كۈنىگە بىر ئەقىل (كۈزنامە) 9-ئاي

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-22 21:17:31

كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي) (كۈزنامە) 9-ئاي ئېتىقاد ھەزرىتى ئەيسا: «مەن سىلەرنى قانداق سۆيگەن بولسام، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى ئەنە شۇنداق سۆيۈڭلار. سىلەردە بىر-بىرىڭلارنى سۆيىدىغان يۈرەك بولسا،...

    كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي)
    (كۈزنامە)
    9-ئاي


    ئېتىقاد

    ھەزرىتى ئەيسا: «مەن سىلەرنى قانداق سۆيگەن بولسام، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى ئەنە شۇنداق سۆيۈڭلار. سىلەردە بىر-بىرىڭلارنى سۆيىدىغان يۈرەك بولسا، كىشىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ مېنىڭ مەخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى تونۇۋالالايدۇ» دېگەنىكەن. ئۇ، ئۇنىڭغا ياكى بۇنىڭغا «سىلەر ئىشەنسەڭلار» دېمىگەن، بەلكى، «سىلەردە بىر-بىرىڭلارنى سۆيىدىغان يۈرەك بولسا» دېگەن. كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان ئىشلارغا ئىشەنچ قىلسىمۇ، ئۇلار ئارىسىدا ئوخشاشلا سۆيگۈ مەۋجۇت بولىدۇ.
    خۇداغا تائەت-ئىبادەت قىلىڭلار، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ياخشىلىق قايتىشىنى كۈتمەڭلار، شۇندىلا ئۇ خۇداغا بولغان ھەقىقىي ئىبادەت بولغان بولىدۇ.
    −«ئاگىنى پۇرانا»
    ئېتىقاد، سىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىڭىزنىڭ زۆرۈر سۈپىتى. بىز ئۆزىمىز ھەقىقەتەن بىلىپ يەتكەن شەيئىلەر بىلەن ئالاقە باغلاشتىن باشقا، يەنە بىز بايقىغان، ئۆزىمىز بىلىپ يېتەلمىگەن، ئەمما راستتىنلا مەۋجۇت بولغان شەيئىلەر بىلەنمۇ ئالاقە باغلايمىز. بۇنداق نامەلۇم مەنبە بىلەن ئالاقە باغلاش، ئېتىقادتۇر .
    سىز ھەمىشە، بارچە نەرسىسىنى قۇربان قىلىشنى ئىختىيار قىلىدىغان كىشىلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرىسىز، مەسىلەن، ئۇرۇشتا ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇچى؛ بىراق، ھەقىقەت ئۈچۈن جېنىدىن ۋاز كېچىدىغانلارنى ئۇچراتمىقىڭىز بەسى مۈشكۈلدۇر. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، جامائەتنىڭ ئېتىقادى ئۈچۈن جاندىن كېچىش ئاسان، ھەقىقەت ئۈچۈن جاندىن كەچمەك تەس.

    9-ئاينىڭ 1-كۈنى

     

    روھ

    ماددىي دۇنيا ئوخشىمايدىغان تۇيغۇ ۋە ھېسسىياتقا ئىگە ئاشۇ كۆپلىگەن ئادەملەر ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بىزگە شۇنىسى ئايانكى، بىز ماددىي دۇنيانى مەڭگۈ ئۈزۈل-كېسىل چۈشۈنۈپ يېتەلمەيمىز. بىراق، مەنىۋى دۇنياغانى بولسا، بىز چوقۇم چۈشىنەلەيمىز−پۈتكۈل ئىنسانىيەت قەلبى ئوخشاش روھقا ئىگىدۇر.
    ئەگەر، سىز خۇدانىڭ ئۆز قەلبىڭىزدە ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىز، جىمى مۈشكۈلاتلارنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپقان بولىسىز.
    مېنىڭ تۇيغۇم ۋە جىسمىمغا ئاساسلانغاندا، «مەن» مېنىڭ ئەجدادلىرىم بىلەن مېنىڭ ئەۋلادلىرىمنىڭ ئارىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، مەن پەقەت ۋاقتىنچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بىر پارچە گۆش. مېنىڭ ئىچكىي ئۆزلۈكۈمدە ھەقىقىي مەۋجۇت بولغىنى، بىزنىڭ روھىمىزدۇر. مانا بۇ ھەقىقىي «مەن»دۇرمەن.
    بىر قەترە سۇ دېڭىزغا قوشۇلسا، دېڭىزنىڭ بىر بۆلىكىگە ئايلىنىدۇ. سىزنىڭ روھىڭىز ئاخىرى خۇدا بىلەن قوشۇلسا، ئۇ خۇدانىڭ بىر بۆلىكىگە ئايلىنىدۇ.
    −ئەنجېلىئۇس سىلېسىۋۇس

    9-ئاينىڭ 2-كۈنى

     

    بارلىق جانلىقلارنىڭ روھى بىر

    مەيلى ھايات ۋە مەيلى ئۆلگەن بولسۇن، مەن بىلەن باشقا بارلىق كىشىلەر ئارىسىدا بىر خىل باغلىنىش مەۋجۇتتۇر. مەن، ئۇلارغا ئېھتىياجلىقتەك ھېس قىلىمەن، ئۇلارمۇ ماڭا ئېھتىياجلىقتۇر. مەن ئۇلار بىلەن بىرگە ياشايمەن، ئۇلارمۇ مەن بىلەن بىرگە ياشايدۇ. بىز ھايۋانات، ھەتتا ھاشاراتلارغا قەدەر ئەنە شۇنداق ئويلىشىمىز كېرەك. ئەستە ساقلاش كېرەككى، بىزنىڭ بارلىق جانلىقلىرىمىزنىڭ جىسمىدا ئوخشاش روھ ياشايدۇ. بىز ھەتتا ئۆزىمىزدىن قۇرت-قوڭغۇز چاغلىق نەرسە بولسىمۇ ھېسداشلىق قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھەقلىقمىز. بىزنىڭ رەھىمدىللىكىمىز ۋە كۆيۈنىشىمىز قانچە كۆپ بولغانچە بىزنىڭ ھاياتىمىزمۇ شۇنچە بەختىيار، گۈزەل بولىدۇ.
    ھەسەل ھەرىسى پەقەت ھەسەل ھەرىسىلا بولالايدۇ، چىۋىن چىۋىنلا بولالايدۇ، بىراق، ئۇلار ھەممىسى جانلىق مەۋجۇدات، مەندە بار بولغان نەرسىلەرنىڭ بىر قىسىمىغا ئۇلارمۇ ئىگىدۇر. دەل-دەرەخ ۋە تاشلارمۇ ئەنە شۇنداق. مەن، بىر تۈپ دەرەخ مېنىڭ كىچىككىنە بىر بۆلىكىمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى خىرە-شىرە بولسىمۇ ھېس قىلىپ يېتەلەيمەن، ھەمدە بىر تاشنىڭ مېنىڭ بىر قىسىمىمغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمەن.
    ئەگەر، سىز ھايۋانلارغا دوستانە، ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز، سىز نائىل بولغان زور خۇشاللىقىڭىز، سىز گۆش يېگەن ۋە ئوۋ ئوۋلىغان ۋاقىتتىكى ئازغىنە خۇشاللىقىڭىزدىن كۆپ ئېشىپ كېتىدۇ.


    9-ئاينىڭ 3-كۈنى

     

    خۇدا

    مۇسا ئەلەيھىسسالام خۇدادىن: «ئەي پەرۋەردىگارىم، مەن سېنى قەيەردىن تاپالايمەن؟» دەپ سورىغانىكەن، خۇدا مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ: «سەن ئەگەر مېنى ئىزدىگەن بولساڭ، مېنى تاپالايسەن.»
    −ئەرەبلەردىن كەلگەن سۆز
    بىراۋ بىر دانىشمەندىن سوراپتۇ: «سىز خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قانداق بىلىسىز؟» ئۇ، جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ: «كۈننىڭ چىقىۋاتقىنىنى كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن يەنە شام نە ھاجەت؟»
    خۇدا چەكسىزدۇر، بىز چەكسىز شەكىللەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېقىنلىشىمىز.
    سىز خۇدادىن شەكلەنسىڭىز، تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىقتىدارىغا مۇراجىئەت قىلىشىڭىز كېرەك. شۇندىلا خۇدانى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيسىز، سىزنىڭ ئېتىقادىڭىز تېخىمۇ ئاشىدۇ، ئىككىنچىلەپ شەكلەنمەس بولىسىز.
    مېنىڭ ماددىي تۈس ئالمىغان بۆلۈكىمنى مەن روھ دەپ ئاتايمەن. دۇنيانىڭ ماددىي تۈستە زاھىر بولمىغان قىسىمىنى بولسا، خۇدا دەپ ئاتايمەن.

    9-ئاينىڭ 4-كۈنى

     


    روھنىڭ بىردەكلىكى

    ئوخشاش بىر ئىش بىراۋغا پايدىلىق بولسا، يەنە بىراۋغا پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن.
    يەر تەۋرەپ چۆكۈپ كەتكەن ياكى يانار تاغ كۈللىرىگە كۆمۈلۈپ قالغان شەھەر، بوران-چاپقۇندا ۋەيران بولغان زەل-زىرائەتلەر−بىز بۇنىڭ ياخشىلىق ياكى يامانلىقنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلمەيمىز، چۈنكى، تېخى نېمە ئىشلارنىڭ رۇي بېرىدىغىنىنى بىلمەيمىز.
    ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ئەڭ كىچىك، ئەڭ ئەھمىيەتسىز ئىشلار بولغان تەقدىردىمۇ، چېچەن ھەم تەپەككۇرگە باي كىشى ئاشۇلاردىنمۇ خۇدانىڭ قۇدرىتىنى كۆرۈپ يېتەلەيدۇ.
    ئىنسانلار سودا-سېتىق، قانۇن، جەمئىيەت، ئىلىم-پەن ۋە سەنئەت بىلەن ئالدىراش، بۇ كۆرۈنۈشتىكى ھادىسە. ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلارنىڭ ھەقىقىي قىلىدىغىنى بىرلا ئىش−كۈچىنىڭ بارىچە ئىنسانىيەتنىڭ ياشاشتا تايىنىدىغان ئەخلاق مىزانلىرى، كىشىلەرنى زىچ باغلايدىغان ئەخلاق مىزانلىرىنى چۈشىنىش .

    9-ئاينىڭ 5-كۈنى

     

    مېھرىبانلىق

    باشقىلارنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى ئويلىماي ھەر بىر كىشىنى سۆيگەن، ھەر بىر كىشىگە ياخشى مۇئامىلە قىلغان مۇشۇنداق ئادەملا ئارىمىزدىكى ئەڭ ياخشى ئادەمدۇر.
    −مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
    ھەقىقىي ئۇستاز-كالانلار بىزگە شۇنداق تەلىم بېرىدۇ: سۆيگۈ-مۇھەببەت تۇرمۇشنىڭ تۈپ يىلتىزى، سۆيگۈ-مۇھەببەت بىزنىڭ روھىمىزدا ماكان تۇتقان. سۆيگۈ-مۇھەببەت يېتەكلىگەن تۇرمۇشلا ئەڭ پاك، ھالال تۇرمۇشتۇر.
    سىز مۇقەددەس تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن بىرلا ئىشنى قىلىشىڭىز زۆرۈر، ئۇ بولسىمۇ سۆيۈشتۇر.
    سۆيۈش باشقا نەرسە ئەمەس، باشقىلارمۇ «مەن» دېگەننىلا بىلىپ قېلىش.
    بىر كىشى يالغۇز ۋاقتىدا−ئالايلۇق، چۆل-باياۋان، تۈرمە ياكى ئۇ ھەقىقىي يالغۇز قالغان ھەرقانداق جايدا−ئۇ خۇداغا مېھىر-سۆيگۈ بېرىش، خۇدانىڭ بارچە شەكىلدە زاھىر بولۇشىنى سۆيۈش ئارقىلىق قانۇنىيەتكە ئىتائەت قىلىدۇ. بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەس-خىيالى، چۈشى ۋە ئىدىيىسىدە بولسىمۇ ئەنە شۇنداق قىلىدۇ.

    9-ئاينىڭ 6-كۈنى

     

    خاتالىق

    روھىي كەيپىياتنىڭ ياخشى بولماسلىقى باشقىلارغا زىيان سالىدۇ، بىراق، يالغۇز ۋاقتىڭىزدا ئۆز قەلبىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقىنىڭىزدا، ئەگەر، روھىي كەيپىياتىڭىز يەنىلا جايىدا بولمىسا، بۇ سىزگە پايدىلىق.
    تۇنجى قېتىم ئەسكى ئىش قىلىپ قويغان كىشى ئىچىدە ئازابلىنىدۇ. كۆپ قېتىم ئوخشاش بىر ئەسكى ئىشنى قايتا-قايتىلاپ قىلىۋەرسە، ئۇ كىشى بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالىدۇ، ھەمدە باشقىلار ئۇنىڭ شۇنداق ئەسكى ئىش قىلىشىغا يول قويىدىغاندەك خاتا ئويلاپ قالىدۇ.
    گالۋاڭ ئادەم، ئۆزىنىڭ خاتالىقىدىن خۇش بولىدۇ. ئۇشا كىشى ئۆزىنىڭ خاتالىق سادىر قىلىشىدىن ساقلىنىپ قالغىنى ئۈچۈن خۇش بولىدۇ.
    ئەگەر، سىز ئۆز خاتالىقلىرىڭىزنى ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن بوينىڭىزغا ئالسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئالسىڭىز، بۇ ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقلىرىنى ھەقىقىي تونۇغانلىقىڭىز ھەمدە ئۇلار بىلەن كۆرۈش قىلىۋاتقىنىڭىزدىن بېشارەت بېرىدۇ. سىزنىڭ زېھنى قۇۋۋىتىڭىز ئۇرغۇپ تۇرسا، بۇنداق قىلىش كۆپ پايدىلىق. سىز كۆيۈۋاتقان چىراغقا ماي جىقلاپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.
    ئادەملەر بەزىدە ئەقلىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئۆزى بىلىپ-بىلمەي قىلىپ قالغان ئەسكى ئىشلىرى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىپ، ئۆزىنى ئاقلايدۇ. ئەقىلنى مانا شۇنداق يامىنىغا جۇرىسا، بىز بۇنى ئازغۇنلۇق پاتقىقىغا پېتىش، دەپ ئاتايمىز.

    9-ئاينىڭ 7-كۈنى

     

    ھاۋايى-ھەۋەس ۋە شەھۋانىي ھېسسىيات

    ئەگەر، ئادەم مۇكەممەللىككە يېتەلىسە، نەپسىنى يىغىپ زاھىدلارچە ياشىيالايدۇ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ نەسلى قۇرۇپ تۈگەيدۇ. كىشىلەر «زەبۇر»دا قەيت قىلىنغان پەرىشتىلەردەك توي قىلمايمۇ ئۆتەلەيدۇ. ھالبۇكى، بىز ئۇنچىۋالا مۇكەممەل ئەمەسمىز، شۇڭا، ھازىرغا قەدەر ئەۋلاد قالدۇرۇۋاتىمىز.
    يات جىنسلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن پەس، چاكىنا قىلىقلارنى قىلىسىز، ئەمچەكتىكى موزاي ئانىسىدىن ئايرىلمىغاندەك. بۇلارنى كۆڭلىدە ساقلاپ قالغۇچى ئىشقۋاز تورغا چۈشكەن توشقانغا ئوخشاپ قالىدۇ، ئارقان بىلەن چەمبەرچاس چۈشەپ قويۇلغاندەك تىنماي يۇلقۇنىدۇ، ئارقان بوشاش تۈگەل، ئەكسىچە تېخىمۇ چىڭىپ كېتىدۇ.
    −بۇددا ھېكمەتلىرىدىن
    سىز بىر بالىغا دادا بولسىڭىز، ئۇ بالا سىزنىڭ بولىدۇ. ئۇنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان ئايال ئۇنىڭ ئانىسى بولىدۇ. سىلەر ئۈچىڭلار بىر ئائىلىنى شەكىللەندۈرىسىلەر.
    مۇبادا، جىنسىي قۇۋۋىتىڭىزنى بۇزۇقچىلىق ئىشلىرىغا ئىسراپ قىلسىڭىز، ئەڭ ئاخىرى قۇۋۋىتىڭىز زىيانلىق مەقسەت يولىدا خوراپ تۈگەيدۇ.

    9-ئاينىڭ 8-كۈنى

     

    ئىشلەش ۋە بىكارچىلىق

    ھۇرۇن ئادەم بارلىكى يەردە، باشقا بىر ئادەم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بەزىلەر قولغا كىرگۈزۈۋالغان نەرسىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن ئارتۇق بولسا، بۇنداق ئادەملەر بار يەردە باشقىلار ئاچلىقتا قالىدۇ، ئۇلارغا ئەقەللىي تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىمۇ نېسىپ بولمايدۇ.
    ئادەمنىڭ ئەقلى-ھوشىنى يوقىتىدىغان ئىچىملىك ۋە چېكىملىكلەرنىڭ ھەممىسىنى بىكار تەلەپلەر ئىجاد قىلىشقان، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق غەرىزى زېرىكىشىدىن قۇتۇلۇش.
    ئىشلىمەي بىكار يۈرسىڭىز زېرىكىسىز. زېرىككەندە سىز گۇناھ (جىنايەت) ئۆتكۈزىسىز.
    تۇرمۇشىڭىزدا ھەپىلىشىدىغان بىرەر ئىش بولسا، ئارام ئېلىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش-تاماشالار ھاياتىي كۈچىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئىشلەش بىلەن كۆڭۈل ئېچىش تەكرار دەۋرلىنىپ تۇرسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز خۇشال-خۇرام ئۆتىدۇ. شۇغىنىسى، ھەممە ئىش ياكى ھەممە كۆڭۈل ئېچىشلار شۇنداق بولىۋەرمەيدۇ.

    9-ئاينىڭ 9-كۈنى

     

    ئاچكۆزلۈك ۋە بايلىق

    چىننىڭ بىر دانىشمىنى شۇنداق دېگەنىكەن: «گادايلار باي غوجاملارغا ھەۋەس قىلىشىدۇ، بۇ ياخشى ئىش بولمىسىمۇ ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ.»
    بۈگۈنكى كۈنلۈكتە تاش يولدا بايلارنى بۇلاش، نامراتلارنى بۇلاشتەك دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئىش ئەمەس، چۈنكى، بايلارنى بۇلاش خەتەرلىك، نامراتلارنى بۇلاش ئوڭاي، خەتىرى يوق.
    −يوھان رۇسكىن
    بايلىق جاپالىق ئەمگەك بەدىلىگە بېرىلگەن ھىممەت. بۇ ئادەمنىڭ ئەجىر-ئەمگىكى ئارقىلىق ئەجرىنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈشى نورمال ئەھۋال. تەربىيە كۆرگەن زاتلار بۇنى ئىش تەقسىماتى، دېيىشىدۇ.
    ئاجايىپ ھەققانىيەتسىز، قەبىھ بىر نەرسە بار. ئۇ بولسىمۇ مەردلىك-سېخىلىق تونىغا ئورۇنۇۋالغۇچىنىڭ ساختا ياخشىلىقىدۇر.

    9-ئاينىڭ 10-كۈنى

     

    ئاچچىقلىنىش ۋە ئۆچمەنلىك

    ئىككى كىشى سوقۇشۇپ قالسا، ھەر ئىككىسى ئەيىبلىنىدۇ، چۈنكى، ئۇلار سوقۇشۇۋاتقاندا، قارشى تەرەپنى سۆيمىگەن، بەلكى ئۆز ئارا ئۆچ ئېلىشقان بولىدۇ.
    ئەگەر، بىراۋ سىزنى خاپا قىلغان بولسا، ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ: «ئۇ نېمە ئۈچۈن ماڭا شۇنداق قىلىدۇ؟» بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۋالسىڭىز، ئۇنىڭغا يەنە ئاچچىقلاپ يۈرمەيسىز، بۇ خۇددى بېشىڭىزغا ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ كەتكەن بىر تاش ئۈچۈن ئاغرىنمىغاندەكلا ئىش.
    ئۇرغانغا قول، تىللىغانغا سۆز ياندۇرمىغان مۇشۇنداق ئادەمنىڭ جىسمىدىنلا سىز ئۇنىڭ ئالىيجانابلىققا باسقان قەدىمىنى كۆرەلەيسىز.
    چېچىلىش، ئاجىزلىقنىڭ بەلگىسىدۇر.
    −يوھان ياك رۇسسو

    9-ئاينىڭ 11-كۈنى

     

    تەكەببۇرلۇق

    ھەممە كىشى بىردەك ياخشى دەپ ئېتىراپ قىلغان ئادەملەر ئارىسىدىنلا ياخشىلارنى تاپقىلى بولىدۇ.
    ئاز ساندىكى مانا شۇنداق خىللانغان كىشىلەرنىلا سۆيۈش، ئىنسانىيەتنىڭ سۆيگۈسىدۇر. ھەممىگە ئوخشاش كۆزدە قاراپ بارچە كىشىنى سۆيۈش، ھەقىقىي مۇقەددەس سۆيگۈدۇر.
    ئۆزىنى باشقىلاردىن كۆپ ياخشى دەۋېلىش، ھاماقەتلىك، ئۇ ئەخلاقسىزلىقتۇر. ئۆز قوۋمىڭىزنى باشقا قوۋم-مىللەتلەرگە قارىغاندا ياخشى دەپ قارىسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئەڭ رەزىل ئويىڭىزدۇر. بىراق، بەزىلەر بۇنى لايىق ئەمەس دەپ قوبۇل قىلمايدۇ، بەلكى تەكەببۇرلۇقنى ئۇلۇغ پەزىلەت، دەپ چاغلايدۇ.
    بىر دانىشمەن، ھەممىدىن مۇھىمى ئۆزىنى بىلىش، دېگەنىكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، تەكەببۇر كىشىدە ئەقىل-پاراسەت كەمچىلدۇر. ئۇ، ئۆزىنى بىلەلمەيدۇ، چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ زادى قانداق ئادەملىكىنى بىلىشنى خالىمايدۇ.

    9-ئاينىڭ 12-كۈنى

     

    شۆھرەت ۋە نام-ئاتاق

    بىز ياخشى نام-ئاتاقلارغا بېرىلمىسەك، ئەلۋەتتە بىز تېخىمۇ كۈچ-قۇدرەتكە تولىمىز.
    ئەگەر سىز خۇشاللىق ئىزدىسىڭىز، باشقىلارنى ئەمەس، ئاۋۋال خۇدانى خۇشال قىلىڭ. ئادەمگە ئادەم ئوخشىمايدۇ، شۇڭا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئويلايدىغىنىمۇ ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر بۈگۈن بۇنى قىلىشنى ئويلىسا، باشقا بىرلىرى ئەتىسىلا ئۇ ئىشنى قىلىشنى ئويلايدۇ. ھالبۇكى، خۇداغا پەقەت بىرلا نەرسە كېرەك، ئۇنىڭ نېمىلىكىنى دىلىڭىزدا بىلىڭ.
    سىز ھەرقانچە زور نەتىجىلەرنى قازىنىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، كىشىلەرنىڭ سىزنى ماختاپ ئۇچۇرۇشلىرى ۋە يۇقىرى باھالىرىغا زىيادە دىققەت قىلىپ كەتمەڭ. ئەگەر، بىزنى كىشىلەر نېمە دەپ شۇنداق ماختاپ ئۇچۇرىدىغانلىقى ۋە يۇقىرى باھالارنى بېرىشىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالالىساق، ئۇنداق گەپلەرگە ئەزەلدىن قۇلاق سالمىغان بولاتتۇق.
    ئېھتىياجىڭىزدىن ئارتۇق بايلىقنى، ياخشى نامىمىز قالسۇن ئۈچۈن توپلىغان، دەپ چۈشەندۈرىسىز. يالغانچىلىق ئۆزىڭىزنى باشقىلاردىن ياخشى قىلىپ كۆرسىتىشنى ئويلاشتۇر. بۇنداق ئادەمنىڭ تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولمايدۇ، نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇ باشقىلارنىڭ مەدھىيىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلىغان بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەب يوق.

    9-ئاينىڭ 13-كۈنى

     

    سوتلاش ۋە جازالاش

    بەزىلەر، بالىلارنى تەربىيىلەشتە ئۇلارنى جازالاش كېرەك، دەپ قارايدۇ. بىراق، بالىلارنى تەربىيىلەش ئۈچۈن سىز سەۋرچانلىق بىلەن سۆزلەپ قايىل قىلىشقا ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز ئارقىلىق ياخشى ئۈلگە بولۇشىڭىزغىلا تايىنىڭ. يامانلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش، بىر ئادەمنى تەربىيىلەپ بولالمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭغا زىيان سالىدۇ.
    زورلۇقسىز تەلىماتقا ئەگەشمەك بەك تەس، بىراق، ئۇرۇش ۋە قىساس تەلىمىگە ئەگەشمەك شۇنچە ئاسانمۇ؟ نەچچە مىليونلاپ ئادەملەر ئۇرۇش-جەڭلەردە جېنىدىن ئايرىلىدۇ. ھەر بىر مەيدان ئۇرۇش ئوپېراتسىيىسىدە ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە ئازاب چېكىشلەر نەچچە ئەسىرلەپ زوراۋانلىققا قارشىلىق كۆرسىتىشتىنمۇ ئېغىر بولىدۇ.
    بەزىلەر جازالاشنى، يامانلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشنى توختىتىش كېرەك، دېيىشىدۇ. يەنە باشقىلار بۇنىڭغا جاۋابەن، ئەگەر بىز رەزىللىكنى جازالاشنى توختاتساق، رەزىللىك مەڭگۈ يەر يۈزىدىن يوقالمايدۇ، دېيىشىدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ، مۇز تۇتقان دەريا يۈزىدىكى مۇز ئېرىپ كەتسە دەريا قۇرۇپ كېتىدۇ، دېگىنىدەكلا گەپ. ئەمەلىيەتتە، مۇز ئېرىپ تۈگىسە، چوڭ-كىچىك كېمىلەر ئېقىن بويلاپ ئۈزۈشۈپ يۈرۈشىدۇ، يېڭى ھايات باشلىنىدۇ.

    9-ئاينىڭ 14-كۈنى

     

    روھ

    ئىلىم ئەھلىلىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقنى قېزىپ، بىر نەچچە دانە بۇغداينى بايقاپتۇ، ئۇنى تۇپراققا كۆمۈپ، سۇ قويۇپتۇ. ھەر بىر بۇغداي بىردىنلا ئۆزلىرىنىڭ ھەم ئۇرۇق ھەم مايسا ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يېتىپتۇ.
    بىز ئۆلگەندىن كېيىنكى روھىي ھاياتلىق ھەققىدە مۇنازىرىلىشىپ كېتىمىز. ئۆلگەندىن كېيىنمۇ روھ ئۆلمىسە، ئۇ بىز بۇ دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇنمۇ چوقۇم ياشاپ يۈرگەن بولىدۇ. ئادەمگە كەملىك قىلىدىغان مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلچە قىممىتى يوقتۇر.
    مېنىڭ قەلبىمدە ھاياتلىق مەنبەسى، يەنى ئىچكىي روھ بار. مەن ئۆز تېنىمنىڭ دائىرىسىنى ئېنىق بىلىمەن، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ مەنىۋىيەت دائىرىسىنىمۇ ئاز-تولا بىلىمەن. ھايۋانلارنىڭ جىسمىدىكى روھقا بولغان تونۇشۇم بەكمۇ يۈزەكى، تۇتۇق؛ جانسىز نەرسىلەرنىڭ روھىغا كەلسەك، ئۇلارغا بولغان تۇيغۇم تېخىمۇ تۇتۇق. گەرچە مەن ئۇلارنىڭ روھىنى تۇيۇپ بولالمىساممۇ، ئاشۇ دۇنيانىڭ مەنبەسىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمەن، ئۇ بىزنىڭ ھەممىمىزگە ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ، بىزنى ھەر يەر، ھەر يەرلەردە ياشاشقا ئىمكان بېرىدۇ.

    9-ئاينىڭ 15-كۈنى

     

    روھ

    ئادەم ئۆز قەلبىدىكى خۇدانىڭ قۇدرىتىنى سېزەلمىسە، بۇ، ئۇنىڭ قەلبىدە خۇدانىڭ قۇدرىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى پۈتۈنلەي ئۇ قۇدرەتنى ئۇنىڭ قانداق ئۆزلەشتۈرۈشنى تېخى ئۆگىنىپ بولالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
    بىز ئىسكىرىپكا چېلىشنى سەۋر -چىدام بىلەن ئۆگەنگەندەك، قانداق سۆيۈشنىمۇ ئۆگىنىشىمىز كېرەك.
    خرىستوس ئەيسا پۈتۈن كۈچىنى ئۆزىنىڭ ئىچكىي تەبىئىتى، ئادىمىيلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن بېغىشلىغان. بۇ فارىسايلارنىڭ ئۇسۇلىدىن تامامەن ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلار تاشقىي نەرسىلەرگە يېپىشاتتى.
    ھەممە كىشى، تاماق يېيىش ئالدىدا قولىنى يۇيىدۇ، تاماق قاچىلىرىنىمۇ پاكىزلىشىدۇ، بىراق، ئۆز روھىنى پاكىزلەشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
    بىزنىڭ قەلبىمىز نەزەردىن ساقىت قىلىنسا، ئۇنى گۇناھى كىبىرلەر ۋە ئازغۇنلۇق قاپلاپ كېتىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا، سىلەر ئۆز قەلبىڭلارغا كىرىڭلار، كېرەكسىز ياۋا ئوت-چۆپلەرنى يۇلۇپ تاشلاڭلار، دېگەنىكەن. تاشقىي كۆرۈنۈشتىكى شەكلەن نەرسىلەر ئىچكىي ماھىيەتلىك نەرسىلەردەك زۆرۈر ئەمەس. ھەقىقىي ياخشى-يامانلىقلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ قەلبىڭىزدە كۆرۈلىدۇ.
    −فېلشىت روبېرت دې لامېننەي

    9-ئاينىڭ 16-كۈنى

     

    ئېتىقاد

    خۇدانىڭ قانۇنىنى ئۆگىنىپ، باشقىلارغا خۇدانىڭ قانۇنىغا قانداق بوي سۇنۇشنى ئېيتىپ بەرمىگەن ئادەم، يەرنى ئاغدۇرۇپ ئۇرۇق سالماي ئاق تاشلىۋەتكەن دېھقاننى ئەسلىتىدۇ.
    خرىستىئان دىنى بىزگە شۇنداق تەلىم بېرىدۇ: بىز قىلغان ئىشلىرىمىز ئارىسىدا ھەقىقىي سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە خۇشاللىق بېغىشلايدىغىنى−ئۆز ئارا سۆيۈشتۇر.
    قەدىمكى دىنىي رىۋايەتلەر ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەتكە ئايلانغان، بۇ بەلكىم ئۇنىڭ تولىمۇ نۇرغۇن كىشىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت مەنبەسىگە ئايلانغىنىدىن بولسا كېرەك.
    ئۆز ئۆيىدە سالقىن، پاكىزە بۇلاق سۈيى تۇرسا ئۇنى ئىچمەي كوچىدىكى لاي، مەينەت كۆل سۈيىنى ئىچكەن كىشى ئەخمەق ئادەمدۇر.
    −ئەنجېلىئۇس سىلېسىۋۇس

    9-ئاينىڭ 17-كۈنى

     

    ساختا ئىلىم

    ماددىي ئوغا بىلەن مەنىۋى ئوغىنىڭ پەرقى شۇكى، ماددىي ئوغىنىڭ تەمى ئادەمنى سەسكەندۈرىدۇ، گېزىت-ژۇرنال، كىتابقا ئوخشاش شەكىلدىكى مەنىۋى ئوغا بولسا، ئۇنىڭ تاشقىي قىياپىتى بىزنى ھەمىشە ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ.
    ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى ئەخلاقىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتالمايدۇ. بىراق، ئىچكىي روھىي دۇنيانى تەتقىق قىلىشتا، ئىلىم-پەننىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇ بىزنى خاتا يولغا باشلايدۇ.
    ئىلىم ئەھلىچە تۇرمۇش، تەلىم-تەربىيە ۋە ئىلىم-پەنلەر ھاياتلىق دەرىخىڭىزنىڭ ياپراقلىرىغا ئايلىنالىشى مۇمكىنكى، ھەرگىز مېۋىسىگە ئايلىنالمايدۇ.
    −گېئورگى.C.لېچتېنبېرگ

    9-ئاينىڭ 18-كۈنى

     

    تىرىشچانلىق

    قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇرىدا ياخشىلىق بۇلاقلىرى بار. ئۇ قۇدۇققا ئوخشايدۇ، سىز ئۇنى پاكىز پېتى ساقلاپ قالالسىڭىز، ھەمدە توختاۋسىز ھالدا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ قازغانسېرى ئۇنىڭ سۈيى شۇنچە كۆپىيىپ بارىدۇ.
    سىز مەنىۋى تۇرمۇشتا مەلۇم دەرىجىدە ئالغا ئىلگىرىلىسىڭىز، ئۆز ۋۇجۇدىڭىزدا بەزى پاسسىپ نەرسىلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرىسىز، سىز بۇنى بۇرۇن بىر ئازمۇ سىزىپ باقمىغان. بۇ، سىزنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىڭىز يەنىلا ياخشى دېگەندىن بېشارەت بەرمەيدۇ، بەلكى، سىز ئۆزىڭىزنى تاكامۇللاشتۇرۇش جەريانىدا قانچە ئۆزگىرەلىسىڭىز شۇنچە ياخشى بولىدىغىنىنى ئىپادىلەيدۇ.
    سۈرە-ئايەتلەردە، ئاخىرىغىچە چىدىغانلار نىجات تاپۇر، دېيىلگەن. يەنە ئازراق تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا نىشانغا يەتكىلى بولىدىغاندا، بەزىلەر ئۈمىدىنى ئۈزۈپ توختاپ قالىدۇ، ھەتتا ئارقىسىغا چېكىنىدۇ.

    9-ئاينىڭ 19-كۈنى

     

    ئۆزىنى قۇربان قىلىش

    ئۆزىمىز قىلغان ياخشى ئىشنى ئۇنتۇپ كەتسەك، بىز ھەقىقىي ياخشى ئىش قىلغان بولىمىز. بىز ئۆزىمىزنى ئۇنتۇپ كەتسەك، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ياشىساق ساۋابلىق ئىش قىلغان بولىمىز.
    ئۆزىڭىزنى سۆيۈش ئالىي تۇرمۇشنىڭ زۆرۈر تەرىپى. سىز بالىلىق دەۋرىڭىزدە، بۇنداق ھېس-تۇيغۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، بىراق، ياشنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، بۇنداق تۇيغۇ بارا-بارا ئاجىزلايدۇ.
    ئۆزىنى ئالدايدىغان ئادەم، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن باشقىلار ئۈچۈن ياشاپ بولالمايدۇ. باشقىلار ئۈچۈن ياشايدىغان كىشى ئۆزى ئۈچۈن ياشاشنى تەسەۋۋۇرىغا سىغدۇرالمايدۇ.
    خۇداغا تولغان ھەقىقىي ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈنلا ئادەم ئۆز ھاياتىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك. باشقا خىلدىكى ئۆز-ئۆزىڭىزدىن ۋاز كېچىشلەرنىڭ ھەممىسى خاتادۇر.
     
    9-ئاينىڭ 20-كۈنى

     

    كىچىك پېئىللىق

    كەيپىڭىز چاغ بولمىغاندا، ئۆزىڭىز قىلغان بارچە ئەسكى ئىشلىرىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ. بۇ بەلكىم سىزنىڭ كەيپىڭىزنى تېخىمۇ ئۇچۇرۇشى مۇمكىن، بىراق، سىزنى تاكامۇللىشىشقا باشلىشىڭىزغا مەجبۇر قىلىدۇ.
    بىزنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىمىز بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان تەقدىردىمۇ، ھەممىسى ئۇششاق-چۈششەك، ئەرزىمەستۇر، بىز مېھرىبانلىقتىن تاكامۇللۇققا قەدەر بولغا ئارىلىقتا ھەر بىرىمىز ئوخشىشىمىز، چۈنكى، بىز ھەممىمىز مۇكەممەللىكتىن تولىمۇ يىراقمىز.
    بەزىلەر ئۆزىنى باشقىلارنىڭ پىر-ئۇستازى ھېسابلىشىدۇ، ئەمما ئۇلار ھامان ئۆگەنچى−ئوقۇغۇچى بولۇشى كېرەك.
    سىز مەلۇم بىرسىنى ھاياتىڭىزنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ تاللىۋالماقنى ئىستىسىڭىز، ئاددىي-ساددىي ھەم كىچىك پېئىل ئادەملەرنى تاللاڭ، بۇنىڭ سىزگە قىلچە زىيىنى يوق. پەقەت مۇشۇنداق كىشىلەردىنلا ھەقىقىي بۈيۈكلۈكنى بايقىيالايسىز.

    9-ئاينىڭ 21-كۈنى

     

    ھەقىقەت

    كىشىلەرگە قانداق سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇشنى بىلسىڭىز، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭ.
    سەمىمىي، ھالال بولۇش ئەڭ مۇھىم پەزىلەت، بۇ گەپنىڭ قىممىتى كۆپتۇر. بىز تامامەن شۇنداق دېيەلەيمىزكى، سەمىمىيلىك بولمىسا، باشقا پەزىلەتلەرنىڭمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس.
    تۇخۇمدىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان چۈجىدە ئادەمدىكى مۇرەككەپ كاللا بولغان بولسا ھەمدە ئۇ مېڭىسىنى تەربىيىچىدەك ئىشلەتكەن بولسا، چۈجە مەڭگۈ تۇخۇمنى يېرىپ چىقالمىغان، مەڭگۈ رېئالنى دۇنيانى بىلەلمىگەن بولاتتى.
    ئاچ-زېرىنلارغا يېمەكلىك، ئۇچىسى يالىڭاچ قالغانلارغا كىيگۈدەك ئېگىن بېرىش، كېسەللىك ئازابىدا ئىڭراپ ياتقانلارنى يوقلاش، تەسەللىي بېرىشلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى ئىش-ئەمەللەردىندۇر، بىراق، ئۇنىڭدىن باشقىمۇ ياخشىراق يەنە بىر خىل ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ باشقىلارنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراش، خاتالىقلىرى ھەمدە نا توغرا تۇرمۇش قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىشتۇر.

    9-ئاينىڭ 22-كۈنى

     

    ئىدىيە

    كۆپ قىلغان ئاز قىلغاندىن، بالدۇر كەلگەن كېچىكىپ كەلگەندىن ئېشىپ كېتىدۇ. قىلغان ئىشىڭىزنى ۋىجدانەن ئەيىبلەش، قىلىش ئالدىدىكى ئىشلىرىڭىزغا قارىغاندا سىزنى بەكراق ئازابلايدۇ.
    سىز ھەر دورام سۆزلىمەك بولغىنىڭىزدا، ئاۋۋال سەل توختاپ تۇرۇپ ئوبدان ئويلىۋېلىڭ: دېمەكچى بولغانلىرىڭىز دېيىشكە ئەرزىمدۇ-يوق؟
    ئەگەر، سىز ئۆز تېنىڭىزدىكى شەھۋانىي قۇتراشلارنى باسالمىغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم، بىردىنلا غىل-پال ئەقىل كەچكەندە، ئۇنى ئەسلى توسۇپ قالالىسىڭىزمۇ دەررۇ تىزگىنلىمىگەنلىكىڭىزدىن بولغان بولىدۇ.
    سىز روھىڭىز چۈشۈپ كەتكەن ياكى روھىي كەيپىياتىڭىز ئەڭ ناچارلاشقان ۋاقتىدا، بۇنى بىر كېسەللىك دەپلا بىلىڭ. بۇ چاغدا، سىز كۆپ ھەرىكەت قىلماڭ، ھەرقانداق ئىشنى قىلماي تۇرۇڭ، پەقەت روھىي ھالىتىڭىزنىڭ ياخشىلىنىشىنىلا كۈتۈڭ.


    9-ئاينىڭ 23-كۈنى

     


    گەپ-سۆز

    بىكار تەلەپلەر قۇرۇق گەپ سېتىشقا ئۇستا كېلىدۇ.
    ئەگەر، بىر ئېغىز گەپ بىر تەڭگىگە يارىسا، ئۇنداقتا كەم سۆزلۈك ئىككى تەڭگىگە يارايدۇ. كەم سۆزلۈك زېرەك ئادەملەرگە بەك پايدىلىق بولسا، ھاماقەتلەرگە تېخىمۇ پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.
    −يەھۇدىيلارنىڭ «تەلمۇد» ناملىق كىتابىدىن
    ئارقامدىن گەپ تاپقىنى مەندىن قورققىنى، ئالدىمدا ماختىغىنى مەندىن بىزار بولغىنىدۇر.
    −چىن ماقالى
    گەپ-سۆز ئۇلۇغ نەرسە. سىز گەپ-سۆز بىلەن باشقىلارنى ئۆزىڭىزگە يىراقلاشتۇرۇپ قويىسىز ياكى يېقىنلاشتۇرالايسىز، گەپ-سۆز بىلەن سۆيگۈ-نەپرەت پەيدا قىلالايسىز.
    مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال ئىدىيىدە مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ: بىرى، گەپ قىلىشقا تېگىشلىك بولغاندا گەپ قىلماي ئۆتكۈزۈۋېتىش؛ يەنە بىرى، سۈكۈت قىلىشقا تېگىشلىك بولغاندا گەپ قىلىپ تۇرۇۋېلىش.

    9-ئاينىڭ 24-كۈنى

     

    ئىدىيە

    ئادەمنىڭ تەقدىر-قىسمىتى ئۇنىڭ ئىدىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەم ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئىدىيىسى ئارقىلىق ئالدىن كۆرەلەيدۇ ۋە يارىتالايدۇ.
    بىزنىڭ ئىدىيىمىز مەيلى ياخشى ياكى يامان بولسۇن، بىزنى جەننەتكە ياكى دوزاخقا ئەكىرەلەيدۇ. بۇ ئىشلار جەننەت ياكى دوزاختا يۈز بەرمەستىن، بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى تۇرمۇشىمىزدا يۈز بېرىدۇ.
    ھەقىقىي دۇئا-ئىبادەت سىزنىڭ روھىڭىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم، چۈنكى، سىز خۇدا بىلەن پىچىرلاشقىنىڭىزدىلا، ئەقىل-پاراسىتىڭىز ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىشلەيدۇ.
    سىز ھەقىقەت ئىزدەشنىڭ پېيىدا بولغىنىڭىزدىلا، سىزنىڭ ھاياتىڭىز باشلانغان بولىدۇ. ھەقىقەتنى ئىزدەشتىن قالغىنىڭىزدا، سىزنىڭ ھاياتىڭىزمۇ ئاخىرلاشقان بولىدۇ.
    بىزنىڭ ھاياتىمىز بىلەن ئىدىيىمىز ئوخشاش بىر گەپ. ھاياتىمىز قەلبىمىزدىن باشلىنىدۇ، بىزنىڭ ئىدىيىمىز ئۇنى شەكىلگە كەلتۈرىدۇ. ئەگەر، بىر ئادەم ياخشى ئىدىنى ئىپادىلىسە ھەمدە شۇنىڭغا بىنائەن ئىش كۆرسە، خۇشاللىق ئۇنىڭ سايىسىدەك يېنىدىن كەتمەي مەڭگۈ ئەگىشىدۇ.
    −بۇددا ھېكمەتلىرىدىن

    9-ئاينىڭ 25-كۈنى

     

    دۇنيادا گۇناھ يوق

    ھاياتىمىزدا ئىككى مۈشكۈلات بار، بىرىنچى خىل مۈشكۈلاتنى يەڭگىلى بولىدۇ، مەن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتسەملا ئۇنى يېڭەلەيمەن؛ ئىككىنچى خىل مۈشكۈلاتنى بىز يېڭەلمەيمىز، بوي سۇندۇرالمايمىز، بىز پەقەت ئۇلارغا ئىزچىل سەۋرى قىلىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنى توختاۋسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ تۇرۇشىمىز زۆرۈر.
    سىز نۇرغۇن ئىشلاردا غەم-قايغۇغا چۆمىسىز: پۇلنىڭ يوقلۇقى، كېسەللىك، ھاقارەتلىنىش ۋە تۆھمەتكە قېلىشلار. بىراق، سىز ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىچى ئاغرىپ كەتكەندىن باشلاپ ئازابلىنىسىز. قايسى خىل ئەھۋالدا بولمىسۇن، سىز چامىڭىزنىڭ يېتىشىچە ئىشلىسىڭىز، ئۆزىڭىزنى ھەرگىز كەمسىتمىسىڭىز، ئۆزىڭىزدە ئىشەنچ تۇرغۇزالايسىز، سىزنىڭ ھاياتىڭىزمۇ ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ.
    ئەگەر، سىز ئۆز تۇرمۇشىڭىزدىن قانائەت تاپمىسىڭىز، قۇلىلىگە ئوخشاش ئۆز قېپىڭىزغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغۇڭىزلا كېلىدۇ. پايدىسىز ھالەت يوقالغىچە كۈتسىڭىز، تۇرمۇشىڭىزدا ياخشىلىنىش بولىدۇ، سىز داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيسىز.
    بىز ھەمىشە، دىشۋارچىلىق-مۈشكۈلاتلار ياخشى ئىش ئەمەس، دەيمىز. بىراق، بېشىمىزغا ئېغىر كۈن كەلمىسە، ئۆزىمىزنىڭ چەكلىمىلىكلىرىنى بىلەلمەي قالىمىز.

    9-ئاينىڭ 26-كۈنى

     

    ھازىردا ياشاش

    بىراۋ بىر دانىشمەندىن سوراپتۇ: «ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ۋاقىت قايسى؟» دانىشمەن جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ: «ھازىر، چۈنكى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا سىز ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ خوجايىنى بولالايسىز.»
    بىزنىڭ ھازىرقى ۋاقىتتىكى ئىش-ھەرىكىتىمىز ئۆزىمىزگە تەئەللۇق؛ ئۇ ئاخىرلاشقاندا بولسا خۇداغا تەئەللۇق بولىدۇ.
    بەك چوڭ پىلان تۈزۈۋالماڭ، ھەم ئۆز تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ ئاقىۋىتىنى بەك كۆپ ئويلاپمۇ كەتمەڭ؛ مېنىڭچە، ئۇ چۈمۈلە ياكى قۇرت-قوڭغۇزلارچە تىرىشچانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. سىزنىڭ قىلىدىغان بىردىن بىر ئىشىڭىز ياخشى ياشاش، ئەسكى ئىش قىلماي، ئامالنىڭ بارىچە ياخشى ئىشلا قىلىش.
    بىز ھازىرقى، كۆز ئالدىمىزدىكى ئىشنىلا ئارزۇلىشىمىز كېرەك. ئۆتۈپ كەتكەن بەزى ئىشلارنى ئارزۇلاش، ئۆزىنى تولىمۇ بىچارە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. كەلگۈسىنى ئارزۇلاش، خام خىيال ۋە ئۇخلىماي چۈش كۆرۈشتۇر. پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن كۆز ئالدىڭىزدىكى ھازىرقى ۋاقىتنىلا ئارزۇلاش−مانا بۇ ھەقىقىي ھاياتتۇر.

    9-ئاينىڭ 27-كۈنى


    ئۆلۈم

    تۇغۇلۇش ياخشى ئىش دېيىلسە، ئۆلۈممۇ ياخشى ئىش، چۈنكى، ئۆلۈم بولمىسا تۇغۇلۇشمۇ بولمايدۇ.
    ئۆلۈش، سىزنى دۇنيا بىلەن باغلاپ تۇرغان ئەزالارنىڭ ھالاك بولىشىدۇر. شۇ سەۋەبتىن، ئاخىرەتلىك مەسىلىڭىزنى سۆزلەش بىلەن ئۆلۈم ھەققىدە سۆزلەش مۇناسىۋەتسىز.
    بىز ئۆلۈمنى زىيادە كۆپ ئويلىۋالمايلى، پەقەت ياشاشنىلا بىلەيلى ھەم ئۆلۈمنى دىلىمىزدا ساقلايلى. ئەگەر سىز شۇنداق قىلالىسىڭىز، ھايات راستتىنلا كەسكىنلىككە، نەتىجە ۋە خۇشاللىققا تولغان ئىشقا ئايلىنىدۇ.
    ئۆلۈمدىن قورقۇش، مۇقەددەس ھايات بىلەن تامامەن قارمۇ-قارشىدۇر. ئەگەر، سىز مۇقەددەس ھاياتنى ھەقىقىي ياشىغان بولسىڭىز، بۇنداق قورقۇنچ ئىس-تۈتەكتەك تارقىلىپ يوققا چىقىدۇ.

    9-ئاينىڭ 28-كۈنى

     

    ئۆلگەندىن كېيىن

    ئەگەر، سىز ئۆزىڭىزدە ئېتىقاد بولسۇن دېسىڭىز، ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ مەڭگۈلۈكلىكىگە قەتئىي ئىشىنىشىڭىز ھەم شۇ بويىچە ياشىشىڭىز شەرت.
    ئۆلۈم يەنە بىر خىل تېخىمۇ ياخشى ھالەتكە ئۆتۈش دېمەكتۇر، بىز بۇ دۇنياغا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن مانا شۇ ھالەتتە تۇرغان بولىمىز. بۇ ئەقىدە سىزنىڭ ئۆلۈمگە ئەڭ خاتىرجەم، سالماق ھالدا يۈزلىنىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.
    ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان ئادەم سەكراتتا، ئۆز ئەتراپىدىكى يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى چۈشىنەلەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئەمدى ئۇنىڭ مۇشۇ دۇنيانى چۈشىنەلمەيدىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى، ئۇنىڭ بەزى ئادەتتىن تاشقىرى نەرسىلەرنى−ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بەزى ئىشلارنى چۈشىنىپ يېتەلەيدىغىنىدىن، ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇ نەرسىلەرنى زادىلا چۈشىنەلمەيدۇ. بەزى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان نەرسىلەر ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇرىدۇ.
    بىز ھاياتىمىزدا يۇلۇققان بارچە ئىشلار بىزگە پايدىلىق، ئەگەر، بىز بۇنىڭغا ئىشەنسەك، ئانداقتا، بىز ئۆلگەندىن كېيىن يولۇقىدىغان ئىشلارمۇ بىزگە تامامەن پايدىلىقتۇر.

    9-ئاينىڭ 29-كۈنى


    بەخت

    ئەگەر، بىر شەپقەتلىك خۇدا، باغرى تولۇق كۆيۈنۈشكە تولغان خۇدا بولسا، ئەڭ توغرا مەقسەتتە كۈللى نەرسىلەرنى يارىتىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئەڭ ئاخىرى ئۇنىڭ مېھرىبان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ قويىدۇ. ئەگەر، خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنى ھېس قىلايلى دېسەك، بىز بىر-بىرىمىزنى سۆيمىكىمىز كېرەك.
    خۇدا سۆيگۈ بولغاچقا، بىز بالدۇرراق خۇداغا سەپەر قىلايلى. بەخت ئاسمان-زېمىنغا باغلىق ئەمەس. بەخت بىزنىڭ ئىچىمىزدە. بەخت نېمە؟ ھاياتىمىز سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تولۇپ تۇرسا، بىز بەختنى ئاسان ھېس قىلالايمىز.
    مەيلى قايسى شەكىلدە بولسۇن، مەيلى مەن خالاي ياكى خالىماي، خۇدا ئىرادىسىنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ، شۇڭا، بىز ئۆزىمىز سۆيگۈ-مۇھەببەت قوينىدا ياشىشىمىز، مېھرىبانلىقنى سېزىپ يېتىشىمىز كېرەك.
    بارچە ئادەمگە مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئويلىساق، بىز ئائىلىمىزدە ئەڭ ياخشى روھىي ھالەتتە تۇرۇشىمىز زۆرۈر. ئائىلىدە ئەڭ ياخشى ھالەتتە تۇرۇش ئۈچۈن سىز ئۆز مىجەز-خۇلقىڭىزنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە كەلتۈرۈڭ. مىجەز-خۇلقىڭىزنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن سىزنىڭ قەلبىڭىزدە مېھرىبانلىق بولۇشى كېرەك. قەلبىڭىزدە مېھرىبانلىق بولۇشى ئۈچۈن سىزدە مېھرىبانلىققا تولغان ئىدىيە بولۇشى كېرەك.

    9-ئاينىڭ 30-كۈنى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.