مارتىن لۇتىر كىڭ (1964-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-06 18:02:17

مارتىن لۇتىركىڭ1964-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبىئامېرىكا (1968-1929)مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى مارتىن كۇتىركىڭ 1929-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكا گېئورگىيە شىتاتى ئاتلانتا شە...



     

    مارتىن لۇتىركىڭ

    1964-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى

    ئامېرىكا (1968-1929)

    \

    مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

       مارتىن كۇتىركىڭ 1929-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكا گېئورگىيە شىتاتى ئاتلانتا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1954-يىلى، مارتىن ئالاباما شىتاتى مونتگومېرى شەھىرى دېكىستېر كوچىسىدىكى باپتېت ئۇيۇشمىسى چركاۋىنىڭ باستىرى بولغان. 1955-يىلى ئىلاھىيەت ئىلمىنىڭ دوقتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1955-يىلى مارتىن مونتگومېرى شەھىرىدىكى رىكشىچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، پۈتۈۈن شەھەردىكى بەش مىڭدىن ئارتۇق نېگىرنى ئاممىۋى جامائەت قانۇنىغا ۋە شىركەتلەرنىڭ بىر يىلغا سوزۇلغان ئېزىشلىرىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىپ،  سوت مەھكىمىلىرىنى يەرلىك تىرانسپورت قوراللىرىدىكى ئورۇن ئايرىش بەلگىلىمىسىنى چەكلەشكە مەجبۇر قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ بىر خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىدىكى داھىي شەخسكە ئايلانغان. 1958-يىلى سەرگەردانلىق جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە سولانغان. 1963-يىلى، مارتىن نېگىرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ۋە ئەركىنلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان نامايىشنى ۋاشىنگتوندا پىلانلاپ ئەمەلگە ئاشۇرغان. 1964-يىلى نوبېل تېنچلىق مۇكاپىتىغا ئېرىشكەن. 1968-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۇ بىر نەپەر ئىرق ئايرىمىچى ئۇنسۇرى تەرىپىدىن گېلىغا ئوق تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. مارتىن گەندىگە چەكسىز چوقۇنىدىغان بولۇپ، زوراۋان بولمىغان پىرىنسىپلارغا ئىشىنەتتى.

    مۇكاپاتلىنىش سەۋەبى: ئۇ نېگىرلارنىڭ باراۋەرلىكى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، دۇنيا تېنچلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان.

    تېنچلىق ۋە ھەققانىيەتكە ئىنتىلىش

    1964-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى

        نۇتۇق سۆزۈمنى باشلاشتىن بۇرۇن، مەن ماڭا ۋە ئامېرىكا خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىگە بۇ يۈكسەك شان-شەرەبنى بەرگەن نورۋىگىيە نوبېل مۇكاپاتى كومېتىتىغا بولغان تەشەككۈرۈمنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈرمەسلىككە ئامالسىزمەن. مېنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمدا، مەن تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز بولغان مۇشۇنداق بەختلىك مىنۇتلارغا، ھەرقانداق بىر تىل بەلگىلەردىن ھالقىپ چۈشىدىغان ئاجايىپ پەيتلەرگە ئاندا-ساندا ئۇچراپ قالىمەن. بۇنداق پەيتلەرنىڭ ھۇزۇرىنى پەقەت تىلسىز قەلب سادارىمىز ئارقىلىقلا سۈرەلەيمىز. مۇشۇ پەيتلەردە مەن دەل ئاشۇنداق ھوزۇرنى سۈرمەكتىمەن. بۇنداق مىنۇتلاردا مەن ئۆزۈمگىلا ۋەكىللىك قىلىپ قالماستىن، يەنە زوراۋانلىق بولمىغان كۈرەشلەرگە ئۆزلىرىنى ئاتىۋەتكەن شۇ يولداشلىرىمغا ۋەكىل بولىمەن. ئۇلار قەتئىيلىك بىلەن شەپقەتسىز ئىرق ئايرىمچى ئۇنسۇرلىرى بىلەن كۈرەش قىلدى ھەمدە بۇ كۈرەشلەر ئارقىلىق شۇ كىشىلەرگە ئىنسانىي قەدىر-قىممەتنىڭ نېمىلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەن بىلەن بىر يولدىكى شۇ سەبداشلىرىم ئىچىدە بەزىلىرى تولىمۇ تەربىيە كۆرگەن ياشلار، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە تەركىبىدىكى ئوتتۇرا ياشلىقلار؛ ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى زور كۆپچىلىكى ئەزەلدىن مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈپ باقمىغان جاپاكەش نامراتلار. شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قەلبىدە شۇنداق ئورتاق بىر غايە بار: ئىززەت-غورۇرىمىز بىلەن جاپا چېكىشكە رازىمىزكى، ھەرگىزمۇ ئىرق ئايرىمىچىلىقنىڭ خورلىقىغا قالمايمىز. ئەنە شۇلار ئەركىنلىك ئۈچۈن ھەقىقىي كۈرەش قىلغان باتۇرلار: مەن مۇشۇ ئالىيجاناب يولداشلىرىمغا ۋەكىل بولۇپ بۇيەرگە بۇ تېنچلىق مۇكاپاتىنى ئېلىش ئۈچۈن كەلدىم.

       بۈگۈن كەچ، مەن بۇ ئېسىل ھەم تارىخىي ئەھمىيەتكە باي بۇ مۇنبەر ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە شۇنى مۇزاكىرە قىلماقچى: مەن ئويلايمەن، بۈگۈنكى ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ جىددىي مەسىلە زادى نېمە؟ ھازىرقى زامان كىشىلىرى پۈتۈن دۇنيانى كىشىنى قورقۇنچقا سالىدىغان كېلەچەك دەرۋازىسى ئالدىغا ئەكىلىپ قويدى. ئۇلار كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان پەن-تېخنىكا چوققىسىغا چىقىپ بولدى. ئۇلار تەپەككۈر يۈرگۈزەلەيدىغان ماشىنا ئادەملەرنى، ئادەمنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدىغان، ئاجايىباتلارغا تولغان تىلسىم ئالەملەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇلار ئوكيان-دېڭىزلارنى ئاتلىغان كۆۋرۈكلەرنى سالدى، بۇلۇتلار بىلەن بوي تالىشىدىغان ئېگىز ئىمارەتلەرنى بەرپا قىلدى، ئۇلارنىڭ ئايروپىلانلىرى ۋە ئالەم ئۇچار تەخسىلىرى زامان-ماكان ئارىلىقىنى قىسقارتتى. ھەمدە بۇلۇتلار بىلەن بىرلىكتە يەرشارى ئەتراپىنى ئايلىنىدىغان قىلدى، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئىنسانلارغا نامايەن قىلغىنى مانا مۇشۇنداق كۆزنى چاقنىتىدىغان كۆرۈنۈشلەردۇر.

        شۇنداق بولسىمۇ، ئىنسانلار پەن-تېىنىكا جەھەتتە كىشىنىڭ ھەيران قالدۇرىدىغان بۇنداق نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ھەمدە كېلەچەكتە بۇنىڭدىنمۇ ئىلغار تېىنىكىلارنى پەيدا قىلىشى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلا ئىش بولسىمۇ، لېكىن، بەزى تېخىمۇ ماھىيەتلىك بولغان نەرسىلەرنى كىشىلەر ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ شۆھرەتلىك ۋە گۈللەنگەن پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈچلۈك سېلىشتۇرما بولۇپ قالغىنى شۇ بولدىكى: بىزنىڭ روھىيىتىمىزدىكى بەزى نامراتچىلىقلار. بىز ماددى جەھەتتە قانچە باي بولغانسېرى، پەزىلەت ۋە مەنىۋىي جەھەتتە شۇنچە  نامراتلىشىۋاتىمىز. گەرچە بىز قۇشتەك ئاسماندا ئەركىن پەرۋاز قىلىشنى، بېلىجاندەك سۇدا بىخارامان ئۈزۈشنى ئاللىقاچان ئۆگىنىپ بولغان بولساقمۇ، ئەمما بىز ھېلىغىچە ئۆزئارا قېرىنداشتەك ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئاددى بىر سەنئەتنى تېخىچە ئۆگىنىپ بولالمىدۇق.

    \

         ھەربىر ئادەم ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىككى خىل دۆلەتتە ياشايدۇ يەنى ئىچكى دۆلەت ۋە تاشقى دۆلەت. ئىچكى دۆلەت كىشى تۇرمۇشىنىڭ مەنىۋى مۇددىئاسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ سەنئەت، ئەدەبىيات، نەزەرىيە ۋە دىنىي ئېتىقاد ئارقىلىق سىرتقا ئىپادىلىنىدۇ. تاشقى دۆلەت بولسا ھەرخىل ئەسلىھە، تېىنىكا، ماشىنا ۋە قوراللاردىن تۈزۈلۈپ غايەت زور بىر قۇرۇلمىنى تەشكىل قىلىدۇ. بىز ھازىرقى زامان كىشىلەردىكى مەسىلە مۇنداق بىر يەردىن چىقىدۇ: بىز ھېچنىمىگە قارىماي ئىچكى دۆلىتىمىزنى خارابلاشتۇرۇش بەدىلىگە تاشقى دۆلىتىمىزنى گۈللەندۈرمەكتىمىز. يەنى، ئىنسانلار ياشاش ۋاستىلىرى ئارقىلىق تۇرمۇش مۇددىئالىرىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. ھازىرقى زامان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى زورىئونىڭمۇنداق بىر چوڭقۇر ھېكمەتلىك سۆزى  بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن، ئۇ بولسىمۇ « چاپىقىنى ئالىمەن دەپ كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ  قويماق». مانا بۇ ھازىرقى زامان كىشىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈل بىر ئەھۋال، بىر تېرەن ھەم ھەر ۋاقىت كىشىلەرنى ئەيىبلەۋاتقان قىيىن مەسىلە. ئەگەر كىشىلەر داۋاملىق ياشاپ كېتىشنى ئويلىسا، ناچار پەزىلەتلەر ۋە قۇرۇق، بوش مەنىۋىيەتنىڭ بىزگە پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. مۇبادا بىزنىڭ مەنىۋىيىتىمىزنىڭ ئۆسۈشى ماددىيلىقنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلىشالمىسا، ئۇنداقتا، ماددىي كۈچنىڭ ئېىشىشى ئىنسانلارغا تېخىمۇ زور خەتەرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدىكى تاشقى كۈچ ئىچكى مروھىيەتنى بېسىپ كەتكىنىدە، زۇلمەتلىك بوران-چاپقۇن بىزنىڭ دۇنيارىمىزنى ئىگىلىگەن بولىدۇ.

       بىز ئىنسانلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتتىكى گۆدەكلىك كېسىلىدىن كېلىپ چىققان تېخىمۇ ئېغىر بولغان ئۈچ مەسىلىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق ۋە روھىي جەھەتتىكى زەئىپلىشىشىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇ خىل روھىيەت ۋە پەزىلەتتىكى چۈشكۈنلىشىش ھازىرقى زامان كىشىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بىرىنچى چوڭ مەسىلە، گەرچە بۇ ئۈچ مەسىلە قارىماققا مۇستەقىل ۋە ئايرىمدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ئۆزئارا زىچ مۇناسىۋەتتە. بۇ ئۈچ مەسىلە: ئىرق  كەمسىتىش، نامراتلىق ۋە ئۇرۇش.

    مېنىڭ بىرىنچى كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم ئىرق كەمسىتىش. جىنايەتكە تولغان ئىرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىش كۈرەشلىرى ھازىرقى زامان جەڭلىرىمىزنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق بىرى. ئامېرىكا نېگىرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىنقىلاب دولقۇنى تولىمۇ چوڭقۇر ۋە كەسكىن ئىرادىدىن بارلىققا كەلگەن، بۇ خىل ئىرادە ئۇلاردىن «بۇ جاي»، «بۇ ۋاقىت» دا، ئەركىنلىك بىلەن باراۋەرلىكنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە تارىخىنى تولۇق ئويلىشىپ كۆرگەندىن كېيىن، بىز شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز: ھەرقانداق بىر مەنىدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكا مەللىي ھوقۇق ھەرىكىتى ھەرگىزمۇ ئامېرىكىدىكىلا ئالاھىدە ھادىسە ئەمەس. باشقا بىر تېخىمۇ يۈكسەك نۇقتىن ئېيتقاندا، ئامېرىكىدا نۆۋەتتە يۈز بەرگەن بارلىق ھادىسىلەر  پۈتۈن دۇنيادىكىى ئىرق كەمسىتىشكە قارشى بولغان ھەرىكىتىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى خالاس.

       مەن بىلەن بىر كۈندە تۇغۇلغان پەيلاسوپ، ئالفېرد. نورز. ۋېيتىخېد بۇرۇن مۇنداق بر سۆزىنى ئېيتقان. « مەدەنىيەت ئۆز شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە  باشلىغان ۋاقىتتا، تارىخ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىغا كىرەەن بولىدۇ، بۇ يەردە، ئىجتىمائىي جەمئىيەت ئۆزىدە بار بولغان ئالدىنقى شەرتلىرى بىلەن تېخىمۇ شىددەتلىك بولغان جەڭگە دۇچار بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈز بېرىش بىلەن بىللە چەك-چېكىدىن بۆسۈپ ئايرىلىش يۈز بېرىدۇ.» ھازىر بىزنىڭ كۆرۈۋاتقىنىمىز ئەركىنلىكنىڭ چوڭ پارتلىشى، ۋېكتور ھوگۇنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بىلەن ئېيتساق، «ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن ئىدىيە» رېئاللىقنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

       بۈگۈن، بىزنىڭ قۇلىقىمىزغا ئەڭ سەت ئاڭلىنىدىغان ئاغرىنىشلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ئىنسان بولۇش ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان شاۋقۇنلاردۇر، بۇ خىل شاۋقۇن شۇ ئېزىلغۇچىلار قاماپ قۇيۇلغان زىندانلاردىن چىقىپ بىۋاستە ئەركىنلىكنىڭ چوققىسىغا بارماقتا، سەپ تارتىپ تۇغ كۆتۈرۈپ چىققان قوزغىلاڭچىلار تەنتەنىلىك ھالدا ئۆز مارشلىرىنى ياڭرىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىككە بولغان چەكسىز ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەپ «ھېچكىمنىڭ بىزنى بىرقانداق قىلىشىغا يول قويمايمىز!» دەپ شۇئار توۋلاشماقتا. خۇددى بىر خىل تارقىلىشچان كېسەلگە ئوخشاش، بۇ خىل ئەركىنلىك ھەرىكىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۇچقاندەك تارقىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ تارقالغان ئازادلىق ھەرىكىتى بولۇپ قالماقتا. بۇ خەلق قوشۇنلىرى قەتئىيلىك بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆز ئىرقىغا ۋە زېمىنلىرىغا بولغان ئېكىسپىلاتاتسىيىلىرىگە قارشى تۇرماقتا. ئۇلار خۇددى غايەت زور دولقۇنغا ئوخشاش، تېنچ دېڭىز ئاستىدىن ئويغىنىپ، ئۆزلىرىنى قىرغاقلارغا ئۇرماقتا. ھەرقانداق بىر يېزا كوچىلىرىدا، ھەر بىر پورتلاردا ۋە ھەربىر ئائىلىلەردە، ئوقۇغۇچىلار، روھانىيلار ئارىسىدا ۋە سىياسىي يىغىنلاردا، بىز ئەركىنلىككە ئىنتىلگەن شۇ كىشىلەرنىڭ قۇلاقنى پاڭ قىلغۇدەك شاۋقۇنلىرىنى ئاڭلىماقتىمىز. يېقىنقى نەچچە ئەسىردىن بۇيان، ھەرخىل ھەرشەكىلدىكى «بوي سۇندۇرۇشلار» ئارقىلىق، غەربىي ياۋروپا جەمئىيىتى ۋە غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئاشۇ ھەرىكەتلىرى دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىپ تەڭ ئورۇندا تۇرماقتا. دۇنيا كۆپ قۇتۇپلىشىپ تەرەققىي قىلماقتا. دۇرۇس، بىزنىڭ ئاساسىي قىياپەتلىرىمىزدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولماقتا.

       تارىخنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ باققان شۇ كىشىلەرگە نىسبەتەن، بۇ بارلىق تەرەققىياتلارنىڭ ھەممىسى پەرەز ئىچىدىكى ئىشلار. ئېزىلگۈچىلەر ئېزىلىشنى مەڭگۈ خالاۋەرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەركىنلىككە بولغان ئارزۇسى بۇ نۇقتىنى ئاخىرى ئىسپاتلىدى. ئىچكى بىر خىل كۈچ نېگىر قېرىنداشلارنى ئاگاھلاندۇرماقتا: ئۇلار تۇغۇلىشىدا ئەركىن ئىدى، بەزى تاشقى ئامىللار ئۇلارغا دېمەكتە: ئەركىنلىككە كۈرەش بىلەن ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەيلى مەقسەتلىك ۋە ياكى مەقسەتسىز بولسۇن، نېگىر قېرىنداشلار دەۋر روھىنىڭ تەقەززاسىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ ئافرىقىدىكى نېگىر قېرىنداشلىرى، قوڭۇر تەنلىك  بىلەن قېرىنداشلىرى  بىلەن، ئاسىيادىكى سېرىق تەنلىك قېرىنداشلىرى بىلەن، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە كارىپ دېڭىزى رايونلىرىدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئامېرىكا نېگىرلىرى تولىمۇ بىر خىل تەقەززا تۇيغۇ بىلەن ئىرقى باراۋەرلىككە ئاتلانماقتا.

       بەختكە يارىشا، ئىرقى كەمسىتىشنىڭ ئۇزۇن ۋە زۇلمەتلىك بولغان ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىشنى مەقسەت قىلغان بۇ كۈرەشلەردە، بىز ئاللىقاچان ئەھمىيەتلىك  بولغان نەچچە قەدەمنى غەلبىلىك ئالدۇق. بىز مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى ھەيۋىتىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. 30 يىل مۇقەددەم، پۈتۈن ئافرىقىدا مۇستەقىل دۆلەتتىن ئاران ئۈچىلا بار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا، 35 ئافرىقا دۆلىتى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلۇپ چىقتى. ئامېرىكىدا بولسا بىز ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ تەدرىجىي يوقاۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. 1954-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئاللىي سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارار ماقۇللىدى: ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەردە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قىلىش قانۇنغا خىلاپ. بۇ قارار قانۇن ۋە ئاساسىي قانۇن جەھەتتىن بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ «ئايرىمىچىلىق باراۋەرلىك»كىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. سوت مەھكىمىسى: «ئايرىمچىلىق ئاستىدىكى مائارىپتا تەڭپۇڭسىزلىق بار، ئىرقىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرزەنتلەرنى ئايرىمىچىلىق ئاستىدا مائارىپ تەربىيىسى قۇبۇل قىلغۇزۇش ماھىيەتتە، قانۇننىڭ ھەر بىر پەرزەنتكە ئاتا قىلغان باراۋەرلىكتىن بەھرىمان  بولۇش ھوقۇقىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىك، دەپ جاكارلىدى. بۇ قارار نەچچە مىليونلىغان ئىنسانىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيقاندا، نىشان كۆرسەتكۈچ ماياك، ئۈمىد نۇرى ھېسابلىنىدۇ.

    \

       نەچچە ئاي بۇرۇن، تولىمۇ ئۇلۇغ بولغان كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى ئامېرىكىدا ماقۇللىنىش ئىجازەتكە ئېرىشىپ ھەمدە قانۇنىي شەكىل بىلەن مۇقىملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاشۇ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ يورۇق كۈنلىرىگە ئۇلاشتى، ئامېرىكىدىكى مىليونلىغان نېگىر ۋە ئاق تەنلىكلەرنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشكەنلىكتىن، بۇ ئامېرىكا پىرىزدېنتى كېننېدى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە توختىماي ئۈندەشلەر ئارىسىداماقۇللانغان بۇ كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيىسى ئاخىرى ئامېرىكىنىڭ تۈپ چوڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئايلاندى. ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان، ئارىلاپ-ئارىلاپ دەبدەبىلىك بولغان شۇ مىللىي ھوقۇق ھەرىكەتلىرىدە، كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيىسى راۋان قىستۇرما كۈيگە ئوخشاش ئىنقىلابىي خىتابنىڭ يېڭى بىر باشلىنىشىدىن دېرەك بېرەتتى. بۇ ئازادلىق خىتابلىرى ئوخشىمىغان ئىرقلار ئارىسىدىكى پۇرسەت باراۋەرلىكىنى ئەمەلگەن ئاشۇرۇش ئۈچۈن تولۇق بولغان قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسىنىڭ ماقۇللىنىشىدىن كېيىن، كىشىلەر ئۆز كۆزى بىلەن ئۇنىڭ قانۇنىي يول بىلەن يۈرگۈزۈلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئىنسان قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ئۈنۈملىرىنى كۆردى. مەن خوشاللىق بىلەن مۇشۇ يەردە ئولتۇغانالرغا شۇنى دوكلات قىلىمەن. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئامېرىكا جەنۇبىدىكى ھەرخىل ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسىگە خوشاللىق بىلەن بوي سۇندى ھەم يۈرگۈزۈش جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ يىراق كەلگۈسىدىكى كۆرەرمەنلىكىنى نامايەن قىلدى.

        ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلىنىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىزنالاردىن بىزنىڭ يېقىنقى نەچچە قېتىملىق پىرىزدېت سايلىمىمىز  بار. كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئاشۇ چېكىدىن ئاشقان دېمۇكراتىيىزىمچىلەرنى، ئىرق ئايرىمىچىلارنى ۋە چېكىنمە ئۇنسۇرلار ۋەكىللىرىنىڭ پىرىزدېنت ئورنىغا چىقىشىنى بېسىپ چۈشۈشى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇلار  بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدىكى يوشۇرۇنىۋالغان، ھەر ۋاقىت ئاق تەنلىكلەر بىلەن نېگىرلار ئارىسىدا ئىغۋاگەرچىلىك سېلىشقا تەييار تۇرغان ھەمدە دۆلىتىمىزنى تولىمۇ خەتەرلىك بولغان فاشىزىم يولىغا ئېلىپ كىرمەكچى بولغان بۇزغۇنچى ئۇنسۇرلارغا قاقشاتقۇز زەربە بەردى.

        مەن كۆپچىلىككە مۇنداق بىر خاتا تۇيغۇ بېرىپ قويۇشنى خالىمايمەن: ئىرقى كەمسىتىشتىن ئىبارەت بۇ مەسىلە خۇددى بىر جاپا بىلەنلا ھەممە مېھنەت قولغا كەلگەندەك مەڭگۈلۈككە يوقىغىنى يوق. ئامېرىكىدىكى نېگىر قېرىنداشلارغا نىسبەتەن، ئۇلار ئەركىنلىك چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن يەنە تولىمۇ ئۇزۇن، ئۇزۇن بولغان مۇساپىنى بېسىشى كېرەك. دۈشمەنلىك چوققىلىرى ۋە ئاسمان قەھرىگە تاقاشقان تاغلارغا نىسبەتەن، بىز چوقۇم ئىككىلەنمەي ئاتلىنىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزدىكى سەۋرچانلىق ۋە قەتئىي بوشاشماسلىق ئىرادىمىزگە تايىنىپ، بىز بارلىق ئۈمىدسىزلىكنى يېڭىشىمىز، ئۈ،ىد چوققىلىرىغا يامىشىشىمىز كېرەك ھەمدە ئىپتىخار شورۇرنىڭ ئەڭ يۇقىرى چوققىلىرىغا چىقىشىمىز كېرەك؛ شۇ كۈنگە كەلگەندە، بىز كەمتەرلىك ۋە ھېسداشلىق بىلەن ئادالەتسىزلىكنى سوتلايمىز، ئادالەتسىزلىكنى زورلۇقتىن كىچىكلىتىپ يوقىتىمىز. ئۇ چاغدا، ئىرقى  كەمسىتىشنىڭ ئېگىز-پەس تەڭپۇڭسىزلىقى تولىمۇ سىلىق  بولغان تۈزلەڭلىككە ئايلىنىدۇ؛ ئۇ چاغدا، بىر تەرەپلىمىلىك كۆز قاراشلار، كىشىلەرنىڭ روشەن كۆزلىرىدە مۆكىدىغان يەرمۇ تاپالماي قالىدۇ.

        ئامېرىكا مىللىي ھەرىكىتى ئىنسانلارنىڭ ئىنسانىي ئىززەت-غورۇرى، خىزمەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىنىڭ سەۋەبسىز بىكار قىلىنماسلىقىنى، يوق قىلىنماسلىقىنى ۋە كېچىكىپ بېرىلمەسلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇبادا يۇقىرىقى نىشانلارغا يېتىش مۇساپىسىدە، بىز ھەرقانداق بىر توسالغۇغا ۋە توقۇنۇشقا يولۇقۇپ قالىدىكەنمىز، بىز ھەرگىزمۇ يول بەرمەيمىز. بىز ئەمدى قورقمايمىز، بىز مەڭگۈ ئارقىمىزغا چېكىنمەيمىز.

        زوراۋانسىززىم بىزنىڭ روھىي ماھىيىتىمىزنى دەل يورىتىپ بېرەلەيدۇ ھەمدە بىزنىڭ ئىدىيىمىزنى توغرا ھالدا بىر خىل كۈرەش ۋاستىسىگە ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئەگەر ئۇرۇشقا قاتناشقان بىر كىشى نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشسە، ھەمدە ئۇ كىشىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ھېچكىمنى ھەيرانلىقتا قالدۇرمىسا، ئۇنداقتا بۇ كىشىنىڭ قوللانغىنى زوراۋان بولمىغان كۈرەش ۋاستىسىدۇر. ئادەتتە، زوراۋان بولمىغان ۋاستە بىلەن مىللىي ھوقۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ئۇلارنىڭ بۇ كۈرەشلىرىنىڭ ھەربىي قوشۇن ۋە قۇراللارغا تايانمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ ئىرق كەمسىتىشنى ۋە ئىرق قۇلچىلىقىنى قوللايدىغان قانۇن ۋە ئۆرپ-ئادەتلەر بىلەن ئەپ ئۆتمىگەنلىكىدىن، كەمسىتىش سىياسىتىنى ۋە قۇللۇق تۈزۈمنى ھىمايە قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋەتتە بولمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ بىۋاستە نامايىشچىلارنىڭ ئارىسىغا قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن ھەرگىزمۇ زىيارەت قىلىش خاراكتېرلىك ۋاستىلەردە بولمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

        زوراۋانىسىززىم، يېقىنقى نەچچە يىللىق جاپالىق كۈرەشلەردە، مېنىڭ يولداشلىرىمنىڭ ئۆزلىرى قانچىلىك بەخىتسىزلىككە ئۇچرىسىمۇ، بەخىتسىزلىكنى باشقىلارغا تاڭمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمگە ئوخشاش، ئۇ يەنە بىزنىڭ ئەمدى ھېنىمىدىن قورقمايدىغانلىقىمىزدىن، كەينىمىزگە چېكىنمەيدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما، تولىمۇ چوڭ بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ يەنە بىزنىڭ ئۇ قورقۇنچلارنى باشقىلارغا ئېلىپ قويغىمىزنىڭ يوقلىقىدىن ياكى بىز ئۆزىمىز ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە قويۇپ قويغىمىزنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مىللىي ھوقۇق ھەرىكىتى ھەرگىزمۇ كەمتەرلىك بىلەن گۈزەل ئەخلاقنى قۇربان قىلىشنى ياكى ئاق تەنلىكلەرنى قۇربان قىلىشنى بەدەل قىلىپ نېگىرلارنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرمەيدۇ. مىللىي ھوقۇق كۈرەشلىرىدە، مەغلۇبىيەتچى بولمايدۇ. چۈنكى  بۇ كۈرەشلەرنىڭ نىشانى ئامېرىكا جەمئىيىتنىڭ تولۇق ئازادلىققا ئېرىشىشى ۋە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىنى ئازاد قىلىش بىلەن بىللە ھوقۇقتىن بەھرىمان قىلىشتۇر.

    زوراۋانلىق بىلەن باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇ بىر ئاقماسلىق ھەم ھەققانىيەتچىلىك ئەمەس. بىز ئۆزىمىزگە ئايان، زوراۋانلىق بىلەن ئېرىشكەن نەتىجە ھېچقاچان ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىگەن ئەمەس. ئۇرۇش ئارقىلىق، بەلكىم بەزى دۆلەتلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇستەقىللىككە ئېرىشىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ غەلبە ۋاقىتلىق. چۈنكى، زوراۋانلىق بىلەن مەڭگۈلۈك تېنچلىقنىڭ يولى بىر ئەمەس. زوراۋانلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ: ئۇ ئەكسىچە يېڭىدىن تېخىمۇ خاتا بولغان مۇرەككەپ مەسىلىلەرگە يىلتىز تۇتىدۇ. زوراۋانلىقنىڭ ئاقماسلىقىدىكى سەۋەب، چۈنكى زوراۋانلىق پۈتۈن ئىنسانلارنى باشلاپ تۆۋەنگە قاراپ بۇرالغان يول ئاخىرى بىزنى دوزاخقا ئاپىرىدۇ. زوراۋانلىقنىڭ ھەققانىيەتلىك ب ولماسلىقى، چۈنكى ئۇ ئۆز رەقىبىنى ھاقارەتلەپ خورلاشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، قارشىتەرەپنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈپ جەڭنى توختىتىشنى مەقسەت قىلمايدۇ: زوراۋانلىق پۈتۈن كۈچى بىلەن رەقىبىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ھەرگىزمۇ ئورتاق ياشاشنى مەقسەت قىلمايدۇ. زوراۋانلىقنىڭ ھەق بولماسلىقىدىكى سەۋەب، چۈنكى ئۇ ئۆز نەپرىتى ئۈچۈن گۈللىنىدۇ ھەرگىزمۇ مۇھەببىتى ئۈچۈن ئەمەس. ئۇ جەمئىيەت  ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى مۇمكىنلىكلەردىن يىراق قىلىدۇ. ئۇ جەمئىيەتنى دوستانە سۆھبەتتىن ھۆكۈمران مونۇلوگقا ئايلاندۇرىدۇ. زوراۋانلىق ھامان ئۆزىنى خاراب قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

    پەقەت زوراۋاىسىززىملا كىشىلەرنىڭ روھىي ۋە ئەخلاقى جەھەتتىكى زەئىپلىشىشىنى ھەقىقىي مەنىدە قۇتقۇزالايدۇ، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئاساسلىق قىيىنچىلىقى روھىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىكى زەئىپلىشىشى. زوراۋانىسىززىم ئەخلاققا مۇناسىپ كېلىدىغان ۋاستە بىلەن ئەخلاقنىڭ نىشانىغا يەتكۈزىدۇ، زوراۋانىسىززىم كۈچلۈك ھەم ئادىل  بولغان ئۇرۇش قۇرالى. ئەمەلىيەتتە، ئىنسانىيەت تارىخىدا، زوراۋانىسىززىم ئوخشىشى يوق بىرخىل قۇرال، بۇ خىل قۇرال ھېچكىمنىڭ قېنىنى ئاققۇزمايدۇ، ئەكسىچە ب ۇنداق قۇرالنى ئىشلەتكەن ئادەم كۈنسېرى يۈكسەكلىشىدۇ.

    مەن بۇ خىل ئامالغا چەكسىز ئىشىنىمەن، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ كۈنسېرى چەك-چېكىدىن ئاجراۋاتقان بۇ جەمئىيىتىمىزنى قۇتۇلدۇرالايدىغان بىردىنبىر ۋاستە. كۆپ ساندىكى شۆھرەتكە ئىگە شۇ كىشىلەرنىڭ ـــ تېزگىنسىز، قۇرقۇش، ئۆزىنى ئەيىبلەش ۋە ئەقىل-پاراسەتسىزلىكتىن، ئۇلارنىڭ ۋىجدانى ۋاقىتلىق ئېتىلىپ قالغان ــــ ۋىجدانىنى ئويغىتىپ، زوراۋان بولمىغان ۋاستىلەر بىلەن ئادىل بولغان قانۇننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

    زوراۋانىسىززىملىق پوزىتسىيىسىدە بولغان قارشلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەندىكى نەچچە تارماققا يىغىنچاقلاش مۇمكىن: ئاۋۋال خاتالىق ئۆتۈلگىنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ۋە باشقۇرغۇچى ئورۇنلار بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز بىۋاستە بولغان ھەرىكەت بىلەن ئۇلارنىڭ ئادالەتسىزلىكىگە قارشى چىقتۇق. بىز ئادىللىق بولمىغان قانۇنغا بوي سۇنۇشنى خالىمىدۇق. ئادىل بولمىغان ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىشنى خالىمىدۇق. چۈنكى بىزنىڭ مۇددىئايىمىز قايىل قىلىش، شۇڭلاشقا، بىزنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىمىز تېنچ، ئادىل ۋە كىشىنى خوشال قىلارلىق. بىز زوراۋان بولمىغان ئۇسۇل قوللىنىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىزنىڭ مەقسىدىمىز تېنچ يول بىلەن تېنچ بولغان جەمئىيەت بەرپا قىلىش  بولغانلىقىدا. بىز ئالدى بىلەن رەقىبىمىزنى تىل بىلەن قايىل قىلىشنى ئويلايمىز، ئەگەر تىل بىلەن قارشى تەرەپنى قايىل قىلالمىغاندا، بىز ئۆز ھەرىكىتىمىز بىلەن قارشى تەرەپنى قايىل قىلىمىز. بىز ھەمىشە تىل ئارقىلىق ئىككىلا تەرەپنىڭ يوق قۇيۇش ئاساسىدا بىرلىككە كېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. لېكىن، بۇ ئاماللارنىڭ ھەممىسى ئۈنۈمسىز بولغان ئەھۋال ئاستىدا، بىز ئۆزىمىز كۆرگىنىمىزگە ئوخشاش، زۆرۈر تېپىلسا، بىز ئازاب تارتىشقا رازى ھەتتا ھاياتىمىزنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماستىن ھەققانىيەت ئۈچۈن تىرىشىمىز.

    بۇنداق ئۇسۇل بىلەن ئادىل بولمىغان مەسىلىلەرنى غەلبىلىك ھەل قىلغان مىساللار تارىختا كۆپ. مۇھانداس. كى. گەندى بۇ خىل قالتىس ئۇسۇلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، زوراۋانسىز ئۇسۇل ئارقىلىق، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارىتا جەڭ ئاچقان ھەمدە ھىندىستان خەلىقىنى نەچچە ئەسىرگە سوزۇلغان مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىق ۋە ئىقتىسادىي ئېكىسپىلاتاتسىيە ئاسارىتىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان. ئۇ ئىشلەتكەن قورال دەل ھەققانىيەت، روھىيەتنىڭ كۈ-قۇدرىتى، زوراۋانىسىززىم ۋە قەيسەرلىك.

    ئۆتكەنكى ئون يىل داۋامىدا، ئامېرىكىنىڭ قۇرۇق قول ئەزىمەتلىرىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئەخلاقنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە زوراۋانىسىززىم ئۈنۈمىنىڭ جانلىق ئىسپاتى. نەچچە مىڭلىغان يۈزىنى كۆرسىتىشنى خالىمىغان نامسىز قەھرىمانلار ۋە يانماس-تەۋرىمەس ئىرادىلىك ياشلار، بۇلارنىڭ ئارىسىدا نېگىرمۇ ئاق تەنلىكلەرمۇ بار، بۇلار ئاشۇ بىر تەرەپلىمىلىك كۆز قاراش ۋە كەمسىتىش ئىدىيىسىنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىرىدىغان پىل چىشى مۇنارىدىن ۋاقتىنچە ئايرىلدى. ئۇلار باتۇرلاچە ھەم تەشكىلىي ئىنتىزام بويىچە ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى، كىشىنىڭ دېمى باراۋەرسىزلىكتىن كېسىلىدىغان ئىسسىق قۇملۇقتىكى سالقىن يېشىللىققا ئوخشايدۇ. دەل مۇشۇ كىشىلەر بىزنىڭ دۆلىتىمىزنى قايتىدىن دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ ئۇلۇغ بۇلىقى ۋە مەنبەيىگە قايتۇرۇپ كەلدى. دېموكتاتىك تۈزۈمنىڭ بۇلىقى ۋە بۇ مەنبەلىرى كەينىدىن يەنە ئامېرىكا «ئاساسىي قانۇنى» ۋە «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» تۈزگۈچى دۆلەت ئاتىلىرىمىز تەرىپىدىن تېخىمۇ چوڭقۇك كولاندى. ھامان بىر كۈنى، ئامېرىكىدىكى پۈتۈن كىشىلەر ئۇلارنىڭ بۇ نەتىجىلىرى ئۈچۈن پەخىرلىنىدۇ.

    مەن ئىنسانىيەتنىڭ ئاجىزلىقى ۋە كەمچىلىكىنى تولىمۇ چۈشىنىمەن، كىشىلەرنىڭ زوراۋانىسىززىمنىڭ ئۈنۈمىگە بولغان چۈشەنمەسلىكىنىمۇ چۈشىنىمەن، بەزىلەرنىڭ زوراۋانلىقنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا تەرغىپ قىلغىنىنىمۇ چۈشىنىمەن، ئەمما مەن باشتىن –ئاخىرى شۇنىڭغا ئىشىنىمەن: ئىرقى كەمسىتىشكە ئوخشاش مۇشۇنداق بىر كونا مەسىلە بىلەن ئېلىشىشتا، زوراۋانىسىززىم شۈبھىسىزكى، ئەمەلىيەتتىكى توغرا ۋە ئەخلاق –پەزىلەتتىكى كارامەت بىر ئۇسۇل.

    ھازىرقى دۇنيانى قىيناۋاتقان ئىككىنچى مەسىلە نامراتلىق. ئۇ خۇددى غايەت زور سەككىز ئاياغلىق سىياھ بېلىقتەك، دۇنيادىكى ھەربىر پارچە زېمىنغا، ھەربىر يېزا-قىشلاققا تىكەنلىك، ئەگرى بولغان جىنايەتلىك قارا قولىنى سوزماقتا. پۈتۈن دۇنيادا ئۈچتىن ئىككى ئىنسان كەچلىك تاماق يېيەلمەي ئاچ ئۇخلايدۇ. بۇ كىشىلەردە دائىم ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ، تۇرىدىغان يەرلىرى تولىمۇ ۋەيران ۋە مەينەت، كىيىم-كېچەكلىرى خاراب. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىرى دائىم تۇرار جايىنىڭ قەرەلى يوق ياكى ئۇخلىغۇدەك بىرەر كارىۋېتىمۇ يوق، كوچىلاردىكى پىيادىلەر يولىدا ياكى كىچىك بازارلارنىڭ توپا ئۇچۇپ تۇرىدىغان كوچىلىرىدا ئوخلىشىدۇ. تەڭرىنىڭ بۇ نامرات بەندىلىرى ئارىسىدا بەزىلىرى ھەتتا ئاغرىپ قالسا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ھەتتا چىش دوختۇرىغا كۆرۈنگۈدەكمۇ پۇلى يوق. نامراتلىق پەقەت تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكىلا ساقايماس كېسەل بولۇپ قالماستىن، بەلكى يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان، سانائەتلەشكەن جەمئىيەتلەردىمۇ بار بولغان كېسەللىك. باي، قۇدرەتلىك دۆلەتلەردە، كۈنسېرى ئېشىۋاتقان بايلار بىلەن كەمبەغەللەر ئارىسىدىكى پەرق ئاستىدا، نامراتلارنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى، نامراتلار بىلەن بايلار ئارىسىدىكى ئىنتايىن گەۋدىلىك پەرقلەنگىنىدەك شۇنداق نامرات.

    ئامېرىكىنى مىسالغا ئېلىپ كۆرىدىغان بولساق، بىز ئامېرىكىدا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ، ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدۇق، بىز دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتكە ئايلاندۇق، دۆلىتىمىزنىڭ بۇ يىلقى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى كىشىنىڭ ئەقلىنى تاڭ قالدۇرىدىغان سان ـــ 650مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ئەمما، بىزدى كامىدا بەشتىن بىر قېرىندىشىمىز ــــ ئون مىليون ئائىلىدىكى 40 مىليون كىشى ـــ بەخىتسىزلەرچە نامراتلىقنىڭ ئازابىغا ئۇچرىماقتا. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكىدىكى نامراتلارنىڭ نامراتلىقى ئافرىقىدىكى نامراتلارنىڭ نامراتلىقىدىنمۇ بەك كىشىنىڭ ئىچىنى سېرىيدۇ. ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى نامراتلارنىڭ نامراتلىقى بىر خىل كۆپچىلىك بىرلىكتە كۆتۈرىدىغان نامراتچىلىق، چۈنكى بۇ ئىككى رايوندا، نامراتلىك كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئوبېكتىپ رېئاللىق؛ يىللا ربۇيانقى ئېكىسپىلاتاتسىيە ۋە تەرەققىي قىلالماسلىق، بۇ دۆلەتلەردىكى ھەممە كىشىلەرنى نامرات كۆرسىتىۋەتكەن. ئافرىقا ۋە ئاسىيالار بىلەن ئېچىنىشلىق سېلىشتۇرما بولغىنى شۇكى: ئامېرىكىدىكى نامراتلار ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ، ئۇلارنى ئايرىم يالغۇز ئارالغا ئاپىرىپ قويسىمۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئايلىنىپ ئېقىۋاتقان دېڭىز سۈيىنىڭ ماددى جەھەتتە تويۇنغان ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان نامراتلار رايونىدىكى كەپىلىرىدىن بېشىنى كۆتۈرىدىغانلا بولسا، يامغۇردىن كېيىنكى موەولاردەك ئۈنۈپ چىققان، دېرىزىلىرىدىن نۇر چاقنىتىپ تۇرغان ئېەىز بىنالارنى؛ سائەتلىك سۈرئىتى 600 ئېنگىلىز مىلى تېزلىكتە غۇيۇلداپ، نامراتلار كەپىسى ئۈستىدىكى ئاسماندىن ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئايروپىلانلارنى، سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ كۆز ئالدىمىزدىلا ئاسماننىڭ قەھرىگە ئۇچۇپ چىقىپ، ئاي شارىدىن بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتلانى  كۆرەلەيدۇ. پىرىزدېنت جونسون ئۆز خەلقىنى باشلاپ، ئامېرىكىنى «دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك دۆلەت» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئاتلانغان چاغدىلا، ئۇنىڭ دۆلەت ئەھۋالىدىكى ماتېرىياللاردا نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقى چوڭىيىشقا باشلىغان. ئۇ جەمئىيەتنىڭ تويۇنۇشى «قالايمىقانچىلىق، ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىق»نى يوقىتالماي قالماستىن، بەلكى قالايمىقانچىلىق، ئىشسىزلىق ۋە نامراتلىقنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتكەنلىككىگە ئۇھسىنغانىدى.

    شۇڭلاشقا، كۆرۈۋېلىشكە بولىدۇكى، مۇبادا كىشىلەر ئۆزىنىڭ روھىيىتى ۋە ئەخلاقىدىكى زەئىپلىشىشنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلىسا، ئۇلار چوقۇم پۈتۈن كۈچى بىلەن دۇنيادىكى «ھېچنىمىسى يوق» كىشىلەر بىلەن «يوق نەرسىسى يوق» كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى چاڭنى توشقۇزىشى كېرەك. ھازىرقى دەۋر تۇرمۇشنىڭ كۈندىلىك تەرتىپىدە، بىزنىڭ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىمىز بولسا، نامراتلىقنى تۈگىتىش.

    نامراتلىق توغرىسىدا، مەنچە ئەمدى يەنە تەھلىل قىلغۇدەك يېڭى نەرسە قالمىدى بار دېيىلگەندىمۇ بۇ يېڭى نەرسە: بىزدە نامراتلىقتىن قۇتۇلغۇدەك كاپىتال بار. بىر يېرىم ئەسىر مۇقەددەم، كىشىلەر  مەڭگۈ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىككى مەسىلە ـــ نوپۇس ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن باش قاتتۇرۇشقا باشلىغانىدى. توماس روبېرت مالتۇس ئىسىملىك ئىدىيىگە باي بىر ئەنگىلىيىلىك بىر كىتاب يازغان، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كىتابىدا بەزىبىر تولىمۇ قورقۇنچلۇق نەتىجىلەرنى قالدۇرغان. ئۇ، ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ئۇلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىنسانلار ياشاشتا تايىنىدىغان ماددى ماتېرىياللارنى ئىشلەپ چىقىرىشتىن بەكمۇ، بەكمۇ چوڭ ئېشىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن ئىنسانىيەت ساقلانغىلى  بولمايدىغان يەر شارى خاراكتېرلىك ئاچلىق مەسىلىسىگە دۇچار بولىدۇ، دەپ بىشارەت قالدۇرغان. ئەمما كېيىنكى ئالىملار ئۇنىڭ بۇ خۇلاسىلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مالتۇسنىڭ بۇنچە قورقۇنچلۇق خۇلاسىنى چىقىرىشى، ئۇنىڭ دۇنيا ماكرو بايلىقىنىڭ مەنبەسى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ چەكسىز ئەقىل-پاراسىتىگە سەل قارىغانلىقى دەپ قارىدى.

    ئۇزۇن بولمىغان يىللار ئىلگىرى، خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ بىر گېئولوگ مۇتەخەسسىسى كىرتېلىي مازېر دوكتۇر، « مول ئاشلىق ۋە كىيىم كېچەكتىن ھوزۇرلىنايلى» ناملىق كىتابتىن بىرنى يازغان. ئۇ بۇ كىتابىدا مۇنداق بىر ئاساسىي نۇقتىئىينەزەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە، ئاچارچىلىقتىن تامامەن ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن، بۈگۈن بىز مۇنداق بىر سۇئالنى سورىماي تۇرالمايمىز: ئىنسانلاردا يېتەرلىك ئېنىرگىيە مەنبەسى ۋە يېتەرلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن ھەممە كىشىنى تەمىنلىيەلىگۈدەك پەن-تېىنىكا سەۋىيىسى بار تۇرۇپ، ھەربىر پارچە زېمىندا، ھەربىر شەھەردە، ھەربىر پارچە ئۈستەلدە بىز يەنە نېمە ئۈچۈن ئاچارچىلىق بىلەن نامراتلىقنىڭ سايىسىنى كۆرۈپ قالىمىز؟ قۇرغاق ئۈنۈمسىز يەرلەرنى مۇنبەتلەشتۈرسەك، تاغلارنى ئېتىزلىققا ئايلاندۇرساق بولىدىغۇ؟! بىز كەچكىچە زېمىن يېتىشمەسلىك توغرىسىدا ئاغرىنساق بولمايدۇ، چۈنكى بىزدە 250  مىليون كىۋادرات ئېنگىلىز مىلى ئېتىزلىقىمىز بار. يەنە كېلىپ بىز ھازىرغا قەدەر بۇ يەرلەرنىڭ يەتتە مىليون كىۋادرات ئېنگىلىز مىلىچىلىك يېرىدىنلا ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىدۇق. بىزدە يەنە كىشىلەرنى قايىل قىلغۇدەك ئوزۇقشۇناسلىق ئىلىملىرى بار: ۋېتامىنلارنى قانداق تەڭشەپ ئېلىشنى بىلىمىز، يېمەكلىكنى قانداق ماسلاشتۇرغاندا ئوزۇقلۇق مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بىز  نۇرغۇنلىغان يېمەكلىكلەرنىڭ خىمىيىلىك تۈزۈلۈشىنى ئانالىز قىلىپ چىقتۇق، ھەرخىل ئېلمېنىتلارنىڭ قانداق ئوزۇقلۇق خۇسۇسىيىتىنىڭ بارلىقىنى چۈشىنىپ يەتتۇق. ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقىنى ھەرگىزمۇ زېمىن، مەنبە يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ تەڭشەپ باراۋەر قىلغىلى بولمايدىغان بالايى-نەپسى؛ پاراۋانلىق ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى جەھەتتە، كىشىلەر ئۆز ئارىسىدىكى نامراتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان شۇ كىشىلەرگە ئۇنتۇپ كېتىش ھەمدە سۈكۈتتە تۇرۇش ئارقىلىق جاۋاب بېرىدۇ. بىزنىڭ دۆلىتىمىزدىكى نامراتلار كۆپچىلىكنىڭ ئويىدىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، ئۇلار ئىجتىمائىي جەمئىيەت توپىدىن ئىتتىرىلىپ، چەت-چېگرالارغا بېرىپ قالدى، چۈنكى، دەل شۇ نامراتلارنىڭ ئۆزى مۇشۇ كىشىلەرنى بىزنىڭ ھوقۇقىمىزنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدىغان قىلىپ قويدى. زوراۋانىسىززىم بۇ خىل ئىرق كەمسىتىشنىڭ بەدبەشىرە قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ قويغىنىغا ئوخشاش، بىز چوقۇم نامرات كىشىلەرنىڭ مۇشۇ خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكى ۋە ساقايماس كېسەللىكلىرىنى يورۇقچىلىققا چىقىرىشىمىز كېرەك، بىز ئۇلارنىڭ يۈزەكى ئالامەتلىرىنىلا يوق قىلىپ قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كېسەللىك يىلتىزىنى يۇلۇپ تاشلىشىمىز كېرەك. نامراتلىقنى يوقىتىش كۈرىشىمۇ ناھايىتى جىددى كۈرەشلەرنىڭ بىرسى. لېكىن، مەيلى ۋەزىپىنىڭ قانچە ئېغىر بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز چوقۇم قورقماسلىقىمىز كېرەك ھەمدە نامراتلىقنى داۋالايدىغان ئېسىل دورىلارنى ياساپ چىقىشىمىز كېرەك.

    بىزنىڭ نامراتلىققا دۇنياۋىي ھۇجۇمنى باشلايدىغان پەيتلىرىمىز يېتىپ كەلدى. باي دۆلەتلەر چوقۇم ئۆزىدە بار بولغان بايلىقلار بىلەن شۇ نامرات دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىشى كېرەك. مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن شۇ كىشىلەر بولسا، ئېلىپنىڭ سۇنىقىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرگە ئىلىم ئۆگىتىشى كېرەك، كىيمى پۈتۈن، قورسىقى توق كىشىلەر قورسىقى ئاچ، كىيىمى يالاڭلارغا ياردەمدە بولىشى كېرەك. ئەڭ ئاخىرقى قۇدرەتلىك دۆلەتلەر بولسا ھېسداشلىققا باي دۆلەتلەردۇر. مۇبادا بىر كىشى ياكى بىر دۆلەت «ئەڭ ئاجىز»لارغا كۆڭۈل بۆلمىسە، بۇ ئادەم ياكى بۇ دۆلەت مەڭگۈ ئۇلۇغ سانىلالمايدۇ. بىزنىڭ دىنىي ئېتىقادلىرىمىزدا مۇنداق بىر چوڭقۇر ھېكمەتلىك نەزەرىيىرىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ بەندىلەر تەڭرىنىڭ ئوبرازى بويىچە يارىتىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر بىركىشىنىڭ روھىيىتى چەكسىز يۈكسەك قىممەتكە ئىگە. ئۇلار تەڭرىنىڭ ئىنسانلاردىكى مەلۇم قىسمى قەدىر قىممىتى ۋە غورۇرى ھېسابلىنىدۇ. مۇبادا بىز بۇ نەزەرىيىلەرنى چوڭقۇر ئەخلاق مۇناجىتى دەپ قارايدىغان بولساق، ئۇنداقتا، بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئاچارچىلىقتىن ئازابلىنىشىغا چىدىيالمايمىز، ئۆزىمىز ئۇلارغا ياردەم قىلالايدىغان تۇرۇپمۇ، ئۇلارنىڭ ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشىگە قاراپ تۇرالمايمىز، باي دۆلەتلەر چوقۇم پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاز ساندىكى باي كىشىلەر بىلەن كۆپ ساندىكى نامرات كىشىلەر ئارىسىدىكى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقان ھاڭنى تولدۇرۇشى كېرەك.

    مېنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، بايلار نامراتلارنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك، چۈنكى نامراتلار بىلەن بايلار ئورتاق مەۋجۇت بولىدۇ، ئورتاق يوقايدۇ، بارلىق ھاياتلىق ئۆز-ئارا باغلىنىشلىق بولىدۇ، بارلىق ئىنسانلار بىر-بىرىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. بايلار نامراتلارنىڭ ئازابىدىن ئۆزىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېلىشى مۇمكىن، ۋە ياكى نامراتلارنىڭ قۇتۇلىشى بىلەن ئۆزلىرىنى قۇدرەت تاپقۇزىشى مۇمكىن. بىز نامرات قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان مەسئۇلىيەتتىن قاچساق بولمايدۇ. چۈنكى دۇنيانىڭ ئەمەلىي قۇرۇلمىسى ئۆزئارا باغلىنىشلىقتۇر. جون دوننى دەل مۇشۇنداق پۈتۈن دۇنيا ئىنسانىيىتى گىرىپتار بولغان نۇقتىئىينەزەرنى ئۆزىنىڭ بىر پارچە شېئىرىغا ئۇستىلىق  بىلەن چوڭقۇر يۇغىرىۋەتكەن.

    ھېچ بىر كىشى ئەمەستۇر يالغۇز ئارال، توپتىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشايدىغان،

    ھەر بىرىمىز ئوكيان پارچىسىدۇرمىز، گەۋدە تامان

    ناۋادا ئەكىتىلسە بىر پارچە تۇپراق دېڭىز تەرىپىدىن، ئازلار ياۋرو قۇرۇقلۇقىدىن بىرى ھامان.

    مەيلى ئۇ تۇپراق تاغ قىياسى ۋە ياكى دوستىمىزنىڭ ھويلىسى بولسۇن،

    ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆلىمى، ئازلىتار ھايات كۈچۈمنى.

    شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزنىڭ سورىشىمىز بىھاجەت، زەينەپ نېئۈچۈن سايرار كاككۇك دەپ؟

    ئۇنىڭ ھەربىر سايرىشى بىز ۋە سىز ئۈچۈن دەپ.

    \

       دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ جىنايەتنىڭ ئۈچىنچىسى: ئۇرۇش. يېقىندا يۈزبەرگەن ۋەقەلەر تىرىك مىساللارنىڭ ئۆزىدۇر. بۇ ۋەقەلەر بىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرماقتا: ھەر قايسى دۆلەتلەت ئازلىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە چوڭ كۆلەملىك قىرغىن قىلغۇچى قوراللىرى غەملىكمەكتە. دۇنيادىكى يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئالامەت ئەقىللىق كىشىلىرىمىزنى بىر يەرگە يىغىپ ھەربىي ئىشلار تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلماقتا. گەرچە ب د ت « يادرو تەجرىبىسىنى چەكلىك چەكلەش كېلىشىمنامىسى»نى ئىمزالىغان بولسىمۇ، ئەمما، يادرو قوراللىرىنىڭ سىرتقا قارىتا كېڭىيىشى توختاپ باقمىدى.

        ئىنسانىيەتنىڭ ئۇرۇشخۇمارلىقى ئەزەلدىن توختاپ باققان ئەمەس. ئەمما تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ئەقىل-پاراسەت شۇندا دېمەكتە: ئۇرۇشنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتتى. بىزنىڭ بۇرۇن مۇنداق بىر ۋاقىتلىرىمىز بولغان، بۇ مەزگىللەردە ئۇرۇش پاسسىپ ھالدىكى ياكى ئۇرۇشتىمۇ ئۆتەر رەزىل بولغان بالايى-ئاپەتنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتمەسلىكى ۋە تەرەققىي قىلىپ كەتمەسلىكىدە تاقابىل تۇرۇش قورالى ئىدى. ئەمما ھازىر بىزنىڭ قوراللىرىمىزدا ۋەيران قىلغۇچى كۈچ-قۇدرەتلەر پەيدا بولدى. بۇ ئامىللار ئۇرۇشنىڭ ئەمدى ھەرگىزمۇ شۇنداق رەزىللىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئامىل بولالمايدىغان قىلىپ قويدى. مۇبادا بىز يەنىلا، تۇرمۇشنى كەچۈرۈشكە ئەرزىيدۇ، ھەر بىر كىشىنىڭ ياشاش ھوقۇقى بار دەپ قارايدىغان بولساق، ئۇنداقتا، بىز چوقۇم بۇ ئۇرۇشنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان ۋاستىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى كۈندەك راكېتالار ئاسماندا ئەركىن ئۇچۇپ يۈرىدىغان، باشقۇرىلىدىغان بومبىلار كىشىلەرنى يەتتە قات ئاسمانغا ئېلىپ چىقىۋاتقان دەۋردە، ئۆزىنى يېڭىلمەس دۆلەت دېيەلەيدىغان بىرمۇ دۆلەت يوق. چەكلىك  بولغان ئۇرۇش، پەقەت ئىنسانلارنىڭ جاپا-مۇشەققەتتىن، سىياسىي پاراكەندىچىلىكتىن ۋە روھىي شېرن چۈشلىرىنىڭ يوققا چىققانلىقىدىن كېلىپ چىققان ئەگەشمە كېسەللىك، خالاس. بىر قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ـــ تەڭرى كۆرسىمۇ يۈرۈگى ئاغرىغۇدەك! ــــ بىزگە قالدۇرغىنى دۆۋە-دۆۋە ئاقسۆڭەكلەر، ئىس چىقىپ تۇرغان تۆمۈر-تەسەك دۆۋىلەنمىسى بولدى. بۇ ئاق ئۇستىخان ۋە تۆمۈر دۆۋىلىرى تىلسىز ھالدا ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنى قىرغىن قىلغىنىدەك ئېچىنىشلىق ئەخمىقانىلىقىغا گۇۋاھ بولدى. شۇڭلاشقا، ئەگەر ھازىرقى زامان كىشىلىرىمۇ يەنىلا شۇنداق كاجلىق بىلەن ئۇرۇش ئويۇنىنى ئويناشنى داۋاملاشتۇرىۋەرسە، ئۇلار شۈبھىسىزكى ئۆز ھويلا-باغلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچىگە باي دانتېمۇ تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالمايدىغان ئىنسانىيەت دوزىخىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

       شۇڭلاشقا، مەن ئۆزۈمنى چاغلىماي مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان كۆپچىلىككە، مېنىڭ نۇتۇقۇمنى ئاڭلاش پۇرسىتى بولغان ۋە ياكى مېنىڭ نۇتۇق سۆزلىرىمنى ئوقۇش پۇرسىتى بولغان شۇ كىشىلەرگە مۇنداق بىر تەكلىپ بەرمەكچىمەن. بىز چوقۇم ھازىرنىڭ ئۆزىدە زوراۋانىسىززىم پەلسەپىسى ۋە سىتېراتىگىيىسىنى تەتقىقات تېمىسى قىلىشىمىز ھەمدە ئىنسان ياشاۋاتقان ھەر قانداق بىر يەردە  ـــ بولۇپمۇ دۆلەتلەر ئارا توقۇنۇش يۈز بەرگەندە ـــ بۇنى چوقۇم ئەمەلىي قوللىنىشىمىز كېرەك. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇرۇشنى قوزغىغان دۆلەت بىلەن دۆلەت، ئىنسانلار ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان قوراللارنى ئىشلەپ چىقىرىۋاتقانلارمۇ يەنىلا دۆلەت بىلەن دۆلەت، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىرق يوقىتىش ۋە ئۆزىنى ھالاك قىلىشتەك ئورتاق خۇي بار.

        ھازىر، بىز يەنىلا كونا ئۇسۇل ئارقىلىق ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ پالەچ ھالىتى مەسىلىسى ۋە باشقا مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋاتىمىز. ئەمما، ئۆزلىرىمىز ياساپ چىققان كەڭ كۆلەمدىكى قىرغىن قىلغۇچى قوراللار بار بولغان دەۋرلەردە، بىز چوقۇم ئىرق كەمسىتكۈچى شۇ ئىنسانلارنى يوقاتقانغا ئوخشاش جىددى ھەم زۆرۈر ۋەزىپىگە ئوخشاش، ئۇرۇشنى ۋە دۆلەتلەر ئارا زوراۋانلىقنى يوقىتىشمۇ قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدىكىدەك جىددىي ئىش. بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئادىمىيلىكىنى يوقىتىپ ھەمدە قورقۇنچقا ۋە ئىقتىدارسىزلىققا باش ئەگمىسەكلا! پەقەت ئاق تەنلىكلەر ئارىسىدا باراۋەرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاق تەنلىكلەرنىڭ مەسىلىلىرىنىمۇ، نېگىرلارنىڭ مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلالمايدۇ. چۈنكى، بۇ خىل باشقا ئىرقلارنى چەتكە قاقىدىغان ئاتالمىش باراۋەر جەمئىيەت ھامان باشقا ئىرقلارنىڭ، تېرورچىلارنىڭ قاغىشىگە ئۇچراپ ئاخىرىدا ھالاك بولماي قالمايدۇ.

       مېنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ۋە تېنچلىقنى رېئاللىققا ئاشۇرغاندىلا ھەل قىلغىلى بولىدىغان مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ئاددىيلاشتۇرىۋەتكۈم يوق. ئەمما مەن مۇنداق بىر ھەقىقەتكە ئىشىنىمەن: بىزدە مەلۇم بىر دائىرە ئىچىدە پېسخىكا ۋە روھىي جەھەتتە سىناق، چېنىقتۇرۇشقا تەييارلىق بولسىلا ـــ بۇ خىل دىققەت نەزەردە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىدىغان روھىي چېنىقىش ـــ بىز ھامان سەزگۈرلۈك بىلەن، قارىماققا ئەڭ چىن، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە بولسا ساختا، يالغان، ھامىنى ھالاك بولىدىغان نەرسىلەرنى پەرق ئېتىپ چىقالايمىز. ئەگەر بۇنداق بولمايدىكەن، بىزدە بەزىبىر چوڭ ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغۇدەك قەتئىي ئىرادە، قەيسەرلىك ۋە كۆزىتىش ئىقتىدارى بولمايدۇ. بىز ھەربىرىمىز مۇشۇنداق بىر روھىي چېنىقىشنى قۇبۇل قىلىشقا تەييار تۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك ھەمدە نۆۋەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتى بولغان يېڭى دۇنياغا بالدۇرراق يېڭى قەدىمىمىزنى ئېلىشىمىز كېرەك.

       پاسسىپلىققا ئاپىرىدىغان يولنى قوغلىشىپ، ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغاندەك تېنچ دۇنيا قۇرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر بىز پەقەت ئاغزىمىزدىلا «بىز ھەرگىزمۇ ئۇرۇش قوزغىمايمىز» دەپلا قويساق، بۇ ھەرگىزمۇ يېتەرلىك بولمايدۇ. بىز چوقۇم بۇنىڭ ئۈچۈن تېنچلىقنى سۆيىشىمىز ۋە جان پىدا قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭلاشقا، بىز كۈچ قۇۋۋىتىمىزنى يىغىپ ئۇرۇشنىڭ سەلبى تەسىرىنى يوقىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى بىز بارلىق كۈچىمىزنى ئىشقا سېلىپ تېنچلىقنىڭ ئاكتىپ رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. يۇنان رىۋايەتلىرىدە مۇنداق  بىر كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ھېكايەت بار، بۇ ھېكايەت يۇلۋېس ۋە جادىگەر ئايال سېرنىسنىڭ ھېكايىتى. رىۋايەتتە دېيىلىشىچە ئايال جادىگەر سېرنىسنىڭ گۈزەل ۋە يېقىملىق ئاۋازى بار ئىكەن. ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بارغان يەرلەردىكى ئادەملەر ئۇنىڭ سېھىرلىك ئاۋازىنى ئاڭلاپلا، مەستخۇش بولۇپ، ئۆزىنى ھېچ بىلمەستىن كېمىنى شۇ جادىگەر بار يەرگە ھەيدەپ كېلىدىكەن. سانسىزلىغان كېمىلەر شۇ جادىگەرنىڭ ئاۋازىغا مەھلىيا بولۇپ، ئۆز يولىدىن ئېزىپ، جادىگەر تۇرىدىغان ئارال يېنىغا كېلىپ قالىدىكەن، سېھىرگە ئۇچراپ كەلگەن بۇنداق كېمىچى، كاپىتانلار ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسىنى، مەسئۇلىيىتىنى ۋە شان-شەرىپىنى ئۇنتۇپ، دېڭىز ئاستىدىكى شۇ خىيالىي ئالۋاستىلارنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، چوڭقۇر دېڭىزغا غەرق بولىدىكەن. سېرنىسنىڭ بۇ ئېزىتقۇلىرىغا باش ئەگمەسلىكنى قارار قىلغان يۇلۋېس ئۆزىنى كېمە خادىسىغا باشلاپ قۇيۇپ، ئاندىن ماتروسلارنى شامنى ئېرىتىپ قۇلىقىغا قۇيۇپ، قۇلىقىنى ئېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپتۇ بۇنىڭلىق بىلەن سېرنىسنىڭ سېھىرلىك ئاۋازىغا تاقابىل تۇرماقچى بولۇپتۇ. ئەمما، كېيىن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ماتروسلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغان مۇنداق بىر ئەپچىل چارىنى ئويلاپ چىقىپتۇ: يۇلۋېس ئۇستا ناخشىچى قاملاشقان يىگىت ئورپېس ــ ئورپېسنىڭ ئاۋازى ئۇ جادىگەرنىڭكىدىنمۇ يېقىملىق ۋە گۈزەل ئىكەن ـــ نى ئۆزلىرى  بىلەن بىللە ئېلىپ كېمىگە چىقىپتۇ. سىز ئويلاپ بېقىڭ: ئورپېس شۇ مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن ناخشىسىنى باشلىغىنىدا، يەنە كىممۇ جادۇگەر ئايال سېرنىسنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىسۇن، دەيسىز؟!

        شۇڭلاشقا، بىز ئۇرۇشنىڭ ئەكىس تەسىرىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يوقىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى: بىز پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز ۋە كۈچ-قۇدرىتىمىز بىلەن تېنچلىقنىڭ ئاكتىپ ئۈنۈمىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. بىز مۇنداق چۈشەنسەك تامامەن بولىدۇ: تېنچلىق ئولۋېسنىڭ ناخشا ساداسىدۇر. جۈملىدىن، بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ھەرىكەت مەركىزىمىزنى «ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى»دىن «تېنچلىق مۇھابىقىسى»گە يۆتكەپ كېلىشىمىز كېرەك. بىزدە ئەگەر تېنچلىق چوققىسىغا چىقالايدىغان قەتئىي ئىرادە ۋە ئارزۇ بولسىلا، بىز چوقۇم بۈگۈنگە قەدەر ھىم ئېتىك تۇرغان شۇ ئۈمىد ئىشىكىنى ئاچالايمىز.

        مەن سۆزلەپ ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى تۆۋەندىكى بىر نۇقتىغا مۇجەسسەملەشكە بولىدۇ: ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزۇن مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ ئىرق مەسىلىسىنى، نامراتلىق مەسىلىسىنى ۋە ئۇرۇش مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىغا باغلىق. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىش ئۇسۇلى كەينىگە قايتۇرۇپ ئېيتقاندا ئىنسانىيەت ئەخلاق مۇساپىسى بىلەن پەن-تېىنىكا تەرەققىياتى ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالىشىغا، ئىناق بىرگە ئۆتۈشنىڭ ئەمەلىي سەنئىتىنى ئۆگىنەلىشىگە باغلىق. نەچچە يىل بۇرۇن، بىر داڭلىق يازغۇچى ئالەمدىن ئۆتۈپ كەتتى. كىشىلەر ئۇ قالدۇرۇپ قويغان يازمىلىرى ئىچىدىن كېلەچەك تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە فانتازىيىلىك روماننى بايقىغان. ئۇ كىتاب ئىچىدىكى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرىزىيدىغان مۇنداق بىر جۈملە بار: « نوپۇسى بەكمۇ تارقاق بولغان بىر ئائىلە بىر ئۆيگە ۋارىسلىق قىلغان، بۇ ئۆينىڭ تەلىپى بويىچە بۇ ئۆيدىكى ھەممە نوپۇس چوقۇم مۇشۇ ئكيگە كېلىپ يىغىلىپ بىللە تۇرۇشى شەرت ئىكەن» بۇ ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى بىر مەسىلە. بىز تەڭرىدىن يەرشارىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىگە ۋارىسلىق قىلدۇق، شۇڭلاشقا بىز ھەممىمىز بۇ ئئۆيدە يىغىلىپ بىللە ياشىشىمىز كېرەك ــ مەيلى ئاق تەنلىك ياكى قارا تەنلىك، مەيلى شەرقلىق ياكى غەربلىك، ھىندى دىنلىق ياكى يەھۇدىي دىنلىق، خىرىستىئان ۋە مەيلى يېڭى بىر دىنلىق، ئىسلام دىنى مۇرىتى ياكى بۇددا دىنى مۇرىتى بولۇشىدىن  قەتئىينەزەر. گەرچە بۇ چوڭ ئائىلە ئوخشىمىغان قاراش، مەدەنىيەت ۋە مەنپەئەت تۈپەيلى پات-پاتلا پارچە-پاچە بولۇپ كەتسىمۇ، ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، بىز مۇشۇ چوڭ ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز، بىز باشقا مىللەت ياكى ئىرقتىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشاشقا قادىر ئەمەسمىز. شۇڭلاشقا بىز چوقۇم ئۆز-ئارا تېنچ، ئىتتىپاق ياشاشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.

       بىز تەشەببۇس قىلىۋاتقان سادىقلىق بارابارا ئىنسانىيەتنىڭ پۈتكۈل گەۋدىسىگە بولغان سادىقلىقنى كۆرسىتىۋاتىدۇ ھەرگىزمۇ كىچىك بىر كوللېكتىپتىكى سادىقلىق ئەمەس. بىز ئۆزىمىزنىڭ كىچىك كوللېكتىپى مەنپەئەتىنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ سادىقلىقىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بېغىشلىشىمىز كېرەك.

       بىز پۈتۈن دۇنيا خاراكتېرلىك قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىگە موھتاج. بۇ خىل قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممە ئاھالە ئۆز مىللىتىدىن، ئۆز ئىرقىدىن ئۆز سىنىپىدىن ۋە دۆلىتىدىن ھالقىپ كېتىدىغان، خۇددى چىن قېرىندىشىدەك بىر خىل مۇھەببەت.

    \

       بۇ نۇتۇقۇمنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇشۇمغا ئىجازەت بەرسەڭلار! مەندە مۇنداق بىر ئېتىقاد بار: مەن ئىنسانلارنىڭ ھامان بىر كۈنى بۇ زاۋانلىققا تېز سۈرئەت بىلەن چۈشۈپ كېتىۋاتقان بۇ دۇنياغا يېڭى بىر نىشان بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. گەرچە بىر مەزگىللىك بېسىمغا تولغان ۋە ئىستىقبالى ئېنىق بولمىغان دەۋرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن بولساقمۇ، بەزى ئەھمىيەتلىك ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ئىشلار يەنىلا يۈز بەردى. ئېكىسپىلاتاتسىيە بىلەن ئېزىشنىڭ فېئودال تۈزۈملىرى ئۆتمۈشكە ئايلاندى. پۇرسەتنىڭ چوڭ دەرۋازىسى جەمئىيەتنىڭ تۆۋەنكى قىسىملىرىغا چوڭ ئېچىۋېتىلدى. بىزنىڭ بۇ زېمىنىمىزدا ياشاۋاتقان ئاشۇ ئاچ-يالىڭاچ كىشىلەردە «ئۆزلىرىنى ئادەم چاغلايدىغان»لار چىقىشقا باشلىدى. ئۇلار زۇلمەتنى تېشىپ ئۆتۈپ يورۇقلۇققا تۇتىشىدىغان بىر يولنى تاپتى. «زۇلمەتتىكى كىشىلەر بىباھا بولغان يورۇقلۇق نۇرلىرىنى ئاخىرى كۆرەلىدى» مەيلى قەيەردە بولايلى، بىز ھامان ھېنىمىگە قارىماي سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى بېغىشلاۋاتقان شەخسلەرنى ۋە كوللېكتىپلارنى ئۇچرىتىمىز، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىلاھلىق دەرىجىسىگە باردى. شۇڭلاشقا، ھەققانىيەتنىڭ مەنىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ بىر ھاياتىي كۈچكە تولغان دەۋر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز كېلەچەككە ئۈمىدسىزلىك بىلەن قارىساق قەتئىي بولمايدۇ، بۇرۇنقى بىر تىيىنگە ئەرزىمەس ئۈمىدۋارلىق ھازىر تېخىمۇيەتمەيدۇ، تېنچلىق ۋە ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن  بولغان كۈرەشلەردە، ئاللدىدا ماڭغان، چوققىلارغا ئۆرلىگەن شۇ كىشىلەرنىڭمۇ زىنداندا ئۆتكەن ھاياتى بولغان، كىشىنى ئازابقا ئىتتىرىدىغان ئۆلۈم تەھدىتلىرى ئالدىدىكى تەييارلىقلىرى  بولغان؛ ھېلىھەم ئۇچراۋاتقان ئەسەبىيلەرچە بۇزغۇنچىلىق تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ بىردەم  مۇشۇنداق غودۇڭشىۋالغۇسى كېلىدۇ؛ ئۇلار ئەمدى بۇنچىۋالا ئېغىر يۈكنى كۆتۈرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ بۇرۇنقىدەك جىمجىت، تېنچ ھاياتىغا قايتقۇسى بار؛ بىز مۇنداق بىر دۇنياۋىي خاراكتېرلىك تەھدىتكە يۈز تۇتماي تۇرالمايمىز ــــ بۇ تەھدىتلەر بىزنى توختىماستىن ئېقىپ تۇرىدىغان ھاياتلىق دېڭىزلىرىنىڭ ئاغرىنىش دولقۇنلىرىغا ئۇرۇپ تۇرىدۇ. ئەمما ھەربىر تەھدىت كىشىلەرەە تەھدىت ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە يەنە بىزگە پۇرسەتمۇ ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزالايدۇ ھەم ئىنسانىيەتنى ۋەيران قىلالايدۇ. بۇنداق قالايمىقان، زۇلمەتلىك دۇنيادا، تەڭرى شەھىرى ئىنسانلار قەلبىگە ھۆكۈمران بولغۇسى!

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.