ئىگەرلىك ئات-تاش تۇمار

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-04 22:43:51

ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)ئابدۇللاھ تالىپبىرىنچى بابتاش تۇمار1ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىلىرى...يالقۇنجاپ تۇرغان ئىسسىق تەپتىدىن كىشىلەر سالقىن كامېر ئۆيلىرىگە كىرىۋېلىشقانىدى. گاھىلىرى سەگىدەش ئۈچۈن ئ...

     


     




     

    ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)
    ئابدۇللاھ تالىپ

     

    بىرىنچى باب

    تاش تۇمار

     

    1 

     

     

    ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىلىرى...


    يالقۇنجاپ تۇرغان ئىسسىق تەپتىدىن كىشىلەر سالقىن كامېر ئۆيلىرىگە كىرىۋېلىشقانىدى. گاھىلىرى سەگىدەش ئۈچۈن ئۆستەڭ ياقىلىرىدىكى تاللار ئارىسىغا يۈگۈرۈشەتتى. كوچا-كويلاردا شالاڭ مېڭىپ يۈرگەن ئادەملەرنىڭ ئەتراپىدا پىژغىرىم ۋىل-ۋىل ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. كۆپكۆك تىنىق ئاسماندا ئاشۇ بىرلا نۇرلۇق قۇياش جەۋلان قىلماقتا ئىدى.

    تومۇزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، شىمال تەرەپتىكى ئۆستەڭ بويىدا قىڭغىيىپ ئولتۇرغىنىچە سەگىدەۋاتقان ياشىنىپ قالغان ئىككى كىشى كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋېلىشىپ، ئېرىنچەكلىك بىلەن پاراڭغا چۈشكەنىدى:

    - قىشلىقى ھەدىسە قاتتىق بوران، ئەمدى بولسا ئىسسىقنىڭ دەستىدىن دەم ئالالمىغان!...

    ياشانغانلارنىڭ بىرى يەنە بىرىگە قاقشاپ تۇرۇپ ئاشۇ سۆزنى قىلىشى بىلەنلا ئىككىنچىسى جاۋابەن دېدى:

     

    توققۇز ئېقىن، توققۇز كارىز بەرگەچكە دەرمان؛
    ئۇشبۇ يۇرتتا تۇغۇلغانغا مەندە يوق ئارمان...


    ئۇلارنىڭ پارىڭى بارغانچە قىزىغانلىقتىن ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. قۇياش ئاستا-ئاستا غەربكە قىيسايدى.، ھاۋا سەگىشكە باشلىدى. دەل شۇ مەھەلدە ئاقتاش يولى تەرەپتىن ئىككى ئاتلىق كىشى كۆۋرۈك يېنىغا كېلىپ توختىدى. ئۇلارنى كۆۋرۈك بېشىدا خېلىدىن بېرى ساقلاپ تۇرۇشقان بىر توپ ياش ئەزىمەتلەر كۈتۈۋالدى:

    - ئەسسالامۇئەلەيكۇم! خۇش كېلىپسىلەر، مۇبارەك قەدىمىڭلار قۇتلۇق بولسۇن!

    قامەتلىك، ئاقپىشماق، يۇمىلاق يۈز كەلگەن، ئۇچىسىغا ناۋات رەڭ شايى يەكتەك كىيگەن بىر ياش زىيالىي ھەممىدىن بۇرۇن بايىقى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ قول سىقىشىپ كۆرۈشتى ۋە ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ دەل مۇشۇ ئەزىز مېھمانلارنىڭ ساھىپخانى ئىدى. ئۆز نۆۋىتىدە مېھمانلار بىلەن ساھىبخانا ئوتتۇز ياشلارغا چاپچىپ قالغان تەڭ دېمەتلىك دوستلاردىن ئىدى. ساھىبخانا چېۋەرلىك بىلەن ئۇلارنى ئۆستەڭ بويىدىكى سايىگە باشلاپ بېرىپ، بىر مەھەل دەم ئالغۇزدى. مېھمانلارنىڭ پېشانىسىدىن چىپ-چىپ تەر توختىماي ئېقىپ تۇراتتى:

    - پاھ، بۈگۈن نېمىدېگەن ئىسسىق-ھە! «يول ئازابى - گۆر ئازابى» دېگەننى كۆرگىلى تاس قالدۇق،-دېدى مېھمانلاردىن بىرى چاقچاق قىلىپ.

    ئۆستەڭ بويىدا سەيلە-تاماشا قىلىپ يۈرگەن ياش بالىلار ھايت-ھۇيت دېگۈچە تەرەپ-تەرەپتىن كېلىشىپ، مېھمانلار سەگىدەۋاتقان سايە ئەتراپىنى ئورىۋېلىشقانىدى. ئۇلاردىن چېچەنرەك بىرى ئورنىدىن لىككىدە تۇرۇپ، مېھمانلارنىڭ يېنىغا باردى-دە، قارا تەرگە چۆمۈلگەن ئاتلارنى چۆمۈلگەن ئاتلارنى سۆگەت شاخلىرىغا باغلاپ، قاڭتۇرۇپ قويدى. باشقا بالىلار بولسا، خۇددى ئالدىن مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك ئۆيلىرىگە بېرىپ، قېتىق ۋە زاغرا ئاچىقىشىپ مېھمانلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى. مېھمانلار بولسا بۇ جىگەرلىك ياش يىگىتلەردىن تولىمۇ سۆيۈنۈپ كېتىشتى.

    ئاقتاشلىقلار تەقەززا بولۇپ كۆتۈۋاتقا بۇ ئەزىز كىشىلەرنىڭ بىرى - تۇرپان ئويمانلىقىدا نامى مەشھۇر، داڭدار شائىر ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر، ئىككىنچىسى بولسا شائىرنىڭ ھەمراھى نىياز قارى دېگەن يىگىت ئىدى. ئۇلار بۇ يەرگە بۈگۈن ساھىبخانا سەيدۇل بايۋەچچىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن سەيلە-ساياھەت ئۈچۈن كېلىشكەنىدى.

    مېھمانلار سەگىدەپ، بىر مەھەل دەم ئېلىۋالغاندىن كېيىن ساھىبخانا ئېغىزلىنىپ دېدى:

    - بۈگۈن تومۇزنىڭ تۇخۇم پىشىپ قالىدىغان ئىسسىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، لەۋلىرىمىزنى يەردە قويماي يۇرتىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭلار ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر ئېيتىمەن. يۇرتىمىز سىلەرنى بېشىدا كۆتۈرۈپ قىزغىن كۆتۈۋالىدۇ. توقسۇن - «توققۇزدا توق» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان. توققۇز تاغ، توققۇز ئېقىن، توققۇز يايلاق، توققۇز كارىز، توققۇز بوران، توققۇز تۆمۈر، توققۇز ئۆستەڭ، توققۇز داۋان، توققۇز ئويمان...

    ساھىبخانا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇۋېتىپ مېھمانلارنىڭ كۆزلىرىدە ھارغىنلىق ئۇيقۇسى ئەگىپ قالغانلىقىنى سېزىۋالدى-دە، دەرھال ئۇلارنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ، ئۆزىنىڭ ئازادە قەسىرىگە باشلاپ ماڭدى...

    ساھىبخانىنىڭ ئۆي-ئىمارىتى مەنزىرىلىك جايغا ھەشەمەتلىك قىلىپ سېلىنغانىدى. بىنانىڭ ئالدى ئۆستەڭ، ئىككى ياقىسى بۈك-باراقسان تال-سۆگەتلىك بولۇپ، كىشىنىڭ زوقى كېلەتتى. بىنانىڭ يان ۋە ئارقا تەرەپلىرىگە ئالما، ئانار ۋە ياڭاقلىق باغ بەرپا قىلىنغانىدى، مېھمانلار ھازىر مۇشۇ ھاۋالىق جايدا ھۇزۇر سۈرمەكتە ئىدى.

     

     


    2
     

     


    بىر كېچە ئۇخلاپ تولۇق ئۇيقۇسىغا قانغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەتىسى ھەممىدىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. شائىر  سەھەرنىڭ سالقىن، ساپ ھاۋاسىدىن قېنىپ ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن ئۆزى يالغۇز دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ، چوڭ ئۆستەڭ ئەتراپىنى ئايلاندى. ئارىدىن بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتكەندە ساھىبخانا سەيدۇل بايۋەچچە ئۆيىدىن چىقىپ، شائىرنىڭ ئالدىغا سالام بېرىپ كەلدى:

    - ئەسسالامۇئەلەيكۇم، نېمىشقا بۇنچە ئەتىگەن؟

    ساھىبخانىنىڭ سوئالى تېخى ئۈزۈلمىگەنىدى، شائىر چاققان جاۋاب بەردى:

    - ئۇيقۇ يېتەرلىك بولدى، سەھەرنىڭ ھاۋاسى غەنىيمەن...

    ساھىبخانا بۇ جاۋابقا قايىل بولدى. ئارقىدىنلا بىر يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا بېشارەت بەردى:

    - بۈگۈن ئاخشام مېنىڭ قەسىرىمدە شەرىپىڭىزگە ئاتاپ چوڭ زىياپەت؛ ئەتە ئاخشامدىن باشلاپ ئاغىنىلەر ئارا نۆۋەت بىلەن مەشرەپ، باراۋەت؛ بۇ پىلانىمغا ماقۇل بولارسىز؟

    - مەرھابا، ئەلۋەتتە ماقۇل بولىمەن. لېكىن بىر مەسھىلەتىم بار. ئىسسىقنىڭ دەستىدىن مېڭە قايناپ تۇرغان جايلاردا قاتارى مەشرەپ كەيپىمىزگە خوپ كەلمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا ئاۋۋال تاغ سەيلىسى قىلايلى، قايتاشىمىزدا قىرنىڭ سالقىن ھاۋاسىنى بىللە ئەكېلىمىز-دە، قاتارى مەشرەپنى قانغۇدەك ئوينىۋالىمىز.

    سەيدۇل بايۋەچچە بۇ ئورۇنلۇق تەكلىپكە بېشىنى لىڭشىتىش ئارقىلىق قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن:

    - ئۇنداقتا، تاغقا قاچان؟...- دەپ سورىدى.

    - مۇمكىن بولسا ئەتىلا يۈرۈپ كەتسەك،- دېدى شائىر جاۋابەن،- يايلاقنىڭ پەيزى چاغلىرى باشلاندى، پۇرسەت غەنىيمەت. ۋاقىتنىڭ ئۆتكۈزۈپ قويمىساق...

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئارقىدىن ساھىبخانا دوستىغا تەكلىپ بەردى:

    - يەنە كېلىپ يايلاقتا مۇشۇ كۈنلەردە تۇرغۇتلارنىڭ نادام  بايرىمى قىزىپ كېتىدۇ. چېلىشىش، ئېتىشىش، ئات بەيگىسى... مۇسابىقە مەيدانلىرى قاينايدۇ. بىز بۇ يەردىن ھېچبولمىغاندا بىرەر ماھىر چېلىشچىنى ئېلىۋالغان بولساق كۆڭۈلدىكىدەك ئىش بولاتتى.

    - كۆڭلۈمدىكىنى تېپىپ سۆزلىدىڭىز،- دېدى ساھىبخانا،- ئاقتاشلىق يىگىتلەر ئارىسىدا بىر پالۋان چېلىشچى بار. ھازىرغىچە ئۇنىڭ يېنى يەرگە تېگىپ باقمىغان. ئۇ بىز بىلەن چوقۇم بارىدۇ. مەن ئۇنى تېپىپ كېلەي، سىز سۆزلىشىپ كۆرۈپ، ئۇنى دەڭسەپ بېقىڭ...

    شۇنداق قىلىپ ئاش پىشىم بولغۇچە ئارىلىقتا ساھىبخانا ئاقتاشلىق چېلىشچى پالۋاننى باشلاپ كېلىپ، شائىرنىڭ ئالدىدا ھازىر بولدى.

    چېلىشچى يىگىت قەسىرگە كىرىشى بىلەن سالام بەجا كەلتۈرۈپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن قىزغىن قول سىقىشتى ۋە ئۆزئارا ئامان-ئېسەنلىك سوراشقاندىن كېيىن ئەدەپ بىلەن گىلەم سېلىنغان ساراي ئۆينىڭ پەگاھىغا يېقىن جايغا كېلىپ ئولتۇردى. ساھىبخانا ئۇلارىڭ ئالدىغا يېڭىدىن داستىخان كەلتۈردى.

    - مەزەگە مەرھەمەت،- دېدى ساھىبخانا تەكەللۇپ بىلەن،- مۇھەببەت پاراڭلىرىمىز ئىشتىھانى ئاچىدۇ، پېقىرنىڭ رام - رۇجەكلىرى، ئىشىك-تۈڭلۈكلىرى مەھكەم؛ قېنى كەڭ كۇشادە...

    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر غىزالانغاچ چېلىشچى پالۋاننىڭ يوغان گەۋدىسى، مۇسكۇللۇق قامىتى، تەرەققىي قىلغان بۇلجۇڭ گۆشلىرى ۋە كېلىشكەن بەستىگە كۆز يۈگۈرتۈپ ھەيران بولۇۋاتقاندەك قىلاتتى. شائىرنىڭ ئاشۇ چاغدىكى ھېسسىياتىنى سېزىۋالغاندەك ساھىبخانا سۆھبەت دەرۋازىسىنى باشلامچى بولۇپ ئېچىپ بېرىش نىيىتىدە ئېغىزلىنىپ دېدى:

    - بىزنىڭ بۇ يۇرت بوران ۋە كەلكۈن ئېغىزىغا جايلاشقان. ھەر يىلى دېگۈدەك ئاشۇ ئىككى زومىگەر بىلەن جەڭ بولۇپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق ئۆزگىچە مۇھىت بىزدە نۇرغۇن قاۋۇل پالۋانلارنى يېتىشتۈرگەن. يېنىمىزدىكى بۇ يىگىت ئاشۇ پالۋانىمىز ئىچىدىكى داڭلىق سەركىلىرىمىزدىن بىرى. پەمىمچە، دوستۇم ئابدۇخالىق بۇ يىگىتنىڭ ئەھۋالىغا قىزىقىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئۇنداقتا بىز سۆزنى ئالدى بىلەن چېلىشچى پالۋىنىمىزنىڭ ئۆزىگە بەرسەك...

    سەيدۇل بايۋەچچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يىگىت باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرغان ئورنىدىن سەل-پەل كەينىگە يۆتكەلدى ۋە ئوڭ قىرىنى كىچىكرەك قاتلاپ بېشىغا كىيىۋالغان ئاق شاپاق دوپپىسىنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى. قوشۇما قاش، بۈركۈت بۇرۇن، ئاق يۈز، بۇلاق كۆز بۇ يىگىتنىڭ ئىككى قۇلىقى خېلىلا چوڭ بولۇپ، باشقا كىشىلەرنىڭ قۇلىقىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى. يوغان بوينىغا ئېسىۋالغان تاش تۇمارنىڭ كۆكسى ئارالچۇقىغا يەتكۈچە ساڭگىلاپ، ئالدى ئوچۇق كۆڭلىكىدىن پارقىراپ كۆرۈنۈپ تۇرۇشى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى تېخىمۇ بەك جەلپ قىلغانىدى.

    - بولىدۇ ئەمىسە،- دېدى يىگىت جاراڭلىق ۋە تىمەن تەلەپپۇزدا سۆزىنى باشلاپ،- ھېلىراقتا بۇ سەيناغا كېلىۋاتقان يول ئۈستىدە سەيدۇل ئاكامدىن شائىرلىرىمىزنىڭ نام-شەرىپىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم. بۈگۈنزە قەدىمكىلەرنىڭ «دەم غەنىيمەت، دىدار غەنىيمەت» دېگەن مەشھۇر سۆزى تازىمۇ ئۇختىسىغا كەلدى. ئۆزۈم ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۈگۈنكى پۇرسەت تېخىمۇ غەنىيمەت. شۇ ۋەجىدىن مۇشۇ قىممەتلىك مىنۇتلاردا ھەربىرلىرى ئالدىدا ئىچ-قارنىمنى بىر تۆكۈۋالسام، ئىچىم بوشاپ خېلى يەڭگىللەپ قالىمەن...

    چېلىشچى يىگىت ئاشۇ ئۆزرىخاھلىق سۆزىدىن كېيىن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭ رومانتىك مەزمۇن بىلەن تولغان بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك سەرگۈزەشتلىرىنى يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا مۇنداق ئىدى: ئۇ - جۇمھۇرىيەت تەسىس قىلىنغان يىللىرى  توقسۇننىڭ شەھەر ئىچىدىكى ئاقتاش مەھەللىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئابدۇنىياز كامال ئىسىملىك يىگىت ئىدى. ئاتىسى كامال قەرەن تېرىچىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئاپىسى توختىخان ئىشچان ۋە دىيانەتلىك ئايال ئىدى. بىراق، ئۇ تاسادىپىي تەگكەن قارا كېزىك كېسىلى تۈپەيلى ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئوغلى ئابدۇنىياز بىلەن ئىككى ياشقا كىرگەن قىزى ھاشىخاننى يېتىم قالدۇرۇپ قازا قىلدى. ئابدۇنىياز ھېلىغىچە بوينىغا ئېسىپ كەلگەن ئاشۇ «تاش تۇمار» - مېھرىبان ئانىسىنىڭ ئوغلىغا قالدۇرۇپ كەتكەن قۇتلۇق تەۋەررۈكى ئىدى. ئېتىقاد سىمۋولى بولۇپ كېلىۋاتقان «ئاقتاش رىۋايىتى» ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ زامان-زامانلاردىن بېرى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتاتتى. بېشىمىزدىن ساقىت قىلالايدۇ» دەپ چوقۇنۇشاتتى. «ئاقتاش ئەۋلىيا»سىغا ئاتاپ نەزىر-چىراغ بېرىشەتتى. ئابدۇنىياز كامالمۇ ئاشۇ ئېتىقادنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئىدى.

    ئۇ بەش يېشىدىن باشلاپ ئۆيىدىكى كۆك قوزا-قوچقار بىلەن ئۈسۈشۈپ ئوينايتتى. ئاتىسى كايىپمۇ، ئەدەپلەپمۇ ئۇنى توسۇۋالالمىغانىدى. ئۇنىڭ كەڭ، ئالدىغا بۆرتۈپ چىققان پىشقان پېشانىسى ئەنە شۇ ئۈسۈشۈش مەشىقىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. كېيىنچە ئۇنى ئاداشلىرى «قوچقار پالۋان» دەپ ئاتىشىۋالدى. ئەمدىلىكتە، بالىلىق دەۋرىنىڭ يالدامىسى بولغان بۇ لەقەم ئۇنىڭ مەشھۇر تەخەللۇسى بولۇپ، ئۆزلىشىپ قالغانىدى.

    ئابدۇنىياز كامال چوڭ بولغانسېرى ئاتىسىغا ھەمدەم بولۇپ تېرە ئاشلاش، تېرە ئەيلەش ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان بولدى. ئاتىسى كامال قەرەن بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇرسەن بولاتتى. ئاشۇ ھۈنەر مەشغۇلاتى ئارقىلىق ئابدۇنىيازنىڭ بىلەكلىرى بازغاندەك توملىشىپ، بۇلجۇڭ گۆشلىرى بۆرتۈپ چىقىپ زورايغانىدى.

    ئۇ بەزەن چاغلاردا ئۆگەي ئاپىسى ھەمراخان بىلەن تەرگىشىپ قالسا، كوچىغا چىقىپ ھىدايى قاتارلىق ئاداشلىرىنى تاپاتتى-دە، سوغا بىلەن ئاقئۆستەڭدىن سۇ توشۇپ بازار ئاھالىسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيتتى. بۇنىڭدىن خەلق مىننەتدار بولاتتى، ئالغان تاپان ھەققى بىلەن ئۆز تۇرمۇشىنى قامدايتتى. ئۇ، بۇ ئىشى بىلەن خېلى يىللارغىچە مەلىك بولۇپ چېنىقتى. ئۇنىڭ كۈچلۈك پاچاقلىرى ۋە ئاياغ تاپانلىرى ئەنە شۇ چېنىقىشنىڭ نەتىجىسى ئىدى.

    مۇشۇنداق قاۋۇل، ئۆكۈزدەك جىسمانىي ساپاغا ئىگە بولغان بۇ يىگىت توققۇز كارىز بويىچە ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدىغان داڭلىق چېلىشىش پالۋىنىغا ئايلىنىپ داڭق چىقارغانىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «بىر داڭلىق چېلىشچىنى ھەمراھ قىلىۋالساق» دېگەن ئارزۇسىغا يارىشا ساھىبخانىنىڭ تېڭىرقىماستىنلا ئابدۇنىياز كامالنى قەسىرگە باشلاپ كېلىشمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن ئىدى.

    ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلۈك كەچۈرمىشلىرىنى تەسۋى سىيرىۋاتقاندەك رىتىملىق بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر دەرھال ئېغىز ئېچىپ ئۇنىڭدىن سورىدى:

    - سىز ئوقۇغانمۇ، خەت ساۋاتىڭىز بارمۇ؟...

    - ئوقۇغان،- دېدى ئۇ، شائىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ،- يەتتە يېشىمدىن تارتىپ مەھەللىمىزدىكى «ئاقتاش مەدرىسە»سىگە كىرىپ زاكىر موللام دېگەن ئوقۇمۇشلۇق كىشىنىڭ قولىدا خېلى چوڭ بولغۇچە ئوقۇپ خەت ساۋاتىمنى چىقاردىم. زېھنىم ئۆتكۈر ئىدى. ئوقۇيدىغان بالىلار كۆپ بولغاچقا، زاكىر موللام مېنى ئۆزىگە كىچىك خەلپەت قىلىپ تاللىۋالغانىدى. زاكىر موللام خەتتات ئىدى. مەن تىرىشىپ-تىرمىشىپ راۋان خەت يازالايدىغان ماھارەتنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم.

    بۇ جاۋابنى ئاڭلىغان شائىرنىڭ قەلبىدە بىردىنلا سۆيۈنۈش ھېسسىياتى ئۇرغۇدى-دە، شەمەي سەپىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئالغاچ كەلگەن بىر پارچە تىترات دەپتەر بىلەن بىر دانە قېرىنداش قەلەمنى يېنىدىكى سومكىسىدىن چىقىرىپ ئابدۇنىياز كامالغا سۇندى:

    - مۇشۇ تىتراتنىڭ باش بېتىگە بىرنەچچە قۇر خەت يېزىپ باقسىڭىز قانداق؟ تىترات بىلەن قېرىنداش قەلەم سىزگە، ھۆسنىخېتىڭىز بىزگە يادىكار بولۇپ قالسۇن...

    ئابدۇنىياز كامال شائىرىنىڭ قولىدىن دەپتەر بىلەن قەلەمنى ئالدى-دە، تىتراتنىڭ بىرىنچى بېتىگە ئۇچلانغان قېرىنداش بىلەن تۆۋەندىكى خەلق ناخشىسىنىڭ بىر كۇپلېت تېكىستىنى ئىنتايىن توغرا ئىملا بىلەن چىرايلىق يېزىپ چىقتى ۋە پەس ئاۋازدا ناخشىسىنىڭ ئاھاڭى بىلەن ئوقۇدى:

     



    بەش-ئالتە زامان بولدى، ئاچىل،

    ئالەم چۆرگىلەي دەيدۇ، ئاچىل

    يۈرەكتىكى زەرداب سۇ، ئاچىل، گۈل ئاچىل،

    قانغا ئۆرىلەي دەيدۇ، ئاچىل،

    ئاچىل، ئاچىلمىساڭ گۈل قايدا، ئاچىل...

     


     

    خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن يارىتىلغان بۇ تېكىستنى ۋە ئۇنىڭ ناخشا ئاھاڭىنى ئابدۇنىياز كامال شۇنداق ئەپچىل ئورۇنداپ بەردىكى، شائىر قاتتىق ھاياجانلانغىنىدىن جايىدا ئولتۇرالماي قالدى ۋە ئورنىدىن قوپقان پېتى ئابدۇنىياز كامالنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قولىنى مەھكەم سىقىپ تۇرۇپ:

    - سىزگە رەھمەت، مەرھابا، بۈگۈن مەن سىزنى چۈشەندىم، بىلدىم، سىزدەك يىگىتلەردىن خەلقىمىز پەخىرلىنىدۇ!- دېدى.

    - ھەممىمىزلا پەخىرلىنىمىز،- دېيىشتى باشقىلارمۇ شائىرغا قوشۇلۇپ. لېكىن «ئاچىل» ناخشىسىغا ئالاقىدار بىر قىزىقارلىق ھېكايە توغرىسىدا ھېچكىم تېخى زۇۋان سۈرمىگەنىدى.

    ئابدۇنىياز كامال ئاقتاش مەھەللىسىدە ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن «ئاقتاش بۇلبۇلى» دېگەن شۆھرەتكىمۇ مۇيەسسەر بولغانىدى. ئۇ بىرىنچى بولۇپ مۇشۇ ئەتراپتا «ئاچىل» ناخشىسىنى ئېيتىشقا باشلىغان. ئۇ ئاقتاش ئۆستىڭىدىن سۇ توشۇش ئەمگىكى بىلەن بەند بولغان چاغلاردا ئاشۇ ناخشىسى بىلەن داڭق چىقارغان ھەمدە مۇشۇ ناخشىنى كۆپ ئېيتقانلىقى بىلەن قارىلىنىپ، يامۇلغىمۇ قامالغان. كېيىن يامۇلنىڭ سولاقخانىسىدىن قېچىپ چىقىپ جىمسار، گۇچۇڭ ۋە كوجەي يايلاقلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن.

    ئابدۇنىياز كامال كۆپچىلىكنىڭ يۇقىرىقى مەدھىيىسىدىن مىننەتدار بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ:

    - ئەگەر مەندە بىرەر خاسىيەتلىك پەزىلەت مەۋجۇد بولسا، بۇ مۆجىزە ئانام رەھىتى بوينۇمغا ئېسىپ قويغان ۋە مەندىن مەڭگۈ ئاجرىمايدىغان مۇشۇ «تاش تۇمار» غا باغلىق..،دېدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.