گورباچىف (1990-يىللىق نوبېل تېنچلىقمۇكاپاتى ساھىبى)

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-30 10:53:50

مېخائىل گورباچىف( -1931)سوۋېت ئىتتىپاقى1990-يىلى نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبىمۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى مېخائىل گورباچىف 1931-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى كاۋكاز پۇلېئىرنو...



     

     

    \ 

     

    مېخائىل گورباچىف

    (  -1931)

    سوۋېت ئىتتىپاقى

    1990-يىلى نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى

    مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

       مېخائىل گورباچىف 1931-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى كاۋكاز پۇلېئىرنويىس كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. 1950-يىلى موسكىۋا ئۇنۋېرسىتېتىغا قانۇن پەنلىرى ئۆگىنىشكە كىرىپ، ئىككىنچى يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. 1955-يىلى ئۇنۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ كاۋكازغا قايتىپ كەلگەن ھەمدە ئالموردا ــ سىتاۋروپول رايونلۇق كوممېتىتقا خىزمەتكە چۈشكەن. 1962-يىلى سىتاۋروپول رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەخسۇس باشقۇرغۇچىسى بولغان. 1971-يىلى مەركىزى كومىسسىيە ئەزالىقىغا سايلانغان. 1978-يىلى كۇلاكوف ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، گۇرباچىف بىۋاستە موسكىۋاغا يۆتكىلىپ، مەركىزى سېكىرتارلىققا تەيىنلەنگەن ھەمدە كۇلاكوفنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ ئاساسىي باشقۇرغۇچىلىق ئورنىدا ئىشلىگەن. 1988-يىلى گورباچىف سوۋېت ئىتتىپاقى ئەڭ يۇقىرى سوۋېت ھەيئەت رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىرىژنىۋ دوگمىچىلىقىنى تەرك ئېتىدىغانلىقى، شەرق ياۋروپا دۆلەتلىرى دېمۇكراتىيىلەشتۈرۈشىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

       مۇكاپاتلىنىش سەۋەبى: گورباچىف سوۋېت ئىتتىپاقى كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ كوممۇنىستىك باش سېكىرتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن چاغدا، بىرىژنىۋ دوگمىچىلىقىنى تەرك ئېتىپ، شەرقىياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىيىلىشىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا خاتىمە بەرگەن.

    \

    قەتئىي تەۋرەنمەي تېنچلىقنى ھىمايە قىلىش

    1991-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى

        (گورباچىف نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىش نەق مەيدانىغا ئۆزى كېلەلمىگەنلىكتىن، بىز بۇ يەردە گورباچىفنىڭ ۋەكىلى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى دېپلوماتىيە مىنىتىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئاناتولى.كىۋالىيوفنى گورباچىفنىڭ نۇتۇق سۆزىنى ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق)

         ھۆرمەتلىك پادىشاھ ئالىيلىرى، نورۋىگىيە نوبېل كوممېتىتىنىڭ ھۆرمەتلىك ھەيئەتلىرى، خانىملار، ئەپەندىملەر:

        مەن بۈگۈن بۇ يەردە سوۋېت ئىتتىپاقى پىرىزدېنتى مىخائېل.گورباچىفنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى كومېتىتى ۋە بارلىق  قەدەم تەشرىپ قىلغۇچىلارنىڭ ئالدىدا پىرىندېنتنى مۇكاپاتلىنىش نۇتۇق سۆزىنى ئوقۇپ ئۆتمەكچىمەن.

        ھۆرمەتلىك نوبېل ھەيئەت كممېتىتىنىڭ رەئىسى گېرىسكى.ئاندىرسون خانىم:

       نوبېل  مۇكاپاتى كومېتىتىنىڭ 1990-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنى ماڭا بەرگەنلىكىگە مەن چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن.

        نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ شۆھرىتى ۋە نوپۇزىغا پۈتۈن دۇنيا قايىل. بۇ ئەسىرنىڭ (20-ئەسىر) بېشىدىن باشلاپ، نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىلىشقا باشلىدى. بۇ بىر مەزگىللىك ئاپەت خاراكتېرلىك كىرزىسلار كىشىلەرنىڭ ئۈمىدۋارلىق روھىغا ۋە ئىنسانىيەت ئېدراكىغا بولغان ئىشەنچىسىنى باشتىن-ئاخىر ئاجىزلىتالمىدى. ئەكسىچە بۇ ئاپەت خاراكتېرلىك  كىرزىسلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، نوبېل تېنچلىق  مۇكاپاتىنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەڭداشسىز شەرىپىنى ۋە سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلدى.

        يىمما نوئېل كانت بۇرۇن مۇنداق بىر سۆزنى قىلغانىكەن: «ئىنسانىيەت ھامان بىر كۈنى مۇنداق بىر كىرزىسقا دۇچار بولىدۇ، يا پۈتۈن دۆلەتلەر ھەقىقي بولغان ئىتتپاق بىرلەشمىسىگە ئەزا بولۇپ كېتىدۇ، ياكى بولمىسا ئىرق قۇرۇتۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يوقىتىش خاراكتېرلىك ئۇرۇشلاردا قۇرۇپ كېتىدۇ» مانا ھازىر، بىز ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئىككىنچى مىڭ يىلنى تۈگىتىپ ئۈچىنچى مىڭ يىلغا قەدەم بېسىش ئالدىدا تۇرغىنىمىزدا، ئۇنىڭ سۆزلىرى راست بولۇپ چىقماقتا.

        بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، 1990-يىلىنى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. بۇ بىر يىلدا، ياۋروپا ساختا بولغان بۆلۈنۈش ئەھۋالىنى ئاخىرلاشتۇردى. گېرمانىيە بىرلىككە كەلدى. بىز بولساق ئاللبۇرۇنلا قەتئىيلىك بىلەن، ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىدىيە-ئاڭ جەھەتتىكى ئۆزئارا قارشى كۈرەشلەرنىڭ نېگىزىنى بىتچىت قىلىشقا باشلىدۇق. شۇنداقتىمۇ ۋەھشىي بولغان بەزىبىر تەھدىتلەر تېخىچە يوقالغىنى يوق. بۇ تەھدىتلەر ھەرخىل توقۇنۇشلارنى قوزغىتىدىغان يوشۇرۇن ئامىللار، ئىنسانىيەتنىڭ ئۇرۇشخۇمارلىق تەبىئىتى ھەمدە ھاكىم مۇتلەقلىق ئەنئەنىلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

         مەن كۆپچىلىككە شۇنداق كاپالەت بېرەلەيمەن. ئۆزۈمنىڭ ھوقۇقىغا تايىنىپ تۇرۇپ، روسىيە ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ھەم بۇنىڭدىن كېيىن قىلماقچى بولغان ھەر بىر ئىشىنىڭ، ياۋروپا ۋە پۈتۈن دۇنيا تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنىڭ ئېچىۋېتىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، خەلقئارا قانۇن ۋە ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلغان قىممەت قارىشى ئۈستىگە قۇرۇلىدىغانلىقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىمەن.

    \

        يېقىندا، پارىژدا ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر، ئامېرىكا ۋە كانادا دۆلەتلىرىنىڭ ئەلباشلىرى قاتناشقان بىر يىغىن ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن ھېلنىسكىي جەريانىغا ئوخشاش، خەلقئارالىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئەڭ ئېسىل روھىنى تولۇق نامايەن قىلغاندىن سىرت، يەنە قانۇن، مۇقۇملۇق، خوشنىلار ئارا دوستانە مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت پوزىتسىيىسىنى ئاسا سقىلغانياۋروپا تەرەققىيات رامكىسىنى بەرپا قىلدى. مەن، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇشۇنداق بىر ياۋروپا رامكىسىنى چۈشىنىشى ۋە قۇبۇل قىلىشىنى، شۇنداقلا بۇ رامكىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بىخەتەرلىكى ۋە سەمىمىي ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا تەقلىد قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

        مەن، بۇ 1990-يىللىق  نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى يالغۇز ماڭىلا بېرىلگەن دەپ قارىمايمەن. بۇ مۇكاپاتنىڭ بېرىلىشى يەنە روسىيە ئىسلاھاتى ۋە ئىنقىلابىي يېڭى ئىدىيىلىرىگە بولغان ئېتىراپ قىلىش. بۇ ئىسلاھاتلار ۋە ئىنقىلابىي يېڭى سىياسىي ئىدىيىلەر دۇنيا خەلقىنىڭ تەقدىرىدە ئىنتايىن زور ئەھمىيىتى بار.

        1990-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى كىشىلەرگە، بۇ ئىسلاھەت ۋە ئىنقىلابىي يېڭى سىياسىي ئىدىيىلەر ئەمدى ھەرگىزمۇ سوۋېت خەلقىنىڭ ئۆزىگىلا مەنسۇپ ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇ ئىسلاھات ۋە يېڭى .ىدىيىلەر پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق بايلىقى. پۈتكۈل ئىنسانىيەت تەقدىرى ۋە بىخەتەر، تېنچ بولغان كەلگۈسىنىڭ ئايرىۋېتىشكە بولمايدىغان بۆلىكى. سوۋېتنى چۈشىنىدىغان، سوۋېت ئىسلاھاتى جەريانىدا، مەيلى خەلقئارا مەسىلىلەردىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بولسۇن، ۋە مەيلى روسىيە دېپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئارقىلىق بىز بىلەن زىچ ئىتتىپاقلاشقانلار، سوۋېت جاسارەت بىلەن ئۆز مەسىلىسىنى ھەل قىلغان چاغدا، بىزگە ھېسداشلىق قىلغان نورۋىگىيە ۋە باشقا خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىغا مەن سەمىمىي رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئەگەر بىز ھەممەيلەن بۇ ئىسلاھات ۋە ئىنقىلابىييېڭى سىياسىي ئىدىيىلەرنى ئۆزىمىزنىڭ چىقىش نۇقتىسى دەپ بىلسەك، ئۇنداقتا، ئىنسانلار ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىدراكىنى يوقىتىش سەۋەبلىك ئۆكۈنمىگەن  بولاتتى. شۇنداق  بولغاندىلا، تېنچلىقنىڭ قانۇن-نىزامى، ئۇرۇش نىزامى ۋە يىراقلاشتۇرۇش قانۇنلىرىنىڭ ئالدىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولاتتى.

        بۇ مۇقەددەس شان-شەرەپكە بولغان چەكسىز ھۆرمىتىمنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرىمەن. مەن بۇ تاجغا مۇناسىپ بولغان ھەر بىر ئىشنى، مېنىڭ خەلقىم ۋە نوبېل مۇكاپاتى كومېتىتى چىقارغان بۇ قارارنى قوللايدىغان كىشىلەرنىڭ مەندىن كۈتكەن بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تاماملايمەن.

    ئۆزۈمنىڭ تېنچلىققا ۋە گۈللىنىشكە بولغان سەمىمىي تەبرىكىمنى تەقدىم قىلىمەن.

    روسىيە پىرىزدېنتى: مىخائېل.گورباچىف

        1990-يىلى نوبېل تېنچلىق  مۇكاپاتى ساھىبىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش نۇتۇق سۆزى. ئۇنىڭ شەخسىي ۋاكالەتچىسى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ نۇتۇقنى ئوقۇپ ئۆتكۈنۈمدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلماقتىمەن.

    كۆپچىلىككە رەھمەت

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.