قۇم باسقان شەھەر(مەمتىمىن ھوشۇر)-1

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-13 04:12:01

قۇم باسقان شەھەر مەمتىمىن ھوشۇر 1-قىسىم جاھانكەزدى سۈپۈرگە بىرىنچى باپ قۇياش شاھى ھەشەمەتلىك شەھەر دەرۋازىسىدىن ئېشىگىنى يېتىلەپ چىقىۋاتقان بۇ كىشى جاھانكەزدى سۈپۈرگە ئىدى. شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغ...


     

    قۇم باسقان شەھەر

     

    مەمتىمىن ھوشۇر

     

    1-قىسىم   جاھانكەزدى سۈپۈرگە

    بىرىنچى   باپ

    قۇياش شاھى

    ھەشەمەتلىك شەھەر دەرۋازىسىدىن ئېشىگىنى يېتىلەپ چىقىۋاتقان بۇ كىشى جاھانكەزدى سۈپۈرگە ئىدى. شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا شەھەرگە كىرىشنى كۈتۈپ كېچىچە سىرتتا تۈنىگەن

    كارۋانلار توپلىشىۋالغان ئىدى. سۈپۈرگە ئىسسىق تىنىقلىرى ئۇرۇلۇپ تۇرغان تۆگىلەرنىڭ تۇمشۇقلىرىنى نېرى بېرى قىلىپ  قانداقتۇر ئۇزۇن چاپان. قىسقا چاپان، ساقاللىق  ۋە ساقالسىز  كىشىلەرنى ئارلاپ قىستاڭچىلىقتىن ئۆتتى دە-ئەركىن نەپەس ئالدى. ئىشىكىگە مىنىپ تاش يېيىتىلغان خانلىق يول بىلەن ئىتتىك مېڭىپ كەتتى،

    سۈزۈك ئاسماندىكى يىنىك تەۋرىنىپ تۇرغان ئاق بۇلۇتلار ئۈستىدە ئەتىگەنلىك قۇياشنىڭ قىزغۇچ نۇرلىرى جىلۋىلىنەتتى. سۈپۈرگىنىڭ كۆز ئالدىدا شەھەر سېپىلىغا ياندىشىپ كەتكەن ئېتىزلار  ھەر تەرەپكە سوزۇلغان توپىلىق يوللار، تېخىمۇ يىراقتا بولسا چەكسىز دالا تاشلىنىپ ياتاتتى،  قانچە كارۋانلار ئۇلارنىڭ تۇياقلىرىنى ئۇپراتقان تاشلىق يول سۈپۈرگە ئېشىكىنىڭ ئاياغلىرى ئاستىدا رېتىملىق تاراسلايتتى. قېلىن،  ئېگىز سېپىللار بىلەن قورشالغان ھەيۋەتلىك بىر شەھەر يولوچىنىڭ ئارقىسىدا قالماقتا ئىدى. بۇ شەھەر بۇ ئەتراپقا داڭقى كەتكەن «قۇياش شاھى» نىڭ پايتەختى ئىدى. يائاللا٬  جاھانكەزدى سۈپۈرگە ئۆمرىدە مۇنداق سۆرۈن تەلەت شەھەرنى كۆرگەن ئەمەس٬ شەھەر بەكمۇ چوڭ بولۇپ٬ پادىشاھلىققا قاراشلىق بارلىق ئۆلكىلەردىن بۇلاپ كېلىنگەن بايلىقلار بىلەن تىنىپ كەتكەن ئىدى. قاراڭغۇلىشىپ تۇرغان باغلار بىلەن قورشالغان خان سارايلىرىنى ھەيۋەتلىك تۈۋرۈكلەر بېزەپ تۇراتتى، چاسا خىش ياتقۇزۇلغان كەڭ يوللار، رەڭلىك تاۋلىنىپ تۇرغان راۋاقلار، بۈككىدە دەرەخزارلىق ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاجايىپ گۈمبەزلەر، سۈنئىي تاغلار ئۈستىگە كۆتۈرۈلگەن تاش پەلەمپەيلەر،  شەھەر مەنزىرىسىگە تېخىمۇ سەلتەنەت بېغىشلايتتى،  شەھەر كوچىلىرىدىن ئالتۇن كۆمۈش،  ئېسىل تاشلار، قىممەتلىك ھايۋان تېرىلىرى٬ خۇش پۇراق دورا دەرمانلار. قايسى بىر كىچىكرەك پادىشاھلىقنىڭ سوۋغا-سالاملىرى قاچىلانغان ساندۇق، قاپلانى ئارتقان كارۋانلار شاط ئوردىسىغا قاراپ ئايىغى ئۈزۈلمەي ئۆتۈپ تۇراتتى،  بۇ بايلىقلار بۇ يەردە ئوردىدىكى يەپ ئىچىش،  ئوشۇقچە سۆلەت،  ساراي ئايۋانلارنى بېزەش ئىشلىرىغا سەرىپ بولۇپ تۈگەيتتى.

    جاھانكەزدى سۈپۈرگە بۇ شەھەردىكى ھەشەمەتلەر ئىچىدە باھارنىڭ ھەقىقىي ھىدىنى، ئادەملەرنىڭ چىرايىدا توقلۇقنىڭ بىشارىتى بولغان قىزىللىقنى، قاقاقلاپ كۈلگەن چىن كۈلكىنى كۆرمىدى. شەھەرنىڭ پاسكىنا، تار كوچىلىرى نامراتلار بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى.  ھەشەمەتلىك خان سارايلىرىنى قۇرغان كاسىپلار، قاداقلاشقان قوللىرى بىلەن ئاجايىپ راۋاقلارنى ئۆرە قىلغان ئۇستىلار، ماھىر نەققاشلار بۇ يەردە قىيسايغان. تار كۆلبىلەردە ھايات كەچۈرەتتى. كوچىلاردا مۈكچەيگەن، ئېغىر ئەمگەكتىن ھالسىرىغان كىشىلەر چۈشكۈن قەدەم تاشلايتتى. جاسۇس سۇخەنچىلەردىن خۇدىكسىرەپ، ئەتىراپىغا قاراپ ئېھتىيات بىلەن پىچىرلىشاتتى. دەرەخلەر ئۈستىدە قۇشلار چورقىرىشاتتى. ئارامبەخىش شامالدا يۇپۇرماقلار يىنىك شىلدىرلايتتى. شىرقىراپ ئېقىۋاتقان سۇلار مۇھەببەت ناخشىلىرىنى ئېيتىپ ئېرىق بويلىرىدىكى يېشىل ئوتلارنى سۆيۈپ ئۆتەتتى. لېكىن تەبىئەتنىڭ بۇ بەزمىلىرىدىن خوشال بولغۇدەك كۆڭۈلنى تاپماق تەس ئىدى. 

    شەھەر سېپىلىنىڭ سىرتىدا يەنە «دىۋانىلەرمەھەللىسى»  دەپ ئاتىلىدىغان مەھەللىلەرمۇ بار ئىدى. پاكار-پاكار ئۆيلەر، ئەگرى بۈگرى توپىلىق تار كوچىلاردىن قۇرۇلغان بۇ مەھەللىدە قۇل-قۇل كىيىملىرى بىلەن كوچىنىڭ توپىسىنى توزۇتۇپ ئويناپ يۈرگەن بالىلارنىڭ كۆپلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى. بەزى دىۋانىلەر يەرنى كولاپلا گەمە قىلىپ كىرىۋالغانىدى، ھەر بىر ھويلىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۈكلىرى چۈشۈپ قوتورلىشىپ كەتكەن ئىتلار ئىككى پۇتىنىڭ ئۈستىگە بېشىنى قويۇپ مۈگىدەپ ياتاتتى. بۇ ئىتلار شۇنچىلىك ھورۇنلشىپ كەتكەنكى، بىرەر ئوغرى كەلسىمۇ،  ئىگىسى ئويغۇتۇپ قويمىغۇچە قاۋىمايتتى. ھەر بىر ئۆينىڭ ئىشىكى ئالدىدا دۆۋىلەپ قويۇلغان ئەسكى لاتىلار، تۆمۈر تېسەك، كونا كىيىملەر، خالتىلاردا قورىغان كۆكەرگەن پارچە نانلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. بۇ يەردە بىر تۈپ دەرەخ ياكى كۆكەرگەن ئوت-چۆپمۇ كۆرۈنمەيتتى. ھەممە يەر كۆيۈك ئاپتاپتا ئوتتەك چاڭقاپ ياتاتتى. بۇ مەھەللىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى شەھەرگە كىرىپ دىۋانىچىلىك قىلىش بىلەن جېنىنى باقاتتى. پادىشاط تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ شەھەر ئىچىدە تۇرۇشى مەڭگۈ  چەكلەنگەن ئىدى. شەھەرگە كىرگەندىمۇ ئۇلارنىڭ چوڭ كوچىلارغا ئۆتۈپ تىلەمچىلىك قىلىشى مەنئىي قىلىنغان ئىدى. ئۇلارغا سەدىقە بېرىدىغانلار يەنىلا شەھەرنىڭ ئارقا كوچىسىدىكى نامراتلار ئىدى.

     جاھانكەزدى سۈپۈرگە «قۇياش شاھى» نىڭ بۇ ئۇلۇغ پايتەختىگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. بەلكىم ئېزىپ كېلىپ قالغاندۇ. ياكى تەقدىرنىڭ شامىلى ئۇنى ئۇچۇرۇپ بۇ يەرگە تاشلىغاندۇر.......سۈپۈرگە سەپىرىنىڭ تىزگىنىنى كۆڭلىنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرغان ئىدى. ئۇ قانچە سۇلارنى كىچىپ ئۆتتى، قانداقتۇر كارۋانلارغا ئەگىشىپ ماڭدى، كىملەرنىڭدۇر گۈلخانلىرى ئەتىراپىدا تۈنىدى.

    ئۇ ئۇ شەھەر دەرۋازىسىدىن كىرمەي تۇرۇپلا بۇ لەنىتى ماكانغا كېلىپ قالغىنىغا پۇشايمان يىدى. دەرۋازا قوۋۇقچىلىرى بېشىغا نىپىز بۆك كىيگەن. يۈزىنى قورۇق ساقال باسقان٬ ئۇزۇن يەكتىكىنىڭ بىر پىشىنى پوتىسىغا قىستۇرىۋالغان بۇ غەلىتە ئادەمنى ۋارقىراپ توختاتتى.

    -ھەي ساقال!

    سۈپۈرگە قورۇقچىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغانغا سېلىپ مېڭىۋەردى، چۈنكى ئۇنىڭ ئىسمى ساقال ئەمەس دە.

    -ھەي ساقال، ساڭا گەپ قىلىۋاتىمىز.

    -مېنى چاقىرىۋاتامسىلەر؟

    -ھە سېنى، نەگە؟

    -كۆرىۋاتىسىلەرغۇ، شەھەرگە كىرىپ كېتىۋاتىمەن.

    -ئېشىگىڭنى بۇياققا تارت.

    قورۇقچىلار سۈپۈرگىنى نوقۇپ، تارتقۇشلاپ بىرچەتكە چىقىرىپ يانچۇق قويۇنلىرىنى ئاختۇردى. ئۇلارنىڭ قولىغا بىر نەچچە ئۇششاق يارماقتىن باشقا ھېچنىمە چىقمىدى. كۆپنى كۆرگەن سۈپۈرگە ئۈن چىقماي قاراپ تۇراتتى. ئەلۋەتتە مۇھىمراق نەرسىلىرىنى مۇنداق ماڭدامدا بىر ئۇچىراپ تۇرىدىغان قاراقچىلارنىڭ قولىغا چىقىدىغان يەرگە قويمايتتى.

    - ئۇلۇغ پايتەختىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلەمسەن؟ دەپ سورىدى قورۇقچى.

    -بىلىدىغىنىمدىن بىلمەيدىغانلىرىم كۆپ دېدى سۈپۈرگە. 

    -ئەمىسە ئاڭلاپ قال، بۇ شەھەرگە بىرىنچى نۆۋەت كەلگەن كىشى دەرۋازىدىن كىرىش ھەققى تۆلەيدۇ.

    -خۇدا ھەققى ئۆزۈڭلارمۇ ئاختۇرۇپ كۆردۈڭلار، مېنىڭدە ئاشۇ بىر نەچچە يارماقتىن باشقا ھېچنىمە يوق.

    -پۇلۇڭ بولمىسا شەھەرگە كىرىپ نېمە ئىش قىلىسەن؟ ياكى سەن تىلەمچىلىك قىلماقچىمۇ؟ شۇنداق قىلماقچى بولساڭ يوقال بۇ يەردىن. بىزنىڭ دىۋانىلەر مەھەللىمىزنىڭ دىۋانىلىرىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ....

    -نەدىكى گەپنى قىلىۋاتىسىلەر دەپ چۈشەندۈردى سۈپۈرگە. مەن جاھانكەزدى مۇساپىرمەن، قۇدرىتى تەڭداشسىز «قۇياش شاھى» مىزنىڭ شۆھرىتىنى ئۇلۇغ پايتەختىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، زىيارەت قىلماق بولۇپ يىراقلاردىن كەلدىم. مەندە نەدىمۇ پۇل پۈچەك، مال دۇنيا بولسۇن. دۇنيا يىغىش ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس. بايلىق پەقەت ئۇلۇغ شاھلارغىلا زىننەت قوشالايدۇ....

    نەدە قاراڭغۇ چۈشسە شۇ يەردە تۈنەيمەن. بۈگۈن تاپقىنىمنى ئەتىگە ئاشۇرۇپ قويمايمەن، ئاڭلىغانمۇ سىلەر؟ خۇدا ئەتىگە يەتكۈدەك ئۆمۈر بەرگەن كىشىگە، ئەتىلىك رىزقىنىمۇ قوشۇپ بېرىدۇ. مۇقەددەس كىتاپلارغا ئەنە شۇنداق يېزىلغان.

    - سەن خېلى گەپچى ئوخشىمامسەن؟ دەپ سۈپۈرگىنڭ گىپىنى تارتىۋالدى يەنە بىر قورۇقچى.

    -پۇلۇڭ بولمىسا مۇنۇ قوتۇر ئېشىكىڭنى قويۇپ كەت، بولمىسا خان ئوردىسىغا بىر ئاي ھاشارغا ئىشلەيسەن، ئىككىدىن بىرىنى تاللا.

    -نېمە گەپ بولۇپ كەتتى، مەن زادى چۈشۈنەلمىدىم؟

    -خۇپسەنلىكىڭنى قوي ياكى بىر ئاي ھاشارغا ئىشلەيدىغانغا تۇر ياكى ئېشىكىڭنى قويۇپ كەت.

    بۇ گەپنى ئاڭلاپ سۈپۈرگىنىڭ كۆرۈمسىز ئېشىكى ئاۋازىنى بولۇشىغا قويىۋىتىپ ھاڭراپ، ئۈنلۈكرەك گەپ قىلىشقىمۇ بولمايدىغان بۇ شەھەرنى بېشىغا كىيدى. قورۇقچىلار ئاچچىقىدا ئۇنىڭ بېقىنلىرىغا قاتتىق ئايىغى بىلەن بىر نەچچىنى تېپىۋەتتى. ئېشەك سۈپۈرگە ئۈچۈن قۇياش شاھىدىنمۇ قىممەتلىكرەك ئىدى.

    ئېشەككە تەگكەن تاياق ئۆزىگە تەگكەندەك بولۇپ دۈمبىلىرى قىمىلداپ كەتتى.

     -ھاي، ھاي، ياخشى ئادەملەر ئۇنداق قىلماڭلار دەپ ئارىغا چۈشتى شۈپۈرگە.-كۆرۈپ تۇرۇپسىلەركى، بۇ مۇشۇنداق ئەسكى خۇيلۇق مەخلۇق، خۇدا شۇڭا ئۇنى باشقا نېمە قىلماي ئېشەك قىلىپ ياراتقان، بوپتۇ مەن ھاشارغا ئىشلىسەم ئىشلەي، ئېشەك ئۆزۈمگە قالسۇن. سۈپۈرگە تاش يۇنۇغۇچىلار قاتارىدا تاش چوقۇدى. قانداقتۇر بىر دۆڭنى تۈزگە، تۈزنى دۆڭگە تارتىۋاتقان ھاشارچىلارغا قوشۇلۇپ ئېشىكى بىلەن توپا توشىدى. ئۇ يەردە سېپىللار ئۈستىگە قۇرۇلغان دارلارنى، شەھەر مەيدانىنىڭ ئوتتۇرسىغا ئورنىتىلغان ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ كاللىسى چېپىلىدىغان ھەيۋەتلىك كۆتەكنى، ئايىغىدىكى ئېغىر كىشەنلەرنى شاراقلىتىپ سۆرەپ، قامچا ئاستىدا ئىشلەۋاتقان جىنايەتچىلەرنى كۆردى، ھەممە يەرنى كىشىنىڭ دىمىنى سىقىدىغان  ئېغىر بۇرۇقتۇملۇق،  چوڭقۇر سۈكۈت قاپلىغاندەك قىلاتتى. پەقەت ئىككى ئىشلا سۈپۈرگىنىڭ خاتىرىسىدە ساقلىنىپ قالدى.

    بىر قېتىم ئۇ دىۋانىلەر مەھەللىسىنى كۆرۈپ باقماقچى بېرىپ٬ ئېشىكىدىن ۋە ئۆزىنىڭمۇ جېنىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاسلا قالدى. جۇلدۇر كېپەن بىر توپ ئادەملەر يۇپۇرلۇپ كېلىپ ئۇنى ئېشىكىنىڭ ئۈستىدىن سۆرەپ چۈشتى. قىپيالاڭاچ بالىلاردىن بىر نەچچىسى ئېشەكنىڭ ئۈستىگە مىنىپمۇ ئۈلگۈردى. قالغانلىرى ئۇنىڭ قويۇنلىرىنى ئاختۇرۇپ كىيىملىرىنى تارتقۇشلاپ سۆرىگىلى تۇردى. قورقۇپ كەتكەن سۈپۈرگە :

    -ھاي نائىنساپلار. مۇشۇمۇ ئىش بولدىمۇ؟ سىلەر ئۆز كەسىپدىشىڭلارنىمۇ بۇلاڭ-تالاڭ قىلامسىلەر؟ مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا قەلەندەرغۇ؟ دەپ خىيالىغا كەلگەن گەپلەرنى قىلىپ چۇقان سالدى. ئۇ ۋارقىرىمىغىنىدا بۇ غەلىتە ئادەملەر ئۇنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ گۆشىنىمۇ تالان-تاراج قىلىپ بىر پارچىدىن بۆلۈشىۋالىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ ۋارقىرىشى ھەر ھالدا ئۈنۈم بەردى. يۇپۇرلۇپ كېلىۋاتقان قەلەندەرلەر نېمىشقىدۇر چىپپىدە توختاپ قېلىشتى.

    -سەن راستىنلا قەلەندەرمۇ؟ دەپ سورىدى بىرى.

    - بىلىپ قويۇڭلاركى دەپ گۈركىرىدى سۈپۈرگە، مەن يىراق ئەلنىڭ مەشھۇر قەلەندەرىمەن......

    - ئۇنداقتا نېمىشقا ئېشەك مېنىپ يۈرۈيسەن؟ دەپ سۆزىنى بۆلدى تۇنجى ئېغىز ئاچقان قەلەندەر. –قەلەندەر دېگەننىڭ ھېچنىمىسى بولماسلىقى كېرەك ئىدىغۇ؟

    -بىز تەرەپتە ئېشىكى يوق قەلەندەر قەلەندەر ھېسابلانمايدۇ دەپ چۈشەندۈردى سۈپۈرگە.

    -ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن يۇرتۇمدىكى قەلەندەرلەرنىڭ ئاقساقىلىمەن. ئېشەككە مېنىپ جاھان كېزىمەن، ھەر بىر شەھەرگە بارغاندا شۇ يەرنىڭ قەلەندەر مەھەللىسىنى زىيارەت قىلىمەن. سىلەرنىڭ بۇ قىلىقىڭلار باشقا يۇرت قەلەندەرلىرىنىڭ قۇلىقىغا يەتسە شۇنچىلىك سەت ئىش بولىدۇكى.....

    -سەن ئۆز يۇرتۇڭدىكى قەلەندەرلەرنىڭ ئاقساقىلى بولساڭ-دەپ خىرىلدىدى قېرى بىر قەلەندەر. بىزنىڭ قەلەندەرلەر شاھىمىز بىلەن كۆرۈشمىكىڭ شەرت.

    - قەلەندەرلەر شاھى؟ ھەيران بولدى سۈپۈرگە- سىلەرنىڭ قەلەندەرلەر شاھىڭلار بارمۇ تېخى؟

    -سېنىڭ يۇرتۇڭدىكى قەلەندەرلەرنىڭ ئاقساقىلى بولسا دېدى قېرى قەلەندەر پەخىرلىنىپ تۇرۇپ:

    - بىزنىڭ ئۆز شاھىمىز بار، مانا ھازىر كۆرىسەن.

    قەلەندەرلەر چۇۋۇلدىشىپ ئۇنى ئالدىغا سېلىپ ماڭدى. سۈپۈرگە گەپدانلىق قىلىمەن دەپ ئاغزىمدىن بالاغا قالدىممۇ نېمە؟ دەپ ئوشۇقچە گەپلەرنى قىلىۋەتكىنىگە پۇشايمان قىلىپ قالدى. ئەسىلىدە ئۇ ئۆزىنى قەلەندەرلەر ئاقساقىلى قىلىپ كۆرسىتىپ مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلۋالماقچى ئىدى. بۇ ئەبلەخلەرنىڭ پادىشاھىنىڭ بارلىقىنى كىم بىلسۇن. لېكىن ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن گەپنى ئەمدى قايتۇرىۋالغىلى بولمايتتى. شۇڭا بىر دانىشمەن گەپ ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم باشقۇرىدۇ، ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن گەپ ئادەمنى باشقۇرىدۇ دەپ توغرا ئېيتقان. قەلەندەر سۈپۈرگىنى باشلاپ قىيسىيىپ ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان بىر ئۆينىڭ ئالدىغا ئەكەلدى. ئۆي ئىچىدىكى قارداپ كەتكەن بورىنىڭ ئۈستىدە چاچ ساقاللىرى چىگلىشىپ كەتكەن، چىشلىرى قارىدىغان٬ يۇيۇقسىز بەتلىرى ئەسلى ئۆڭىنى يوقاتقان. ئۈستىدىكى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ جۇلجۇللىقى باشقا قەلەندەرلەردىن ئېشىپ چۈشىدىغان سۈرلۈك قىياپەتتىكى بىر ئىنسان ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ياش قورامىنىڭ قانچىدە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلماق مۈشكۈل ئىدى. ئەتىراپتا گىژىلداپ يۈرگەن چىۋىنلار، تور بېسىپ كەتكەن تورۇسلاردا ساڭگىلىغان ئۆمۈچۈكلەر بۇ «شاط ئوردىسى»نى تېخىمۇ سىرلىق كۆرسىتەتتى. جاھانكەزدى سۈپۈرگىنى سۈر باستى. قەلەندەرلەر شاھى ئۇنىڭغا باش كۆتۈرۈپ قاراپمۇ قويماي:

    - نېمە ئادەمسەن؟ دەپ سورىدى. 

    -تىلەمچىمەن دېدى سۈپۈرگە ئىككىلەنمەي. 

    -شۇنداق ئۇلۇغ تەڭرىم ئالدىدا ھەممە ئادەم ئوخشاشلا تىلەمچى دەپ قەلەندەرچىلىك،  پەلسەپەسى ئۈستىدە ۋالاقلاپ كەتتى قەلەندەرلەر شاھى،- ئىنسان ئۆزىنىڭ رىزقىنى، بەختىنى خۇدادىن تىلەيدۇ. پەرىق شۇ يەردىكى٬ بىز خۇدادىن تىلىگەنلىرىمىزنى بەندىنىڭ قولى ئارقىلىق ئالىمىز، سەن ئۇ دۇنياغا بارغاندا كۆرىسەن. شاھلار، ئەمەلدارلار، بايلار بۇ دۇنيادىكى قىلمىشىدىن ھېساب بېرىپ بولالماي قىينىلىپ تۇرغاندا قەلەندەرلەرنىڭ ھەممىسى خوشال-خورام جەننەتكە قاراپ ماڭغان بولىدۇ. نېمىشقا دېسەڭ بايلار ئەمەلدارلار زومىگەرلەر خەلىقنىڭ نەرسىلىرىنى كۈچ ۋە زورلۇق بىلەن تارتىۋالىدۇ. قەلەندەرلەر بولسا باشقىلار ئىختىيارلىق بىلەن ئىلتىپات قىلغان نەرسىلەرنى قۇبۇل قىلىدۇ.

    -سۆزلىرىنى ئاڭلاپ دىلىم يورۇپ، ئۆز كەسپىمگە ھۆرمىتىم ئاشتى دەپ خوشامەت قىلدى سۈپۈرگە. ئۇنىڭ ئەسيادى بىر نېمىلەر قىلىپ بۇ جىن ئۇۋىسىدىن سالامەت چىقىپ كېتىشتە ئىدى. مەن بەزىدە سەل ئۇيالغاندەك بولاتتىم.....

    -ئۇيالما پەخىرلەن دەپ سۈپۈرگىنىڭ سۆزىنى بۆلدى قەلەندەرلەر شاھى،- بىز باشقىلارنى جىنايەت يولىدىن قايتۇرغۇچىلارمىز. مىسالى: بىر كىشىنىڭ يانچۇقىدا ئۆز خىراجىتىدىن ئوشۇق بىر تەڭگە تۇرۇپتۇ دەيلى، بۇ ئوشۇقچە نەرسە چوقۇم ئۇنى يامان خىياللارغا سالىدۇ. بىز ئۇنىڭ ئوشۇقچە پۇلىنى تىلىۋالىمىز، ھېلىقى كىشى يامان يوللارغا مېڭىپ قېلىشتىن ئامان قالىدۇ ھەمدە كۆپ ساۋاپ ئالىدۇ.

    -ئاپىرىن دېدى سۈپۈرگە،- مەن تېخى ھېچبىر قەلەندەرنىڭ ئاغىزىدىن مۇنداق چوڭقۇر  مەنىلىك گەپلەرنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن.

    -سەن ئادەتتىكى بىر قەلەندەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس، قەلەندەرلەر شاھىنىڭ ئالدىدا تۇرىۋاتىسەن دە،- دەپ مەغرۇرلاندى شاط. مەن ساڭا ئېيتسام ئۇلۇغلۇق تەرەپتە مېنىڭ نامىم «قۇياش شاھى»دىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بەزىدە شۇ شاھنىڭمۇ ماڭا ھاجىتى چۈشىدۇ.

    -شۇ ئۇلۇغ «قۇياش شاھى»نىڭ؟

    -مانا بۇ بوينۇمدىكى مىس پۈتۈكنى كۆردۈڭمۇ؟ بوينىغا ئېسىقلىق تۇرغان قانداقتۇر بىر كىچىك مىس تاختىنى كۆرسەتتى قەلەندەرلەر شاھى،-مانا بۇ پۈتۈكنى ئېلىپ شاط ئوردىسىغا ئىختىيارى كىرىپ چىقالايمەن. بەزىدە شاھنىڭ ئۆزى مېنى چاقىرىپ قالىدىغان چاغلىرىمۇ بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن دىمەكچى بولىدىغانسەن؟ شاط ئۆز قوشۇنى بىلەن ياقا-يۇرتلارنى بېسىۋالغاندا٬ ئارقىدىنلا ئۇ يەرگە مىڭلاپ قەلەندەرلەرنى ئېۋەتىشكە توغرا كىلىدۇ. بۇ قەلەندەرلەر ئۇ يەردە ئون يىگىرمىدىن بالىلاپ ئاز كۈندىلا شۇنداق كۆپىيىپ كېتىدۇكى، ئەقلىڭ يەتمەيدۇ. بۇ بەتچىغەرلەر ئۇ يەرگە بېرىپ بېيىشقاندىن كېيىنلا بىزنى ئۇنىتىشىدۇ. بۇ ئىشقا مەن ھەرگىز خاپا بولمايمەن. ئادەملەر مال-دۇنيانى كۆرگەندە ياراتقان، ئىگىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ. مەن نېمە ئىدىم....

    ھەقاچان سەن قۇياش شاھىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ كەلگەنسەن. ئېھتىمال ئۇ بۇ دۇنيادا مەندىن مەرتىۋىلىكتۇر، ئەمما ئۇ دۇنيادا مېنىڭ ئورنۇم چوقۇم ئۇنىڭكىدىن ئۈستۈن بولىدۇ.....

    -خۇدا ساڭا ئاجايىپ كەسىپ ئاتا قىپتۇ، شۇ كەسىپ بىلەن ئۆلۈپ كېتشىڭگە نىسىپ بولغاي، قېنى يولۇڭغا ماڭ.

    سۈپۈرگە قەلەندەرلەر شاھىنىڭ ئالدىدىن قايتىپ چىقىشى بىلەن ئىشىك ئالدىدا تۇرغان قەلەندەرلەر كېلىپ چۇۋۇلدىشىپ ئۇنى ئورىۋالدى. چۈنكى سۈپۈرگە ئۇلارنىڭ شاھىنىڭ نەزىرىگە چۈشكەن ۋە ئۇنىڭ قۇبۇل قىلىش شەرىپىگە ئېرىشكەن ئىدى. قايسى بىر قەلەندەر ئۇنىڭ ئېشىكىنىڭ قۇيرۇقىنى تارتاتتى، قايسى بىرلىرى ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ توپىسىنى قاقاتتى، كىملەردۇر (پوش-پوش) دەپ ئۇنىڭغا يول ئاچاتتى. قەلەندەرلەر ئۇزۇندىن بېرى بۇ يەردە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاشۇنداق قىزغىن تەنتەنە بىلەن ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى.

    يەنە بىر كۈنى سۈپۈرگە شەھەر كوچىسىدا قولى مەھكەم باغلانغان بىر مەھپۇس بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدى. ئىككى لەشكەر ئۇنى يالاپ ئالدىغا سېلىپ ئەكىتىۋاتاتتى. 

    -ھاي قېرىنداش دەپ چاقىردى مەھپۇس سۈپۈرگىنى. سۈپۈرگە ئېشىكىنىڭ قەدىمىنى ئىختىيارسىز توختاتتى. چۈنكى ئۇ سۈپۈرگە تۇغۇلغان يۇرتنىڭ تەلەپپۇزىدا سۆزلىدى.

    -سەن كىم بولىسەن، نېمە ئادەمسەن؟ دېدى سۈپۈرگە ھەيران بولۇپ.

    - كىملىكىمنى دەپ بېرىشكە ۋاقتىم يوق دېدى مەھپۇس،- مۇنۇ ئىككى لەشكەر تېخى مېنىڭ كىملىكىمنى بىلگىنى يوق، ئەرزىمەس بىر ئىش ئۈچۈن بۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدىم. كىملىكىمنى بىلىپ قېلىشسا مەڭگۈ زىنداندا چىرىپ تۈگەيمەن. يانچۇقۇڭدا بىر تىللايىڭ يوقمۇ، پەقەت بىر تاللا -تىللا؟

    -مېنى قۇتقۇزۇپ قال.

    -نېمە دېيىشىۋاتىسەن؟ دېدى لەشكەرلەر ئۇلارنىڭ سۆزىنى چۈشۈنەلمىگەنلىكتىن.

    -ئۇ مېنىڭ قېرىندىشىم بولىدۇ دېدى سۈپۈرگە.- مېنى قۇتۇلدۇرۇپ قال دەپ يېلىنىۋاتىدۇ، مانا بۇ تىللانى ئېلىپ ئۇنى كەچۈرسەڭلار.

    لەشكەرلەر ئۈچۈن مەھپۇسنى ئوردىغا ئاپىرىپ بەرگەندىن كۆرە، شۇ بىر تىللاغا تىگىشكىنى پايدىلىقراق ئىدى. سۈپۈرگە ئېشىكىدىن چۈشۈپ، قولىنى لەشكەرلەرگە سۇندى. ئۇنىڭ ئالقىنىدا  راستىنلا بىر تال تىللا قۇياش نۇرىدا يالتىراپ تۇراتتى.

    -بىر تاللا بارمۇ؟ دېدى لەشكەرلەرنىڭ بىرى،- قارا بىز ئىككى ئادەمدە، بىر تال تىللايىڭنى؟ قانداق بۆلۈشىۋالىمىز؟ بەرسەڭ ئىككىنى بەر، بولمىسا يولۇڭغا ماڭ.

    -بوپتۇ ئىككىنى بەرسەممۇ بېرەي.

    سۈپۈرگە ئالقىنىدىكى تىللالارنى يەرگە تاشلىدى. بىر تال تىللا پىششىق خىش ئۈستىگە جىرىڭلاپ چۈشتى دە، ئىككى تال تىللاغا ئايلىنىپ ئىككى تەرەپكە قاراپ دومىلاپ كەتتى. لەشكەرلەرنىڭ ھەيرانلىقتا كۆزلىرى پارقىراپ كېتىشتى ۋە يەنە دەرھال ئېسىنى يىغىپ تىللاغا ئۆزىنى ئاتتى. سۈپۈرگە مەھپۇسنى باغلاقتىن يەشتى.

    -رەھمەت ساڭا دېدى مەھپۇس، «تام تېشەر» دېگەن ئىسىمنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت، كېرەك بولغاندا ياخشىلىقىڭغا ياخشىلىق قايتۇرىمەن.

    مەھپۇس يۈگۈرگىنىچە يىراقلاپ كەتتى. نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ ئوت چاقناپ تۇرغان كۆزى سۈپۈرگىنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۇزاققىچە ئۆچمىدى.....

    ئۇنىڭدىن باشقا بۇ شەھەردە كۆرگەن ھېچنىمە سۈپۈرگىدە چوڭقۇرراق تەسىر قالدۇرغىنى يوق. بۇ شەھەردىكى ھەممە نەرسە پەقەتلا ئاشۇ «قۇياش شاھى»نىڭ خاھىشى. خوشاللىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلاتتى. بىر ھۆكۈمران ھەممە نەرسە شۇ بىر ئادەمنىڭ ئىختىيارىغا بوي سۇناتتى. ئوردىدىكى بارىلىق ۋەزىر-ۋۇزرا، ئۆلىما،دانالار، گۈزەل نازىنىنلار شۇ كىشىنىڭ ئىرادىسى بىلەن ھەرىكەت قىلاتتى.

    -خوش ئېشىكىم دەپ مۇراجەت قىلدى سۈپۈرگە ئېشىكىگە. سەن ئەگەر ئېغىلدا بىر كۈن ئوشۇقراق باغلاقلىق تۇرۇپ قالساڭ زېرىكىشتىن ھاڭراپ جاھاننى بېشىڭغا كىيىسەن. شاط ئوردىسىدىكى شۇ بىچارىلەرنىڭ ساراڭ بولۇپ قالمىغىنىغا ھەيرانمەن...... بارلىق كۈچ ۋە ھوقۇقنىڭ ئىگىسى بولغان شۇ«قۇياش شاھى» قانداقراق ئادەمكىن؟ ئۇ كېچىسى قانچىلىك كەڭلىكتىكى ئورۇندا ياتار؟ بىر ۋاخلىق تامىقىدا قانچىلىك بالايى بەتتەرلەرنى يۇتىۋىتىدىغاندۇ؟ ئېھتىمال ئۇنىڭ ئاغىزى تىمساقنىڭكىدىنمۇ يوغاندۇر؟ ئۇنىڭ قۇلاقلىرى سېنىڭكىدىنمۇ ئۇزۇن بولۇپ، مۈرىسىگە ساڭگىلاپ چۈشسە كېرەك ياكى بولمىسا ئۇ ھېلىقى چۆچەكلەردىكى ئىبلىسنىڭ نەق ئۆزىدۇر؟ بولمىسا نېمىشقا  ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغانلىكى ئادەمنى تىتىرەك باسىدۇ؟......

    جاھانكەزدى سۈپۈرگە ئۆز يۇرتىنى سېغىنغان ئىدى. ئۇنىڭ يۇرتى بەكمۇ يىراقتا، قۇم ۋە چۆللىكلەرنىڭ ئىچىدە ئىدى. خۇدا ئۆز مۆجىزىسىنى كۆرسىتىپ. ئاشۇ چۆللۈكلەر ئارىسىغا ئاجايىپ بۇلاقلارنى ياراتقان. يىراقتىكى ئاقباش تاغلار، قارلىق چوققىلاردىن ئېقىپ چۈشكەن مۇزدەك قار سۇلىرى بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ ھەيۋەتلىك ئېقىنلارنى ھاسىل قىلىپ قۇملۇقلارغا يېتىپ كەلگەندە نەلەرگىدۇر سىڭىپ غايىپ بولاتتى دە، يەنە چۆللۈكنىڭ قايسى بىر جايلىرىدىن فونتاندەك  ئېتىلىپ چىقاتتى، ئادەملەر بۇ بۇلاق سۇلىرىنى باشلاپ بوستانلىقلارنى بىنا قىلغانىدى. سۈپۈرگە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەھەرنىڭ سېپىللىرىمۇ، ھەتتا پادىشاھىمۇ يوق، سانسىز بولاقلاردىن يىغىلغان سۇلار شەھەر ئىچىدە ئۆستەڭ بولۇپ ھەيۋەتلىك شارقىراپ ئاقىدۇ. ئۆستەڭ بويىدىكى قۇملۇقلاردا ئۇششاق بالىلار قىپيالاڭاچ بولىۋېلىپ يۈگۈرشۈپ ئوينىشىدۇ، سۆگەتلەر سايىسىدىكى سەگەنچۈكلەردە بوۋاقلار تاتلىق ئۇخلايدۇ. ئۇژمە دەرىخى سايىسى ئاستىدىكى كىگىزلەردە ئولتۇرغان ئاياللار قىزىق پاراڭلىشىپ يىپ ئىگىرىشىدۇ. شەھەر مەيدانلىرىدا دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر ماللىرىنى يېيىپ سودا سېتىق قىلىشىدۇ. ئۇلاردىن باج-سېلىق ئېلىشنى ھېچكىم خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ. ئۇ يەردىكى بايلىق، توقچىلىق كىشىلەرنى شۇنداق ساددا، غەمسىز ياشاشقا ئۆگەتكەن. كەچلىكلىرى باغلاردىن ناخشا، ساز ئاۋازى كېلىدۇ. ناخشىچىلار ئۆز ناخشىلىرىدا ئاشىقلارنىڭ دەردى، بەخىتكە ئېرىشكەن قىزنىڭ شادلىقى. يىراق كارۋان يولىدا كېلىۋاتقان يولوچىنىڭ جاپاسى، ئېرىنى كۈتىۋاتقان ئايالنىڭ سېغىنىشى، گۈللەر ئېچىلغان دالا، ئاپتاپ چاڭقىپ تۇرغان قۇملۇقلار، باھارنى قوغلىشىپ كېتىۋاتقان قۇشلار......يەنە شۇنداق نۇرغۇن ئىشلار توغرىسىدا كۈيلەيدۇ. سۈپۈرگىنىڭ شۇ سۈيۈملۈك يۇرتىدىن ئايرىلغىنىغا مانا بىر يىلچە بولدى. ئۇ ھەر قېتىم جاھان كېزىپ يىراقلاپ كېتىدۇ-دە، يەنە سېغىنىپ ئارقىسىغا يانىدۇ. جاھانكەزدى سۈپۈرگە ھېلىلا ئۆزى تاشلاپ چىققان «قۇياش شاھى»نىڭ پايتەختىگە يەنە بىر قېتىم قايرىلىپ قارىدى. ئېگىز سېپىل ئۈستىدە قورال ياراغلىرى بىلەن قېتىپ تۇرۇشقان جىسەكچىلەر بارغانسىرى خىرەلىشىپ بارماقتا ئىدى. ئۇ ئېشىكىنى تېخىمۇ قاتتىقراق دەۋەتتى.

    -(ئالغا باس ئېشىكىم. تەھدىت، زوراۋانلىق ھۆكۈم سۈرگەن بۇ ماكاندىن نېرىراق بولايلى. بۇ شەھەرنىڭ مەرمەر تۈۋرۈك، كۈمۈش فونتان، ئېرەم باغلىرىغا لەنەت).............

     


    داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.