۇت بولمايدۇ.

    2-ئاينىڭ 4-كۈنى

     

    روھنىڭ بىردەكلىكى

    مۇبادا، ئۆزىڭىزنىڭ تېنى ئۈچۈنلا ياشىسىڭىز، بىر خىل مۇھىم بولۇم−«مەن»لا مەۋجۇت بولىدۇ. ھالبۇكى، دۇنيادا يەنە مىليونلىغان كىشىلەرنىڭمۇ بەختلىك بولغۇسى كېلىدۇ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا قارشىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ھېچكىممۇ ئۈزۈل-كېسىل رازى بولمايدۇ. سىزنىڭ «مەن»ىڭىز سىزگە دەيدۇلەركى: سېنىڭ جىسمىڭ مەڭگۈلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يوقىلىدۇ ياكى ئۆلىدۇ. بۇ زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولى: ئۆزىڭىزنىڭ «ئۆزلۈك»ى تېنىڭىزدىلا ئەمەس، بەلكى روھىڭىزدىمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىڭ. روھ سۆيگۈ-مۇھەببەت ئارقىلىق سىزنىڭ «ئۆزلۈك»ىڭىزنى باشقىلار بىلەن باغلاپ تۇرىدۇ، چۈنكى، روھ ئۆلمەيدۇ.
    تەن ئۆزىگە ئەڭ پايدىلىق نەرسىگە ئېھتىياجلىق، ئۇ روھقا زىيان سالغان تەقدىردىمۇ شۇنداق. روھ ئۆزىگە ئەڭ پايدىلىق نەرسىگە ئېھتىياجلىق، ئۇ تەنگە زىيان سالغان تەقدىردىمۇ شۇنداق. سىزنىڭ ھاياتىڭىز تەندە ئەمەس، چۈنكى، تەن يوقىلىدۇ ۋە ئۆلىدۇ، تەن ئۆلمەس روھىڭىزنىڭ ئۆتىڭى. سىز بۇنى چۈشىنىپ يەتكەندىلا تېنىڭىز بىلەن روھىڭىزنىڭ كەسكىن ئېلىشىشى، كۆرۈشى يوقىلىدۇ.
    ئۆز تېنىڭىزنىڭ نەقەدەر ئاجىز، زەئىپلىكىنى بىلگەندىلا سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر ياخشىلىقىنى بىلەلەيسىز.

    2-ئاينىڭ 5-كۈنى


    مېھىر-مۇھەببەت

    سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىزگە لايىق جاۋابقا ئېرىشىشنى ئويلىسىڭىز، بۇ ھەقىقىي مۇھەببەت بولماي قالىدۇ. سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ ماھىيىتى ئۆز ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە غەرەزسىز ھىممەت كۆرسىتىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق جاۋاب كۈتمەسلىك.
    ئادەم تۇرمۇش قارىشىغا تايىنىپ ئەمەس، بەلكى سۆيگۈسىگە تايىنىپلا ياشايدۇ.
    سىز خەيرخاھلىققا موھتاج، باشقا جىمى كىشى دوستلۇققا نائىل بولۇشنى ئارزۇلىسا، سىزمۇ دوستلۇققا نائىل بولالايسىز.
    دۇنيادا ياخشىلىق كۆپ بولسىمۇ، ھەقىقىي ياخشىلىق پەقەت بىرلا: باشقىلارنى سۆيۈش.
    مەلۇم سەۋەب، غەرەز ئارىلاشقان مۇھەببەت ساپ مۇھەببەت ئەمەس. سەۋەبسىز، شەرتسىز، چەكسىز مۇھەببەتلا مەڭگۈلۈك مۇھەببەتتۇر. بۇنداق مۇھەببەت يوقىلىپ كەتمەيدۇ، ئەكسىچە، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ كۈچىيىپ بارىدۇ.

    2-ئاينىڭ 6-كۈنى

     

    خاتالىق

    ھەرقانداق تۇرمۇش خاتالىقنى، ئۆزىڭىز تولدۇرۇۋەتكەن خاتالىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىزنىڭ خاتالىقىمىز تۇخۇمنىڭ شاكىلى ياكى بۇغداي دانىسىغا ئوخشايدۇ، يېڭى ھاۋا ۋە سۇ بىلەن ئۇچراشسا چۈجە تۆرەلمىسى ياكى مايسا ئۈندۈرمىسى پەيدا بولىدۇ.
    سىزنىڭ تېنىڭىز روھىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. بىراق، تۈرلۈك شارائىت سەۋەبلىك ھەمىشە ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپمۇ قالىدۇ. مانا بۇ مەن ئېيتىۋاتقان «خاتالىق».
    مەنىۋى دۇنيادا پۈتكۈل ھەممە ماددىي دۇنيادىكى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتتىنمۇ يېقىن بولىدۇ. ھەرقانداق يالغان سۆز تېخىمۇ كۆپ يالغان سۆزلەرنى پەيدا قىلىدۇ، ھەرقانداق شەپقەتسىزلىك تېخىمۇ كۆپ شەپقەتسىزلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    قاراپ باقىدىغان بولساق، بالىلار چوڭ ئادەملەردىن پاك ساقلىنىپ قالغان بولىدۇ. ئونىدىن سەككىز-توققۇزىنىڭ نىيەت-ئىقبالىنى چوڭلار تېخى بۇلغاشقا ئۈلگۈرمىگەن بولىدۇ. چوڭلار ئۆزى بىلەن كۈرەش قىلمىسا بولمايدۇ.

    2-ئاينىڭ 7-كۈنى

     

    ئېزىقىش

    تېنىڭىزنىڭ ھاجىتى چۈشكەندە، ئۇنىڭ تەلىپىنى يەنە قاندۇرۇڭ، ئەمما، تېنىڭىزنى خۇشال قىلىدىغان بەك كۆپ ئۇسۇللارنى تاپىمەن، دېمەڭ. ئۆز تېنىڭىزنى ھەددىدىن زىيادە خۇشال قىلىش، ماھىيەتتە ئۆزىڭىزگە زىيانلىق.
    پاك ياشاڭ، تېنىڭىز روھىڭىزغا خىزمەت قىلسۇن، ھەرگىزمۇ ئەكسىچە بولۇپ قالمىسۇن.
    سىزنىڭ ئازابىڭىز تېنىڭىزدە، روھىڭىز نېمىگە ئازابلانغانلىقىڭىزنى بىلمەيدۇ. سىزنىڭ روھىي تۇرمۇشىڭىز قانچىكى ئاجىز بولسا، ئازابىڭىز شۇنچىكى كۈچلۈك بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى، كۆپرەك ئۆز روھىڭىزغا تايىنىپ ياشاڭ.
    ئاشقازاننىڭ خىزمىتى روھىڭىزغا سېلىنغان كويزا-كىشەنگە ئوخشايدۇ. سىز ئاچلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يەپ-ئىچىڭ، ھەرگىزمۇ خۇشاللىق تېپىش ئۈچۈن ئەمەس.
    سىز يېمەك-ئىچمەك، قىممەت كىيىم-كېچەك ۋە كۆڭۈل ئېچىشلارغا قانچە ئاز كۆڭۈل بۆلسىڭىز، سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز شۇنچە كۆپىيىدۇ.

    2-ئاينىڭ 8-كۈنى

     

    ئىشلەش ۋە بىكارچىلىق

    ئەگەر سىز ئىشلەشنى خالىمىسىڭىز، شەرمەندىلىككە ياكى زورلۇققا ۋە ياكى ئوغرىلىققا تايىنىپ ياشىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.
    بىزنىڭ باشقىلارغا بولغان ھۆرمىتىمىز، ئۇنىڭ بايلىقى ئەمەس، سىڭدۈرگەن مېھنەت-ئەجرىگە يارىشا بولىدۇ. ئادەتتە، ھۇرۇن بولسىمۇ بەك باي كەلگەن ئادەملەر ھۆرمەت تېپىپ كېتىدىغان، پايدىلىق جىسمانىي ئەمگەك بىلەن مەشغۇل بولغانلار، ئالايلۇق، دېھقانلار ۋە ئىشچىلار ھۆرمەت تاپالمايدىغان شۇنداق بىر تۈلۈك ئەھۋالمۇ مەۋجۇت. بۇ خاتادۇر.
    پاك تۇرمۇشقا ئەڭ زىيانلىق بولغىنى، ئادەتتىكى كۈندىلىك تۇرمۇشقا−ئۆزىڭىز قول سېلىپ ئاش-تاماق ئېتىش، كىر-قات يۇيۇش، ئۆي تازىلاشقا سەل قاراش. بايلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنداق ئۇششاق-چۈششەك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشتىن باش تارتىدۇ. ئەمما، بۇلار سەمىمىي، ھالال ئادەملەر ئۈچۈن ئۆز تۇرمۇشىدىكى مۇھىم ئىشتۇر.
    مۇبادا سىز باشقىلار ئۈچۈن مېھنەت سىڭدۈرگەن بولسىڭىز، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيۇلۇپ يۈرمەڭ، شۇنداقلا ھەددىدىن ئارتۇق ئىش ھەققى ئالىمەن دەپمۇ يۈرمەڭ. شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز باشقىلارغا بەخت يارىتىش ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز تەر تۆككىنىڭىزدە، ئەمگىكىڭىزنىڭ ئۆز روھىڭىزغىمۇ پايدىسى تېگىدۇ.

    2-ئاينىڭ 9-كۈنى

     

    ھاۋايى-ھەۋەس ۋە شەھۋانىي ھېسسىيات

    كىشىلەر جىسمانىي مۇھەببەت بىلەن مەنىۋى مۇھەببەتنىڭ پەرقىنى ھەمىشە ئايرىمايدۇ. سىز بۇ ئىككىسىنىڭ ئەقەللىي پەرقىنى ئايرىيالمىسىڭىز، سەپسەتە بىلەن ھەقىقەتنى ئايرىيالمايسىز.
    ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىگە ئەگەشكۈچىلەرگە: «سىلەر ‹زىناخورلۇق قىلماڭلار› دېگەننى ئاڭلىغانمۇ› دەپتۇ. مەن سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي: قىز-خوتۇنلارنى كۆرگەندە، شەھۋەتپەرەسلىك خىيالى كۆڭلىدىن كەچسە، بۇنداق كىشى كۆڭلىدە ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغان بولىدۇ». بۇ دىنىي ئەقىدە بويىچە بولغاندا، ئادەم ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە نەپسىنى يىغىپ ياشىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئەڭ ياخشى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.
    ھاماقەتلەر، كۆڭلى خۇشال بولسىلا بولدى، دەپ بىلىشىدۇ، بۇنداقتا گۇناھ بولىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، جىنسىي مۇناسىۋىتتە ئۆز كۆڭلىنى ئېچىشنىلا ئويلىسا، ئوخشاشلا گۇناھ بولىدۇ. ئۇ، روھقا زىيانلىق.
    بەزىلەر، نىكاھ-توي ۋە بالىغا بولغان ئارزۇغا نىسبەتەن، ئۆزلىرى خۇدانىڭ قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىشمايدۇ-يۇ، خوتۇن-بالىلىرىنىڭ خۇدا قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئارمان قىلىشىدۇ.

    2-ئاينىڭ 10-كۈنى

     

    گۇناھ

    تەننىڭ گۇناھى، ئالايلۇق، نەپسى تويماسلىق، ھۇرۇنلۇق ۋە شەھۋەتپەرەسلىكلەرنىڭ ئۆزى رەزىللىكتۇر، بىراق، ئۇنىڭ رەزىللىكى كىشى بىلەن كىشى ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.
    مۇبادا سىز، ھەر بىر ئادەم مېنى ياخشى كۆرسۇن دېسىڭىز، ماددىي مەنپەئەتكە زىيادە ئېتىبار بېرىپ كەتمەڭ، چۈنكى، باشقىلار ئېرىشكەن نەرسىنىڭ ھەممىسىگە سىزنىڭمۇ ئېرىشەلىشىڭىز ناتايىن. ئەكسىچە، سىز روھىڭىزنىڭ خۇشاللىقىنى قىزغىن سۆيۈشىڭىز كېرەك−روھىي خۇشاللىق ھەممە كىشى ئىگە بولالايدىغان نەرسىدۇر.
    باشقىلارنى چۆكۈرمەڭ ھەم ئۇچۇرۇپمۇ يۈرمەڭ. باشقىلارنى چۆكۈرۈش، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى توسۇۋالىدۇ. باشقىلارنى زىيادە ئۇچۇرۋېتىش، باشقىلارغا بولغان ئۈمىد-تەلەپنى زىيادە چوڭايتىۋېتىدۇ. سىزنىڭ باشقىلارغا بولغان ھۆرمىتىڭىز، باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان ھۆرمىتى بىلەن باراۋەر بولسۇن.
    بۇددا مۇرىتلىرى، گۇناھ ھاماقەتلىكنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، دېيىشىدۇ. بۇ قاراش بارچە گۇناھلار، جۈملىدىن، باشقىلارغا بولغان ئۆچمەنلىك-ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىكنى ئىپادىلەشكە ماس كېلىدۇ.

    2-ئاينىڭ 11-كۈنى

     

    تەكەببۇرلۇق

    قېرنداشلىرىغا قىر كۆرسىتىش، قېرنداشلىرىنى سۆيگەنلىك ئەمەس، بۇ ئىپلاسلىقتۇر. ئەمما، ئۆزىنى قېرىنداشلىرىدىن قالتىس چاغلاش، ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە ئىپلاسلىقتۇر.
    ئۆزىنى باشقىلاردىن يۈكسەك بىلىۋېلىش، ھاماقەتلىك. بىر دۆلەت ئۆزىنى باشقا دۆلەتلەردىن كۈچلۈك چاغلىۋېلىش، تېخىمۇ ھاماقەتلىك.
    ئادەم ھەرقانچە يۈكسەك بولۇپ كەتسىمۇ ئاسمانغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنى كەمكۈتسىز ھالدا مۇكەممەللەشتۈرەلمەيدۇ.
    سىز پەقەت ماددىي تۇرمۇشىڭىز بىلەنلا باشقىلارنى مەنسىتمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ھالبۇكى، سىز ناۋادا مەنىۋى تۇرمۇشقا دىققەت قىلسىڭىز، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىڭىز بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتەلەيسىز.
    باراۋەرسىزلىك بىلەن ھەقىقىي سۆيگۈ-مۇھەببەت زادىلا سىغىشالمايدۇ. سۆيگۈ قۇياشتۇر، ئۇ ھەممە كىشىنى يورىتىدۇ. مەگەرچەندە، ئۇ بەزى ئادەملەرنىلا يورۇتۇپ، يەنە بەزى ئادەملەرنى يورۇتالمىسا، ئۇنى قۇياش دېمەيمىز، سۆيگۈمۇ دېمەيمىز.

    2-ئاينىڭ 12-كۈنى

     

    شۆھرەتپەرەسلىك ۋە نام-ئاتاق

    نام-ئاتاق ئۈچۈنلا ياشاش تولىمۇ خەتەرلىكتۇر. ئۆزىڭىز ئۈچۈنلا ياشىسىڭىز، سىزنىڭ مەغلۇبىيىتىڭىز ئۆزىڭىزنى نابۇت قىلىدۇ. ئەمما، نام-ئاتاق ئۈچۈنلا ياشىسىڭىز، باشقىلارنى ھەسسىلەپ نابۇت قىلىسىز.
    باشقىلارنىڭ سىزگە قانداق قارايدىغانلىقىغا بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەڭ. بۇنداق پەرۋاسىزلىق بولمىسا، سىز ئەركىن-ئازادە بولالمايسىز.
    يېتەرسىزلىك ۋە ئېزىقىش يېشىڭىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بارا-بارا ئازىيىپ بارىدۇ، بىراق، سىز بالىلىقىڭىزدىن تارتىپ تاكى قېرىپ ئۆلگىچە شۆھرەتپەرەسلىكتىن ئىبارەت بۇ ئاجىزلىقىڭىز بىلەن توختاۋسىز كۆرۈش قىلىشىڭىز كېرەك.
    خۇدا ئاسمان-زېمىننى ياراتتى. بىراق، بىز بۇ ئۇقۇمنى چۈشىنىش شۇنداقلا ئۇنىڭدىن بەختىمىزنى تېپىشقا ئامالسىزمىز. خۇدا ھەم بىزلەرنىمۇ ياراتتى، بەخت-سائادەتنى چۈشەنسۇن، دەپ. بىز بىر پۈتۈنلۈكنىڭ بىر قىسىمى قىلىپ يارىتىلغان ئىكەنمىز، ئاشۇ بىر پۈتۈنلۈك ئۆزىنى سۆيۈشى زۆرۈردۇر.

    2-ئاينىڭ 13-كۈنى

     

    ئاچكۆزلۈك ۋە بايلىق

    ئىنساپ بولسا باي بولماس، باي بولسا ئىنساپ (بولماس).
    −چىن ماقالى.
    «مېنىڭ باي بولۇشۇم، باشقىلاردىن مېنىڭ ياخشى بولغانلىقىمدىن» دېيىشىدۇ بەزىلەر. «مەن باشقىلاردىن ياخشى، شۇ سەۋەبتىن مەن باي» دېيىشىدۇ شۇنداقلا يەنە بەزىلەر. بەرھەق، بايلارنىڭ خۇدالىق ئالەمگە كىرمىكى ھەقىقەتەن تەس.
    سىز شۇنداق بايلىق توپلاڭكى، ھېچكىممۇ سىزدىن ئۇ بايلىقلارنى ئېلىپ كېتەلمىسۇن، ئۇ بايلىقلار سىز قازا تاپقاندىمۇ مەڭگۈ سىز بىلەنلا تۇرسۇن. بۇنداق بايلىقلار سىزنىڭ روھىڭىزدا ساقلىنىدۇ، سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تولغان ھاياتتا ساقلىنىدۇ.
    يەكدىل، ۋىجدانى ئەركەك كىشى قىستاڭ ھۇجرىدا، نېپىزگىنە گىلەملا سېلىنغان پولدىمۇ تۈن بويى راھەتلىنىپ ئۇخلىيالايدۇ. ئەكسىچە، ئىككى باي ئون ياتاقلىق كاتتا سارايدىمۇ بىر-بىرىگە كۆنەلمەي ئىچى سىقىلىدۇ.
    ۋاقىت ئۇزارغانسېرى باي ئاستا-ئاستا نومۇس قىلىشقا، گادايمۇ ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلايدۇ.

    2-ئاينىڭ 14-كۈنى

     

    تەكەببۇرلۇق

    كىشىلەر قەدىمكى دەۋر، ھەتتا ئوتتۇرا ئەسىردىمۇ بارچە مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى باراۋەر ئەمەس، بەزى مىللەتلەر (ئالايلۇق، پارسلار، گرېكلار، رىملىقلار ياكى فرانسۇزلار) باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا ساپالىق دەپ ئىشىنىشكەن. ئەمدىلىكتە بىز بۇنداق قاراشقا ئىشەنمەس بولدۇق.
    پەقەت بالىلارلا ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ھەقىقىي باراۋەرلىكنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. چوڭلار بالىلارغا ئادەملەرگە باراۋەر قارىماسلىقنى ئۆگىتىشىدۇ، بۇ جىنايەتتۇر.
    مىللەتچىلىك بىر خىل بىر تەرەپلىمە قاراش، ئۇ ئادەم بىلەن ئادەم باراۋەر ئەمەس دېگەن قاراش ئاساسىغا قۇرۇلغان.
    باينىڭ ئۆيىدىكى مالاي، خرىستىئان ئەقىدىسىگە زىت، بىمەنە ھادىسىدۇر.
     ئەخلاقنى تەكىتلىگۈچىلەر ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆيى ياكى دۆلىتى بىلەنلا چەكلەپ قويىدۇ، بىراق، بۇ ئەمەلىيەتتە نەپسانىيەتچىلىكنى تەرغىب قىلىشتۇر. دۆلەت بىلەن ئائىلە ئىنسانىيەت چوڭ چەمبىرىكىدىكى ئىككى كىچىك چەمبىرەكتۇر.

    2-ئاينىڭ 15-كۈنى

     


    سوتلاش ۋە جازالاش

    سىزدىن ئۆچ ئالغان ۋە جازالاپ خورلىغان ياكى سىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەم مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، خاتا قىلغان بولىدۇ.
    توسالغۇ بولغان كىشىلەر ئۈچۈن زوراۋانلىق ئېھتىياجلىق توساققا ئايلىنىدۇ. بىراق، توغان-توسمىلار دەريانىڭ ئېقىنىنى توختىتالمىغاندەك، زوراۋانلىقمۇ ھېس-ھاياجان ئېقىنلىرىنى توسۇپ قالالمايدۇ، ھېس-ھاياجان ئېقىنلىرى بالدۇرراق قويۇپ بېرىلىشنى ئىستەيدۇ.
    ھەممىمىزگە ئايانكى، يامانلىقنى يامانلىق بىلەن تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئادەم خاتالىق ئۆتكۈزگەنىكەن، جازاسىنى تارتىشى كېرەك دەپ تونۇساق، بىزنىڭ خاتالىقىمىزغا يەنە ئۈستىلەپ خاتالىق قوشۇلغان بولىدۇ. يامانلىققا يامانلىق قىلىش، بىزنى يامانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايدۇ، ئەكسىچە يامانلىقنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ.
    باشقىلارنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرۈشىمىز، ئۇلارنىڭ يۈزىدىكى داغنى كۆرگەندەك بىر ئىش. ئەمما، بىز ئۆزىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرەلمەيمىز، چۈنكى، بىز ئۆزىمىزنىڭ ۋىجدان ئەينىكى بىلەن ئۆزىمىزنى كۆزىتىپ باقمايمىز. دېمەك، بىز ھە دېسە باشقىلارنىڭ يېتەرسىزلىكىنى سۆكمىسەكلا، ساغلام، پاك ئادەم بولالايمىز.

    2-ئاينىڭ 16-كۈنى

     

    زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش

    جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى، كىشىلەرنىمۇ ياخشىلايدۇ، بۇ قارىماققا شۇنچىكىم ئاددىي بىر ئىس. شۇڭا بىز ئۆز ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنى ئامال بار ئۆزگەرتمەكچى بولىمىز، يەنى، مەنىۋى ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز ۋە ئىچكى كامالەت ئۈچۈن قانچىلىك ئىجتىھات كۆرسەتكەنلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمىز. جەمئىيەتنى ياخشىلاشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى سىزنىڭ مەنىۋى ئۆز-ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.
    كۆپلىگەن بىر تەرەپلىمە قاراشلار، خاتا ئىخلاس-ئەقىدىلەر، ساختا مۇئامىلىلەر، مەنىسىز رەسىم-قائىدىلەرنىڭ ھەممىسى خۇداغا قانداق ئىخلاس قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. يەنە شۇنداق بىر تەرەپلىمە قاراشمۇ باركى، ئۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا ئۆز قارىشىنى قوبۇل قىلىشىغا مەجبۇر قىلىدۇ، باشقىلارغا قانداق قىلىپ پاك-ھالال ياشاش، نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىدۇ.
    جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەر بىرىمىز قەلبىمىزنى تاكامۇللاشتۇرۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، بۇ تاش ئۆينى قايتا سالغاندا تاش پارچىلىرىنى چېقىش ھەم باشقىدىن تىزىپ قويۇشقا توغرا كەلگەندەك، لاي بىلەن ئۇلارنى قوپۇرۇشنىڭ ئورنى بولمىغاندەك ئىش. مەيلى سىز تاشلارنى قايسى تەرزدە قوپارماڭ، لاي ئىشلەتمىسىڭىز ھاۋا بىر ئۆزگەرسىلا، سالغىنىڭىز چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كېتىدۇ.
    دۇنيانى ياخشىلاش، مۇھەببەت ئارقىلىق زوراۋانلىقنى كونترول قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۇنۇ بىر نۇقتىنى چۈشىنىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ئاساسىي زوراۋانلىقتىن قورقۇش ئەمەس، بەلكى سۆيگۈ-مۇھەببەتتۇر.

    2-ئاينىڭ 17-كۈنى

     

    ئىشلەش ۋە بىكارچىلىق

    كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ زور توسالغۇ: بەزىلەر باشقىلارنى ئۆزى رازى بولغىدەك ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلاش. كىشىلەر ھامان بىر كۈنى شۇنى چۈشۈنۈپ يېتىدۇكى، دۇنيادا ئورتاق بىر خىل قانۇنىيەتمۇ بار، ئۇ زوراۋانلىق قانۇنىيىتى ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئارا بىر-بىرىنى سۆيۈش قانۇنىيىتىدۇر.
    −فېلشىت روبېرت دې لامېننەي
    ئوغرى-بۇلاڭچىلار ئوغرى-بۇلاڭچىلىق بىلەن ياشايدۇ. ئۇلار داۋاملىق ئوغرى-بۇلاڭچىلىق قىلىۋەرسە، سىز ئۇلارنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، دەپ قارايسىز. ئۇلارنى ئىبادەت ۋە بېشىدا كۆتىرىشلەرمۇ ئەسكى ئىشتىن قول ئۈزۈپ، ياخشى ئىش-ئەمەللەرنى قىلدۇرالمايدۇ. بايلار ۋە ھۇرۇنلارمۇ شۇنداق. ئۇلار ئۆزلىرى ئىشلىمەي، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە تايىنىپلا ياشايدىكەن، ئۇلارنىمۇ ياخشى ئادەم قىلىپ ئۆزگەرتىپ بولغىلى بولمايدۇ، ئۇلار مەيلى ھەرقانچە ئىبادەت قىلسۇن ۋە خۇدادىن تىلىسۇن.
    ئىش تەقسىماتىنى تەشەببۇس قىلغۇچى، ئۆزى ئەڭ يەڭگىل ئىشنى ئېلىۋالىدۇ. بىراق، غەلىتە يېرى شۇكى، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇش خىزمىتى جاپالىق ئەمگەك مەشغۇلاتىغا، بەلكى ئۇلار قاچقان جىسمانىي ئەمگەك ئادەمنى ئەڭ ھۇزۇرلاندۇرىدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.
    بىكارچىلىق ئەڭ بۈيۈك تالانتنىمۇ يوقىتىدۇ.−مونتاگن

    2-ئاينىڭ 18-كۈنى

     

     

    ھەقىقەت

    بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز دىنسىزلاردىنمۇ ئۆتە ئوسال، ھەتتا ناچار. چۈنكى، بىزنىڭ قوبۇل قىلغىنىمىز ساختا ھەقىقەت، ھەرگىزمۇ ھەقىقىي ھەقىقەت ئەمەس.
    كىشىلەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۆزلىرىنىڭ بىر خىل «دىنىي جەمئىيەت» تەشكىلاتلىرىنى بەرپا قىلالايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ، گۇناھتىن نېرى بولالىسا، شۇ ئوخشاش ئىشنى تەشۋىق قىلىدىغان ۋە چۈشەندۈرىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيدا بولىدۇ. بۇ ئىككى تۈركۈم كىشىلەر بىر-بىرىنى ئۆز ئارا ئەيىبلىشىپ، يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى قىلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا خاتالىققا يول قويۇشىدۇ.
    ھەرقانداق ئاسارەتكە خاتا ئېتىقاد ئاساسىدىكى ئاسارەتتىن ئاسان چىداشلىق بەرگىلى بولىدۇ. مەلۇم مەزھەپ ياكى دىنىي جەمئىيەتنىڭ قۇلىنى ئىگىسى ئۈزۈك-كېسىل قامال قىلىۋالغان بولىدۇ.
    بىز تەنقىد تەتبىقلانغان دەۋردە ياشىماقتىمىز، ھەممە نەرسىنى قاتتىق سىناپ-تەكشۈرىمىز ھەمدە باھا بېرىمىز.
    ئىككى تۈرلۈك ئادەم ئۆزىنى تەنقىدتىن قاچۇرىدۇ: روھانىيلار مۇقەددەسلىكنى شىپى كەلتۈرۈپ، تەنقىدتىن قاچىدۇ؛ قانۇن چىقارغۇچىلار ھوقۇقنى بانا قىلىپ تەنقىدتىن قاچىدۇ.
    −كانت
    2-ئاينىڭ 19-كۈنى

     

    ساختا ئىلىم

    مۈشۈك ياپىلاق زۇلمەت ئىلكىدە كۆرەلىگەن نەرسىسىنى كۈچلۈك يورۇقتا كۆرەلمەيدۇ. كۆپلىگەن ئۆلىما-ئالىملارمۇ شۇنداق. ئۇلار نۇرغۇنلىغان كېرەكسىز، ئۇششاق-چۈششەك بىلىملەرنى بىلىشىدۇ-يۇ، تۇرمۇشقا كېرەكلىك ئەڭ مۇھىم ئىلىم−بۇ دۇنيادا قانداق ياشاشنى بىلمەيدۇ.
    كىشىلەر ھەرقانداق ئىشتا خاتا قاراشتىن ساقلىنالمايدۇ، خۇددى شۇنىڭدەك، بۇ دۇنيادا ساختا ئىلىمدىنمۇ ساقلانغىلى بولمايدۇ. بەزى قاراشلار كىشىلەر تەرىپىدىن بىردىن-بىر ھەقىقەت دەپ قارىلىدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى بولماستىن، بەلكى، ئالىملارنىڭ ئۇنى كەم بولسا بولمايدۇ، دەپ قارىۋالغىنىدا. شۇنداق قىلىپ، ئىلىم سەپسەتىگە ئايلىنىدۇ. بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادا بۇنداق ئەھۋال ھەمىشە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
    كاللا قوبۇل قىلغان بىلىمنىڭ ئىقتىدارى ھەرگىزمۇ چەكسىز بولمايدۇ. شۇڭا، سىزنىڭ بىلىمىڭىز كۆپ بولسا پايدىلىق دەپ ئارتۇقچە ئىشىنىپ كەتمەڭ. مۇھىم بولمىغان كۆپ نەرسىلەرنى بىلىش، ھەقىقىي بىلىمنى ئۆزلەشتۈرۈشكە توسالغۇ بولىدۇ.

    2-ئاينىڭ 20-كۈنى

     

    تىرىشچانلىق

    بىراۋ ئۆزىنى ئۆزگەرتىۋاتقان، تاكامۇللاشتۇرۇۋاتقاندا، بەلكىم بۇرۇنقى كونا يولىغا چېكىنىشى مۇمكىن، بىراق ئۇ ھامان ئۆزىنى يەنە ئۆزگەرتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇ بەرىبىر ئارقىغا ئاز-تولا چېكىنسىمۇ، ئالدىغا كۆپ ئىلگىرىلەيدۇ. ئۆزىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىغان ئادەم ئاخىرى چوقۇم غەلىبە قازىنىدۇ.
    بىز نا توغرا قاراشنى چۆرۈپ تاشلاشقا ھەقلىق، خۇدا بىزنىڭ يېتەرسىزلىكىمىزنى تۈزەتكۈچىدۇر. ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىممۇ سىزنىڭ يېتەرسىزلىكىڭىزنى سىزگە ۋاكالىتەن تۈزىتىپ قويالمايدۇ. سىز تاماقنى قول ئۇچىدىلا ئەتكەن، يەنە كېلىپ مەينەترەك ئېتىپ قويغان بولسىڭىز، خۇدا ئىلاھىي قۇدرىتى بىلەن ئۇنىڭغا قول تىقىپ، بىردىنلا ئوخشىتىپ قويىدۇ، دەپ ئۈمىد كۈتمەڭ.
    −يوھان رۇسكىن
    ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتمەسلىكى، ئادەمنى خاتالاشتۇرمايدۇ دېيىش، خاتادۇر. بۇ، ئۆزىنى ئادەم ئەمەس، بەلكى ھايۋان ياكى جانسىز ئورگانىزم ئورنىدا كۆرگەنلىك. ئىنسانلار، بىزنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە قۇربىمىز يېتىدۇ، دەپ چۈشىنىدۇ.
    ھەر خىل دىنلار بىزنى يېتەكلەيدۇ: بىزنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمىز، بىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ھايۋان تۇرمۇشى باسقۇچىدىن ئەڭ بۈيۈك روھىي تۇرمۇش باسقۇچىغا ئۆتكىچە جەرياننىڭ ئۆزى بىر خىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتۇر.

    2-ئاينىڭ 21-كۈنى

     

    دۇنيادا گۇناھ يوق

    كىشىلەر ئۆزى ئۈچۈن بايلىق، خۇشاللىق ئىزدەشكە تىرىشىدۇ، ياكى ئۆزى ئۈچۈن تالاش-تارتىش قىلىشىدۇ؛ بىراق، ئۇنىڭدىكى ئازغىنە تىرىشچانلىقنى ھەركىم ئۆزىدىكى ۋىجدانغا قارشى تۇرۇشقا ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئۆزلۈكىنى يېڭىلاشقا ئىشلەتسە، بۇ دۇنيادىكى جىمى يامانلىق، گۇناھى كەبىرلەر ئوڭايلا يوقالغان بولاتتى.
    ئۆزىڭىز سۆيگەن ئادەملەر قىلىپ سالغان ئەسكى ئىشلىرىنى يېيىپ يۈرمەڭ ياكى ئاغرىنماڭ. باشقىلار سۆز-چۆچەك قىلىشسا، باھا بېرىشسە ياكى ھەقەمسايىلىرىڭىزنى تەنقىد قىلىشسا، بىلىپ-بىلمەي قوشۇلۇپ قالماڭ. باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قانچە ئاز قىلسىڭىز، سىزگە شۇنچە پايدىلىق. سىز بۇ دۇنيالىق ياخشى ئىشلارنى كۆپەيتەلمەيسىز. سىزنىڭ ھايات تۇرۇشىڭىزنىڭ ئۆزىلا ياخشى بىر ئىش. سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز، ئۇنىڭغا زىيان سالماسلىقلا-خالاس. بىز بەزىدە ھەقىقەتەن بەك مەنىسىز ياشايمىز، بىراق، بۇ ئەسلى قىلىشقا بولمايدىغان يامان ئىشلارنى قىلىپ سالغانلىقىمىزدىندۇر.
    «Aut bene, aut nihil» بۇ جۈملىنى «ئۆلگۈچىگە نىسبەتەن ياخشى گەپ بولسا دېگۈلۈك، ياكى زۇۋان سۈرمەي جىم تۇرغۇلۇق» دەپ چۈشىنىلسە، بۇ خاتا بولغان بولىدۇ. سىز بۇنىڭ ئەكسىچە مۇنداق دەڭ: «ھاياتلارغا نىسبەتەن ياخشى گەپ بولسا دېگۈلۈك، ياكى زۇۋان سۈرمەي جىم تۇرغۇلۇق». شۇنداق قىلغاندىلا بىزنىڭ سەۋەنلىكىمىزنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ پەرقىنى ئايرىۋالغىلى بولىدۇ.

    2-ئاينىڭ 22-كۈنى

     

    ئىدىيە

    سىز رېئاللىقتىكى گۇناھ، ئېزىقىش ۋە يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى يوقىتىپ بولالمايسىز. پەقەت ئۇلارنى ئۆز ئىدىيىڭىزدىلا يوقۇتالايسىز.
    بىز داۋاملىق بۇ دۇنيانى ئالغا سىلجىتىدىغان مەنىۋى قۇدرەتكە دىققەت قىلمايمىز. كىتاب، گېزىت، قانۇن ۋە ئىلمىي ژۇرنالدىن ئۇنى ئىزدەپمۇ تاپالمايمىز. ئۇ شەكىلسىز، ئەزەلدىن ئەركىن. سىز ئۆز ئىدىيىڭىزدىن ئۇنى تاپالايسىز، ئۇ سىزنىڭ مەنىۋى قۇدرىتىڭىزدۇر.
    بۇ دۇنيا خۇسۇسىدا پىكىر يۈرگۈزگەندە، دەسلەپ سىز قەلب سادالىرىڭىز ئارقىلىق سۆزلەڭ، پەقەت شۇنداق قىلىش ئارقىلىقلا سىز ئاندىن باشقىلارغا سۆزلەشكە ھەقلىق.
    ھاياتقا دائىرە بەلگىلەش، كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە ئاساسەن بولماستىن، بەلكى ئۇ ئىش-ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئىچكى ئىدىيىگە ئاساسەن بولىدۇ؛ پۈتكۈل بىر دۆلەت دائىرىسىنى بەلگىلەشتىمۇ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەشتە، ئۇنىڭ تاشقى ھادىسىلىرىگە ئەمەس، بىر پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق ئىدىيىسىگە ئاساسلىنىدۇ.
    روھنى ماكان تۇتقان بۈيۈك ئىدىيىلەر ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.

    2-ئاينىڭ 23-كۈنى

     

    ھەقىقەت

    بىراۋلارنىڭ ئېغىزدىكى گەپ-سۆزىگە قاراپلا ھەرقانداق ئىشىغا ئىشىنىۋېرىشكە بولمايدۇ. ئاۋۋال ھەممىنى ئويلۇنۇڭ ۋە ئانالىز قىلىڭ، ئاندىن سىزنىڭ ئەقىل-ئىدرىكىڭىز ئىسپاتلىغان ئىشلارنىلا ئېتىراپ قىلىڭ.
    پاك، ھالال ياشاش ئۈچۈن ھەقىقەتكە تايىنىش كېرەك، بۇرۇنقى ئاقىللار ئۇ يەردىن يېتەكلىنىشنى ئىزدىگەن.
    سىز ئەقلىي كۈچىڭىزنى ئىشقا سالسىڭىزلا ھەقىقەت سىزنى تاپىدۇ.
    ئەگەر، ھەقىقەتنى چۈشەنمەك بولسىڭىز، ئاۋۋال شەخسكە پايدىلىق بارچە ئىدىيىلەردىن قۇتۇلۇپ، ئاندىن ھۆكۈم قىلىڭ.
    ھەقىقەتنى چۈشىنىشكە ئىنتىلگەن ھەر بىر كىشى ماڭا دېھقاننى ئەسلىتىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق تاللىشى ھەقىقەت، دېھقاننىڭ ئەڭ ياخشى ئۇرۇقنى تاللىغىنىدەك، بۇ ھەقىقەت ئۇرۇقىنى تېرىيدۇ، دېھقان تۇپراققا ئۇرۇق سالغاندەك. ئاغزاكى گەپ-سۆزلەر سىزنىڭ ئاساسلىق قورالىڭىزدۇر.

    2-ئاينىڭ 24-كۈنى

     

    كەمتەرلىك ۋە كىچىك پېئىللىق

    ھەقىقىي پەزىلەت ئىگىلىرى ئۆزىنى ئېسىل پەزىلەتلىك ئادەم دەپ قارىمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار پەزىلەتكە ئىگە ئادەملەردۇر.
    ھەقىقىي پەزىلەت ئۆزىدىن سۆز ئاچمايدۇ، ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلمايدۇ. ساختا پەزىلەت ئۆزىنى ھەممە يەردە كۆز-كۆز قىلىشقا، ئۆزىنى ئۇچۇرۇشقا موھتاجدۇر.
    ئەخلاقىي پەزىلىتى ياخشى، كىچىك پېئىل، ئەمما ئەقىللىق كەلگەن ئادەم ئاشۇ ئۆزى ناخشا ئېيتىپ ئۆزى دۇمبىقىنى چالىدىغان پەزىلەتسىزلەرگىمۇ ھۆرمەتسىزلىك قىلمايدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، كىچىك پېئىل، ئەقىللىق ئادەم باشقىلارنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆڭلىدە دەڭسەپ بولىدۇ، ھاماقەت ئوي-خىياللىرىنى ئۆزىگە شۇنداق ئىشەنگەن ھالدا سۆزلەپ يۈرمەيدۇ.
    كەمتەرلىك بارچە ئېسىل پەزىلەت ۋە ئەقىل-پاراسەتنىڭ ئاساسى. ئۆزىنى كىچىككىنە بىر قورۇت-قوڭغۇز، بىر زەررە، بىر يوقلۇق دەپ قاراشتىنمۇ پايدىلىق ئوي-پىكىر مەۋجۇت ئەمەس.
    مۇبادا، سىز ئۆزىڭىزنى بۈيۈك ئەمەس، ئاددىيلا بىر ئادەم دەپ قارىسىڭىز، ئۆلۈممۇ ئالدىڭىزدا قورقۇنچلۇق نەرسە بولماي قالىدۇ، بەلكى ھاياتنىڭ ھەقىقىي خۇشاللىقىغا نائىل بولالايسىز.

    2-ئاينىڭ 25-كۈنى

     

    ئۆزىنى قۇربان قىلىش

    سىز ئۆز تېنىڭىزگە قانچىكى دىققەت قىلمىغانچە، ئۆزىڭىزنىڭ روھىي تۇرمۇشىدىن ئېرىشىدىغىنىڭىز شۇنچىكى كۆپ بولىدۇ. سىز ئۆزىڭىزگە ئەڭ كېرەكلىك نەرسىنى تاللىۋېلىڭ.
    مەڭگۈ توختاپ قالماي داۋام قىلىدىغان بىردىن-بىر ئىش، باشقىلار ئۈچۈن ياشاش. باشقىلار ئۈچۈن ياشىغاندا، سىزنىڭ ھاياتىڭىز خۇشال ھەم تىنچ-خاتىرجەم ئۆتىدۇ.
    سىز ھەقىقىي ئېتىقادقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۆزىڭىزدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۆزىڭىزدىن ۋاز كېچىش ئۈچۈن ئېتىقادقا موھتاج بولىسىز. بۇ ئىككىسى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ.
    ۋاقىت ئاققان سۇدەك ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ، بىراق، «ئادەم قانداق بولغاندا ھالال-پاك ياشىغىلى بولىدۇ» دېگەن بۇ سىر ئاخىرغىچە يېشىلمەيدۇ−ئەمما، ئۇ ئەمەلىيەتتە بۇرۇن-بۇرۇنلا ئاللىقاچان يېشىپ بولۇنغان.
    ئادەم مەنىۋى تۇرمۇشى ئۈچۈن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىسمانىي تۇرمۇشىنى قۇربان قىلمىقى زۆرۈردۇر.

    2-ئاينىڭ 26-كۈنى

     

    ھازىردا ياشاش

    سىزنىڭ مۇشۇ ھازىر ئىچىدە ياشىشىڭىز خۇدانىڭ بىز بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان پەيتىدۇر. شۇڭا، سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزدىكى بىر مىنۇت ۋاقىتمۇ ھەرقانداق نەرسىدىن قىممەتلىك. سىز بۇ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىۋەتمەسلىكىڭىز ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ، ئۆز قەلبىڭىزدىكى خۇدانىڭ بېشارەتلىرىنى ئىنچىكىلەپ كۆزىتىڭ.
    ياشىغانسېرى مېنىڭ زېھنىممۇ ئېچىلىدۇ. غەلىتە يېرى شۇكى، كۆز ئالدىمغا ياخشى، گۈزەل نەرسىلەرلا كېلىدۇ. گاھىدا، بۇ كەچمىشلەرنىڭ ماڭا بەخش ئېتىدىغان شادلىقى ھەتتا كۆز ئالدىمدىكى ئەمەلىي خۇشاللىقلاردىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ھەممىنىڭ يوقالماسلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇرۇن مەۋجۇت بولمىسا، كەلگۈسىدىمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ، چۈنكى، ھەممە نەرسە مۇشۇ زامان، مۇشۇ ماكاندا، ھەممىسى كۆز ئالدىڭىزدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
    ئەگەر، سىز كۆز ئالدىڭىزدىكىنى سۆيۈپ ياشايمەن دېسىڭىز، كەلگۈسى ھاياتىڭىزغا ياكى ئۆلگەندىن كېيىنكى ھاياتقا گۇمان بىلەن قارىمايدىغان بولىسىز.

    2-ئاينىڭ 27-كۈنى

     

    تىرىشچانلىق
     
    بىز ئۆزىمىزنىڭ ھايۋانىي مەۋجۇدىيىتىمىزنى روھىي مەۋجۇدىيەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز، رەزىللىك بىلەن كۆرۈش قىلىشىمىز زۆرۈر. ئۆزىمىزنىڭ دىشۋارچىلىق، بەختسىزلىك ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىز ئۈستىدىن غالىب كەلگەندىلا ئاندىن پىشىپ يېتىلىمىز، ئۆزىمىزنىڭ روھىي ئۆزلۈكىگە تېخىمۇ يېقىنلىشالايمىز.
    تۇرمۇشتا تەلەيلىك كىشى باي، ساغلام بولسىمۇ ئادەتتىكى قىيىنچىلىق-دوقاللارغا دۇچ كەلمەيدۇ، ئۇلار ھامان بۇزۇلۇپ ياكى ئىرادىسى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، دېيىشىدۇ كىشىلەر. بۇنىڭدىن سىز ئادەم ياشاش داۋامىدا نېمە ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش كېرەكلىكىنى بىلەلەيسىز. بىز مۈشكۈلاتتىن زارلاپ يۈرمەي، ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىز كېرەك.
    ئادەم خۇدا روھىنىڭ بىر قىسىمى، خۇدانىڭ روھى ئادەمنىڭ جىسمىنى ئوراپ تۇرىدۇ. ھاياتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئادەم بۇنى ئويلاپ يېتەلمەيدۇ، ئۇ پەقەت ئۆز ھاياتىنىڭ تەننى ئاساس قىلىدىغىنىغىلا ئىشىنىدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتى ئۇزارغانچە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ھاياتى تەننى ئەمەس، روھنى ئاساس قىلىدىغىنىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ.
    ئەگەر، سىزنىڭ دۈشمىنىڭىز بولسا، ئۇنى قانداق كۆچۈرۈشنى ۋە ئۆز دۈشمىنىڭىزنىمۇ سۆيۈشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. شۇنداق بولغاندا، سىزنىڭ ئېرىشىدىغىنىڭىز، دۈشمىنىڭىزنى كەچۈرمىگەندىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.

    2-ئاينىڭ 28-كۈنى


    ئۆلۈم

    ئەگەر، ھايات بىر مەيدان چۈش كۆرۈش بولسا، ئۆلۈم-مامات چۈشتىن ئويغىنىش، ئانداقتا كەلگۈسىدىكى چۈشۈمگە نىسبەتەن ئۆزۈمنى باشقا بىر خىل مەۋجۇدىيەت دەپ قاراشقا بولىدۇ.
    ئىنسانلارمۇ ھايۋانلارغا ئوخشاشلا ئۆلۈمگە قارشىلىق كۆرسەتسىمۇ، بىراق، ئادەمدە ئەقلىي ئىقتىدار مەۋجۇت، ئادەم ئۆلۈمگە قارشىلىق كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ، ئادەمنىڭ ئۆلمىكى بەرھەق، دەپ قارايدۇ.
    ھەر بىر كىشىنىڭ ھاياتى ھەددى-ھېسابسىز ئۇششاق ئۆزگىرىشلەردىن تۈزۈلگەن، بىز ئاددىي كۆز بىلەن ئۇلارنى كۆرەلمەيمىز، ئۇلار ھەر مىنۇت بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا رۇي بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ دەسلىپىدە بىز تېخى كىچىك بالا، ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا بولسا ئۆلۈم بىزگە يېپىشقان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۆلۈمنى بىز چۈشىنىشكە قادىر ئەمەسمىز. ئۆلۈم شەكىللەرنىڭ ئۆزگىرىشى، بىزنىڭ روھىمىز مۇشۇ شەكىللەرگە ئولتۇراقلاشقان، بىز شەكىل بىلەن مەزمۇننى ئارىلاشتۇرۇۋەتسەك بولمايدۇ.
    بىزنىڭ ھاياتىمىز، تەۋەللۇت بولغاندىن تاكى ئۆلگىچە قەدەر بىزنىڭ چۈشىمىز−بىز ھەقىقىي ھايات دەپ قارىغان بىر مەيدان ئۇزۇن چۈش−نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭدىنمۇ بۈيۈك ھايات بىزنى تېخى ئالدىمىزدا ساقلاپ تۇرامدۇ؟

    2-ئاينىڭ 29-كۈنى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.