قۇم باسقان شەھەر(مەمتىمىن ھوشۇر) 3- باب

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-21 00:57:21

قۇم باسقان شەھەر مەمتىمىن ھوشۇر ئۈچىنجى باب قاچقۇن شاھزادە جاھانكەزدى سۈپۈرگە ئۆز خىياللىرى بىلەن يولىنى داۋام قىلماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئېشىكىنىڭ ئاياغلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن يىنىك چاڭ يۇقىرى ئۆرلەپ، ئە...


    قۇم باسقان شەھەر 

    مەمتىمىن ھوشۇر 

     

    ئۈچىنجى باب

    قاچقۇن شاھزادە

    جاھانكەزدى سۈپۈرگە ئۆز خىياللىرى بىلەن يولىنى داۋام قىلماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئېشىكىنىڭ ئاياغلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن يىنىك چاڭ يۇقىرى ئۆرلەپ، ئەتىگەنلىك قۇياشنىڭ قىزغۇچ نۇرلىرىغا سىڭىپ كېتەتتى. سۈپۈرگە تېخى شەھەردىن ئانچىمۇ يىراقلاپ كەتمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئېگىز شەھەر سېپىلىنىڭ گۈڭگۈرلىرى يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدىن بەزىدە شەھەرگە قاراپ ماڭغان كارۋانلار،  ئېشەكلىك ۋە پىيادە يول يۈرگەن دېھقانلار سايىۋەنلىك مەپىلەردە غادىيىپ ئولتۇرغان قانداقتۇر بايۋەتچىلەر ئۆتۈپ قالاتتى. سۈپۈرگىنىڭ ئېشىكى بىر قۇلىقىنى سالپايتىپ. يەنە بىر قۇلىقىنى دىڭڭىدە تۇتۇپ ئەتىراپتىكى شەپىگە قولاق سالغىنىچە ئۇششاق چامداپ ئىتتىك مېڭىشىدا كېتىپ باراتتى.

    سۈر ئېشەك ھەر قېتىم ئەنە شۇنداق تۇز يولغا چىقىپ ئۆزىنىڭ سىلىق مېڭىشىغا چۈشكەندە، سۈپۈرگىنىڭ ئېشەكنىڭ ئۈستىدە بىردەم ئارام ئېلىۋالىدىغان ئادىتى بار ئىدى.

    -خوش سۈپۈرگە، دەپ ئۆز ئۆزىگە مۇراجەت قىلدى سۈپۈرگە ئېشەكنىڭ ئۈستىدە كۆزىنى يۇمۇپ ئولتۇرۇپ،-تالاي يوللارنى باستىڭ، قانچە يۇرتلارنى ئارلىدىڭ، خىلمۇ خىل خەلقلەرنى كۆردۈڭ. بۇ ئالەم سىرىنىڭ تېگىگە يېتەلىدىڭمۇ؟ ياق. ئېھتىمال كۆكتىكى سانسىز يۇلتۇزلار بىلەن زىمىندىكى ھەر بىر تاش سۇسىز قۇملۇقلار بىلەن ئۆركەش لەپ تۇرغان دېڭىز ئەسلىدە بىر تۇغقاندۇر. خۇدا نېمە ئۈچۈن بۇ زىمىنغا جانلىقلارنى ئاپىرىدە قىلىپ يەنە دەرگاھىغا قايتۇرۇپ ئەكىتىدۇ؟ قاراڭغۇ كېچىلەرنىڭ بىرىدە ئانىمىزنىڭ قورسىقىدىن يىغلاپ  قاخشاپ تۇرۇپ يەرگە چۈشىمىزكەن. بەزىدە قايغۇرۇپ، بەزىدە خوشال بولۇپ بەزىدە ساۋابلىق ئىش قىلىپ بەزىدە گۇناھقا پېتىپ ياشايمىزكەن. ياشايمىزكەن. ئاخىر بىر كۈن ئۆلۈپ كېتىمىزكەن، تىرىكلىكنىڭ مەنىسى نېمە؟ .....بەلكىم ياراتقان ئىگەم بۇ زىمىندا بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنىڭ خۇي پەيلىنى نىيەت ئىقبالنى......سىنىماقچىدۇر، ھەر بىرىمىز بۇ ئالەمگە كېلىپ كېتىدىغان بىر ئۆتكۈنچى مىھماندۇرمىز، ئەجەبا ھېلىقى قەلەندەرلەر شاھىنىڭ ئۇ دۇنيادىكى ئورنى ھەممىمىزدىن ئۈستۈن بولسا؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن بۇ سۆزنى شۇنچە ئىشەنچىلىك دەيدۇ؟ ئۇ چاغدا ھەممىگە ۋھەىمە سېلىپ تۇرغان (قۇياش شاھى)نىڭ ئورنى نەدە بولار؟ ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىمۇ جەننەتتە بولىدىغان بولسا ئۇ جەننەتكىمۇ شاھلىق كېبىرسى بىلەن قەدەم بېسىپ خۇدالىق دەۋاسى قىلىشتىنمۇ يانماس. ياق بىلگۈچى خۇدا، مېنىڭچە ئۇنىڭ ئورنى دوزاختا بولغىنى تۈزۈك. قىپقىزىل يالقۇن ئۇنىڭ شاھلىق تونلىرىنى ئۆرتەپ، ئۇنى قىپيالاڭاچ قىلىپ قويغاندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ ئاددىي پۇخرادىنمۇ تۆۋەن.

    گۇناھقا پاتقان بىر پاسىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ........ئەمىسە مىنىڭ ئورنۇمچۇ؟ سۈپۈرگىنىڭ كۆزى ئەمدىلا ئۇيقىغا ئىلىنغاندەك بولىۋىدى. ئىتتىك مېڭىۋاتقان ئېشەك تۇيۇقسىز توختاپ. سۈپۈرگە ئالدىغا ئۇچۇپ چۈشكىلى تاس قالدى. ئۇ نېمە  بولغىنىنى ئاڭقىرالماي كۆزىنى ئېچىپ ئەتىراپقا قارىدى. كۈن نەيزە بويى ئۆرلەپ قالغان بولۇپ. ھەممە ياق تىمتاس. يول ئۈستىدىمۇ ھېچكىم كۆرۈنمەيتى.

    «نېمە  گەپ » دەپ سورىدى ئۇ ئېشىكىدىن.

    ئېشەك قولىقىنى مىدىرلاتقىنىچە ئالدىغا قاراپ پەرۋاسىز تۇراتتى.

    «مەن سەندىن نېمە گەپ دەپ سوراۋاتىمەن. سەن مېنى ئۈستۈڭدىن موللاق ئاتقۇزۇپ چۈشۈرۋېتىپ، ئاۋۇ يۇمشاق توپىغا ئېغىنىماقچىمىدىڭ ياكى ئېتىزدىكى ئاۋۇ كۆپكۆك زىرائەت مايسىلىرىنى خالىغانچە تىلغاپ قىلغان ئەسكىلىكلىرىڭنى ئىگىسىنى بىلمەي قالمىسۇن دەپ ئاۋازىڭنى بولىشىغا قويۇپ بېرىپ ھاڭراپ مېنى بىر بالاغا تىقاي دېگەنمىدىڭ؟ بىر ھېسابتا سەھەر دەرۋازىسىدىكى جېسەكچىلەرنىڭ تېپىكلىرىمۇ ساڭا ھالال. ئەگەر مەندىن باشقا ئادەم بولغان بولسا مۇشۇ تاپتا بېقىنلىرىڭغا مۇشلىغان بولاتتى. خىت، دەپ ئېشەكنىڭ بېقىنىغا تاپانلىرى بىلەن قاتتىقراق تەپتى سۈپۈرگە شۇ چاغدا بىرسىنىڭ ۋارقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

    توختا  ھەي يولوچى توختا،  ئېشىكىڭنى بىر تەرەپكە تارتقىن. 

    ھوپ چۈشە دەپ ئېشىكىنى توخىتاتماق بولۇپ كەينىگە غادايدى سۈپۈرگە ھېلىلا بېقىنىغا يىگەن تىپىكتىن رەنجىگەن ئېشەك جاھىللىق بىلەن مېڭىۋەردى.

    ھوپ چۈشە دەۋاتىمەن ئاڭلاۋاتامسەن ھېلى ئاغىزىمنى بۇزۇپ سالىمەن.  سۈپۈرگە چۇلۋۇرنى كۈچەپ تارتىپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە بۇرلۇپ قارىدى. سۈپۈرگە يولنىڭ چېتىدىكى بۈككىدە باراقسان بولۇپ ئۆسكەن بىر تۈپ دەرەخنىڭ دالدىسىدا تۇرغان ئىككى ئايالنى كۆردى. ئاياللار باش كۆزىنى ياغلىق بىلەن چۈمكىۋالغان بولۇپ، بىرىنىڭ قولىدا يۆگەكلىك بوۋاق تۇراتتى. ئىككىنجىسى بولسا سۈپۈرگىنى ھە دەپ شەرەت قىلىپ چاقىرماقتا ئىدى.

    _ ھەي يولوچى مانا بۇتەرەپكە كەلگىن. 

    سۈپۈرگە ئېشىكىنىڭ بېشىنى ئاياللار تەرەپكە بۇرىدى  ئۇ:«مەن بۇ ئاياللارغا نىمىگە كېرەك بولۇپ قالغاندىمەن دەپ ھەيران قالدى. ياش ۋاقىتلىرىدا- سەپەر ئۈستىدە سۈپۈرگىنى ئۆزىگە شەرەت قىلىپ چاقىرغان قىز جۇۋانلار بولغانىدى. مۇنداق ئۇچۇرشىشلار ئۇزاققىچە سۈپۈرگىنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلمەيتى. بەزىدە سۈپۈرگە ناز بىلەن باققان ئۇ جانانلارغا كۆز قىرىنى سالماي ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلسىمۇ. يەنە ئۇلار بېغىشلىغان شادلىقنىڭ تەسىرىدە ئېشىكىنىڭ ئۈستىدە ئۇزاقتىن ئۇزاق مۇھاببەت ناخشىلىرىنى ئېيتاتتى. لېكىن ئۇ تولمۇ ئۇزاقتا قالغان كەچۈرمىشلەر ئىدى. ماۋۇ ئاياللارنىڭ جىددى شەرەتلىشى مۇھاببەت زۆرۆريىتىدىن ئەمەستەك قىلاتتى. ئۇ ئاياللار تەرەپكە يېقىنلاپ كەلدى.

    _ خوش خېنىملىرىم،  مېنى چاقىرىشتىلىمۇ؟

    _شۇنداق سېنى چارقىرىۋاتىمىز  مېھرىبان يولوچى،-سۈپۈرگە يېقىنلاپ كېلىپ توختىشى بىلەن ئاياللارنىڭ بىرى ئالدىراپ سۆزلەپ كەتتى.

    _ سەن مۇسۇلمان كۆرۈنىسەن.  مۇسۇلمانلارنىڭ دىلى يۇمشاق بولىدۇ، ماۋۇ بوۋاقنى ئۆزۈڭ بىلەن بىرگە ئېلىپ كەت، ماۋۇ خېنىمنىمۇ ساڭا قوشۇپ بېرىمەن  ئۇ بالىغا قارايدۇ. ئېشەككە ھەلەپ ئېتىپ چۆپ تاشلايدۇ. سېنىڭمۇ بارلىق ھاجەتلىرىڭدىن چىقىدۇ.........

    ئايالنىڭ سۆزلىرى سۈپۈرگىنى گاڭگىرىتىپ قويدى.

    _ توختا توختا دېدى سۈپۈرگە ئاياللارغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، مەن ھېچنىمىنى چۈشەنمەيۋاتىمەن. مەن بۇ بالىنى نىمىشقا ئەكەتكۈدەكمەن؟ سىلەر ئۇنى نىمىشقا بىراۋغا بېرىۋەتمەكچى بولۇپ قالدىڭلار؟

    ۋاي ساڭا نىمە دەپ چۈشەندۈرسەم بولار دېدى سۈپۈرگىنى چاقىرغان  ئايال بېشىدىكى ياغلىقىنى تۈزەپ تۇرۇپ:-  بۇ نارسىدە ھازىر خەتەر ئىچىدە قالدى ئۇنى پەقەت سەنلا قۇتۇلدۇرۇپ قالالايسەن.

    -مەن؟ نىمىشقا ئۇنى پەقەت مەنلا قۇتۇلدۇرۇپ قالالىغۇدەكمەن؟ ئۇنىڭ ئاتىسىچۇ؟ ئاتا-ئانىسى كىم؟ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قېنى؟....مەن ناھايىتى يىراقتىكى يۇرتلاردىن كەلگەنمەن. بۇ بالىنى نەگە ئەكىتىمەن.

    _ سېنىڭ مۇنچە كۆپ سۇئاللىرىڭغا جاۋاپ بېرىشكە ۋاقتىم يوق. مەنمۇ سېنىڭ كىملىكىڭنى نەدە تۇرىدىغانلىقىڭنى   نېمە  ئىش قىلىدىغانلىقىڭنى سورىمىدىم. سەنمۇ ئوشۇقچە سۇئاللارنى سورىما ھۆرمەتلىك يولوچى. سەن بۇ بالىنى قانچە يىراققا ئەكەتسەڭ شۇنچە ياخشى. بۇ بالا مىنىڭ يۈرەك پارەم. ئۇ نەدە بولسا ھاياتلا بولسا بولدى......ئۆتۈنۈشۈمنى رەت قىلما. سەن ئەقىللىق ئادەم كۆرۈنىسەن. مەن ئېيتقان گەپلەردىن ئېيتمىغان مەنىلەرنىمۇ چۈشۈنۈپ بولدۇڭ. ئايال بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى. جاھانكەزدى سۈپۈرگە قۇتقۇزىۋېلىش شۇنچە زۆرۆر بولغان نارسىدىگە كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قارىدى  بالا شۇنچىلىك پاك ۋە سەبىي ئىدى. ئۇ ھېچنىمىدىن بىخەۋەر، ئىككىنچى خېنىمنىڭ قولىدا تاتلىق پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتاتتى   بۇ نارسىدە مەيلى قايسى دىندىن   قايسى تەبىقىنىڭ ئادەملىرىدىن تۆرەلگەن بولسۇن شۇ تۇرقىدا ئاللانىڭ ئالدىدا ئۇ پەرىشتىدىنمۇ ئۇلۇغ ئىدى. چۈنكى ئۇ تېخى ھېچبىر گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە ئۈلگۈرمىگەن  ئۇنىڭ كاللىسى بۇ دۇنيادىكى شەيتان ئىبلىس ۋە يەنە قانداقتۇر بالايىبەتتەرلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرىدىن خالىي قەلبى جىنايى نىيەتلەردىن پاك ئىدى............

    سۈپۈرگە بالا ۋاقتىدا مەھەللىسىنىڭ كوچىلىرىدا ئۇچىرايدىغان ھېلىقى توختى ئاشىق توغرا ئېيتقانىكەن. كىشى بەزىدە شۇنداق سەبىي ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتمىگەنگە پۇشايمانمۇ قىلىپ قالىدۇ. ئەگەرچەندە تېخى جاھاننىڭ راھەت مۇشەققىتىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمىگەن باھارنىڭ خۇش-بۇي چېچەكلىرىنى تېخى ھىدلىمىغان. قارنىڭ دەسلەپكى ئۇچقۇنلىرى ۋە ياكى كۈز يۇپۇرماقلىرىنىڭ تۆكۈلۈشىنى كۆرمىگەن پاك بەندىنىڭ بېشىغا راستىنلا بالا-قازا كېلىۋااتقان بولسا ئەلۋەتتە سەن بىر مۇسۇلمان تۇرۇپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش مەجبۇرىيىتىدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرساڭ دۇنيادا  بۇنۇڭدىنمۇ ئېغىر گۇناھ بولماس. سۈپۈرگىنىڭ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن ئايال دەرھال قوينىدىن بىر خالتىنى ئېلىپ يولوچىنىڭ ئېشىكى ئۈستىدىكى خۇرجۇننىڭ كۆزىگە تاشلىدى ۋە:

      _ خالتىدىكى تىللالارنى يېتىشىچە خىراجەت قىل. بۇ خېنىمنى خالىساڭ خوتۇن قىلارسەن. ساڭا ئاق يول بولسۇن مېھرىبان ئادەم. بالامنى ساڭا ۋە خۇدايىمنىڭ ئۆزىگە تاپشۇردۇم دېدى -دە دەرەخلىكلەر ئارىسىدىن كەتكەن ئاياغ يول بىلەن شەھەر سېپىلى تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى.

    ماڭا مال-دۇنيانىڭ خوتۇننىڭمۇ لازىمى يوق ئىدى، دەپ غودوڭشىغىنىچە قالدى سۈپۈرگە.... بالا كۆتۈرۈپ تۇرغان خېنىم لاپ قىلىپ سۈپۈرگىگە قارىدى، دە:- قېنى ماڭايلى، بۇ يەردە قاراپ تۇرۇش خەتەرلىك دەپ ئالدىراتتى ۋە بالىنى كۆتۈر گىنىچە، سۈپۈرگىنىڭ ئېشىكىگە ياندىشىپ يولىغا چۈشتى.

    شۇ تۇرقىدا ئۇلارنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئۇلارنى شەھەردىن چىقىپ،  شۇ ئەتىراپتىكى بىرەر يېزىغا كېتىپ بارغان ئەر خوتۇنلار بولسا كېرەك. دەپ قارايتى. تەقدىرنىڭ قىسمەتلىرىگە ھەيران بولماي مۇمكىن ئەمەس دەپ ئويلايتى سۈپۈرگە، مانا ئۇ ھېلىلا يالغۇزچىلىقتىن ئېشىكى بىلەن مۇڭدىشىپ كېتىپ باراتتى. يېڭى ھەمسەپەرلەرگە ئېرىشتى. ئۆمرىدە بالا يۈزى كۆرمىگەنىدى. خۇدا ئۇنىڭغا بۇ نارسىدىنى ھەمرا قىلدى: شۇ ياشقىچە ئۆيلىنىش توغرىسىدا ئويلىشىپمۇ باققان ئەمەس ئىدى، ناتۇنۇش ئايالنىڭ غېمى ئۇنىڭغا يۈكلەندى. ھاياتنىڭ ئۆزىمۇ بىر سەپەرگە ئوخشايدۇ. بۇ سەپەردە كىملەردۇر يېنىڭدىن كېتىپ قالىدۇ. يەنە كىملەردۇر كېلىپ ساڭا ھەمراھ بولىدۇ.

    سۈپۈرگە ئېشىكى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ بالا كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان خېنىمغا سەپسالدى. ئۇ بېشىدىكى ياغلىقىنى قايرىپ يۈزىنى ئېچىۋەتكەن بولۇپ ياش ۋە قاۋۇل ئايال ئىدى. سەپەردە كىشىگە يۈك بولىدىغان ئىنجىق خوتۇنلاردىن ئەمەستەك قىلاتتى. ئايال بالىنى مەھكەم باغرىغا بېسىپ، سۈپۈرگىنىڭ ئېشىكىنىڭ كەينىدىن قالماي كەلمەكتە ئىدى.٬ پات-پات سۈپۈرگىگە چوڭ يولدىن چىقىپ، ئارقا يول بىلەن مېڭىشنى ئەسكەرتىپ قوياتتى. ئۇلار ئېتىزلىقلارنى ئارلاپ كەتكەن چىغىر يوللار بىلەن مېڭىپ  يەنە چوڭ يول ئۈستىگە چىقىپ قېلىشاتتى دە يەنە قانداقتۇر بىر پىيادىلەر يولىغا ئەگىپ كىرىپ كېتىشەتتى. قىيسايغان دېھقان كەپىلىرى ئۇ يەر بۇ يەردە مۈكچىيىپ ئىشلەۋاتقان دېھقانلار كۆزگە غىل پال تاشلىنىپ قالاتتى. ئايال پات-پات ئالاقىزادىلىك ئىچىدە ئارقىسىغا قارايتى. سۈپۈرگە  ئۆزىنىڭ كۆڭلىدە خەتەرلىك بىر ئىشقا چېتىلىپ قالغانلىقىنى چۈشەنگەنىدى. ئايالنىڭ قولىدىكى ئاشۇ بىگۇناھ نارسىدىگە بولغان غەرەزسىز مۇھەببەت ئۇنى خېيىم-خەتەرگە ئۆز رازىلىقى بىلەن قەدەم قويۇشقا ئۈندەيتى. بەزىدە سۈپۈرگە:

    - نىمىشقا بىز چوڭ يول بىلەن ماڭمايمىز دەپ ئۆزىنى ھەيران بولغانغا سېلىپ، ئۈنچىقماي كېتىپ بارغان ئايالنى گەپكە سالاتتى- سەن نېمىدىن قورقىسەن؟ ھېلىقى خېنىم سېنىڭ نېمەڭ بولىدۇ؟

    _ ئۇ خېنىم مېنىڭ خوجايىنىم،  مۇشۇ بوۋاقنىڭ ئانىسى. 

    _ سېنىڭ خوجايىنىڭ؟ مۇشۇ بوۋاقنىڭ ئانىسى؟ ئۇنداقتا سەن بۇ بوۋاقنىڭ نېمىسى؟ 

    _ مەن بۇ بوۋاقنىڭ ئىنىك ئانىسى.

    -يا قۇدىرەت دەۋەتتى سۈپۈرگە. مەن ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئىنىك ئانىسى بىلەن قوشۇپ بېرىۋىتىدىغان مۇنداق ئىشنى تېخى ئۇچراتمىغان ئىكەنمەن...


    _ ئەمىسە بۇ بوۋاقنىڭ ئاتىسى كىم؟

    _ ئۇنىڭ ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەن. 

    _ بوۋاقنىڭ ئاتىسى يوق بولسا ئانىسى بالىنى ۋە ئۆزىنى ۋە سېنى ماڭا ھەدىيە قىلغان تۇرسا، بىز يەنە نىمىشقا ئوغرىلاردەك مۆكۈنۈپ يۈرۈيمىز؟

    ۋاي خۇدايىمەي سەن نىمانداق ساددا ئادەمسەن؟ دېدى ئايال،-مەن كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان بوۋاقنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟

    _ بىلمەيمەن. 

    _ بىلمىگەندىن كىيىن سورىمايلا قوي. 

    _ بۇ نېمە دىگىنىڭ؟ دەپ ھەيران بولدى سۈپۈرگە،- بىلمىگەننى سوراپ بىلىۋېلىش كېرەك دە.

    ئايال سۈپۈرگىنىڭ ئېشىكىگە يېقىنلاپ كېلىپ پىىچىرلىدى :

    _ سىر ساقلىيالامسەن؟

    _ ئۇ تەرەپتىن ئەندىشە قىلما، باشقىلارغا ئېيتماسلىققا تىگىشلىك مەخپىيەتلىكنى ئاڭلاپلا قويىمەندە مەڭگۈگە ئۇنتۇپ كېتىمەن. سىر ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۇنتۇپ كېتىش.

    _ ئۇنداق بولسا ساڭا ئېيتاي مېنىڭ قولۇمدىكى بۇ بوۋاق پادىشاھ. 

    سۈپۈرگىنىڭ ئېشىكى مۈدۈرۈپ  ئۇ ئېشەكنىڭ ئۈستىدىن يەنە بىر قېتىم ئۇچۇپ چۈشكىلى تاسلا قالدى.

    _ نېمە  دېدىڭ؟

    _ سىنىڭ قۇلىقىڭ ئېغىرمۇ يولۇچى ؟ 

    _ خۇداغا شۈكرى  ھازىرغىچە قۇلىقىمدىن رازىمەن. قاراڭغۇ كېچىلەردە يىراقلاردىن كېلىۋاتقان كارۋانلارنىڭ كولدورمىلىرىنىڭ ئاۋازىدىنلا ئۇلارنىڭ قايسى يۇرتنىڭ كارۋىنى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ قاياققا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايمەن. بىراق سەن بۇ بوۋاقنى پادىشاھ دېۋىدىڭ قولىقىمغا ھەقىقەتەن ئىشەنمەي قالدىم.

    _ شۇنداق بىز پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتىمىز. بۇ سىرلارنى ساڭا ئېيتماسلىقىم كېرەك ئىدى ئاغىزىمدىن چىقىپ كەتتى. سەن بۇ توغۇرلۇق ئاستىراق سۆزلە ياكى ئۆزۈڭ ئېيتقاندەك ئۇنتۇپلا كەت.

    مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم دېدى سۈپۈرگە:- بۇ كىچىككىنە بوۋاق قانداق قىلىپ پادىشاھ بولۇپ قالدى ۋە ئۇ نېمە  ئۈچۈن تەختىدە ئولتۇرماي مېنىڭ ئەرزىمەس بۇ ئېشىكىمنىڭ تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭغا كۆمۈلۈپ بۇ يەردە كېتىپ بارىدۇ؟ نېمىشقا بىز ئۇنىڭغا تىز چۆكۈپ تازىم قىلمايمىز؟ يەنە ساڭا ئېيتسام سىلەرنىڭ شەھەردە نىمانداق پادىشاھ تولا (قۇياش شاھى)،(قەلەندەرلەر شاھى) ئۇنى ئاز دەپ يەنە بۇيەردە بوۋاقلار شاھىدىن بىرى چىقتى ياكى سەن مېنى ئەخمەق كۆرىۋاتامسەن؟

    ئايال ئېيتماسلىققا تىگىشلىك سىرنىڭ بېشىنى ئاللىبۇرۇن ئېچىپ قويدى ئەمدى ئۇنىڭ سۈپۈرگىگە قالغان ھەممە ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ قويماقتىن باشقا ئىلاجى يوق ئىدى.

    _ سەن بىرنىڭ قۇياش شاھىمىز ھەققىدە ئاڭلىغانمۇ؟ 

    _ئاڭلىغانمەن،- دېدى سۈپۈرگە، بۇ قېتىم شۇ ئۇلۇغ شاھنىڭ ئوردىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگەنىدىم. ھەشەمەتلىك ساراي تۈمەنلىگەن لەشكەر مىڭلاپ قۇللارنى كۆردۈم. ھاشارغا تۇتۇلۇپ تاش چاقتىم، مۇنۇ بىچارە ئېشىكىممۇ ئېغىر يۈكلەرنى توشىدى. شەھەر دەرۋازىسىدىكى قورۇقچىلار يانچۇقۇمنى قۇرۇغداپ قويۇشتى. مەن ئۇ يەردە ئالارمەن ساتارمەنلەرنىڭ شەھەرنى زىلزىلگە سالىدىغان ئەركىن چۇقانلىرىنى، ئادەملەرنىڭ ئازادە كۈلكىلرىنى،  گۈرۈلدەپ تۇرىدىغان بازارلارنى كۆرمىدىم. شۇنداق شەھىرىڭگە، ئۇلۇغ پادىشاھىڭغا لەنەت دەپ قايتىپ چىقىۋاتىمەن.

    _ ئۇلارنىڭ تېرەڭنى شىلىۋالمىغىنىغا خوش بولساڭ بولىدۇ. 

    _ ئەجەپ شۇ ئالەمگە مەشھۇر قۇياش شاھىنىڭ ئۆزى مۇشۇ كىچىككىنە بوۋاق بولسا ھە؟   

    _ قۇياش شاھى ئۈچ كۈننىڭ ئالدىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

    _ نېمە  دېدىڭ؟ 

    _ ئاۋازىڭنى پەسەيت. بۇ گەپلەرنى ئىككىمىز پەقەت پىچىرلىشىپلا ئېيتىشساق بولىدۇ. خەتەر ئۈستىدە كېتىپ بارغىنىمىزنى ئۇنۇتما.

    _ ئۇنداقتا بۇ بالا قەيەرنىڭ پادىشاھى؟ 

    _ بۇ بالا قۇياش شاھىنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى. مانا ئۈچ كۈندىن بېرى ئوردىنىڭ ئىچى قان بىلەن تولدى. شاھنىڭ چوڭ ئوغۇللىرى بىر-بىرنى قىرغىن قىلىشىۋاتىدۇ.

    _ تەخىتنى تالىشىپ؟ 

    _ شۇنداق، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى تازا چۈشىنىپ كەتمەيمەن  تەرتىپ بويچە قۇياش شاھىنىڭ چوڭ ئوغلى تەخىتتە ئولتۇرىشى كېرەك ئىكەن، لېكىن مەن ساڭا ئېيتسام  شاھنىڭ ئۇ چوڭ ئوغلى شۇنچىلىك زالىم، قارانىيەت بۇزۇقچىلىقتا ئۇچىغا چىققان  بەزىلەر دادىسىنى ئۇنىڭ ئۆزى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن بولىشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىشىدۇ. بۇزۇقچىلىقتا ئۇ شۇنچىلىك رەسۋاكى، ئۆزىنىڭ قانچە ئاياللىرى تۇرۇپ، يەنە قېرىنداشلىرىنىڭ ئاياللىرىغا كۆزىنى قىزارتىدۇ ھەتتا ئاتىسىنىڭ كىچىك خوتۇنلىرىغىمۇ  چېقىلىدۇ.  مۇنداق شاھزادىنى شاھلىق ئورنىغا كۆتۈرۈشكە قالغان ئوغۇللار قوشۇلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئوردىدا قىرغىنچىلىق باشلاندى.

    _ يائاللا نېمە  دەيدىغانسەن دەپ ياققىسىنى تۇتتى سۈپۈرگە. مانا مەن بىر ئايدىن بېرى شۇ شەھەردە يۈرۈپتىمەن. ھېچكىمدىن مۇنداق ئەندىشىلىك گەپلەرنى ئاڭلىمىدىم.

    _ ھەممە ئىش ئوردىدا مەخپىي بولىۋاتىدۇ. مەن تۇرماق ئوردىنىڭ تاشقىرى ھويلىسىدىكىلەرمۇ ھازىرغىچە ھېچنىمىدىن خەۋەرسز. ئىچكىرىكى ئوردىنىڭ دەرۋازىسى مەھكەم ئېتىۋېتىلگەن. بارلىق شاھ ئوردىلىرىنىڭ نىزامى مۇشۇنداقمىش. يېڭى شاھ بەلگىلىنىپ تەخىتتىن ئورۇن ئېلىپ بولمىغۇچە كونا شاھنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى سىرتقا ئۇختۇرۇلمايدىكەن. بولمىسا مەملىكەتتە ئېسيان كۆتۈرلۈپ تەخىت تەۋرەپ كېتىدىكەن.

    _ چۈشەندىم دېدى سۈپۈرگە،- ھەرقانداق پادىشاھنىڭ تەختى پارتلاشقا تەييار تۇرغان ۋولقاننىڭ ئۈستىدە بولىدۇ... ئايال سۈپۈرگىنىڭ چوڭقۇر مۇلاھىزىلىرىنى چۈشەنمەي ئۆز سۆزىنى داۋام قىلىۋەردى :.

    _ ساڭا مېنى قېتىپ بەرگەن خېنىم قۇياش شاھىنىڭ كىچىك خوتۇنلىرىنىڭ بىرى بولىدۇ. بولىۋاتقان قىرغىنچىلىقلاردىن قورقۇپ ئۇ كىچىك شاھزادىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن مېنى ياردەمگە چاقىرغان. بىز خېنىمنىڭ شاھنى قۇبۇل قىلىدىغان خاس ھوجىرىسىدىكى مەخپىي ئىشىكتىن يەر  ئاستى يول بىلەن قېچىپ چىقتۇق. ....

    ئايالنىڭ كىيىنكى سۆزلىرى سۈپۈرگىنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى. ئۇ ئىشنىڭ تىگى تەكتىگە يىتىپ بولغانىدى. « دۇنيادا شاھ ئوردىلىرىدىنمۇ سىرلىق ئورۇن بولمىسا كېرەك، دەپ پىكىر قىلاتتى ئېشىكى ئۈستىدە سۈپۈرگە. ئۇ يەردە ھەركۈنى   ھەر سائەتتە ئاجايىپ ئۇيۇنلار ئوينىلىپ، قىززىق ئىشلار سادىر بولۇپ تۇرىدۇ. كېيىن تارىخچىلار يۈز بەرگەن بۇ سىرلىق ۋەقەلەر توغرىسىدا تارىخ پۈتۈشىدۇ، لېكىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن يازما خاتىرىلەرنىڭ زادى قانچىلىكى راست؟...  بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. قانلىق جەڭلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن   غەلبە قىلغۇچىلار ئالدى بىلەن يېزىلغان تارىخلارنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ،   ئۆزىنى بېزەپ كۆرسىتىدىغان سەھىپىلىرىنى قالدۇرۇپ ياكى تۇلۇقلاپ يازدۇرۇپ جىنايەت ئىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىشىدۇ. تارىخنىڭ يېزىلغان قىسىملىرىدىن يېزىلمىغان ياكى ئۆچۈرۈپ تاشلانغان قىسملىرى چىنراق بولىدۇ.

     

    داۋامى بار

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.