ئەينى ئاۋات كېچىكى 3

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-21 18:26:26

ئەينى ئاۋات كېچىكى(راست ئىشلار خاتىرىسى)ئېزىز ساۋۇت31960-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە يېڭى يىلنىڭ باشلىرىدا ۋىلايەتنىڭ بەزى ناھىيە، يېزىلىرىدا بولۇپمۇ باي ناھىيىسى ۋە ئونسۇنىڭ ئارال... قاتارلىق بەزى يېزىلى...



     ئەينى ئاۋات كېچىكى
    (راست ئىشلار خاتىرىسى)
    ئېزىز ساۋۇت

    1960-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە يېڭى يىلنىڭ باشلىرىدا ۋىلايەتنىڭ بەزى ناھىيە، يېزىلىرىدا بولۇپمۇ باي ناھىيىسى ۋە ئونسۇنىڭ ئارال... قاتارلىق بەزى يېزىلىرىدا تەبىئىي ئاپەت ۋە يەرلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت، ئورگان رەھبەرلىكىنىڭ سىياسەتتە ئاشۇرۇۋېتىشتەك «سولچىللىق» خاتا خىزمەت ئۇسۇلىنىڭ تەسىرىدىن ئېغىر قەھەتچىلىك يۈز بېرىپ، خېلىلا كۆپ ئادەم ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ھېسابلانغان ئات-كالا، چارۋىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. ئوزۇقلۇق ئاشلىق يېتىشمەي ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇردى. يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك ئورگانلىرى  بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، ئېنىقلاپ جىددىي تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. خاتالىق سادىر قىلغان ئاز سانلىق كىشىلەرنى پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدا قانۇنىي جەھەتتىن جازالاپ، خىزمەتلەرنى توغرا ئىزىغا چۈشۈردى. يەنە  بىر تەرەپتىن جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، ئاشلىق زاپىسى مول جايلاردىن، تەمىنات ئوزۇقلۇق يۆتكەپ  ئاشلىقى تۈگىگەن ناھىيە، يېزا، كەنت، مەھەللىلەرگىچە يۈتكۈزۈپ، قەھەتچىلىكنىڭ ئالدىنى ئالدى.

    بەشتۈگمەن يېزىسىدا ئۇ دەرىجىدە ئېغىر ئەھۋال يۈز بەرمىسىمۇ، بەزى كەنت، مەھەللىلەردە يېنىكرەك ھالدا ئىپادىلىرى كۆرۈلدى. سېزىلگەن ھامان يېزىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگان رەھبەرلىكى دەرھال تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ تۈزىتىپ تۇردى، شۇنداق بولسىمۇ بەزى كەنتلەرنىڭ پارتىيە، مەمۇرىي رەھبەرلىك ئورگىنىدا «سولچىللىق» خىزمەت ئىستىلى يۈز  بېرىپ قالاتتى.باھار ئاخىرلىشىپ ياز كىرگەن بولۇپ، سۈپسۈزۈك ئاسمان ياشىرىپ تۇراتتى. ئېتىز-دالا ئۈستىىدە يۇمشاق شامال ئويناقلايتتى. قۇياش يالتىرىپ، يېشىللىق قاپلىغان ئېتىز-دالا، ئورمانلار، چىمەنزار، ئوتلاقلارغا ھاياتلىق نۇرىنى سەپمەكتە ئىدى. ئېرىق-ئۆستەڭ بويىدىكى ياشانغان كاداڭ تال-سۆگەتلەردە ئۇۋا تۇتقان ھۆپۈپلەر مۇڭلۇق ۋە يېقىملىق سايرىشاتتى. تېرەكلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى مەيىن شامالدا بىر-بىرىگە يېنىككىنە سوقۇلۇپ شىلدىرلىشاتتى. كۈپۈشرەڭ يۇپۇرماقلىق قاغا ۋە يېمىش جىگدىلىرىنىڭ خۇشبۇي  ھىد چېچىپ تۇرغان چېچەكلىرى ئاجايىپ جازىبىلىك ھالدا ئالتۇن رەڭگىدە يالتىرايتتى. ئاسماننىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىدە پارچە-پارچە بۇلۇتلار ھۆرپەيگەن ھالدا ھورۇنلۇق بىلەن ئۈزۈشۈپ يۈرەتتى... شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن كەنت ئىشخانىسىغا، كەنت وارتىيە ياچېكىسى ۋە مەمۇرىيىتى بىرلىشىپ ئاچىدىغان يىغىنغا كېتىپ باراتتىم. يولنىڭ نېرىقى چېتىدىكى ئۆستەڭ بويىدا زور بىر پارچە  بېدىلىكنىڭ كۆكى شۇنداق ئېگىز، قېلىن ئۆسۈپ كەتكەن بولۇپ، يەنە بەزى يەرلىرى يېتىپ كەتكەن ھالەتتە كۆزۈمگە تاشلاندى. قارىماققىلا ئورۇش ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. موزاي-توپاق، قوزا-ئوغلاقلار بېدىلىككە خالىغانچە كىرىۋېلىپ، بېدىلەرنى پايخانداپ، چايناپ مەززە قىلىشىپ يۈرۈشەتتى. بىر چەتتە ئۇپۇققا يانداش قارىيىپ كۆرۈنگەن ئورمانلىق تەرەپتىن ھەسەل ھىدى، ئېتىزلاردىن تونۇردا يېڭى پىشىۋاتقان نان ۋە تەسۋىرلەپ تۈگەتكۈسىز تاتلىق، مەززىلىك نېمەتلەرنىڭ خۇشبۇي پۇراقلىرى دىمىقىمغا ئۇرۇلۇپ كەيپىمنى خۇشال قىلماقتا ئىدى. ئايىغىمنىڭ ئاستىدىن قاڭقىپ چىققان چېكەتكىلەر تېزلىكتە قاياقلاغىدۇ غايىب  بولاتتى. گۈللۈك كېپىنەكلەر ھەررەڭدە ئېچىلغان ئوت-چۆپلەرنىڭ گۈللۈك چېچەكلىرىدە بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى. ھەممە ياق شۇنچە چىرايلىق ئىدى...

    «بېدىلەر ئوروش ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بۇنداق چەيلەنسە، ئاقىۋەتتە، يەم-خەشەك كەملەپ، زىيان بولىدۇ، شۇڭا بۈگۈنكى يىغىندا، مەھەللە كادىرلىرىنىڭ سەمىگە سېلىپ قۇيۇش كېرەك» دەپ كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. كەيپىم چاغ ھالدا مۇكاپات-تەقدىرلەش لەۋھەلىرى توشۇپ كەتكەن كەنت ئىشخانىسىغا كەلسەم باشقىلا ئاساسەن يىغىلىپ بولغان ئىكەن. يىغىن باشلاندى. ئالدىمىزدا ئىشلىنىشكە تېگىشلىك بىر قانچە مۇھىم ئىشلار قارار قىلىنىپ، كەنتلەرگە ۋەزىپىلەر يۈكلەندى. مەنمۇ ھېلىقى «بېدە مەسىلىسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئەتىلا ئورۇشقا چۈشىدىغان قىلدىم. ئاخىرىدا ئىنتايىن نازۇك ۋە كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    -كەنتتىكى بەش مەھەللىنىڭ ھەممىسىدە، كۈزدە ئىسكىلاتقا توپلانغان ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئوزۇقلۇق ئاشلىقى تۈگەپ قالدى،- دېدى كەنت پارتىيە ياچېكىسىنىڭ شۇجىسى ئېگىز بوي، قارا بۇرۇت ئەمەت قاسىم جىددىي كەيپىيات ئىچىدە،- يۇقىرىدىن بىزگە، باشقا جايلاردىن يۆتكەپ تولۇقلاپ بېرىدىغان ئاشلىق قاچان يېتىپ كېلىدۇ، نامەلۇم. تولۇقلىما ئاشلىق يېتىپ كېلىپ بولغىچە ئىسكىلاتتىكى ھازىر  بار بولغان ئاسلىقمۇ تۈگەپ بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا «باي ۋە ئارال ۋەقەلىرى»دىكىدەك ئاچلىقتىن ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرى كۆرۈلسە چاتاق. رەھبەرلىك بۇ خاتالىقلارنى ئەمدىلا تۈزەتكەن ۋە قورىۋاتقان چاغدا، كەنتىمىزدىن مەسىلە چىقسا جاۋاب بەرمەك تەس. كوللېكتىپ يېزا ئاشخانىسىنى توختىتىپ ئەزالارنى ۋاقتىنچە ئۆز قورسىقىنى ئۆزى بېقىشقا قويۇۋېتەيلى دەپمۇ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن بۇنداق قىلىشقا ــ كوللېكتىپ يېزا ئاشخانا تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشكە، بىر مىنۇتمۇ توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. بولمىسا ئوڭچىللىق خاتالىقىنى سادىر قىلىمىز، شۇڭا...- ئەمەت قاسىم سەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا بىردەم توختاپ قالغاندىن كېيىن، يەنە قەتئىيلىك بىلەن كۆڭلىگە كەلگەن قارارنى سۆزلەشكە باشلىدى،- ھەرقايسى مەھەللە كادىرلىرى ئەزالارنىڭ ئۆيلىرىنى تۇيۇقسىز، تۇيدۇرماي بىر-بىرلەپ ئاختۇرۇپ تېجەپ، باشقا جايلاردىن سېتىۋېلىپ قوشۇمچە ئوزۇقلۇق قىلىشقا ساقلاۋاتقان ئاشلىق، ياغ، كۆكتاتلىرىنى يىغىپ، ئەترەتلەرنىڭ كوللېكتىپ ئاشخانىلىرىغا توپلىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلساق ئوپچە ئاشخانا تاقىلىپ قالمايدۇ. بۇ ئىشتا مېنىڭدىن باشلاپ كەنتتىكى بارلىق پارتىيە، ئىتتىپاق ئەزالىرى، خىزمەت گۇرۇپپىسى ھەم كەنت، مەھەللە كادىرلىرى باشلامچى بولۇشىمىز كېرەك ــ بۇ پىكىر ئولتۇرغانلارغا گويا بومبا پارتىلغاندەك تەسىر قىلىپ، چۆچۈشكەن ھالدا كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ئولتۇرۇپ كېتىشتى.

    بىر پەس سۈكۈتتىن كېيىن كەنتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رازاق مەسئۇل مۇدىرى سەمەت قۇربان، يەنى  بىر قانچە مەھەللە  باشلىقى ئاۋاز قوشقان بولدى.

    -كەنت، مەھەللە كادىرلىرىنىڭمۇ ئۆيى ئاختۇرۇلامدۇ؟- دەپ سورىدى بىر پارتىيەلىك مەھەللە باشلىقى جەھلى قاتقان ھالدا.

    -ھەممەيلەننىڭ ئاختۇرۇلىدۇ. بايا دېدىمغۇ، بۇ ئىشتا كادىر، پارتىيە، ئىتتىپاق ئەزالىرى باشلامچىلىق قىلىشى كېرەك، دەپ! ئالدى بىلەن ئۆزۈمدىن باشلايمەن،- شۇجى پىكرىدە قەتئىي چىڭ تۇردى. ئەمما، بۇ پىكىر مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمىدى.

    -ئەزا، پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئاختۇرۇش سىياسەتتىن ھالقىغان بىر قانۇنسىزلىق، سىياسەتنى توقال قىلىپ كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە، شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىش، پارتىيىمىزنىڭ توغرا ئاممىۋىي خىزمەت فاڭجىنىدىن چەتنىگەنلىك. بىز كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز؟ خەلق ئۈچۈن. ھەرخىل ئېھتىمال، ئېھتىيات ئۈچۈن ئۆيلىرىدە ئاز-تولا شەخسىي ئاشلىق، ئوزۇقلۇق ساقلاش قانۇنلۇق ئىش. ئۇمۇ پۇقرالارنىڭ جانىجان پەنپەئەتى ئۈچۈنغۇ؟!

    ئىككىلەنمەيلا، كۆڭلۈمگە كەلگەن بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇم بىلەن كەنتنىڭ ئاياللار مۇدىرى ۋە بىر قانچە مەھەللە باشلىقلىرى پىكرىمنى قۇۋۋەتلىشىۋىدى، شۇجىنىڭ كەيپى ئۇچۇپ، ماڭا چالۋاقاپ كەتتى.

    -كادىر ئەپەندىم! ئەمىسە ئارىلىقتا ئوپچە قازان قاينىماي ئاچارچىلىق، ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلسە ۋە ياكى ئوپچە قازاننى  توختىتىپ قويۇپ تارقىتىۋەتسەك «ئوڭچى» دېگەن قالپاق-ئاتاققا سىلە ئارا تۇراملا؟!

    كەيپىيات بىردىنلا قايناۋاتقان قازانغا سۇ قۇيغاندەك بېسىقىپ كەتتى.

    پىكىرىمدە چىڭ تۇرغىنىم بىلەنمۇ، بۇلارنىڭ قاراشلىرىنى ئۆزگەرتەلمەسلىكىم ئەينەكتەك روشەن بولغانلىقتىن قايتى تىركەشمىدىم. باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ سىزىقىدىن چىقالمىسا نېمە ئامال؟ ئەمەت شۇجى غەلبە قىلغان ئەلپازدا كۆرەڭلەپ، ماڭا مەسخىرە نەزەردە بىرنى قاراپ قويدى-دە، قارارىنى مۇقىملاشتۇردى.

    -ئەمىسە قارار شۇ! ئەتە، سەھەردىن باشلاپ، ئىش باشلايمىز. ئالدى بىلەن مېنىڭ ئۆيۈمنى ئاختۇرۇڭلار. دىققەت قىلايلى، بۇ خىزمەت قارارى ئەتىگىچە مەخپىي تۇتۇلسۇن، ئارىمىزدىن قايسىبىرىمىز  ئەزالارغا ئۇچۇر بېرىپ ۋەزىپە تولۇق ئورۇنلانماي قالسا، ئۇچۇر بەرگەنلەر خەلق ئاممىسى ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ جازالىنىدۇ. بۇ خىزمەتنى باشقا كەنتلەرمۇ ئېلىپ بېرىپ ئۈنۈم قازىنىپتۇ!- ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزى تاماملىنىش بىلەن ھەممىمىز تارقالدۇق.

    خامۇش ھالدا كېتىپ بارىمەن. توسۇشقا چامىم يەتمىدى. يېزا پارتىيە، ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىغا بۈگۈنلا بېرىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن بولساممۇ، بىراق، مەن بېرىپ-كېلىپ بولغىچە ئىش باشلىنىپ كەتتى. «بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن» دەپ ئويلاپ ئەينى ئاۋات مەھەللىسىگە قايتتىم. ئېتىزلىقتىن ئىسرائىل ئاكامنى تېپىپ، ئۇ ئارقىلىق ئەترەتتىكى ئەزالارغا بۇ ئۇچۇرنى مەخپىي يەتكۈزۈپ، ئۆيلىرىدە ساقلاۋاتقان ئاشلىق، ياغ، كۆكتات، ماللىرىنى تاپالمايدىغان قىلىپ يوشۇرۇۋېتىشكە پىلان پىلان قۇردۇم. يەنە كەچكىچە خۇپىيانە ھەرىكەت قىلىپ، ئەترەتتىكى ئەزالارغا يەتكۈزۈپ تەييار تۇرۇشنى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاپ، مېنى ئاشكارىلاپ قويماسلىقنى، يەۋاتقان نېنىمدىن قۇرۇق قالسام بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتىم.

    ئىسرائىل ئاكام بىر ۋىجدانلىق دېھقان ئىدى. گەپلىرىمنى چۈشەندى.

    -خاتىرجەم بولسىلا!- ئۇ شۇنداق دېدى-دە، ئۆيى تەرەپكە ئىلدام يۈرۈپ كەتتى. شۇ يەردىلا بىرەيلەننىڭ سوكال ۋېلسىپىتىنى تېپىپ يېزا مەركىزىگە چاپتىم. كەلسەم ياڭ شۇجى بىلەن ئابلا مۆمىن شېجاڭ تېخى مۇزاكىرىسىنى ئەمدىلا تۈگىتىپ «چىقايلى» دەپ تۇرۇشقان ئىكەن. ھاسىرىغىنىمچە ئىشخانىغا بۆسۈپ كىردىم. ئۇلار ھەيران قېلىشتى.

    -ھە، بالا كادىر، نېمە گەپ بار ئىدى؟ نېمانچە ھاسىراپ كەتتۇق؟- ئابلا مۆمىن ئەجەبلەنگەن ھالدا ماڭا تىكىلدى. ئەھۋالنى ئۇلارغا بىر-بىرلەپ مەلۇم قىلدىم.

    -بىز ھازىر تېخى، تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن مۇشۇنداق ئىشلارنى سادىر قىلغان بىر قانچە كەنت كادىرلىرىنىڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قارار چىقىرىپ، ئىجرا قىلىشقا ئاتلىنايلى، دەپ تۇراتتۇق. ئىش يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ۋاقتىدا خەۋەر  بەردىڭىز. ياڭ شۇجى بىز ئۆتۈپ بولغان ئىشلارنى قويۇپ تۇرۇپ، ئاشۇ كەنتكە ھازىرلا ئاتلىنايلى!- دېدى ئابلا شېجاڭ جىددىيلەشكەن ھالدا.

    -توغرا!- ياڭ شۇجى ئابلا مۆمىننىڭ پىكىرىگە قوشۇلدى،- شۇنداق قىلايلى. مەن ئالدىن تېلىفون بېرىۋېتەي.

    ئۇ تېلىفوننى ئالدى-دە، كەنت ئىشخانىسىغا كەچ سائەت بەشتە كەنت پارتىيە ياچېيكا ۋە مەمۇرىيەت خادىملىرى، بارلىق پارتىيە، ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ يىغىلىپ كۈتۈپ تۇرۇشىنى، ھېچقانداق پائالىيەت قىلماسلىقنى، يەتكۈزىدىغان جىددىي يوليۇرۇق بارلىقىنى ئۇقتۇردى.

    ئۇ، دەرھال سىرتقا چىقىپ يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىشخانا مۇدىرىغا ماخوچىنىڭ دەرھال 3 كىشىلىك ئات توقۇشىنى ئورۇنلاشتۇردى. (ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك پىكاپ-ماشىنىلارمۇ يوق .ىدى) ئاتلار تەييارلانغاندىن كېيىن، ئىككى ئاتقا ئىككى رەھبەر مىنىپ، بىرسىنى ماڭا قالدۇردى. «ۋېلسىپىتىم بار» دېسەم، «تەڭ ماڭالمايمىز، بىز بىلەن بىرگە بېرىشىڭىز كېرەك. ۋېلسىپىتنى كاتىپ بىرسى ئارقىلىق ئارقىڭىزدىن يەتكۈزۈپ بەرسۇن» دېدى، ئۈچەيلەن ئاتنى چاپتۇرۇپ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كەنت ئىشخانىسى ئالدىغا يېتىپ كەلدۇق. ھەممەيلەن تەل بولۇپ تۇرغان ئىكەن. دەرھال «بەشتۈگمەن يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەت رەھبەرلىك ئورگان بىرلەشمە يىغىنى» نامىدا يىغىن ئېچىلدى. ھېلىقى مەن يەتكۈزگەن ئۇچۇرنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، ياڭ شۇجى تەرجىمانسىزلا، ئۇيغۇر تىلىدا (ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلەيتتى) يېزا ئىككى رەھبەرلىك ئورگىنىنىڭ پىكىر ۋە قارارىنى ئېلان قىلدى. كەنت پارتىيە ياچېكىسىنىڭ شۇجىسى ئەمەت قاسىم ۋە كەنت پارتىيە ياچېيكا ھەيئىتى، كەنتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رازاقنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى. پارتىيە ئىچىدە بىر مەزگىل سىناپ كۆرۈش جازاسى بېرىلىپ، ئورنىغا يېڭىدىن پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ھەم مۇئاۋىن مۇدىرلار قۇيۇلۇش قارار قىلىندى.

    ياڭ شۇجى يەنە ئىلگىرى ئۆي ئاختۇرۇپ ئاشلىق توپلاش خاتالىقىنى سادىر قىلغان بىر قانچە كەنتلەرنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىرى ۋە كەنت مۇدىرلىرىغا بۇنىڭدىن ئېغىرراق «ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش»، «پارتىيىدىن چىقىرىش» جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. يېڭىدىن بەلگىلەنگەن ۋەزىپىدارلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىپ يىغىننى تۈگەتتى. بۇ ئۇچۇرنى يېزا رەھبەرلىكىگە مېنىڭ يەتكۈزگەنلىكىمنى ھەممە كادىرلار، ئەزالار پەرەز قىلىپ بولغان ئىدى. ۋەزىپىسىدىن قالغان شۇجى ئەمەت قاسىم بىلەن مۇئاۋىن مۇدىر رازاقلار قارار يەتكۈزۈلۈۋاتقاندا ماڭا يەر تېگىدىن ئاچچىق كۈلۈمسىرەپ قاراپ قويدى-دە، ئارقىدىن چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، غەزەپلىك كەيپىيات بىلەن باشقا ياققا قارىۋالدى. دېمەك، مېنىڭ ھەرىكىتىم، رەھبەرلىكنىڭ قارارى ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن، ماڭا ئۆچلۈكى قوزغالغان ئىدى. يىغىندىكى باشقا كادىر، پارتىيە، ئىتتىپاق ئەزالىرى بولسا ماڭا خۇشاللىق بىلەن نەزەر تاشلاپ ھۆرمەت ۋە قايىللىق ئىپادىلىرىنى  بىلدۈرۈشتى. ئابلا مۆمىن شىنجاڭ قۇتقۇزۇش سەپلىمە ئاشلىقلىرىنىڭ يېزىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى، ئاشلىقى قالمىغان ھەرقايسى كەنت، مەھەللىلەرگە تەقسىم قىلىنىپ بولۇنغانلىقىنى، ئەتە سەھەردە ھارۋا كۈچ تەشكىللەپ ئەپكېلىۋېلىشنى ئۇقتۇردى. رەھبەرلەر قايتتى. شۇنداق قىلىپ ئەزا-پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرى ئاختۇرۇلۇش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ، زور «سولچىللىق» خاتالىقىنىڭ ئالدى ئېلىندى.

    ئىسرائىلكام، مېنىڭ ئۇچۇرۇمنى ھەممەيلەنگە تولۇق يەتكۈزۈپ بولالمىغاچقا ئاڭلىغانلار قولىدا بار ئازغىنە ئۇرۇق ئاشلىقلىرىنى تىقىشتۇرۇش-يوشۇرۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋېتىپتىكەن. ئۇلار قارارنى ئاڭلاپ توختاپ قېلىشتى. بۇ ئىشتىن كېيىن كىشىلەر ماڭا باشقىچە بىر ھۆرمەت، ئىززەتلىك كەيپىياتتا باقىدىغان  بولۇشتى. ئۇلار ئېغىزدا داۋراڭ قىلىپ، مېنى ماختاپ-ئۇچۇرۇپ يۈرمىسىمۇ، ئېتىز-ئېرىق، ئىش ئۈستىدە، يوللاردا، ئىشىك ئالدىلىرىدا ئۇچراشقاندا ئېگىلىپ سالام قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان، ئۆيلىرىگە، باغلىرىغا تەكلىپ قىلىشىدىغان بولۇپ كېتىشتى.

    -قالتىس ئۇكام، قالتىس!- دېدى شۇ كۈنى ئىسرائىلكام ياتىقىمغا كېلىپ،- بۇ چاغقىچە مەھەللىمىزگە كەلگەن خىزمەت گۇرۇپپا كادىرلىرىنىڭ ھېچقاندىقىغا ئوخشىمايدىغان بىر ياخشى ئىشنى قىلدىلا،- ئۇ چوڭقۇر تەسىرلەنگەنلىكتىن ھېسسىياتىنى باسالماي قالغان ئىدى. كۆپلىگەن ئەزا-پۇقرالار، كادىرلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكىنىم بىلەن يەنە بىر قىسىم كادىر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-جەمەتلىرى، تۇغقانلىرىنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ، دۈشمەنلىك بولۇپ قالدىم. ئۇلار ئەپ تاپسىلا مېنى پۇتلاشقا، زەھەرخەندىلىك  بىلەن نوپۇزۇمنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغانبولۇپ قالدى. شۇنداقتىمۇ پەرۋايىم پەلەك، تېگىشلىك خىزمىتىمنى قىلىپ يۈرىۋەردىم. مەن تېخى ئۆيلەنمىگەن، قىزلارنى كۆرگىنىمدە قىزىقىش بىلەن قاراپ قويغىنىمدىن باشقا، ئۇلارغا قارىتا جىنسىيەت ۋە ياخشى كۆرۈش ئىستىكىدىن يىراق ئىدىم. «ئۆيلىنىش» دېگەن گەپ خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمايتتى. «ۋاقتى كەلگەندە ئاتا-ئانام شەھەردىن مۇۋاپىق لايىقتىن بىرنى تېپىپ ئۆلەپ قويىدۇ» دېگەن نىيەتلا بار ئىدى.

    غۇنچەم ئىسمى-جىسمىغا لايىق، ھەرتەرەپتىن تولغان، پاك، ھەقىقەتەن ساھىبجامال بىر دېھقان قىزى ئىدى. مەن بۇ ئائىلە بىلەن مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرغاندىن كېيىن، بۇلۇپمۇ ئۇنى خەتەردىن قۇتقۇزۇش «ئۆي ئاختۇرۇش»نى توسۇپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئارا تۇرۇپ قىلغان ئىشلىرىمنىڭ سەۋەبىدىنمۇ ئەيتاۋۇر، ئۇنىڭ روھىي كەيپىياتىدا باشقىچە قىزلىق لاتاپەت، مۇئامىلە ئۆزگىرىشى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. دېمەك، قىز مېنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى. مەندە بولسا ئۇنداق ھېس-تۇيغۇ يېتىلمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا يېقىن قېرىنداشلىق، سىڭىل كەبى تۇيغۇدا مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتاتتىم. كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام، مېنىڭ يېزىدىن ئۆيلىنىپ، ئائىلە- بالىچاقىلىق «پاتقىقى»غا پېتىپ قالغۇم يوق ئىدى. شۇ چاغلاردىكى يېزا خىزمىتىنىڭ شارائىتى بەك ئېغىر-جاپالىق ئىدى. گەرچە مەن مەنپەئەتنى دەپ «مائاش ئالىدىغان» خوتۇن-قىزلاردىن «لايىق تاللاش» ئۆلچىمى بويىچە غۇنچەمگە «بېغىر باسماسلىق» نىيىتىدە بولمىساممۇ (ئەزەلدىن مەن مائاشلىق، مەنپەئەتلىك خوتۇن ئېلىش خىيالىدا بولغان ئەمەس ھەم بۇنداق ئۆلچەملىك ئاياللارنى ياقتۇرمايتتىم. ئىككى ئىشنىڭ بىرى بولسا مائاشنى پەش قىلىدۇ، دەپ قارايتتىم.) ھامان شەھەرگە قايتىپ كېتىش خاھىشىدىن خالىي ئەمەس ئىدىم. شۇڭا غۇنچەمنىڭ ئاشۇنداق تەبىئىي ئىنسان تۇيغۇسى، ياخشى كۆرۈش ھېسسىياتىدىن كەلگەن تاللىشىغا ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ، سىلىق ھەرىكەتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشتەك مۇناسىۋەت شەكىللىرىنى ئىپادىلەپ يۈردۈم.

    (داۋامى  بار)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.