سۆيگۈ ئاچاللىرىدا 7

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-17 11:21:26

سۆيگۈ ئاچاللىرىدا 7يەكشەنبە كۈنى فۇئات بىلەن كۆرۈشكەندە بىر ئارتىسقىلا ئوخشاپ قالدىم، چۈنكى شۇنچە سەزگۈر فۇئات ئىچكى دۇنيارىمدىكى چوڭ داۋالغۇشنى پەقەتلا سېزەلمىدى، ئىچىمدە ئۇ كوماندروپكىغا...



     

    سۆيگۈ ئاچاللىرىدا 7

    يەكشەنبە كۈنى فۇئات بىلەن كۆرۈشكەندە بىر ئارتىسقىلا ئوخشاپ قالدىم، چۈنكى شۇنچە سەزگۈر فۇئات ئىچكى دۇنيارىمدىكى چوڭ داۋالغۇشنى پەقەتلا سېزەلمىدى، ئىچىمدە ئۇ كوماندروپكىغا ماڭسىلاشۇ قىز بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلىدىم. فۇئات مېڭىپ ئەتىسى، يۈرۈگۈمدىكى داۋالغۇشنىباسالماي ئاخىرى سانجىغا قاراپ يول ئالدىم. ئۇلارنىڭ ئىدارىسىنىڭ چوڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ يەنە ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. نېمە دەپ قىسقىغىنەھاياتىمنى مۇشۇنداق بىر مۇرەككەپ تىراگىدىيىگە ئايلاندۇرىۋېتىمەن؟! ئەمما مۇشۇ ئىشنى بالدۇرراق غېزىنى غاز ئۆردىكىنى ئۆردەك قىلىۋەتمىسەم، بۇنىڭدىن كېيىن كۆڭلۈمنىڭ ھەقىقىي ئەمىن تېپىشى تەس، شۇڭا دەرۋازىدىن يەنىلا ئاتلىدىم.

    -شەھرىيەنى ئىزدەيتتىم.

      دىجورنىخانىدىكى ساقچى يولداش ماڭا تازا قاراپ كېتىپ، كىرىپ كەتتى. ھايال بولمايلا شەھرىيە ئىشىكتە كۆرۈندى، تىزىدىن سەل ئۈستىدە ساقچى يوپكىسى، ئۈستىدە بەدىنىگەخوپلا كەلگەن كوپتىسى، ئۇزۇن سېرىق بۈدرە چاچلىرى بۇ قىزنى كىنو چولپانلىرىغائوخشىتىپ قويغانىدى. مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىك بولغىنىغا قارىماي، پىشقان كۆرۈنەتتى،ئۇنىڭغا قاراپ بەدەنلىرىم كىرىشىپ كەتتى، پەقەتلا ئازادە بولالمايۋاتاتتىم.

    - ھوي، سىزكەنسىزغۇ؟!ئىسمىڭىز لەيلىغۇ دەيمەن؟-ئۇنىڭ ھەيرانلىقى كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇراتتى،- مەندە بىرەرئىشىڭىز بارمىتى؟

    -  بىرلا قېتىم كۆرۈشكەنبولساقمۇ ئېسىڭىزدە باركەنمەن-ھە؟!- ئامال بار ئەەب بىلەن سىپايە سۆزلەۋاتاتتىم،- بىرنەچچە مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ئالاي دېگەن سىزگە دەيدىغان گەپ بار ئىدى.

    - ھىم، ئەمىسە مۇنداققىلايلى، مېنىڭ قولۇمدا ئازراق ئىشىم بار ئىدى،شۇنى تۈگىتىپلا بىكار بولىمەن، يېرىم سائەتتە تۈگەيدۇ، سىز بىرەر يەردە ساقلاپتۇرالامسىز؟

    - بولىدۇ، ساقلايمەن، خەلقمەيدانىدىكى قەھۋاخانىدا ساقلاپ تۇراي!

    - بولىدۇ، ئەمىسە ھېلى كۆرۈشەيلى!

     ئۇ كۈلۈپ قويدى. ھېچبىر ئوق دورا پۇرىقى كېلىدىغاندەكئەمەس.

    سىرتتىكى قۇياش تولىمۇئىللىق، ئەمما مەن زادىلا ئىسسىمايۋاتىمەن، تىترەك ئولىشىپلا تۇرىدۇ. سومكامدىنلەۋ سۇرۇخنى چىقىرىپ ئازراق سۈركىۋالدىم. نېمىلا دېمىگەن بىلەن بۈگۈن «مۇرەسسە»لەشكىلى كەلدىم، بۇنداق گۆردىن ئېچىۋالغاندەك ئولتۇرساممۇبولماس، دېگىنىدەك يېرىم سائەتتىن كېيىن شەھىرىيە كىرىپ كەلدى.

     -خاتالاشمىسام لەيلى ھە؟ لەيلى ئەلى شۇنداققۇ؟!

    ئۇ قىز يەنە بىر قېتىم سورىدى ئورۇندۇقىنى ئالدىغاسۈرگەچ.

     -ھەئە. لەيلى مەن. ئېسىڭىزدەباركەن.

      ئۇنىڭ سەمىمىيلىك چىقىپ تۇرغان كۆزىگە قاراپ نېمە دېيىشنى پەقەتلابىلەلمىدىم.

    -بۈگۈن مېنى نېمىگە ئىزدەپ كەلگىنىڭىز ماڭا ئايان.- ئۇ قولىغا ئالدىدىكى قىرلىق ئىستاكاننى ئالغاچ دېدى،- بۇمۇياخشى، مەنمۇ سىزگە بەزىبىر گەپلەرنى دەي دەپ تۇرغان.

    كۆزلىرىمنى پىيالىدەك ئېچىپ ئۇ قىزغا قاراپ ئولتۇردۇم. ھەتتا چوڭقۇرراق نەپەس ئېلىشقىمۇ پېتىنالمىدىم، خۇددىمەن ئۈچىنچى شەخىستەك.

     -ئەمدى سىز فۇئاتتىن ئۈمىدكۈتمەڭ!- بەكمۇ تەمكىنلىك بىلەن دېدى،- بۇنداق دېيىشىم سىز ئۈچۈن!

    - نېمە؟! نېمە دەۋاتقىنىڭىزنى بىلىدىغانسىز؟

    توۋا! خاتا ئاڭلاپقالمىغاندىمەن - ھە؟! ئۇيغۇرچە گەپ قىلىۋاتقاندۇ ھە؟!

    - فۇئاتتەك بۇنداق ئوغۇللارغا سىز ھەرگىز تەڭ كېلىپ بولالمايسىز. ياق! بۇنداق دېسەممۇ بولمىغۇدەك، مۇنداقچىلادەي، ئىككىڭلار ماس كەلمەيسىلەر، مۇشۇنداق دېسەك توغرا بولىدۇ.

    - ۋوي؟! سىز بەك ئالدىرىدىڭىزمۇ قانداق؟! مەن بىلەن ئۇنىڭ مۇناسىۋىتىنى سىز قانچىلىك بىلەتتىڭىز؟ ئىككىمىز بىللە ئۆتۈپ بەش يىل بولاي دېگەندە سىز ماس كەلمەيسىلەر دەپ ئارىغا قىستۇرۇلسىڭىز، سىزچە قانداق بولار؟ بەزى ئىشلارنى سىز مەڭگۈ بىلىپ بولالمايسىز، بىلدىڭىزمۇ؟

    - ناتايىن،- ئۇ گېپىمنى بۆلدى،-بىلىشكە تېگىشلىكنىڭ ھەممىسىنى مەن بىلىمەن.

    -شۇنداقمۇ؟ نېمىلەرنى بىلەلىدىڭىزكىن؟!

     بىر سوغۇق ئېقىم پۈتۈن بەدىنىمگە تارىدى، شەھرىيەنىڭ كۆزلىرىدىن چىققان ئۆتكۈر نۇرلار ئاستىدا ئۆزۈمنى خۇددى قىپيالىڭاچلىنىپ قالغادەك ھېس قىلىپقېلىۋاتاتتىم.

    - سىزنىڭ ئاڭلىغىڭىز بار ھەم ئاڭلىغۇڭىزيوق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىمەن!

    - سىلەرگە نېمە كېرەك؟

     مۇلازىم سۆزىمىزنى توختاتتى.

    - بىر ئىستىكان ئاپلېسىن شەربىتى!

    - قەھۋە!

    -  مەن دېسەممۇ بەلكىم سىز ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، شۇنداق! بولىدۇ، سىزگە دەي!- مۇلازىم كەتكەندىن كېيىن شەھرىيە ئارىمىزدىكى جىمجىتلىقنى بۇزدى،- ھازىر ئىدارىدىكى ھەممەيلەن ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى بىلىدۇ، دېمەكچى مەن، مېنى ئۇنىڭ قىز دوستى، قانۇنلۇق تويلاشماقچى بولغان لايىقى دەپ بىلىدۇ.  سىزدەك بىرىنىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭ بىلەن مەندىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ.

    - سىز... غەزەپتىن تىترىدىم،-ئادەم تېپىلمامتى سىزگە باشقىلارنىڭكىنى تالاشمىسىڭىزمۇ؟ ئىدارەڭلەردە بىر توپبويتاقلار بارغۇ، ئۇلار يارىماي مۇشۇنداق لايىقى بارلار يارامدۇ يا سىزگە،-مۇشتلىرىم تۈرۈلدى، قېنىم قىزىپ، ئۇنىڭ ئالمىدەك مەڭزىگە بىرنى كاچاتلىغىم كەلدى.

    - سىز مېنى خاتاچۈشىنىۋاتىسىز، لەيلى! بېشىدا مەنمۇ ئۇنىڭ قىز دوستى يەنى سىزنىڭ بارلىقىڭىزنى بىلمەيتتىم، ئۇ ئۆزى ماڭا يېقىنلاشقان، كېيىنچە، ئەلۋەتتە فۇئات ياخشى كۆرۈپ قالغۇدەك يىگىت ، مەنمۇ ياخشى كۆرۈپ قالدىم بۇنىڭ نەرى خاتا دەيسىز؟! ئاندىن سىزدەك بىر قىزنىڭ بارلىقىنى بىلدىم. شۇندىلا ئۆزەمنىڭ، مەندەك ھېچكىمنى كۆزنىڭ قىرىغاقويمايدىغان شەھرىيەنىڭ ئاللىبۇرۇنلا ئۈچىنچى شەخىس بولۇپ قالغانلىقىمنى بىلدىم.

    - ھېلىقى قېتىم، مەن ئۇنى ئىزدەپ ياتىقىغا بارغان ۋاقىتتا بىلدىڭىزمۇ؟ - دېدىم شۇئازابلىق ئەسلىمىنى قايتا ئەسلەپ،-مەن تېخى ئۇ چاغدا مېنى بىلىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن.

    - ياق، بىلمەيتتىم، ئۇ چاغدابەك ھەيران قالغان بەك ھودۇققان، ئەمما چاندۇرمىغانىدىم. سىزنىڭ ئۇنىڭغا دېگەن يۇچۇن گەپلىرىڭىزنىڭ ھەممىنى چۈشەنگەنىدىم، ئەمما سۈكۈت ئارقىلىق ئۇزۇنغا چىداش كېرەكتە؟! سىزدەك يىغلاپ، قاخشاشنى مەن قىلمايمەن. ئويلاڭە، سىزنىڭ ئۇنداق زارلانغىنىڭىزغا ئۇ ئۆزگىرىپ بۇرۇنقىدەك بولۇپ قالامتى؟!

    نۇرغۇن نۇرغۇن گەپلەر بىراقلا بوغۇزۇمغا كەپلەشتى، ئاغزىمنى ئاچتىميۇ، بىر ئېغىزمۇ گەپ چىقىرالماي قالدىم.

    -  شۇ كۈنى فۇئات سىزنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بەك جىق ئويلاشتىم لەيلى، مەن زادى ئۇنى ياخشى كۆرەمدىم كۆرمەمدىم؟ مەن ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە مۇھتاجمۇ ئەمەسمۇ؟ دۇرۇس. قولۇمنى يۈرۈگۈمگەسېلىپ باقسام ، ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلالمىغۇدەكمەن، شۇڭا، ھەرگىز ۋازكەچمەيمەن دەپ ئويلىدىم . مەن شۇنى ئويلايمەن، ئۇنى مەنمۇ سىز ئۇنى ياخشى كۆرگەندەكلا ياخشى كۆرىمەن، سىز پەقەت مەندىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ، مۇھەببەتلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىڭىز ئۈچۈنلا، مەن ۋاز كېچىشىم كېرەكمۇ؟!

    شەھرىيە سۆزلىگەنسېرى ھاياجانلىنىپ، ئۆزىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتاتتى، بايامقى ئاقسۆڭەك مەلىكىلەردەك تۈرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى،

    - شەخسىيەتچى، ھەرئىككىلىڭلار ئۆتۈپ كەتكەن شەخسىيەتچى!

    مۇشۇ گەپنىلا چىشلىرىمنىڭ ئارىسىدىن غۇچۇرلىتىپ تۇرۇپ ئارانلا چىقىرالىدىم.

    - ئەجەبا سىز شەخسىيەتچى ئەمەسمۇ؟!- ئۇ قىز قايتۇرۇپ سورىدى مەندىن،- بەندە دېگەن شۇ، ھەممىمىز شەخسىيەتچى كېلىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاراڭ لەيلى. ئەگەر ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا ھەقىقەتەن باشقا مەسىلە بولمىسا، ئۇ نېمىدەپ ماڭا ئۆزلىگىدىن يېقىنلىشىدۇ، قانداق قارار چىقىرىشنى يەنىلا شۇنىڭ ئۆزى بەلگىلىسۇن، سىزنىڭ ھەم مېنىڭمۇ ئۇنداق مۇنداق دەپ قارارچىقىرىدىغان ھوقۇقىمىز يوق!

    ئاغزى بۇرنۇم تۇۋاقلاندى. كاللام قۇپقۇرۇق، قوللىرىم توختىماي تىترىمەكتە، شەھرىيە ئالدىدىكى مېۋە شەربىتىنى بىر سۈمۈرۈپ قويۇپ، چوڭقۇر تىنىپ ئولتۇردى، بەلكىم ئۇمۇ ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەۋاتقان بولسا كېرەك. بىردەمدىن كېيىن يەنە ئۆزى گەپ ئاچتى:

    -شۇ ئىشتىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ قانچىنچى شەخىس بولۇشىم بىلەن ھېسابلاشمايدىغىنىمنى، ماڭا پەقەت ئۇنىڭ مۇھەببىتىلا كېرەكلىكىنى ئېيتتىم، مەن سىزدەك سوقۇشمايمەن. يا ئۇنى پەقەت مېنىلا ياخشى كۆرىسەن دەپ تۇرۇۋالالمايمەن، تېخى ئۇنىڭغا ۋەدىمۇ بەرگەن، بۇئىشلارنى سىزگە دېمەيمەن دەپ. نېمىلا دېمىگەن بىلەن كۆزدىن يىراق كۆڭۈلدىن يىراق دەڭە، ئۇ ماڭا سىزنىڭ گېپىڭىزنى قىلىپ بېرىدۇ، ئەمما سىز مەن توغۇرلۇق ھېچنىمىنى بىلەلمەيسىز، مانا مۇشۇنداق ئىش، سەۋر تاقەتلىك ئادەممەن، ئۇ ھامان مېنىڭلا بولىدۇ،شۇنى كۈتىمەن.

    - ئەمىسە نېمىدەپ بۇلارنى ماڭا دېدىڭىز؟

     شۇنچىلىك بىچارىلارچە، چارىسىزلەرچە دەۋاتاتتىم.

       -سىزگە ئىشنىپ ھەممىنى دېسەم، سىز ھامان ۋاز كېچىسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن دېدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئىزدىمىدىم سىزنى، سىز ئىزدەپ كەلدىڭىز، دېمەيمۇ ئامال يوقتا، مەنچە سىز بۇنداق ئىشلارغا پەرۋا قىلمايدىغانلاردىن ئەمەس.

    -ئۆزىڭىزگە بەك ئىشەنمەڭ! پەقەت فۇئاتنىڭ كۆڭلىدە ئورنۇملا بولىدىكەن، مەن ھەرگىز....

    مۇشۇنداقلا ۋاز كەچكۈم كەلمەي داۋاملىق تىركىشىۋاتاتتىم. ئەمەلىيەتتە بولسا ئاللىبۇرۇن پۇت- قولۇم باغلىنىپ، بوغۇزلىنىش ئالدىدا تۇرغان بىچارە قوزىچاق بولۇپ بولغانئىدىم.

    - سىز ئەخمەق بولماڭ لەيلى،ئۇچۇ؟! خىڭ! ئۆزىنى ھەممىدىن بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ، ئۆزىدىن باشقا ئادەمنى دىلىدىن سۆيمەيدۇ، تېخىچە چۈشەنمىدىڭىزمۇ؟ سىز مەن ئەمەس، بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيسىز.

    راست! مەن يېڭىلدىم، ئۈزۈل-كېسىل يېڭىلگەنىدىم، فۇئات بۈگۈن ئىككىمىزنىڭ ئالدىدا قەسەم ئىچىپ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دېسىمۇ، ئەمدى ئۇنىڭغا ئىشىنەلمەيمەن، ئىشەنگۈدەك ماجال قالمىدى، دەرمان قالمىدى.

    -دەيدىغاننى دېدىم، قالغىنىنى ئۆزىڭىز ئويلىشىڭ لەيلى، يىغىنىمىز بارئىدى مەن قايتاي!

     ئۇ ئورنىدىن تۇردى. چاچلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، مېنىڭ مىت قىلماي ئولتۇرغىنىمنى كۆرۈپ، ئۈستەلدىكى تالوننى ئېلىپ، ھېساۋات قىلدى، ئىشىكتىن چىقىشىدا، ماڭا لەپ قىلىپ بىرنى قاراشقىمۇ ئۈلگۈردى. دۇرۇس. مەن بۇ قىز بىلەن تەڭ بولالمايمەن.

     (ئاخىرى كېيىنكى ساندا)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر گۈليارە يۇسران _