مۇھەببەت ئارمانى 4

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-06 18:15:54

مۇھەببەت ئارمانى-سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش..سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)************************************************************* «رەھمەت جۇمۇ سىزگە! بۇ...



      

    مۇھەببەت       ئارمانى

     -سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش..سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى     (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)

    *************************************************************

        \ 

    «رەھمەت جۇمۇ سىزگە! بۇنداق ھەقىقەتلەرنى بىلمەيدىكەنمەن.. سىزنىمۇ ئاۋارە قىلىپ قويۇپتىمەن خەت يازدۇرۇپ، پۇلىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ! بۇ يىل رامزاندا زاكات ئايرىپ، ھەممىنى سىزنىڭ يانفۇنىڭىزغا قاچىلاپ بېرەي». ھاھا... خېلى تەقۋا بالىمۇ بۇ نېمە؟!  « ھە ياخشى بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىڭ ھە؟! ھە راست، زاكاتنى قانداق ئادەملەرگە بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان ئوخشايسىز. مەندەك ئوقۇغۇچىلارغا بەرسىڭىز بولماس». « ۋۇي؟! ئوقۇغۇچى دەڭە، سىز! بولدى مەن شۇ گەپلەرنى دېمىگەن بولاي. مەن رازى شۇ پۇلغا! بولمىسا ھەر ئايدا 100كوي قاچىلاپ قوياي يانفۇنىڭىزغا. نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەن ئۈچۈن شەرەپ!!!»

    -يامان بولساڭ ھەپتىسىگە 100كوي قاچىلا، بولمىسا قۇرۇق گەپ قىلما! دەپ يازغىنى ئاداش. قانداق نېمە بۇ؟! - دېدى گۈزەل دەرس تۈگەپ پەلەمپەيدىن چۈشۈۋېتىپ.       
      چۈشلۈك تاماق يېيىش گۈزەل ئىككىمىز ئۈچۈن بىر غەم. قىزلار ياتاققا ئەكىرىپ بەرسە يەۋىرىمىز، قايسى ئاشخانىنىڭ قانداق تامىقى بولسىدۇر. لېكىن ئۆزىمىز چىقىپ يېمەكچى بولساق، نېمە يەيمىز دېسە، سېنىڭ نېمە يېگۈڭ بار؟ دەپ ئالدى - ئارقا دەسسەپ يۈرۈيمىز. دەيدىغىنىمىز شۇ ‹‹ ئۆزى  ئازادە، يورۇق، ئادەم ئاز ئاشخانا بولسا، راھەت ئولتۇرۇپ يېسەك شۇ تاماقنى››  ئاپام ئىككىمىزنى « راھەتپەرەسلەر » دەپ تىللاپ قويىدۇ. ئىككىلىمىز پولو، نارىن، كاۋاپ دېگەندەك تاماقلارغا ئامراق.

     < ئۈزۈمزار >- مەكتىپىمىزنىڭ تۆۋىنىدىكى بۇ ئاشخانىنىڭ پولوسى بەك ئوخشايدۇ، ھەم بۈگۈنكىدەك  ئىسسىق كۈنلەردە بۇ ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى ئەنجۈر دەرەخلىرى بىلەن ئورالغان، ئۈستىگە قىزىل سايىۋەن تارتىلغان ھويلىسى  بەك سالقىن. يانفۇنۇم جىرىڭلىدى.

    -يەنە شۇما ؟- دېدى گۈزەل كاۋاپنىڭ زىقىنى قەغەز بىلەن سۈرتۈپ تۇرۇپ.

    -ھەئە!- دېدىم كاۋاپنى تەخسىگە قويۇپ قويغاچ. مۇشۇ ئەسنادا تۇيۇقسىزلا يېنىمدا بىر ئايال پەيدا بولۇپلا ئالدىمدىكى كاۋاپ بىلەن تەخسىدىكى پولونىڭ ئۈستىدىكى گۆشىنى ئېلىپلا قاچتى  «ۋايجان!» دېدىم قورققىنىمدىن. ئۇ  ئايال يولغا قارايدىغان پەلەمپەيدىلا ئولتۇرۇپ ماڭا قاراپ بىرنېمىلەرنى دەپ غۇدۇڭشىغاچ، قولىدىكى كاۋاپنى كۆينىگىنىڭ ئېتىكىگە سېرىۋاتاتتى. ھەممە ئادەم ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ بىزگە ھەم ئۇ ئايالغا قارايتتى،

    -ھەي! يەنە كەپسەندە؟! زىقىمىزنى ئەكەل، زىقىمىزنى!!! ماڭ كەت! ئەمدى كېلىپ باقە قېنى!- دەپ تىللاپلا كەتتى خوجايىن ئايال،- ماۋۇ  خاننىڭ كاۋىپى بىلەن پولوسىنىڭ گۆشىنى بېسىۋېتىڭلار!- دېدى ئىچىگە قاراپ توۋلاپ تۇرۇپ.

    - بولدى، يېمەيمەن!- دېدىم مەن ھەم قولۇمغا تەخسىنى  ئالدىم-دە، ھېلىقى ئايالنىڭ ئالدىغا قويۇپ بەردىم:

    - ماۋۇنىمۇ يەۋالسىلا، چوڭ ئاپا.

    - قورقمىسىلا، يېنىمىزغا كەلسىلە بولمىسا، بىللە يەيمىز.

     گۈزەل بېرىپ ھېلىقى ئايالنىڭ قولىدىن تۇتۇپ كەلدى...نېرۋىسى تازا جايىدا ئەمەس بۇ ئايال، توختىماي كىمنىدۇر بىرسىنى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايتتى.

    - بولدى قىلسىلا، چوڭ ئاپا، ئاۋۋال تاماقلىرىنى يېسىلە! ماۋۇ گۆشنى مايەرگە قويسىلا، ھە، بولدى،  بۇنى يېمىسىلە!- دېدىم ئېتىكىدىكى كاۋاپلارنى ئېلىۋەتكەچ.

    - ئەمىسە قايسىنى يەيمەن؟!-دېدى ئۇ ئايال،ئاۋازى شۇنداق قوپال ئىدى، ئەرلەرنىڭكىدەك!

     - ھە؟! ھاھا ھا... ماۋۇنى، مانا ماۋۇنى يېسىلە!- گۈزەل ئالدىدىكى كاۋاپنى بەردى.

    - ئۇستام بىزگە يەنە بىر گۆش پولو بىلەن نەش زىق كاۋاپ!- دېدىم ئۇ ئايالغا چاي قۇيۇپ بەرگەچ. ھەممە ئادەملەر بىزگە قارايتتى. يېڭى كىرگەنلەرمۇ ئۈچىمىزگە ئەجەبلىنىپ قارايتتى. ئۈستى - بېشى شۇنچىلىك مەينەت، تىرناقلىرى ئۆسۈپ كەتكەن، چاچلىرى پاخپايغان، مەينەتچىلىكتىن رەڭگىنى يوقاتقان، قېتىپ كەتكەن كۆينىكى نەچچە يەردىن يىرتىلغان، ھەتتا بەزى يەرلىرىدىن بەدەنلىرىنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرى كۆرۈنۈپ قالغان، كونىراپ ھالى قالمىغان ئاياقتىن شور ئۆرلەپ كەتكەن بۇ ئايالنىڭ ئالدىدىكى تاماقنى يالماپ يېيىشلىرىگە قاراپ، كۆڭلۈم بىر قىسما بولدى.

    \

    - بولدى قىل ھە؟! ئەتىگەن ياقى بولغان ئۇيۇنلارمۇ ئاز ئەمەس، كۆزۈڭدىن سۇ چىقارماي ئولتۇرساڭ بىر!- دېدى گۈزەل قولىنى سۈرتۈۋېتىپ.

    ئويلاپ قالىمەن بەزىدە،  پىژغىرىم ئىسسىقلاردا قەھرىتان سوغۇقلاردا، ھارۋا ئىتتىرىپ، مەكتەپنىڭ ئالدىدا ئۆتكەن - كەچكەنلەرگە تەلمۈرۈپ  ئولتۇرغان بوۋاي - مومايلارغا قاراپ: «بالىلىرى يوقمىدۇر؟ تۇغقانلىرى يوقمىدۇر؟ مۇشۇ يېشىدا بالىلىرىنىڭ راھىتىنى كۆرۈشى كېرەك ئىدىغۇ؟!» دەپ. ئىچىم ئاغرىپ نەچچە قېتىم پۇلنى بېرىپ نەرسىسىنى ئالماي كەتكەن يەرلىرىممۇ بولغان. (بىۋاستە پۇلنىلا بەرسەم خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن دەپ)  ئۇ ئايال كېيىن چىققان پولونىمۇ بىردەمنىڭ ئىچىدىلا پاكپاكىز يەۋەتتى، قالغان كاۋاپلارنى سېرىپ سولياۋ خالتىغا سالدى. گۈزەل بەرگەن ھۆل قەغەزدە قوللىرىنى، ئاغزى -بۇرۇنلىرىنى بىرنېمىلەرنى غودۇڭشىغاچ سۈرتتى.

    قايتىشىمىزدا گۈزەل 50كوي پۇلنى چىقىرىپ:

    - بۇنىڭغا تاماق ئېلىپ يېسىلە ھە؟ ئەمدى خەقلەرنىڭ تاماقلىرىنى ئۇنداق بۇلاپ يۈرمىسىلە! بولامدۇ؟ - دېيىشى بىلەن ھېلىقى ئايال پىسسىڭڭىدە بىرنى كۈلدى، بەكمۇ يېقىملىق.

    - بۇنىڭدىن كېيىن ھەر جۈمە كۈنى چۈشتە مۇشۇ ئاشخانىغا كەلسىلە، بىزمۇ مۇشۇ يەردە تاماق يەيمىز، بىللە يەيلى!- دېدىم مەن ئۇ ئايالنىڭ چالا ئاقارغان، پاخپايغان چاچلىرىدىكى  يوپۇرماقلارنى ئېلىۋەتكەچ.

     - ماقۇل. كېلىمەن كېلىمەن...- دەپ كېتىپ قالدى ئاللىكىملەرنى تىللىغاچ. گۈزەل ئىككىمىز ياتاققا كىرگۈچە جىم مېڭىپ كېتىپتۇق، گەپمۇ قىلىشماي. كۆڭلۈم بىر قىسمىلا، يىغلىغىملا كېلىپ تۇراتتى.

    - ياتاققا كىرىپ ئۇخلايمەن. تەنتەربىيە دەرسىگە چىقمايمەن بولدى.- دېدىم ياتاق بىناسىغا كىرىۋېتىپ.

     - مەنمۇ بىردەم قىيسىيىۋالاي...- دېدى گۈزەل (قىزىق گەپ قىلىدۇ-دە!)

     ياتاقتا ھېچكىم يوق. يانفۇنۇمنى توكقا تىقىپ قوياي دەپ ئېلىپ، ھېلىقى ئۇچۇر ئېسىمگە كېلىپ، ئۇچۇر ساندۇقۇمنى ئاچتىم. ‹‹ۋوي! ھەپتىسىگە يۈز كوي قاچىلايدىغانغا، ئاممىۋى تېلېفون ئەمەستۇر يانفۇنىڭىز؟!›› ھازىر  بۇنىڭ  بىلەن ئېيتىشقىدەك ھالىم يوق ئىدى. ‹‹مېنى ئاۋارە قىلماڭە، كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق!››، ‹‹ۋىجدان ئازابى تارتىۋاتقان  ئوخشىمامسىز،  يۈز كوينى دەپ. ھېچقىسى يوق دېدىمغۇ؟! ئۇنتۇپ كەتتىم!!!›› ساراڭمۇ يا بۇ؟ نېمە بالا قالدىم دېسە. يانفونۇمنى ئېتىۋەتتىم-دە,، يېشىنىپ كارىۋاتقا چىقتىم. كۆز ئالدىمدا بايىقى ئايالنىڭ سىماسى. چوڭ ئاپام رەھمەتلىك بولغان بولسىمۇ، قولىنى تۇتۇپ بىللە بازارلارغا ئېلىپ چىقسام، مەكتەپنى، سىنىپلارنى، ياتىقىمنى كۆرسەتسەم قانچە خۇش بولۇپ كېتەر بولغىيتى؟ ھەي......

     قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمىكىن تاڭ، بىر چاغ بولغاندا ياتاقنىڭ تېلېفونى جىرىڭلاپ ئويغىنىپ كەتتىم.

    -ھەي! نېمانداق يانفونىڭنى ئېتىۋالدىڭ، كۈپكۈندۈزدە؟!

     گۈزەل ئىكەن.

    -ھە... نېمە بولدى؟

    -نېمە بولدى دەيسىنا؟!  سۇ ئۈزگىلى بارىدىكەنمىز بۈگۈن! كالۋا!

    -ھە راست، نەدە سەن؟

    - مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا، مۇشۇ يەردە يىغىلىدىكەنمىز. ئىشىكىڭنى ئۇرسام يا ئاچمايسەن، بولە ئاتتەك!

      مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ھەربىر ئوقۇغۇچى ئۆز دەرسىدىن باشقا يەنە ئون پەننى ھەر مەۋسۈمگە بۆلۈپ تاللاپ ئوقۇشى كېرەك. گۈزەل ئىككىمىز سۇ ئۈزۈش، كىنو كۆرۈش، تايلاند گۇمپىسى... قاتارلىقلارنى تاللىغان. سۇ ئۈزۈش دەرسىگە بىرىنچى قېتىم قاتنىشىپ، تېرىنىرنى تازا ياخشى كۆرمىگەنىدىم. لېكىن سۇ ئۈزۈشنى ياخشى كۆرىمەن. «بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت» ئەمما مۇشۇ تەييارلىق ھەرىكەت ئىشلەشكە بەك ئۆچ مەن. بۇ خەنزۇ مۇئەللىمنىڭ  تېتىقسىزلىقى تېخى!

    - ساۋاقداشلار! (ئاۋازىمۇ غەلىتە چىقاتتى) بۈگۈنكى دەرسىمىز قۇرۇقلۇقتا ئاساسىي ھەرىكەتلەرنى مەشىق قىلىش. بۈگۈن سۇغا چۈشمەيمىز! دەيدۇ. قانداق نېمە بۇ؟! نەچچە سائەت بولدى بىز، سۇ ئۈزۈش كىيىملىرىمىز بىلەن مۇشۇنىڭ ئالدىغا تىزىلىپ، ئېڭىشىپ- قوپۇپ ھەرىكەت ئىشلەۋاتقىلى! كەيپىم ۋەھشىي ئۇچتى!

    - ۋاڭ مۇئەللىم، نېمىشقا سۇغا چۈشمەيمىز؟ قۇرۇقلۇقتا ھەرىكەتنى ئىشلەۋەرگەن بىلەن، سودا ئىشلىيەلمىسەك نېمە پايدىسى؟! - دېدىم ئالدىغىراق چىقىپ.

    - بۇ ساۋاقداش ياخشى سورىدى. (بەك ئىچىمنى سىقىدۇ مۇشۇنداق گەپ قىلىپ) چۈنكى بىز بۇ يەرگە سۇ ئوينىغىلى ئەمەس، سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەنگىلى كەلدۇق.

    - مەنمۇ سۇ ئوينايمەن دېمىدىم. مەن سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلار قانداق قىلىدۇ؟  دەۋاتىمەن!

    - سىز سۇ ئۈزۈشنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە نېمە دەپ بۇ دەرسكە قاتناشتىڭىز؟ بىلمەيدىغانلارغا پۇرسەت بەرسىڭىز بولمامتى؟ (دېمىسىمۇ بۇ دەرسكە قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا سان چەكلىمىسى قويۇلغان ئىدى. مەكتەپ ماشىنىسىغا پاتماي قالىدۇ دېدىمىكىن-تاڭ!)

    مەن سۇ ئۈزۈشنى ياخىشى كۆرىمەن.  شۇڭا قاتناشتىم. ئەجەبا،سۇ ئۈزۈشنى بىلگەنلەر قاتناشمىسۇن دېگەن تۈزۈم بارمىدى؟ ۋاڭ مۇئەللىم!- دېدىم  ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ.

    - بۇ ساۋاقداش جىددىيلەشمەڭ. سىزنى قاتناشمىسۇن دېمىدىم. بىزنىڭ دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىپىمىز بار، مەن شۇ بويىچە ئۆتىمەن. بىخەتەرلىكىڭلارغا مەن مەسئۇل بولىدىغان تۇرسام، سىز ئۇ يەردە سۇ چۆمۈلۈپ ئالىمادىس....

    - ئۇنداق بولسا ۋاڭ مۇئەللىم، مەن كېلەر سائەتتىن باشلاپ  قاتنىشاي!- گېپىنىڭ ئاخىرى تۈگىمەستىنلا دېدىم.

    - ئىختىيارىڭ، ئىمتىھاندىن ئۆتسەڭلا بولدى!- دېدى بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي. نەرسىلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ، ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.
    ئۆيگە كەلسەملا، بىر ھەپتىلىك ئىشلارنى ئاپام - دادامغا دوكلات قىلىشقا ئالدىرايمەن، ئاپامنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈرۈپ، توختىماي گەپ قىلىمەن.

    - سەن بولمىساڭ بالام، بۇ ئىككىسى ( ئىنىم بىلەن سىڭلىمنى دەيدۇ، ئۇ ئىككىسى بىزە جىمغۇر) يا گەپ قىلمىغان تۈزۈك، ئۆيدە بار-يوقلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ، سەن قايتىپ كەلسەڭ ئاندىن بىر بالا بار ئۆيگە ئوخشايدۇ  بۇ ئۆي.- دەپ قويىدۇ ئاپام ئالدىمىزغا تاماق ئەكەلگەچ.

    \

    ئاپام خىزمەت قىلمايدۇ، ئائىلىدە مەسئۇلىيەتچان ئايال ھەم لاياقەتلىك ئانا بولۇشقا تىرىشىدۇ ھەم شۇنداق بولىۋاتىدۇ. شۇڭا دادام سىرتتا ھېچنىمىدىن غەم قىلماي، ئۆزىنىڭ سودا ئىشىنى قىلىدۇ. ئاپامدا غۇلجىلىق ئاياللارنىڭ پاكىز - چېچەنلىكى، ئىشچانلىقى، ئۆيگە، ئەرگە سادىقلىقى، ئەرنى يېرىم خۇدا بىلىپ، چەكسىز ھۆرمەتلىشى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى  بولغاندىن سىرت يەنە ئەقىللىقلىقى، تىرىشچانلىقى، شۈكرى - قانائەتچانلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكى، كۆيۈمچانلىقى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. مەن ھەممىدىن قايىل بولىدىغىنىم گەرچە ئاپام باشلانغۇچنىمۇ تولۇق ئوقۇمىغان (ئۇكىلىرىغا  قارايمەن دەپ ئوقۇيالماپتىكەن) بولسىمۇ، بىلىم دائىرىسى كەڭ. ئىنىم بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ مۇسابىقە كۆرىدۇ، پۇتبول ، ۋاسكېتبول، چويلا توپ چولپانلىرى ئاپامغا ناتونۇش ئەمەس، خەلقئارا مەسىلىلەرگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ‹‹ئاپاڭلارنىڭ كاللىسى ئوچۇق›› دەيدۇ دادام پات پاتلا. ئاپام يېڭىلىقنى ئىتتىك قۇبۇل قىلغاندىن باشقا يەنە، قۇرئان ئوقۇپ تىلاۋەت قىلىدۇ. جاينامازدا بىزنىڭ، دادامنىڭ ئىنساپىنى تىلەيدۇ. دوستلىرى جەمئىيەتنىڭ خېلى يۇقىرى تەبىقىدە، شۇلار بىلەن چايلاردا بىللە بولىدۇ. مىسكىنلەرگىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ، بىزگىمۇ مۇشۇ توغرۇلۇق دائىم تەربىيە بېرىدۇ. توي - تۆكۈنلەردە كىشىلەر ئاپامنى تالىشىپ، يانلىرىدا تۇرغۇزىدۇ. ‹‹شەمشىنۇرنىڭ بەك ئادەمگەرچىلىكى بار، بەك ئوڭلۇق›› دەپ خوشنىلىرىمىزمۇ ماختايدۇ.  كەچلىرى ھەممىمىز يىغىلساق بىزگە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ بېرىدۇ. (سورۇنلارنىڭ گۈلى دەيمەن) ئاۋازى شۇنداق چىرايلىق، يېقىملىق، كىچىك قىزلارنىڭكىدەك ئىنچىكە. ئۆيگە تېلېفون كەلسە تولىراق ئاپام ئالىدۇ، بۇ چاغدا دادامنى ئىزدەيدىغانلار، ئاپامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ‹‹ھە قىزىم، دادىڭىز بارمۇ؟›› دەيدۇ. ئاپاممۇ چاندۇرماي، ‹‹دادا سىزنى ئىزدەيدىكەن››دەپ قويىدۇ.  بىزنى قەتئىي ئىش قىلغىلى قويمايدۇ، لېكىن ‹‹ يېنىمدا تۇرۇپ كۆرۈڭلار›› دەپ يېنىغا تۇرغۇزىۋالىدۇ. نان ياقىدۇ، قەتئىي سىرتنىڭ نېنىنى يېمەيدۇ. ‹‹سىرتنىڭ نېنىنى، تامىقىنى جىق يېسەڭلار، ئەقلىڭلارنى گال قىلىدۇ›› دەيدۇ.

    مانا! ھازىرمۇ پولو ئېتىپ ،ھەممىمىزنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى. دادام ئۆيدە بولسا، بىرىنچى بولۇپ دادامغا قويىدۇ، دادام ئىش بىلەن كېلەلمىسە، دادامغا تاماقنى بېشىدا ئۇسۇپ ئېلىپ قويىدۇ، دادام ئىشىكتىن كىرسە، ئالدىغا ساپما كەش ئاپىرىدۇ، ماڭسا ‹‹ئاللاغا ئامانەت، بىسمىللا دەپ مېڭىڭ›› دەپ كەينىدىن پەسكە چۈشەيلا دەپ قالىدۇ. ئاندىن بالكوندىن پەسكە قاراپ، دادام ماشىنىسىنى ھەيدەپ ماڭغىچە ‹‹خۇدايىمغا تاپشۇردۇم›› دەپ  تۇرىدۇ. بەزىدە ئىچىم پۇشۇپ ‹‹دادام يا بىزدەك بالاڭ بولمىسا، ئاپا›› دەپ قويىمەن. ‹‹داداڭ دېگەن مېنىڭ يۆلەنچۈكۈم، ئۆمۈرلۈك ھەمرايىم، سىلەر ھەممىڭلار توي قىلىپ چىقىپ كەتسەڭلار شۇ يەنە داداڭ بىلەن قالىمەن، چوڭ داداڭ رەھمەتلىكمۇ ماڭا تاپشۇرغان داداڭلارنى!›› دەپ خاپا بولىدۇ. ئاچچىقى بەك يامان . بىزگە دىكتاتۇرىنى جىقراق ئىشلىتىدۇ. چوڭ ئاپام چوڭ دادام تۈگەپ كېتىپ، مەن مۇشۇ ئۆيگە كەلگەن ۋاقتىمدىن تارتىپ، ئاپامدىن شۇنداق قورقىمەن. ئىنىم - سىڭلىممۇ شۇنداق قورقىدۇ. ئەمما، دادام - بولدى، بەك ياخشى ئادەم. دادامنى دوستتەكلا كۆرىمىز، ئۆزى باغرى يۇمشاق، بالىجانلىق ئادەم. خۇشئاۋاز، كۆيۈمچان دادا. ئاپامنىمۇ چەكسىز ھۆرمەتلەيدۇ. ‹‹ئاپاڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاڭلار، ئاپاڭلارنى خاپا قىلماڭلار››دەپ تۇرىدۇ. ئۇ ئىككىسىگە تولىمۇ ھەۋەس قىلىمەن. ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتىدىن بۇ دۇنيادا ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ بولىدىغانلىقى ھەم ئۇزۇن داۋاملىشىدىغىنىغىمۇ چەكسىز ئىشىنىمەن.

     كەچلىك تاماق يەپ بولۇپ، كومپىيوتىرغا قاراپ ئولتۇرسام، سىڭلىم كىردى. ئىككىمىز ئىككى ياشلا پەرق قىلىمىز شۇڭا دوستتتەكلا ئۆتىمىز. ئۇ خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇدى، ھازىر تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتىدۇ. بەك يۇۋاش، ئىشچان، ئەخلاقلىق. ئىككىمىزنىڭ مىجەز-خاراكتېرىمىز ئانچە ئوخشىمايدۇ. ئۇ بەك كەمسۆز. جىق ئىشلارغا كۈلۈمسىرەش ياكى بېشىنى لىڭشىتىش بىلەنلا جاۋاب بېرىدۇ. ئەمما ماڭا بەك ئامراق، مەن بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

     - ھەدە، چەت ئەلدە ئوقۇشقا قانداق قارايسەن؟- دېدى كىيىم ئىشكاپىنى رەتلىگەچ، ئۆزى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان بىلەن، ئۇيغۇرچىنى يېزىشنى، ئوقۇشنى بىلىدۇ. يېقىندا قۇرئان كەرىمنى يادلاشقا چۈشتى. (دادام، كىم بالدۇر يادلاپ بولسا مۇكاپات بېرىمەن، دېگەنىدى، مەنغۇ ئۈمىدىمنى ئۈزدۈم )  ئىسلام دىنىنى ئىلمىي قۇبۇل قىلغان بۇ سىڭلىم.

    - چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇسا ياخشىغۇ؟! بىزنىڭ بەزى قىزلارمۇ چەتكە چىقىپ ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، ھېلىقى ئېلنۇر ھەدەڭ، ھە شۇمۇ فىرانسىيىگە چىقىشقا ئىلتىماس قىلدى.- دېدىم كومپىيوتىردىن كۆزۈمنى ئۈزمەي.

    - ھە... گېرمانىيىگە چىقىدىغانلار بارمۇ؟

    ئۇنى بىلمىدىم جۇمۇ، يوققۇ دەيمەن، بۇنى سوراپ قالدىڭغۇ؟- دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ.

    - ھېچنىمە. سوراپ باقتىم.

    - سەن دوختۇرلۇقنى ئوقۇغاندىن كېيىن ، چەتكە چىقساڭ ئەڭ مۇۋاپىق ساقام. ئوقۇشۇڭنى پۈتتۈرۈپ ئىلتىماس قىلارسەن-يا؟!-دېدىم تارتمىنى ئاختۇرغاچ. سىڭلىم بۇرۇنقىدەك كۈلۈپلا قويدى، خالاس.

    خاتىرەمنى ئالدىم، كۈندىلىك خاتىرە دېگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۈچ-تۆت كۈنلۈك خاتىرە دېگىلى بولىدۇ بۇ يازغانلىرىمنى مەنچە. نەچچە خاتىرە دەپتەر توشۇپ بولدى.  ئادەمنىڭ ھېسسىياتى چەكسىز بولىدىكەن، يازسا-يازسا  تۈگىمەيدىكەن.  چوڭ دادام تۈگەپ كېتىپ يېزىشنى باشلاپتىكەنمەن. مانا ئون يىلدىن ئېشىپتۇ. قىزىق! بۇرۇنقى يازغانلىرىمغا قارىسام ، ئۆزۈمنى چوڭ بولغاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن، بەزىلىرى پەقەت شۇ كۈندىكى ھېسىياتىمغىلا ۋەكىل بولالايدىكەن، بەلكىم شۇ ۋاقىتتا شۇنداق ئويلىغىنىممۇ توغرىدۇر. شۇنچە ئۇزۇن يوللارنى بېسىپتىمەنۇ، لېكىن مەن يەنىلا بىر بالا. رەھمەتلىك، سۆيۈملۈك چوڭ دادام ئاخىرقى نەپەسلىرىدە، ماڭا ئاتاپ يىغقانلىرىنى قولۇمغا تۇتقۇزغاچ، ئۈزۈپ ئۈزۈپ:

    جېنىم بالام، ئەسلى بۇلارغا سېنى چوڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتارمەن، تويۇڭنى ئېسىل قىلىپ بېرەرمەن دېگەن، چوڭ بولۇپ قالدىڭ، ئۆزۈڭ ساقلىغىن، قارا! سەن بىر ياراملىق ئادەم بولۇپ چوڭ بولۇۋاتىسەن.  ھەممە ئىشتا ئۆزۈڭگە ئىشەنگەن، سەن خاتا قىلمايسەن، ئۆزۈڭ توغرا دەپ قارىغان بولساڭ، ئىككىلەنمىگىن، سەن چوڭ بولدۇڭ، ئۆزۈڭنىڭ يولىنى ئۆزۈڭ مېڭىپ ئاخىرىغا چىقىرىسەن، ئەمدى سەن بالا ئەمەس، چوڭ قىز بولدۇڭ، شۇڭا ئاللاھ تائالا مېنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كېتىدىغان بولدى، بالام!!!... مەن ئۇ دۇنيادا تۇرۇپ ساڭا دۇئا قىلىمەن، بەخىتلىك بولغىن جېنىم بالام!- دېگەنىدى. شۇ چاغدا ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم دەپ ئويلايتتىم، چوڭ دادامنىڭ كېتىپ قېلىشى بۇ قارىشىمغا قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمىدى.  دادام دېگەندەك چوڭ دادامنىڭ روھى بىز بىلەن بىللە، ئۇ بىزنى كۆرەلەيدۇ، لېكىن بىز كۆرەلمەيمىز، بىز پەقەت روھىغا دۇئا قىلىمىز، بىر سىركاي سۇ ئىچسەكمۇ. خاتىرەمگە يازدىم. ‹‹خاتىرجەم بولغىن چوڭ دادا، سېنىڭ نەۋرە قىزىڭ چوڭ بولدى. چوقۇم سەندەك قەيسەر، چىداملىق بولىدۇ، سەندەك ياشقا بېرىپ نەۋرىلىرىگە سەن دېگەن گەپلەرنى دەيدۇ...››

    رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ چاپلىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.