3- بۆلۈم ئۇرۇش يولىغا مېڭىش-داۋامى5

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-21 00:52:43

ئۈچىنچى ئىمپىرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى بۇنى ئەسلىدە قىلىپ كەتكىلى بولاتتى ـ بەلكى دەرۋەقە شۇنداق قىلىنغان بولسا، ئۇنداقتا چوقۇم گىتلېرنىڭ مەھشەر كۈنى كېلىپ قالغانمۇ بولاتتى،كېيىنكى تار...




               ئۈچىنچى  ئىمپىرىيىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى


    بۇنى ئەسلىدە قىلىپ كەتكىلى بولاتتى ـ بەلكى دەرۋەقە شۇنداق قىلىنغان بولسا، ئۇنداقتا چوقۇم گىتلېرنىڭ مەھشەر كۈنى كېلىپ قالغانمۇ بولاتتى،كېيىنكى تارىختىمۇ ئەسلىدىكىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغان ۋە بىر قەدەر نۇرلۇق بۇرۇلۇش ياسالغان بولار ئىدى، چۈنكى بۇنداق چوڭ مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، بۇ مۇستەبىت زادى ئاغدۇرۇلماي قالمايتتى.گىتلېرنىڭ شۇنداقدەپ ئېتىراپ قىلغانىدى. ئۇ كېيىنچە :«ئەگەر چېكىنگەن بولساق، ھالەك بولاتتۇق» دەپ ئېتىراپ قىلغان. بۇ چاغدا، ۋەزىيەت خۇددى گىتلېرنىڭ كېيىنكى نۇرغۇن بوھرانلاردىكىدەكلا ئۆزىنى باسالىغانلىقى ئارقىسىدىلا قۇتقۇزۇپ قېلىندى، بەلكى بۇيرۇقىغا زورىغا بويسۇنغان گېنىراللارنى ھەيران قالدۇرۇپ تېخى مۇۋەپپەقىيەتمۇ ئېلىپ كەلدى. لېكىن ئۇنىڭ ئۆزىگە قارىتا ئېيتقاندىمۇ شۇ چاغدا چىدىماق يېنىك بولمىغانىدى.

    ئۇنىڭ تەرجىمانى پائۇل سمىت ئۇنىڭ كېيىنچە مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىغان: «رېيىنلاندقا يۈرۈش قىلغاندىن كېيىنكى 48 سائەت ئۆمرۈمدە نېرۋام ئەڭ جىددىيلەشكەن پەيت بولدى. شۇ چاغدا ئەگەر فرانسۇزلارمۇ رېيىنلاندقا كىرگەن بولسا، بىز قۇيرۇقىمىزنى قىسىپ ئارقىمىزغا چېكىنگەن بولاتتۇق. چۈنكى قولىمىزدىكى پايدىلانغۇدەك شۇ كىچىككىنە ھەربىي كۈچ ئازراق قارشىلىق قىلىشقىمۇ يەتمەيتتى.»

    فرانسۇزلارنىڭ يۈرۈش قىلىشىغا ئىشەنمىگەنلىكتىن، ئۇ پوزىتسىيىسى تەۋرىنىپ تۇرغان باش قوماندانلىق شتابى چېكىنىش توغرىسىدىكى بارلىق تەكلىپلىرىنى رەت قىلىۋەتتى. باش شتاب باشلىقى گېنىرال بېك فىئۇرېردىن بۇ قېتىمقى زەربىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ رېيىن دەرياسىنىڭ غەربىدىكى رايونلاردا مۇداپىئە پاناھگاھلىرى قۇرمايدىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلاشنى تەلەپ قىلدى.ئىئودېل كېيىنچە گۇۋاھلىق بېرىپ بۇ تەكلىپ« فىئۇرېر تەرىپىدىن ئىنتايىن كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىندى» دەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى روشەن بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭدىن خەۋەردار بولىمىز. گىتلېر كېيىنچە فون رۇندستېدقا:بلومبېرگنىڭ چېكىنىش ھەققىدىكى تەكلىپى پۈتۈنلەي قورقۇنچاقلىق ھەرىكەت دېگەن.

    1942-يىل 27-مارت كەچتە، گىتلېر ئۆزىنىڭ قەدىناس دوستلىرى بىلەن باش شتابتا پو ئېتىشىۋېتىپ، رېينلاندقا قىلىنغان تۇيۇقسىز ھوجۇمنى تىلغا ئالغاندا، ئۈنلۈك قىلىپ: «مەندىن باشقىسى گېرمانىيە رەھبىرى بولغان بولسا، قانداق ئەھۋال يۈز بەرگەن بولاتتى! كىمنى دېسەڭلار ئىختىيار دەپ بېقىڭلار، ھەر قاندىقىنىڭ يۈرىكى قورققىنىدىن يېرىلىپ كېتەتتى!يالغان سۆزلەشكە مەجبۇر بولدۇم، لېكىن مېنىڭ تەۋرەنمەس قەيسەرلىكىم بىلەن كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان تەمكىنلىكىم بىزنى قۇتۇلدۇردى» دېدى.

    بۇ گەپلەر دۇرۇس ئىدى، بىراق شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى، ئۇ فرانسۇزلارنىڭ ئىككىلىنىشتەك ياردىمىگە ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئىتتىپاقداش دوستى ئەنگلىيىنىڭ جان باقارمەنلىك قىلىشتەك ياردىمىگىمۇ ئېرىشكەنىدى.فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پىئېررى ئېتىئېننى فلاندىن11-مارتتا ئايروپىلان بىلەن لوندونغا بېرىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن فرانسىيىنىڭ رېينلاندقا ھەربىي جەھەتتە قارشىلىق قىلىش ھەرىكىتىنى قوللىنىشىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ تەلىپى ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىدى.گەرچە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر گېرمانىيىدىن مۇتلەق ئۈستۈن بولسىمۇ، ئەنگلىيە ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەۋەككۈلچىلىكنى قىلىشنى خالىمىدى.خۇددى لورد لوتىئاننىڭ دېگىنىدەك،«نېمىسلار ئاخىرقى ھېسابتا ناھايىتى ئۆزلىرىنىڭ ئارقا قورۇسىغا كىرىۋالدى، خالاس.» ھەتتا فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لوندونغا يېتىپ بېرىشنىڭ ئالدىدا،ئالدىنقى يىلى دېكابىردا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەنگەن ئانتونى ئېدېن 9-مارتتا تۆۋەن پالاتاغا: «گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ رېينلاندنى بېسىۋېلىش شەرتنامىسىنىڭ مۇقەددەسلىكىگە بېرىلگەن بىر زور زەربە » دېگەنىدى.ئۇ يەنە: «بەختكە يارىشا،بىزدە گېرمانىيىنىڭ نۆۋەتتىكى ھەرىكىتىدە دۈشمەنلىك ھەرىكەت قوزغايدىغان خەۋپ بار دەپ تەسەۋۋۇر قىلغۇدەك ئاساس يوق » دېگەنىدى.

    ۋەھالەنكى، لوكارنو ئەھدىنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، فرانسىيىنىڭ گېرمانىيىنىڭ بۇ غەيرىي ھەربىي رايونغا كىرگەنلىكىگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ھوقوقى بار ئىدى ھەمدە ئەنگلىيىنىڭ ئۆز قوراللىق قىسىملىرى ئارقىلىق فرانسىيىنى قوللايدىغان بۇرچى بار ئىدى. لوندون سۆھبىتىدىن نەتىجە چىقماسلىق گىتلېرغا ئۇنىڭ يەنە تەلىپى ئوڭ كېلىپ يېقىنقى تەۋەككۈلچىلىكلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

    ئىنگلىزلار ئۇرۇش تۇغدۇرىدىغان تەۋەككۈلچىلىكنى قىلىشقا پېتىنالمايلا قالماستىن، بەلكى گىتلېرنىڭ يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان «تىنچلىق» تەكلىپىنى يەنە بىر قېتىم راست دەپ قارىدى. 7-مارتتا ئۈچ دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرىگە تاپشۇرۇلغان ھەمدە ئۇنىڭ دۆلەت پارلامېنتىدا قىلغان نۇتقىدا،گىتلېر بېلگىيە ۋە فرانسىيە بىلەن 25 يىللىق ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمىنى تۈزۈشنى ۋە ئۇنىڭغا ئەنگلىيە ۋە ئىتالىيىنىڭ كېپىللىك قىلىشنى تەكلىپ قىلدى؛گېرمانىيىنىڭ شەرقىدىكى قوشنىلىرى بىلەن شۇنداق كېلىشىم تۈزۈلىدىغان بولدى؛فرانسىيە-گېرمانىيە چېگرىسىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ غەيرىي ھەربىيلەشتۈرۈشىگە قوشۇلدى؛ ئەڭ ئاخىرىدا، خەلقئارالىق ئىتتىپاققا قايتىدىن كىرىدىغان بولدى. گىتلېرنىڭ سەمىمىيلىكنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئۇنىڭ فرانسىيە- گېرمانىيە چېگرىسىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ غەيرىي ھەربىيلەشتۈرۈش تەكلىپىدىن تازىمۇ بايقىۋېلىشقا بولاتتى. چۈنكى بۇ فرانسىيىنى ئۆزىنىڭ گېرمانىيىنىڭ تۇيۇقسىز زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تايانچى ـ ماگىنوت مۇداپىئە لىنىيىسىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر قىلاتتى.

    كىشىلەرنىڭ ئىززەت-ھۈرمىتىگە سازاۋەر «تايمىس گېزىتى » لوندوندا بىر تەرەپتىن گىتلېرنىڭ رېينلاندقا بېسىپ كىرىشتەك يېنىكلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «قايتىدىن قۇرۇشنىڭ بىر پۇرسىتى » سەرلەۋھىلىك باش ماقالە ئېلان قىلىندى.

    ھازىر بۇنى ئەسلىسەك، شۇنى ئاسان چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇكى، گىتلېرنىڭ رېينلاندتىكى تەۋەككۈلچىلىك مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن غەلبىلىك ئاقىۋىتىنىڭ كىشىلەرنى تاڭ قالدۇرىشى ۋە مۇھىملىقى شۇ چاغلاردا تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن بولىدىغان دەرىجىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. مەملىكەت ئىچىدە، بۇ غەلىبە ئۇنىڭ ئابرويى ۋە ھوقۇقىنى كۈچەيتىپ،ئۆتكەندە ھېچقانداق گېرمانىيە ھۆكۈمرانى يېتەلمىگەن يۈكسەكلىككە يەتكۈزدى، بۇ غەلىبە ئۇنىڭ ئۆز گېنىراللىرىدىن ئۈستۈن تۇرۇشنى بەلگىلىدى. چۈنكى ئۇلار بۇ غالىبىيەت ۋە مەغلۇبىيەتتىن ئىبارەت ھالقىلىق پەيتتە ئارىسالدىلىق قىلىپ تەۋرەندى، ئۇ بولسا قەتئىيلىكنى ساقلاپ قالدى. بۇ غەلىبە ئۇلارغا، سىرتقا قارىتىلغان سىياسىي ھەتتاكى ھەربىي مەسىلىلەردە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ ئۇلارنىڭكىدىن دانا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.