ۋېليام كىرېمېر 1903-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-11 11:44:24

ۋېليام كىرېمېر1903-يىلى نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبىئەنگىلىيە (1908-1828)مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋېليام كىرېمېر 1828-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ فارىھام بازىرىدا دۇنياغا كەل...



     

    ۋېليام كىرېمېر

    1903-يىلى نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى

    ئەنگىلىيە (1908-1828)

    مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

    \

        ۋېليام كىرېمېر 1828-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ فارىھام بازىرىدا دۇنياغا كەلگەن، ئۇ ئىشچىلار ھەرىكىتى، تېنچلىق ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى. بۇرۇن ئەنگىلىيە تۆۋەن پالاتاسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، خەلقئارا ئىشچىلار بىرلەشمىسىنىڭ سېكىرتارى بولغان. 1889-يىلى، ئۇ فىرانسىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فىرىدېرىك پاسسى بىلەن بىرلىكتە «خەلقئارا ھەكەملەر سوتى ھەرقايسى دۆلەتلەر پالاتاسىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى»غا باشلامچىلىق قىلىپ بىر قوللۇق قۇرۇپ چىققان ھەمدە، فىرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىننى چاقىرغان. 1894-يىلى، بۇ تەشكىلات نىزامنامە ئارقىلىق، دائىمىي كاتىبات باشقارمىسى بولۇپ قۇرۇلغان. 1899-يىلى توققۇزىنچى نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىندا نامى «خەلقئارا ھەكەملەر سوتى ھەرقايسى دۆلەتلەر پالاتاسىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىرلەشمىسى»گە ئۆزگەرتىلگەن. 1922-يىلى «پارلامېنت بىرلەشمىسى»گە ئۆزگەرتىلگەن. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، پارلامېنت بىرلەشمىسى ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن تېنچلىقنى ھىمايە قىلىپ، سىجىل تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە، ئۇ يەنە كىشىلىك ھوقۇق، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىپ، پارلامېنتلىق تۈزۈم مېخانىزىمنى كۈچەيتىش جەھەتتە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلمەكتە.

     

         مۇكاپاتلىنىش سەۋەبى: كىرېمېر نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپتە تۆھپە قوشقان، بىرى ھەرقايسى دۆلەتلەر پارلامېنت بىرلەشمىسى قۇرۇش، خەلقئارا تالاش-تارتىشقا ھۆكۈم چىقىرىش ۋە تېنچلىق ھەرىكىتى جەھەتتە، يەنى بىرى ئەنگىلىيە ئەمگەكچىلەر قوزغىلىڭى ۋە خەلقئارا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا رەھبەرلىك قىلىشتا تۆھپىسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولغان.

     

    خەلقئارا ھەكىملەر سوتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئەھمىيىتى

    1905-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى

         مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كۆپچىلىك بىلەن بۇيەردە كۆرۈشمەكچى بولغان ۋاقىتنى كېچىكتۈرگىنىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانماقتىمەن. نوبېل كوممېتىتى بۇ مۇكاپاتنى ماڭا بەرمەكچى بولغاندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر، مەن ئىزچىل ھالدا نوبېل كوممېتىتىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە تاپىلىغان ۋەزىپىسىنى بالدۇرراق تۈگىتىشكە ــــ كىرىستىياننا (نورۋىگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلۇنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىشى) غا، يەنى ئوسلۇ شەھىرىگە كېلىپ، ھەكەملەر سوتى ۋە تېنچلىق توغرىسىدىكى نۇتۇق سۆزۈمنى سۆزلەشكە تەشنا بولۇپ كەلدىم.

         مېنىڭ كونتروللۇقۇمدىن پۈتۈنلەي ئېشىپ كەتكەن بەزىبىر ۋەزىيەت تەقەززاسى مېنى، بۇيەرگە كېلىدىغان ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈشۈمگە قىستىدى، مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ سۆرەلمىلىكىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ چۈشىنىپ ئەپۇ قىلىۋېتىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن تەلەپ قىلىمەن.

         ساياھەتچىلەر دائىملا ئالدىراش ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ساياھەتتىكى مەزىلىگە قاراپ چاپىدۇ، ئارىلاپ-ئارىلاپ ئۇلار ئۆزلىرىدىن مۇنداق سورايدۇ: مېنىڭ مېڭىۋاتقىنىمغا قانچىلىك بولدى؟ كۆزلىگەن نىشانغا بېرىشقا يەنە نەچچىلىك يول قالدى؟ كىشىنىڭ ئۆزى ئېرىشكەن ئۇتۇقلارنى ئېنىقلىۋېلىشى تولىمۇ ئاسان، ئەمما، قالغان مۇساپىنى ئېنىق مۆلچەرلەش ۋە بۇ مۇساپا جەريانىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلارنى ئالدىن تەخمىن قىلىش بەسى مۈشكۈلدۇر.

          بۈگۈن كەچتە، مەن ئەركىن ئورۇنلاشتۇرالايدىغان مۇشۇ ۋاقىتلىرىم ئچىدە، بىز مۇشۇ ئولتۇرغان تېنچلىقنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى بەلكىم بىرەر قېتىمدىن ساياھەت قىلغۇچىلارنىڭ رولىنى ئېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك مۇساپە ئابىدىلىرىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىمىزنى مۆلچەرلەپ باقالىشىمىز مۇمكىن؛ بىز ھەقىقىي بولغان ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشەلىدۇقمۇ-يوق؛ بىزنىڭ خۇشال بولىدىغانغا ئەرزىگۈدەك باھانىمىز بارمۇ-يوق؛ ئالدىمىزدا ھەرقانداق بىر ــــ مۇبادا بار بولسا، ئۇ نېمە؟ ــــ توسالغۇ بىزنىڭ يېڭىشىمىزنى ساقلاۋاتامدۇ-يوق. تارىختىن بۇيان، تېنچلىقنى سۆيىدىغان كىشىلەر ئىزچىل تۈردە، بىزنىڭ نېمە ئىش قىلىشمىز كېرەكلىكىنى تەرغىپ قىلىپ كەلدى، مەن ھازىر بىزنىڭ ئۆتمۈشتە نېمىلەرنى قىلالىغىنىمىز توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.

         ئالدى بىلەن، مەن كۆپچىلىكنىڭ مەن بىلەن ئوخشاش بىر ھېسسىياتتا بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىز بەخىتمىزگە يارىشا ئاللىقاچانلا ئەنگىلىيە پادىشاھىنىڭ (بۇ يەردە ئېدۋارد 7 كۆزدە تۇتىلىدۇ) ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتۇق، ئۇ تېنچلىق ئىشلىرىدا ئۆزىنىڭ بەكمۇ زور بولغان تەسىر قىلىش كۈچىنى كۆرسەتكەنلىكىدىن، پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرى ئۇنىڭغا تەشەككۈر بىلدۈرۈشى كېرەك. ئۆتمۈشتە، تېنچلىق ئىشلىرىدا ئۆز تەسىر كۈچىنى نامايەن قىلىشنى خالايدىغان خانلار ئازدىن ئاز ھەتتا يوق دېيىشكە بولاتتى. ئەمما پادىشاھ ئېدۋارد تىكلىگەن ئۈلگە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى ھەمدە بۇ دەۋردىكى ئەڭ ئىلغار نىشانلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

        بۇنىڭدىن 34 يىل مۇقەددەم، مەن كاتىباتلىق قىلغان ئاشۇ تەشكىلات «خەلقئارا ھەكەملەر سوت»ى قۇرۇش پىلانىنى قارار قىلغاندا، كىشىلەر بىزنى نەزەرىيىچى ۋە پانتىزوكراتىستلار دەپ مەسخىرە قىلىپ كۈلگەنىدى، بۇ مەسخىرى قىلغۇچىلار توختىماي تەكىتلەپ مۇنداق دەيتتى: دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەت ھەرگىزمۇ مۇنداق بىر سوت مەھكىمىسىگە قوشۇلۇشنى خالىمايدۇ.

         ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە، بىز پەخىرلەنگەن ھالدا ئۇلارغا مۇنداق بىر ھەقىقەتنى نامايەن قىلالىدۇق: خاگۋې سوت مەھكىمىسى (يەنى خاگۋې خەلقئارا ھەكەملەر سوتى) ئاللىبۇرۇن قۇرۇلدى. گەرچە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، خاگۋې ھەكەملەر سوتى بۇئېر ئۇرۇشىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ھەتتا بەزى دۆلەتلەر بىرلىشىپ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش نىيىتىدە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر، دۇنيادىكى زور كۆپ ساندىكى خەلق بۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ــــ كانېيگې ئەپەندىنىڭ سېخىيلىق بىلەن ئىئانى بېرىپ، بىزنى تېنچلىقنىڭ ئوردا-سارايلىرىدا ىەلقئارا سوت مەھكىمىسى ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك بىر ئۆي ھازىرلىيالىشىمىزغا ياردەم قىلغانلىقىغا رەھمەت.

         مۇبادا بۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇمكىنچىلىكلىكى ھەمدە مەۋجۇدىيەتلىك قىممىتىغا گۇمانىي نەزەر بىلەن قارايدىغان كىشىلەر بولسا، ئۇنداقتا يېقىندا يۈز بەرگەن دوگگېر بانكىسى ۋەقەسىنىڭ ئۆزىلا ئەڭ ياخشى دەلىل-ئىسپات. مۇبادا خەلقئارا ھەلەملەر سوتى بولمىغان بولسا، روسىيە بىلەن ئەنگىلىيە بۇ مەسىلە ئۈچۈن نەچچە ئايلاپ باش قاتۇرغان بولىشى مۇمكىن ئىدى: بۇ ئاتالمىش «ھاقارەت» بۇرۇنلا خەلقئارا سوتقا سۇنىلىپ بالدۇرراق «ھۆكۈم» چىقىرىلىشى كېرەكمىدى-يوق. مۇبادا راستىنلا شۇنداق بولىدىغان بولسا، سوزۇلۇپ كەتكەن بۇ ئۈچ ئاي ۋاقىتتىن دۇنيا ئەمنلىكىدىن قورقىدىغان شۇ تارقىتىش ۋاستىلىرى تولۇق پايدىلانغان بولاتتى – دە، ئاممىنىڭ ئەشەددى كەيپىياتلىرىنى قۇتۇرۇتۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىزنى تېنچلىق ۋاستىسى ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغان بىر ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولاتتى. ھازىر بىزنىڭ قولىمىزدا تېنچلىق ئورگىنىدىن تەييارلا بىرسى بار، بىزدە بىر ھەرۋاقىت ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان تېنچلىق تەشكىلاتى بار، ھەر ۋاقىت كۆپچىلىك ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان تېنچلىق ئاپپاراتىدىن بىرسى بار. ھالبۇكى يەنە دەل مۇشۇ ئەمەلىيەت تۈپەيلىدىن، ئەنگىلىيىدىكى بەزى تاراتقۇچى ۋاستىلەر غالجىرلارچە قۇتۇراتقۇلۇق قىلىپ، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ماجرا تۇغدۇرماقچى بولدى، ئەمما قىسقىلا نەچچە كۈندىن كېيىن، بۇ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى يەنىلا پۈتكۈل ئىشنى خاگۋې خەلقئارا ھەكەملەر سوتى ياراشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

         ئالدىنقى ئەسىردە، ھەكەملەر سوتى ئارقىلىق ياكى دوستانە توختىتىش ئارقىلىق ھەل قىلىنغان ماجرالار تەخمىنەن 200گە باردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ماجرالار تۇتامغا چىقمايدىغان كىچىك ئىشلار ئىدى. ئەمما يەنىلا چوڭ ئىشلارمۇ يوق ئەمەس ئىدى، بۇنىڭ ئىچىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە ئارىسىدىكى ئالاباما ئارىلىنىڭ دېڭىز قاراقچىلىرى كېمىسى تۈپەيلى قوزغالغان ئاشۇ ۋەقە.

         ئەمما، مېنىڭ بىلىشىمچە، 1887-يىلىنىڭ ئالدىدا، ھەرقايسى ماجرالارنى تېنچ يول بىلەن ھەل قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مەسىلە تېخى ماھىيەتلىك باسقۇچ-قەدەمگە كىرمىگەنىدى. گەرچە بۇنىڭدىن بۇرۇن، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزگەن، ھەرخىل يىغىنلارغا تەييارلىق كۆرگەن بولسىمۇ، ھەمدە ھۆكۈمەتكە ئۆزلىرىنىڭ مۇراجىئەتنامىلىرىنى سۇنۇپ باققان بولسىمۇ؛ ئەمما، تېنچلىقنى سۆيگۈچىلەر ئۇچرىغان قىيىنچىلىق بولسا، زادى كىم بۇنىڭغا باش بولۇپ رەھبەرلىك قىلىدۇ؟ قايسى بىر دۆلەت بىرىنچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقالايدۇ ھەمدە ۋاقىتنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان لايىھىلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ؟ دېگەنلەردىن ئىبارەت بولغان. مۇشۇنداق قىيىن مەسىلىلەرەە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھەمدە باشقا پايدىسىز ئامىللارنى يېڭىش ئۈچۈن، بىز ئەنگىلىيە تۆۋەن پالاتاسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى سۇنغان مۇراجىئەتنامىنى ئامېرىكا پىرىزدېنتىغا ۋە دۆلەت پارلامېنتىغا بەردۇق ھەمدە ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنى قولمۇ-قول تۇتۇشۇپ يېڭى بىر دەۋرنى ئېچىشقا دەۋەت قىلدۇق؛ ئۇلارنى كېلىشىم ئىمزالاپ، مۇشۇ كېلىشىم ئارقىلىق ئۆزلىرىنى چەكلەشنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ماجرانى ئىككىلا تەرەپنىڭ ھەكەملەر سوتى ئارقىلىق ھەل قىلىشىغا ئۈندىدۇق.

        شۇنداقتىمۇ، بەزى نېگاتىۋىزمچىلار مۇنداق دەپ باقتى: كېلىشىم ئىمزالىدى دېگەن تەقدىردىمۇ بۇنىڭ نېمىگە پايدىسى بولاتتى؟ ئۇلارنىڭ گۇمانلىرىغا نىسبەتەن، مەن ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىمزالانغان ھېلىقى كېلىشىم ئارقىلىق تاقابىل تۇرىمەن. گەرچە بۇ كېلىشىمنامىنىڭ ئىمزالانغانلىقىغا ئەمدىلا 12 ئاي بولغان بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت ئورتاق قۇرغان ھەكەملەر سوتى قۇرۇلتىيى شۇ كېلىشىمنامىنىڭ كەينىدىنلا دۇنياغا كۆز ئاچتى. بۇ خىل ھەكەملەر سوتى چوڭ يىغىنىدا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بارلىق ماجرالار، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى ماجرالارنىڭ داۋاملاشقىنىغا نەچچە ئەسىرلەر بولغان بولسىمۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئادىل بولغان ھەل قىلىشقا ئېرىشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت پارلامېنتلىرى ھەكەملەر سوتىنىڭ چىقارغان ھۆكۈمىنى قوللىدى. دەل مۇشۇ كېلىشىمنامە سەۋەبىدىن، پات-پاتلا ئۆ-ئارا قىرغىن قىلىشىپ، بىر-بىرسىنىڭ ئېنىرگىيە مەنبەلىرىگە زىيان سالىدىغان ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە ئىككى دۆلەت ئەۋلادلىرى، بۈگۈنكى كۈندە سەمىمىيلىك بىلەن قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە ئەمىن ياشىماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ قەلبىدە قىلچە قاراڭغۇ سايىلەرنىڭ ئىزناسىمۇ يوق.

    \

        ھەكەملەر سوتى كېلىشىمنامىسىنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەن داڭلىق بىر ئەمەلىي مىسال بار. بىر ئۇلۇغ بولغان كېلىشىمنامىنى ئىمزالىغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ـــ بۇ كېلىشىمدە كېلىشىم ئىمزالىغان ئىككى تەرەپ چوقۇم بارلىق ماجرالىرىنى خەلقئارا ھەكەملەر سوتىنىڭ بىرتەرەپ قىلىپ بېرىشىگە مۇراجىئەت قىلىدۇ دېيىلگەن، شۇنىڭ بىلەن پات-پاتلا ماجرالىشىپ قالىدىغان جەنۇبىي ئامېرىكا جۇمھۇرىيىتىدىكى ئىككى دۆلەت ــــ چىلى بىلەن ئارگېنتىنا ـــ غا نىسبەتەن ئۆزلىرىنىڭ پولات قاپلىمىلىق ھەربىي كېمىلىرىنى ۋە ياكى باشقىلارنىڭ ئۇرۇش كېمىلىرىنى كۆرسىمۇ بەرىبىر بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇلار ئۆزلىرىدىكى بۇ قورال-ياراغلارنى روسىيىگە، ئەنگىلىيىگە ياكى ھەرقانداق بىر سېتىۋېلىشنى خالايدىغان دۆلەتلەرگە بىر تەرەپ قىلىپ يوقاتتى.

        ئاخىرىدىكى بۇ مىسال بىزنىڭ قوللانغان سىتىراتىگىيىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى؛ بىز ئالدى بىلەن ھەكەملەر سوتىنى تەشۋىق قىلىمىز، بىزنىڭ بۇ تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز شۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىمىز: ھەربىي ھازىرلىقلارنى ئازايتىش چوقۇم ھەكەملەر سوتىدىن كېيىنكىسى بولىدۇ.بىز دائىم بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنى ۋاستە، يەنە بىرسىنى بولسا كۆزلىگەن نىشان قىلىمىز.

         مەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرى ئىمزالىغان شۇ كېلىشىملەردىن مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ مەنپەئەت شۇكى: ماجرا يۈز بەرگەن چاغدا، ماجراغا ئارىلاشقان ھەر قايسى تەرەپ قايتا ئويلىنىپ باقىدىغان، ئۆزىنى تەكشۈرىدىغان ۋاقىتقا ئىگە. چۈنكى، كېلىشتۈرگۈچى تەرەپ مۇرەسسە قىلىشتىن يالتىيىپ كەينىگە بۇرۇلغىنىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ھاياجانلانغان كەيپىياتلىرى ئاستا-ئاستا جايىغا چۈشۈشكە باشلايدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئۇرۇش پاتلاشنىڭ ئېھتىماللىقىمۇ ناھايىتى چوڭ دەرىجىدە پەسكويغا چۈشىدۇ.

        تا ھازىرغا قەدەر، مېنىڭ مۇزاكىرە قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسى بىز ئاللىقاچان ئېرىشكەنلەر، ئەمدى مەن بىزنىڭ مۇشۇ ئۇتۇقلارغا قانداق ئېرىشكەنلىكىمنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.

          بۇنىڭدىن 34 يىل مۇقەددەم، ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيە بىر قاتار كېڭەش ۋە يىغىنلارنى ئۆتكۈزدى ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ زېمىنلىرىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ سەييارە نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈردى.

         شۇ ۋاقىتتىكى پۈتكۈل دەۋردە، بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ھېقايسىسى ئۈزۈلۈپ قالمىدى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئەنگىلىيە بىلەن فىرانسىيە ھەكەملەر سوتى كېلىشىمنامىسى ئىمزالاپ ــــ بۇ كېلىشىم ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىمۇ كېلىشىم ئىمزالاشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى ــــ دەل بۇ ۋاقىتتا بۇ خىل تىرىشچانلىق ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتتى. مەن ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكەن شۇ بىر قاتار كېلىشىملارنىڭ ئىمزالىنىشى دەل مۇشۇ ئۈلگىدىن ئۆرنەك ئالغانلىقىدۇر.

          بۇنىڭدىن كېيىنكى بىزنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىمىز دەل خەلقنىڭ نەتىجىسىدۇر. بۇ دەل فىرانسىيىنىڭ ئۇلۇغ ناتىقى، كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن رەھبەر جاۋرېس ئەپەندىمنىڭ ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان كۆز قارىشى. مەن بۇنىڭدىن بۇرۇن بىزنىڭ 1887-يىلى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىپ بولدۇم، ئۇنىڭدىن كېيىنكى شۇ يىللاردا، مۇشۇ خىل كېلىشىمنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن ئىككى مۇراجىئەتنامىدە ــــ بىرىنچى مۇراجىئەتنامە 234 نەپەر ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتاسى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئىككىنچىسى 364 نەپەر ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتاسى  پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى ــــ كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن، بىز يەنە ئامال قىلىپ «ئەنگىلىيە ـــ ئامېرىكا ھەكەملەر سوتى كېلىشىمنامىسى»نىڭ ئىمزالىنىشىغا ياردەم بەردۇق. يۇقىرىقى بۇ مۇراجىئەتنامىلەرنىڭ ھەممىسى ئالەمدە بىر، تەڭداشسىزدۇر. چۈنكى، بىر دۆلەتتىكى پارلامنېت ئەزالىرىنىڭ يەنە بىر دۆلەتتىكى پارلامېنت ئەزالىرىغا مۇراجىئەتنامە يوللاشتىن ئىبارەت بۇ نۇقتىن قارىغاندا، تارىختىن بۇيانقى تۇنجى ئىش ھېسابلىنىدۇ. تەسىر قىلىش كۈچى غايەت زور بولغان بۇ بىرلىشىپ ئىمزا قويغان مۇراجىئەتنامىلەر ئەنگىلىيە تۆۋەن پالاتاسىنىڭ تولۇق بېلەت تاشلىشىدىنمۇ ئۆتتى.

         ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تارىخىنى يازما خاتىرىلەش جەريانىدا، بىز، ئىتالىيە بىلەن فىرانسىيە ارىسىدىكى ماجرانىڭ كۈنسېرى جىددىيلىشىپ كېتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايقىدۇق. مۇشۇنداق تېگىپلا كەتسە ئۇرۇش پارتلايدىغان مەزگىللەردە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىتالىيە دۆلەت پالاتاسىنىڭ پارلامېنت ئەزلىرىغا قاراپ چاقىرغان مۇراجىئىتى ھاسىل قىلغان غايەت زور تەسىر كۈچى ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىشنى ئۈنۈملاك توسىيالىدۇق.

           ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى يەنە ھەر دۆلەت ئاۋام پالاتاسى بىلەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى پارلامېنت ئەزلىرى ئارىسىدىكى ئۇچرىشىشنى مۇمكىن بولۇش ئېھتىماللىقىغا ئايلاندۇردى ھەمدە ئۇلار ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يول ئېچىپ بەردى. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇتۇقى شۇكى، ئۇ ھېلىقى چوڭ دۆلەتنىڭ (روسىيىنى دېمەكچى) ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ كېلەر قېتىملىق كۆپ دۆلەتلەر قۇرۇلتىيىنى چاقىرىشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا ھەمدە «خاگۋې كېلىشىمنامىسى»دىكى تاماملانمىغان ۋەزىپىلەرنى تۈگىتىشكە قايىل قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن، ھەكەملەر سوتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، ھەرقايسى دۆلەتلەتنىڭ ماجرالىرىنى ھەل قىلىشقا دەسسىتىلگەن ئامال چارە ــــ «خاگۋې كېلىشىمنامىسى»نىڭ ئىمزالىنىشىمۇ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تۆھپىسىدىن  بولغانىدى.

         تەسىر قىلىش كۈچۈ غايەت زور بولغان پىرىزدېنت روزۋېلتنىڭمۇ يەنە بىر قېتىملىق چوڭ قۇرۇلتاينى چاقىرىشىمۇ ھېسابتا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەجرىدىن ئايرىغىلى بولمايدۇ. گەرچە بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا تەكلىپ قىلىنغان مېھمان دۆلەتلەر ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش توغرىسىدا ئېنىق مۇھاكىمە قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇلارنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى ئازايتىشقا بولغان تەقەززاسى كۈندىن-كۈنگە ئاشتى ـــ بولۇپمۇ فىرانسىيەنىڭ بۇ خىل كۈچلۈك ئارزۇ-تەقەززاسى، قۇرۇلتاينى ھەربىي ھازىرلىقلارنىڭ بەدىلى ۋە خەتىرىنى ئويلاشقا، ھەربىي ھازىرلىقلارنىڭ زادى تېنچلىقنى قوغداشتىكى قورالمۇ، ۋە ياكى ئۇرۇش پەيدا قىلىشتىكى بالايى-ئاپەت يىلتىزىمۇ دېگەنلەر ئۈستىدە قايتا پىكىر يۈرگۈزۈشكە مەجبۇر قىلىپ قويدى.

         ئەمەلىيەتتە، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور قىرغىنچىللىققا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، روسىيە  بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن سەلبىي تەسىرىمۇ، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش مەسىلىسىگە ئەمدى قۇلىقىنى يۇپۇرۇۋالسا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

         ئىشچىلار سىنىپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ھايات-ماماتلىق مەسىلە. چۈنكى، ھەربىي ھازىرلىقلار راسخوتىدىكى ھەر بىر تىيىن ئىشچىلارنىڭ يۈكى، ھەر بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئىشچىلار ئاسالىق كۈچ چىقارغۇچىلار بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

          بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى ۋەزىپىمىز مىسلىسىز مۈشكۈل، ئوتتۇرىدا مەنپەتلەنگۈچىلەر بىلەن ئۇرۇش باھانىسىدا پايدا قوغلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ــــ ھەمدە مۇشۇ كىشىلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان تارقىتىش ۋاستىلىرى ــــ ھەرقانداق بىر ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىشقا قارشى تۇرىدۇ.

            ھېلىمۇ ياخشى ئىلىم-پەن ئەڭ تېز سۈرئەتتە بىزنىڭ تېنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى كۈچلۈك قورالىمىز بولۇپ قالدى؛ زوراۋانلىقلارنىڭ ھىمايەتچىلىرى بىلەن يۇقىرى مەدەنىيەتنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئارىدا ئېلىپ ئېچىلغان شۇ ھەيۋەتلىك كۈرەشلەردە، مۇنداق ئىككى خىل كۈچنى سەل قارىغىلى بولمايدۇ: ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ھەمدە قالتىس بولغان مۇستەقىل كىشىلەر، سىيساسەتتىكى ئەمەلىي كۈچى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان كىشىلەر.

    \

        يۇقىرىدا ئېيتىلغان يەكۈنلەردە، مەن بىز  كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقىمىزنى ۋە ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرىمىزنى قىسقارتىپ، بىرەر قۇردىن سۆزلەپ ئۆتتۈم. «ئەنگىلىيە ـــ ئامېرىكا ھەكەملەر سوتى كېلىشىمنامىسى» ـــ بۇ كېلىشىمنامە بىزنىڭ بۈگۈنگە قەدەر تېنچلىق نىشانىمىز ئۈچۈن كۆرسەتكەن تۇنجى تەشكىللىك تىرىشچانلىقىمىز، بۇ كېلىشىم بۇ مەسىلىنى يېڭى بولغان بىر يۇقىرى نۇقتىغا كۆتۈردى ھەمدە ئۆزىنى سىياسىي ئەمەلىيەت ساھەسىگە ئېلىپ كىردى ــــ نى ئىمزالاش جەريانىدىكى جارى قىلدۇرغان ئالاھىدە بىر رولىمنى، مەن تېخى سۆزلەپ ئۆتمىدىم. مەن يەنە شۇنى دەپ ئۆتەي، ئامېرىكىنىڭ ھەر بىر كېڭەش پالاتاسى يېقىندا بىر مۇراجىئەتنامە تاپشۇرۇۋالدى. بۇ مۇراجىئەتنامى ھېلىقى تەشكىلاتنىڭ (ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنى كۆرسىتىدۇ) ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا كۆز ئالدىدا تۇرغان ««ئەنگىلىيە ـــ ئامېرىكا ھەكەملەر سوتى كېلىشىمنامىسى»غا قول قۇيۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. 7452نەپەر ئەنگىلىيە ئەمگەكچى خەلقىدىن تەشكىل تاپقان ئەمەلدارلار بۇ كونۋېرتتىكى مۇراجىئەتنامىگە قول قويدى. بۇ ئىشچىلەر تەشكىلاتىدىككى ئەزالار سانى ئىككى مىليون 750 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.

    ئەنگىلىيە، فىرانسىيە خەلقىنى بىر سەپتە تۇرغۇزۇش ئۈچۈن چوقۇم توختىماي تىرىشىش كېرەك، بىرىنچى قېتىملىق پارلامېنتلار بىرلەشمىسى قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى ۋە تەشكىللىنىشى ھەققىدە، مەن ئۆتكەنكى 34 يىل جەريانىدا ئۆزۈمنى بېغىشلىۋەتكەن تېنچلىق ئىشلىرىگە كېرەكلىك بولغان ھەرخىل جاپا-مۇشەققەتلەر توغرىسىدا مەن باشقا ھېچقانداق پىكىر بايان قىلىشنى خالىمايمەن. مەن شۇنىڭغا، يەنى مېنىڭ يولداشلىرىم مېنىڭ ھەرىكىتىمگە، نەتىجە-ئۇتۇقۇمغا مۇۋاپىق باھا بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

    گەرچى ئاز بولمىغان كىشىلەر ياپونىيە بىلەن روسىيە ئارىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشلار ئۈچۈن ئەپسۇسلانسىمۇ، ئەمما، تېنچلىقنى ھىمايە قىلىدىغان تەشەببۇسچىلار ھەرگىزمۇ، بۇ ھەكەملەر سوتى كېلىشىمنامىلىرىنىڭ ھەممە ئۇرۇشنى بىردەمدىلا توختىتىپ قالالايدىغانلىقىدىن ئۈمىد كۈتمەيمىز. ھېلىلا تېخى ئېغىر قىيىنچلىق، يولسىزچىلىق ئىچىدىن ئاران-ئاران مېڭىپ چىقىۋاتقان كىشىلەرگە ئوخشاشلا، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپتە تۈزگەن يۈزەكى قانۇنلىرىنىڭ، ئاددىي قۇرۇلغان سوت مەھكىمىلىرىنىڭ شەخسلەر ئارىسىدىكى مەنپەئەت-توقۇنۇشلىرىنى دەماللىققا ھەل قىلالايدىغانلىقىدىن قىلچە ئۈمىد كۈتمەيدۇ.

    ئەمما، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ھەرگىزمۇ بۇندا ئەھۋاللاردىن ئۈمىدسىزلىنىپ باققىنىيوق. كىمكى مۇشۇنداق بىر سوت مەھكىمىسىنى ئىشلىتىشنى خالايدىكەن، بۇ سوت مەھكىمىسى شۇ كىشى ئۈچۈن تەۋرەمەي مۇلازىمەت قىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، بىز شەخسىي ئاداۋەت تۈپەيلىدىن قورال كۆتۈرگەن ئەھۋاللارنى كەمدىن-كەم ئاڭلايمىز. بۇرۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك پىرىنسىپلار، مانا ئەمدىلىكتە كىشىلەرگە بىر خىل چۈشكۈنلۈك ۋە يولسىز، قوپاللىقتەك بىلىنىدىغان بولدى.

     بىزنىڭ بۇ كېلىشىملارنى ئىمزالىشىمىزنى ھەمدە ھەكەملەر سوتىنىڭ ھەل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئامىللار يەنىلا بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى ئېتىقاد-ئەقىدىمىزدە.

         بەلكىم، بەزى دۆلەتلەر ئۇزۇن بىر مەزگىل ئىچىدە يەنىلا ئۆز-ئارا ئوت ئېچىپ تۇرۇشى مۇمكىن. ئەمما، مەيلى بالدۇر مەيلى كېيىن بولسۇن، ئۇرۇشنى ئەمەس  بەلكى ھەكەملەر سوتىنى تاللاشنى خالايدىغان، ئۇرۇش مەيدانىنى ئەمەس بەلكى سوت مەھكىمىسىنى تاللاشنى خالايدىغان دۆلەتلەر تىكلىگەن دۆلەتلەر مۇقەررەر ھالدا ئەسكەر-قوراللىرىغا تايانغان دۆلەتلەردىن چوڭراق بولغان تەسىر قىلىش كۈچىگە ئېرىشىپ، ئۇرۇشنى بۈگۈنكى كۈندىكى مۇشىتلىشىشقا ئوخشاش زاماندىننىڭ كەينىدە قالدۇرىدۇ.

         ئەپەندىلەر، مۇبادا  ئەمدى سۆزۈمنى تۈگەتمىسەم، مەن بەلكىم كۆپچىلىكنى چارچىتىپ قويۇشۇم مۇمكىن.

         ئەمما، نۇتۇقۇمنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدا، مەن بۇ شان-شەرەپنى ماڭا ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن، چوقۇم نوبېل كوممېتىتىغا سەمىمىي رەھمىتىمنى ئېيتىپ ئۆتىشىم كېرەك. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سايلاش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، بۇ كارامەت مۇكاپاتنى ماڭا تارقىتىپ بەردى. مانا بۇ دەل مېنىڭ بۇ يەردىن قايتىپ خەلقئارا ھەكەملەر سوتى بىرلەشمىسىدە ئۆز رولىمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشۇمنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

        مېنىڭ بۇ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇ نىشانىم ئۇلۇغ بىر تېنچلىق تەشكىلى ـــــ بۇ تەشكىلنىڭ ئۇرۇش كەلتۈرگۈچى كۈچلەر بىلەن قارىمۇ-قارشى كۈرەش قىلىدىغانغا يېتەرلىك قۇدرىتى بار ـــــــ قۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش ئىدى. ھەرنېمە  بولسا نوبېل كوممېتىتى بار ئىكەن، مانا مەن ئاخىرى شۇ ئارزۇ-نىشانىمغا قاراپ چوڭ بىر قەدەم تاشلىيالىدىم. مەن ئۆزۈمدىكى تەقسىم قىلىشقا بولىدىغانلىكى مەبلىغىمنىڭ ھەممىنى بىرلەشمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ئىشلەتتىم ھەمدە ئۇنىڭغا پايدا خاراكتېرلىك مەبلەغ قوشتۇم.

         مېنىڭ بىردىنبىر ئۆكۈنۈدىغىنىم، پەقەت ئۆزۈمنىڭ يالغۇز كۈچىگە تايىنىپلا بىرلەشمىگە كېرەكلىك بولغان ھەممىگە، قىسمەن بولمىغان پائالىيەتلەرگە كېرەكلىك  بولغان مەبلەغلەرگە ئاجىز كېلىپ قالدىم. ئەمما، مەن باشقىلارنىڭ ماڭا ئەگىشىپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن: مەن يەنە، ئۆزۈمنىڭ  بۇ دۇنيادىن كېتىپ قېلىشتىن بۇرۇن، بۇ ئۆمۈرلۈك ئارزۇيۇمنىڭ رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

        بىزنىڭ ئالدىمىدا مۈشكۈل ۋەزىپىلەر ھېلىھەم تۇرماقتا. ئەمما، تېنچلىقنىڭ تەشەببۇسچىلىرى ئەمدى ھەرگىزمۇ باشقىلار تەرىپىدىن قىلىدىغانغا ئىشى يوق يبرگەن خىيالپەرەسلەر دەپ مەسخىرىلىك قاراشقا ئۇچرىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن يەنە ئۆزۈمنىڭ سىلەرنىڭ بىزنىڭ ئىشلىرىمىز قازانغان غايەت زور ئۇتۇقلىرىنى، بولۇپمۇ يېقىنقى ۋاقىتتا ئېرىشكەن ئىلگىرىلەشلەرنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ، سىلەرنى قايىل قىلالايدىغانلىقىمغا، سىلەرنى بىزنىڭ شۇ نىشانلىرىمىزغا يېتىشكە ئازلا قالغانلىقىمىزغا ئىشەندۈرۈشكە قادىرلىقىمغا ئىشىنىمەن.

         دۇنيا ئاللىبۇرۇنلا قىيىنچىلىققا ۋە جاپاغا تولغان ئۇزۇن زۇلمەت كېچىدىن ئويغاندى. بىزنىڭ مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۇرۇشنىڭ نەزىرلىكىگە ئايلىنىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ قىزىل قانلىرى ھەربىر پارچە تۇپراققا سىڭىپ كەتتىم ھەر بىر پارچە دېڭىزنى بويدى.

         لېكىن، قەيسەرلىك! دوستلار، قەيسەر بولايلى! زۇلمەتلىك كېچە ئاخىرلاشتى، يېڭى بىر سۈبھى كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، كېلەچەك بىزگە مەنسۇپ!

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.