كۈنىگە بىر ئەقىل (ئايازنامە) 12-ئاي

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-22 21:51:48

كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي)(ئايازنامە) 12-ئاي ئېتىقاد ھەقىقىي دىن مۇنداق بىرلا ئىش-ئىنسانىيەتنىڭ بارچە قانۇنلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان قانۇننى چۈشۈنۈپ يېتىشتە كۆرۈلىدۇ.دۇنيادا بىر خىل ئومۇمىي دى...

    كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي)
    (ئايازنامە)
    12-ئاي


    ئېتىقاد

    ھەقىقىي دىن مۇنداق بىرلا ئىش-ئىنسانىيەتنىڭ بارچە قانۇنلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان قانۇننى چۈشۈنۈپ يېتىشتە كۆرۈلىدۇ.
    دۇنيادا بىر خىل ئومۇمىي دىن بار-خۇدانىڭ بىردىن-بىر ئىلاھلىقىغا، ئۇنىڭ ھەم مېنىڭ قەلبىمدە، ھەم قەلبىمنىڭ سىرتىدا، ھەر بىر ئادەمنىڭ دىلىدا، شۇنداقلا ھەر بىر جانلىقنىڭ يۈرىكىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغان.
    خۇدانى تارىخىي نۇقتىدىن چۈشىنىش، خۇداغا بولغان رېئاللىقنى چۈشىنىشنىڭ مۇھىملىقىغا يەتمەيدۇ. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، بىزنىڭ خۇداغا بولغان تونۇشىمىز كۈنسايىن موللاشماقتا. بىز دىننىڭ ھازىرقى زامان شەكىللىرى ئارقىلىق ئىلگىرىكى بارلىق دىنلارنى تەنقىدلىشىمىز كېرەك، بۇ ئۇنىڭغا قارشىلىشىش ئەمەس.
    بىراۋ ئېتىقاد قىلىدىغان دىنىنى ئۆزگەرتسە ياكى باشقا دىنغا كىرىپ بەيئەت قىلسا، بۇ ئۇنىڭ خۇدانى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگىدەك ھۆرمەت بىلدۈرسە ۋە چوقۇنسىلا، ئۇنىڭ تىلىكى ئىشقا ئېشىپ قالىدىغاندەك ئويلاپ قالغانلىقىدىندۇر. ھەقىقىي ئېتىقاد شۇنداق قارايدۇكى، چىن ئادەم خۇدا بۇيرۇغان ئىشنى قىلىشنى بىلىدۇ-خۇدانىڭ ئىرادىسىگە بوي سۇنىدۇ−ئاندىن خۇداغا بەيئەت قىلىدۇ، ئۆزى شۇنداق قىلالىسىلا خۇداغا خىزمەت قىلغانلىق بولىدۇ.

    12-ئاينىڭ 1-كۈنى

     

    روھ

    ئۆزىڭىزنى−جىسمىڭىز ئەمەس، بەلكى مەنىۋى ئۆزلۈكىڭىزنى− چۈشىنىش سىزگە كۈچ-قۇدرەت بېغىشلايدۇ.
    ھاياتىمىزدا ئىككى تۈرلۈك ئىش بەك مۇھىمدۇر. بىرى، بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋى مەنبەسىنى قانداق چۈشىنىش؛ يەنە بىرى، بۇ مەنبەنىڭ ماكان ۋە زاماندا قانداق زاھىر بولىدىغىنىنى چۈشىنىش. بىراق، ئەمەلىيەتتە پەقەت بىرىنچى خىل نەرسىلا مەۋجۇت. بىز ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋى مەنبەيىمىزنى تۇيۇپ يېتەلەيمىز، ئەمما كۆرەلمەيمىز. بىز ئۇنىڭ ماكاندا ئىپادىلىنىشىنى كۆرەلەيمىز، بىراق، ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل چۈشىنەلمەيمىز.
    بىز «مەن ياشاۋاتىمەن» دەپ قالمايلى، ئۇنداق ئويلىمايلى، بىز مۇنداقلا دەيلى ۋە ئويلايلى: «ياشاۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ قەلبىمدىكى خۇدانىڭ روھىدۇر.»
    قارمۇ-قارشى زەرەتلەر ئۆز ئارا تارتىشىدۇ. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە، بىزگە مەلۇم بولغان ھايات بىز سېزىپ يەتكەن نەرسىلەردىن تەركىب تاپقان. بىراق، بىز ئۆز سېزىمىمىزنى ئۈزۈل-كېسىل چۈشۈنۈپ يېتەلمەيمىز، چۈنكى، ئۇ بىز ئويلىغاندەك ھەقىقىي مەۋجۇت ئەمەس. ھەقىقەت مەۋجۇت بولغىنى، بىزنىڭ روھىمىزدۇر.

    12-ئاينىڭ 2-كۈنى

     

    ھەممە جانلىقنىڭ روھى بىر

    ھاياتتا، ئۆزىنىلا ئويلىۋالسا ھەممە ئىش بەك مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ. ئۆز تېنىنىڭ تەلەپلىرىگە ئەمەس، ئۆزىنىڭ روھىغا خىزمەت قىلغاندا، ھەممە ئىش يەڭگىللىشىدۇ ۋە ئاددىيلىشىدۇ.
    تاشقىي شارائىتتىن كەلگەن بالايىئاپەتلەرنى قوبۇل قىلماق نىسبەتەن ئاسانراق، ئالايلۇق، كېسەللىك، ئوت ئاپىتى، يەر تەۋرەش دېگەندەكلەر. بىراق، باشقىلاردىن كەلگەن بالايىئاپەتلەرنى قوبۇل قىلماق ئازابلىق؛ بۇ يەردە، باشقىلار دېيىلىۋاتقىنى، ئۆز ئارا مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىشىشى كېرەك بولغان ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىلدەك يېقىن بارچە ئادەملەردۇر.
    ئادەم يالغۇز ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنىلا ياشىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، بىزلەر ئورتاق ياشىشىمىز كېرەك بولىدۇ. ئەگەر، بۇ قائىدىنى بىلىسە، كىشىلەر شۇنى چۈشىنەلەيدۇكى، باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ماھىيەتتە ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىق بولىدۇ.
    كىشىلەر بەزىدە، خۇدانىڭ تىزگىنىدىن قۇتۇلساق تېخىمۇ ئەركىن بولۇپ كېتەتتۇق، دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. بىراق، ئەمەلىيەت دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. ھەقىقىي ئەركىن بولغىنى خۇدا بىلەن بىرلەشكەن كىشى، چۈنكى، ئىلاھىي روھ ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىدىدۇر.

    12-ئاينىڭ 3-كۈنى

     

    خۇدا

    كىشىلەر ئادەمنى ئەمەس، ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدىكى خۇدانى سۆيۈشى كېرەك.
    مەن ئۆز روھىمنى چۈشەنمەكچى بولسام، «مەن نېمە» دېگەن بۇ سوئالنى تەپەككۇر قىلىشتىن باشلايمەن. مېنىڭ جىسمىم، ھەقىقىي ئۆزۈم ئەمەس؛ خۇددى شۇنىڭدەك، مېنىڭ ھېسسىياتىم ۋە ئىدىيەممۇ مەن ئەمەس. ئانداقتا، «مەن» زادى نېمە؟ ماڭا ئايانكى، «مەن» مەۋجۇت، ئۇ بولمىسا، ھېچقانداق ئىش مەۋجۇت بولمايدۇ. ئۇ، مېنىڭ ئىچىمدىكى بەزى نەرسىلەر، مەن ئۇنى ئىچكىي روھىم، دەپ ئاتايمەن. مانا بۇ ھەقىقىي «مەن»دۇرمەن.
    خۇدا يا مەۋجۇت ئەمەس، يا ھەممە يەردە مەۋجۇت، ھەممە ئىشتا مەۋجۇت.
    سىز خۇدانى ئۈزۈل-كېسىل چۈشىنىپ يېتەلمەيسىز، بۇنىڭ ئۈچۈن ئوڭايسىزلىنىش كەتمەيدۇ. بىز تىلىمىز بىلەن خۇدانى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمىز، ئەگەر، ئۇنداق بولسا ئۇ خۇدا بولماي قالىدۇ. بىراق، بىز شۇنى چۈشىنەلەيمىز ۋە ھەقىقىي تۈردە سىزىپ يېتەلەيمىزكى، بىز خۇدانى ئۈزۈل-كېسىل چۈشىنىپ يېتەلمىسەكمۇ، ئۇ راستتىنلا مەۋجۇتتۇر.

    12-ئاينىڭ 4-كۈنى

     

    روھنىڭ بىردەكلىكى

    بىزنىڭ پەقەت بىرلا ھەقىقىي يول باشچىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى روھتۇر، ئۇ بىزگە نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. دەل-دەرەخلەر تەبىئىي يوسۇندا قۇياشقا ئېغىپ ئۆسىدۇ. گۈل-چېچەكلەر ئۆزىنىڭ قايسى ۋاقىتتا ئۇرۇق تۇتۇشى كېرەكلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا، بۇ چاغدا ئۇرۇقنى تۇپراق قېتىدا ئۆستۈرىدۇ. بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى روھ بىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇ: بىر خىل روھ بىلەن بىرلىشىشمىز كېرەك، ئۇ روھ ھەممە يەردە مەۋجۇت، ئۇ بارلىق جانلىقلارنى يېتەكلەيدۇ.
    ئون كىشى بىرلىشىپ ئىشلىسە، يۈز ئادەم ئايرىم-ئايرىم ئىشلىگەندىن ياخشىراق ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدۇ. بۇ تەبىئىي قانۇنىيەت. بىزنىڭ مۈشكۈلاتلىرىمىز كەم ھوسۇل ئېلىپ قالغىنىمىز، ئوغرى-بۇلاڭچى ۋە ياكى دۈشمىنىمىزدىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى بىز ياشاش جەريانىدا بىر-بىرىمىزدىن بەكلا يىراقلىشىپ كەتكىنىمىزدىندۇر.
    مەن بىراۋنى قانچە سۆيگەنچە سىز ئۇنىڭغا شۇنچە يېقىنلاشقاندەك سېزىسىز. سىز بىرسىنى سۆيسىڭىز، ئۇ ئۆزىنى سىز بىلەن بىر تەن، بىر ۋۇجۇدقا ئايلىنىپ كەتكەندەك سېزىدۇ.
    مەن شەخسنى جازادىن ساقىت قىلىشنى ئەمەس، بىر ئۆمۈر پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئىستەيمەن.

    12-ئاينىڭ 5-كۈنى

     

    سۆيگۈ-مۇھەببەت

    بىزنىڭ باشقىلارنى سۆيۈشىمىز، ئۇلارنىڭ شەخسىيىتى ئۈچۈن ئەمەس، مۇنداق بىر ئەمەلىيەت ئۈچۈندۇر: ھەر بىر ئادەم بىزنىڭ ھەقەمسايىمىز، ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە خۇدانىڭ روھى بار. بۇ خىل سۆيگۈ بىزگە ھەقىقىي ھۇزۇر ئاتا قىلىدۇ.
    دەسلىپىدە، «خۇدانى سۆيۈش»تىن ئىبارەت بۇ گەپنى چۈشىنىش قىيىنغا توختىغان. ئەجەبا، بىز خۇدانى ئۈزۈل-كېسىل چۈشۈنۈپ يېتەلمەيدىكەنمىز-يۇ، خۇدانى قانداق سۆيىمىز؟ سىز سۆيگۈ خۇدادۇر، دېگەن بۇ گەپنى دەسلەپ ئېتىراپ قىلغىنىڭىزدا ئاددىي، چۈشىنىشلۈك تۇيۇلىدۇ.
    چىن قەلبىدىن سۆيۈش، سۆيگۈ-مۇھەببەتكە چوڭقۇر چۆكۈش، سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىش-بۇنداق گەپلەرنىڭ ھەممىسى ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە چۈشىنىشلىك ھەم شۇنچىلىك ئاددىي. بىز باشتىن ئاخىر خۇدانى سۆيىمىز، چۈنكى، خۇدا سۆيگۈدۇر.
    بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىز زەئىپ، يىرگىنىشلىك بولۇپ، ھالاكەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. بىراق، ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان ئۇلۇغ خەزىنە-خۇدانىڭ ئۆلمەس روھى بار. بىز بۇ نۇقتىنى چۈشەنگەندىلا ئاندىن ھەر بىر ئادەمنى سۆيۈشكە باشلايمىز، ھەم ئۇنىڭدىن لەززەت تاپىمىز.
    -گرېگورىي ساۋىچ سكوۋورودا
    مەن ئۆزۈمنى ئېسىمنى يوقاتتىم، دەپ ئويلايمەن. مەن ئۆزۈمنىڭ لېۋ تولستوي ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتىم. مەندە يەنە نېمە قېلىپ قالدى؟ مەن ئۆزۈمدە قېلىپ قالغان نەرسىنى ئوچۇق چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن-ئۇ بولسىمۇ سۆيگۈ، ئۇ ساقلىنىپ قېلىۋېرىدۇ.

    12-ئاينىڭ 6-كۈنى

     

    خاتالىق

    ياخشى ئادەم بىلەن ئەسكى ئادەمنىڭ پەرقى، ياخشى ئادەمنىڭ خاتالىقى ئاز، ئەسكى ئادەمنىڭ خاتالىقى كۆپلۈكىدە ئەمەس، بەلكى، ياخشى ئادەم ئۆز خاتالىقىنى سەزگەن ھامان تۈزىتىشكە تىرىشىدىغانلىقى ۋە ئۆز خاتالىقى بىلەن كۈرەش قىلىدىغانلىقى، ئەسكى ئەدەمنىڭ ئۆز خاتالىقىنى بوينىغا ئالمايدىغان، ھەتتا خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن قورقمايدىغانلىقىدا.
    مۇبادا بىراۋ: «ئۆز خاتالىقىڭىز بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ، چۈنكى، ھەرقانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىزمۇ خاتالىقتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ» دېسە، بۇ: «ماڭا ئاش-تاماق بەرمەڭ، چۈنكى يەپ بولسام يەنىلا قورسىقىم ئاچىدۇ» دېگەندەكلا بىر گەپ بولۇپ قالىدۇ. ھاياتنىڭ ماھىيىتى، دەل ئۆز خاتالىقىڭىز، ئۆز ئاجىزلىقىڭىز بىلەن كۈرەش قىلىشتا.
    ئۆزىڭىزدىنمۇ خاتالىق ئۆتۈپ كېتىدىغىنىنى بىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ۋاقىتتا چوڭراق، قانداق ۋاقىتتا كىچىكرەك خاتالىق سادىر قىلىدىغىنىڭىزنى بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك.

    12-ئاينىڭ 7-كۈنى


    ئېزىقىش

    ئەگەر، قورساق تازا ئاچقاندا ئاندىن بىر نېمە يېسە، يەنە كېلىپ ئاددىي، كۈچسىز تاماق يېسە كىشىلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكنى ئازايتقىلى، باشقىلارنىڭ گۇناھلىق قىلمىشى ۋە خاتالىقى بىلەن كۈرەش قىلغىلى بولىدۇ.
    سوقرات ئۆز تالىپلىرىغا، يېمەك-ئىچمەكنى ۋە خىزمەت مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، ئۆز روھىغا پايدىلىق قۇدرەتنى تېپىپ چىقىشقا تەلىم بەرگەنىكەن. ئۇ شۇنداق دەپتۇ: ئەگەر، سىلەر بۇنى ئىنچىكە ئورۇنلىيالىساڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئەڭ ياخشى دوختۇرىغا ئايلىنالايسىلەر.
    ئۆز ئادەتلىرىڭىزنىڭ خوجايىنى بۇلۇڭ ، ئۇلار سىزگە خوجايىنلىق قىلمىسۇن.
    بىزنىڭ كۆنگەن خۇيىمىز قانچە ئازىيىپ بارسا، بىز يولۇقىدىغان مۈشكۈلاتلارمۇ شۇنچە ئازىيىپ بارىدۇ.
    ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ۋېگېتارىئانىزمنى ياقىلايدىغانلار بارغانچە كۆپەيمەكتە. ئۇزاققا بارماي، ھەر بىر كىشى شۇنى تونۇپ يېتىدۇكى، ئۆزىنىڭ تاماققا بولغان تەم ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا جانلىقلارنى ئۆلتۈرۈش، ۋەھشىي قىلمىشتۇر.

    12-ئاينىڭ 8-كۈنى

     

    ھاۋايى-ھەۋەس ۋە شەھۋانىي ھېسسىيات

    قىز-يىگىتلەر بويىغا يەتكەندە قانداق قىلىشى كېرەك؟ جاۋاب شۇكى، ئامالىنىڭ بارىچە پاكلىقىنى قوغدىشى كېرەك، ئەگەر، مۇمكىن بولسا، بويتاقلىقنى تاللىغاي. شۇندىلا سىزنىڭ ھاياتىڭىز پاك پېتى ئۆتىدۇ.
    ئەگەر، بىر جۈپ قىز-يىگىت ئوتتۇرىسىدا جىنسىي مۇناسىۋەت يۈز بېرىپ قالسا ئۇلار قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئۇلار توي قىلىپ، بىر ئۆمۈر سادىق ئۆتۈشى كېرەك.
    ھەزرىتى ئەيسا سەبىي بالىلارنى تەرىپلەپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۇلارغا تەئەللۇقتۇر، دەيدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئاساسسىز قۇرۇق گەپ ئەمەس. بالىلار دانىشمەنلەر بىلمىگەننى بىلىدۇ. ھەر بىر ئەۋلادتا ۋە ھەر بىر ئائىلىدە بىز ئاشۇ سەبىي، مەسۇم بالىلارنىڭ كەپسىز، ئوماقلىقى پەيدا بولغىنىنى كۆرىمىز-ئۇلار ئاشۇ تەرەپلىرى بىلەن بەلكىم مەڭگۈ ئۈزۈك-كېسىل پاك ئۆتەلەيدىغان بالىلاردۇر. ھايات ئېقىۋاتقان دەرياغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا لاي-لاتقىلارمۇ، سۈزۈك سۇلارمۇ ئاقىدۇ.
    شەرم-ھايا، نومۇس دېگەنلەر ئادەمنىڭ يالغۇزلۇققا بولغان تەلپۈنۈشىنىڭ تەبىئىي ئىپادىلىنىشى. ھايۋاندا نومۇس بولمايدۇ.

    12-ئاينىڭ 9-كۈنى

     

    ئىشلەش ۋە بىكارچىلىق

    ھېچقانداق ئىش قىلمايدىغان ئادەمنىڭ بىر تالاي ياردەمچىسى تەييار.
    شەيتان، ئادەمنى سىنايدىغاندا بېلىق قارمىقىغا نۇرغۇنلىغان ھەر خىل يەمچۈكلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. بىراق، ھۇرۇن قارماقچىغا يەمچۈكنىڭ ھاجىتى يوقكەن. بۇ ھۇرۇن بىردەمدە يەمچۈكسىز قالغان قارماقنى يۇتىۋېتىپتۇ. ھۇرۇننىڭ مېڭىسى شەيتاننىڭ كۆڭۈل ئېچىپ ئوينايدىغان ئويۇنخانىسى بوپتۇ.
    بىزنىڭ ئەڭ چوڭ خاتا تونۇشىمىزنىڭ بىرى شۇكى، بىكار تەلەپلەر بەخىرامان، خۇشال ياشايدۇ دەپ قاراش. يەنە بىر خاتا قارىشىمىز بۇ خاتا تونۇشىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ جەننەتتە كىشىلەر ھېچقانداق ئىشلەشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ خام خىيال قىلىشتۇر.
    كۈندىلىك تۇرمۇش بىر خىللا، تەمسىز كونا پەدىدە كېتىۋەرسە، ئۆزىڭىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. سىز يالغۇز تۇرغاندا، ئۆزىڭىزنىڭ ھاياتىنى كۆزىتىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن ئامالنىڭ بارىچە بوش ۋاقىت چىقىرىشىڭىز كېرەك.

    12-ئاينىڭ 10-كۈنى

     

    ئاچكۆزلۈك ۋە بايلىق

    ئىنسان ئۆزىنىڭ روھىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن موللاشتۇرۇشى كېرەك. بىراق، ئەمەلىيەتتە كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆلەر-تىرىلىشىگە باقماي بايلىق ۋە ماددىي بۇيۇملارنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپراق قولغا كەلتۈرۈش، ھەممىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش كويدا بولىدۇ.
    دىنى سۇس ئادەملەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بايلىق گۈزەل ئىسىم، بايلىققا ئېرىشىش ياخشى ئىش؛ ھەقىقىي تەقۋادار (مۇخلىس) ئۈچۈن ئېيتقاندا، بايلىققا بېرىلىش گۇناھتۇر. «باي خرىستىئان مۇخلىسى» دېگەن گەپ بولمايدۇ، چۈنكى، ئۇ كىشىلەرنىڭ چۈشىنىۋېلىشىغا ئىمكان بەرمەيدۇ، خۇددى «سۇيۇق ھالەتتىكى مۇز»غا ئوخشاش.
    ئالدامچىلىق بىلەن تېپىلغان بايلىق سودا-سېتىق قىلغانغا ئوخشايدۇ−سودا-سېتىق كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا زىددىيەت تېرىش، ئالدامچىلىق بىلەن پۇل تېپىش ۋە باشقا پارا بېرىشتەك قىلمىشلارغا تايىنىپ بولىدىغان ئىش−تاپقانلىرىدىن گەرچە بىر بۆلىكىنى خەير-ساخاۋەت قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئوغرىلاش ياكى بۇلاش ئارقىلىق توپلانغان بايلىقتىنمۇ ئۆتە ھارامدۇر، چۈنكى، ئوغرى ياكى قاراقچى ئەڭ بولمىغاندىمۇ قانۇندا جازالىنىدۇ.
    بىراۋ ئېرىشكەن نەرسىلەر بەك كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ ئۇ مەڭگۈ تويمايدۇ، چۈنكى، ئۇ باشقىلار ئۆزىدىنمۇ بايدەك چاغلىۋالىدۇ. خۇشال-خۇرام ياشاشنىڭ بىردىن-بىر يولى، بارىغا شۈكۈر قىلىش، تېخىمۇ كۆپكە ئېرىشىشنى ئويلىماسلىق.

    12-ئاينىڭ 11-كۈنى

     

    ئاچچىقلىنىش ۋە ئاداۋەت

    ھەر بىر ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك بىردىن-بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ قەلبىنى پاكىز تۇتۇش، بۇنداق قەلبتە ئاچچىقلىنىش، ئاداۋەت، تېرىكىش ۋە دۈشمەنلىككە ئورۇن يوق.
    ئەگەر، سىز باشقىلارغا كۆڭلىڭىزدە غۇم ساقلىغان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتىنى ئويلىشىڭ. ئۆزىڭىزنىلا ئويلىۋالماڭ، ئۆزۈمنىڭ توغرا دەپ ئىسپاتلاپمۇ يۈرمەڭ.
    ئۆزىڭىزنى توختىتىپ، ئامالنىڭ بارىچە باشقىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆپراق كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. باشقىلارنىڭ ھەرگىز يامان گېپىنى قىلماڭ، ھەتتا ئۆز ئىچىڭىزدىمۇ. باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىۋاتقىنىڭىزدا، ئىمكان قەدەر ئۆزىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ ئورتاقلىقىنى تېپىشقا تىرىشىڭ، ئورتاقلىقىڭىز قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى، شۇنداقلا بۇنداق تۇيغۇلىرىڭىزنى داۋاملىق يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ.
    باشقىلارغا قايناپ يۈرمەڭ، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ، كەڭ قورساق بۇلۇڭ ۋە باشقىلارغا مۇھەببەت باغلاڭ؛ ئۆزىڭىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇڭ: سىزدىمۇ باشقىلارنىڭ ھەرقانداق كەمچىلىكى ساقلىنىپ قالغان، ئۆز كەمچىلىكىڭىزنى باشقىلارنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ.

    12-ئاينىڭ 12-كۈنى

     

    تەكەببۇرلۇق

    ئەگەر، ئۆزىگىلا كۆڭۈل بولىدىغان ئىش بولسا، ھەممە كىشى ئۆزى ھەقىقىي ھاياتقا ئېرىشكەندەك بولىدۇ، بەلكى ئۆزىدىن باشقىلارنىڭ ھاياتى مۇھىم بولماي قالىدۇ. مۇبادا، ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ھاياتىنى باشقىلارنىڭكىدىن مۇھىم بىلسە، ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتى باراۋەر ئورۇنغا ئېرىشكەن بولىدۇ.
    ياۋا ئوت-چۆپلەر بوغدايلىققا ئۈنۈپ قالسا، ئېتىزنىڭ ئوغۇت-سۇلىرىنى تارتىپ كېتىدۇ، كۈن نۇرىنى توسۇۋېلىپ، بوغدايلارنى بولدۇرمايدۇ. ئادەمنىڭ تەكەببۇرلۇقىمۇ دەل شۇنداق، ئەگەر، تەكەببۇرلۇق بىر ئادەمنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالسا، ئۇنى ھەقىقەت نۇرىنى كۆرەلمەيدىغان قىلىپ ھىممىدە پېچەتلەپ قويىدۇ.
    بىر ئادەم قانچىكى تەكەببۇر بولغانچە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىۋاتقان ئادەملەر ئۇنىڭ شۇنچە دۆتلۈكىنى بايقايدۇ-دە، ئۇنى خورلاش ياكى باشقۇرۇش قەستىدە بولىدۇ. تەكەببۇرلۇق ھەمىشە دۆتلۈكنىڭ ھەمراھى.

    12-ئاينىڭ 13-كۈنى

     

    شۆھرەتپەرەسلىك ۋە نام-ئاتاق

    بالىلارنى تەربىيىلەشتە، ئۆگىتىشكە تېگىشلىك ئاساسلىق قائىدە-يوسۇنلارنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى باشقىلارنىڭ قاراشلىرىغا بېقىنماسلىق كېرەكلىكىدۇر.
    ھەر بىر ياخشى ئىش-ئەمەللەردە ياخشى نام-ئاتاق، باشقىلارنىڭ ھىمايىسى ۋە تەرىپلىشىگە ئېرىشىشكە بولغان تەلپۈنۈش يوشۇرۇنغان بولىدۇ، بۇ قارىماققا خاتا ئىش ئەمەس. خاتالىق، ياخشى ئىش-ئەمەللەرنى پەقەت ياخشى نام-ئاتاققا ئېرىشىش ئۈچۈنلا قىلىشتۇر.
    بىز يولۇقىدىغان ئاساسلىق مۈشكۈلات ئاز ساندىكى بۇزۇقلاردىن كەلمەيدۇ، بەلكى بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى كۆپ ساننى تەشكىل قىلغۇچى خەلقتىن كېلىدۇ، ئۇلار سۇنىڭ ئېقىشىغا ئوخشايدۇ، ئۇلار بىزنى ئۆزلىرى ئاققان يۆنىلىشكە قاراپ سۆرەيدۇ.
    سىز ئەڭ ئاخىرقى بىر كىيىمىڭىزنى سېلىپ تاشلىشىڭىز كېرەك، ئۇ بولسىمۇ شۆھرەتپەرەسلىك ۋە نام-شۆھرەت تاماسىدۇر. ئۇ بۇلغىنىشنى تازىلىماق بەك تەس، چۈنكى، ئۇلار سىزنىڭ روھىي ئەركىنلىكىڭىزنى ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالغاندۇر.

    12-ئاينىڭ 14-كۈنى

     

    سوتلاش ۋە جازالاش

    يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرايلى، ھەر بىر ئادەمنى ئەپۇ قىلايلى. بىز مانا شۇنداق ياشىغاندىلا ئاندىن دۇنيادا يامانلىق يوقايدۇ.
    بەزىلەر، خرىستوسنىڭ يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش تەلىمىگە سوغۇق قارايدۇ، بۇ ئادەتتىكى ئەھۋال. ئۇلار، ئەگەر بىز بۇ نىزاملارغا بۇي سۇنساق، دۇنيانىڭ ھازىرقى نورمال تەرتىپى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، دېيىشىدۇ. بىراق، كىشىلەرگە بۇ مىزاننى ئۆگىتىش ئەكسىچە كونا، رەزىل تەرتىپلەرنى بۇزۇپ تاشلاش ھەمدە ياخشى، خرىستوس كەبى يېڭى تەرتىپلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر.
    ناھايىتى روشەنكى، ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ «رەزىللىك» چۈشەنچىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. پېتىر ياخشى دېگەننى ئىۋان يامان دەيدۇ. ئەگەر، پېتىر ئىۋاننىڭ ئەقىدىسىگە يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرسا، يامانلىق ئۆزلۈكسىز يامراشقا باشلايدۇ. شۇڭا، بىز قايتۇرىدىغان جاۋاب پەقەت ياخشىلىقلا بولسۇن.

    12-ئاينىڭ 15-كۈنى

     

    زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش

    باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامال قىلىۋېلىش، باشقىلارغا ئىش ئۆگىتىشنى كىشىلەر شۇ قەدەر ياخشى كۆرەمدۇ؟ كىشىلەر شۇنداق قىلىشىدۇ، چۈنكى، ئۇلار خاتا قارار چىقارغان ھالەتتىمۇ ئۆزى ئۇنىڭ زىيىنىنى تارتمايدۇ.
    باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈشى ھەققىدە كۆپۈپ سۆزلىگەنلەر، ئوڭشاپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئەيۋەشكە كەلتۈرەلمىگەنلەر بولىدۇ.
    بەزىلەر، باشقىلارنى ئۆزىنىڭ تېڭىلغان قاراشلىرى بويىچە ياشاشقا قىستايدۇ، بۇنىڭ بىلەن، ئۆلەر-تىرىلىشىگە قارىماي سەۋەب ئىزدەشكە، ئۆزىنىڭ قاراشلىرى تېڭىلغان بۇ خىل زورلۇق تەلەپلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنىدۇ.
    كىشىلەر ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تاشقىي شەكلىگە، قائىدە-يوسۇنلارغا ۋە كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت شەكلىگە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىدۇ. تاشقىي شەكىل ئۇنچىۋالا مۇھىممۇ ئەمەس. ھەقىقىي ھايات كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانىدىدۇر.

    12-ئاينىڭ 16-كۈنى

     

    زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش

    مېنىڭچە، دۇنيادا زوراۋانلىق بولمىسا، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.
    خرىستىئان دىنىنىڭ ئەقىدىسى بىزدىن باشقىلارنىڭ ئىرادىسى ئەمەس، خرىستوسنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ؛ رەزىللىك بىلەن خرىستوسنىڭ ئىرادىسى تامامەن قارمۇ-قارشىدۇر.
    ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى، ئەخلاقى، ئىززەت-ھۆرمىتى مۇنداق بىر ئالدىنقى شەرت ئۈستىگە قۇرۇلغان: ياخشى ئىش-ئەمەللەر ئامالسىزلىقتىن ئەمەس، بەلكى ئەخلاق-پەزىلەتتىن قىلىنىدۇ.
    دەريانىڭ قارشى قىرغىقىدا تۇرغان كىشى مېنىڭ خۇنۇمنى تۆكۈشكە ھوقۇقلۇق، چۈنكى، ئۇنىڭ دۆلىتىدىكى ھۆكۈمران بىلەن مېنىڭ دۆلىتىمدىكى ھۆكۈمران چىقىشالمىغان؛ دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئەخمىقانە گەپ بولامدۇ؟
    ھۆكۈمران بولغۇچىنىڭ باشتىن-ئاخىر پاك، گۇناھسىز بولۇپ كېتىشى ناتايىن.

    12-ئاينىڭ 17-كۈنى

     

    ئېتىقاد

    ھەقىقىي ئېتىقاد ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ دىنىي جەمئىيەت تۈزۈمىگە قاراشلىق ئەمەس. ئۇ بىر خىل ئاسارەتلىك تۈزۈمدۇر.
    تۈزۈم قانچە مۇۋاپىق كەلمىگەنچە شۇنچە زىيانلىق، ئۇنداق ئادەملەر ئۈچۈن يۇقىرى مەرتىۋە، قۇرۇق يالتىراقلار ۋە ھەشەملەر شۇنچە كۆپ بولىدۇ؛ شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇ كۆپچىلىكنى ئۆزىگە تارتالمايدۇ. مانا بۇ ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ دىنىي جەمئىيەت تۈزۈمىدۇر.
    خرىستىئان روھىدىكى ئاشۇ بۈيۈك، زۆرۈر ۋە ئاددىي بولغان تەلىملەرنى ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ دىنىي جەمئىيىتى، تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىنسانلار مەنىۋىيىتىنىڭ ئالاھىدە قوپال ۋەز-نەسىھەتلىرى ۋە ساختا مۇراجىئەتلىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇنى ئويلىسا ئادەم ھەقىقەتەن يىرگىنىدۇ.
    بىز ئاجايىپ-غارايىپ مۆجىزىلەرگە ئىشىنىمىز، بۇنىڭغا بىزنىڭ ئىپتىخارىمىز سەۋەب بولغان. بىز ئۆزىمىزنى ئاجايىپ مۇھىم جانلىق، ھەتتاكى خۇدامۇ بىز ئۈچۈن پانىي دۇنيانىڭ مۇساپىسىنى ئۆزگەرتىدۇ، دەپ قارايلى.

    12-ئاينىڭ 18-كۈنى

     

    ساختا ئىلىم

    ئۆگىنىش سىزنى ئىلىم ئەھلىگە ئايلاندۇرالمىسىمۇ، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى ياخشىلىيالايدۇ.
    ئادەمگە ھاياتنىڭ مەنىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالسۇن−قانداق پاك، ھالال ياشاپ، قانداق يامان يولغا ماڭمىسۇن، دەپ ئەقلىي ئىقتىدار بېرىلگەن.
    بىزگە ھەمىشە مۇقەددەس ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغىنى، ئۆلىمالار كىتابىدا يازغان زىيانلىق ۋە بىمەنە ئىدىيىلەر بولماستىن، بەلكى تەربىيە يۈزى كۆرۈپ باقمىغانلار ياكى بالىلارنىڭ سۆزلىرىدۇر.
    يازغۇچى-پروزائىكلار بىلەن تۇرمۇشتىكى باشقا كىشىلەرنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ئوخشاشلا پەرقلىق قېلىپ-ئۈلگىلەر بار. كۆپ ساندىكى يازغۇچىلارنىڭ دۆتلۈكى، خاتالىقىدىدۇر. نەتىجىدە، ناچار كىتابلار ساماندەك كۆپىيىپ كېتىدۇ، بەلكى بۇ كىتابلار تامامەن ئادەمنىڭ ۋاقتى، پۇلى ۋە زېھنىنى ئىسراپ قىلىدۇ. ناچار كىتابلار پايدىسىز بولۇپلا قالماي، بەلكى زىيانلىقتۇر. چىقىرىلغان ئون كىتابنىڭ توققۇزى بىزنىڭ چۆنتىكىمىزدىكى پۇلنى ئالداپ سۇغۇرۇۋالىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى، كەڭ تارقالغان ئۇنداق كىتابلارنى ئوقۇماسلىق كېرەك. ئەڭ ئاۋۋال، ئىمكان قەدەر بارچە دەۋر ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ۋە تەتقىق قىلىش كېرەك، پەقەت مۇشۇ يازغۇچىلارلا بىزدە قوزغىتىش ھاسىل قىلالايدۇ، بىزنى تەربىيىلىيەلەيدۇ.

    12-ئاينىڭ 19-كۈنى

     

    تىرىشچانلىق

    تىرىشچانلىق، پەقەت تەكرار-تەكرار ئېلىپ بېرىلسىلا ئاندىن ياخشى تىرىشچانلىق بولىدۇ. ئەگەر، يىقىلسىڭىز، ئورنىڭىزدىن دەس تۇرۇڭ؛ سىز يەنە باشتىن باشلىغىنىڭىزدا ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلەنمەڭ.
    سىز پىلە قۇرتىدىن ئۆگىنىڭ. ئۇ تاكى قانات چىقىرىپ ئۇچۇپ كەتكەنگە قەدەر ھارماي-تالماي ئىزچىل ئىشلەيدۇ. سىز ئۆز روھىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشسىڭىزلا، ئۆزىڭىزنىڭ قانىتىنى تاپالايسىز.
    سىز ئەبەدىل-ئەبەد ئىجتىھاتىڭىزنىڭ ئاداققى مېۋىسىنى كۆرەلمەيسىز، چۈنكى، سىز قانچىلىك ئىلگىرىلەپ كەتكەن بولۇشىڭىزدىن قەتئىي نەزەر، ئۆزىڭىزنى تولۇق مۇكەممەللەشتۈرۈپ بولۇشقا ئۈلگۈرۈپ بولالمايسىز. تىرىشچانلىق مۇكەممەللىككە يەتكۈزىدىغان قورال ئەمەس، بەلكى مۇكەممەللىكنىڭ ئۆزىدۇر.
    مەن خۇدا ئىشلىتىدىغان ئەسۋاب . سىز ئۆز نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولسىڭىز، ئۆز ئەسۋابلىرىڭىزنىڭ باشتىن-ئاخىر رەت-تەرتىپلىرى بولسۇن، ئۇلارنى پاكىز ۋە ئۆتكۈر ھالىتىدە ساقلاڭ؛ ئۇ ئەسۋابلار دەل سىزنىڭ روھىيىتىڭىزدۇر.

    12-ئاينىڭ 20-كۈنى

     

    ئۆزىنى قۇربان قىلىش

    مەن ئۆز تۇرمۇشۇمنى ياقتۇرمايمەن. مەن، ئۆزۈمنى خۇددى گۇناھقا پاتقاندەك؛ ھېلى بىر گۇناھتىن ئاران قۇتۇلسام، ھازىرلا يەنە بىر گۇناھقا پېتىپ قېلىۋاتقاندەك سېزىمەن. مەن ئۆز تۇرمۇشۇمنى قانداق قىلسام ئۆزگەرتەلەيمەن؟ بىراق، ئەمەلىي ئەھۋال قاچانلا قارىسىڭىز بەكمۇ ئوسال، چۈنكى، مەن بۇرۇن تېنىم ئۈچۈنلا ياشىغان. مېنىڭ ھاياتىم ئەمدى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، چۈنكى، مەن ئۆز روھىمنى كۈچۈمنىڭ بارىچە مۇكەممەللەشتۈرمەكتىمەن.
    ئىنسان يېتىپ بارالايدىغان ئاڭ بۈيۈك مۇكەممەللىك، بەخت ۋە ئەركىنلىكلەر سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆز ھاياتىڭىزدىن كېچىشتىدۇر.
    قانچە ئۇزۇن ياشىغانسېرى شۇنچە چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتىسىزكى، سىز تۇرمۇشتىن ئۆزىڭىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگىلا ئېرىشىپ كېتەلىشىڭىز ناتايىن؛ سىزنىڭ ھاياتىڭىز ھەر قاچان ۋاقىتسىز ئاخىرلىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا، سىز شۇنى تونۇشقا باشلاڭكى، تېنىڭىزدە ھەقىقىي ھايات مەۋجۇت ئەمەس. ئەگەر، بۇنى چۈشەنسىڭىز، سىز ھەرگىزمۇ ئەمدى ئۆز تېنىڭىز ئۈچۈن ياشىمايسىز، بەلكى پۈتكۈل زېھنىڭىزنى خۇدانىڭ روھىغا مەركەزلەشتۈرىسىز.

    12-ئاينىڭ 21-كۈنى

     

    كىچىك پېئىللىق

    بىراۋ ئۆزىدىن قانچىكى رازى بولمىغانچە، ئۇ ئادەم باشقىلارغا شۇنچە پايدىلىق بولىدۇ.
    ھەر كىم ئۆزىنىڭ بەزى جەھەتتە باشقىلارغا يەتمەيدىغىنىنى بىلىدۇ. بۇنى ئەستە چىڭ ساقىغاندا، كىچىك پېئىللىق بولۇش تەس ئىش ئەمەس.
    سىز ئۆزىڭىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچ-قۇدرىتىنى تولۇق تونۇپ يېتىڭ. ئۇنى بىردىنلا تونۇپ يەتكىنىڭىزدە، باشقىلارغا پەش قىلماڭ.
    ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. شۇنداق بولغاندىلا، سىز ئاندىن باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىنىمۇ ئاسانلا ئەپۇ قىلىۋېتەلەيسىز.
    ھەرقانداق كۈن نۇرىنىڭ شولىسى بولىدۇ، ئۇ شولا دەل ئۆزىمىزنىڭ ئىززىتىنى ساقلاشتۇر.

    12-ئاينىڭ 22-كۈنى

     

    ھەقىقەت
    ئەگەر، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز تەبىئەت بىلەن قارىمۇ-قارشى بولسا، ئەڭ ياخشىسى پاكىتنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى يوشۇرۇپ ئولتۇرماسلىق كېرەك. بىز ھەقىقەتكە ئاساسەن ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتەلەيمىز، ئەمما ھەرگىزمۇ ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمەيمىز.
    باشقىلار ئىشلەۋاتقىنىنى كۆرگىنىمىزدە، بىزمۇ شۇ ئىشنى قىلالايدىغاندەك ئويلايمىز. بىراۋ راست سۆزلەۋاتقىنىنى ئاڭلىساق، ئۆزىمىزمۇ شۇنداق قىلالايدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما، راستىنى ئېيتقاندا، ئىش بىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس.
    يالغان-ياۋىداقلارغىلا تايىنىپ ياشاپ كۆنۈپ قالغانلار، بەزىدە راست گەپتىنمۇ ئەركىن-ئازادە ۋە كۆڭۈلدىكىدەك سۆزلىۋېتەلىشى مۇمكىن، بىراق، يالغان گەپ-سۆزلەرنى ئاسان يىغىشتۇرۋالغىلى بولمايدۇ. راست گەپ قىلغاندا، يەنە ئارتۇقچە تولۇقلىما بېرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ؛ يالغان سۆزلىگەندە، توختىماي سۆزلىشىڭىزگە، يېڭى يالغان گەپ بىلەن كونا يالغان گەپنىڭ يوچۇقلىرىنى تولدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
    12-ئاينىڭ 23-كۈنى


    تىرىشچانلىق

    بەلكىم، ئەتىدىن كەچكىرگىچە ئەھمىيەتسىز ئىش ياكى پاراڭ قىلىش بىلەن ھېچقانداق ئىش قىلماسلىقتىن بىرىنى تاللىشىڭىزغا توغرا كەلسە، ئانداقتا، ھېچنېمە قىلماسلىق، ئەھمىيەتسىز ۋە زىيانلىق ئىشنى قىلغاندىن ياخشىراقتۇر.
    ئىچكىي مەنىۋىيىتىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەڭ مۇھىمى ئەسكى ئىش قىلماسلىق. بۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش، سىزگە ھەقىقىي پايدىلىق تەرەپلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
    ئېتىقاد ئىدراكسىزلىق ئاساسىدا بولغان بولسا، ئادەم جەزمەن مۆجىزىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
    ياخشى ھارۋىكەش، تىزگىننى تۇتۇپ ئولتۇرۇش بىلەنلا قالماي، گېزى كەلگەندە ئاتنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ قويىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ياخشى ئادەم چېچىلىشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەسلىكىنى بىلىپلا قالماي، غەزىپىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىزگىنلەشنىمۇ بىلىدۇ.

    12-ئاينىڭ 24-كۈنى

     

    گەپ-سۆز

    ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى تۈگىتىشىگە ياردەملەشسىڭىز، خۇدا سىزنىڭ خاتالىقىڭىزنى تۈگىتىشىڭىزگىمۇ ھەسسىلەپ ياردەم بېرىدۇ.
    سىز مۇبادا، ھەقىقەتنى بىلگەن بولسىڭىز ياكى بىلىمەن دەپ قارىغان بولسىڭىز، قورقماي بىۋاسىتە ئېيتىۋېرىڭ. شۇندىلا باشقىلار ئۆزىنىڭ خاتا  پىكرىنى يورغىلىتالمايدۇ.
    بىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىمىز ياخشى ياكى يامان بولسۇن، بالىلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ. بالىلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىش-ھەرىكىتى بىزنىڭ ئىرادىمىزگە بېقىنمايدۇ، بەلكى ئۇلار ئۆزلىرى ئويلىغان بويىچە ياشاۋېرىدۇ. سىز مەيلى ياخشى ياكى يامان ئىش قىلىڭ، ئۆزىڭىز ئويلىغاندىنمۇ تېزلىكتە تارقىلىپ كېتىدۇ.
    سۆزلىگىنىڭىز قانچە كۆپەيگەنچە قىلغىنىڭىز شۇنچە ئازىيىدۇ.
    بىراۋنىڭ ھەقىقىي قۇدرىتى، ھەرگىزمۇ ئالدىراشلىقتا ئۆتىدىغان كۈنتەرتىپىدە ياكى غوۋغا كۆتۈرگەن ئىش-ھەرىكىتىدە ئەمەس، قەلبىدە ئۆزلۈكسىز قىلىشقا ئىنتىزار بولۇۋاتقان ئىشىدىدۇر، بۇ خىل ئىنتىزارلىق ئۇنىڭ ئىدىيىسى، ئىشلىرى ۋە ھەرىكىتىدە ئىپادىلىنىدۇ.

    12-ئاينىڭ 25-كۈنى

     

    ئىدىيە

    ئادەم ئۆزىنىڭ ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى تاللىيالايدۇ، ئوڭنى تاللاشقىمۇ، سولنى تاللاشقىمۇ، ياكى ئەسلىدىكى ئورنىدىن قوزغالماي جىم تۇرۇۋېلىشنى تاللاشقىمۇ بولىدۇ. ئەڭ مۇرەككەپ بولغان تاللاش، ئۆز ئىچكىي كەيپىياتىڭىزنىڭ يول باشلىشىنى تاللىۋېلىش، ئالايلۇق، يەنە داۋاملىق ئاچچىقلىنىش كېرەكمۇ ياكى بولدى قىلىش كېرەكمۇ. سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز ئىپادىلەنگەندە، ئەڭ قىيىن بولغان تاللاش، سىزنىڭ ئىدىيىڭىزگە توغرا يۆنۈلۈش بەلگىلەيدۇ.
    چۈشكۈنلۈك، ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرەلمىسىڭىز ياكى دۇنيانىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرۈپ يېتەلمىسىڭىز پەيدا بولىدىغان بىر خىل روھىي ھالەت. چۈشكۈنلۈكنى داۋالاشنىڭ ھەقىقىي دورىسى بىر خىل: ئۆزىڭىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ياخشى ئىدىيىسىنى تېپىش، ئۇلار سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا نېمە قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ.
    دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، سىز ئۆزىڭىزگە زاھىر قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھەقىقەتكە ئېرىشەلەيسىز.
    خرىستوس شۇنداق ئېيتىدۇكى، دۇئا-تىلاۋەتتە تۇرغاندا، يالغۇز تۇرۇڭ. شۇندىلا خۇدا سىزگە پىچىرلايدۇ. خۇدا سىزنىڭ قەلبىڭىزدە بولسىمۇ، سىزنىڭ تىلەكلىرىڭىزنى ئۇنىڭغا ئاڭلىتىشىڭىز ئۈچۈن، كۆز ئالدىڭىزنى توسۇپ خۇدانى كۆرسەتمەيدىغان بارچە نەرسىلەرنى يوق قىلىشىڭىز كېرەك.

    12-ئاينىڭ 26-كۈنى

     

    دۇنيادا گۇناھ يوق

    سىز كېسەللىك ياكى ئۆزىڭىزدە بىرەر ئاجىزلىق سەزسىڭىز، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەر قانداق ياخشى ئىشنى قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، ھېچقانداق ئەسكى ئىشنى قىلىپ سالماڭ.
    رەزىللىك ياخشىلىق ئاغدۇرغان ئېكىنزارلىق، ياخشىلىق ئوتى ئۆرتىگەن ياغاچ، ياخشىلىق نۇرلىرى يورۇتقان شامدۇر.
    بۇ دۇنيادىكى رەزىللىك سىزنىڭ قاراشلىرىڭىزدا، سىزنىڭ قەلبىڭىزدىلا مەۋجۇت؛ سىز بۇ نۇقتىنى ئاخىر چۈشۈنۈپ يەتكىنىڭىزدە، سىزنىڭ كۈللى ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭىز ۋە بەختسىزلىكلىرىڭىزدە قىلچە مەنا قالمايدۇ.
    ھەرقانداق بەختسىزلىك ۋە مۈشكۈلاتلار ئۇنىڭغا يۈزلىنىشتىن قورقۇشتىنمۇ قورقۇنچلۇق ئەمەس.

    12-ئاينىڭ 27-كۈنى

     

    ھازىردا ياشاش

    ئەگەر، ئىش قىلىشتا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلسىڭىز، ئۆزىڭىز ئۈچۈن قىلىڭ.
    بىزنىڭ تالاي ئىش-ھەرىكىتىمىزنىڭ قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۆزىمىز بىلمەيمىز، چۈنكى، بىز چەكلىك بىر دۇنيادا ياشايمىز، ئاقىۋەت بولسا چەكسىزلىككە ئىگىدۇر. مۇبادا سىز بىرەر ئىش-ھەرىكەتنىڭ پۈتكۈل ئاقىۋىتىنى كۆرۈپ يېتەلىسىڭىز، ئۇ ئىش-ھەرىكەتنىڭ ھېچقانچە ئەھمىيىتى قالمايدۇ.
    سىز ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇپ قىلىۋېرىڭ، شۇ مىنۇتتا، بۇنىڭ كېيىنكى سان-ساناقسىز سائەت، ئاي-يىللار ۋە ئەسىرلەرگە پايدىسى تېگىدىغىنىغا ئىشىنىڭ.
    -رالف ۋالدو ئېمېرسون
    مۇھىمى، ھاياتىڭىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەمەس، بەلكى چوڭقۇرلۇقىدۇر.
    بىزنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىمىز زىيادە قويۇقلىشىپ كەتتى، بۇنىسى ئەجەبلىنەرلىك. بىراق، مەن شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ دۇنيا بىر خىيالىي كۆلەڭگە بولسىمۇ يەنە باشقا بىر تېخىمۇ يۈكسەك دۇنيا، تېخىمۇ بۈيۈك مەنزىل مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىمەن.

    12-ئاينىڭ 28-كۈنى

     

    ئۆلۈم

    بىز ئۆلۈمگە تولۇق ھازىرلىق كۆرۈپ قويۇشىمىز كېرەك، بىراق ئاللىقانداق پەرھىز، ۋەسىيەت قالدۇرۇش ياكى ئۆزىمىزنىڭ تونۇش-بىلىشلىرى بىلەن ۋىدالىشىۋېلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى خۇدا بىزدىن كۈتكەن تۇرمۇش شەكلى ئارقىلىق. خۇدانىڭ قوللىرى ماڭا بۇ ھاياتنى ئاتا قىلدى، ھاياتىم ئاخىرلاشقاندا، مەن خۇدانىڭ قېشىغا قايتىپ كېتىمەن.
    ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەنمىگۈچىلەر، ئۆلۈمنىمۇ ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ.
    بىزنىڭ بىر پەردىمىز يەنە بىر پەردىگە ئالماشقاندا، مەيدان-كۆرۈنۈشلىرىمىزمۇ ئالمىشىدۇ. بىز بىر زامان رېئالنى نەرسە قىلىنغان بولساقمۇ، ئەمەلىيەتتە، پەقەتلا تىياتىرخانىدۇرمىز. ئوخشاشلا، ئاشۇ ئۆلۈم مىنۇتلىرىدا ھەركىم ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنقى ۋە ئۆلۈشتىن كېيىنكى ھەقىقىي مەۋجۇت نەرسىلەرنى كۆرەلەيدۇ، مانا بۇ ئاشۇ ئۆلۈم لەھزىلىرىنىڭ ھەقىقىي تۈگۈنگە ئايلاندۇرۇلىشىدۇر.
    ئۆلۈم مىنۇتلىرىدا، ھەركىمنىڭ ھايات شامى−ئۇ ئاشۇ شام يورۇقىدىن پايدىلىنىپ ھاياتلىق كىتابىنى يازغان، ئاڭا غەم-قايغۇ، ئۆسەك، ھەسرەت-نادامەت ۋە گۇناھى كىبىرلەرنى تولدۇرغان−بۇ شام بىر خىل ئالاھىدە نۇر-زىيالىرى بىلەن ئەتراپنى يورۇتقان، كۆيۈپ پاراس-پۇرۇس سادالارنى چىقارغان، ئەمدى ئۇ مەڭگۈلۈك ئۆچىدۇ.

    12-ئاينىڭ 29-كۈنى

     

    ئۆلگەندىن كېيىن

    بۇ جاھاندىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئىپتىداسى (باشلىنىشى)، تەرەققىياتى ۋە ئىنتىھاسى (ئاخىرلىشىشى) بولىدۇ. بۇ جەريان يەر يۈزىدىكى مېۋە-چېۋە ۋە بىر يىل ئىچىدىكى تۆت پەسىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆلۈم ئالدىدا تۇرغان دانىشمەنمۇ ئۆلۈمگە مانا شۇنداق قارىشى كېرەك.
    تولىمۇ مۇھىم بىر ئىش شۇكى، خۇدا بىزنىڭ نېمىگە ھاجەت ئىكەنلىكىمىز، بۇ دۇنيادىن نېمىگە ئېرىشكىنىمىزنى بىلىپ تۇرىدۇ. تاشقىي دۇنيادىكى گەپ-سۆزلەر، قەلبىمىزدىكى تۇغما بىلىشلەر بۇلارنى بىزگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. مەن شۇنى چۈشىنىپ يەتتىمكى، مەن پۈتكۈل زېھنى-بارىمنى خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىشىم ۋاجىپكەن.
    بىزنىڭ مەۋجۇدىيەت شەكلىمىز يوقالسىمۇ، ئىچىمىزدىكى روھ يوقالمايدۇ، ئۇنى يوق قىلىۋېتىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ماكان-زامان سىرتىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇ بىردىن-بىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان نەرسىدۇر.
    بىز شۇنى قىياس قىلالايمىزكى، ئۆلگەندىن كېيىنكى ھايات پانىي ئالەمدىكى ھاياتىمىزدەك باشلانسا−ئۇ (ئۆلۈم) بىزنىڭ يېڭى مۇھىتتىكى ئورنىمىزنى بىلەلەيدۇ.

    12-ئاينىڭ 30-كۈنى

     

    بەخت
    خۇدادىن ياخشى نەرسىلەرنى تىلەش، بۇلاق بويىدا ئولتۇرۇپ تەشنالىقىڭىزنى قاندۇرۇپ قويۇشنى سورىغاندەك ئىش. ياخشى نەرسىلەر ئاللىقاچان سىزگە بېرىلىپ بولۇنغان؛ سىز ئۇنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلىشىڭىز كېرەك.
    پانىي ھاياتتا، ھەر بىر ئادەمگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشتىن ئىبارەت پەقەت بىرلا ئەھمىيەتلىك ئىش بار. ئوخشاش بولمىغان جانلىقلار ھاياتىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا، بارچە جانلىقلار شاد-خۇرام يۈرۈشىدۇ. ئىنسانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، سىزگە پايدىلىق ئىشنىڭ كۆپچىلىككىمۇ پايدىسى تېگىدۇ.
    كىشىلەر، ئۆزلىرى ئېرىشەلمىگەن، ئەمما يەنىلا ئارزۇ-ئۈمىد قىلىدىغان نەرسىلىرىگە ئەپسۇسلىنىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ تېنىنى ئويلىغىنىڭىزدىلا ئۆكۈنىسىز، چۈنكى، سىز يولۇققان ئىشلار سىزنىڭ روھىڭىزغا پايدىلىقتۇر. سىز يولۇققان ئىشلار، خۇدانىڭ سىزگە پايدىسىنى كۆرسۇن دەپ قىلغان سوۋغىسى.
    مېنىڭچە، بىزنىڭ بۇ ھاياتتىكى رېئايە قىلىدىغان بىرىنچى قائىدە-تەرتىپىمىز: باشتىن-ئاخىر خۇشال-خۇرام ۋە قوۋناق ياشاشتۇر.
    12-ئاينىڭ 31-كۈنى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.