ھازىرقى بالىلار كارامەت (19)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-19 00:45:31

شېئىرنى قانداق ئوقۇش كېرەكقەدىرلىك ساۋاقدىشىم زەينەب:خېتىڭدە ئېيتقان ھېلىقى مەشھۇر كىشىنى تونۇماسلىقىم مۇمكىنمۇ؟ مەكتەپتە بىزگە بەرگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى مېنىڭمۇ ئېسىمدە.خېتىڭنىڭ ئاخ...



     

     
    شېئىرنى قانداق ئوقۇش كېرەك
     
     
    قەدىرلىك ساۋاقدىشىم زەينەب:
     
    خېتىڭدە ئېيتقان ھېلىقى مەشھۇر كىشىنى تونۇماسلىقىم مۇمكىنمۇ؟ مەكتەپتە بىزگە بەرگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى مېنىڭمۇ ئېسىمدە.
     
    خېتىڭنىڭ ئاخىرىدا: «بۇنداق نۇتۇقلارنى مەيلى كىم سۆزلىسۇن، ئىككىنچى يىغلىمايمەن» دەپ ئىزاھات بېرىپسەن. يەنە يىغلايسەن، زەينەب. يىغلىماسلىق سېنىڭ ئىختىيارىڭدا ئەمەس. بىر ئايال پىياز توغراۋاتقاندا ھەر قانچە يىغلىغۇسى بولمىسىمۇ يىغلايدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇ خاپىلىقتىن يىغلىمايدۇ، پىيازنىڭ كۆزنى ئېچىشتۇرىدىغان ئاچچىقىدىن كۆزدىن ئىختىيارسىز ياش چىقىپ كېتىدۇ. بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئاۋازلىرىدا پىيازنىڭ كۆزدىن ياش چىقىرىشىغا ئوخشاش تەسىرى بار دېسىمۇ بولىدۇ. بۇنداق ئىش مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن. رادىئودا بىر دىكتور بار. ئۇ قاچانلا سۆزلىسە ئۆزۈمنى تۇتالماي، شۇئان يىغلىۋېتىمەن. بىر كۈنى يەنە رادىئونىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى يوقاتقان ھالدا يىغلاپ كېتىپتىمەن. دادام كۆزلىرىمدىن ئاققان ياشنى كۆرۈپ:
    - ئەخمەت، ئۇ كىشى سېنى يىغلاتقۇدەك نېمە سۆزلەۋاتىدۇ؟- دېدى.
     
    مانا بۇ سوئالدىن چۈشەندىمكى، مەن ئۇ دىكتورنىڭ رادىئودا نېمە سۆزلەۋاتقانلىقىنىمۇ پەرق ئەتمەپتىمەن، بىر جۈملىسىنىمۇ چۈشەنمەي تۇرۇپ يىغلاپ كېتىپتىمەن. بۇ بىمەنىلىك ئەمەسمۇ؟ بۇ راست بولغان ئىش. نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ، نېمىشقا يىغلىدىم، دەپ كېيىن كۆپ ئويلىدىم. مەن دىكتورنىڭ سۆزلىرىگە، سۆزلىرىنىڭ مەنىسىگە ئەمەس، ئاۋازىغا يىغلايتتىم، مېنى ئاۋازىنىڭ تەسىرى يىغلىتاتتى. راستىنى ئېيتقاندا، ئاۋازىنىڭ تەۋرىنىشلىرى خۇددى پىيازنىڭ ئاچچىقىدەك كۆزدىن ياش چىقىراتتى.
     
    پىياز توغراپ كۆزلىرىدىن ياش چىقىۋاتقان بىر ئايالدىن: «پىيازدىن سىزنى يىغلاتقۇدەك نېمە ئاڭلىدىڭىز؟» دەپ سوراش ئاۋازى دولقۇنلىنىپ چىقىدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندا: «يىغلاپ كەتكۈدەك نېمە ئاڭلىدىڭ؟» دېگەن بىلەن ئوخشاش گەپ.
     
    بوۋام مېنى بۇرۇن بىر مەسچىتكە ئېلىپ بارغانىدى. نامازدىن كېيىن ئىمام ئەرەبچە دۇئالارنى ئوقۇدى. ئىمام دۇئا قىلىۋاتقاندا بوۋام شۇنداق يىغلاپ كەتتىكى... بوۋام يىغلىغاندا، مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلاپ كەتكەنىدىم. مەسچىتتىن چىقىپ ئۆيگە كېتىۋېتىپ:
    - ئىمامنىڭ دېگەنلىرىگە يىغلاپ كەتتىڭ، قارىغاندا ئەرەبچە بىلىدىغان ئوخشىمامسەن، بوۋا؟- دەپ سورىدىم.
    - ئىماممۇ ئەرەبچە بىلمەيدۇ، مەنمۇ بىلمەيمەن...- دېدى بوۋام.
    - ئۇنداقتا نېمىگە يىغلىدىڭ؟
    - يىغلىمىسا بولامدۇ؟ ئىمام قانداق ئوقۇدى، ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ كىم بىلسۇن، قانچىلىك ئېچىنىشلىق ۋە ياخشى نەرسىلەرنى سۆزلىگەندۇ.
     
    بوۋام ئىمامنىڭ ئاۋازىنى ئېسىگە ئېلىپ يېڭىۋاشتىن يىغلىغىلى تۇرۇۋېدى، مېنىڭمۇ كۆزلىرىم نەملەشتى. بەلكىم ئىمام كىشى كۆڭلىنى ئەزگۈدەك مۇڭلۇق بىر دۇئا ئوقۇغان بولسا كېرەك. بۇ ئىش زادى ئېسىمدىن چىقمايدۇ.
     
    بىر چار بازارچى بولۇپ، كەچقۇرۇن بىزنىڭ كوچىدىن ئۆتەتتى. ئۇ ئادەتتە كۆكتات ساتاتتى. مەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسام، شۇئان كۆزلىرىمگە ياش كېلىدۇ. لېكىن، ئۇ ئادەم يا: «ھەي...ي، پەمىدۇر، لازا... » دەپ، ياكى: «ھە...ي، پىياز، سامساق... » دەپ ۋارقىرايدۇ. بۇنداق ۋارقىراشلارغا كىمنىڭمۇ يىغلىغۇسى كەلسۇن؟ دېمەك، مەن ئۇ ئادەمنىڭ ئاۋازىدىن تەسىرلىنىدىكەنمەن.
     
    مۇئەللىمىمىزمۇ بىزگە ئوقۇش كىتابىمىزدىكى شېئىرلارنى مانا شۇنداق ئاۋاز بىلەن ئوقۇتىدۇ. «ماتەملىك باردىم، خۇشال كەلدىم» دېگەن بىر شېئىر بار ئىدىغۇ، مۇئەللىم بىزگە ئۇنى قانداق ئوقۇشنى ئۆگەتتى. «باردىم» بىلەن، «كەلدىم» سۆزلىرىنىڭ ئاخىرقى بوغۇملىرى ئاۋازنى تىترىتىپ سوزۇپ ئېيتىلىدىكەن.
     
    سىنىپتا بۇ شېئىر ئوقۇلغاندا، مەن دائىم يىغلىۋېتىمەن. ئويلاپ باققىنا، بىرى ماڭا «خۇشال كەلدىم» دېسە، سەن كۆزلىرىڭگە ياش ئالىسەن.
     
    سىنىپتا مۇئەللىمىمىز بۇ شېئىرنىڭ قانداق ئوقۇلىدىغانلىقىنى ئۆگىتىۋاتاتتى.
    «ماتەملىك بار...دىم، خۇشال كەل...دىم» دېگەندە، كەينى پارتىلاردىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى:
    - خۇش كەپ...سەن ... تۆۋەنكى ئىشىككە، خۇدا بەر ... سۇن ...
    - كىم ئۇ؟ تېز ئورنىدىن تۇرسۇن،- دېدى مۇئەللىم.
    كەينى پارتىدىن ياشار تۇردى:
    - كەچۈرۈڭ، مۇئەللىم، ئۆزۈمنى تۇتالماي ئاغزىمدىن چىقىپ كەتتى.
    مۇئەللىم كەچۈردى. كېيىن شېئىرنىڭ داۋامىنى ئۆگەندۇق:
     
    « ماڭا بىر يۇتۇم سۇ بەر،
    ناھايتى يىراق يولدىن كەلدىم...»
     
    «بىر يۇتۇم سۇ بەر» دېگەندە، خۇددى سۇ تەلەپ قىلماي، بەلكى قاراقچى كېلىپ جېنىڭنى ئالىمەن دەۋاتقاندەك، ئاۋاز بىردىن توم چىقىپ كەتتى.
     
    كىشىلەرنىڭ ئاۋازىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. دادامنىڭ دېيىشىگە قارىغاندا، ئۇ ئىشلەيدىغان زاۋۇتنىڭ خوجايىنىمۇ ئاۋازىنى ناھايىتى تەسىرلىك چىقىرارمىش. دادام ئۆيىمىزگە كەلگەن مېھمانلارغا دائىم زاۋۇت خوجايىنىنىڭ تەسىرلىك ئاۋازى توغرۇلۇق سۆزلەپ بېرىدۇ. ئىشچىلارنىڭ كۈنلۈك ئىش ھەققىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىشچىلار ۋەكىللىرى، ئۇستىلىرى زاۋۇت خوجايىنىغا: «تۇرمۇش قىيىنچىلىقى تارتىۋاتىمىز، ئىش ھەققىمىزنى ئارتتۇرۇپ بېرىڭ» دەپ تەلەپ قىلىدىكەن. زاۋۇت باشلىقى ئۇلارغا ئاۋازىنى تىترىتىپ، سىلىق، يېقىملىق ئاۋاز بىلەن بىر نېمىلەرنى دەيدىكەن-دە، ئۆز ئاۋازىنىڭ تەسىرىدىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولىدىكەن، ئاندىن كېيىن ئىشچىلارمۇ ئىختىيارسىز كۆز ياشلىرىنى تۇتالماي قالىدىكەن. زاۋۇت باشلىقى يىغلىسا، ئۇلارمۇ تەڭ يىغلايدىكەن. بىر ھازا يىغلاشقاندىن كېيىن نېمە دېيىشنى ئۇنتۇغان ئىشچىلار ئاستا چىقىپ كېتىدىكەن. كېيىن ئەس-ھوشىغا كەلگەندە: «بىز شۇنچە يىغلاپ كەتكۈدەك، باشلىق بىزگە نېمە دېدى؟» دەپ بىر-بىرىدىن سورىشىدىكەن. لېكىن، باشلىقنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ھېچكىم ئەسلىيەلمەيدىكەن.
     
    بىر قېتىم دادام دوستلىرىغا: «چىڭ تۇرىمەن، مەيلى نېمە دېسۇن، يىغلىمايمەن... ئىش ھەققىنى ئاشۇرمىغۇچە قايتىپ چىقمايمەن ياكى ئىشتىن چىقىپ كېتىمەن... » دەپتۇ.
     
    دادام باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ: «ئەپەندى... » دېيىشىگىلا، باشلىق:
    - تەس، تەس، بۇرادەر... بىلىمەن، بۈگۈنكى كۈندە كۈن ئۆتكۈزۈش تەس. بۇنى بىلمەيدۇ دەمسەن!- دەپ سۆز باشلاپتۇ.
     
    ئەسلىي بۇ سۆزلەردە ئادەمنى يىغلىتىۋەتكۈدەك ئۇنچىلىك تەسىرلىك بىر نەرسە يوق. لېكىن، بۇ سۆزلەرنى تىترىتىپ چىقىرىشنى بىلىدىغان بىرى دەيدىغان بولسا، ئالدىدا تۇرغان ھەر قانداق كىشىنىڭ باغرى تاش بولسىمۇ، يىغلاپ كېتىشى تۇرغان گەپ. لېكىن، دادام مەيلى نېمىلا بولسۇن، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ سۆزىنى باشلاپتۇ...
    - سىلەر قانچە جان؟
    - بەش جان.
    - پاھ-پاھ-پاھ...
     
    باشلىق شۇنداق كۆپ ۋە ئېچىنغان ھالدا «پاھ-پاھ» دەپتۇكى، دادام نېمىشقىدۇر ئۆزىنى تۇتالماي، كۆڭلى بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ، لېكىن چىشىنى چىڭ چىشلەپ تۇرۇۋاپتۇ.
    - بالىلىرىڭ مەكتەپتە ئوقۇمدۇ؟
    - بىرى ئوقۇيدۇ، بىرى ئوقۇمايدۇ.
    - ئەپسۇس! دېمەك، بىرىنى مەكتەپكە بېرەلمەپسەن-دە...
    - كىچىك بولغاچقا ئوقۇمىدى، چوڭ بولغاندا ئوقۇتىمەن.
    - خوتۇنۇڭغا ئۈچ يىلدا بىر پەلتۇ تىكتۈرۈپ بېرەلمەيدىكەنسەن-دە؟
    - تىكتۈرۈپ بېرىمەن،- دەپتۇ دادام.
    - ئۇنىڭ ئۈستىگە خوتۇنۇڭ كېسەلغۇ دەيمەن؟
    - ياق، كېسەل ئەمەس!
    - ئۇنداق ئەمەستۇ. لېكىن، بۇرادەر، ئاغرىپ قېلىشى مۇمكىن، ئۇ چاغدا قانداق قىلارسەن؟ پاھ-پاھ-پاھ... ئۇ بىچارىگە كىم قارايدۇ؟ كىم دوختۇرغا كۆرسىتىپ دورا ئالىدۇ؟ بۇنىڭغا بىر مۇنچە پۇل كېتىدۇ. قانداق ئوپېراتىسىيە قىلدۇرىسەن؟
    - كىمنى؟
    - بالاڭنى...
    - نېمە ئوپېراتىسىيە، ئەپەندى؟ ئۇنداق ئىش يوق...
    - يوقلۇقى يوق، لېكىن بولۇپ قالسا دېمەكچىمەن.
     
    دادام يەنە ئۆزىنى تۇتۇۋاپتۇ. لېكىن، باشلىق يىغلىغاندا، دادامنىڭمۇ كۆڭلى بۇزۇلۇپتۇ-دە، ئۇنىڭغا قاراپ ئۆزىمۇ يىغلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن:
    - ۋاي ئەپەندى، يىغلىمىسىڭىزچۇ... بىز قانداق بولساق شۇنداق بولارمىز، خۇدا بىر ئاسانلىق بېرەر...- دەپتۇ.
     
    دادام بۇ ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگىنىدە، ھەمىشە مۇنداق دەيدۇ: «شۇ يەرگە كەلگۈچە باشلىق بىلەن نېمىلەرنى دېيىشكىنىمىزنى بىلىمەن. لېكىن، ئۇنىڭدىن كېيىن نېمىلەر دېيىلگەنلىكىنى ئۇقالمىدىم. باشلىق ئېچىنىشلىق ئاۋاز بىلەن بىر نېمىلەرنى دەيتتى، چۈشەنمەيتتىم، ئەمما ئىككىمىز يىغلىشاتتۇق. ئاخىر ئۆز-ئۆزۈمگە: ئۆزۈمنى تۇتۇۋالايچۇ، بۇ ئادەم نېمىلەرنى دەيدىكىن، بىر ئاڭلاپ باقاي، دېدىم ۋە دىققەت قىلدىم. ئاڭلىسام، ئۇ ھەزرىتى ھەسەن بىلەن ھەزرىتى ھۈسەيننىڭ كەربالادا قانداق شېھىت بولغانلىقىنى سۆزلەۋاتمامدۇ... ئۇنىڭ قانداق قىلىپ سۆزنى ھەسەن بىلەن ھۈسەينگە يۆتكىۋەتكەنلىكىنى ھېچ ئۇقالمىدىم...»
     
    دادام يىغلىغان پېتى باشلىقنىڭ يېنىدىن قايتىپ چىقىپتۇ.
     
    شۇنىڭ ئۈچۈن، زەينەب، ئۇنداق ئاۋازلارنى ئاڭلىغاندا يىغلىماي مۇمكىن ئەمەس. مۇبادا ھېلىقى مەشھۇر ئاخباراتچى يەنە مەكتەپكە كېلىپ يەنە شۇنداق سۆزلەيدىغان بولسا، بىز يەنە يىغلايمىز.
     
    ساڭا خەيرلىك، ئامانلىق تىلەپ، مەكتۇپلىرىڭنى كۈتىمەن.
     
     
    ئەخمەت تارباي
    1964-يىلى 20-يانۋار، ئىستانبۇل
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.