كۈنىگە بىر ئەقىل (يازنامە) 4-ئاي

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-22 20:31:20

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي)(يازنامە)4-ئايئېتىقادكىشىلەر، خۇدانىڭ قانۇنىنى ئەمەلدە

    كۈنىگە بىر ئەقىل(لېۋ تولىستوي)
    (يازنامە)
    4-ئاي


    ئېتىقاد

    كىشىلەر، خۇدانىڭ قانۇنىنى ئەمەلدە كۆرسەتمەك تەس، دېيىشىدۇ (ياكى كۆڭلىدە شۇنداق ئويلىشىدۇ). بۇنداق دېيىش خاتادۇر. خۇدا سىزدىن ئارتۇق نەرسىنى ئەمەس، خۇدا ۋە ھەقەمسايىڭىزنى سۆيۈشنىلا كۈتىدۇ، يەنە كېلىپ سۆيۈش ئۇنچىۋالا تەس ئىشمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ ھۇزۇرلۇق ئىشتۇر.
    دىنىي تەپەككۇر زامان بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدۇ. بۇرۇنقى دىنىي تەپەككۇر بىلەن بۈگۈنكى دىنىي تەپەككۇر ئوخشاش دېيىش، خاتا. بۇ، خۇددى سىز بوۋاق مەزگىلىڭىزدە كىيگەن ئىگىنلىرىڭىزنى چوڭ بولغاندىمۇ كىيىمەن، دېگىنىڭىزدەك بىر ئىش بولىدۇ.
    ھەقىقىي ئېتىقاد بۈيۈك، ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن ئېسىل ھەشەملەر ھەمدە ئاككوردىيون نەغمە-ناۋالىرىغا موھتاج ئەمەس. ئەكسىچە، ھەقىقىي ئېتىقاد ئۈن-تۈنسىز ھالدا يەككە-يېگانە تۇرغىنىڭىزدا سىزنىڭ قەلبىڭىزگە تۇيدۇرمايلا كىرىپ كېلىدۇ.
    ئېتىقاد سىز ھاپىلا-شاپىلا ئىشىنىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى سىز تېگى-تەكتىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يېتىدىغان نەرسە.
    ھەقىقىي دىن، ھەقىقىي ئېتىقاد بىزنى ھەرگىزمۇ خۇدانىڭ قۇلىغا ئەمەس، خۇدانىڭ ئوغلىغا ئايلاندۇرىدۇ. خۇدانى چۈشىنىش، خۇدانى سۆيۈش، خۇداغا تايىنىش، خۇدانىڭ قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ ياشاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    4-ئاينىڭ 1-كۈنى


    روھ

    روھىغا تايىنىپ ياشايدىغان ئادەم، بىرلا ۋاقىتتا تېنىگە تاينىشتىنمۇ ۋاز كېچەلمەيدۇ.
    بارچە ئازابلىرىمىز بىزنىڭ دىلىمىزدا خۇدانى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىمىزدىن بولغان.
    ئۆزۈمنىڭ روھىي دۇنياسىنى چۈشىنىش، مەن شۇغۇللانغان بارچە ئىشلىرىمنىڭ باشلىنىشى.
    مەڭگۈلۈككە، چەكسىز ھاياتقا ئىشەنمىسە، خۇشال-خۇرام، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولمايدۇ.
    تەندىكى ھاياتتا روھ بار. تەن روھقا تايىنىپ ياشايدۇ. مۇبادا سىز، ئۆزىڭىزنىڭ تېنىگە تايىنىپ ياشاۋاتىمەن دەپ بىلسىڭىز، ھاياتنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەن بولىسىز. مەنىلىك ياشاش ئۈچۈن سىز ئۆز روھىڭىزغا تايىنىپ ياشىشىڭىز كېرەك.

    4-ئاينىڭ 2-كۈنى

     

     بارلىق جانلىقلارنىڭ روھى بىر

    سىز ئادەمگە گەپ قىلىۋاتقىنىڭىزدا، قارشى تەرەپنىڭ كۆزىنى ئىنچىكىلەپ كۆزىتىڭ. سىز بۇ چاغدا، بىزنىڭ ئۆز ئارا بەكمۇ يېقىنلىقىمىزنى ھېس قىلىسىز، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك، ياكى بىز بۇرۇندىنلا ئۆز ئارا كونا تونۇشلاردەك. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ سەۋەبى، ھەممىمىزنىڭ ئوخشاش روھىي ھازىرلىقتا تۇرغانلىقىمىزدا.
    كىشىلەر ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېيىشىدۇ، چۈنكى، خاتا تەلىملەر شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. ھالبۇكى، سىزنىڭ ئىچكى قەلب نىدالىرىڭىز سىزگە سۆزلەيدۇ، ئۇ نىدالار ھەرقانداق بىر كىتابلارغا پۈتۈلگەن ھەرقانداق تەلىملەردىن كۈچلۈكتۇر: سەن ھايۋانلارنى ئۆلتۈرسەڭ قەتئىي بولمايدۇ! بۇ نىدالار بىزنىڭ قەلبىمىزگە يېزىلغان بولىدۇ.
    چىن ئېلىنىڭ دانىشمىنى كۇڭزى، باشقىلارنى ئىززەت قىلساڭ ئۆزۈڭمۇ ھۆرمەت تاپارسەن، ئۆزۈڭگە راۋا كۆرمىگەننى ئۆزگىگىمۇ راۋا كۆرمە، پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا خەققە، دەيدۇ.
    تېنىمىز بىزلەرنى ئۆز ئارا ئايرىۋەتكەن بولسىمۇ، روھىمىز بىزلەرنى بىر-بىرىمىزگە باغلاپ تۇرىدۇ. روھىي ئالىمىمىزدە، يىراقلاردىكى ئېنېرگىيە دولقۇنلىرىنى سىزىپ تۇرىمىز، خۇددى يىراق ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ھىلپىرلاپ تۇرغان نۇر-زىيالىرىنى كۆرگەندەك.

    4-ئاينىڭ 3-كۈنى

     

    خۇدا

    خۇدادىن قورقۇش ياخشى ئىش، ئەمما، خۇدانى سۆيۈش ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىش. خۇدانى دىلىڭىزدا سىزىپ-ياد ئېتىپ تۇرۇش، مانا بۇ ھەممىدىن ياخشى ئىش.
    خۇدا نېمە؟ خۇدا مەڭگۈلۈك بولۇم، مەن تۇيۇپ-سىزىپ يەتكەن بارچە ئىشلارنىڭ بىر قىسىمى. بىز مەيلى خالايلى ياكى خالىمايلى، ھەممىمىز خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا بالدۇرراق بېرىشقا ئالدىرايمىز. شۇڭا خۇدا، ھەر بىرىمىزنىڭ دىلىمىزدا مەۋجۇت، ھېچكىممۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
    ناۋادا، سىز ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بولۇم دەپ قارىسىڭىز، ئۇ ھالدا سىز باشقىلارنى چۈشىنەلەيسىز. مۇبادا، ھەممە نەرسىنىڭ ئۆز ئارا بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەنسىڭىز، خۇدانىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنەلەيسىز. بىز بۇ ئىككى تەرەپلەرنى چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ئىگىمىز.
    سۆيگۈگە، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كەڭ مەنىدىكى ئادەم چەكلىمىسىگە تايىنىپ، ئىنسانلار خۇداغا پەيدىن-پەي يېقىنلىشالايدۇ. سۆيگۈ خۇدانىڭ پەزىلىتى بولۇپلا قالماي، ئادەمنىڭمۇ ئىقتىدارىدۇر.
    ھەممىمىز ئىدىيە ۋە ھېسسىياتقا ئىگىدۇرمىز، ھەمدە باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئىستەيمىز. سىز بەلكىم بۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس، دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن، چۈنكى، سىزنى چۈشىنىدىغان ئادەم چىقمايدۇ، شۇنداقتىمۇ سىز يەنىلا ئۆز ئىدىيە ۋە ھېسسىياتىڭىزنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىشىڭىز زۆرۈر. بۇنداق ئىشلارنى پەقەت خۇداغىلا ئېيتىپ بېرەلەيسىز.

    4-ئاينىڭ 4-كۈنى

     

    روھنىڭ بىردەكلىكى

    بىر ئادەم قانچە ئۇزۇن ياشىغانسېرى باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى شۇنچە قويۇقلىشىدۇ. ئىنسانىيەتمۇ شۇنداق. ئىنسانىيەت ھاياتى ئۇزاققا سوزۇلغانچە شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ شۇنچە كۆپىيىپ بارىدۇ.
    سىز ئۆز-ئۆزىڭىزنى مەركەز قىلغان سۆيگۈدىن بىردىنلا قۇتۇلسىڭىز، ئۆزىڭىزمۇ سەزمىگەن ھالدا باشقىلار بىلەن ئىناقلىشىشقا باشلايسىز.
    خرىستوسنىڭ ئەڭ مۇھىم تەلىمى ئىناق-ئىجىل ئۆتۈش، بىز بۇ تەلىمگە سەل قارىمىساقلا «خرىستوس»نى ئېغىزدىن چۈشۈرمەي يۈرۈشىمىزنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، بىز شۇندىمۇ ھەقىقىي تەقۋادار بولالايمىز.
    سىز تاختاي ياتقۇزۇلغان يولنى بويلاپ مېڭىپ، سازلىقلاردىن كېسىپ ئۆتكەندەك ئىناقلىق يولىنى ئانچە كۈچىمەيلا تاپالايسىز. سىز توغرا يولدىن بىرلا ئاداشسىڭىز، تۇيۇق، مۇخالىپ ۋە گۇناھلىق يولنىڭ سازلىقىغا چۈشۈپ كېتىسىز.
    ھەممە ئىشقا ياخشى كۆز بىلەن قارىسىڭىز، ھەممە ئىش ھەقىقىي ياخشى بولۇر.

    4-ئاينىڭ 5-كۈنى


    سۆيگۈ-مۇھەببەت

    ھىندىستانلىق بىر دانىشمەن: «بىر ئانا يالغۇز ئوغلىنى كۆز قارىچۇقىدەك ئاسرايدۇ، تەربىيىلەپ ئۆستۈرىدۇ، دېگىنىنى قىلىپ بېرىدۇ، خۇددى شۇنىڭدەك سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىڭىز−سىزنىڭ باشقىلارنى سۆيۈش ئىقتىدارىڭىزنى قوزغىتىپ ۋە قوغداپ تۇرۇشىڭىز كېرەك» دېگەنىكەن.
    بىز باشقىلارنى سۆيگىنىمىزدە، بىز باشقىلار تەرىپىدىن سۆيۈلگىنىمىزدە، بىزنىڭ تۇيغۇمىز بەكمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇ، پەقەت سۆيگۈ-مۇھەببەتلا بىزدىكى ھەقىقىي ئىزگۈ-ياخشىلىقلارنى نامايان قىلىپ بېرەلەيدىغىنىنى كۆرسىتىدۇ.
    سۆيگۈ-مۇھەببەت دۇنيادا ئەڭ مۇھىمدۇر، مۇبادا سىز بۇ نۇقتىنى چۈشەنسىڭىز، باشقىلار بىلەن تونۇشقىنىڭىزدا، ئۇلارنىڭ سىزگە نېمە پايدىسى تېگىدىغىنىنى ئويلاشماستىن، بەلكى ئۇلارغا قانداقسىگە ياردەم قىلىشنى ئويلىشىڭ. ئەگەر، شۇنداق قىلالىسىڭىز، سىز پىداكارلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىشلىرىڭىز سىز ئۆزىڭىزنىلا ئويلىۋالغاندىكىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ.
    مەن نېمە ئۈچۈن سۆيگۈ-مۇھەببەت مىزانلىرىغا ئىشىنىمەن ھەمدە ئاڭا ئىتائەت قىلىمەن؟ سۆيگۈ-مۇھەببەت زادى بىزگە نېمە ئېلىپ كېلىدۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن. بىراق، ماڭا راستتىنلا شۇنىسى ئايان: مەن سۆيگۈ-مۇھەببەت مىزانلىرىغا قانچىكى ئىتائەت قىلغانچە مەن ئېرىشىدىغان پايدىلارمۇ، باشقىلار ئېرىشىدىغان پايدىلارمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

    4-ئاينىڭ 6-كۈنى


    خاتالىق

    سىز ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆز خاتالىقلىرىڭىزنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تۈگىتىشكە تىرىشىڭ. مۇبادا، سىز تۇرمۇشىڭىزنى ئۆز-ئۆزىڭىزنى ئازاد قىلىش، بۇرۇنقى خاتالىقلىرىڭىزدىن قۇتۇلۇش جەريانى دەپ چۈشەنمىسىڭىز، ئانداقتا سىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خاتالىققا يول قويغان بولىسىز.
    ھەممە ئادەمدە سەۋەنلىك بولىدۇ، ئەزەلدىن خاتالىشىپ باقمىغان ئادەم مەۋجۇت ئەمەس. ئۆز سەۋەنلىكىڭىزدىن قۇتۇلۇش، سىزنىڭ ياشاشتىكى ئاساسلىق نىشانىڭىز بولسۇن.
    ئۆز سەۋەنلىكىنى بوينىغا ئېلىش بەكمۇ تەس، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش، نەقەدەر زور خۇشاللىق. زۇلمەتلىك تۈن بولمىسا، قۇياش كۆتۈرۈلگىنىدە بىز ئۇنىڭدىن خۇشاللىق ھېس قىلالمايمىز.
    مۇبادا، سىز ئۆزىڭىزنى ئىزچىل توغرا ئىش قىلىمەن دەپ قارىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكىنى كۆرەلمەيسىز. باشقىلار سىزنىڭ كەمچىللىكىڭىز ۋە سەۋەنلىكىڭىزنى كۆرسىتىپ قويسا، سىزنىڭ ئەڭ ئوسال ئىنكاسىڭىز ئاچچىقلاش بولىدۇ، ھالبۇكى، ئاچچىقلاش خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكتۇر.

    4-ئاينىڭ 7-كۈنى

     

    ھاۋايى-ھەۋەس ۋە شەھۋانىي ھېسسىيات

    ئادەم ھەقىقىي گۈزەل ئەخلاق يېتىلدۈرەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز كۈچىڭىزنىڭ بارىچە شەھۋەتتىن، سەت-يامان گەپ-سۆزلەردىن، ئاچكۆزلۈكتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇڭ. سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز قانچە تۇراقلىق-مۇقىم ئۆتسە، ئۇ شۇنچە خۇش بولىدۇ.
    پەرۋانىنىڭ  ئۆزىنى ئوتقا ئېتىشى، ئۆزىنى ئوتنىڭ كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغىنىنى بىلمەيدىغىنىدىن بولغان. سۇدىكى بېلىقنىڭ يەمچۈكنى يالماپ يۇتۇشى، بۇنىڭ ئۆزىگە ئۆلۈم ئېلىپ كېلىشىنى بىلمەسلىكىدىن بولغان. گەرچە شەھۋانىي ھەۋىسىمىز بىزنى ھالاك قىلىپ تاشلايدىغىنىنى بىلىپ تۇرساقمۇ، يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ شەھۋانىيلىقىنى مەيلىگە قويۇپ بېرىمىز.
    دۇنيادا ھېچقانداق بىر سۆز تېمىسى ئادەمنى جىنسىي مۇناسىۋەتتەك ئۆزىگە كۈچلۈك تارتالمايدۇ. شۇڭا، ئادەملەرنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى، سەمىمىي-راستچىللىق بىلەن ئۇنى ئاشكارا مۇھاكىمە قىلىش.
    بەزىلەر، شەھۋانىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن توي قىلىشىدۇ، بىراق، توي ئۇلارنى شەھۋانىي ئوي-خىياللارغا مۇپتىلا قىلمايدۇ.

    4-ئاينىڭ 8-كۈنى

     

    ئېزىقىش

    «ئۇ غورىگۈل تاماقلىنىدۇ، ئەمما بىر ئۇلۇغ زاتتۇر.» بۇ بىر ياخشى تەمسىل، بىز ئۇنىڭغا قۇلاق سالايلى.
    ئەگەر، سىز جىسمانىي خۇشاللىقنى قوغلاشسىڭىز، تېنىڭىزدىكى ئەزالارنىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتىش ئۈچۈنلا ياشىسىڭىز، سىز خۇشاللىقنى ھېس قىلىش ئىقتىدارىڭىزنىمۇ يوقىتىسىز.
    بىردەم ماڭالىغۇدەك قۇربىڭىز تۇرۇپمۇ پەيتۇنغا ئولتۇرۋالسىڭىز، شۇ مىنۇتتا سىزنىڭ ئىككى پۇتىڭىز زەئىپلىشىشكە باشلايدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئەيش-ئىشرەت ۋە بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا كۆنۈپ قالساق، ئاددىي-ساددى ياشاشنى ئۇنتۇپ قالىمىز، قەلبىمىزدىكى خۇشاللىق، خاتىرجەملىك ۋە ئەركىن-ئازادىلىكلەردىن مەھرۇم قالىمىز.
    بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز، ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ تېنى−جىسمانىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەك، دېگەنگە ئىشىنىشىدۇ. ھالبۇكى، بۇرۇنقى دانىشمەنلەر شۇنداق كېسىپلا ئېيتقانكى، تەنگە بولغان تەلەپ قانچە ئاز بولسا شۇنچە ياخشىدۇر.

    4-ئاينىڭ 9-كۈنى

     

    ئاچكۆزلۈك ۋە بايلىق

    زور بايلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى جاپالىق ئەجىردىن ئەمەس، بەلكى ھارامدىن كەلگەن.
    ئەسلىدە، بايلىقنىڭ ئېشىشى سۆيگۈنىڭ ئېشىشىدىن دېرەك بېرەتتى. سۆيگۈ بايلىق بىلەن تەڭ بولمايلا قالماستىن بەلكى، بايلىق بىلەن تامامەن قارىمۇ-قارشى نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋېتىلدى. سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تايىنىپ ياشايدىغان ئادەم زور بايلىققا ئېرىشەلمەيدۇ، ئېرىشسىمۇ ساقلاپ قالالمايدۇ.
    نامراتلار بايلارغا قارىغاندا، ئىچىدىن چىقىرىپ كۈلەلەيدۇ، ھەمدە بايلاردىن خۇشال-خۇرام ياشىيالايدۇ.
    ئەگەر، ئادەم ئۆز روھىغا تايىنىپ ياشىسا، ئۇ ھالدا بايلىققىمۇ ھاجىتى چۈشمەيدۇ.
    زېمىن بىزنىڭ ئورتاق ئانىمىز. بىز ئانىمىزنىڭ قورسىقىدىن بۇ زېمىنغا ئىڭەلەپ چۈشكەن مىنۇتتىن ئېتىبارەن، زېمىن بىزنى باغرىغا ئېلىپ، بىزنى تەربىيىلەپ چوڭ قىلىدۇ، تاكى بىز يەنە تۇپراق قوينىغا قايتىپ مەڭگۈلۈك ئارام تاپقانغا قەدەر. بىراق، شۇنداق بولسىمۇ، كىشىلەر يەنىلا ئالدى-ساتتى قىلغىلى بولىدىغان مال دېيىشىدۇ: «سېتىلىدىغان زېمىن، بازاردا ساتقىلى، سېتىۋالغىلى بولىدىغان زېمىن». زېمىن بىر ئادەم، بىر ئىرق ياكى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بايلىقى  ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆز ئۈستىدە ئولتۇراقلاشقان ۋە مېھنەت سىڭدۈرۈۋاتقان تالاي كىشىلەرگە تەئەللۇقتۇر.
    −توماس كارلې
    4-ئاينىڭ 10-كۈنى

     

    ئىشلەش ۋە بىكارچىلىق

    بايلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ، سەدىقە تىلەپ يۈرمەڭ. مەڭگۈ ئىككى قولىڭىزغا تايىنىپ جاپالىق ئىشلەشتىن قورقماڭ.
    پادىشاھ ئىنئام قىلغان شاھانە تونلارمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئاددىي كىيىمىگە يەتمەيدۇ. بايلار سىزگە بەرگەن ئاش-تاماقلار ھەرقانچە مەززىلىك بولسىمۇ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيىدىكى تاماق شىرەسىگە قويۇلغان قۇرۇق بولكا-نانلارغىمۇ يەتمەيدۇ.
    ئادەم ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تۇرمۇش−ماددىي تۇرمۇش ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنى ياشايدۇ، ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا مىزانلىرى بار. ماددىي تۇرمۇشنىڭ مىزانى ئىشلەش؛ مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ مىزانى بولسا سۆيگۈ-مۇھەببەتتۇر. سىز ماددىي تۇرمۇش مىزانىغا خىلاپلىق قىلسىڭىز−ئىشلىمىسىڭىز، مەنىۋى تۇرمۇش مىزانى−سۆيگۈ-مۇھەببەتكە خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنالمايسىز.
    باشقىلار سىزنىڭ ئەمگىكىڭىزگە ئىش ھەققى بېرىۋاتقىنىدا، سىز ئۆز ئەمگىكىڭىزنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى مەڭگۈ بىلەلمەيسىز. مەن زاسېداتىللىق قىلسام، ئىسكىرىپكا چالسام، كىتاب يازسام، ھەر كۈنلۈك كىرىمىم ئىشچىلار ئەتىدىن كەچكىرگىچە باش كۆتۈرمەي جاپالىق ئىشلەپ، جىسمانىي ئەمگەك بىلەن تاپقىنىدىن يۈز ھەسسە، ھەتتا مىڭ ھەسسىلەپ كۆپ بولۇشى مۇمكىن.
    مەن ئۆزۈمدىن سورايمەن: مېنىڭ ئەمگىكىم شۇنچە كۆپ پۇلغا ئەرزىمدۇ؟ شۇڭا، بىز خاتالىق سادىر قىلىپ قويماسلىقىمىز ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئازراق ھەقلەنسەكمۇ كۆپرەك ئىشلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

    4-ئاينىڭ 11-كۈنى

     

    ئاچچىقلىنىش ۋە ئۆچمەنلىك

    مۇبادا، سىز مۇقەددەس مەنىۋى تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيسىڭىز، باشقىلارغا چېچىلىپ ئاچچىقلىنىپ يۈرمەيسىز. خۇدا سۆيگۈ دېمەكتۇر، سۆيگۈدە غەزەپ يوق. شۇنداق ئىكەن، سىزنىڭ روھىڭىز (ئۇ ئىلاھنىڭ بىر قىسىمى) مۇ ئاچچىقلانمايدۇ.
    باشقىلارغا بولغان ئاچچىقنى بېسىش، ھايۋانلارغا بولغان ئاچچىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھايۋانغا ئاچچىقلىنىش تېخىمۇ مۇۋاپىق ئەمەس، چۈنكى، ئادەم ھېچ بولمىسا سىزنىڭ ئاچچىقلىنىش سەۋەبىڭىزنى ئۇقالايدۇ، ھايۋانلار بولسا ئۇنى ئۇقمايدۇ.
    سىز ئۆزىڭىزنى ئۈستۈن چاغلىغانسېرى سىز شۇنچە خاپا بولىسىز. كىچىك پېئىل، كەمتەر كىشى مېھرىبان كېلىدۇ.
    قىساسخورلۇق، جاراھىتىڭىزنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئەگەر، سىز كۆڭلىڭىزدە قىلچە غۇم ساقلىمىسىڭىز، جاراھىتىڭىزنىڭ ئېغىزى شۇنچە تېز پۈتۈشكە باشلايدۇ.
    ناۋادا، بىر ئادەمنىڭ قورسىقىغا جىن كىرسە، ئانداقتا ئۇ مەيلى زېمىن، مەيلى ئاسمان، مەيلى دېڭىز-ئوكيان ۋە مەيلى بەھەيۋەت تاغلاردا يۈرمىسۇن، شۇ ئىپلاسلىق-رەزىللىكلەردىن قېچىپمۇ قۇتۇلالمايدۇ. سىز بۇ نۇقتىنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ.
    −ھىندى ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن
     4-ئاينىڭ 12-كۈنى


    تەكەببۇرلۇق

    ناۋادا، بىرۋا ھاياتنىڭ تۇيۇق يولىغا مېڭىپ قالسا، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىش تۈگەل، ئەكسىچە ئۇ ئۆزى مېڭىۋاتقىنى توغرا يول ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىدۇ−ئالايلۇق، ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلاردىن ياخشىراق ياشاۋاتقىنىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، ھاياتتا خاتالىققا يول قويغان ئادەم، ئۆزىگە تولۇق ئىشىنىپ كېتىدۇ.
    سىز مەغرۇر بولمىغىنىڭىز ئۈچۈن ھاماقەتلىك قىلغان بولمايسىز. بىراق، سىز ھاماقەت بولغاچقا مەغرۇرلۇقتىن يىراق بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن.
    ھەممە ئادەم ئۇلۇغ سوۋغاتقا نائىلدۇر، ئۇ بولسىمۇ دەل بىزنىڭ ھاياتىمىز، ھاياتقا بولغان بارچە خۇشاللىق ۋە شادلىقىمىز. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، بىز يەنىلا ئۆزىمىزنى خۇشال ئەمەس دەيمىز.
    ئۆزىڭىزنى بىر توپقا، بىر كۇلۇبقا ياكى بىر كوللېكتىپقا تەۋە قىلسىڭىز، ئۇنىڭ ئەزالىرى ئۆزىنى باشقىلاردىن ياخشى چاغلايدۇ، ئىپلاسلىقنىڭ ئەڭ ئېغىر ئاقىۋىتىمۇ ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولمايدۇ. ئادەمنى جالاقلاپ تىترىتىدىغىنى شۇكى، شۇ خىلدىكى يېپىق كوللېكتىپقا تەۋە بولۇشنى، بەزى ئادەملەر ئالاھىدىلىك دەپ بىلىشىدۇ.

    4-ئاينىڭ 13-كۈنى

     

    شۆھرەتپەرەسلىك ۋە نام-ئاتاق

    تارىخنى يىغىنچاقلاپ كۆزەتسەك، كىشىلەر ئىچ مىجەز، جىمغۇر كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىشقان. كىشىلەر يەنە ئۆز پىكرىنى ئوچۇق ئوتتۇرغا قويغانلارنىمۇ مازاقلاشقان. كىشىلەر، دۇنيادىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ قۇرۇق گەپلىرى مەلۇم بىرسىنى مەسخىرە قىلىدۇ، دېيىشىدۇ. دۇنيادا ئەيپلەشكە ئۇچرىمايدىغان، شۇنداقلا ماختاشقىلا سازاۋەر بولىۋېرىدىغان ئادەم يوق. شۇڭا، ئەيبلەشلەر ۋە ماختاشلارغا پەرۋا قىلمىغۇلۇق. خۇدا بىزنىڭ گۇناھ ئۆتۈزگىنىمىز ئۈچۈن غەزەپلىنىدۇ، كىشىلەر بىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىمىز ئۈچۈن بىزگە غەزەپلىنىدۇ.
    سىز ئۆز روھىڭىز ئۈچۈن ياشايدىغان بۈيۈكلۈكتىن بىردىنلا چۈشۈپ كەتسىڭىز، كىشىلەرنىڭ پەس تونۇشى، باھاسى ۋە نام-ئاتاقلىرى دۇنياسىغا چۈشۈپ كېتىسىز. سىز دوست-بۇرادەرلىرىڭىزنىڭ سانىغا ئەمەس، ساپاسىغا ئەھمىيەت بېرىڭ. بەزىدە شۇنداق بىر خىل ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ: باشقىلار ئۈچۈن غايەت زور خىزمەت قىلغاندىن كېيىن سىز ئۈمۈدسىزلىنىپ قالىسىز. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، سىز خۇدا ئۈچۈن ئەمەس، نام-ئاتاق ۋە شۆھرەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغاندۇرسىز.

    4-ئاينىڭ 14-كۈنى

     

    سوتلاش ۋە جازالاش

    بەزىلەر، ئەسكىگە ئەسكى، زوراۋانغا زوراۋان بولۇش كېرەك، دېيىشىدۇ. بىراق، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. بۇ جازاغا تارتىش ئەمەس، بەلكى قىساس ئېلىشتىن بولغان ئىش.
    ئەسكىلىك ئارقىلىق ئىپلاسلىق كېسىلىنى ساقايتقىلى بولمايدۇ.
    ئەگەر، مەن باشقىلارنى ئۆزۈم توغرا دەپ قارىغان ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىسام، باشقىلارمۇ ئۆزى توغرا دېگەن ئىشقا مېنى مەجبۇر قىلسا، بىزنىڭ ھەتتا نېمىنىڭ «توغرا» ئىكەنلىكىگە بولغان قارىشىمىزمۇ تامامەن زىت بولىدۇ.
    ئەدەبلەشنى ئويلاش، ئىنتىقام-قىساس ئېلىشنى ئارزۇلاش، بىزگە ماس بولمىغان ھاياتنىڭ يەنە بىر يۈزى، بەلكى ئۇ ھايۋانىيلىقىمىزدىن ئىبارەت بىر يۈزىمىزدۇر. شۇڭا، بىز بۇ خىل ھېسسىياتتىن قۇتۇلۇپ كېتىشىمىز، ئۇنى ئاقلاپ يۈرمەسلىكىمىز كېرەك.
    بىزنىڭ بەختىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان نەرسىنى يوقاتقاندىلا بىزنىڭ ھاياتىمىز گۈزەل، بەختلىك ئۆتىدۇ. «جازا پايدىلىق» دەيدىغان بۇ خاتا قاراش بىزنىڭ بەختىمىزنى، شۇنداقلا گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى خانىۋەيران قىلىدۇ.
    ھەقىقىي مېھرىبانلىق بىزنىڭ گۈزەل پەزىلىتىمىز بولۇپلا قالماي، بەلكى بىر خىل قورالىمىز، ئۇ ئۇ زورلۇق كۈچتىنمۇ قۇدرەتلىك قورالدۇر.

    4-ئاينىڭ 15-كۈنى

     


    زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش
    بىز باشقىلارنى ھۆرمەتلىشىمىز، كەلسە-كەلمەس بۇيرۇق قىلماسلىقىمىز كېرەك. ئادەمدە ئىززەت-ئابرۇي بولمىسا بولمايدۇ.
    ئەگەر، بىز زوراۋانلىققا بوي سۇنۇپلا ھۆكۈمرانلىق قىلساق، ئىنساننىڭ ئەقىلگە ئىگە بولغىنىنىڭ نېمە پايدىسى؟
    ئاجايىپ غەلىتە ئىش-ھە! بىز ئۆزىمىزنىڭ سىرتىدىكى رەزىللىك-ئىپلاسلىقلارغا غەزەپلىنىمىز، ئەمما ئۇنى ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەسمىز، بىراق، بىز ھېچقانچە كۈچىمىسەكمۇ ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدىغان ئىچىمىزدىكى رەزىللىك-ئىپلاسلىقلارنى ئۆزگەرتىشكە چامىمىز يەتسىمۇ شۇ پېتى تۇرىۋېرىدۇ.
    ئادەمنىڭ كالا، ئات-ئېشەك ۋە قويلارنى بېقىشى ئەقىلغا مۇۋاپىق ئىش. ئادەم ئاشۇ ھايۋانلارغا قارىغاندا، ئۇلارنى قانداق بېقىش ۋە قانداق ئاسراشنى ياخشى بىلىدۇ. بىراق، بۇ ئادەملەر نېمە ئۈچۈن باشقىلارغا قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇپ بۇيرۇق سوقۇشىدۇ؟ ئادەمنىڭ ھەممىسىدە مىسقالچە ئەقىل بار، ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك يېتەكلەشنىلا مەقبۇل كۆرىدۇ، ئۇ يېتەكلەش دەل روھتۇر.

    4-ئاينىڭ 16-كۈنى

     


    ئېتىقاد

    خۇداغا ئىبادەت قىلىش دېگەن نېمە؟ سىزنىڭ روھىڭىزغا مۇراجەت قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى ھالەتتۇر، ئۇ سىزنىڭ بىر خىل روھىي مەۋجۇدىيەت ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلاپ يېتىشكە بېرىلگەن ئىجازەت. ئۆزگىلەرگە سۆزلەشنىڭ مەخپىيىتى، خۇداغا سۆزلەۋاتقاندەك سۆزلەشتۇر. مەن باشقىلارغا سۆزلەۋاتقاندا، ھەر بىرى مېنى ئەنە شۇنداق ئاگاھلاندۇرۇشىدۇ.
    پانىي دۇنيانىڭ رەسىم-يوسۇنلىرىنى ئېتىبارغا ئېلىپ كەتمەستىن، دىلىڭىزدىكى ئىلاھىيلىق بىلەن بىر جان-بىر تەنگە ئايلىنالىسىڭىز، خۇدا بىلەن سۆزلىشەلىسىڭىز، ئاندىن بۇ ھەقىقىي تائەت-ئىبادەت قىلغانلىق بولىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى خۇدانىڭ سادىق قۇلى دەپ بىلسەك، ئۆزىمىزنىڭ ھەممە نەرسىسى−روھى، ئىش-ھەرىكىتى ۋە ھۆكۈملىرى−ھەممە-ھەممىسىنى خۇداغا بېغىشلىساق، ئاندىن خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلغان بولىمىز.
    دىندا، مەسىھنىڭ تەلىملىرى بىلەن مەسىھنىڭ ئۆزىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك. شۇندىلا، سۆيگۈدىن كەلگەن خۇش خەۋەرنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
    سۆيگۈ-مۇھەببەت خۇسۇسىدىكى دىنىي ئەقىدىلەر سۆيگۈگە زىت نەرسىلەرنى ھىمايە قىلمايدۇ. سۆيگۈ-مۇھەببەت ئەقىدىسى ئۇرۇش ياكى ئۆلۈم جازاسى ئارقىلىق ھەققانىيەتنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ.

    4-ئاينىڭ 17-كۈنى

     

    ئېتىقاد

    كۈنلەرنىڭ بىرىدە، خرىستىئان تەلىملىرىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يەتسىڭىز، مائارىپىمىزدىكى يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى تونۇپ يېتەلەيسىز.
    باشقىلارغا يالغان سۆزلەش، رەزىل قىلمىش، بىراق، ئۇنىڭدىنمۇ رەزىل بولغىنى ئۆزىڭىزگە يالغان سۆزلەشتۇر، جۈملىدىن، ئېتىقاد جەھەتتە.
    مەلۇم بىر ئاخىرقى، ھەقىقىي ئېتىقاد دەپ قارالغان ئەقىدىلەر سىزنىڭ ئەقىل-ئىدرىكىڭىز ئارقىلىق توغرىلىقى ئىسپاتلىنىشقا تېگىشلىك.
    ھەر بىر يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنىڭ ھەممىسىدە زەھەر بار؛ دۇنيادا زىيان-زەخمەتسىز يالغانچىلىق يوق. پەقەت ھەقىقەتلا بىخەتەر، ئىشەنچلىكتۇر؛ ھەقىقەتلا بىزنىڭ پۇختا تايانچىمىزدۇر؛ ھەقىقەتلا بىزنىڭ قەلبىمىزگە تەسكىن بېرەلەيدۇ−ھەقىقەت يىمىرىلمەس مۇستەھكەم ئالماس.
    ھەقىقىي ئېتىقاد شۇنداقكى، سىز تاشقى كۆرۈنۈشتىكى مۇراسىم ۋە ھۆرمەتلەر−بېشىدا كۆتۈرۈشلەردىن ئۇنى تاپالايسىز، باشقىلار بىلەن بولغان ئىناقلىقتىن ئۇنى تاپالايسىز.

    4-ئاينىڭ 18-كۈنى

     

    ساختا ئىلىم

    ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، ئۆزىنىڭ مەنىۋى سۈپىتىنى ئۆزگەرتكەنچە ياخشىلاپ بېرىش. بىزنىڭ بۇ نىشانغا يېتىشىمىزگە ياردىمى تېگىدىغان ئىلىملا، ھەقىقىي ئىلىمدۇر.
    بىلىم چەكسىزدۇر. شۇڭا، بىز بىلىمى مول كىشى بىلىمى ئاز كىشىدىن كۆپ نەرسىنى بىلىدۇ، دېيەلمەيمىز.
    بىزنىڭ ياش بىر ئەۋلادلىرىمىز زور مىقداردا مۇرەككەپ ئىلىملەرنى تەھسىل قىلىشماقتا، ئالايلۇق، ئاسمان جىسىملىرى مېخانىكىسى، ئاسترونومىيە، يەر شارىنىڭ نەچچە ئەسىرلىك تەرەققىيات تارىخى، ھەمدە تۈرلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات تارىخى دېگەندەك. بىراق، بىز جاۋاب بېرىش ئەڭ زۆرۈر بولغان بىر سوئال−بىزنىڭ ياشاشتىكى مەقسىتىمىز نېمە؟ دېگەنگە جاۋاب بېرىشنى ئۆگەنگىنىمىز يوق.
    ھەقىقىي بىلىمگە ئەستە قالدۇرۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەقىل-ئىدراكقا تايىنىپ ئېرىشكىلى بولىدۇ.
    ئۇنتۇش بىزگە ئۆگەتكەن نەرسىلەر بىلەنلا بىز دۇنيانى چۈشىنىشكە باشلايمىز.

    4-ئاينىڭ 19-كۈنى

     

    تىرىشچانلىق

    يەر شارىدا تىنچلىق مەۋجۇت ئەمەس، ھەم تىنچلىق بولماسلىقى كېرەك. ھايات، ئەمەلگە ئاشمايدىغان نىشان ئۈچۈن جېنىنىڭ بارىچە كۆرۈشىش دېمەكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھايات تىنچ ئۆتمەيدۇ، تىنچ ئۆتۈشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. مەن بەلكىم بىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ نىشانى زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بەلمەيدىغاندىمەن، بىراق، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قاراپ باتۇرلارچە ئالغا ئىلگىرىلەشتە پەقەت تىرىشچانلىققىلا تايىنىشىمىز كېرەك.
    ئىنسانىيەتنىڭ پۈتكۈل تارىخى مۇنازىرىسىز بىر ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ: خۇدانى سېزىپ يېتىش ئۈچۈن لوگىكىلىق ئەقلىي يەكۈنگە ئەمەس، خۇداغا ئىتائەت قىلىشقىلا تايىنىش كېرەك. ئالدى بىلەن بىز ئۆز قەلبىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەمدە كىم بولۇشىمىزغا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى تۇيۇشىمىز كېرەك. ئاندىن، بىز يەتمەك بولغان نىشانىمىز تامان ئىلگىرىلەشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. بىز گۇناھ ئىچىدە داۋاملىق ياشامدۇق، ياكى گۇناھلىق تۇرمۇشىمىزنى ئاخىرلاشتۇرامدۇق، تاللاش ئەركىنلىكىمىز بار.
    بۈيۈك نەتىجىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى روھىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، نەتىجىلەر تىنچ-خاتىرجەم قەلب خىزمىتىدىن كېلىدۇ، ئۇ ھەرگىز دەھشەت ئالدىراشقا تېرىشىشنىڭ مېۋىسى ئەمەس. خۇددى شۇنىڭدەك، پەقەت كۈچلۈك ئۇرۇش ئەمەس، سەل-پەللا نوقۇپ قويسا، ئاندىن قەسىر ئىشىكى ئاستا-ئاستا ئېچىلىدۇ.

    4-ئاينىڭ 20-كۈنى

     

    ئۆزىنى قۇربان قىلىش

    ئۆزىدىن ۋاز كېچىش ھەرگىزمۇ ھاياتتىن ۋاز كېچىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكسىچە، سىز جىسمانىي ھاياتىڭىزدىن ۋاز كەچسىڭىز، ھەقىقىي روھىي ھاياتىڭىز ئاشىدۇ.
    مۇقەددەس روھىڭىز ئۈچۈنلا ھايۋانىي ھاياتىڭىزدىن ۋاز كەچسىڭىز، ئاندىن بۇ ھەقىقىي ئۆز-ئۆزىنى قۇربان بېرىش بولىدۇ. مۇبادا، سىز خۇدا بىلەن ياشىسىڭىز، بۇ پانىي دۇنيانىڭ سىزگە قىلچە كېرىكى قالمايدۇ.
    قۇياش نۇرى بولمىسا، ئۆسۈملۈكلەر ھايات تۇرالمايدۇ؛ سۆيگۈ-مۇھەببەت بولمىسا، ئادەممۇ ھايات ياشىيالمايدۇ.
    ئەڭ بۈيۈك سۆيگۈ، ئۆز دوستىڭىزغا سۆيگۈ بېرىش ئۈچۈن ھەر قاچان تەخ تۇرۇش. ھەقىقىي ھايات بىر خىل قۇربان بېرىشتۇر.
    ئۆزىڭىزنى ئۇنتۇپ كەتسىڭىز، بارچە ياخشى-خەيرلىك ئىش-ئەمەللەرنى قىلالايسىز. كىشىلەر شۇنداق بولغاندىلا، ئاندىن بۇ دۇنيا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ.

    4-ئاينىڭ 21-كۈنى

     

    كەمتەرلىك ۋە كىچىك پېئىللىق

    تىل-ھاقارەتكە قالغىنىڭىزدا، خۇش بۇلۇڭ. ماختاپ ئۇچۇرۇشلارنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، تەشۋىشلىنىڭ.
    كىچىك پېئىللىق بولمىسا، ھەر قانداق پەزىلەت−ئالايلۇق، گۈزەللىك، نوپۇز، بايلىق، تەربىيەت، ھەتتا مېھرىبانلىق−ھەممىسى يوقىلىدۇ ياكى ئەكسىگە ماڭىدۇ.
    شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، خەيرلىك ئىش خۇدانىڭ ھەرىكىتىدۇر، ئۇ سىزسىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ ۋە تاماملانمايدۇ. سىز ئەقەللىي خەيرلىك ئىشلارغا قول تىققان تەقدىردە، ئۇمۇ ئالاھىدە ئىنئام بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ھەرقانداق ئالاھىدىلىكىڭىز ئۈچۈن بېرىلگەن ھەدىيە ئەمەس.
    ھەممىگە ئايانكى، كىچىك پېئىللىق بىلەن قول قوشتۇرۇپ تۇرغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەممە ئىش يەڭگىل، كۆڭۈللۈك ۋە ياخشىدۇر. بىراق، بىز كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئالدىنقى شەرت بويىچە ياشايدىغان بولساق، ھارۋا تىزگىنى ئۇنچىۋالا يەڭگىل ئەمەسلىكىنى، بىزنىڭ يۈكىمىز كۆڭۈللۈك ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يېتىمىز. بۇ نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟ بۇ، بىر بولسا يا ئۇ ئالدىنقى شەرتنىڭ خاتالىقىنى، يا بىر بولسا بىزنىڭ كىچىك پېئىللىقىمىز تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

    4-ئاينىڭ 22-كۈنى

     

    ھەقىقەت

    سىزنىڭ پۈتكۈل ھاياتىڭىزدا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى، خۇدا سىزگە ئاتا قىلغان مەنىۋى يوشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتۇر.
    بىزنىڭ كاللىمىز بىلەن يۈرىكىمىز ئوخشاشمايدۇ. بىز كاللىمىز ئارقىلىق كۈندىلىك تۇرمۇشنى چۈشىنىمىز. مەنىۋىيىتىمىزنى ئىشقا سېلىپ، ئۆز روھىمىز ۋە خۇدانى تۇيۇمىز.
    ھەقىقەت ھاياتىمىزنىڭ ئىپتىداسى ۋە ئىنتىھاسى. ھەقىقەت يەككە ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، بەلكى ئۇنى سۆيگۈ يارىتىدۇ.
    باشقىلارنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلاش ئەلۋەتتە تولىمۇ ياخشى ئىش، ئەمما، ئۆزىڭىزنىڭ يالغانچىلىقىنى ئۆزىڭىز ئاشكارىلاش، تېخىمۇ ياخشىدۇر. سىز بۇنداق شادلىقتىن تەبىئىي ھالدا ھۇزۇرلىنىشىڭىز كېرەك.
    ۋىجدانلىق، سەمىمىي ئادەملەر ئارىسىدىمۇ دەرۋەقە بەزى ئوقۇشماسلىقلار سادىر بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، بۇ كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىنى تۆۋەن چاغلىغانلىقتىن بولىدۇ.

    4-ئاينىڭ 23-كۈنى

     

    ئېزىقىش

    ئەگەر، ئات دەل ۋاقتىدا قەدىمىنى توختاتمىسا، ياخشى ئات باقارمۇ تىزگىننى قويىۋەتمەيدۇ، بەلكى ئات توختىغانغا قەدەر تىزگىننى كۈچەپ تارتىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئەسكى ئادەت ۋە ناچار ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭىز بىلەن توختاۋسىز كۈرەش قىلىشىڭىز كېرەك، شۇندىلا سىز ئۇلارنى مەغلۇب قىلالايسىز، بەلكى ئۇلار سىزدىن غالىب كېلەلمەيدۇ.
    سىز ئۆزىڭىز تىزگىنلىيەلمەيدىغان نەرسىگە ئېرىشىشنى زىيادە ئارزۇلاپ كەتمەڭ. ھەر قانداق ئادەمدە ھەرقانداق يامان ئادەتنى بىت-چىت قىلالايدىغان قۇدرەت بار.
    ھەر بىر ئادەم ماڭا چانا سۆرەپ كېتىۋاتقان ئاتنى ئەسلىتىدۇ. مەيلى سىز خالاڭ ياكى خالىماڭ، بۇ ئۆمرىڭىزدە ئىشلىمىسىڭىز بولمايدۇ. بىراق بەزىلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن ماددىي ئىشلارنى قىلىشىدۇ، بەزىلەر بولسا پۈتۈن بارلىقى بىلەن مەنىۋى ياشايدۇ.
    بەزىلەر تەن جىنايىتى ئۆتكۈزىدۇ، ئالايلۇق، ئاچكۆزلۈك، شارابخورلۇق، شەھۋانىيەتلەر ئارىلىشىپ قالغان غەزەپ، ئۇلار ئۆزلىرى خالىسىلا بۇنداق گۇناھلىق ئىشلارنى تونۇپ يېتەلەيدۇ ھەم ئۇنى يوقىتالايدۇ. بەزىلەر، ئەخلاق جىنايىتى ئۆتكۈزىدۇ، ئالايلۇق، مەغرۇرلۇق قىلىدۇ ھەم ھەددىدىن ئارتۇق مال-دۇنيا يىغىۋالىدۇ، ھامان ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغان بۇ گۇناھلار ۋە ئېزىقىشلارنى پەرق ئېتەلمەيدۇ.

    4-ئاينىڭ 24-كۈنى

     

    ئاچچىقلىنىش ۋە ئۆچمەنلىك

    دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى نەرسە، كىشىلەر ئارا سۆيگۈدۇر. سىزنىڭ گەپ-سۆزىڭىز سەۋەبلىك بۇ سۆيگۈ بۇزۇلمىسۇن.
    دەتالاشلار شىددەتلىك كەلكۈن قاش-قىرلارنى بۇزۇۋەتمەكچى بولغاندەك باشلىنىدۇ. قاش-قىرلار بىرلا ئۆرۈلسە، كەلكۈننى توسۇپ بولالماي قالىسىز. دەتالاشلار گەپ-سۆزلەردىن خالىي بولالمايدۇ.
    −«يەھۇدىيلار قانۇنى»دىن
    مۇنازىرىلەر ھەرقانداق كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ، ئەكسىچە غەيرى مەقسەت-نىيەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ، ئىچىدە غەزىپىنى قوزغايدۇ.
    بىزنىڭ ئۆزىمىزدىمۇ باشقىلارنى ئەيىبلەيدىغان مانا شۇنداق يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇتلۇقىنى بايقىۋېلىشىمىز تەس ئەمەس.
    ئۆز ئارا قېيىشىپ قالغان ئىككى ئادەمنىڭ ھەر ئىككىلىسى خاتا قىلغان بولىدۇ. ئۇلاردىن بىرەرسى دۈشمەنلىشىشتىن ۋاز كەچسىلا، ئۆز ئارا ئۆچمەنلىكلەر يوقىلىدۇ.

    4-ئاينىڭ 25-كۈنى

     


    ئىدىيە

    ئەقىل-پاراسەت ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر، ئۆزىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بولسۇن ياكى باشقىلار ئىپادىلىگەن ئەقىل-پاراسەت ئىدىيىلىرى بولسۇن، ھەممىسى شۇنداق. سىز ئۆز نىشانىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بۇ پاراسەتلىك ئىدىيىلەرنىڭ سىزگە بېرىدىغان ياردىمى ھەرقانداق نەرسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
    بىز يېڭى بىر خىل ئىدىيىلەرنى ئاڭلىغىنىمىز ھەمدە ئۇنى توغرا تاپقىنىمىزدا، خۇددى تۇغۇلۇپلا ئۇنى بىلىدىغاندەك تۇيۇلىدۇ. سىزنىڭ روھىي چوڭقۇرلۇقىڭىزدا بۈيۈك ھەقىقەتلەر ساقلىنىپ ياتقان بولىدۇ.
    دۇنيادا مۇنداق ئىككى خىل ئادەملەر بار: بىر خىلى، ئاۋۋال ئويلىنىپ ئاندىن سۆز-ھەرىكەت قىلىدۇ؛ يەنە بىر خىلى، ئاۋۋال سۆز-ھەرىكەت قىلىپ بولۇپ ئاندىن ئويلىنىدۇ.
    خرىستوس بىزگە يول كۆرسىتىدۇ، ئۆز ئالدىغا ئىبادەت قىلىش تولىمۇ پايدىلىقتۇر. بىراق، بىز باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئىبادەت قىلساقمۇ بولىۋېرىدۇ. ئەل-جامائەت بىلەن ئوپچە ئىبادەت قىلىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. باشقىلار بىلەن بىللە ئىبادەت قىلغاندا، باشقىلارنىڭمۇ ئۆز كۆڭلىدە ئوخشاش ھېسسىياتتا بولىدىغىنىنى ئويلايلى.
    بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر، بىزنىڭ ئىدىيىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەردىن باشلىنىدۇ. بىزنىڭ ئۆز ئىدىيىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزدىنمۇ مۇھىمدۇر.

    4-ئاينىڭ 26-كۈنى

     

    دۇنيادا گۇناھ يوق

    مەن خۇدادىن مۈشكۈل ئىشىمنى ئاسان قىلىڭ، دەپ تىلەيمەن. بىراق، بۇ مۈشكۈلاتلارنى خۇدا ماڭا ھەدىيە قىلغان، ئۇنىڭ مەقسىتى رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىشىم ئۈچۈندۇر. ئىگەم قامچىسى بىلەن پادىلارنى ئوت كەتكەن قوتىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ، بۇ ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈندۇر، بىراق، پادىلار ئۆزىگە قامچا تەگمىسىكەن دەپ تىلەيدۇ.
    كىچىككىنە مۈشكۈلاتلار كۆڭلىمىزنى پاراكەندە قىلىدۇ، ئەكسىچە، چوڭ مۈشكۈلاتلار بىزنى ھەقىقىي تۇرمۇش، يەنى مەنىۋى تۇرمۇش قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ.
    بىز ئازاب ۋە كېسەللىككە مۇھتاجمىز؛ بىزنىڭ تارتقان ئازابلىرىمىز ئۆزىمىزنى چۈشىنىشىمىزگە، خۇدانىڭ ھىممىتىگە ئېرىشىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. مۈشكۈلات، ئازاب ۋە يىقىلىشلار بولمىسا بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز، بەخت-تەلىيىمىز ۋە ئاسانچىلىقلىرىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتى بولمايدۇ.
    سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەنىۋى ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىزنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغان پۇرسەتنى ئىزدەڭ، شۇندىلا، مۈشكۈلات ئازابى يەڭگىللەيدۇ.

    4-ئاينىڭ 27-كۈنى

     

    ھازىردا ياشاش

    بىز ۋاقىتنى ئېقىن سۇغا ئوخشىتىمىز، بىراق بۇ خاتا. بۇ خۇددى كېمىدە ئاستا-ئاستا سىلجىۋاتقىنى ۋاقىت دەرياسى ئەمەس، بىز بولغىنىدەك بىر ئىش. بىز كېمىگە ئولتۇرغاندا كېمە ئەمەس، قىرغاق مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.
    ھايات ئازاب-ئوقۇبەتلىك ۋە قىسقا. بىز قىسقىغىنا ھاياتىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ يېتەرلىك سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى سۆيگەن ئادەملىرىمىزگە بېرىپ بولۇشقا ۋاقتىمىز يېتىشمەيدۇ. شۇڭا، ۋاقتىمىزنى چىڭ تۇتۇپ، ياخشى ئىش-ئەمەللەر بىلەن مەشغۇل بولايلى.
    ھايات ئۇقۇمى مۇنداقلا قارىماققا تولىمۇ ئاددىي. «مەن ئۆز ۋۇجۇدۇم بىلەن سۆيىمەن، شۇڭا ھايات مېنىڭ جىسمىمدا.» بىراق، سىز جىسمىڭىزنىڭ قايسى يېرىدىن ھاياتنى تاپالايسىز؟ ھايات سىزنىڭ تىرناقلىرىڭىز، چاچلىرىڭىز، پاقالچەكلىرىڭىز، ھەتتا سىزنىڭ قېنىڭىزدىمۇ ئەمەس. شۇڭا، سىز ئۆز ھاياتىڭىزنى ۋاقىت ئىچىدىن ئاسانراق تاپالايسىز. مەن دەسلەپ 20 گە، ئاندىن 30، 40، 50 ۋە ياكى 60 قا كىرىمەن. بىراق، مېنىڭ ئۇيقۇم ھاياتىمنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەپ كېتىدىغىنى ئۆزۈمگىمۇ ئايان. مەن ئۇخلاۋاتقىنىمدا ھايات ياشىغان بولامدىم؟ مەن ئانامنىڭ قورسقىدا ياتقاندا، ئۇنى ھايات ياشىدى دېگىلى بولامدۇ؟ شۇڭا، ھاياتنى ئەگەر ماكان بىلەن ئۆلچىگىلى بولمىسا، زامان−ۋاقىتتىنمۇ تاپقىلى بولمىسا، ئۇ ماكان-زامان سىرتىدا مەۋجۇت بولغان بولىدۇ. ئىككىنچى تۈرلۈك ئېيتقاندا، ھايات روھتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

    4-ئاينىڭ 28-كۈنى

     

    ئۆلۈم

    ئۆلۈم، بىز ئۆزىمىزنى قورقۇتىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋالغىنىمىزنى ھېسابقا ئالمىغاندا قىلچە قورقۇنچلۇق ئەمەس.
    ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز پانىي دۇنياغا ئولتۇراقلىشالمايسىز، بەلكى پانىي دۇنيادىن قونالغۇدەك ئۆتىسىز. سىز جىمجىت تۇرۇۋاتقان بىر ئۆيدە ئەمەس، بەلكى چېپىپ كېتىۋاتقان پويىزدا ياشايسىز، ئۇ پويىز سىزنى ئۆلۈم مەنزىلىگە يەتكۈزىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز ئۆلسىڭىز پەقەت جىسمىڭىزلا ئۆلىدۇ، ئەمما ھەقىقىي مەڭگۈ ياشاپ قالىدىغىنى، پەقەت سىزنىڭ روھىڭىزلا بولىدۇ.
    كويزا-كىشەن سېلىنغان مەھبۇسلارغا قاراپ بېقىڭ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، بەزىسى ئىجرا قىلىنىدۇ، ئۇنى بەزىسى تاماشا قىلىپ كۆرۈشىدۇ. ھاياتنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدىغان ئادەم ھاياتنى مانا شۇنداق دەپ بىلىۋېلىشىدۇ.
    ماددىي ئۆلچەش ئەسۋابلىرى مەنىۋى ھاياتنى ئۆلچەشكە قادىر ئەمەس.
    گۇناھ ۋە ئازابلار مېنى ئازابلايدۇ، ئەمما ئۆلۈم مېنى ئازاد قىلىدۇ. شۇڭا، مەن قانداقمۇ ئۆلۈمنى ياخشى ئىش ئەمەس، دېيەلەي؟

    4-ئاينىڭ 29-كۈنى


    ئۆلگەندىن كېيىن

    «ئۆلگەندىن كېيىن قانداق بولىدىغاندۇ؟» دەپ سورىشىدۇ كىشىلەر. ئۆزىڭىزنى مۇقەددەس ياراتقۇچىمىزغا تاپشۇرۇڭ، چۈنكى، ئۇ بارچە سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە ئىزگۈلۈكلەر ئىكەنلىكى سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگىمۇ ئايان. شۇنداق بولغاندىلا سىز كەلگۈسىدە ھەممىنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىدىغىنىغا ئىشىنىسىز.
    بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز قانچىكى مەنىۋى بولغانچە بىز مەڭگۈلۈك ھاياتقا شۇنچىكى ئىشىنىمىز. كەلگۈسىمىزدىكى پەردىلەر ئېلىپ تاشلىنىپ، زۇلمەت تارقالسا شۇندىلا بىز ئۆزىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكىنىمىزنى ھېس قىلىمىز.
    مەن ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بارلىق دىنلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئىشەنمەيمەن، يەنى، مەن ھايات قانۇنىيىتى خۇسۇسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزگەن. مەن ئىدىيە تارىخى، ئىنسانىيەت تارىخى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەن، ئۆزۈمنىڭ ئىچكى ئۆزلۈكىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەنمەن. ئاخىرى ئېرىشكەن يەكۈنۈم شۇ بولدىكى، دۇنيادا ئۆلۈم مەۋجۇت ئەمەس. دۇنيادا پەقەت مەڭگۈلۈك ھاياتلا مەۋجۇت، مۇكەممەل مەڭگۈلۈككە قاراپ ئىلگىرىلەش ھاياتنىڭ قانۇنىيىتىدۇر.

    4-ئاينىڭ 30-كۈنى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.