ھازىرقى بالىلار كارامەت (21)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-21 00:38:51

ھازىرقى بالىلار كارامەتزەينەپ:خېتىڭنى ئوقۇغىنىمدا، مەكتىپىمىزدىكى مەكتەپ-ئائىلە ھەمكارلىقى يىغىنىمۇ كۆز ئالدىمغا خۇددى كىنودەك گەۋدىلەندى. مەكتىپىمىزدىكى بۇ يىغىنغا دادام زادى بارالمايدۇ، چۈ...

     

    ھازىرقى بالىلار كارامەت
     
     
    زەينەپ:
     
    خېتىڭنى ئوقۇغىنىمدا، مەكتىپىمىزدىكى مەكتەپ-ئائىلە ھەمكارلىقى يىغىنىمۇ كۆز ئالدىمغا خۇددى كىنودەك گەۋدىلەندى. مەكتىپىمىزدىكى بۇ يىغىنغا دادام زادى بارالمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقتى يوق. ئۇ زاۋۇتتىن ھەر ئاخشام ئۆيگە ھېرىپ-ئېچىپ كېلىدۇ. بەزى كۈنلىرى ئارتۇق ئىشلەپ ناھايىتى كەچ قايتىدۇ، يەكشەنبە كۈنلىرىلا ئۆيدە بولىدۇ. ئۆينىڭ پۈتۈن ئىشلىرى ئاپامنىڭ زىممىسىدە بولغانلىقتىن، ئۇمۇ يىغىنلارغا بارالمايدۇ.
     
    ساڭا بىر خەۋەرنى ئېيتاي: بىزنىڭ «كارامەت» بىرىنچى بولدى.
     
    نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى چۈشىنەلمىگەن بولساڭ كېرەك. بىزنىڭ «كارامەت»نىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟ سىڭلىم پاتوش. ئۇ ئۆتكەن يەكشەنبە ئالتە «كارامەت» مۇسابىقىگە چۈشتى. راستىنى ئېيتقاندا، «ئالتە كارامەت»نى بىر-بىرىگە سوقۇشتۇردى. مېنىڭچە بىزنىڭ كارامەت بىرىنچىلىكنى ئالدى.
     
    مېنىڭ ئىككى تاغام بار. بىرىنىڭ ئىككى، يەنە بىرىنىڭ بىر «كارامىتى» بار. ئۇلار بىزنىڭكىگە مېھمان بولۇپ كەلگەنىدى. دادام بىلەن بىر زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان ئىنژېنېر بىلەن قوشنىمىزمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ بىردىن «كارامىتى» بولۇپ، ئۆيدە جەمئىي ئالتە «كارامەت» بولدى.
     
    چوڭ تاغامنىڭ بىر مىجەزى بار، كىمنى كۆرسە بالىلىرىنى ماختاپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىككىلا بالىسى «كارامەت» ئىكەن. ئۇ ھەر قېتىم بىزنىڭكىگە كەلگىنىدە ئىككى «كارامىتى»نىڭ يېڭى-يېڭى ئارتۇقچىلىقلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ:
    - ئۆتكەن كۈنى بىزنىڭ شاكىچىكنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ ئەزبىرايى، كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئىش،- دەپ باشلايدۇ ئۇ.
    - ئۇ كەچتە ئىشتىن قايتىپ ئۆيگە كىرىشى بىلەنلا، بالىسى يۈگۈرۈپ بېرىپ ساپما كەشلىرىنى ئەكېلىپ بېرىدىكەن ياكى شۇنىڭدەك بىر ئىشلارنى قىلىدىكەن. تاغامنىڭ ماختىغانسېرى ئاغزى ئېچىلىپلا كېتىدۇ:
    - ئۇ ياشتىكى بالىنىڭ بۇنىڭغا قانداقمۇ ئەقلى يەتسۇن، ھەيران قالىمەن. ساپما كەشىمنى ئەكېلىپ بېرىدۇ دەيمەن... قاراڭ، بۇ ئەقىل-پاراسەتنى! كارامەت بىر بالا بولۇپ چىقتى.
     
    چوڭ تاغام، ساپما كەش ئەكېلىپ بېرىدۇ، دەپ ھەيران قالغان بالىسىنىڭ قانچە ياشتا ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ پاتوشتىن بىر ياش چوڭ، يوغانلا بوپقالغان بالا...
     
    بۈگۈن تاغام ھەر ۋاقىتتىكىدەك «كارامىتى»نى كۆككە كۆتۈرگىنىدە، ئىنژېنېرمۇ بوش كەلمىدى:
    - ھازىرقى بالىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق... مېنىڭ قىزىم تېخى يەتتىگە توشماي تۇرۇپ فرانسۇزچىنى سۇدەك سۆزلەيدۇ.
    - نېمە دېدىڭىز! كارامەت ئىكەن-ھە!
    - شۇنداق، كارامەت! فرانسۇزچىنى سويۇۋېتىدۇ.
    - مېنىڭ شاكىچىكىم، كۆز تەگمىسۇن، ئاكىسىدىنمۇ كارامەت. چوڭ ئوغلۇممۇ كارامەت دەڭلا... ھەر ئىككىسى بىر-بىرىنى بېسىپ چۈشىدۇ. بىر كۈنى ئىشتىن قايتىپ كەلسەم، بالىلارنىڭ ئانىسى: «ئوغلىمىز چوڭ بولۇپ قالدى، ئەمدى ئۇنى مەن باشقۇرالمايمەن، گېپىمنى ئاڭلىمايدۇ، ھازىر كوچىدا توپ ئويناۋاتىدۇ، چاقىرسام قۇلاق سالمىدى، ئۆزىڭىز چاقىرىپ كىرىڭ!» دېدى. كوچىغا ئىزدەپ چىقتىم، بالىنىڭ باش-كۆزى تەرگە چۆمۈپ كېتىپتۇ، چاقىرسام كەلمىدى. تۈگۈرۈپ بېرىپ تۇتۇپ كېلەي دېسەم، مەندىن تېز يۈگۈرىدۇ، يېتىشەلمەيمەن. ئۆزى مۇشتۇمدەك، لېكىن شۇنداق يۈگۈرىدۇكى، ئەيھانناس، كارامەت...
     
    بۇ چاغدا قوشنىمىز: «مېنىڭ قىزىممۇ شۇنداق، كۆز تەگمىسۇن، بىر كارامەت» دەپ ئەمدىلا گەپ باشلىشىغا، چوڭ تاغام پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي: «گېپىڭىزنى بۆلۈۋەتتىم» دېگىنىچە «كارامىتى»نى ماختاشنى داۋاملاشتۇردى:
    - كېيىنچۇ... مەن قوغلىدىم، ئۇ قاچتى، زادىلا تۇتالمىدىم. ئاخىر كەينىدىن: «ماڭ، ئۆيگە كىر، بولمىسا كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن!» دەپ ۋارقىرىدىم. ئەلپازىمدىن قورقۇپ كەينىگە ياندى. لېكىن، نېمە دەيدۇ دېمەمسىز؟ «مەن بىلەن كارىڭ نېمە، سەن مېنىڭ ئاپاممىدىڭ؟» دېمەسمۇ! قاراڭ ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى! نېمىدېگەن كۈچلۈك مەنتىقە! بۇنداق گەپنى چوڭ ئادەممۇ ئويلاپ تاپالمايدۇ...
     
    چوڭ تاغام گەپ قىلغاچ ئوغلىغا قاراپ شۇنداق زوقلىنىپ كۈلەتتىكى، يېنىدىكىلەرمۇ كۆڭلىگە يارىشا كۈلۈپ قويۇشتى.
    - كۆز تەگمىسۇن، سىزنىڭمۇ ناھايىتى ئەقىللىق ئىكەن!- دەپ قويدى ئىنژېنېر ئاغزىنىڭ ئۇچىدىلا.
    - شۇنداق...- دېدى تاغام،- بىزنىڭ ئۆيدىكى ئىش تەقسىماتىنىمۇ بىلىدۇ ئۇ يوغانباش...
     
    ئۇ مېنىڭ جىيەنىم بولىدۇ. مەندىن بىر يېرىم ياش كىچىك. ئۇنىڭ بەك ياخشى كۆرىمەن. بىراق، ئۇنىڭ قىلغىنى پۈتۈنلەي تەربىيىسىزلىك.
     
    بايا گېپى ئۈزۈلۈپ قالغان قوشنىمىز:
    - مېنىڭ قىزىممۇ ھازىردىن باشلاپ رەسسام بولدى،- دېدى،- ئۇنىڭ سىزغان رەسىملىرىنى كۆرسىڭىز ھەيران قالىسىز. كۆرگەنلەر توۋا دەپ ياقىسىنى چىشلەشتى. ئەزبىرايى كارامەت...
    - كۆز تېگىپ كېتەمدىكىن دەپ قورقىمەن،- دەپ قوشۇمچە قىلدى ئاپىسى.
     
    كىچىك تاغاممۇ:
    - ھازىرقى زامان بالىلىرىنىڭ ھەممىسى، نېمە قىسمەتتۇ، بىر مۆجىزە بولۇپ چىقىۋاتىدۇ!- دەپ سۆز باشلاپ، ئۆز ئوغلىنىڭ ناخشىنى ناھايىتى ياخشى ئېيتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ كەتتى.
     
    داداممۇ ئۇلاردىن قالمايدۇ-دە.
    - بىزنىڭ پاتوشمۇ بالېتچى بولغۇسى،- دېدى ئۇ،- ھازىردىن باشلاپلا شۇنداق ئوينايدۇكى، ئەقلىڭىز ھەيران قالىدۇ.
    - مەن قىزىمنى ئۇسسۇلچى قىلمايمەن!- دېدى ئاپام.
    - سەن چۈشەنمەيسەن، خانىم،- دېدى دادام،- ئۇسسۇلچى باشقا، بالېتچى باشقا... بىزنىڭ قىزىمىز بالېتچى بولىدۇ...
    - قانداقلا بولمىسۇن، كىشىلەرنىڭ ئالدىدا يالىڭاچلىنىڭ ئوينايدىغاندۇ؟ بۇنداق بولۇشنى خالىمايمەن!
     
    بۇ سۆزلەر ماڭا قانداق تەسىر قىلغانلىقىنى بىلەمسەن؟ خۇددى بىرەيلەن چىقىپ: «بالام تېخى ئەمدى يىگىرمە ياشقا كىردى. ئۆتكەن كۈنى ئانىسىنى ئېمىۋېتىپ، بىردى قاتتىق ئاۋاز بىلەن، دادا مېنى ئۆيلەپ قويۇڭا، دېمەسمۇ! داڭقېتىپ قالدىم. شۇ ياشتىكى بالىمۇ گەپ قىلغىنىغا ھەيرانمەن. >ھازىرقى بالىلار كارامەت<» دەيدىغاندەك بىلىنىپ كەتتى.
     
    بىر كۈنى، قوشنا ئاياللاردىن بىرى ئاپامغا بالىسىنىڭ بىر يېرىم ياشتا ئايىغى چىققانلىقىنى، بۇنىڭغا ناھايىتى ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتقانىدى، ئىچىمدە: «بالىلارنىڭ بىر يېرىم ياشتا ئايىغى چىقماي نېمە بوپتۇ. يا بولمىسا ماڭماي ئۇچاتتىمۇ؟» دېدىم.
     
    كىچىك بالا نېمىلا قىلسا «كارامەت» بولارمىش، ھەتتا گەپ قىلسىمۇ «كارامەت» بولارمىش... بالا دېگەن گەپ قىلماي ھاۋشىماقچىمىدى. بىر ئازدىن كېيىن ئۆينىڭ ئىچى «كارامەت» بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭىدىن روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئايلاندى.
     
    ئىنژېنېرنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان تارىق ئىسىملىك بىر بالىسى بار ئىدى. دادىسى:
    - تارىقمۇ كىچىكىدە بىر كارامەت بالا ئىدى. لېكىن، قانداقتۇر كېيىنچە كارامىتى بىر ئاز پەسىيىپ قالدى،- دېدى.
    - قانداق كارامەتلىرى بار؟- دەپ سورىدى كىچىك تاغام.
     
    ئۇ دەپ بېرىۋاتقاندا، مەن بالىغا سىنچىلاپ قارىدىم. چوپچوڭ بىر ئوغۇل بالا تاياق يەۋېرىپ گالۋاڭ بولۇپ قاپتۇ.
     
    ئاتا-ئانىلار، «كارامەت»لەرنىڭ مۇسابىقىسى باشلانسىكەن دەپ تەقەززا بولۇشاتتى. چوڭ تاغام تاقەتسىزلىنىپ، بەش ياشلىق قىزىغا:
    - قېنى، بىر ناخشا ئېيتىپ بەرگىنە، چوڭ داداڭ، چوڭ ئاپىلىرىڭ ئاڭلاپ باقسۇن،- دېدى.
     
    قىز ئوڭ-سولغا تولغىنىپ:
    - ئى...- دېدى.
    - ھە، قىزىم، چاپسان بول.
    - ئېيتمايمەن!
    - بىزنىڭ بالىلارنىڭ مۇزىكىغا تالانتى بار،- دېدى ئاپام،- ھەر ئىككىسى پىئانىنو چالىدۇ. بۇ يەردە پىئانىنو بولسىدى، ئوغلۇم سىلەرگە دۇمباق چېلىپ بېرەتتى.
     
    تاغام دەرھال تۈزەتتى:
    - دۇمباق ئەمەس، خانىم، مازۇركا...
    - دۇمباقمۇ، مازۇركىمۇ، قانداقلا بولسۇن، ئۇلاردىن بىرىنى چېلىپ بېرەتتى. مېنىڭمۇ بۇرۇن موزىكىغا ھەۋىسىم بار ئىدى، ئوغلىمىز مېنى تارتىپتۇ.
     
    ئۇلار كىچىك قىزىنى يەنە ياخشا ئېيتىپ بېرىشكە قىستاشتى.
    - ئېيتمىساڭ، بۇنىڭدىن كېيىن چىرايلىك كىيىملىرىڭنى كىيگۈزمەيمەن.
    - كىيگۈزمىسەڭ كىيگۈزمە!
     
    قىز زورلىغانسېرى تېخىمۇ نازلىناتتى. تاغام:
    - ناخشا ئېيتىپ بەرسەڭ شاكىلات بېرىمەن،- دېۋىدى، قىزى:
    - قايسى ناخشىنى ئېيتاي؟- دەپ سورىدى.
    - «ماشىنىغا تاش قويدۇم»نى ئېيت.
     
    تاغام قەھۋە پەتنۇسىنى داپ قىلىپ چېلىپ بەردى، چوڭ ئاپام چاۋاك چېلىپ تەڭكەش قىلدى. قىز چىرقىراق ئاۋاز بىلەن ئېيتىشقا باشلىدى. قىزنىڭ ئاۋازى پەسىيىپ قالسا، چوڭ ئاپام قوشۇلۇپ ئېيتىشاتتى. چوڭ ئاپامنىڭ ئاۋازى قىزنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ كەتكەنىدى.
     
    «بەگ ئوغلىنىڭ قىزلىرى، ئىمانىم،
    قاش ئېتىپ كۆز قىسىدۇ، ئىمانىم.»
     
    ناخشا ئاياغلاشقاندا، جىيەنىم ئالقىشلاندى. چوڭ ئاپام ئىنژېنېرنىڭ خوتۇنىغا:
    - سوغۇق تېگىپ قاپتىكەن، بۈگۈن ئاۋازى تازا ياخشى ئەمەس،- دېدى.
    - ياق، خېنىم، ناھايىتى ياخشى ئېيتتى، كۆز تەگمىسۇن!
     
    بۇ چاغدا كىچىك تاغاممۇ ئوغلىغا:
    - قېنى، سەنمۇ بىر شېئىر ئوقۇپ بەرگىنە، ئاڭلاپ باقايلى،- دېدى.
     
    ئوغۇل تامنىڭ بۇلۇڭىغا بېرىپ ئولتۇرۇۋالدى.
    - ئوقۇغىنا، ئوغلۇم، قېنى تېز بول...
     
    ھەدەپ زورلاۋېرىپ، ئاخىر كىچىك تاغامنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلدى.
    - ئوقۇساڭچۇ، ھارامزادە!- دەپ ۋارقىرىدى ئۇ.
     
    جىيەنىم يىغلاشقا باشلىدى. بىچارىنىڭ شۆلگىيى ماڭقىسىغا، ماڭقىسى كۆز يېشىغا قېتىلدى. ئۇ يىغلاپ ئېسەدىگەن ھالدا شېئىرنى ئوقۇشقا باشلىدى. راستىنى ئېيتقاندا، كىچىك تاغام، كىچىك ئاپام، جىيەنىم ئۈچى بىرلىكتە ئوقۇشتى.
     
    جىيەنىم شېئىردىكى بىرەر سۆزنى ئېسىگە ئالالماي تۇرۇپ قالغاندا، كىچىك تاغام بىلەن كىچىك ئاپام كەينى-كەينىدىن دەپ بېرەتتى:
     
    جىيەنىم: مۈشۈكۈم... مۈشۈكۈم... مۈشۈكۈم...
     
    تاغام: ھە... ئاندىن، ئوغلۇم؟
     
    كىچىك ئاپام: بۈگۈن نېمە بولدۇڭ، ئوغلۇم؟ بۇ بالام بەك تارتىنچاق.
     
    جىيەنىم: مۈشۈكۈم... مۈشۈكۈم... مۈشۈكۈم.
    - قانچە مۈشۈكۈڭ بار؟- دېدى تاغام تېرىكىپ.
     
    ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى.
     
    كىچىك ئاپام: بالىنى قورقۇتماڭ! ۋارقىراپ-جارقىراپ بالىنى گاڭگىرىتىۋەتتىڭىز!
     
    جىيەنىم: مۈشۈكۈم...
     
    تاغام: يەنە...
     
    جىيەنىم: يەنە سۈت ئېمىدۇ... سۈت ئېمىدۇ... سۈت ئېمىدۇ...
     
    كىچىك ئاپام: مىياۋ...
     
    جىيەنىم: مىياۋ...
     
    تاغام: دەيدۇ...
     
    جىيەنىم: دەيدۇ...
     
    كىچىك ئاپام: يەنە...
     
    جىيەنىم: يەنە نېمە دەيدۇ... نېمە دەيدۇ...
     
    تاغام: ئالا مۈشۈكۈم... ناننى يۇتالمايدۇ... چاشقان... چاشقان... چاشقان...
     
    تاغام: چاشقاندىن كېيىن؟
     
    جىيەنىم: چاشقان تۇتالمايدۇ.
     
    كىچىك ئاپام: ئاپىرىن!
     
    جىيەنىم: ھەي يارىماس، ئالا مۈشۈكۈم...
     
    جىيەنىممۇ قۇتۇلدى، بىزمۇ ھەم... كىچىك تاغام رازى بولمىغانلىقى ئۈچۈن جىيەنىمگە:
    - ئېشەك!- دەپ ۋارقىرىدى.
    - بالا كۆپچىلىكتىن يېتىرقىدى،- دېدى كىچىك ئاپام.
    - ھەئە، كۆپچىلىكتىن تارتىندى شاكىچىك،- دېدى ئىنژېنېرنىڭ خوتۇنى.
     
    بىز ئۇنى ئالقىشلاۋاتقىنىمىزدا، جىيەنىم يېڭىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆز ياشلىرىنى سۈتكەن ھالدا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
     
    قوشنىمىز كارامەت رەسسام بولغان قىزىغا دېدى:
    - رەسىملىرىڭنى ئەپكەلدىڭمۇ؟ ئەپكەلگەن بولساڭ تاغىلىرىڭغا كۆرسەت.
     
    قىز بېشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ: «ئى...» دەپ قارشلىق كۆرسەتتى. بۇ چاغدا ئاپىسى يەنە:
    - بۇ يەردە بوياق بولغان بولسا ھازىرلا سىزاتتى،- دېگەنىدى، دادام ماڭا:
    - بوياقلىرىڭنى ئېلىپ بەر، ئوغلۇم!- دېدى.
     
    ئىنتايىن ئىچىم پۇشتى، بىراق بەرمىسەم بولمايتتى. دادام يىل بېشىدا ئېلىپ بەرگەن بوياقلارنى بەردىم. بالا ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ئالدىدىكى قەغەزنى بوياشقا باشلىدى. زېرىككىنىمدىن قارىماسلىق ئۈچۈن يېنىدىن نېرى كەتتىم. «كارامەت»لەرنىڭ بىرى رەسىمنى سىزغۇچە، ئىنژېنېر فرانسۇزچىنى سۇدەك سۆزلەيدىغان قىزىنى چاقىردى. ئۇ قىزىغا فرانسۇزچە بىر نېمە دېگەنىدى، قىز: «ۋىي» دېدى، دادىسى دەۋەرگەنسېرى، قىزمۇ «ۋىي» دەۋەردى. دادىسى:
    - ياق... «ۋىي» ئەمەستۇ؟- دېۋىدى، قىز:
    - «نو»مۇ؟ «نو» دەرسىگە كەلدۇقمۇ؟- دېدى.
    - «نو» دېمەمسەن، ئەمدى نۆۋەت «نو»غا كەلدى.
     
    ئاندىن قىز دادىسى نېمە دېسە، «نو» دېيىشكە باشلىدى. پۈتۈن دىققىتىم بىلەن ئىنژېنېرنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئېسىمدە تۇتۇشقا تىرىشاتتىم، چۈنكى بۇ ۋەقەنى ساڭا يازماقچىدىم. بىراق ئۇنىڭ دېگەنلىرىدىن ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنى چۈشەندىم. بۇ گەپلەرنى بۇرۇن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر ئاكىمىزدىن ئاڭلىۋالغانىدىم.
     
    ئىنژېنېر:
    - «فېرمې لاپورت»- دېگەنىدى، بۇ سۆزنى ئاڭلىغان قىز:
    - «ۋىي»،- دېگىنىچە بېرىپ ئاپىسىنى سۆيۈپ قويدى.
    - «فېرمې لاپورت» دېگەندە ئاپىسىنى سۆيمەيدۇ،- دېدى دادىسى،- «بېزى لامېر» دېگەندە ئاپاڭنى سۆيىسەن.
    - بالىنى قورقۇتۇۋاتىسىز،- دېدى ئاپىسى.
    - «فېرمې لاپورت» دېگەندە نېمە قىلاتتىم؟- دەپ سورىدى قىز.
    - دېرىزىنى ئاچىسەن،- دېدى ئاپىسى.
     
    ئىنژېنېر خوتۇنىنىڭ خاتاسىنى تۈزەتتى:
    - سەن جىم تۇر... سېنىڭ دېگىنىڭ «ئوۋرې لافونېر»، «فېرمې لاپورت» «ئىشىكنى ياپ» دېگەنلىك بولىدۇ.
    - ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس،- دېدى ئايال،- بىزگە مەكتەپتە شۇنداق ئۆگەتكەن.
     
    ئىنژېنېر بىلەن خوتۇنى «ئىشىكنى ياپ»، «دېرىزىنى ئاچ» دەپ تالاش-تارتىش قىلغىلى تۇردى. ئاخىرىدا ئايال:
    - فرانسۇزچىنى يالغۇز سىزلا ئوقۇغانمۇ؟ مەنمۇ مەكتەپتە ئۆگەنگەن. كىمدىن سورىسىڭىز سوراڭ، «فېرمې لاپورت» «دېرىزىنى ئاچ» دېگەن بولىدۇ،- دېدى.- مەن فرانسۇزچىنى يالغۇز مەكتەپتىلا ئۆگەنگەن ئەمەس، فرانسىيىدىمۇ ئۆگەنگەن...
     
     
    - ۋاييەي، ئىككىمىز بىللە ئىدۇققۇ... ھەتتا بىر ماگىزىندا پرىكازچىك قىزدىن ماڭا باغىرداق ئالماقچى بولۇپ، نېمە دەيدىغاننى بىلەلمەي ئىشارەت بىلەن ئۇقتۇرغانىدىڭىز، قىزمۇ خڧاتا ئۇقۇپ، ماڭا باغىرداق ئورنىغا، سىزگە ئوۋچىلارنىڭ سومكىسىنى ئېلىپ كۆرسەتكەن...
     
    ئىنژېنېر قاپاقلىرىنى تۈرۈپ:
    - خانىم، خانىم!- دېدى،- سەن فرانسىيە بىلەن گېرمانىيىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇۋاتىسەن. سەن دېگەن ئۇ ئىش گېرمانىيىدە بولغان. مەن فرانسۇزچە سۆزلىسەم، فرانسۇزلارنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ قالىدۇ...
     
    ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشنى توختىتىش ئۈچۈن، قوشنىمىز ئۈستەلدە رەسىم سىزىۋاتقان كىچىك قىزدىن:
    - سىزىپ بولغۇڭمۇ، قىزىم؟- دەپ سورىدى.
    - سىزدىم،- دېدى قىز.
     
    ئاپىسى بىردىن پەرياد كۆتۈردى:
    - مانا، تازا سىزىپتۇ. ۋاي خۇدايىمەي، بۇ كىيىملىرىنى يېڭى كىيگۈزگەنىدىم، رەسۋا قىلىپتۇ...
     
    «كارامەت» رەسسام بوياققا مىلىنىپ، سېرك ئويۇنىدىكى قىزىقچىنىڭ ئەينى ئۆزى بوپقالغانىدى.
     
    ئىنژېنېر رەسىمگە قاراپ:
    - كۆز تەگمىسۇن، بەك چىرايلىق سىزىپسەن، قىزىم،- دېدى.
     
    «كارامەت» بالىلارنى ھەممىدىن كۆپ ماختايدىغان دادام ئىدى. نۆۋەت بىزنىڭ پاتوشقا كەلگەنىدى. دادام، باشقىلارنىڭ پاتوشنىمۇ ماختىسۇن دەپ، ھەدەپ ئۇنى ماختاشقا باشلىدى.
    - مېنىڭ قىزىم بالېتچى بولغۇسى،- دېدى دادام،- قېنى قىزىم، بىر ئويناپ بەرگىنە، بۇ تاغىلىرىڭ كۆرۈپ باقسۇن.
     
    پاتوش بۇلۇڭغا قىسىلىپ قىمىرلىماي تۇرۇۋالدى.
    - قېنى، ئاپئاق قىزىم...
     
    بېشىنى يەردىن كۆتۈرمەي تۇرغان پاتوشنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، دادام ئۆزى چاۋاك چېلىپ ئاھاڭنى باشلاپ بەردى. كەينىدىن ئىنژېنېر ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ چاۋاك چېلىشىپ بەردى.
    - قېنى باشلا، قىزىم،- دېيىشەتتى ئۇلار.
     
    ئاپام گۇناھكاردەك دۈگدىيىپ تۇرغان پاتوشنىڭ يېنىغا بارغاندا، قىزنىڭ نېمە ئۈچۈن قىمىرلىماي تۇرۇۋالغانلىقى مەلۇم بولدى.
    - ۋاي...- دەپ ۋارقىرىدى ئاپام،- ئۇ قىلىدىغىنىنى قىلىپ بوپتۇ!
     
    ئاپام پاتوشنى يۇيۇپ تازىلاش ئۈچۈن كۆتۈرۈپ سىرتقا ئاچىقىپ كەتتى.
    - ھېچقاچان بۇنداق قىلىپ باقمىغانىدى، بۈگۈن قانداقچە بۇنداق قىلىپ قالدىكىنە...- دېدى دادام.
    - كىچىك بالىدە، ئەپەندى، ھەممە بالىلار شۇنداق،- دەپ كۆڭلىنى ياساپ قويدى ئىنژېنېرنىڭ خوتۇنى.
     
    بىزنىڭ «كارامەت»لەر مۇسابىقىمىز مانا شۇنداق ئاياغلاشتى. مەندىن سورىساڭ، «كارامەت»لەر مۇسابىقىسىدە سىڭلىم پاتوش بىرىنچىلىكنى ئالغان بولاتتى.
     
    مېھمانلار كەتكەندە، دادامغا:
    - بىر كىتابتا ئوقۇپ، بۇ سۆزلەرنى دەپتىرىمگە يېزىۋالغانىدىم. دادا، قاراڭا، نېمىدېگەن توغرا دېيىلگەن، شۇنداقمۇ؟- دېدىم-دە، بىر كىتابتىن دەپتىرىمگە كۆچۈرۈۋالغان مۇنۇ قۇرلارنى ئوقۇدۇم: «ئېشەكنىڭ گەپ قىلىشى، ئادەمنىڭ يۈك كۆتۈرۈشى نورمال ئىش ئەمەس. لېكىن بەزى ئادەملەر ئېشەكنىڭ گەپ قىلىشىغا ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. ئۇنداقتا، توغرىسى، ئىشەكنىڭ يۈك كۆتۈرۈشى، ئادەمنىڭ بولسا گەپ قىلىشىدۇر.»
    - بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟- دېدى دادام.
    - يەنى بالىنىڭ بالا بولغىنى نورمال ئىش، چوڭ بولۇۋالغىنى نورمالسىزلىق،- دېدىم مەن.
    - قۇرۇق گەپ قىلما!- دېدى دادام.
     
    بىزنىڭ «كارامەت»لەر مۇسابىقىمىزنىڭ قىزىقلىقىمۇ سىلەرنىڭ مەكتەپ-ئائىلە ھەمكارلىقى يىغىنىڭلاردىنمۇ كەم بولمىدى.
     
    خەۋەرلىرىڭنى كۈتۈپ، ساڭا خەيرلىك كۈنلەر تىلەيمەن، ساۋاقدىشىڭ:
     
     
    ئەخمەت تارباي
    1964-يىلى 30-يانۋار، ئىستانبۇل
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.