3-ئىمپىرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاك بولۇشى(3- بۆلۈم ئۇرۇش يولىغا مېڭىش)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-09 21:11:17

ئۈچىنچى ئىمپىرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى3-ئىمپىرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاك بولۇشى(3- بۆلۈم ئۇرۇش يولىغا مېڭىش) داۋامى1 بۈيۈك برىتانىيە باشچىلىقىدىكى بۇ دۆلەتلەر گېرمانىينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارن...


     


    ئۈچىنچى ئىمپىرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى


    3-ئىمپىرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاك بولۇشى

    (3- بۆلۈم ئۇرۇش يولىغا مېڭىش)
       داۋامى1

    بۈيۈك برىتانىيە باشچىلىقىدىكى بۇ دۆلەتلەر گېرمانىينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىشنىڭ پاكىتقا  ئايلانغانلىقىنى ئېتراپ قىلماقچى بۇلۇپ كېلىۋاتاتتى،بۇ پاكىت گىتلېر تەسەۋۇر قىلغاندەك مەخپىي ئەمەس ئىدى .ئۇلار گېرمانىينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار جەھەتتە تامامەن باراۋەر ئورۇنغا ئېرىشىىشىگە يول قۇيۇش ئارقىلىق گېرمانىىينىڭ ياۋروپا مەسىلىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش چارىسى شەرق لوكارنو ئەھدىنامىسى تۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، شەرقتىكى دۆلەتلەرنى ، بولۇپمۇ روسىيە ، پولشا ۋە چېخوسلوۋاكىيىنى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ  لوكارنو ئەھدىنامىسىدە بەھرىمان بولغىنىدىكىگە ئوخشاش بىخەتەر قىلالايتتى، بەلكى گېرمانىيىنىمۇ شۇنداق بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئېرىشتۈرۈشنى ئېيتىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى . شۇ چاغدىكى ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى سىر يوھان سىمون گىتلېرنىڭ ئىدىيىسىنى قىلچىمۇ چۈشەنمەيتتى. ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ نېۋىللې چېمبېرلىننىڭ ئەجدادى دېيىشكە بولاتتى. ئۇ 1934-يىل مايدا گېرمانىيىگە ھەربىي ھازىرلىق جەھەتتىكى باراۋەرلىكنىڭ بېرىلىشىنى تەكلىپ قىلغان، فرانسىيە بۇنداق پىكىرگە كەسكىن قارشى تۇرغان .
    لېكىن،  1935-يىل فېۋرالنىڭ باشلىرىدا ، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ھۆكۈمەتلىرى بىرلىكتە ھەربىي ھازىرلىقلار جەھەتتىكى باراۋەرلىك ۋە شەرق لوكارنو ئەھدىنامىسى تۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇميۈزلىك ھەل قىلىش تەكلىپىنى يەنە ئوتتۇرغا قويدى. ئۆتكەن ئايدا _ 13-يانۋاردا، سائار ئاھالىسى 48 مىڭ ئاۋازغا قارشى 477 مىڭ مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز  بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كۆمۈر مەھسۇلاتى مول بۇ كىچىككىنە يېرىنىڭ قايتىدىن گېرمانىيە تەۋەسىگە ئۆتۈشىگە قوشۇلغانىدى، گىتلېر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاشكارا يوسۇندا: گېرمانىينىڭ ئەمدى فرانسىيەدىن زېمىن تەلىپى قالمىدى دەپ جاكارلىدى. بۇ گېرمانىيە ئالساس –لورايىنغا بولغان تەلىپىدىن ۋاز كەچتى دېگەنلىك ئىدى. سائارنىڭ تىنچ يوسۇندا گېرمانىيە تەۋەسىگە قايتىدىن كىرىشى ۋە گىتلېرنىڭ گېپى پەيدا قىلغان ئۈمىدۋار ۋە ئاق كۆڭۈللۈك كەيپىياتتا ،ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىنىڭ تەكلىپى 1935-يىل فېۋرالدا گىتلېرنىڭ ئالدىغا رەسمىي قويۇلدى.
      گىتلېرنىڭ 14-فېۋرالدىكى جاۋابى بىر ئاز مۈجىمەل ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ نۇقتىئىنەزىرى بۇيىچە قارىغاندا، بۇنى چۈشىنىشكە بولاتتى. بۇ پىلان گېرمانىيىنى ئاشكارا ھەم قىلچە تارتىنىپ تۇرمايلا قايتىدىن قوراللىنىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلاتتى، شۇڭا گىتلېر ئۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. لېكىن ئۇ گېرمانىينىڭ شەرق لوكارنو ئەھدىنامىسىنى تۈزۈشنى خالاش-خالىماسلىقى مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش پوزىتسىيىسىنى قوللاندى.شەرق لوكارنو ئەھدىنامىسىنى تۈزۈش ئۇنىڭ پۇت-قولىنى چۈشەپ قوياتتى-دە، ئۆزى ئەزەلدىن گېرمانىيىنىڭ ھاياتلىق ماكانى بولىدىغان يەر دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئاساسىي رايونلارغا قول سالمايدىغان بولۇپ قالاتتى. بۇ مەسىلىدە بەلكىم ئەنگلىيىنى فرانسىيدىن ئايرىۋىتىشكە بولار؟ پولشا،چېخوسلوۋاكىيە ۋە رۇمىنىيە بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆزئارا ياردەم قىلىش كېلىشىمىنى تۈزگەنلىكتىن، فرانسىيە شەرقنىڭ ئامانلىقىغا بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلەتتى. گىتلېر چوقۇم شۇنداق ئويلىغانىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن بېرىلگەن جاۋابىدا، ئۇ ئومۇمىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنى ھەمدەئەنگىليە تەرەپنىڭ گېرمانىيىگە كېلىپ دەسلەپكى قەدەمدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلغان.سىر يوھان سىمون بۇنىڭغا خوشاللىق بىلەن قوشۇلدى،شۇنداق قىلىپ، 6-مارتتا بېرلىندا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇلۈپ كېلىشتى. بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئاۋۋال، ئەنگلىيە ئاق تاشلىق كىتابىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋېليام كوچىسى تەرەپنىڭ شەكلەن غەزىپىنى قوزغىغانىدى. ئەمەلىيەتتە، بېرلىندىكى كۆپ سانلىق چەت ئەللىك كۆزەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىشىچە،بۇ ئاق تاشلىق كىتاب گېرمانىينىڭ مەخپىي ھالدىكى ھەربىي ھازىرلىقلارنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىشىغا قىلىنغان سەگەك مۆلچەرئىدى. گېرمانىينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئەنگىليىنىڭمۇ مۇۋاپىق ھالدا ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆپەيتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. لېكىن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، گىتلېر بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن. سېمون بېرلېنغا كېلىشنىڭ ھارپىسىدا نيۇرات ئۇنىڭغا فىئورېرغا ''زۇكام" تېگىپ قالغانلىقتىن سۆھبەت ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشكە توغرا كەلدى دەپ ئۇقتۇردى.
    گىتلېرغا زۇكام تەگكەن-تەگمىگەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ كاللىسىدا ئۇشتۇمتۇت يېڭى پىكىرنىڭ تۇغۇلغانلىقىدا مەسىلە يوق ئىدى. ئەگەر ئۇ بۇ يېڭى پىكىرنى يۈرەكلىك ھەركەتكە ئايلاندۇرىدىغان بولسا، سىمون ۋە ئېدېنلارنىڭ ئۇنىڭ يېنىدا بۇلۇشى كىشىنى گاڭگىرىتىپ قويغان بولاتتى. ئۇ ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئەجەللىك زەربە بېرىشكە بولىدىغان بىر باھانە تاپتىم دەپ ھېسابلىدى. فرانسىيە ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندىلا ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى 18ئايدىن ئىككى يىلغا ئۇزارتىش قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى، چۈنكى1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۇغۇلغان يىگىتلەر يېتىشمەيتتى. 10-مارتتا، گىتلېر سىناش شارىدىن بىرنى قۇيۇپ بېرىپ، ئانتانتا دۆلەتلەرنىڭ ئىرادىسىنى تەكشۈرۈپ باقتى.پۇت_قولى چاققان ۋارد پرىس گېرىنگنى بىر قېتىم زىيارەت قىلىشقا چاقىرتىلدى. گېرىنگ پۈتۈن دۇنيا بىلىدىغان ئىشنى_ گېرمانىينىڭ ھاۋا ئارمىيىسىگە ئىگە بولغانلىقىنى _ئۇنىڭغا رەسمىي تۈردە ئېيتتى. گىتلېر لوندوننىڭ ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىنىڭ بۇنداق بىر تەرەپلىمە بىكار قىلىنىشىغا بولغان ئىنكاسىنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن كۈتتى. بۇنىڭ نەتىجىسى خۇددى ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولۇپ چىقتى. سىر يوھان سىمون تۆۋەن پالاتىغا ئۆزىنىڭ يەنىلا بېرلىنغا بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
    شەنبىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق ھەرىكەت
    گىتلېرنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپى شەنبىدە قولللىنىشقا قالدۇرۇلاتتى، 16-مارت_ شەنبە كۈنى بۇ باش مىنىستىر مۇنداق بىر پەرماننى جاكارلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھەربىي خىزمەت ئۆتەش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ ھەمدە تىنچ دەۋردە 12 كورپۇس ۋە 36 دىۋىزىيىدىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 500 مىڭ كىشىلىك ئارمىيە قۇرۇلىدۇ دەپ بەلگىلەندى. فرانسىيە ۋە ئەنگلىيە ھەرىكەت قوللانمىسا، ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىنىڭ ھەربىي چەكلىمىلىرى شۇنىڭ بىلەن يىمىرىلەتتى. ئۇلار گىتلېرنىڭ ئويلىغىنىدەك نارازىلىق بىلدۈردى، لېكىن ھەرىكەت قوللانمىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرىنى گىتلېرنىڭ يەنىلا قوبۇل قىلىشىنى خالاش-خالىماسلىقىنى ئالدىراش سورىدى.بۇ مۇستەبىت بۇ  مەسىلىگە مەردلىك بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ جاۋاپ بەردى.
     17-مارت، يەكشەنبە كۈنى_ گېرمانىيە ئۈچۈن تەبرىكلەش كۈنى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىنىڭ ئاسارەتلىرىدىن _ گېرمانىيىنىڭ مەغلۇبىيەت ۋە خورلۇقىنىڭ سىمۋولىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىندى.بىرەر نېمىس گىتلېرنى ۋە ئۇنىڭ باندىتلارچە ھۆكۈمرانلىقنى قانچىلىك ياقتۇرماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، فىئۇرېرنىڭ ھۆكۈمىتى ھەتتا سىناپ كۆرۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان ئىشنى تاماملىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر ئىدى. كۆپ سانلىق نېمىسلارنىڭ نەزىرىدە، دۆلەتنىڭ شان-شەرىپى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنىدى.بۇ يەكشەنبە ھەم جەڭدە قۇربان بولغان كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ خاتىرە كۈنى ئىدى. چۈشتە مەن دۆلەتلىك ئوپېراغا بېرىپ خاتىرە مۇراسىمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدىم،ئۇ يەردە گېرمانىيىدە 1914-يىلدىن بېرى بۇلۇپ باقمىغان مەنزىرىنى كۆردۈم. بىنانىڭ ئاستى ھەبىي كىيىملەرنىڭ دېڭىزىغا ئايلانغانىدى. سابىق ئىمپىرىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ رەڭگى ئۆچكەن كۈل رەڭ فورمىلىرى ۋە ئۇچلۇق پولات قالپاقلىرى بۇرۇن ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا رەڭ  فورمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى ئارمىيىنىڭ فورمىلىرى بىلەن ئارىلىشىپ گىتلېرنىڭ يېنىدا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى مارشالى فون ماكېنسېن تۇراتتى. ئۇ گېرمانىيە پادىشاھلىق  ئارمىيىسىنىڭ بىردىنبىر تىرىك مارشالى بۇلۇپ، باش سۆڭىكى بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن قىران چەۋەندازلارنىڭ مۇراسىم فورمىسىنى كىيىۋالغانىدى. سەھنىدە چىراغلار كۆزنى قاماشتۇراتتى، ياش ئوفىتسېرلار گېرمانىيە  ئارمىيە بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا بەجايىكى مەرمەر تاشتەك قېتىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى ئاجايىپ چوڭ بىر تۆمۈر كرېست ئېسىقلىق تۇراتتى. سىرتىدىن قارىغاندا، بۇ جەڭدە قۇربان بولغان كوماندىر-جەڭچىلەرنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئىدى. ئەمەلىيەتتە بولسا ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىنىڭ ھالاكىتىنى ۋە گېرمانىيىنىڭ ئەسكەر ئېلىش تۈزۈمىدىكى ئارمىيىسىنىڭ تىرىلگەنلىكىنى تەبرىكلەيدىغان شادىيانە مۇراسىم ئىدى.
    كىشىلەر گېنىراللارنىڭ چىرايىدىن ئۇلارنىڭ ئىنتايىن خۇشاللانغانلىقىنى كۆرۈۋالالايتتى. باشقىلارغا ئوخشاش ئۇلارمۇ ئۇشتۇمتۇتلۇق ھېس قىلىشاتتى، چۈنكى يېقىنقى كۈنلەردە ئىزچىل بېرھتېسگادېن تېغىدىكى داچىسىدا تۇرۇۋاتقان گىتلېر ئۆزىنىڭ خىيالىنى ئۇلارغا ئېيتمىغانىدى. گېنىرال فون مانستېيننىڭ كېيىنچە نيۇرنبېرگدا بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئۇ ھەم ئۇنىڭ باشلىقى_ بېرلىن 3-ھەربىي رايون قوماندانى گېنىرال فون ۋىتېرلېبېن 16-مارت كۈنى گىتلېرنىڭ قارارىنى رادىئودىن تۇنجى قېتىم ئاڭلىغان. باش شتاب ئەسلىدە دەسلەپتە ئالدى بىلەن كۆلىمى كىچىكرەك بىر ئارمىيە قۇرماقچى بولغان.
    (فون مانستېين مۇداق دەيدۇ) ئەگەر باش شتابتىن سورىغان بولسا، ئۇ 21 دىۋىزىيە دەپ تەكلىپ بەرگەن بولاتتى... 36  دىۋىزىيىدىن ئىبارەت سان گىتلېرنىڭ بىر خىل ستىخىيىلىك قارارى.
    شۇنىڭ بىلەن باشقا دۆلەتلەر گىتلېرغا بىر قاتار قۇرۇق ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بېرىشتى. ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيىلەر 11-ئاپرېلدا سېرېسادا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، گېرمانىيىنىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئاۋىسترىيىنىڭ مۇستەقىللىكى ۋە لوكارنو ئەھدىنامىسىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى. جەنۋەدىكى خەلىقئارالىق ئىتتىپاق ھەيئىتىمۇ گىتلېرنىڭ قاراملىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، شۇ ھامان بىر ھەيئەت تەيىنلەپ، ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم بۇنداق ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ قەدەم-باسقۇچىنى مۇھاكىمە قىلدى. فرانسىيە گېرمانىيىنىڭ شەرق لوكارنو    ئەھدىنامىسىگە مەڭگۈگە كىرمەيدىغانلىقىنى كۆردى-دە، روسىيە بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىق شەرتنامىسىنى تۈزدى،موسكۋامۇ چېخوسلوۋاكىيە بىلەن شۇنداق بىر شەرتنامە تۈزدى.
    گېزىت تېمىلىرىدىن قارىغاندا،بۇنداق بىرلىشىپ گېرمانىيىگەتاقابىل تۇرۇشتەك ھالەتتە ئازدۇر-كۆپتۇر يامانلىقىنىڭ ئالامىتى بار ئىدى،ئۇ ھەتتاكى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ھەربىي تەرەپتىكى بىر قانچە ئەربابلارنىمۇ بىر ئاز بىئارام قىلدى، لېكىن گىتلېرغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەنىدى، ئەلۋەتتە. خەيرىيەت، ئۇ بىر تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ كۆردى ۋە نەتىجىدە تىنچ-ئامان قالدى.بىراق، بۇ ئەھۋال يەنىلا ئۇنى ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن قانائەتلىنىشكە قويمايتتى. ئۇ ئەمدى يەنە تىنچلىقپەرۋەر مۇقامىمنى چېلىپ باقسام، ئىتتىپاقلىشىپ ماڭا  تاقابىل تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدىن بۇ ئىتتىپاقنى بۇزۇۋېتەلەرمەنمۇ دېگەن يەرگە كەلدى.
    21-ماي ئاخشىمى، دۆلەت پارلامېنتىدا ئۇ يەنە بىر قېتىم «تىنچلىق»نۇتقىنى سۆزلىدى.ئاپتور دۆلەت پارلامېنتىدا گىتلېر نۇتۇقلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاڭلىغانىدى، بۇ قېتىمقىسى بەلكىم مەن ئاڭلىغان نۇتۇقلىرىنىڭ ئەڭ يېقىملىقى بولسا كېرەك،بەلكى ئەڭ ئەپچىل، ئەڭ ئېزىتقۇ نۇتۇقلىرىنىڭ بىرى بولۇشى شەكسىز. شۇ چاغدا گىتلېر كۆڭلى ئازادە كەيپىياتتا كۆرۈندى، ئۇ ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقىنىلا ئەمەس، بەلكى ئاڭلىغۇچىلارنى ئۇشتۇمتۇتلۇق ھېس قىلدۇرىدىغان كەڭ قورساقلىق ۋە يارىشىش روھىنى ئىپادىلىدى. نۇتۇق سۆزىدە ئۇنىڭ ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىنىڭ ھەربىي ئىشلار ماددىلىرىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن دۆلەتلەرگە نارازىلىق ياكى مەنسىتمەسلىك ئىپادىلىمىدى، ئەكسىچە نۇرغۇن ۋەدىلىرى بۇلۇپ، ئۆزىگە كېرىكى پەقەت كۆپچىلىكنىڭ ئادىللىق ئاساسىدىكى تىنچلىق ۋە چۈشىنىشىلا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭغا ئۇرۇش كېرەك ئەمەس ئىكەن؛ ئۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پايدىسى يوق ئىمىش، بەلكى كىشىنى ئىنتايىن يىرگەندۈرەر ئىمىش.
     ئۆتكەنكى 300 يىلدا ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا ئاقان قانلار شۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرگە كەلتۈرۈپ بەرگەن ئاقىۋەتلىرىگە زادىلا ماس كەلمەيدۇ. ئاخىرىغا بېرىپ فرانسىيە  گېرمانىيە يەنىلا    گېرمانىيە، پولشا يەنىلا  پولشا ۋە ئىتالىيە يەنىلا  ئىتالىيە پېتىچە قالىۋەردى. شاھ- سۇلتانلارنىڭ قارا نىيىتى، سىياسى ھىرىس،بىر تەرەپلىمە ۋەتەنپەرۋەرلىك زور مىقداردىكى قان تۆكۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.لېكىن كۆز يېتىم يىراقلىقتىكى سىياسى ئۆزگىرىش جەھەتتە ئېرىشكەن نەتىجە مىللي كەيپىيات جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا پەقەت ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مويىغا تېگىشتىنلا ئىبارەت بولدى، خالاس. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ تۈپكى خاراكتېرىنى ھەرگىز ئۆزگەرتەلمىدى.ئەگەر بۇ دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ بەرگەن قۇربانلىرىنىڭ كىچىك بىر قىسمىنى ئاقىلراق مەقسەتكە ئىشلەتكەن بولسا، مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ زور ۋە تېخىمۇ مەڭگۈ بولۇشى شەكسىز ئىدى.
    گىتلېر گېرمانىيىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى قىلچە ئىستېلا قىلىش نىيىتى يوقلۇقىنى جاكارلىدى.
    بىزنىڭ ئىرق نەزەرىيىمىز شۇنداق ھېسابلايدۇكى، بىرەر ھەت ئەل مىللىتىگە ئىستېلا ۋە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇش يۈزىسىدىن قىلىنغان ھەر بىر ئۇرۇش _كۈنلەرنىڭ بىرىدە غەلىبە قىلغۇچىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۆزگىرىش ۋە ئاجىزلىشىش پەيدا قىلىدىغان، ئاخىرىغا بېرىپ ئۇنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدىغان ئىش... ياۋروپادا ئىشغال قىلىنمىغان ماكان قالمىغانلىقتىن، ھەر بىر غەلىبە... كۆپ دېيىلگەندە بىرەر دۆلەتنىڭ نوپۇس سانىنىڭ كۆپىيىشىنىلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،لېكىن ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇ نۇقتىنى ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىسا، ئۇلار تېخىمۇ ئاددىي ھەم تېخىمۇ تەبىئىي ئۇسۇل ئارقىلىق_ساغلام ئىجتىمائىي سىياسەت يەنى بىرەر دۆلەت خەلقىنى پەرزەنت كۆرۈشنى تېخىمۇ خالايدىغان قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر تامچە ياش ئاققۇزماي تۇرۇپلا بۇ نۇقتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.
    ياق! مىللىي سوتسىيالىزم گېرمانىيىسى ئۆزىنىڭ ئاساسى ئەقىدىسى تۈپەيلىدىن تىنچلىقنى كېرەك قىلىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق ئاددىي ھەم ساددا ئەمەلىيەتنى تونۇپ يەتكەنلىك تۈپەيلىدىن تىنچلىقنى  كېرەك قىلىدۇكى، ھېچقانداق بىر ئۇرۇش ياۋروپانىڭ دەردىنى ماھىيەتتىن ئۆزگەرتەلمەيدۇ... ھەر قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ ئاساسىي ئاقىۋىتىنى دۆلەتنىڭ جەۋھىرىنى بەربات قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ...
    گېرمانىيەتىنچلىققا موھتاج،  تىنچلىقنى ئۈمىد قىلىدۇ!
    ئۇ بۇ نۇقتىدا داۋاملىق گەپ ساتتى.ئاخىرىغا كەلگەندە، ئۇ يەنە تىنچلىقنى قوغداشنىڭ 13 ماددىلىق تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، قارىماققا بۇ  تەكلىپلەر بەكمۇ ھەيۋەت ئىدى، شۇڭا گېرمانىيىدىلا ئەمەس پۈتكۈل ياۋروپادىمۇ چوڭقۇر ھەم ياخشى تەسىر قوزغىدى. بۇ تەكلىپلەرنى بېرىشنىڭ ئالدىدا ئۇ كىشىلەرنى دىققەت قىلىشقا ئۈندەيدىغان مۇنداق گەپ دەپ ساتتى:
    گېرمانىيە فرانسىيىگە، سائار گراژدانلىرى ئاۋاز بەرگەندىن كېيىن بېكىتىلگەن چېگرىنى تەنتەنىلىك تۈردە ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۇگەنىدى... شۇنىڭ بىلەن بىز ئالساس_لوررايىنغا بولغان بارلىق تەلىپىمىزدىن ۋاز كەچتۇق، مۇشۇ بىر پارچە يەرنى دەپ بىز ئككى قېتىم چوڭ ئۇرۇش ئېلىپ بارغانىدۇق... ئۆتكەنگە سالاۋات قىلغان ئەھۋالدا، گېرمانىيە پولشا بىلەن ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى تۈزدى... بىز بۇ شەرتنامىگە شەرتسىز رىئايە قىلىمىز... پولشىنىڭ ئۇلۇغ ھەم مىللىي ئاڭغا ئىگە مىللەتنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىز.
    ئاۋستىرىيە توغرىسىدا مۇنداق دېدى:
    گېرمانىينىڭ ئاۋستىرىيىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، ئاۋستىرىيىنى يۈتۇۋېلىش ياكى ئۆزىگە  قوشۇۋېلىش خىيالىمۇ، ئۈمىدىمۇ يوق.
           گىتلېرنىڭ 13 نۇقتىلىق تەكلىپىنىڭ مەزمۇنى ناھايىتتى كەڭ ئىدى.خەلقئارالىق ئىتتىپاق ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىنى بىكار قىلىشتىن ئىلگىرى گېرمانىيە جەنۋەگە قايتالمايتتى. ئۇ مۇنداق بىشارەت بەردى: ئەگەر خەلقئارالىق ئىتتىپاق ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىنى بىكار قىلىدىغان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تولۇق باراۋەرلىكى ئېتىراپ قىلىنىدىغان بولسا، ئۇنداقتا گېرمانىيە خەلقئارالىق ئىتىپاققا قايتىدىن قاتنىشىدۇ. لېكىن،گېرمانىيە   ۋېرسال سۇلھ شەرتنامىسىنىڭ «تېررىتورىيە توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان » غەيرىي ھەربىي ئىشلار ماددىلىرىغا « شەرتسىز ھۆرمەت قىلىدۇ. بۇلۇپمۇ ئۇ لوكارنو ئەھدىنامىسىدىن كېلىپ چىققان بارلىق مەجبۇرىيەتنى ھىمايە قىلىدۇ ۋە ئۆتەيدۇ ». گىتلېر يەنە گېرمانىيە رېينلاندنىڭ غەيرى ھەربىيلەشتۈرۇشىگە رىئايە قىلىدۇ دەپ ۋەدە بەردى. گەرچە گېرمانىيە بىر خىل كوللىكتىپ بىخەتەرلىك سېستېمىسىىغا قاتنىشىشنى « ھەر ۋاقىت » خالىسىمۇ، لېكىن ئۇ ئككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى كېلىشىمنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. قوشنىلىرى بىلەن ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىلىرى ئىمزالاشنى خالايدۇ. ئۇ يەنە ئەنگلىيە ۋە فرانسىينىڭ لوكارنو ئەھدىنامىسىنى بىر ھاۋا ئارمىيسى كېلىشىمى بىلەن تولۇقلاش ھەققىدىكى تەكلىپىگە قوشۇلۇشقا تەرەددۇت  قىلىۋاتىدۇ.
         ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىشقا كەلسەك، گىتلېر بۇنىڭدا ھەممىگە يول قۇيۇشقا تېخىمۇ تەييارلىنىۋاتاتتى:
    گېرمانىيە ھۆكۇمىىتى ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى، بۇلۇپمۇ تاجاۋۇزچىلىققا باب كېلىدىغان    قوراللارنى، مەسلەن، ئەڭ ئېغىر تىپتىكى زەمبىرەك، تانكىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئېلىپ بارىدىغان ھەر قانداق چەكلىمىگە ماقۇل بۇلۇشنى خالايدۇ... گېرمانىيە زەمبىرەك كالىبرىغا، ئۇرۇش پاراخوتىغا، ئوكيان پاراخوتىغا ۋە مىنا پاراخوتلىرىغا بولغان ھەر قانداق چەكلىمىگە قوشۇلۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداقلا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى سۇ ئاستى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ تونناژىغا بولغان چەكلىمىگە ياكى سۇ ئاستى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قوشۇلۇشنى خالايدۇ....
    بۇ مەسىلە توغرىسىدا گىتلېر بۈيۈك برىتانىيىگە ئالاھىدە بىر يەمچۈك تاشلاپ بەردى. ئۇ گېرمانىيىنىڭ يېڭى دېڭىز ئارمىيسىنى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيسى كۈچىنىڭ 35 پىرسەنتىدە چەكلەشنى خالايدىغانلىقىنى، بۇنداقتا گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيە تونناژى جەھەتتە يەنىلا فرانسىيىدىن %15 تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بەزى چەتئەللىكلەر بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ گېرمانىيە تەلەپلىرىنىڭ باشلىنىشىلا، خالاس دېدى. گىتلېر بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، «گېرمانىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئۆزگەرمەيدىغان تەلەپ » دېدى.
    كەچ سائەت ئوندىن بىرئاز ئۆتكەندە، گىتلېر نۇتۇقىنىڭ خاتىمە قىسىمىغا كەلدى:
    « ياۋروپادا كىم ئۇرۇش ئوتىنى تۇتاشتۇرىدىغان بولسا، قالايمىقانچىلىقتىن باشقا ھېچقانداق نەرسىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلمىسۇن. لېكىن بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، دەۋرىمىزدە ئەمەلگە ئاشىدىغىنى غەربنىڭ ھالاكىتى ئەمەس،بەلكى گۈللىنىشى  بولىدۇ. گېرمانىيە بۇ ئۇلۇغ خىزمەتكە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇشى مۇمكىن، مانا بۇ بىزنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈمىدىمىز ۋە تەۋرەنمەس ئەقىدىمىزدۇر.»
    مانا بۇلار تىنچلىق، ئاقىلانىلىق ۋە يارىشىش توغرىسىدىكى شىرىن سۆزلەر ئىدى. ياۋروپادىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خەلقى ۋە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەر قانداق ئەقىلگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئاساستا، ھەر قانداق ئاساستا دېگۈدەك تىنچلىقنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشنى جىددىي ئۈمىد قىلىشاتتى. شۇڭا بۇ گەپلەر دەل ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا ياقىدىغان گەپلەر ئىدى. برىتانىيە تاقىم ئاراللىرىدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك گېزىت_لوندوندا چىقىدىغان « تايمىس گېزىتى » بۇ گەپلەرنى خۇشاللىقىدىن ئېسىنى يوقاتقۇدەك بولۇپ قارشى ئالدى.
         ... نەتىجىدە بۇ نۇتۇقنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق،تۈز ۋە ئەتراپلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئومۇمەن ئادىل پوزىتسىيىدە تۇرۇپ بۇ نۇتۇققا قارىغانلارنىڭ ھېچقايسىسى شۇنىڭدىن گۇمان قىلمايدۇكى، گىتلېر ئەپەندىمنىڭ ئوتتۇرىغا  قويغان بەزى سىياسەت تەشەببۇسلىرى گېرمانىيە مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىشنىڭ ئاساسىنى تامامەن شەكىللەندۈرەلەيدۇ _ ئەركىن، باراۋەر ۋە قۇدرەتلىك گېرمانىيىنى 16يىلنىڭ ئالدىدا تىنچلىقنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلغان، ئۇرۇشتا مەغلۇپ قىلىنغان گېرمانىيىنىڭ ئورنىغا دەسسىتەلەيدۇ.
    بىز بۇ نۇتۇقنىڭ ھەر قايسى جايلاردا ئەتراپلىق ئويلانغان سەمىمىي نۇتۇق دەپ قارىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
    بۇ چوڭ گېزىت ئەنگلىيە ئاخبارات ساھەسىنىڭ نۇرى ئىدى. لېكىن ئۇ  ئەنگلىيىنىڭ گىتلېرغا تۇتقان چەكسىز زىيانلىق ماداراچىلىق سىياسەتلىرىدە خۇددى چېمبېرلىن ھۆكۈمىتىگە ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان رولنى ئوينىدى.لېكىن ئەڭ   بولمىغاندا مۇئەللىپنىڭ ئۆزىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر گېزىت ھۆكۈمەتتىنمۇ بەتتەر كەچۈرگۈسىز ئىدى، چۈنكى مەزكۇر گېزىتنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى نورمان ئېببۇت 1937-يىل 16-ئاۋغۇسىتتا چېگرىدىن قوغلىنىشنىڭ ئالدىدا، مەزكۇر گېزىت ئۇنىڭدىن گېتلىرنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى ۋە مەقسىتى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى باشقا چەت ئەللىك مۇخبىرلار ياكى_ ئەنگلىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان_چەت ئەل دىپلوماتىيە خادىملىرى يەتكۈزگەن خەۋەرلەردىن بەكرەك ئۇنىڭ ئىز-تىزىنى كۆرسىتەلەيتتى.گەرچە ئۇنىڭ شۇ كۈنلەردە بېرلىندىن « تايمىس گېزىتى»گە ئەۋەتكەن خەۋەرلىرىنىڭ نۇرغۇنى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ (بۇ ئۇنىڭ تولا چاغلاردا مۇئەللىپكە ئاغرىنىپ ئېيتقانلىرى بولۇپ، كېيىن  ئىسپاتلانغانىدى)، لېكىن« تايمىس گېزىتى»نىڭ تەھرىرلىرى ئۇنىڭ پۈتۈن خەۋەرلىرىنى چوقۇم كۆرگەن، ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ۋە  گېتلىرنىڭ سەلتەنەتلىك ۋەدىلىرىنىڭ نەقەدەر قۇرۇق ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلەلىگەنىدى.
         ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى گېتلىرنىڭ تەكلىپىنى، بولۇپمۇ گېرمانىيىنىڭ ئۆزىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى  ئەنگلىيە  دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاران% 35 كۆلىمىدە قىلىشتەك تەكلىپىنى « تايمىس گېزىتى» دىكىلەردەكلا  «سەمىمىي» ۋە «ئەتراپلىق» ئويلانغان دەپ قاراشنى خالايتتى ۋە ئۈمىد قىلاتتى.
    سىر يوھان سىمون ھەم ئېدېن مارتنىڭ ئاخىرلىرىدا  گېتلىرنىڭ قېشىغا كېچىكتۈرۈلگەن زىيارەتكە بارغاندا، گېتلىر مۇغەمبەرلىك بىلەن   ئەنگلىيىنىڭ بۇ تاشقى ئىشلار ۋەزىرىگە بىشارەت بېرىپ، قارشى تەرەپنى ئىككى دۆلەت   ئەنگلىيىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان بىر دېڭىز ئارمىيىسى كېلىشىمىنى ناھايىتى ئاسانلا كېلىشىشى مۇمكىن دېگەن ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ قويغانىدى. ئەمدى 21-مايدا،ئۇ كونكرېت بىر تەكلىپنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ،گېرمانىيە ئىسكادىرىيىلىرىنى  ئەنگلىيە  دېڭىز ئارمىيىسى تونناژىنىڭ 35 پىرسەنتىگىلا يەتكۈزۈشكە قوشۇلدى، بۇنىڭدىن باشقا، نۇتۇقلىرىدا يەنە  ئەنگلىيىگە ئالاھىدە دوستانە گەپلەرنى قىلدى. ئۇ« گېرمانىيىنىڭ  دېڭىز ئارمىيىسى جەھەتتىكى يېڭى رىقابەتكە قاتنىشىدىغان خىيالىمۇ، زۆرۈرىيىتىمۇ يوق، ئامالى تېخىمۇ يوق»دېدى.ئاتالمىش رىقابەت دېگىنى ترىپىتزنىڭ 1914-يىلدىن ئىلگىرى ۋىليام Ⅱ نىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا بىر يىراق ئوكيان  ئىسكادىرىيىسىنى قۇرۇپ،   ئەنگلىيە ئىسكادىرىيىسى بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرغان ئىشىنى ئىشارە قىلاتتى.  ئەنگلىيە بۇ مەنىنى چۈشەنمەي قالمايتتى، ئەلۋەتتە. گېتلىر ئارقىدىن مۇنداق دېدى: «  ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى دېڭىز ئۈستىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان بىر قوغدىغۇچى كۈچكە موھتاج، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇ نۇقتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھەم ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىدۇ... گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىپ ئۆتكەن بۇ بىردىبىر رىقابەتنىڭ قايتا  يۈز بېرىپ قېلىشىدىن مەڭگۈ ساقلىنالايدىغان بىر خىل مۇناسىۋەتنى ئورنىتىشنى ھەمدە ساقلاشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىدۇ.» گېتلىر « مېنىڭ كۈرەشلىرىم»دە شۇنداق ھېسسىياتنى ئىزھار قىلىپ ئۆتكەنىدى،ئۇ كىتابىدا، ئەنگلىيە بىلەن دۈشمەنلىشىش ۋە دېڭىز ئارمىيىسى كۈچى جەھەتتە  ئەنگلىيە بىلەن رىقابەتلىشىشنى گېرمانىيە پادىشاھىنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقلىرىنىڭ بىرى دەپ كۆرسەتكەنىدى.
    گېتلىر تاشلىغان يەمچۈكنىڭ قىزىقتۇرىشى ئارقىسىدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارماققا ئىلىنىشىنىڭ تېزلىكى ۋە مۇئامىلىسىنىڭ ساددا_گوللۇقىغا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. بۇ چاغدا رىببېنتروپ گېتلىرنىڭ دىپلوماتىيە ئەلچىسىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇ تەكلىپكە بىنائەن ئىيۇن ئايلىرىدا دېڭىز ئارمىيىسى سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە لوندونغا باردى.  رىببېنتروپ يۈز-ئابرويىنىلا كېرەك قىلىدىغان، لېكىن تاكتىكا ئۇقمايدىغان ئادەم ئىدى. ئۇ ئىنگلىزلارغا: گېتلىرنىڭ تەكلىپىنى سۆھبەت قىلىشقا بولمايدۇ، يا قوبۇل قىلىڭلار، يا بولدى قىلىڭلار دەپ ئېيتتى.نەتىجىدە  ئىنگلىزلار ئۇنى قوبۇل قىلىپ قالدى. ئۇلار ئۆزلىرىچە بۇنى ئۆزلىرىگە پايدىلىق ھېسابلاشتى. ئۇلار ئىش ئالدىدىن ھەم دېڭىز ئارمىيسى دۆلەتلىرى قاتارىغا كىرىدىغان، بەلكى گېرمانىيىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىشىدىن ۋە ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىىنىڭ ھەربىي ئىشلار ماددىلىرىنى مەنسىتمەيدىغانلىقىدىن ناھايىتى خاتىرجەمسىزلىنىۋاتقان سترېسا فرونتىدىكى ئىتتىپاقدىشى فرانسىيە ۋە ئىتالىيە بىلەن مەسلىھەت قىلماي، گەرچە نامدا ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسى خەلقئارالىق ئىتتىپاق تەرىپىدىن كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ دېيىلگەن بولسىمۇ، ھەتتا ھەم خەلقئارالىق ئىتتىپاققىمۇ ئۇقتۇرۇپ قويمايلا، ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىگە بولغان ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا كىرىشتى.
    بېرلىندىكى كاللىسى ئەڭ ئاددى كىشىلەرمۇ شۇنى ناھايىتى ئاسانلا كۆرىۋالالايتتىكى، گېرمانىيىنىڭ ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدىغا دېڭىز ئارمىيسىنى قۇرۇشىغا لوندون ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇشى گېتلىرنىڭ دېڭىز ئارمىيسىنى دادىللىق بىلەن ئىمكان قەدەر تېزلىكتە بەرپا قىلىشىغا يول قويۇپ بەرگەنلىك ئىدى، ئۇنىڭ پاراخوت زاۋۇتى ۋە پولات زاۋۇتىنى جېنىنىڭ بارىچە ئون يىل كۈچىنىپ ئىشلەش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلاتتى. شۇڭا بۇ گېرمانىينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىشىغا قىلىنغان بىر خىل چەكلەش بولماستىن، بەلكى گېرمانىيىنىڭ ئۆز كۈچى يار بەرگەن دائىرىدە ئامال قىلىپ ئىمكان قەدەر تېزلىكتە دېڭىز ئارمىيىسى جەھەتتىكى ھەربىي ھازىرلىقلارنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىشنى رىغبەتلەندۈرگەنلىك ئىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.