تەۋارىخى مۇسىقىيۇن:مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون ئالتىنچى پىرى ھەزرىتى يۈسۈپ سەك

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-18 01:23:55

تەۋارىخى مۇسىقىيۇنموللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزىمۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون ئالتىنچى پىرى ھەزرىتى يۈسۈپ سەككاكىئون ئالتىنچى پىرى ھەزرىتى يۈسۈپ سەككاكىدۇر*. بۇ ئەزىزمۇ ھەممە ئىلىمدە ھ...



    تەۋارىخى مۇسىقىيۇن
    موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نېمەتۇللا مۆجىزى
    مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئون ئالتىنچى پىرى ھەزرىتى يۈسۈپ سەككاكى

     

    ئون ئالتىنچى پىرى ھەزرىتى يۈسۈپ سەككاكىدۇر*. بۇ ئەزىزمۇ ھەممە ئىلىمدە ھەزرىتى فارابى ۋە ھەزرىتى لۇتفىدەك ئىدى. مىڭلىغان تالىپلار ئۇنىڭ قولىدا تۈرلۈك-تۈرلۈك ئىلىملەرنى ئۆگىنەتتى. مەنتىق ئىلمىدە، ئىلمىي پاساھەت ۋە ئىلمى بەلاغەت [ناتىقلىق ئىلمى]دە ئەسىرنىڭ يەكتاسى ئىدى؛ شېئىرىيەت ئىلمىدە بۇ ئەزىز موغۇللىستاندىن چىققان مۇتەپەككۈرلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۈستۈن ئىدى، پاساھەت ۋە بەلاغەت ھەققىدە <تەلخىس> [ئومۇمى بايان] ناملىق بىر كىتاپ تۈزدى، مۇزىكا ئىلمى بويىچە رىسالىلەر يازدى. ھازىرغىچە نەغمىچىلەر ئارىسىدا مەشھۇر بولۇپ كېلىۋاتقان بايات ناملىق مۇقامنى بۇ ئەزىز ئىجات قىلىپ شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكەن ئىدى.

    __________________
    يۈسۈپ سەككاكى- 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 15-ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە بىرمۇنچە شېئىر ۋە قەسىدىلەرنى يازغان. ئۇنىڭ <دىۋان سەككاكى> ناملىق شېئىرلار توپلىمى تا ھازىرغىچە كەڭ تارقالغان. ئەلىشىر نەۋايى سەككاكىنى لۇتفى بىلەن بىر قاتاردا قويۇپ، ''ئۇيغۇر ئىبارىلىرىنىڭ ماھىرى، تۈرك تىلىنىڭ ئۇستىسى'' دەپ تەرىپلىگەن. سەككاكى مىلادى 1468-يىلى ۋاپات بولغان. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.