مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەدەپ-ئەخلاق يوسۇنلىرى-بەشىنچى بۆلىكى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-22 09:08:37

مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەدەپ-ئەخلاق يوسۇنلىرىتۇرغۇن يىلتىز5.ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ۋە ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ«ﺋﯚﻣﯜر __ ﺋﺎﺗﻘﺎن ﺋﻮق». ﺧﯘددى ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﻮﻗﻨ...



    مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەدەپ-ئەخلاق يوسۇنلىرى
    تۇرغۇن يىلتىز





    5.ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ۋە ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ





    «ﺋﯚﻣﯜر __ ﺋﺎﺗﻘﺎن ﺋﻮق». ﺧﯘددى ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﻮﻗﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇپ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﺪەك، ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﯚﻣﯜرﻧﻰ زﯨﻨﮭﺎر ﻗﺎﻳﺘﯘرۇپ ﻛﻪﻟﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﭽﻪ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﻰ 70 ﻳﯩﻞ دﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ، ﻣﯘﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ دﯦﮕﯜدەك ﺋﯘﺧلاش ۋە ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺳﻪرپ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚرۈۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇﻛﻰ، ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯩﺨﺘﯩﺮا، ﺧﯩﺰﻣﻪت، ﮬﯜﻧﻪر – ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ۋاﻗﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎران 15 __ 20 ﻳﯩﻞ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ… ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺴﺎ، ﮬﻪر ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ.


    ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪش ۋە ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪرﺳﯩﮕﻪ ﺗﻪڭ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ، ﺋﯘدۇل ﻛﻪﻟﮕﻪﻧلا ﺋﯩﺸلارﻏﺎ زﯦﮭﯩﻨﻨﻰ ﭼﯧﭽﯩﺸﺘﯩﻦ، ﭘﯩلاﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮەك. ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﮬﯧﮕﯩﻨﻨﯩﯔ ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻛﯧﭽﻪ – ﻛﯜﻧﺪۈز ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯚز ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚرۈش زۆرۈر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪت ﺑﻪش ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﯩلا ﻛﯚرەﻟﻪﻳﺪﯨﻜﻪن. ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﻪﮔﻪر ﮬﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎب ﺋﻮﻗﯘش ۋاﻗﺘﯩﻨﻰ 40 ﺳﺎﺋﻪت ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ دۇﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﺪا ﻧﻪﺷﺮدﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟلارﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯘر ﻛﯚرۈپ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜن 48 ﻳﯩﻞ ۋاﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪن. ﻟﻮﻧﺪوﻧﺪا «دۇﻧﻴﺎ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﺌﻮﮔﺮاﻓﯩﻴﯩﺴﻰ» ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 754 ﺗﻮﻣﻨﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪن، ﮬﻪﺟﻤﻰ 52 ﻣﯩﻠﻴﻮن 72 ﻣﯩﯔ ﺑﻪت ﺋﯩﻜﻪن، ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻤﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺗﻮﻧﻨﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪن… ﺑﯘ ﻣﯩﺴﺎﻟلار ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻛﯩﺘﺎب ﺋﻮﻗﯘش، ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻧﯩﺸﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﻪڭ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ، ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈپ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ.


    ﮬﻪرداﺋﯩﻢ ﺳﻪﻣﯩﯖﯩﺰدە ﺑﻮﻟﺴﯘﻧﻜﻰ، ﻳﯜرﯨﻜﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻗﯘﺷﻰ __ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜم دەرۋازﯨﺴﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەم ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰدﯨﻦ، ۋاﻗﺘﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﺋﺎز ﻗﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ دﯦﺮەك ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﺋﯚﻣﯜر دﯦﻤﻪك __ ۋاﻗﯩﺖ دﯦﻤﻪﻛﺘﯘر. ﺑﯩﺰ ﺋﯚﻣﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪﻳﻤﯩﺰ دەﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ، ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪت، ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻨﯘت ۋاﻗﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ، ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﺋﯚزﮔﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ۋاﻗﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪت ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ لازﯨﻢ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.