چالا تەككەن ئوق(ئابدۇللا تالىپ) -تارىخىي رومان 3-باپ

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-21 00:49:50

ئۈچىنچى باپ زامانە زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ . خەلق ماقالىسى ئىرپان يارباغ دەرۋازىسىدىن چىقىپ، جان قوغان تەرەپكە قايرىلدى – دە، بىر ...




    ئۈچىنچى باپ

    زامانە زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ .

    خەلق ماقالىسى

    ئىرپان يارباغ دەرۋازىسىدىن چىقىپ، جان قوغان تەرەپكە قايرىلدى دە، بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن، كىچىكرەك بىر ساماۋەرخانا ئالدىدا توختىدى. چولپاننىڭ ئۆيى ئەنە شۇ يەردە ئىدى. بۇ چاغدا شامدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ تۇراتتى. ساماۋەرخانا ئۈستىدىكى بالىخانا ئۆينىڭ پەنجىرىدىن پەنەرنىڭ يورۇغى پىلىلداپ سۇس كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئىرپان يېنىك قەدەم ئېلىپ، بالىخانا دەرىزىسىنىڭ ئاستىغا باردى-دە، يىغا ئارىلاش ئاڭلىنىۋاتقان نادامەتلىك ئۈنگە قۇلاق سالدى.

    ياق،ياق، مېنى سىز ئۇ 60 ياشلىق قېرى چايانغا زورلىماڭ ! بولمىسا ماڭا بۇ جاھان كېرەك ئەمەس، مەن بۇنداق جاندىن تويدۇم ...

    بۇ دەل چولپاننىڭ نالە-زارى ئىدى. ئۇ دادىسىغا يالۋۇرۇپ يېلىناتتى ۋە بۇقۇلداپ يىغلاپ تۇرۇپ، مۇراجىئەت قىلاتتى :

    قەرزىمىزمۇ تۈگەپ كېتەر دادا، مەرھۇم ئانامنىڭ روھى ھەققىدە مېنى ئاياڭ، بولمىسا مەن بۈگۈنلا ئانامنىڭ قەۋرىستانلىقىغا ...

    زامان زۇلىمنىڭ قاتمۇ-قات قىسمەتلىرى زەربىدىن مۈكچىيىپ، ئاللىقاچان نىمجان بولۇپ قالغان شەمشىدىن ئاق كۆڭۈل، مېھرىبان قىزىنىڭ نالىسىگە چىدىيالمىدى-دە، يۈرەكلىرى لەختە-لەختە قانغا زەرداپ بولغان ئېغىر مىنۇتتا ئاچچىق بىر ئۇھ تارتقان پېتى ئۆزىنى گۇپلا قىلىپ سۇپىغا تاشلىدى .

    شەمشىدىن تېخى يېقىندىلا مۇشۇ يېڭى مەھەلىگە كۆچۈپ كەلگەن ۋە ساماۋەر ئېچىپ كۈن كەچۈرۈشكە باشلىغان ئىدى. ئۇ ياشلىق دەۋرىنى مەدرىسلەردە ئوقۇپ تالىپلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن. كېيىنرەك ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى مەھەلىلىسىدىكى ئەل-جامائەتنىڭ تەكلىۋى بىلەن مەكتەپ ئېچىپ، ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن مەلىكە بولۇپ، جامائەت ئىچىدە » شەمشىدىن خەلپەت « دېگەن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئىدى.

    شۇنداق زېرەك قىزى چولپانمۇ ئوقۇپ، سەرپ-نەھۋى ۋە » ناۋايى « قاتارلىق كىتابلارنى پىششىق ئۈگەنگەن ئىدى. شەمشىدىننىڭ كىرىمى يوق دىيەرلىك بولۇپ، ھال-كۈنى ناچار ئىدى. پەقەت بوۋىسىدىن مىراس قالغان پىشايۋانلىق ئۆي-قوراسىلا بار ئىدى .

    مۇشۇنداق ئۇتتۇر ئوقەت ئۆتۈۋاتقان بۇ ئۆيگە بىر كۈنى كەچ تەرەپتە ئۆمەر باينىڭ كارۋان بېشى ۋە شەمشىدىننىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ياخشى ئاغىنىسى بولغان نەسىردىن كىرىپ كەچ بولغىچە ئۇزۇن پاراڭلاشتى :

    جانابىي رەسۇلىللامۇ-دېدى نەسىردىن، ئۆزىنىڭ مۇددىئاسىنى ئىزھار قىلىپ، تىجارەت يولى بىلەن يۈز-ئابروي تېپىپ، يەتتە ئىقلىمدا تەڭدىشى يوق كامالەتكە يەتكەن. مانا ھازىر ئۆزەڭمۇ كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسەن، پېقىرمۇ تىجارەت بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، ئەركەشتام بىلەن لاداخقا بىرەر قېتىم قاتناپ قويۇۋېدىم «قازىنىممۇ ماي، چۆمۈچىممۇ ماي» دۇنيا-تەئەللۇقاتىم بىر ئۆمۈر يېتىپ ئاشىدۇ دىسەممۇ بولىدۇ .

    نەسىردىن تاپاۋەتلىرى بىلەن باياشات تۇرمۇشىنى شايە قىلىپ، پات-پات كۈلۈپ كېتەتتى. كۈلكىسىدىن كېيىن، ئادىتى بويىچە گېلىنى زورىغا قىرىپ، يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇراتتى :

    -«قولۇڭ ياغ بولسا، يېنىڭغا سۇۋا» دېگەن گەپ بار. ماڭا ھەمرا بولۇپ، بايىقى جايلارغا بىر-ئىككى قېتىم قاتنىساڭلا، ئىشىڭ پۈتتى-دە، قازىنىڭمۇ ماي، چۆمۈچىڭمۇ ماي .. . قانداق؟

    نەسىردىن مۇشۇ ئوي بىلەن بۇ ئۆيگە نەچچە قېتىم كەلدى. ئۇنىڭ«تاپاۋەت» ئىندىگى ۋە قىزىقتۇرۇش دالالەتلىرى ئارقىسىدا شەمشىدىن ئاقىۋەت پەيلى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ماقۇل بولدى .

    ئارىدىن ئالاھەزەل بىرەر ھەپتە ئۆتەر-ئۆتمەي نەسىردىن ئۆيگە يەنە كىرىپ كەلدى-دە، شەمشىدىننى باشلاپ« ئۇلۇغ بىرىتانىيە ھىندى سودا جەمئىيتى» دېگەن تاختا ئېسىلغان سودا سارىيغا ئېلىپ باردى .

    بۇ يەرگە سىرتتىن كەلگەن ھايانكەشلەر، كومپىدۇر دەللاللار، ئەپيۇن سودىگەرلىرى ۋە يەنە ئەتكەسچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەككارلار مەخپى كىرىپ چىقىپ، خەلقنىڭ يىلىكىنى شوراش ئۈچۈن شۇملۇقلارنى قىلىشاتتى. نەسىرىدىن بولسا ئەنە شۇلارنىڭ شىرىكلىرىدىن بىرى ئىدى .

    مانا يېتىپ كەلدۇق، دېدى نەسىرىدىن ۋە شەمشىدىننى ئەگەشتۈرۈپ ماڭغان پېتى ساراي ئىشخانىسىغا باشلاپ كىردى. بىرەر سائەتلەردىن كېيىن، نەسىردىن بۈگۈنكى سودا توختىمىنىڭ مەزمۇنىنى شەمشىدىنگە ئۇقتۇرۇپ :

    مېنىڭ كېپىللىكىم بىلەن ساڭا 40 سەر ئالتۇن قىممىتىدىكى ھەر خىل گەزمال، چاي، دورا قاتارلىق تاۋارلارنى لاداخقا بېرىپ ئۆتكۈزۈۋالىدىغان بولۇشۇپ، توختام پۈتۈشتۇق، توختامغا قولۇڭنى-......دېدى .

    شەمشىدىن «40» سەر ئالتۇن دېگەننى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ كەينىگە قانداق ئەجەل ئەجدىھاسى يوشۇرۇنغانلىغىنى ھېچبىر ئويلىغاندەكلا توختامغا قولىنى بېسىپ بەردى. نەسىرىدىن ئارقىدىن شەمشىدىننىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ :

    بۇرادىرىم، بۈگۈن ئىشىمىز ئوڭۇشلۇق پۈتتى. سەپەرگە تېزرەك جاندۇن. بىر ئىككى كۈن ئىچىدە مېڭىپ كېتىمىز، دېدى .

    دېگەندەك، ئارىدا بىر-ئىككى كۈن ئۆتەر-ئۆتمەيلا شەمشىدىن نەسىرىدىننىڭ كارۋانلىرى بىلەن بىللە لاداخ سەپىرىگە يۈرۈپ كەتتى ...

    ئاسمان پەلەك قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ھېساپسىز خەتەرلىك جىلغىلىرىدا ئۇزۇن سەپ تارتقان كارۋانلار توختىماي ئىلگىرلەيتتى. نەسىرىدىن بىلەن شەمشىدىن يول بويى بىرگە يېتىپ-قوپۇپ مۇڭدىشىپ كۆڭۈللۈك كېتىپ باراتتى. لېكىن«تۈشەك بىللە، چۈشەك باشقا» دېگەندەك، نەسىردىننىڭ قوسىقىدىكى چۈشەك باشقىچە ئىدى. ئۇ «40سەر ئالتۇن سودىسى» ئارقىلىق يۇلۇۋېلىنىدىغان ئاجايىپ ئولجىسى-كىرا ھەققى ئۈچۈن نېمىلەرنى ئۈندۈرۋالىدىغانلىغىنىمۇ خامچوت قىلىپ ماڭاتتى.

    ئۇ، بۇرۇنمۇ تالاي قېتىم ئۆمەر باينى ئارقا تىرەك قىلىپ تۇرۇپ، ئاق پادىشاھچە ئۇلۇغ بىرىتانىيە سودىگەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، نۇرغۇن شەمشىدىنلەرنى ئوڭدا قويغان«ماھىر» دەللال ئىدى. ئۇ لاداخقا يېقىن قالغاندا شەمشىدىنگە دەيتتى :

    مەن لاداختا بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ، ئاندىن ئارقاڭدىن يېتىمەن. ئىشىڭ ئوڭغا تارتىپ، ئۇ يەردىن ئالىدىغان مالنى قاغىلىققىلا يەتكۈزۈۋالالىساڭ، بىرگە 10 پايدا ئۈندۈرۋالىسەن، تەلىيىڭنى يەركەندىكى « ئالتۇن دەرۋازا» ئالدىدا سىناپ كۆرىسەن. لېكىن « بۆرىسى يوق جاڭگال، ئوغرىسى يوق يۇرت بولماس» دەيدىغان گەپمۇ بار، يوللاردا ھۇش-كاللاڭ بىلەن سەگەك بولۇپ ماڭ، ئاغىنە.

    «خۇدايىم ساقلىسا بالا يوق» دېگەن گەپ بارغۇ، دېدى شەمشىدىن جاۋابەن، ئاللاھ ئۆزى   ساقلار .

    شەمشىدىن بۇ جاپالىق سەپىرىدە« يول ئازابى-گۆر ئازابى» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى تېتىپ كۆرۈپ، مىڭبىر جاپادا ئاران لاداخقا ئۇلىشىۋالدى ۋە ئىككى كۈندىن كېيىنلا تېگىشلىك ماللىرىنى تېڭىشتۇرۇپ، نەسىرىدىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە لاداختىن خۇشال قايتتى .

    لېكىن«خۇدا ئۇرغاننى خۇداۋەردىمۇ قوشۇلۇپ ئۇرۇپتۇ» دېگەندەك، قايتىش سەپىرىنىڭ 4- كۈنى كېچىدە، تىلسىم تاغ جىلغىلىرىنىڭ بىرىدە، شەمشىدىننىڭ پۈتۈن مال-مۈلىكىنى قاراقچىلار بۇلاپ كەتتى . بىتەلەي شەمشىدىن جېنىنى ئارانلا قۇتۇلدۇرۇپ قالدى .

    بىراق، بۇ دەرت-ئەلەم ئۇنىڭغا يېنىك توختىمايتتى. ئۇ جېنىدىن بىزار بولۇش دەرىجىسىگە يەتتى. ئۇ ئۆيىدىكى كۆزلىرى مۆلدۈرلەپ، يولىغا قاراپ تۇرغان ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرىنى ئېسىگە ئالدى-دە، نادامەتلىك يولىنى يەنە داۋاملا شتۇردى.« ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار» دەپ قەلبىنى ئۈمىدلەندۈرەتتى ئۇ .

    شۇنداق قىلىپ، شەمشىدىن بىر يېرىم ئايلارچە پىيادە يۈرۈپ، ئارانلا ئۆيىگە كېلىۋالدى. ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈل خوتۇنى سەلىمىخان ئېرىنىڭ قورايدەك بولۇپ قالغان تەلەتىگە قاراپ چۆچۈپ كەتتى. نارسىدە بالىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلاتتى ۋە قولىغا تەلمۈرەتتى. قۇرۇق قول كەلگەن ئاتىنىڭ يۈرىكى شۇ قەدەر سىقىلدىكى، ئۇنىڭ ئەلەملىك كۆزىدىن مونچاق-مونچاق ياش قۇيۇلۇپ كەتتى .

    شەمشىدىن ئەتىسى خوتۇنىغا كەچۈرمىشلىرىنىڭ زىرە-زەۋىرىنى قالدۇرماي سۆزلەپ بەردى. سەلىمىخان «بىر دەرت ئىككى بولمىسۇن »دېدى-دە، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە نېرىقى ئۆيىگە چىقىپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى. بۇ ناكەسچىلىك ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ يۈرىكىگە ئېغىر دەرت بەرمەكتە ئىدى .

    «جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان» جېنىمىز ئامان قالغىنى ئەۋزەل، دەيتتى سەلىمە،   ئېرىنىڭ كۆڭلىگە ھاي بېرىپ .

    لېكىن، شەمشىدىننىڭ يۈرەك جاراھىتى ھېچ ئارام بەرمەيتتى. ئۇ، كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزىچىلا سۆزلىگەك بولۇپ قېلىشقا باشلىدى « ئىسنىڭ ئاچچىقىنى   مورا بىلىدۇ» دەپ قوياتتى، تۇرۇپ-تۇرۇپلا.

    ئۇ ئېزىپ، ئوقۇتقۇچىلىقنى تاشلاپ، بۈگۈنكىدەك بالا-قازاغا گىرىپتار بولغىنىغا پۇشايمان قىلاتتى-دە، «ئاتا كەسپىنى تاشلىغان، پىشانىسىنى قاشلىغان» دەپ تەكرار ئاھ ئۇراتتى.

    شەمشىدىن مۇشۇنداق روهىي ئازاپتا كېتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، كارۋان بېشى نەسىرىدىن سەللالىق بىر ئادەمنى باشلاپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى. تېنچلىق سوراشقاندىن كېيىن، ئۇيان-بۇياندىن سۆزلىگەن نەسىرىدىن مۇددىئا مەنزىلىگە كۆچتى-دە :

    «قول قولنى تونۇيدۇ، شەرىئەت يولىنى» دەيدىغان گەپ بار. خوش، ئۇلۇغ بىرىتانىيە ھىندى سودىگەرلەر جەمئىيتىگە بىرىدىغىنىمىز 40 سەر ئالتۇن، خوش، كىرا ھەققى ئۈچۈن پېقىرغا سەككىز سەر، يەنە باج ئۈچۈن بەش سەر، تەقسىر، دېدى ۋە قولىدىكى ئون خانىلىق ياۋرۇپاچە چوتنى شاراق شۇرۇق سوقۇپ جەمئىي قەرز « 53سەر ئالتۇن » ئىكەنلىگىنى ھېسابقا توغرىلاپ قويدى. ئاندىن شەمشىدىنگە قادىلىپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى :

    لاداخ يولىدىكى پىشكەللىكنى ئاڭلىدىم، تەقسىر .. . خەلققە« بىر خەس، خۇدادىن بىتەقدىر تەۋرىمەس »  دىگەن گەپ بارغۇ؟ شۇنداق ئەمەسمۇ؟

    نەسىرىدىن ئارقىدىن مەمەدانلىق قىلىپ، قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى .

    ئەس-هوشىنى يوقاتقان شەمشىدىن ئاچچىق بىر ئۇھ تارتتى-دە :

    مېنىڭ ھېچ ئامالىم يوق، ماۋۇ ئۆي-هۆيلىمىزنى لىللا باھالاپ قويسۇن، قالغان گەپ بولسا قېنى....دىدى .

    ئوندان گەپ قىلدىلا، تەقسىر ئېلىم-بېرىم ئىشلىرىدا ئادىل ئىش قىلغان خۇدانىڭ دوستى،   دېدى

    سەللالىق ساقال دەرھال :« ئېلىشتا بىسمىللا، بېرىش تە ئەستاغپۇرۇللا» دىسە بولمايدۇ-دە!ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ، شەمشىدىننىڭ قورا جايىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئارقىدىن باھا پىچىپ :

    مېنىڭچە، قورا-جايلار 15 سەر ئالتۇنغا يارايدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا«زىخمۇ كۆيمەيدۇ، كاۋاپمۇ»....

    شەمشىدىن پىچىمنى ئاڭلاپ، ئۇجۇقۇپلا كەتتى. ئۇنىڭ قورا-جايى ئاران 15  سەر ئالتۇنغا يارىغاندا، يەنە ئۇنىڭ شىللىسىدا ...

    شەمشىدىن خۇددى ئازار چەككەن يىتىم بالىدەك ھۆڭرەپ يىغلاشقا تاسلا قالدى. يۇمشاق كۆڭۈل بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ قارا كۆزىدە ئەلەم ياشلىرى ئەگىپ تۇراتتى. شەمشىدىن بىر ئازدىن كېيىن ئەس-ھوشىنى يىغىپ :

    خوپ تەقسىر «ئاللا بەرمىگەنگە موللا بەرسۇنمۇ» مېنىڭ باشقا گېپىم يوق، دېدى. ھۆججەت يېزىلدى. ئۈچەيلەن قول بېسىشتى. نەسىرىدىن بۈگۈن ساددا شەمشىدىننىڭ بوينىغا ئۈزۈلمەس سىرىتماق سېلىپ ماڭدى .

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.