تەۋارىخى مۇسىقىيۇن:مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون ئىككىنچى پىرى شەيخ سەفايى سەمەر

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-18 01:05:50

تەۋارىخى مۇسىقىيۇنموللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىمۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون ئىككىنچى پىرى شەيخ سەفايى سەمەرقەندىئون ئىككىنچى پىرى شەيخ سەفايى سەمەرقەندى* ھەزرەتلىرىدۇر. بۇ ئەزىز بىلم...



    تەۋارىخى مۇسىقىيۇن
    موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى
    مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون ئىككىنچى پىرى شەيخ سەفايى سەمەرقەندى

     


    ئون ئىككىنچى پىرى شەيخ سەفايى سەمەرقەندى* ھەزرەتلىرىدۇر. بۇ ئەزىز بىلمەيدىغان مۇقام ئاھاڭلىرى، بۇ ئەزىز چالالمايدىغان چالغۇ ئەسۋاپلىرى يوق دىسىمۇ بولىدۇ. بۇ پەن بويىچە ئىككى يۈزدىن ئارتۇق شاگىرتنى ماھىر قىلىپ چىقاردى. <نەشائەتى مۇسىقى> [مۇزىكىنىڭ ئۈنۈمى] ناملىق بىر رىسالە يازدى، بىر قانچە تۈرلۈك ناخشا-غەزەللەرنى ئىجات قىلدى. ھىجرىيە 869-يىلى [مىلادى 1464-1465-يىلى] ئەللىك ئالتە يېشىدا پالەچ كېسىلى بىلەن ۋاپات بولدى.


    _________________
    شەيخ سەفايى سەمەرقەندى-ناسىر بىننى مۇھەممەت بىننى ئىبراھىم شەيخ سەفايى سەمەرقەندى. مىلادى 1408-يىلى سەمەرقەندتە دۇنياغا كېلىپ، 1469-يىلى ۋاپات بولغان. لېكىن <تەۋارىخى مۇسىقىيۇن>دا ھىجرى 869-يىلى (مىلادى 1464-1465-يىلى) ۋاپات بولدى دەپ يېزىلغان. ئۇ مەشھۇر دىنىي پەيلاسوپ ۋە ئەدىپ بولۇپ، <ئەلبوستان> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.