سۆيگۈ ئاچاللىرىدا 5

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-11 16:20:33

سۆيگۈ ئاچاللىرىدا5بۆلۈمىمىزدە ھەقىقەتتەنمۇ ئىختىساس ئىگىلىرىبار، گەرچە سەل ماشىنىلاشقان بولسىمۇ، ئىلغار ئىدىيىلىك، تەربىيە كۆرگەن بالىلار،ئادەتتە شۇنچىلىك جىمىغۇر،ئەمما بۈگۈن ھەممىسى ئالاھى...



     

    سۆيگۈ ئاچاللىرىدا
    5

     

    بۆلۈمىمىزدە ھەقىقەتتەنمۇ ئىختىساس ئىگىلىرى بار، گەرچە سەل ماشىنىلاشقان بولسىمۇ، ئىلغار ئىدىيىلىك، تەربىيە كۆرگەن بالىلار، ئادەتتە شۇنچىلىك جىمىغۇر،  ئەمما بۈگۈن ھەممىسى ئالاھىدە ئېچىلىپ كېتىشكەنىدى، ماشىنىنىڭ ئىچىنى بىر ئالدى ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ. بۇلارغا قاراپ يەنە شۇ فۇئات بىلەن بىللە ئوينىغىلى چىققان ۋاقىتلار يادىمدىن كەچتى.

    جەنۇبىي تاغنىڭ ئاق قىيىنلىق جىلغىسىغا كەلدۇق بىردەمدىلا ھە-ھۈ دېيىشىپ. بۇ يەرگە نەچچە رەت كەلگەن، بىز بىچارە ئۈرۈمچى خەلقىنىڭ مۇشۇ بىر نەچچە يەردىن باشقا نەرى بار دەيسىز كەڭ تەبىئەت بىلەن ئۇچراشقۇدەك! شۇنداق بولسىمۇ پات پاتلا چىقىپ تۇرىمىز ئۆيدىكىلەر بىلەنمۇ، دوست - يارەنلەر بىلەنمۇ. ئەمما ئېسىمدىن چىقمايدىغىنى يەنە شۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىققان مىنۇتلار... بۈگۈنمۇ ياخشى ئىشقىلىپ، ھامىنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ، كومپيوتىرنىڭ ئالدىدا چىراي سارغايتقاندىن مىڭ ئەۋزەلدە!!!

    بىر ياقتىن تاغقا چىققاچ بىر ياقتىن ئىككى ئۈچتىن بولۇپ رەسىمگە چۈشۈشكە باشلىدۇق، مەن بىلەن بىللە كېتىۋاتقىنى بايا ئاپتوبۇستا ھەممىدىن جىق پاراڭ سېلىپ باشقىچىلا ئېچىلىپ كەتكەن تەلئەت ئىدى. گەپ سۆزلىرى يۇمۇرلۇق، ئوچۇق مىجەزلىك بۇ بالا بىلەن بىردەمدىلا چىقىشىپ قالدۇق كونا تونۇشلاردەك. تۇيۇقسىز ئالدىمدا كېتىۋاتقان ئالماسنى كۆرۈپ، دەررۇ تەلئەتتىن سورىدىم.

    - ھە راست، تەلئەت، ئاڭلىسام ئالماس بۇنىڭدىن نەچچە ئاي بۇرۇن ئىدارىدىكى بىر قىزغا بەك كۆيۈپ قاپتىمىشكەنغۇ؟!- دېدىم ئاۋازىمنى پەسەيتىپ.

    - يائاللا!  ئۇچۇر دەۋرىگە نېمانچىۋالا ماسلاشقان سىز.  دەھشەت سۇئال بولدى بۇ!- دېدى تەلئەت شەيتانلىق قىلىپ ئاغزىنى توسۇپ بېشىنى چايقاپ.

    - يائاللا مۇنداقلا سوراپ قويدۇم، بۇنىڭغا نېمە بولاتتى.

    - ھە بوپتۇلا سىزگە دەپ بېرەي، ئەمەلىيەتتىغۇ ھەممىمىز بىلىمىز، سىزلا قاپسىز ئەمەسمۇ، مالىيە بۆلۈمدىكى نىگارە دېگەن قىز شۇ.

    - ھە... ئەمىسە ئۇلار نېمىدەپ ياخشى ئۆتۈپ كېتەلمىدى؟! ئالماسمۇ يامان ئەمەس بالىغۇ بولمىسا!- يۈزۈمنى داپ قىلىپ يەنە سورىدىم.

    - بۇنى نېمە دېسەم بولار...

    - ۋاي دەڭە! نېمانداق...

    - ئەمىسە ئالماسقا دەپ قويماڭ ھە؟

    - نېمانداق گەپ قىلىسىز دەيمەن؟ سىزدىن ئۆزۈم سوراپ ئۆزۈم دەمدىم؟!- دېدىم مەنمۇ غەيۋەتتە ئاخىرغىچە بوشاشماسلىق روھىمنى جارى قىلدۇرۇپ.

    - ئۇ نىگارە دېگەن قىز قاراڭ، بەك چىرايلىق، بوي تۇرۇقلىرىمۇ شۇنداق قاملاشقان. ئالماسمۇ شۇڭا كۆيۈپ قالدىمىكىن ھۇ ھاكاۋۇر قىزغا، مېنىڭغۇ پەقەتلا خوشۇم يوق.  ئۇنداق ئاقسا كۆرۈنىدىغانلار بىلەن!- دېدى تەلئەت ئاۋازىنى بارغانسېرى پەسەيتىپ.

    - ھە،ئاندىنچۇ؟!

    - ۋاي بۇ بىچارە ئاغىنەم قىزلار بىلەن تۈزۈك ئارىلاشمىسا قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى بىلەمدۇ دەيسىز؟! شۇ كەچكىچە كىنو كۆرەيلى، تاماق يەيلى دەپلا...

    - لېكىن... دەپلا تەلئەتنىڭ گېپىنى بۆلدۈم ،-ئالماسنىڭ يۇۋاشلىقىغا قاراپ بۇنداق خىيالى بار دەپ ئويلىماپتىكەنمەن جۇمۇ؟

    - ۋاي بېشىدا قەتئىي مەخپىي ئىدى دەيمەن، بىرنەچچە ئاغىنە بالىلارلا بىلەتتۇق. بېشىدا ئۇ قىز ئۆزىچە ئالماسنى پەقەتلا ياراتمىغان، كېيىنچە ئالماسنىڭ ئېسىللىقىنى بىلىپ  قالدىمۇ  نېمىسى نېمە بولدى، بولمىسا ئىككى ئۈچ قېتىم ئالماس بىلەن تاماققىمۇ چىقتى، بىزمۇ ئۈمىد باركەندە دېگەن. كىم بىلسۇن! ئۇ قىز ئۆزىچە مۇنداق ئالاھىدە ياشاشنى ياخشى كۆرىدىكەن، كونسېرت، ئوپېرا... ئىشقىلىپ مۇزىكىلىق تىياتىر دېگەندەك نەرسىلەرگە قىزىقىدىكەنمىش. ئالماس بۇلارنىڭ بىرىنىمۇ بىلمەيدۇ دەڭە، خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان تۇرسا بۇ ئاغىنەم، بىر قېتىم ئۇقىز ئالماستىن مۇقاملارنىڭ ئىچىدە قايسى مۇقامنى ياخشى كۆرىسىز دەپ سوراپتۇ بىكا بىكاردىن. ئالماس مۇقامنى تۈزۈك بىلمىسە ئىسمىنى بىلەتتىمۇ دەڭە؟ شۇڭا بۇ بايقۇشمۇ قورقمايلا ئادارىگۈل دەپتۇ، تېخى ئۇ ئادارىگۈل دېگەن ناخشىنىمۇ ئالىم ئىشخانىدا ئانچە مۇنچە غىڭشىغاندا بىلىۋالغان سوراپ! شۇنىڭ بىلەنلا ھېلىقى قىز يوقىدىغۇ. شۇندق قىلىپ تۈگىدى!

    - ۋاييەي... مۇقامنىڭ ھەرقاندىقىنى ياخشى كۆرىمەنلا دېسە بولمىدىمۇ دەيمەندە بۇ ئالماس،-دېدىم ئىچىم ئاچچىق بولۇپ.

    - ۋاي، بۇ ئاداش چېرتيوژنى قورچاق سىزغاندەك ۋارت - ۋۇرت قىلىپ سىزغىنى بىلەن، بۇنداق سەنئەت - پەنئەتلەرگە كەلگەندە گاچىنىڭ بىر ئۆزى دەڭە .

    - شۇڭا بىلگىنىنى دەپلا ئولتۇرۇپتۇ دەڭە! توۋا! ھا ھا ھا...  ئۆزەمچە شۇنداق خوش بولۇپ كەتتىم،- زادى بىر گومۇش بالا بۇ ئالماس جۇمۇ!

    تەلئەت ئىككىمىز ئۇنىڭ-بۇنىڭ گېپىنى قىلىپ بىردەمدىلا ئالدىمىزدىكىلەرگە يېتىشىپ قاپتۇق.

    -ئەجەپ ئاستا ماڭدىڭلارغۇ؟! نېمىلەرنى دېيىشىپ كەتتىڭلار كۇسۇلدىشىپ، - دېدى ئالماس قۇلىقىدىكى نائۇشنىكنى ئېلىۋەتكەچ.

    - ھېچنىمە.

    تەلئەت ئىككىمىز تەڭلا جاۋاب بەردۇق.

    • ھەي تاڭ جۇمۇ!- دېدى ئالماس بېشىنى چايقاپ.

    بۈگۈن شۇنداقمۇ بىر كۆڭۈللۈك كۈن بولدى، خىزمەتداشلار بىلەن  مۇڭدىشىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپتىمەن، ئادەتتە قاپىقى يامان باشلىقلىرىممۇ ئەمەلىيەتتە خېلىلا خۇشچاقچاق ئادەملەركەن، توغرا، بەزىدە خىزمەت ئادەمنىڭ بىردىنبىر تەسەللىسى بولۇپ قالىدىكەن.

    بۈگۈن يەكشەنبە، ئۇخلاپ سەككىزدىن ئېشىپ كەتسىمۇ ھېچ ئورنۇمدىن تۇرغۇم كەلمەيۋاتىدۇ. بىر ۋاقىتتا تېلىفون جىرىڭلىدى.

    - تېچلىقمۇ؟ كىم؟

    ئېزىلەڭگۈلۈگۈمدىن ئاۋازىممۇ ئارانلا چىقتى.

    - لەيلى! تېخى تۇرمىدىڭىزما؟

    فۇئاتكەن.

    - ھەئە. تۇرغۇم كەلمەي شۇ. نېمە بولدى؟- دېدىم ئەسنىگەچ.

    - مەن پەستە ھازىر...

    - ھە؟!

     چۆچۈپلا ئورنۇمدىن تۇردۇم.

    - سىزنى بىر ھەيران قالدۇرىۋېتەي دەپ شۇ!

    - توختاڭ ھە؟! ھازىرلا چۈشىمەن. گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىماستىنلا، تۇرۇپكىنى قويۇپ، تازىلىق ئۆيىگە يۈگۈردۈم.

    - ھورۇن توشقانچاق!- دېدى  ماشىنىغا چىقىشىمغا ئۇ تېخى ئوڭشىلىپ بولالمىغان چاچلىرىمنى تۈزىگەچ.- ئىككى ھەپتە كۆرمەي، ئالايىتەن كۆرەي دەپ كەلسەم  مۇشۇنداق چىقامسىز ئالدىمغا؟

    بۈگۈن ئۇ تازا قاتۇرۇپ كىيىنىۋالغانىدى، خۇددى ھازىرلا بىر تويغا بېرىپ يىگىت بېشىلىق قىلىدىغاندەك. قىززىق! ئۇزۇن ۋاقىت كۆرۈشمىگەچكىمۇ ياكى بۈگۈنكى ياسىنىشى راست ياراشتىمۇ بىلمىدىم، كۆزۈمگە باشقىچىلا قامەتلىك، قاملاشقان كۆرۈنۈپ كەتتى دېسە!

    - يا ئۆزىڭىز بالدۇر دېمىسىڭىز كېلىمەن دەپ!- دېدىم سەل ئوڭايسىزلىنىپ.

    -ھا ھا. چاقچاق خېنىم، بولسىلا چاققان. كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپلا چۈشسىلە، بىر يەرگە بېرىپ ياخشى تاماق يەپ كېلەيلى!

     قارىماققا ئۇ خېلىلا خوشال كۆرۈنەتتى.

    - ۋوي، نېمە بوپسىز  بۈگۈن تۇيۇقسىزلا!- دېدىم قېيىشىپ.

    -گەپ بولدى ھە دەي دېسە، ئۆزەمنىڭ نەچچە  يىللىق قىز دوستۇم بىلەن تاماق يېيىشكىمۇ بىرەر يەرنىڭ تەستىقىنى ئالامدىم،خېنىم.

    - ھە ھە بولدى، مەن چىقىپلا چۈشەي ھە؟!

    ئەمەلىيەتتە چىقىپلا چۈشەي دېگىنىمنىڭ مەنىسىنى فۇئات ئوبدان بىلىدۇ، مەكتەپتىكى ۋاقتىمدىمۇ ياتاقنىڭ ئالدىدا سائەت-سائەتلەپ ساقلاپ كېتەتتى، ئادەم دېگەن نېمىگە كۆنمەيدۇ دەڭە؟ ئاخىرى كۆنۈپ كېتىپ، مۇشۇنداق چۈشلۈك تاماققىمۇ بالدۇر كېلىدىغان  بولدى. ھى ھى... قايسى كىيىمنى كىيسەم بولار؟! ھە. فۇئات ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئاق رەڭلىك كۆينىكىمنى كىيىپ، چېچىمنى چوققامغا تۈرۈپلا چىقتىم خور ئېيتىدىغانلاردەك قىلىپ.

    بايام ئالدىراشچىلىقتا ماشىنىسىغىمۇ دىققەت قىلماپتىمەندە! مانا ئەمدى يېڭى ماشىنا ئالماشتۇرىۋاپتۇ. توۋا! ئەجەپ ماڭا دەپمۇ قويماپتا؟! بۇرۇن بىرەر تال تىرناقئالغۇچ ئالسىمۇ دەپ قويىدىغان ئادەم، ھازىر... تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ ماشىنىغا يۆلىنىپ تاماكا چېكىپ تۇرغان ھالىتى بەكمۇ ناتونۇشتەك تۇيۇلدى.

    - ماشىنا ئالماشتۇردىڭىزما؟! بۈگۈن ئۇنىڭ ئالاھىدە خوشال بولىشى زادى بىكار ئەمەسكەن!

    - ھەئە. چىرايلىقمىكەن؟

     خۇرۇم ئورۇندۇقلىرىنى قولۇم بىلەن ئېڭىشىپ سىلىدىم. يېڭى ماشىنىڭ پۇرىقى دىمىقىمغا ئۇرۇلدى.

    - ئەمدى مەن بىر مەسلىھەت بېرەي...-دەپ تۇرۇشۇمغا قولۇمغا ئۇزۇنلا بىر چاچ يۆگىشىپ چىقتى. سېرىق ئۇزۇن توم بۇ چاچ ئەلۋەتتە مېنىڭ ئەمەس! دەماللىققا تۇرۇپلا قالدىم، نەچچە ئاي بۇرۇنقى قاباھەتلىك چۈش يادىمغا كەچتى. نەپەسلىرىم قىيىنلاشتى، ئۇ مېنىڭ جىمىپ قالغىنىمنى تۇيۇپ تاماكىسىنى تاشلاپ يېنىمغا كەلدى. قولۇمدىكى چاچنى كۆرۈپ شۇنداق تەبىئىيلا ئېلىپ يەرگە تاشلىدى.

    - قالايمىقان ئويلىماڭ ھە؟! تۈنۈگۈن مۇراتئېلىپ چىقىپ كەتكەن، قىز دوستى بىلەن تاماققا بارىمەن دەپ شۇنىڭ قىز دوستىنىڭ چېچىمىكىن ھەقاچان.

    - سىز كىمنىڭ دېسىڭىز شۇنىڭغۇ؟!

    مۇشۇنداق ھەممە گەپنى ئىچىمگە يۈتىۋېرىپ ھامان بىر كۈنى قان قۇسۇپ ئۆلىمەنغۇ زادى!

    (ئاخىرى كېيىنكى ساندا)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.