سۈنزىنىڭ ئۇرۇش سەنئىتى(7-ھەربىي تالاش-تارتىش)

يوللىغۇچى : elqem يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-24 04:42:22

سۈنزىنىڭ ئۇرۇش سەنئىتى(ھەربىي تالاش-تارتىش) سۈنزى ئېيتىدۇلەركى، ئومۇمەن ئۇرۇش قانۇنىيىتى مۇنداق: سەركەردە پادىشاھنىڭ پەرمانىنى قوبۇل قىلىپ ، ئاۋامنى ئۇيۇشتۇرۇش، قوشۇننى تەشكىللەشتىن تارتىپ د...

    سۈنزىنىڭ  ئۇرۇش سەنئىتى

    (ھەربىي تالاش-تارتىش)

     

       سۈنزى  ئېيتىدۇلەركى، ئومۇمەن ئۇرۇش قانۇنىيىتى مۇنداق: سەركەردە پادىشاھنىڭ پەرمانىنى قوبۇل قىلىپ ، ئاۋامنى ئۇيۇشتۇرۇش، قوشۇننى تەشكىللەشتىن تارتىپ دۈشمەن بىلەن توقۇنۇشقانغا قەدەر بولغان جەرياندا، ئەپلىك پەيت جەھەتتىكى ھەربىي تالاش-تارتىشتىنمۇ قىيىن ئىش يوق. ئەپلىك پەيتنى تالىشىشنىڭ ئەڭ قېيىن يىرى-ئايلانما ئەگرى يولنى تۈز يولغا، پايدىسىز ئامىلنى پايدىلىق ئامىلغا ئايلاندۇرۇش.شۇڭا، ئايلانمايولدا ماڭغاندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىش ۋەمدە دۈشمەننى ئاز-پاز بەپ بىلەن قىززىقتۇرۇش لازىم، شۇنداق قىلغاندىلا،تالاشتا قالغان مۇھىم جايدا دۈشمەندىن كېيىن يولغا چىقىپ، دۈشمەننى بالدۇر يېتىپ بېرىشقا بولىدۇ. مانا بۇ ئايلانما يولنى تۈز يولغا ئايلاندۇرۇش تەدبىرىنى بىلەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

     

       دېمەك،ھەربىي تالاش-تارتىشنىڭ پايدىلىق تەرىپىمۇ، خەۋپلىك تەرىپىمۇ بار. مۇبادا پۈتۈن قوشۇن بارىلىق قورال-ياراغ ۋە يۈك-تاقلىرىنى ئېلىپ يۈرۈپ پەيت تالىشىدىغان بولسا، كۆزلىگەن جايغا ۋاقتىدا يېتىپ بارالمايدۇ؛ مۇبادا قورۇل-ياراغ ۋە يۈك-تاقىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ پەيت تالىشىدىغان بولسا، قورال-ياراغ ۋە يۈك-تاقلىرى زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا، قوشۇن ساۋۇت-دوبۇلغىلارنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ،كېچە-كۈندۈز توختىماي ھەسسىلەپ تېز يۈرۈش قىلىپ، يۈز چاقىرىم يولنى بېسىش ئارقىلىق پەيت تالىشىدىغان بولسا، پۈتۈن قوشۇننىڭ سەركەردىلىرى ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىشى، قاۋۇل-چىداملىق ئەسكەرلەر بالدۇر بېرىپ، ئاجىزلىرى ئارقىدا قېلىپ،نەتىجىدە ئەسكەرلەرنىڭ ئاران ئوندىن بىرى يېتىپ بارالىشى مۇمكىن؛ شۇنداق تېزلىكتە ئەللىك چاقىرىم يول بېسىپ پەيت تالىشىدىغان بولسا، ئالدىنقى قوشۇننىڭ سەركەردىلىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، ئەسكەرلىرىنىڭ ئاران يېرىمى يېتىپ بارالىشى مۇمكىن؛ شۇ تەرەىققىدە ئوتتۇز چاقىرىم يول بېسىپ پەيت تالىشىدىغان بولسا،ئەسكەرلەرنىڭ ئاران ئۈچتىن ئىككى قىسمى يېتىپ بارالىشى مۇمكىن. دېمەك، قوشۇن قورال-ياراغسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، قوشۇن ئاشلىقسىز ۋە ماددىي ئەشياسىزمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.

     

       ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ نېيتىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلاشقا بولمايدۇ؛ تاغ ۋە ئورمانلىق،تىك يار ۋە چوڭقۇرلۇق، سازلىق ۋە پاتقاقلىق دېگەنگە ئوخشاش يەر تۈزىلىشىنى بىلمەي تۇرۇپ،يۈرۈش قىلىشقا بولمايدۇ؛ يول باشلىغۇچىنى ئىشقا سالماي تۇرۇپ قولايلىق يەردىن پايدىلىنىشقا بولمايدۇ.شۇڭا، ئۇرۇشتا ھىيلە-مىكىر ۋە رەڭۋازلىققا تايىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا، ئۆز ھەركىتىمىزنى پايدىلىق ياكى پايدىسىز ئھۋەلغا قاراپ بەلگىلەشكە، تاكتىكىمىزنى ئەسكىرىي كۈچنىڭ تارقاقلىقى ياكى يىغىنچاقلىقىغا قاراپ ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ. دېمەك، قوشۇننىڭ تېز ھەركەت قىلىشى شىددەتلىك شامالغا، ئاستا ۋە بەھۇزۇر ھەرىكەت قىلىشقا ئورمانغا، ھۇجۇمغا ئۆتىشى يالقۇنلۇق ئوتقا، مۇداپىئە كۆرۈشى تەۋرەنمەس تاغقا، يۇشۇرۇنىشى قاراڭغۇغا، ئاتاكا قىلىشى گۇلدۇرمامىما ئوخشايدىغان بولۇشى لازىم. يېزىلارنى تارتىۋېلىشتا ئەسكەرلەرنى پارچىلارغا بۆلۇپ ھەركەت قىلىش، زېمىننى كېڭەيتىشتە مۇھىم جايلارنى ئەسكەرلەرنى بۆلۈپ ساقلاش لازىم؛ پايدا-زىياننى دەڭسەپ كۆرۇپ، ئاندىن ئەھۋالغا قاراپ ھەرىكەت قىلىش كېرەك. ئايلانما يولنى تۈز يولغا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئالدىن بىلگەنلەر غەلبە قازىنىدۇ، ھەبىي تالاش-تاتىش پىرىنسىپى ئەنە شۇنداق.

     

       《ھەربىي ئىشلار》 دېگەن كېتاپتا:《ئۇرۇشتا سۆز بىلەن بېرىلگەن قوماندا ئاڭلانمىغاچقا جاڭ ۋە دۇمباق ياسالغان، ھەرىكەت بىلەن بېرىلگەن قوماندا كۆرۇنمىگەچكە بايراق ۋە بەلگە ئىشلەنگەن》دېيىلگەن.دېمەك، جاڭ بىلەن دۇمباق كېچىلىك جەڭدە بەكرەك ئىشلەيدۇ، بايراق بىلەن بەلگە كۈندۈزدىكى جەڭدە كۆرەك ئىشلەيدۇ.جاڭ بىلەن دۇمباق، بايراق بىلەن بەلگە پۈتۈن قوشۇننىڭ ھەرىكىتى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ. پۈتۈن قوشۇننىڭ ھەرىكىتى بىرلىككە كېلىدىغان بولسا، باتۇر ئەسكەرلەر تەنھا ئالغا چامدىيالمايدىغان، قورقۇنچاق ئەسكەرلەرمۇ تەنھا چېكىنەلمەيدىغان بولىدۇ، ئۇرۇشتا چوڭ قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىش ئۇسۇلى ئەنە شۇنداق.

     

       دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ  جاسارىتىنى بۇشاشتۇرۇشقا  بولىدۇ؛ دۈشمەن سەركەردىلىرىنىڭ ئىرادىسىنى تەۋرىتىشكە بولىدۇ. قوشۇن ھەدەپ جەڭگە ئاتلانغاندا جاسارىتى ئۈستۈن بولىدۇ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ جاسارىتى بارا-بارا سۇسلىشىپ، ئاخىر بوشاپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇرۇش قىلىش يولىنى ئوبدان بىلىدىغانلار ھەدېگەندە جاسارىتى كۈچلۈك كەلگەن دۈشمەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، دۈشمەننىڭ جاسارىتى سۇسلاشقان ۋە بوشاشقاندا ئاندىن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ، قوشۇننىڭ جاسارىتىنى ئىگىلەش ئۇسۇلى ئەنە شۇ. دۈشمەننىڭ تەرتىپسىزلىك  ھالىتىگە ئۆزىمىزنىڭ تەرتىپلىك ھالىتى بىلەن تاقابىل تۇرۇش، دۈشمەننىڭ غەۋغاسىغا ئۆزىمىزنىڭ تەمكىنلىكى  بىلەن تاقابىل تۇرۇش لازىم، قوشۇننىڭ روھىي ھالىتىنى ئىگىلەش ئۇسۇلى ئەنە شۇ. يىراققىن كەلگەن دۈشمەنگە ئۆز قوشۇنىمىزنىڭ جەڭگەھقا يېقىنلىقى بىلەن تاقابىل تۇرۇش، شاپاشلاپ يۈرۈپ چارچىغان دۈشمەنگە ئۆز قوشۇنىمىزنىڭ بەھەزۇر ھەم ئېلىپ كۈچەيگنلىكىنى بىلەن تاقابىل تۇرۇش، ئاچ قالغان دۈشمەنگە ئۆز قوشۇنىمىزنىڭ توقلىقى بىلەن تاقابىل تۇرۇش لازىم، قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئىگىلەش ئۇسۇلى ئەنە شۇ. تۇغ ئەلەملىرى رەتلىك، ئورۇنلىشىشى تەرلىك دۈشمەنگە توسۇپ زەربە بېرىشتىن ساقلىنىش، سېپى ھەيۋەتلىك، كۈچى قودرەتلىك دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلماسلىق لازىم. ئەھۋالغا قاراپ جانلىق ئىش كۆرۈشىنى ئىگىلەش ئۇسۇلى ئەنە شۇ.

     

       ئۇرۇش قىلىش قانۇنىيىتى شۇكى، دۈشمەن قوشۇنى ئېگىزلىكنى ئىشخال قىلغان بولسا،يۇقىرغا قاراپ ھۇجۇم قىلماسلىق، دۈشمەن قۇشۇنى ئېگىزلىكنى ئارقا تېرەك قىلغان بولسا، ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ھۇجۇم قىلماسلىق،دۈشمەن قۇشۇنى يالغاندىن چېكىنگەن بولىۋالسا، كەينىدىن قوغلاپ زەربە بەرمەسلىك، دۈشمەننىڭ قوشۇنى خىل بولسا، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلماسلىق، دۈشمەننىڭ ئەسكەرلىرى ئېزىقتۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭغا پەرۋە قىلماسىلىق،دۈشمەن قوشۇنى ئۆز دۆلىتىگە چېكىنمەكچى بولسا ، ئالدىنى توسۇپ زەربە بەرمەسلىك ،دۈشمەننى قورشاشتا يوچۇق قولدۇرۇش، دۈشمەن قوشۇنى ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغاندا، ھەددىن زىيادە قىستىماسلىق لازىم. ئۇرۇش قانۇنىيىتى ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت.

     

     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.