قارا كىتاب 8

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-10 18:45:44

قارا كىتابئورخان پامۇككېيىنكى نەچچە كۈندە، غالىب مۇشۇ قېتىملىق تېلىفون پارىڭىنى قايتا-قايتا نەچچە قېتىملاپ ئويلىدى. ئۇ شۇ قېتىملىق پاراڭدا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئاڭلىيالىغان مەزمۇنىنىڭ (غۇۋا ئاڭل...



     قارا        كىتاب

     

    ئورخان پامۇك

     

    كېيىنكى نەچچە كۈندە، غالىب مۇشۇ قېتىملىق تېلىفون پارىڭىنى قايتا-قايتا نەچچە قېتىملاپ ئويلىدى. ئۇ شۇ قېتىملىق پاراڭدا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئاڭلىيالىغان مەزمۇنىنىڭ (غۇۋا ئاڭلىغان ئەسنەك ئاۋازىنى دېمەيلى قويايلى)، زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالمىدى. ئۇ شۇ قېتىملىق پاراڭنى ھەرقېتىم قايتا ئويلىغىنىدا ئوخشىمىغان ۋارىيانتلىرى بىلەن ئويلايتتى، ئۇ گۇمان بىلەن شۇنى- «مەن بىلەن پاراڭلاشقان ئۇ كىشى رۇيا ئەمەس، بەلكى باشقا بىر كىشىدەك قىلىدۇ» دەپ ئويلىماي تۇرالمىدى: ئۇ ئۆزىنى باشقا بىر كىشى تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنغاندەك ھېس قىلدىيۇ، يەنە بىرئاز ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆزى ئاڭلىغان شۇ گەپلەرنى راستىنلا رۇيانىڭ قىلغانلىقىغا، تېلىفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ئاستا-ئاستا باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان كىشىنىڭ رۇيا ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. ئۆزى ئۆزگىرىپ قالغان شۇ پېرسوناژلار ئارقىلىق، ئۇ ئۆزى ئاڭلىغان دەپ قارىغان ياكى ئېسىدە بار بولغان مەزمۇنلارنى توختىماستىن ئويلايتتى ھەم قايتا  قۇراشتۇراتتى. بۇرۇن بىر مەزگىل، غالىب ئۆزىنىڭ ئاۋازىنىمۇ خۇددى باشقىلارنىڭكىدەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ، ئىككى ئادەم تېلىفوننىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ ئۆز-ئارا پاراڭلاشقاندا، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى ئادەمگە ئايلىنالايدىغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلغانىدى. ئەمما ھازىر، ئۇ ئاددىي بولغان بىر چۈشەنچىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، گۇناھنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ قارا تېلىفونغا- «مۇشۇ ئەخمەق نەرسە كۈن بويى قالايمىقان جىرىڭشىپ، مېنى توختىماي تېلىفون ئېلىشقا مەجبۇر قىلغۇزدى.» دەپ ئارتتى:

    غالىب رۇيا بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆي ئىگىسىنى ئەرز قىلغان بىر خېرىدارىغا تېلىفون قىلدى. ئاندىن بىر خاتا ئۇرۇلۇپ قالغان تېلىفوننى ئالدى. ئىسكەندەر تېلىفون بېرىشتىن بۇرۇن، ئۇ خاتا ئۇرۇلغان تېلىفوندىن يەنە ئىككىنى ئالدى. كەينىدىن، غالىب بىلەن ھېلالنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلىدىغان مەلۇم بىرى تېلىفون قىلىپ، ئۇنىڭدىن ھېلالنىڭ تېلىفون نومۇرىنى سورىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە بىرنەچچە تېلىفون- سىياسىي مەسىلە سەۋەبىدىن تۈرمىگە كىرىپ قالغان ئوغلىنى قۇتقۇزماقچى بولغان دادا؛ يەنە بىر سوت ھۆكىمى چىقىشتىن بۇرۇن نېمە ئۈچۈن چوقۇم سوتچىغا پارە بېرىلىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولغان بەش خىل مېتال خوجايىنىنىڭ تېلىفونىنى قۇبۇل قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئىسكەندەردىن تېلىفون كەلدى، چۈنكى ئۇمۇ ھېلالنى ئىزدەيتتى.

    ئىسكەندەر بىلەن غالىب ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداش، ئەمما ئۇلار ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ تا ھازىرغىچە ئالاقە قىلىپ باقمىغانىدى. ئىسكەندەر ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى 15 يىللىق ئۆتمۈشىدىكى بارلىق نۇقتىلارنى سۆزلەپ ئۆتتى، رۇيا  ئىككىسىنىڭ تويىغا قارىتا بىر قاتار تەبرىكلەشتىن كېيىن، باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش «بۇ ئىش ھامان بولىدىغان ئىش ئىدى» دەپ خۇلاسە قىلدى. ئۇ ھازىر بىر ئېلان ۋاكالەتچى سودىگىرىنىڭ لاھىيىلىگۈچىسى بولغانىدى. ئۇ ھېلالغا ياردەملىشىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيە ئاخبارات ئىدارىسى ئوتتۇرىسىدا ۋاستىچىلىك قىلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقى، ھازىر ئەنگىلىيىنىڭ ئۇ شىركىتى تۈركىيىگە مۇناسىۋەتلىك پىروگرامما ئىشلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرگەچ مۇنداق دېدى:

    -بىز ھېلالغا ئوخشاش ئوتتۇز يىلدىن بۇيان تۈركىيىنىڭ ھەر مەزگىللىك پائالىيىتىگە قاتنىشىپ تۇرغان مەخسۇس سەھىپىلىك يازغۇچىلارنى زىيارەت قىلىشنى خالايمىز.

    ئارقىدىن ئۇ ئۇشۇقچە تەپسىلات ۋە ئىنچىكە نۇقتىلارنىمۇ بوش قويۇۋەتمەي چۈشەندۈرۈپ، تېلىۋېزىيە ئىستانىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ قايسى سىياسىيوننى، قايسى كارخانىچىلارنى، قايسى بىر ئەمگەكچىلەر كوللېكتىپىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ يەنىلا ھېلالنى زىيارەت قىلىشتا چىڭ تۇرىۋاتقانلىقى، چۈنكى ھېلال ئۇلارنى ئۆزىگە بەكلا جەلپ قىلىۋالغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

    -خاتىرجەم بول،- غالىب ئاستا دېدى،- مەن تېزلا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ بېرەلەيمەن.

    غالىب ئۆزىنىڭ ھېلالغا تېلىفون قىلىشىغا بىر ياخشى باھانە تېپىۋالغانلىقىدىن خۇشال ئىدى.

    -گېزىتخانىدىكى كىشىلەر نەچچە كۈن بولدى مېنى ئەخمەق قىلىۋاتقىلى،- ئىسكەندەر يەنە سۆزلەشكە باشلىدى،- شۇڭا سەندىن ياردەم سوراپ تېلىفون قىلىشىم، بۇ نەچچە كۈندىن بېرى ھېلال گېزىتخانىغا پەقەتلا كەلمەپتۇ. ئۇنىڭغا چوقۇم بىرەر ئىش بولدى.

    كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ھېلال بەزىدە مۇشۇنداق پات-پات يوقاپ  كېتىپ، ئىستامبولدىكى دائىم پاناھلىنىدىغان جايىدا بىرنەچچە كۈن مۆكۈنىۋالىدۇ. بۇ يەرلەرنىڭ ئادرېسى ھەم تېلىفون نومۇرىنى ئۇ ئەزەلدىن باشقىلارغا ئېيتمايدۇ، ئەمما غالىب ئۆزىنىڭ ئۇنى چوقۇم تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

    -خاتىرجەم بول،- غالىب يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى،- مەن تېزلا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ بېرەلەيمەن.

    غالىب ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالمىدى. پۈتۈن بىر كۈن ئىچىدە، ئۇ ھەر قېتىم ھېلالنىڭ ئۆيىگە ياكى «مىللەتلەر گېزىتى»نىڭ ئىشخانىسىغا تېلىفون قىلغىنىدا، ئۆزىنىڭ ھېلالغا ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇپ گەپ قىلىپ بېقىشىنى خىيال قىلاتتى. (ئۇ ھەتتا رۇيا، ھېلال ئۈچىسىنىڭ بۇرۇن بىللە ئولتۇرۇپ ئاڭلىغان رادىئو دراممىسىدىكى چوقۇنغۇچىلارنىڭ  «ئەلۋەتتە، سىزنى قوللايمىز، بۇرادەر» دېگەن ئاۋازىنى دوراشنىمۇ ئويلىشىپ بولغانىدى). ئەمما، ئۇ ھەر قېتىم گېزىتخانىغا تېلىفون قىلغىنىدا، ئوخشاش بىر كاتىپنىڭ ئوخشاش بىر ئاھاڭدا ئوخشاش بىر سۆزنى تەكرارلىغىنىنى ئاڭلايتتى: «ھېلال تېخى كەلمىدى». تېلىفون تۇرۇپكىسى بىلەن ھەپىلىشىپ ئۆتكەن پۈتۈن بىر كۈندە، غالىب ئۆزىنىڭ ئۆزگەرتكەن ياسالما ئاۋازى بىلەن پەقەت بىرسىنىلا غەلبىلىك ئالدىيالىدى.

    گۇگۇم چۈشەي دېگەندە، ئۇ ھاممىسى خېلىنغا تېلىفون قىلدى، كۆڭلىدە ھاممىسى ھېلالنىڭ دېرىكىنى چوقۇم بىلەتتى. ھاممىسى ئۇنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىپ دېدى:

    -غالىب بىلەن رۇيامۇ كېلىدۇ.

    ئۇ غالىبنى يەنە بىر قېتىم ھېلال دەپ قالغانىدى.

    -بۇنىڭ نېمە پەرقى؟- دېدى خېلىن ھاممىسى ئۆزىنىڭ خاتا ئاڭلىۋالغىنىنى بىلگەندىن كېيىن،- سىلەر ئىككىلىڭلار مېنىڭ كەپسىز جىيەنلىرىم، سىلەر نەچچىڭلار مەن ئۈچۈن ئوخشاش، مەنمۇ ساڭا تېلىفون قىلاي دەپ تۇراتتىم.

    خېلىن ھامما بېشىدا غالىبنى، ئۆزىنىڭ مۈشۈكى «كۆمۈرچاق»نى ئەيىبلىگەن ئاھاڭدا مۇشۇنداق يوقاپ كېتىسەن، ئالاقىلىشىپ تۇرمايسەن، دەپ ئەيىبلاپلا كەتتى. ئۇنىڭ ئۇ مۈشۈكى چەت ئەلنىڭ ئېمپورت قىلىنغان يېمەكلىكىنىلا يەيدۇ، مۈشۈكلەرنىڭ بۇنداق ئالاھىدە يېمەكلىكى پەقەت ئالاۋىددىننىڭ دۇكىنىدىنلا تېپىلىدۇ. ئالاۋىددىنمۇ بۇنداق نەرسىلەرنى مەخسۇس بىرنەچچە چۆپقەتلىرىگىلا سېتىپ بېرىدۇ.

    -سىز بۈگۈن ھېلالنىڭ سەھىپىسىنى ئۇقۇدىڭىزمۇ؟

    غالىب ھاممىسىدىن سورىدى.

    -كىمنىڭ؟ ئالاۋىددىننىڭمۇ؟

    ھاممىسى يەنىلا شۇ بىرخىللا سوغۇق ئاھاڭدا سۆزىنى داۋام قىلدى.

    -ياق! بىز پەقەت، تاغاڭنى سۆز تاپىدىغان ئويۇننى ئوينايدۇ، يەنە ۋاسېفنى گېزىتتىكى ماقالىلەرنى كېسىپ يىغىدۇ، دەپلا «مىللەتلەر گېزىتى»نى سېتىۋالىمىز، ھېلالنىڭ سەھىپىسىنى كۆرۈپ نېمە قىلاتتۇق، ئەلۋەتتە، ئۇ جىيەنىمىزنىڭ مۇشۇنداقلا تۈگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئېچىنىمىز.

    -ئەگەر راستلا شۇنداق بولسا، سىز رۇياغا ئۆزىڭىز تېلىفون قىلىپ دەڭ، مېنىڭ پەقەتلا ۋاقتىم يوق،  ئالدىراش.

    غالىب شۇنداق دېدى.

    -ئەمىسە سەن ئۇنتۇپ قالمىغىن-ھە؟!

    خېلىن ھامما شۇنداق دېگەچ، غالىبقا كەچلىك تاماق ۋاقتىنى ھەمدە ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەسكەرتتى. ئارقىدىنلا ھامىسى يەنە تاماق زىياپىتى ئۆتكۈزگەندىكى ئەزالار تىزىملىكىنى ئوقۇپ ئۆتتى. بۇ تىزىملىكمۇ خۇددى شۇ كەچلىك تاماق تىزىملىكىدەك مەڭگۈ ئۆزگەرمەي شۇ پېتى تۇراتتى. خېلىن ھامما خۇددى نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىۋاتقان مۇخبىر پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئىككى تەرەپ كوماندىسىدىكى ئەزالارنىڭ تىزىملىكىنى داغدۇغا بىلەن ئوقۇپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەپ قىلماقچى بولغىنىدەك: «سېنىڭ ئاپاڭ، سېنىڭ سۇسان ھامماڭ، سېنىڭ مېررى تاغاڭ، ھېلال- ئەلۋەتتە ئۇ كەلسىلا- سېنىڭ داداڭمۇ بار، يەنە «كۆمۈرچاق» بىلەن ۋاسېف، ئەڭ ئاخىرىدا سېنىڭ خېلىن ھامماڭ يەنى مەن» دەپ ئېلان قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ بىر تىنىقتىلا ئوقۇپ تۈگەتتى، ھەتتا ھېلىقى خىر-خىر كۈلكىسىنىمۇ قوشمىدى. تىزىملىكنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇ:

    -مەن ھازىر ساڭا ئاتاپ گۆش قاتلىمىسى قىلىۋاتاتتىم!-دەپلا تېلىفوننى ئۈزدى.

    بۇ سەھىپىدە ئورخان پامۇكنىڭ ‹قارا كىتاب› ناملىق رومانى ئۇيغۇرچە تەرجىمى قىلىنىپ يوللىنىدۇ، كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئورخان پامۇك يۇسران _