دېسموند تۇتۇ (1984-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى)

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-31 11:31:14

دېسموند توتو1984-يىللىق نوبېل تېنچلۇق مۇكاپاتى ساھىبىجەنۇبىي ئافرىقا( -1931)مۇكاپاتلانغۇچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىدېسموند توتو 1931-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تىرانسىۋال ئۆلكىسى يىرھاننى...



     

    دېسموند توتو

    \

    1984-يىللىق نوبېل تېنچلۇق مۇكاپاتى ساھىبى

    جەنۇبىي ئافرىقا

    (  -1931)

    مۇكاپاتلانغۇچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

    دېسموند توتو 1931-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تىرانسىۋال ئۆلكىسى يىرھاننىسبۇرگنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىغا 150 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردىكى كىچىك بىر بازاردا نېگىر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1958-يىلى توتو يىرھاننىسبۇرگنىڭ سايېنتپېتىر ئىلاھىيەت مۇددەرىسىنىڭ ئىلاھىيەتشۇناسلىق كەسپىنى ئۆگىنىشكە كىرگەن. 1961-يىلى باستېر بولغان. ئىككىنچى يىلى ئۇ ئەنگىلىيە لوندون ئۇنۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت ئىنىستىتۇتىغا بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارغان. 1975-يىلى يۇھاننىسبورگنىڭ ئەنگىلىيە ئىلاھىيەت ئۇيۇشمىسى مەريەم ئانا چېركاۋىدىكى تۇنجى نېگىر ئېپىسكوپى  بولغان. 1978-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا دىنىي جەمئىيەت كېڭىشىنىڭ تۇنجى نېگىر باش كاتىپى بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ ئۆزگىچە بىر ھالەتتە ئىرقى ئايرىمىچىلىق سادالىرىغا قارشى چىققان، ئاستا-ئاستا كۆزگە كۆرۈنۈپ، خەلقئارا سەھنىلەردە تەسىر پەيدا قىلىشقا  باشلىغان. 1985-يىلى 2-ئايدا، توتو نيۇيورك يوھاننىسبۇرگدا قەسەم بېرىپ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ تۇنجى نېگىر باش ئېپىسكوپلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان. ئىككىنچى يىلى كاپېتوۋندا باش ئېپىسكوپلۇققا سايلىنىپ، جەنۇبىي ئافرىقا خىرىستوس دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەردارى بولغان. ئۇنىڭ «ئەپۇچانلىق بولمىسا، كېلەچەكمۇ   بولمايدۇ» قاتارلىق داڭلىق ئەسەرلىرى بار.

    توتو جەنۇبى ئافرىقىدىكى ئىرقچى ھۆكۈمەت دەۋرىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىمىغان شۇنداقلا ئەڭ يۇقىرى شان شەرەپكە ئېرىشكەن قارا تەنلىك. ئۇ «گەرچە دىن ۋە تىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارا تەنلىكنىڭ بارلىق بەلگىلىرىنى يوقىتىپ تېرىسى قارا ئاق تەنلىككە ئايلانغان بولسىمۇ، خۇدا ئۇنىڭغا بەرگەن تېرىسىنى ئۆزگەرتەلمىگەن. ئۇنىڭ ئەنگىلىز تىلىدا سۆزلەيدىغان خىرىستان مۇرتى بولۇشى ئۇنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلالمىغان».

    مۇكاپاتلىنىش سەۋەبى: زوراۋان بولمىغان ئۇسۇل بىلەن، جەنۇبىي ئافرىقا دائىرىلىرىنىڭ نېگىرلارغا بولغان ئىرقىي بېسىمىنى توختاتقان شۇنداقلا جەنۇبىي ئافرىقا دىنىي جەمئىيىتىنىڭ تېنچ ئۇسۇل بىلەن ئىرقى ئايرىمىچىلىق تۈزۈلمىگە قارشى تۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان.

    مۇدھىش ئىرقى ئايرىمىچىلىق تۈزۈلمىسىدىن شىكايەت قىلىمەن

    1984-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى

    خانىملار، ئەپەندىلەر:

    مەن ئەڭ سۆيىدىغان جەنۇبىي ئافرىقا تۇپرىقىدىن ئايرىلىشتىن ئاۋۋال، مەن جەنۇبىي ئافرىقا دىنىي كېڭىشىنىڭ ئىجرائىيە كوممېتىتى ۋە بىزگە تەۋە بولغان دىنىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى بىلەن يىغىلىپ جىددىي يىغىن ئاچتۇق. بىزنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننى ئېچىشىمىز، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى  كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەھدىتلەر ئۈچۈن. پەقەت بۇ بىر يىلدىلا، بۇ خىل كىرزىس 200 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ۋېتۋاتېرىسراند ۋەقەسىنىڭ نەق مەيدانىنى زىيارەت قىلغاچ، بەزى كىشىلەر بىلەن شەرقى راندقا باردۇق. بىر ياشانغان موماي بىزگە مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى: بالىلىرى خىزمەتكە كەتكەندە بۇ موماي ئۆزلىرىنىڭ نەۋرىلىرىگە قارىغاچ، خوشنىلارنىڭ بالىلىرىغىمۇ قاراپ بېرىدىكەن، بىر كۈنى، ساقچىلار مەكتەپتىن قاشقان نەچچە ئوقۇغۇچىلارنى ئارقىسىدىن قوغلاپ، بازاردىكى ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان رايونغا كەلگەندە ئۇ بالىلارنى يۈتتۈرۈپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ماشىنىلىق كوچىمۇ-كوچا ئاختۇرۇپ، مۇشۇ موماي ئولتۇرىدىغان كوچىغا كىرگەن. بۇ چاغدا ئۇ موماي ئۆيىنىڭ ئارقىسىدىكى ئاشخانىدا، بالىلار بولسا ئالدى ھويلا تەرەپتە ئويناۋاتقانىكەن. بىر چاغدا موماينىڭ قىزى توساتتىن ئۆيگە ئېتىلىپ كىرىپ موماينىڭ دالان ئۆيگە چىقىشىنى ئېيتقان. موماي يۈگۈرۈپ چىققىنىدا بولسا، نەۋرىسى ئىشىك  بوسۇغۇسىدا قانغا مىلىنىپ ياتقان. ئەسلىدە موماينىڭ نەۋرىسى ساقچىلار ئاتقان نامسىز ئوقلىرى تېگىپ جېنىدىن ئايرىلغانىكەن. بۇ بالا تېخى ئەمدىلا 6 ياشقا كىرگەنىكەن. بۇ ئىش ئۆتۈپ نەچچە ھەپتىدىن كېيىن، قارا تەنلىك ياللانما ئىشچى ئىزدەپ يۈرگەن بىر ئاق تەنلىك خانىم ماشىنىلىق بۇ نېگىرلار ئولتۇراق رايونىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىدا، بىر توپ نېگىر جېدەلخورلار تاش ئېتىپ ئاق تەنلىك ئايالنىڭ ماشىنىسىغا ھۇجۇم قىلغان ھەمدە تۇغۇلغىنىغا نەچچە ھەپتە بولغان بالىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان. بۇ نۆۋەتتە غەربىي رايون پاراكەندىچىلىكىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئاق تەنلىكلەرنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى. مۇشۇ خىلدىكى ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋاللار تولىمۇ كۆپ بولماقتا. بۇ ۋەقەلەر ئىنسانىيەتنىڭ ئىرق ئايرىمىچىلىق ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ پەقەت بىر كىچىك قىسمى، خالاس.

    مەن تولىمۇ گۈزەل بىر ماكاندىن كەلدىم. تەڭرى ئۇ زېمىنغا تولىمۇ سېخىيلىك بىلەن دۇنيادىكى ئالتۇن ۋە ئالماسنىڭ يېرىمىنى، پۈتمەس-تۈگىمەس تەبىئىي ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى، چەكسىز كەتكەن زېمىننى، دولقۇنسىمان تاغ تىزمىلىرىنى، كۆك ئاسمانغا ئېسىقلىق چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلارنى، قۇشلارنىڭ يېقىملىق ناۋالىرىنى، چەكسىز نۇر چېچىپ تۇرىدىغان ئالتۇن رەڭ قۇياش نۇرلىرىنى ئاتا قىلغان. ئۇ يەردە تەڭرى ئىنسانلارغا بىزلەرگە ھەممىمىزگە يېتىپ ئاشىدىغان چەكسىز ياخشى نېمەتلەرنى تەييارلىغان. ئەمما، شەخسىيەتچى كىشىلەر، ئىرق ئايرىمىچىلىق باھانىسىدا تەڭرى ھەممىمىزگە ئاتا قىلغان بۇ نېمەتلەرنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋالدى. ئۇلار ئاچكۆزلۈك بىلەن بۇلاپ-تالاشتى، باشقىلارنىڭ نېسىۋېلىرىنىمۇ ئۆزىنىڭكى قىلىۋالدى. ئۇلار قولىدىكى كۈچلۈك ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، ئاچ قالغان شىرلاردەك تۆت ئەتراپىدىن ئولجا ئىزدەيدۇ. گەرچە ئاشۇ ئىرقى ئايرىمىچىلار جەنۇبىي ئافرىقا ئاھالىسىنىڭ %20نى تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلار دۆلەت زېمىن-بايلىقىنىڭ %87ىنى ئىگىلىۋالدى. ئېشىپ قالغان %80 ئاھالە ئاشۇ %13لىك يەردە تۇرمۇشىنى ئاران قامدايدۇ. ئىرق  ئايرىمىچىلار چەتكە قېقىش خاراكتېرلىك سىياسىي تۈزۈمنى قوللاندى. بۇ خىل تۈزۈم ئاستىدا، جەنۇنىي ئافرىقىدا تۇغۇلغان كىشىلەرنىڭ %73ى چەتكە قېقىلغان. بۇ %73 كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق بىر ئەھمىيەتلىك سىياسىي قارارلارنىڭ بەلگىلىنىش جەريانىغا قاتنىشىش ھوقۇقى يوق.

     ئۇلار يېڭى ئاساسىي قانۇن مۇنداق ئۈچ پارلامېنتنى تەسىس قىلدى. بۇ ئۈچ پارلامېنت ئايرىم-ئايرىم ھالدا، ئاق تەنلىكلەر، رەڭلىك ئىرقلار ۋە ئىندىئانلاردىن تەركىپ تاپقان. بۇ ئاساسىي قانۇندا نېگىرلار پەقەت بىرلا قېتىم تىلغا ئېلىنغان، ئاخىرىدا بولسا پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن، بۇ قانۇن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىردەك ماختىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە «توغرا تەرەپكە تاشلانغان تۇنجى قەدەم» دەپ ماختاشلىرىغا ئېرىشكەن بۇ ئاساسىي قانۇن ئەمەلىيەتتە بولسا، ئىرچىلىق ۋە ئىرقى كەمسىتىش ئۈچۈن، تالاي ئاپەتلەر ئۈچۈن ئۇرۇق سالغان. ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كومېتىتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى ئاق تەنلىكلەر، رەڭلىك ئىرقلار ۋە ھىندىستانلىقلاردىن 4:2:1 گە نىسبەت بويىچە تۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىرمۇ نېگىر يوق. رەڭلىك ئىرقلار بىلەن ھىندىستانلىق لارنىڭ سانىنى قوشقاندىمۇ ئاق تەنلىكلەرنىڭ سانىغا يېتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا، بۇ خىل كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئاساسىي قانۇن مەڭگۈلۈك بولغان قانۇنىي شەكىل بىلەن مۇقىملاشتۇرىۋېتىلگەن ھەمدە ئاز سانلىق ئاق تەنلىكلەرنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ھاكىممۇتلەقلىق ئورنىنى تىكلىگەن، مۇبادا قايسىبىر نېگىر ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولسا، چوقۇم ئۆزىنىڭ يۇرتى بولغان «بانتۇستان»غا قايتىشى كېرەك. ئاق تەنلىكلەر زورلاپ قۇرۇپ قويغان پارچە پۇرات بانتۇستان تۇپرىقى ئىككى قولغا تايىنىپ جان كەچۈرگىلى بولمايدىغان، ئۈنۈمسىز، قۇرغاق، نامرات، قاقاس، ئىشلىتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئەرزان ئەمگەك كۈچى يىغىلغان چەت بىر جاي. بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي ئافرىقا توختىماي مۇشۇنداق «بانتۇستان»لارغا بۆلۈنۈۋېتىلمەكتە. نېگىرلار دۆلەتنڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈلمىسى تەرىپىدىن جەنۇبىي ئافرىقا پۇقرالىق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنماقتا ھەمدە ئۆزلىرى تۇغۇلغان ئانا ماكاندا چەت ئەل مۇھاجىرلىرى ئورنىغا چۈشۈپ قالماقتا. مانا بۇ ئىرقى ئايرىمىچىلىقنىڭ ئاقىۋىتى.

    ئاشۇ ئىرقىزىمچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىرقى ئايرىمىچىلىق غايىسى ۋە گۈزەل چۈشلىرى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقاندا، ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق تەڭرى ياراتقان بەندىلەر ئۆز ئانا-ماكىنىدىن قوغلاندى. ئاشۇ ئىرقى ئايرىمىچىلار ئۇلارنىڭ ئىللىق گۈزەل ماكانىنى بىتچىت قىلىپ، ئۇ كىشىلەرنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ بانتۇستانغا تۆكمە قىلىپ، ئاندىن گازارمىلارغا ئورۇنلاشتۇردى. گەرچە كىشىلەر نەرسە-كېرەك قاتارلىق نەرسىلەردىلا تۆكمە قىلىش سۆزىنى ئىشلەتسىمۇ مەن بۇ يەردە بۇ سۆزنى ئىشلەتتىم. چۈنكى ئاشۇ ئىرقى ئايرىمىچىلار ھېلىھەم، ئوخشاشلا تەڭرى ياراتقان ئادەم بولسىمۇ، ئاشۇ نېگىرلارنىڭ پەقەت قارا تەنلىك بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا، بۇ كىشىلەر خۇددى نەرسىلەرگە ئوخشاش كىمنىڭ نېمە قىلغۇسى كەلسە شۇنداق قىلىدىغان نەرسە بولۇپ قېلىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ تەڭرى ياراتقان باشقا كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ چەكسىز بولغان قىممىتى بولمايدۇ، دېگەنگە ئىشىنىدۇ. بۇ نېگىرلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان گازارمىلار بولسا زاۋۇت، بازارلاردىن تولىمۇ يىراقتا، شۇڭا ئۇ يەرگە تۆكۈۋېتىلگەن كىشىلەر ئاسانلىقچە خىزمەت تاپالمايدۇ ھەم ھاياتىنى ساقلىغۇدەك يېمەكلىككە ئېرىشەلمەيدۇ. ئاچلىق تۈپەيلى بالىلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ئۆمۈرلۈك ئەگەشمە كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدۇ ــ بۇ خىل ئازاپ شۇ گازارمىلاردىكى ئايرىپ تۆكۈۋېتىلگەن بالىلارغا ئازراقمۇ ناتونۇش ئەمەس. شۇ بالىلارنىڭ ئۇچرىغان بارلىق كۈلپەتلىرى مۇبارەك ھۆكۈمەتنىڭ مەقسەتلىك ئېلىپ بارغان ئايرىش سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى. چۈنكى شۇ بالىلار ئاچلىق ئازابىنى تارتىۋاتقان جاي ــ تارىختىن بۇيان يېرى مۇنبەت، مول-ھوسۇللۇق، يېمەكلىكلەر تۆكمە بولىدىغان مەملىكەت ئىدى.

      جەنۇبى ئافرىقىدىكى قارا تەنلىكلەر خىرىستان دىنىغا كىردى، ئەنگىلىز تىلىدا سۆزلىدى ، ئەمما ئۇلار يەنىلا كەمسىتىلىشتىن قۇتۇلالمىدى. ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈزۈمى كەمسىتىش خاراكتېرلىك مائارىپ تەربىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مەسىلەن، بانتۇ مائارىپى، قۇللار مائارىپ دۆلەت ھەريىلى بىر ېگىر بالىغا سالغان مائارىپ سېلىنمىسى  بىر ئاق تەنلىك بالىغا سېلىنغان سەرپىياتنىڭ ئۈچتىن بىرى بولدى. بۇ خىل مائارىپ ئاق تەنلىك بالىلار بىلەن قارا تەنلىك بالىلارنى ئايرىۋەتتى ھەمدە قارا تەنلىك بالىلارغا بىر خىل ناچار بولغان مائارىپ شەكلىنى قوللاندى. بۇ خىل مائارىپ شەكلى ئىنسان مەنبەيىگە بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قىلىنغان ئىسراپچىلىق، ھۆكۈمەت مۇشۇ خىل تەدبىرلەرنى قەستەن قوللانغانلىقىدىكى سەۋەب، ئوخشاشلا تەڭرى ياراتقان شۇ نېگىر بالىلارنىڭ ئۆز قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى ھەرقانداق پۇرسەتتىن مەھرۇم قالدۇرۇشتۇر. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل مەقسەتلىك ھەم ھەممىلا يەردە بولغان خەلقنى ئالداش سىياسىتى جەنۇبىي ئافرىقىنى ئاللىبۇرۇنلا تولىمۇ زور بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر قىلدى. چۈنكى، بىزنىڭ دۆلىتىمىز نۆۋەتتە بىلىملىك، تېخنىكىلىق ئادەم بايلىقىغا جىددىي ئېھتىياقجلىق بولماقتا. بىز بۇنى ئىرقىزم سىياسىي تۈزۈلمىسى ئېلىپ بارغان بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاستە ئاقىۋەت دېمەي تۇرالمايمىز. بىز تۇرۇۋاتقان دۇنيا ئادىللىقنى ياقلايدىغان دۇنيا. تەڭرى ئىگىدارچىلىقىدىكى پۈتۈن كائىناتتا، بىز ئاقكۆڭۈلۈككە، ئادىللىققا تولغان نەرسىلەرنى ئەزىزلەيمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى ۋە ئۇلارنى قوللايدىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ قەبرىسىنى ئۆزلىرى كولىماقتا.

    ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇرۇن بىر زېمباۋىيىلىك بىلەن بىر جەنۇبىي ئافرىقىلىق پاراڭلىشىپ قاپتۇ. زېمباۋىيىلىك ئۆزلىرىنىڭ دېڭىز ئىشلىرى مىنىستىرىنى ماختاپ كۆز-كۆز قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى جەنۇبىي ئافرىقىلىق زېمباۋىيىلىك مۇنداق دەپ سوراپتۇ: «سىلەرنىڭ زېمباۋىيدا دېڭىز ئارمىيىسى قانداق مەۋجۇت بولسۇن؟ سىلەنىڭ دۆلىتىڭلار دېڭىز ياقىسىدىكى دۆلەت بولمىسا، قانداققىسىگە دېڭىز ئىشلىرى مىنىستىرى دەيدىغان ئورۇن بولىدۇ؟» ھېلىقى زىمباۋىيىلىك دەرھاللا قايتۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ: «ئەمىسە سىلەرنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدىمۇ ئەدىلىيە مىنىستىرى بارغۇ؟ شۇنداق ئەمەسمۇ-يا؟!»

    جەنۇبىي ئافرىقا چېگرىسىدا بىر مەيدان جەڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ،  ئىككىلا تەرەپ جەنۇبىي ئافرىقا كىشىلىرى. ئۆزلىرىنىڭ تەڭسىز، ئېكىسپىلاتاتسىيە خاراكتېرلىك ئىرقى ئايرىمىچىلىقنىڭ بېسىش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىرى قارشى چىققان نامبىيىلىكلەرنى باستۇرماقتا. چۈنكى ئۇ نامبىيىلىكلەر جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز زېمىنىنى خالىغانچە ئىگىلىۋېلىپ ئېزىش خاراكتېرلىك سىياسىي تەدبىرلىرىگە قارشى چىققانىدى.

    جەنۇبىي ئافرىقىدا تېنچلىقتىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. جەنۇبىي ئافرىقىدا تېنچلىق بولماسلىقىدىكى سەۋەب، بۇ يەردە ئەزەلدىن ئادىللىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ باقمىغانلىقىدا. ھەرقانداق بىر دۆلەت زېمىنىدا، مۇبادا بارلىق خەلق ئورتاق بەھىرلىنىدىغان، بىرىنچى ئورۇندىكى ئادالەتلىك بولمايدىغان بولسا، بۇ زېمىندا ھەقىقىي تېنچلىق ۋە بىخەتەرلىك بولمايدۇ. «ئىنجىل»دا ئېيتىلغان تېنچلىقنىڭ ھەممىسى ئادىللقىنى باراۋەرلىكنى ئاساس قىلغان تېنچلىق، باراۋەرلىك بولمىغان جايدا بىز دائىم مۇنداق بىر ئاۋازنى «تېنچلىق، تېنچلىق، بۇيەردە نېمە ئۈچۈن تېنچلىقنىڭ ئىزناسى يوق!» دېگەنلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.

    جەنۇبىي ئافرىقىلىق سۈپىتىدە تىلغا ئالغانلىرىم مەنچە يېتەرلىك بولدى. نېمىلا دېمىگەن بىلەن بۇ زېمىن ماڭا بەكلا تونۇش. ئەلۋەتتە، مېنىڭ بۇ زېمىننى توختىماي تىلغا ئېلىشىم، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ بۇ كەڭ دۇنيانىڭ بىر كىچىك قىسمى بولغانلىقى خالاس. ئەمما بىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن سەللا شەكلى ئۆزگەرگەن «جەنۇبىي ئافرىقا»لارنى بايقاپ قالىمىز. دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە، ئادالەت يوقالسىلا، تېنچلىق بىرىنچى بولۇپ ئادالەتسىزلىكنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدۇ. سالۋادوردا، نىكاراگۇادا، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ باشقا جايلىرىدا.
       ئېزىش تۈزۈلمىسى بولىدىكەن، بۇ دۆلەتلەردىن ھامان ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرىدىغان كىشىلەر چىقىدۇ. قېرىنداشلار ئارىسىدىكى تىغمۇتىخ قارشى تۇرۇشلار، بەزىدە تاشقى كۈچلەرنىڭ ھېچقانداق مەقسەتسىز ھالدىكى قىزىقىشى ۋە دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ تاشقى تەسىر كۈچلەر شۇنداق بىر پۇرسەتلەرنى ئۆزىنىڭ ھوقۇق-تەسىر دائىرىلىرىنى كېڭەيتىدىغان پەيتنى كۈتۈشمەكتە. ئوتتۇرا ئاسىيا، كورىيە، فېلىپپىن، ۋېيتنام، ئالسىتىر، ئافغانىستان، موزامبىۋىي، ئانگولا، زېمباۋى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تۆمۈر پەردە ئارقىسىدىكى ماھىيىتى، ئەجەبا بۇلارنىڭ مىسالى ئەمەسمۇ؟!

    ھەر بىر ئادەمنى تەڭرى ئۆز ئىرادىسى بىلەن ياراتقان. شۇڭا بىز شۇنى  بىلىشىمىز كېرەككى، ھەر بىر ئىنساننىڭ چەكسىز قەدىر-قىمىتى بولىدۇ. ھەرقانداق بىر باشقىلارنىڭ چەكسىز ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى تەڭرىگە بولغان ھاقارەت. شۇنىڭ بىلەن ئاقىۋەتتە بۇنداق باشقىلارنىڭ ئادىمىيلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان كىشىلەر، ھامان ئۆزلىرىمۇ ئۆزلىرى بۇرۇن باشقىلارغا قىلغان ئىنسانىيەت قېلىپىدا يوق بولغان مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ. كىشىنى ھاقارەتلىگۈچى ھامان ھاقارەتلىنىدۇ.

    ھەممىمىز بىرلىكتە تېنچلىقنىڭ قۇرغۇچىلىرى، ياراتقۇچىلىرى بولۇش ئۈچۈن تىرىشايلى! بىزنىڭ تەڭرىمىز بەرپا قىلغان تېنچلىق ئورۇنلىرىدا، تېنچلىق ئۈچۈن بىر ئورۇن ھازىرلاپ قويايلى. ئەگەر بىز تېنچلىقنى ئارزۇ قىلىدىكەنمىز، تەڭرى ئېيتقاندەك، ئادالەتنى قوغدىشىمىز، ئادالەتنى ياقلىشىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك!

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

    \

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.